توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 9

كەنجى كوررىكتور

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېملا  تۈزەتكۈچى دىتاللاردىن  مەن بىلىدىغىنى كەنجى كوررېكتور،ئۇدمىش كوررېكتور،ئۇيغۇرسوفىت كوررېكتور  قاتارلىقلار بار .





كەنجى كوررېكتور--

1. كەنجى كوررېكتور قانداق دېتال؟

كەنجى كوررېكتور - Microsoft Word ياكى UyghurEdit مۇھىتىدا يېزىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى(ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) دىكى تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاشقا ياردەمچىلىك قىلىدىغان يۇمشاق دېتال. ئۇنىڭ 860 مىڭ سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىملا ئامبىرى بولۇپ، تېكىست تەركىبىدىكى سۆزلەرنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى تېكىست تەركىبىدىكى سۆز ئىملا ئامبىرىدا بولسا ئىملاسى توغرا، بولمىسا ئىملاسى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. مەزكۇر دېتالنىڭ ياردىمىدە سىزمۇ پىشقان كوررېكتورلاردىن قېلىشمايدىغان بولىسىز. مەزكۇر دېتالنى UyghurEdit تا ئىشلەتسە پۈتۈنلەي ھەقسىز، Microsoft Word تا ئىشلەتسە ھەقلىق.

2. ئىشلەش مۇھىتى



كەنجى كوررېكتور-- Windows NT، Windows 2000، Windows XP، Vistaقاتارلىق مۇھىتتا، UyghurEditياكى Microsoft Wordقاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. ئۇنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەم ئۇنى ئىشلىتىپ كۇنۇپكىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. كەنجى كوررېكتورنى ئىشلەتمەكچى بولغانلاردا :

•Windows NT، Windows XP، Vista نىڭ خالىغان بىرسى بولۇشى كېرەك.

•يۇقىرىقى مۇھىتقا Microsoft Word ئورنىتىلغان بولۇشى ياكى UyghurEdit ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك. كەنجى كوررېكتور UyghurEdit بىلەن بىرىكتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، UyghurEdit نى ئورناتسىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى



•ئىملا ئامبىرىدىكى سۆز سانى جىق. 860000 سۆز بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆزلەر "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" دىكى تۈپ سۆزلەر ۋە بىر قىسىم يەر ناملىرى تۈرلەش ئارقىلىق ياسالغان. توغرىلىقى 99% دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.(تۈپ سۆزلەرنى 100% توغرا دەپ قارىغاندا)

•ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) دىكى تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.  

•ئىشلەتكۈچى ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەرنى بېيىتالايدۇ. يەنى ئىملا ئامبىرىدا يوق، بىراق ئىملاسى توغرا بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتكۈچى ئىملا ئامبىرىغا قوشالايدۇ.  

•UyghurEdit ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە توپلانغان، ئىملادا ئوڭاي خاتالىشىدىغان 68500 سۆزدىن تەركىب تاپقان ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئامبىرى بار. يەنە كېلىپ مەزكۇر ئامبارغا ئىشلەتكۈچىمۇ يېڭى سۆزلەرنى قوشالايدۇ.  

•سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس.

•ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى(Microsoft Wordتىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ) دىن پايدىلىنىپ تېكىستنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق خاتا سۆزلەرگە بەلگە قويغىلى ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىن پايدىلىنىڭ ئىملادا ئوڭاي خاتالىشىدىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلىغىلى ۋە نەتىجىنى باشقا بىر Microsoft Wordھۆججىتىگە دوكلات شەكلىدە چىقارغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا چېكىت(.)، پەش(،).... قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كەينىگە بوشلۇق قويۇلمىغان بولسا ياكى سۆز بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلغان بولسا، (ئىملا قائىدىسىدە، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كەينىگە چوقۇم بىر بوشلۇق كېلىدۇ، سۆزنىڭ كەينىدىكى تىنىش بەلگىلىرى سۆزگە قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ) ئۇلارنىمۇ ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.  

•ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ نۇرغۇنلىرى، "ى" ھەرپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى "ى" ھەرپىنىڭ ئارتۇق يېزىلىشى ياكى ئاھاڭداش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كەنجى كوررېكتور مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىملاسى خاتا سۆزنىڭ نامزاتىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4. ئورنىتىش



كەنجى كوررېكتور ئادەتتە UyghurEdit بىلەن بىرىكتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، UyghurEdit نى ئورناتسىلا بولىدۇ. يەنى چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىدىن uyghuredit. msi دېگەن بىرلا ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئۇنى قوش چەكسىلا ئىش تامام. شۇنىڭ بىلەن UyghurEdit نى ياكى Microsoft Word نى قوزغاتسىلا بولىدۇ. Microsoft Word قوزغىتىلغاندا Microsoft Word قا «Kenji korréktor»دېگەن يېڭى بىر بۇيرۇق تاياقچىسى (Command Bar) قوشۇلىدۇ. تۆۋەندىكىدەك.

  

Microsoft Word  قا «Kenji korréktor»دېگەن يېڭى بىر بۇيرۇق تاياقچىسى (Command Bar) قوشۇلمىغان بولسا، UyghurEdit نى قايتا ئورناتمايلا كەنجى كوررېكتورنى Microsoft Word قا قوشۇشقا بولىدۇ. ئۇسۇلى:

  Dos بۇيرۇق رامكىسىنى ئېچىپ، UyghurEdit ئورنىتىلغان مۇندەرىجىگە يۆتكىلىمىز(UyghurEdit ئادەتتە C:\Program Files\kenjisoft\UyghurEdit قا ئورنىتىلغان بولىدۇ). ئاندىن تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدۇرىمىز.

regsvr32 kenjimla. dll /s

دىققەت: ئەگەر Microsoft Word تا كەنجى كوررېكتور نى ئىشلەتكۈڭىز بولمىسا (UyghurEditنىلا ئىشلەتكۈڭىز بولسا)، كەنجى كوررېكتورنى Microsoft Word تىن ئايرىۋېتىشقا بولىدۇ.

ئۇسۇلى: Dos بۇيرۇق رامكىسىنى ئېچىپ، UyghurEdit ئورنىتىلغان مۇندەرىجىگە يۆتكىلىمىز(UyghurEdit ئادەتتە C:\Program Files\kenjisoft\UyghurEdit قا ئورنىتىلغان بولىدۇ). ئاندىن تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدۇرىمىز.

regsvr32 kenjimla. dll /u /s



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5. ئىملا تەكشۈرۈش

ئورنىتىش باسقۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسا ئەمدى ئۇنى ئىشلىتىپ كۆرەيلى. كەنجى كوررېكتورنىڭ «ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش» ۋە «تەكشۈرۈشتىن» ئىبارەت ئىككى خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى بار.

•ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش

«ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش»تە تېكىستنىڭ تەركىبىدىكى ئىملاسى خاتا سۆزنى يەنى ئىملا ئامبىرىدا يوق سۆزنى بايقىسا، ئالدى بىلەن مەزكۇر سۆزنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىن ئىزدەيدۇ، مەزكۇر ئامباردا بولسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئىملاسى توغرا بولغان سۆزنى مەزكۇر سۆز بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىمۇ بولمىسا مەزكۇر سۆزنىڭ ئاستىغا قىزىل دولقۇنسىمان سىزىق سىزىدۇ. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بوشلۇقنىمۇ تەڭشەيدۇ. بۇ جەريان ھۆججەتنىڭ بېشىدىن باشلاپ تاكى ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرى ئىشلەتكۈچىگە تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.

ئەمەلىي مىسال: Microsoft Word تا كېرەكلىك مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ياكى بۇرۇن كىرگۈزۈلگەن بىرەر ئۇيغۇرچە ھۆججەتنى ئاچقاندىن كېيىن(UEY ياكى UKY قايسىسى بولسا بولۇۋېرىدۇ). «Kenji Korréktor» دېگەن بۇيرۇق تاياقچىسىدىكى «Aptomatik» دېگەن بوتاننى چېكىمىز. بۇنىڭ تاماملىنىشىغا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. ئاخىرلاشقاندا (ئەگەر سىز كەنجى كوررېكتورنى تېخى سېتىۋالمىغان بولسىڭىز، 10 ئابزاسنى تەكشۈرۈپلا ئاخىرلىشىدۇ) تۆۋەندىكىدەك رامكا چىقىدۇ.

  

بۇنىڭدىكى «تامام» نى باسسىڭىز رامكا تاقىلىدۇ، «تەپسىلاتى» نى باسسىڭىز رامكا تاقىلىپ، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنە بىر ھۆججەتكە چىقىرىپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:

  

ئەگەر سىز كەنجى كوررېكتورنى تېخى سېتىۋالمىغان بولسىڭىز، ئارقىدىن تۆۋەندىكىدەك رامكا چىقىدۇ. كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە سېتىۋالسىڭىز، بۇ رامكا قايتا چىقمايدۇ.

  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
•تەكشۈرۈش

«تەكشۈرۈش»تە نۇر بەلگىسى تۇرغان ئورۇندىن باشلاپ، تېكىستنىڭ تەركىبىدىكى ئىملاسى خاتا سۆزنى يەنى ئىملا ئامبىرىدا يوق سۆزنى بايقىسا، ئالدى بىلەن مەزكۇر سۆزنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىن ئىزدەيدۇ، مەزكۇر ئامباردا بولسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئىملاسى توغرا بولغان سۆزنى مەزكۇر سۆز بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىمۇ بولمىسا ئىملا ئامبىرىدىن مەزكۇر سۆزنىڭ ئىملاسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 دانىنى رامكا ئىچىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنى نامزات سۆزلەر دەپ ئاتايمىز(تۆۋەندىكى رامكىدىكىدەك). ئىشلەتكۈچى مۇشۇ سۆزنىڭ ئىچىدىن توغرىسىنى كۆرسىتىش(تاللاش) ياكى توغرىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق خاتا سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

  

باشتىمۇ دەپ ئۆتكەن، كەنجى كوررېكتور بىر سۆزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىملا ئامبىرىدىكى سۆز بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا بولۇپ، ئىملا ئامبىرىدا بولمىسا بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى خاتا دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچى مەزكۇر سۆزنى ئىملا ئامبىرىغا قوشۇش ئارقىلىق ئىملا ئامبىرىنىڭ سۆزلۈك مىقدارىنى ئاشۇرالايدۇ. بۇنى يۇقىرىقى رامكىدىكى «ئامبارغا قوشۇش» دېگەن بوتاننى باسسىلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كېيىنكى ئىملا تەكشۈرۈش جەريانى ئۇچرىسا ئۇنى خاتا دەپ قارىمايدۇ.

يۇقىرىقى رامكا كۆرۈنگەندە، ئەگەر توغرىسى نامزات سۆز تەركىبىدە بار بولسا، شۇ سۆزنى تاللىسا «تۈزىتىش» دېگەن بوتان ئىناۋەتلىك بولىدۇ(رەسىمدىكىدەك). «تۈزىتىش»نى باسسا ئەسلىدىكى سۆزنى تاللانغان سۆزگە ئالماشتۇرىدۇ. ھەم مەزكۇر ئالمىشىشنى ئەستە ساقلىۋالىدۇ. يەنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىغا قوشۇۋالىدۇ. كېيىنكى ئىملا تەكشۈرۈش جەريانىدا مەزكۇر سۆز يەنە ئۇچراپ قالسا، ئاپتوماتىك تۈزىتىلىدۇ(رامكا چىقمايدۇ).



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:50:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر يۇقىرىقى رامكا چىققاندا، نامزات سۆزلەرنىڭ ئىچىدە توغرىسى بولماي قالسا، ھەم سىز خاتالاشقان يەرنى بايقىغان بولسىڭىز، مائۇسنى خاتا سۆز بار تېكىست كۆزنىكىگە يۆتكەپ چېكىپ سۆزنى تۈزەتسىڭىز بولىدۇ. سۆزنى تۈزەتكەندە(كۇنۇپكا بېسىپ) نامزات سۆز رامكىسىدا مەزكۇر سۆزگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.





چۈشۈرۈش





ئۇيغۇرسوفىت كوررېكتور



ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1





نېمە ئۈچۈن«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە «مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلمەكتە؟

...

نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2007-يىلىدىن باشلاپ، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» ۋە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ؟

...

نېمە ئۈچۈن....؟



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 2000-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى - «ئەلكاتىپ»تىن كېيىن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە يەنە يېڭىلىق ياراتقان يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى. ئۇ ئۇيغۇرچە يېزىق پەرقلەندۈرۈش(OCR)، ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.


«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نۇسخىسى 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، كەسىپتە پىشقان بىر قىسىم كوررېكتور، تەھرىر، تەرجىمان ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ سىناپ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن تەكلىپلەر قوبۇل قىلىندى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى كەسىپتە پىشقان، پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، 40 يىللىق كوررېكتورلۇق تەجرىبىسىگە ئىگە كەسپىي كوررېكتور ئىلياس رەھىمى ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.


ئۇ پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى جەريانلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە چىقىملارنى تېجەيدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئوڭايلا ئىملا تەكشۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدۇ.


«ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2005» تىل تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قانچىلىك قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسا، بۇ يۇمشاق دېتالىمىز ئۇيغۇر تىل يېزىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.


«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1» يۇمشاق دېتالى ئۆلچەملىك نۇسخا ۋە كەسپىي نۇسخىغا ئايرىلغان بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى، ئىقتىدارى ۋە باھاسى پەرقلىنىدۇ. ئىشلىتىش ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلچەملىك نۇسخىسى



(1) باھاسى: 100 يۈەن (مۇلازىمەت كارتى ئىشلىتىلىدۇ)

ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان بىرلا كومپيۇتېرغا تەكرار قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.



(2) باھاسى: 480 يۈەن (USB ئېغىزلىق يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ)

يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش. پەقەت Microsoft Word 2003 / 2007 مۇھىتىدا، يۇنىكود ۋە ئەلكاتىپ ئۆلچىمىدىكى ماقالىلەرگە نىسبەتەن كوررېكتورلۇق قىلالايدۇ.



ئەمما، USB ئېغىزلىق يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئەپلىك بولۇپ، خالىغان كومپيۇتېرلارغا خالىغانچە قاچىلاشقا بولىدۇ، ئىشلىتىدىغان چاغدا، قارانچۇقىنى USB ئېغىزغا سېلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. دائىم كومپيۇتېر ئالماشتۇرىدىغانلار ئۈچۈن بەك قۇلايلىق.



شۇڭا، بۇ نۇسخىسى ئائىلىلەردە كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار ياكى ئىدارە-ئورگانلاردا ئادەتتىكى ھۆججەت ماقالىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار ئۈچۈن ماس كېلىدۇ.



كەسپىي نۇسخىسى

باھاسى: 980 يۈەن (USB ئېغىزلىق يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ)

بۇ نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدا كەسپىي سۆزلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۈچۈن بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

Microsoft Word 2003 / 2007 مۇھىتىدىن باشقا يەنە Microsoft Excel / PowerPoint 2003 / 2007 مۇھىتىدىمۇ خىزمەت قىلىدۇ.



كارخانا نۇسخىسى

باھاسى: 1800 يۈەن (USB ئېغىزلىق يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ)



سۆزلۈك مىقدارى ۋە ئىقتىدارى كەسپىي نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى كومپيۇتېرلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، تورلاشقان ئىدارە-نەشرىياتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ يەنى بىر دانە ئانا كومپيۇتېر(مۇلازىمتېر)غا قارانچۇقنى سېلىپ قويۇش ئارقىلىق، مۇشۇ تورغا ئۇلانغان 30 دانە بالا كومپيۇتېرلاردا بىرلا ۋاقىتتا كوررېكتورلۇق قىلىشقا بولىدۇ)



كارخانا ۋە كەسپىي نۇسخىسىدىن باشقا، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن، بىرنى سېتىۋالسا بىرسى سوۋغات قىلىدۇ (جەمئىي ئىككى دانە دىسكا، ئىككى دانە مۇلازىمەت كارتى ياكى يۇمشاق دېتال قارانچۇقى بېرىلىدۇ)




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىجىسىنى يېڭىلاش ھەققىدە

ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن



ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ 480 يۈەنلىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن، يېڭى نۇسخىسى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. ئىشلىتىش مۇددىتى 3 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن خېرىدارلار ئۈچۈن، پەقەت %20 دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەقىقى ئېلىنىدۇ ياكى مۇلازىمەت كارتى ئىشلىتىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولغان «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1» ھەقسىز بېرىلىدۇ.



ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.0»نى سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن



2007-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 5.1» يېڭىلاپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرىكى ئەلكاتىپنىڭ دىسكىسىنى قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 50 يۈەن تاپشۇرسا بولىدۇ.



چەتئەلدىكى خېرىدارلىرىمىز ئۈچۈن

ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈرۈكچە مەشغۇلات سىستېمىسىدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن، قاچىلاش كۆرۈنىشى ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈرۈكچە قىلىپ لايىھىلەندى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، E-Mail ئەۋەتكەندە ئالاھىدە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.



ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ، كوررېكتورى، چوڭ لۇغەت قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ھەممەيلەننىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار.



باھاسى:

100 يۈەن (ئۆلچەملىك نۇسخىسى) مۇلازىمەت نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.

480 يۈەن (ئۆلچەملىك نۇسخىسى) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ. خالىغانچە قاچىلاشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

980 يۈەن (كەسپىي نۇسخىسى) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى ئىشلىتىلىدۇ. =خالىغانچە قاچىلاشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۆزلۈك مىقدارى مول بولۇپ، «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى 2007» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار سوۋغا قىلىنىدۇ.







دېتالمۇ كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرسوفت كوررېكتوردەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىدىغان ۋە توغرىلايدىغان دېتاللارنىڭ بىرسى. گەرچە ئىملا ئامبىرى يۇقارقى ئىككى كوررېكتوردەك تولۇق بولمىسىمۇ ھەقسىز دېتال ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن تامامەن چىقالايدۇ  




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 12:52:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2016-4-26 18:07 , Processed in 0.118094 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش