Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 2

يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

305

تېما

0

دوست

824

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 18:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر
تۇرسۇن مەھمۇت


قار يىغىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن زىمىن قىتىپ ئۇيۇپقالغاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھۇشقۇيتۇپ سۈر كۆرسىتىۋاتقان شىۋىرغان قارلارنىئۇچۇرتۇپ يۇرۇيدۇ. تەبىئەت مۇزلىغان،جاھاننى سوغۇقلۇق ئىلكىگە ئالغان. شۇ ھالدائالەم- جاھاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان سوغۇقىدىن كۆرە ئاچچىق زەربىسىدىن نىمە قىلارىنىبىلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى مۇدھىش بىر سوغۇقلۇق ھەم غەزەپ ئىگىلىگەن. قارنىڭسوغۇقىدىنمۇ بەكرەك جاننى قىسىدىغان پاجىئەنىڭ كۆيدۈرۈپ، چاياندەك چىقىپ،قاخشىتىپ، جانغا ۋەھىمىلىك قىيناق سالىدىغان ئوغىدەك سىزىمىدىن گاراڭ بولغانبىرتوپ جامائەت مەھەللىنىڭ كۈچىقىش تەرىپىدىكى ياداڭلىق ئارىسىدىكى زاراتگاھتىنقايتىپ مەھەللىگە كىرىپ كىلىشتى. بىر -بىرىدىن ئىغىر ئۈچ جىنازا ئۇلارنىڭيەلكىسىنى ئەمەس يۈرىكىنى،روھىنى بىسىپ يانجىپ تۇرغاندەك،قوبۇل قىلغىلىبولمايدىغان ئەلەم ۋە خورلۇقتىن كۆڭۈك ئالىمى غىرىبلىقنىڭ كۈلرەڭ توزۇندىلىرىبىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەندەك ئىدى. ئۆلۈم -يىتىم بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن بۇنىڭدەككىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىپ،قەلبىدە ئوت بولۇپ يانىدىغان، غالىپلىق تۇيغۇلىرىنى پايخانقىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۈچ تاۋۇت مەسچىت ھويلىسىغا قاتار قىلىپقويۇلغاندىن كىيىن، ھەسەن ئاقساقال يۈرىكى مۇزلاپ،تىتىرىشىپ تۇرغان جامائەتكەقاراپ قايغۇلۇق بىر ئاھاڭدا سۆز باشلىدى:
-بۈگۈن بىزگە بىر قارا كۈن بولدى،بىر ئۆيدىن بىراقلا ئۈچ جاننى ئۇزاتتۇق. ھەرھۇميۈسۈپ پالىۋان يىغىمىزنى يىغلاپ، دەردىمىزگە يىتىدىغان قىرىندىشىمىز ئىدى. ئەمدىئۇنەڭ خوتۇن بالىلىرىمۇ يىرتقۇچلارنىڭ تىرنىقىدا جان بەردى. بىز ئۇلارنىقوغدىيالمىدۇق. مەن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن. جامائەت، ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىنىتاشلىمايلى،مەرھۇملارنىڭ روھى قورۇنمىسۇن. . . . .
شىۋىرغان تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى،قارلارنى توزۇتۇپ، بوغۇناق كۆتۈرۈپ، سۇنۇقكۆڭۈللەرنى تىخىمۇ مالىمان قىلىۋەتتى
ھەسەن ئاقساقالنى مەھەللىدىكى بىرنەچچە ئورۇۋىلىشقان. شىۋىرغاننىڭ چىقىراشلىرىئارىسىدا ئۇلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى. پەقەت ھەسەن ئاقساقالنىڭئۇزۇن قوللىرىنى شىلتىشلىرى،باش چايقاشلىرىدىن ياشلارنىڭ قانداقتۇر بىر تەلىپىنىرەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
ھەسەن ئاقساقالنىڭ ئۇزۇن تونچە چاپىنىنىڭ پەشلىرى لەپىلدەيتى،سالۋا تەلپىكىنىڭيۇڭلىرى تۇزغۇيتى. ئۇ بورانغا قارشى ئالدىغا ئىڭىشكىنىچە كۈچىنىپ كىتىپ باراتتى.
ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ ھويلىسىغا كىرىشى بىلەن تەڭ توقۇقلۇق چىلان توروقلۇقئاتنىڭ يىنىدا ياتقان ئىككى تايغان ھاۋشىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئىتىلدى. تايغانلارئاقساقالنىڭ يىنىغا كىلىپ تونۇش ھىدنى سىزىپ يەنە ئارقىغا قايتىپ جايىغا بىرىپيىتىشتى. قاڭتۇرۇپ قويۇلغان چىلان تورۇق بىر ئورنىدا جىم تۇرماي تولا چاپچىپ،ئىككى كىگىز ئورنى يەردىكى قارنى دەسسەپ مىلىق قىلىۋەتكەنىدى.
<بۇ ئادەمنىڭ خۇيى ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمىگۈدەك. . . . >دىگەنلەرنى خىيالقىلغان ئاقساقال ئىغىر قوش قاناتلىق ئىشىكتىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭئوۋ ئېتى يىل 360 كۈن، ئوۋۈا چىقسۇن چىقمىسۇن توقۇپ، تەييار قىلىقلىق بولاتتى.ئۇنىڭ ھازىر 50تىن ئىشىپ كەتكەن كەمپىرى 14ياش ۋاختىدا قورقۇمسىز، چاپچىپ ئىتىلىپتۇرىدىغان تۆمۈرگە تەگكەندىن باشلاپ ھەر ئەتىگىنى كۆرىدىغىنى مۇشۇنداق جابدۇپتەييار قىلىپ قويۇلغان ئات ئىدى. كىيىنكى كۈنلەردە ئايالىمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. ھويلىداتوقۇقلۇق ئاتنى كۆرمىسە، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ، بىر نىمىسى كەمدەك بىر ئەسكىتۇيغۇ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلاتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پالىۋىنىم، ساقىيىپ قالدىلىمۇ. . .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلسىلە ئاقساقال. ئۆزلىرى ساق، مەھەللە كوي ئامانمۇ؟
-ھە. . . . ئاقساقال ئارتۇق بىرنىمە دىيەلمەي توختاپ قالدى. كۆزىدىن ئىككى تامچەياش دومىلاپ چۈشۈپ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىپ كەتكەن ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى.
-نىمە بولدى،ئاقساقال، -تۆمۈر مەرگەننىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرى ئاقسالغا تىكىلدى،نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاغرىق ئازابىدا تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىرجىددىيچىلىك پەيدا بولدى.
-ئۆزلىرى ساقسىز بولغاچقا خەۋەر بىرەلمىدۇق،جامائەتنى مەن توسۇپ قويدۇم. ئۆزلىرىنىتۇتالماي قىلىپ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قايغۇغا قىلىشىمىزدىن ئەنسىرىدىم. بىلىشلىرىكىرەك، ئۆزلىرىنىڭ ساقلىقلىرى بىز ئۈچۈن ئامەت. ئەمدى بولسىمۇ دەي. كۆڭۈللىرىگەكىلىدىغىنىنى بىلىمەن. بۈگۈن مەرھۇم يۈسۈپ پالىۋاننىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىيەرلىكىدە قويدۇق. ھەممىسىنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي.
تۆمۈر مەرگەننڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا قورقۇنچلۇق بىر سايە پەيدا بولۇپ سارغۇچ،يىرىك ساقال -بۇرۇتلىرى تىكلىشىپ كەتتى، پىشانىسىدە ھەمساتتا يىڭنە ئۇچىدەك تەرتامچىلىرى پەيدا بولدى.
-تىخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بالىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سوراتقانئىدىم. بۇ ئەمدى نىمە بولغىنى. ئۇلارنىڭ ئۆلىمىنىڭ بائىسى نىمىكىن،ئاقساقال ؟
ئاقساقال ئوڭايسىز بىر ھالدا ئولتۇرۇپ كەتتى، دەماللىققا نىمە دىيىشنىبىلەلمايۋاتقاندەك قىلاتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭ تىكىلىپ قارىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇدۇقلىدى :
-ئاللا ئامانىتىنى تۈرلۈك تۈمەن سەۋەب بىلەن ئەكىتىدۇ،پالىۋىنىم. مىنىڭمۇ شۇ تاپتايۈرۈكۈم لەختە قان بولدى. قازاغا رىزا. نىمە ئامالىمىز بولسۇن. . . ئۇ. . .ئۇلارنى. . . يول. . . . يولۋاس ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ. ئىزچىلار شۇنداق دىيىشتى. ھەتتاپۇت -قوللىرىنى يەپمۇ كىتىپتۇ.
تۆمۈر مەرگەننىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، ئاچچىق نىر نەرسە يۈرىكىگەقۇيۇلۇپ، تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشماي قالدى.
-مەھەللىدىكى بىرنەچچە ياش بالا يولۋاسنى ئۆلتۈرىۋىتىمىز دەپ سەكرەپچىقىۋىدى،توسۇپ قويدۇم سۆڭىكى قاتمىغان بالىلار، تىخىمۇ چوڭ ئىش چىقمىسۇن دىدىم.
بۇنى ياخشى قىپلا. بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلىمەن. ياخشىلىققا يامانلىق دىگەن دىگەن مۇشۇ.ھايۋان دىگەن ھامىنى ھايۋانلىقىنى قىپتۇ ئەمەسمۇ.
ئاقساقال تۆمۈر مەرگەننىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىەەن بولسىمۇلىكىن بىر نىمىدىنقورققاندەك بولۇپ تۆمۈر مەرگەنگە يىلىندى :
-ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسىلا، پالىۋىنىم. بىلىشلىرى كىرەك. يۇرتتا سىلى بولمىسىلابولمايدۇ. مەنمۇ قىرىپ ماغدۇرۇمدىن قالدىم. ھەر ئىش بولسا با مەسلەھەت بىر ئىشقىلامىز، قاراملىق قىلمىغايلا.
-خاتىرجەم بولسىلا، -تۆمۈر مەرگەن كۆزلىرىگە ياماشقان ياشلىرىنى ئاستا سۈرتىۋىتىپئاقساقالغا قارىدى. ، -سۆزلىرىنى ئاڭلايمەن. ئەمما بۇ يىرتقۇچلارنى يوقاتمايبولمايدۇ. يۈسۈپ پالىۋان مىنىڭ قىيامەتلىك بۇرادىرىم ئىدى. مەن ھايات تۇرۇپ ئۇنىڭخوتۇن باللىرى مۇشۇنداق ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە قانداققارايمەن. . . .
-كۆڭۈللىرى ماڭا چۈشۈنۈشلۈك. بۇ كەلگۈلۈكتىن مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆزۈمنى قەيەرگەقويۇشنى بىلمەيۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ ھازىر ساقلىقلىرى يوق. ئوڭشالغانلىرىدىن كىيىنبىر نىمە دىيىشەرمىز
ئوبدان ئاقساقال. دىگەنلىرىدەك بولسۇن
***************************************************************************************
چىلان تورۇق يورغىسىغا چۈشۈپ ئاپئاق قارلارنى توزۇتۇپ، تىزگىن سىرىپ كىتىپ بارىدۇ.ئاتنىڭ شىڭشىيىپ كەتكەن قۇمۇش قۇلاقلىرىنىڭ جىدددى ھالىتىدىن بۈگۈنكى سەپەرنىڭئۇنىڭ قىززىپ كەتكەن تۇياقلىرىنىڭ خۇمارىنى بىسىپ، ئىچ ئىچىدىن شاتلىنىپكىتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئاتتىن كىلىۋاتقان تونۇش تەر ھىدى تۆمۈرمەرگەننىڭ بۇرنىغا يەڭگىل ئۇرۇلاتتى.
<ھايۋان دىگەن ھايۋانلىقىنى قىلىدۇ-دە. چوقۇم ئاشۇ يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى. يۈسۈپنىئۆزۈم توسۇپ قويغان. شۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلاۋەتكەن بولسا بۈگۈنكى مۇشۇكەلگۈلۈك كەلمىگەن بولاتتى. خۇدا ياراتقان جانارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە بۇنىڭئۇۋالىغا قالمايلى، دەپ كۆڭلى يومشاقلىق قىلغاننىڭ كاساپىتى مۇشۇ بولدىغۇ. يۈسۈپئاداش. قەدىناسلىقىمىزنىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن بۈگۈن جان كەتسىمۇ. . . . نىمە كۆرسەمكۆرەمەن. . . . . ئاشۇ يولۋاسنىڭ يۈرىگىنى سۇغۇرىۋىلىپ، خوتۇن باللىرىڭنىڭقىساسىنى ئالىمەن. . . ئاقساقالچە بولسا ياش بالىلاردىن بىرنەچچىنى ئەۋەتكىسى بار.ئۇنداق قىلىپ بولامدۇ؟ئالىمادىس بىرەر كىلىشمەسلىك بوپ قالسا مەن تۇرغان يەردەيەنە مۇشۇ مەھەللە كويىدا بىركىملەرنى يىرتقۇچلار يەپ كىتىدىغان ئىش بولسا ماڭا بۇجاننىڭ نىمە كىرىكى قالىدۇ. يۇرتتا تۆمۈر پالىۋان دىسە تۆمۈر پالىۋان دەپ خەق مىنىبىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگىدەك بوپ كىتىدۇ، ئەمدى مەن ئۇلارنىڭ بۇنچىزا ھۆرمەت ئىززىتىگەلايىق ئىش قىلماي قۇلۇم قوشنىلارنى يولۋاس يەپ كىتىپتۇ، دەپ دوڭغۇيۇپ تۇرغىچەقارنىمنى يىرىپ ئۆلىۋالغىنىم تۈزۈك. نەچچە ئەۋلاد ئوۋچىلارنىڭ يۇرتتىكى نامئابرويى ماڭا كەلگەندە چۈشۈپ كەتسە، مەن بار يەردە ىر كىملەرنى ياۋايى جاندارلارتالاپەتكە ئۇچىراتسا بۇ مەن ئۈچۈن نۇمۇس، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز خورلۇق. . . ھامانبىركۈنى ئۆلۈپ كىتىدىغان، بىر كۈنى ئەمەس بىركۈنى ئىگىسىگە تاپشۇرىدغان بۇ جاننىبۇنچىۋالا ئاياپ، نۇمۇسقا قويۇپ خار قىلغاندىن كۆرە، خۇدا پىشانەمگە پۈتكەنئەركەكلىكنىڭ شەرپى ئۈچۈن ئەركەكتەك ئىشلارنى قىلىپ جاننى ئىگىسىگە تاپشۇرغىنىمخوپ. . >
چىلان تورۇق جىدددى قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىدۇ. ئات جاندارنىڭ كۆڭلىدە بىرخۇشھاللىق باردەك قىلاتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇ ئىگىسى بىلەن بۇ كەڭرى كەتكەنجاڭگاللارنى كىزىپ چىقتى، بارمىغان يەرلىرى ئاز قالدى، جىددى ئىلىشىشلار، ھاياتماماتلىق تىرىكىشىشلەر بولدى. ئۇھەرقاچان ئىگىسىنىڭ يىرتقۇچلارنى يەڭگەن چاغدىكىخۇشھاللىقىنى كۆرۈشكە شۇنچە خۇمار ئىدى. ئىگىسىگە مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھىدىنىئايرىيالايدىغان دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ كەتكە بۇ جانىۋار ئۆزىنىڭ جەڭگە يارالغانلىقىنىبىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەزىمەتلەرنىڭ نەرە ساداسى ئىچىدە جەڭگە كىرەلمىدى،ئەمما ئىگىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل جەڭ بولۇشى مۇمكىن. . . . .پايانى يوقتەك كۆرىنىدىغان كەڭرى جاڭگالنىڭ چىغىر يوللىرىدا كىتىۋاتقان تۆمۈرپالىۋان بىلەن ئۇنىڭ كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان قۇمۇشقۇلاق ئېتىنىڭ خىيالىبىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ۋاختى كەلەەندە شىرىنلىكىگە ھىچنىمە تەڭ كىلەلمەيدىغان جاندىگەن بۇ نەرسىنى دو تىكىپ، ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ رەقىبىگە ئىتىلالايدىغان بىر روھبىلەن، شۇنداق بىر ماتانەت بىلەن ياشاش شەرىپىگە ئىگە بولالىغان ھەر قانداق جانئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشالىسا. . . بىر جان ئۆزىنىڭيارالمىشىنڭ مەنىسىگە يىتەلىسە، ئالەمدە بۇنىڭدىن ئۆزگە سۆيۈنۈشلۈك، پەخىرلىنەرلىكئىش بولمىسا كىرەك. . . . . . . .
ئاقساقال ئەتىسى بىر نىمىدىن كۆڭلى ئۆيۈپ كىچىك ئوغلىنى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆيىگەيۈگۈرتتى. ئوغۇل ھايال بولمايلا قايتىپ كىلىپ ھويلىدا تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئېتىنىڭيوقلىقىنى مەلۇم قىلغاندا ئاقساقال پىشانىسگە پاققىدە بىرنى ئۇردى-دە،پالاقلىغىنىچە تالاغا يۈگەردى.
تۆمۈر پالىۋاننىڭ قاردا قالغان سۇس ئىزلىرىنى نىشان قىلىپ ماڭغان بەش -ئالتىدەكياش ئوۋچى ئاقساقالنىڭ باشچىلىقىدا جىدى يول يۈرۈپ تۆمۈر پالىۋاننى تاپقاندا تۆمۈرپالىۋان يوغان بىر تاغىل يولۋاس بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە قىتىپ قالغان ئىدى. ئىگىزدۆڭنىڭ يان باغرىدىكى كەڭرى بىر يەر جىددى ئىلىشىش جەريانىدا، تىلغىنىپ،بۇلغىىپكەتكەن ئىدى. يولۋاسىڭ قىنى بىلەن ئادەمنىڭ قىنى ئارلىشىپ كەتكەن، تۆكۈلگەن قانلارمەرۋايىتتەك پاقىراپ كۆز چاقاتتى. تۆمۈر مەرگەننىڭ جىنىنى ئالغان، تۆمۈر مەرگەننىڭقولىدا جان بەرگەن بۇ يولۋاسنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋال كىچىككىنە ئارسىلانۋاختىدا تۆمۈر مەرگەن ئىچ ئاغرىتىپ قويۇپ بەرگەن يولۋاس كۈچىكى ئىكەنلىكىنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈمىدى. شۇ چاغدا تۆمۈر مەرگەن ئانا يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغان يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يقنىغا كەپقالدى. قەدىناس دوستىنىڭشىجائىتىدىن سۆيۈنۈپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنى تەبرىكلىدى. ئۇلار تۆمۈر مەرگەن ئوۋلاپكەلگەن قىرغاۋۇل گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ مەززە قىلىشىۋاتغاندابىر نىمىلەرنىڭغىڭشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئوۋچىلارغا خاس سەزگۈسى بىلەن يىقىنلا يەردە يولۋاسنىڭئۇۋىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئىزدەپ بىقىۋىدى، دىگەندەك بۈككىدە بۇلغۇنلار بىلەنقاپلانغان بىر دۆڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈچ يولۋاس كۈچىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.جانلىقلار ئالىمىدىكى سۈر ھەيۋە، كۈچ قۇدرەت، قورقۇمسىزلىقىنى ئۆزىگەمۇجەسسەملىگەن يولۋاسنىڭ كۈچۈكلىرى تۆمۈر مەرگەن بىلەن يۈسۈپ ئوۋچىغا سۈر ھەيۋەبىلەن قارىشىپ تۇراتتى، كىچىككىنە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلاتتى. يۈسۈپ ئوۋچىئۇزۇن خەنجىرىنى سۇغىرىۋىلىپ ئۇۋىغا يىقىنلاشتى.
-بىچچارىلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىسۇن،ئەسلىدىن ئالغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھسىزجانلار، -دىدى تۆمۈر مەرەەن يۈسۈپ ئوۋچىنىڭ يولىنى توراپ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزئالدىغا ئوغلى سادىن كىلىۋالغان ئىدى.
-بىراق. . . . -يۈسۈپ ئوۋچى سەل تۇرىۋىلىپ قوشۇپ قويدى، -بوپتۇ، لەۋزىڭنى يەدەقويالمايمەن، سىنىڭ ھۆرمىتىڭ. . . . بولدى، بۇ يىرقۇچلار ئامان قالسۇن.
ئۇ قايتاشىدا بىر قەرەننىڭ گۆشىنى يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىنى ھەسرەتبىلەن يادىغا ئالدى. زىيادە كۆڭلى يۇمشاقلىق بىر كۈنلر كەلگەندە بىشىڭغا ئاپەتئىلىپ كىلىدىكەن.
ئارىدىن بىرەيلەن كۆزىگە يا ئىلىپ مىشىلداپ يىغلىدى. دىقماق كەلگەن 18 ياشلاردىكىبۇ يىگىت تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ يولۋاسنىڭ ئالەمدىكى جىمى دەھشەتنىئۆزىگە يىغقادەك كۆرىنىدىغان كۆزلىرىگە تىكىلگەن ئىدى.
-يىغلىما سادىن بالام، -دىدى ئاقساقال ئۇنىڭغا جىددى نەزەر بىلەن قاراپ، -بىرئەركەك قورقماي ئۆلەلىسە،يەنە كىلىپ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىپ ئۆلسە. . .ئۇنىڭ ۆزى يىغلايدىغان ئىش ئەمەس. ئەرلىك شەرەپنى ساقلاش ھەممىدىن موھىم. ئەركەكلىكنۇمۇسىنى ساقلىغان ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
مۇشۇ يىشىغىچە دادىىسىنىڭ قانداق بىر جايدا ئوۋ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانئوغۇل يولۋاس بىلەن بىللە ئۆلگەن دادىسىغا ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭقاڭشارلىق بۇرنى ئۈستىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پاقىراشقا باشلىدى.
(2)
تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن بۇ ئوتتۇرادا ئوۋچىلىقنى كەسىپ قىلغىنى ئۇنىڭئوغلى سادىن بوپقالدى. ئۇنى ئوۋچىلىققا، مەرگەنلىككە ئۈندەپ تۇرىۋاتقانلار ئانىسىبىلەن ھەسەن ئاقساقال ئىدى. سادىن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بويۇن تولغاشقا قۈرئەتقىلالمايتى. ھەسەن ئاقساقال تۆمۈر پالىۋاننىڭ تولا تەرىپىنى قىلاتتى. ئۇنىڭچەبولغاندا تۆمۈر پالىۋاندەك ئاەملەر ئەركەكلىكنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى ئىدى. بىريۇرتتا ئۇنىڭدەك ئادەمدىن ئونى، بەشى، ھىچبولمىغاندا بىرسى بولسىمۇقالتىس ئىشبولاتتى. ئۇنىڭدەك ئادەملەر يۇرتنىڭ بەخت تەلىيى ئىدى. ئادەم دىگەن مەيلى قانچىلىكقۇدىرەتلىك بوپ كەتسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئكلۈپ كىتىدۇ. ئۆلۈم دىگەن قورقۇپ كەتكۈدەكئىش ئەمەس. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ ئزىنى باسىدىغانلارنىڭبولماسلىقى، رەقىبىگە تىك قاراپ، ئۆلۈمنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويۇپ، ئەركەكلىك ئارنۇمۇسى ئۈچۈن قەدەم بىسىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يوق بولىشى ئىدى. ئاقساالشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىدىن مەيۈس بىر شولا پىلىلداپ قالدى. بۇكۆزلەدىكى نۇر شۇلىلادىن ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئوت -ئىزتىراپلىرىداپۇچلىنىۋاتقان بىر يۈرەكنىڭ سىماسى غىل پال كۆزىگە چىلىقىپ قالاتتى.
-داداڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت،تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭنىڭ قېنى. بالىلارئاتا ئانىسىدىن ئېشىپ كەتسە ئامەت ياغقىنى شۇ،دورىيالمىساتۈگەشكنى شۇ.
بۇ، ئاقساقالنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا سادىنغا دىگەن گىپى ئىدى. سادىن ئاقساقالنىڭگەپلىرىنى يادىدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى.
كەڭرى كەتكەن جاڭگالدا تەرگە پىشىلىپ كەتكەن قۇلا ئاتنىڭ ئېغىر خارتىلداشلىرىئاڭلىناتتى، ئاتنىڭ پۈتۈن بەستدىن تەر ئاقاتتى، پاقىراق مويلىرى قوياش نۇرىداجىلۋىلىنىپ تۇرغان تۈلكە قۇمۇش يۇلغۇنلار ئارىسىدىن بويلاپ سادىنغا بويبىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. چىپىپ كىتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە ئىتىلىۋاتقان ئوقلارنىڭھەممىسى زايا بوپ كىتىۋاتاتتى. <كىشىلەر تۆمۈر پالىۋان ئات ئۈستىدە كىتىۋىتىپقىچىپ كىتىۋاتقان توشقاننىڭ كۆزىگە سوقالايتى، دىيىشىدۇ. . . . ئۇ قانداقئاتىدىغان بولغىيتى خەپ. . . >سادىن قىچىپ كىتىۋاتقان تۈلكىگە نەپرەت بىلەنتىكىلىپ قوغلاۋىتىپ شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقاندا، يان تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق چىىقىپئۇنىڭغا يانداشقاچ ۋاقىراشتى:
-سادىن، توختا، جىددى ئىش چىقىپ قالدى. . . .
سادىن ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ھىلىقى ئىككىسىگە قارىدى. قىزىپ كەتكەن قۇلا ئاتكىچىككىنە دائىرە ھاسىل قىلىپ بىر نەچچىنى پىقىرىۋەتتى.
-نىمە بولدى؟
-مۆمىن قويچىنى بۆرىلەر قورشىۋالدى، بۆرىلەر كۆپ، كۈچىمىز يەتمىگۈدەك،بىللەبىرىشىپ بەر، تىز بولمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز.
-ھە. . . . بۆ. . . بۆرە. . . .
-شۇنداق تىز بول!!
سادىن ھاڭۋاققاندەك قاراپ تۇرۇپ قالدى. بۆرە. . . . . بۇىڭ ئۆزى چاخچاق قىلىدىغانمەخلۇق ئەمەس. . . ئۇنى تۈلكە، سۈلەيسۇنلارغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ، يىرتقۇچلارنىڭئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىي مەخلۇق دەل شۇ.
-نىمىگە تۇرىسەن ھاڭۋىقىپ، تىز بول. بۇ قاراپ تۇرىدىغان چاغ ئەمەس، مۆمىنكام خەتەرئىچىدە قالدى.
سادىن تۇرۇپ قالدى، تىنى جۇغۇلداپ بۇرۇن پەرەكلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پەيدابولدى. ئۇ ئىلگىرى بۆرە دىگەن مەخلۇق بىلەن ئىلىشىپ باققان. ئەمما ھە دىگەندەئۇنىڭغا بەۋا كەلگىلى بولمايدۇ. ئالىمادىس بىر ئىش بوپقالسا. . . ئۇنىڭ كۆزئالدىغا بۇنىڭدىن يىرىم يىل ئىلگىرى بۆرىلەر بىلەن تۇتىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاغىنىسىئاخۇنبەگ كەلدى. ئاخۇنبەگنىڭ بەرجەس قامىتى تۈگۈلۈپ قالغان مۈڭگۈز ساپلىق پىچىقىنىمەھكەم قاماللىۋالغان ئىدى. بۇقىنىڭ پاتىڭىدەك يوغان بوينى قانغا مىلىنىپ تىتىلىپكەتكەن، ئوچۇق قالغان كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قىتىپ قالغانىدى. سادىن ناھايىتىئۇزاققىچە دادىسىنىڭ يولۋاس بىلەن بىللە قۇچاقلىشىپ بىللە جان بەرگىنى بىلەنئاخۇنبەگنىڭ ئاشۇ ھالىنى چۈشەپ چىقتى. ھەر قىتىم مۇشۇنداق چۈش كۆرگەندە ياكىئۇلارنىڭ ئاشۇ ھالتى يادىغا يەتسە نىمىشقىدۇر تىنۇ جۇغۇلداپ، ئىسەنگىرەشتىن،ئەزايى بەدىنى تىكەنلىشىپ كىتەتتى.
-ئۈچىمىزلا بارساق تەڭ كىلەلەمىزما؟. . . يا باشقا نىرىنى ئىزلەپ باقساڭلاربولامدىكىن. . .
-بۇ نىمە دىگىنىڭ. جان تۇمشۇققا كەلگەندە بۇ جاڭگالنىڭ نەرىدىن ئادەم تاپقىلىبولسۇن، يا بۇ يۇرت ئچى بولمىسا.
-ئە. . . . ئگمىسە سىلەر اڭغاچ تۇرۇڭلار، كەينىڭلاردىن باراي يەنە قىلىدىغانئازىراق ئاشىم تۇرىدۇ.
-<مالغا بۆرە تەگسە ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ >دىگەندەك، ئاۋۇ يەردە بىرسىئۆلىۋاتسا، نىمە دىگىنىڭ بۇ. قورقىۋاتامسەن يا سادىن
-دىدىمغۇ ئازىراق ئىشىم بار دەپ، سىلەر بىرىۋىرىڭلار. . . . . .
-ۋوي قورقانچاق، تىخى تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى بولاپ قاپتۇ.
-ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا تۆمۈر پالىۋان تۆمۈر پالىۋان دەيدىكەنمىز. بالىسىنىڭھالى شۇ بولغان يەردە دادىسى قانچىلىك بولماقچىدى.
-ياق ئۇ قالتىس ئادەم.
-ئۇ ھەقىچان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بىر گادايمىكىن.

305

تېما

0

دوست

824

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 18:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككەيلەن بىرنىمىلەرنى دەپ غوتۇلداشقىنىچەكىتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بايا ئات چاپتۇرۇپ كەلگەندىكى جىددىيلىكىمۇ سۇسلاپقالغاندەك قىلاتتى. سادىننىڭ يۈرىگىنىڭ بىر يەرلىرى ۋىژىلداپ ئىچىشتى. ئۆزىنىڭبايىقى قىلمىشىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغىنىنى پەقەت ئىلغا قىلالمىدى. <ھەممىسىدادامنى قالتىس ئادەم دىيىشىدۇ. نىمىشقا ئۇنىڭدىكى قورقۇمسىزلىق مەندە يوقتۇ. ياق،مەنمۇ بوش ئەمەس، ۇرتتا مىنىڭچىلىك ئوۋچىدىن يەنە كىم بار. مۇنۇ ئىككىسىمۇبۆرىلەرنى كۆرۈپلا يىنىمغا سەكىلدەپ كەپتىغۇ. ئەمما مەن دىگەن مەن دەپ بىرئىشلارغا ئۆزۈمنى ئۇرىۋەرسەم بۇنىڭ ماڭا نىمە پايدىسى. >. ئۇ شۇلارنى ئويلاپئۆزىگە ئۆزى تەسەللي تاپغاندەك بولدى. ئەمما كۆڭلىدە يەنە غودىرايتى :<گىپىمبار دەپ قىلىۋىرىدىغان نىمىلەركەن بۇ. ئۇنداق دىگەن بىلەن ئوينىشىدىغان مەخلۇقئەمەس. بىكادىن بىكا جاننى سىلىپ بەرسەم قانداق بولىدۇ. دادامنى شىپى كەلتۈرۈپكىتىشكىنىنى تىخى. ئۇ شۇنداق بىر زامانلار بولغىيتى بەلكىم. دادام شۇنداق قىلغانبولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن ئۇنى دورايمەن دەپ ئالىمادىس بىر ئىش بوپ قالسا باللىرىمقانداق قىلىدۇ؟خوتۇن بالا-چاقىلىرىم نەلەردە بويۇن قىسىپ يۈرۈيدۇ؟>ئۇنىڭ كۆزئالدىغا يەتتە سەككىز ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوغلى سادىر كىلىۋالدى. ۋاي-ۋۇي ئۇنىڭقىلىقلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى دىسە. . . . .
قىرىپ يىشى بىريەرگە بىرىپ قالغان ئانىسى بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇھ تارتىپئولتۇرۇپ كەتتى؛
-بۇ ئىشىڭ پەقەت قاملاشماپتۇ. سەن دىگەن تۆمۈر پالىۋاننىڭ ئوغلى. داداڭنىڭ ئىسمىنىئاڭلىسا ئەھلى يۇرت تەۋرەپ كىتەتتى. ئۇنىڭ يۇرتقا ئەقىدىسى بەك كۈچلۈك ئىدى. يۇرتمۇداداڭنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن. سىنىڭ بۇ قىلىقىڭ. . . . . . . .
سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن دادام شۇنداق بىر قارام ئادەمكەن. ئۇنىڭ ئوغلى بولسا نىمەبوپتۇ. دادىسى نىمە قىلسا بالىسىمۇ شۇنى قىلىش كىرەكمىكەن. تۆمۈر پالىۋاننىڭئوغلىمەن دوپ، ككرۈنۈپ تۇرغان بالا قازاغا ئۆزۈمنى ئۇردام بولامتى. جان دىگەنھەممە ئادەمگە تاتلىق. مەن خوتۇن بالام بار ئادەم. . . . . .
ئانا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋىتىپ تۆمۈر پالىۋاننىڭ ۋاياتلىقىدا ناھايىتى موھىمبىر ئىشنى كەم كىلغانلىقىنى ئويلاپ يىتىپ، بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى.
*******************************************************************************************
-نەگە ماڭدىڭ سادىر ؟
سادىن ئوغلىنىڭ جابدۇنۇپ سىرتقا ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرىۋالدى. ئۇنىڭكۆزلىرىدىن ئوغلىغا بولغان سۆيۈنۈش، ئامراقلىقنىڭ كۈچلۈك ئوتى يىلىنجاپ تۇراتتى. مانامۇشۇ ئوغۇلنىڭ ئۆزى سادىننىڭ مۇشۇ دۇنياغا ئۆز ھۇجۇدىدىن تامغان ۋارىسى،ئۆچمەيدىغان ئىزى، ھاياتىنىڭ داۋامى،نەسلى نەسەبىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنىڭكۈچلۈك ھەم ماتەنەتلىك دەلىلى. بىر ئەركەك ئۈچۈن ئوغۇل دىمە بىر ھىساپتا ئۇنىڭمەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى. ئەر يىتىپ قالغان ئوغۇلغا ئاتا بولغانئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىدە شىرىنلىكنى ھىچ نەرسە بىسىپ كىتەلمەيدىغان مۇشۇنداق بىرسۆيۈنچ تۇيغىسى بولىدۇ. بۇنداق تۇيغۇ يۈرىكىگە چەكسىز ئاراملىق، قانائەت ۋە غورورئاتا قىلىدۇ.
-ئاغىنىلەر بىلەن جاڭگالغا بارماقچى بولغان.
-جاڭگالغا ؟جاڭگالغا نىمە بوپتۇ؟
-توشقان ئوۋلايمىز
-توشقان ئوۋلايمىز ؟توشقان ئوۋلايمىز دە. بۇ ئىشىڭ قاملاشماپتۇ.
-نىمىشقا، دادا، بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟
-ئەمدى دەيمىنا، ئوۋ دىگەنننى مەندىن سورىساڭ بولىدۇ، خەتىرى يامان ئىش بۇ.
-ھا ھا ھا، قارا گىپىڭنى، توشقان ئوۋلاش دىگەننى قانچىلىك خەتىرى بولماقچى ئىدى؟ئاڭلىسام بوۋام رەھمىتى يولۋاس ئولتۈرگەنمىش. مەن ئۇنىڭ نەۋرىسى تۇرۇپ. . . . .
-ئا. . . قويغىنا، مۇشۇنداق گەپنى. ئۇ دىگەن قاچانقى گەپلەر. بىر كىملەر نىمەقىلسا سەنمۇ شۇنى قىلامسەن. بۇ گەپكە ئىسلىۋالما. ھازىر دىگەن ھازىر. ھە دىسەدەقيانۇسنىڭ ۋاختىدىكى گەپلەرنى دەپ يۈرمە. بايا دىگىنىمدەك ئوۋچىلىق ئوينىشىدىغانئىش ئەمەس. سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدىغان گەپ.
-ئەمىسە سەن ماڭا ئۈگىتىپ قوي. سەن مۇشۇ ئوتتۇرادا خىلى نمى بار ئوۋچى.
-قوي بۇ گەپنى. دىدىمغۇ،ئوۋچىلىقنىڭ خەتىرى يامان، بەزىدە جاننى سىلپ بىرىشىڭگەتوغرا كەپقالىدۇ. ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھاندا تىنىچ خاتىرجەم ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەنگەنىمە يىتىدۇ؟
سادىن شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا دادىسىنىڭ يوغان تاغىل يولۋاس بىلەن ئىلىشىپيولۋاسنىڭ گىلىنى بوغققان پىتى جان بەرگەن قىياپىتى كۆز ئالدىغا كىلىپ تىنى سىقىراپ،قىزىتىلغانتۆمۈر زىخ يۈرىكىگە قادالغاندەك بىر ئاچچىق تۇيغۇدىن مىڭىسىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.
-بىراق كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم بىرەر ئىش قىلغۇم بار.

-ھە، نىمە ئىش؟
-ئۆزۈممۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. نىمە. ىش بولسا مەيلى. ئىشقىلىپ بىرەر ئىش قىلسام،ئۆمۈرۈم بىكار ئۆتمىسە دەيمەن. چىلىشچى بولساممۇ ياكى. . . . . . . .
-كاللاڭ قىززىپ قاپتۇ. ئوۋچىلىق، چىلىشچىلىق، ئوغلاق تارتىش، دىگەنلەر ئادەمگەئارامچىلىق بەرمەيدىغان ئىشلار. ساڭا دەيدىغان گېپىم شۇ ز:قانداق قىلىپ بولمىسۇنتىنچ ئامان تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇت. ھازىردىن باشلاپ بولاربولماس خىياللارنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت.
سادىن سۆزلەۋىتىپ ئوغلىغا سەل ئاچچىقى كەلگەندەك قاراپ قويدى. ئوغلى ھە دىسەبوۋىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ، بالىلىق قىلىپ ئۇنى دورايمەن دەپ بىرەر پىشكەكچىلىككەئۇچىراپ قالسا قانداق بولىدۇ. سادىن ئۈچۈن دادىسىنىڭ يەنە ئاخۇنبەگلەرنىڭكۆرمىشلىرىنىڭ يىتىپ ئاشقۇدەك ساۋاق ئەمەسمۇ.
-لىكىن شۇنداقتىمۇ توغقا ئوۋلاشنىڭ نەرە يامان. ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ ئىچىم پۇشۇپكەتتى مىنىڭ. ئالدىنقى قىتىممۇ ئىككى توشقان تۇتۇپ كەلگەن ئىدىم. بىخەتەر<قاپقانقۇرۇپلا تۇتىمىز.
-تىخى ئىلگىرى بىر قىتىم بىرىپتىكەنسەندە. مەن ھەجەپ بىلمەي قاپتىمەنغۇ؟
-ساڭا دىمەيلا كىتىپ قالغىنىم راست. خاپا بولما دادا ھىچنىمە بولمىدى.
-شۇنداقمۇ دەيسەن، خەتىرى بار ئىشچۇ بۇ. خاپىلىقنىڭ ئېزى ياخشى. توشقاندەك نىمىدىنقانچىلىك گۆش چىقاتتى. توشقان قوغلايمەن دەپ بىرەر نەرسىگە پۇلىشىپ يىقىلساڭ ياكىمۈدۈرۈپ كەتسەڭ. . . . . <بالا -قازا كۆرۈنمەس،پۇت قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ >دىگەندەكيىرتقۇچلارغا يولۇقۇپ قالساڭ. . . . . .
-ئۇنداق بولماس.
-ئۇنداق بولمايدىغىنىنى نەدىن بىلىسەن. مەن بىلەن تولا تاكاللاشماي ماڭ بىرىپئىشىڭنى قىل. ئاناڭ ئوت ياش ئوتاۋاتىدۇ، شۇنىڭغا قاراش، تولا ئىچىمنى پۇشۇرما.
-دادا. . . . . .
-ماڭ دەۋاتىمەن ياغاچقۇلاق. بىرنى قويىمەن ھېلى بىكار
سادىر دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراشقا پىتىنالماي، يەرگە دوڭغۇيۇپ بىردەم تۇرۇپكەتكەندىن كىيىن بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئارقىسىغا يىنىپ باغقا قاراپ ماڭدى. شۇنىڭدىنباشلاپ ئۇنىڭ ئوۋ ھەققىدە بىر نەرسە دىگەنلىكىنى ھىچكىم ئاڭلاپ باقمىدى.
(3)
ھويلا تىمىنىڭ يىنىدا ئۆسكەن ئىگىز ئۈجمىنىڭ شاخلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قۇرۇپكەتكەن. ئۈجمىنىڭ تۈۋىگە بۇ يىقىندا سۇ كىرمىگەندەك توپا ئۆلەپ تۇرىدۇ. بىرتەرەپكە قىيسىپ قالغان كونا زاماننىڭ دەرۋازىسىنىڭ قىلىن تاختايلىرى قىيىپ،يىرىقلىرىغا پاختا تىقىپ قويغاندەك كۆرىنەتتى. كىرلەشكەن، چىرىشكە باشلىغاندەرۋازا كۈچلۈك بىر زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
سادىر قاراڭغۇ ئايۋاندا ئاچچىق موخۇركىنى شوراپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئىدى. كۆكۈشموخۇركا ئىسلىرى تايىنسىز يۈرەكتە توزۇپ كىقتىۋاتقان ئاجىز روھتەك لەيلەپ يۈرەتتى.ئون ياشلارنىڭ قارىسىنى ئىلىپ قالغان ئوغلى سەمەتجان يىنىدا ئولتۇراتتى. بالادادىسىغا قورقاندەك قاراپ قويۇپ ئاستا سورىدى:
-دادا. . . تۆ. . تۆمۈر پالىۋان دىگەن كىم؟
-تۆمۈر پالىۋان ؟بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن. ئۇ شۇنداق بىر ئادەمدۇ.
-خەقلەر. . . خەقلەر ئۇنى سىنىڭ ئۇلۇغ بوۋاڭ، قالتىس ئادەمكەنمىش دىدى.
-بۇنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن. قالتىس ئادەم بولسا بولمامدۇ. ئۇنىڭ سەن بىلەنماڭا ھىچ ئالاقىسى يوق. ئۇنى كىم كۆرۈپتىكەن.
-بىراق ئۇ. . . . .
-نىمە بىراق. بۇنداق پەلىپەتىش گەپلەرنى خىيال قىلىپ يۈرمەي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ.
-خەقلەر ئۇنى يولۋاس ئۆلتۈرگەن دەيدۇ.
-قىپقىزىل يالغان گەپ. نەدە ئادەم دىگەننىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگىنى بار. گەپ دىگەنگەمۇشۇنداق ئۆرۈلۈپ چۆرۈلۈپ مۇشۇنداق قانات قۇيرۇق چىقىپ قالىدۇ. تىلنىڭ سۆڭىكى يوقدىگەن شۇ. بەلكىم ئۇ يولۋاسنى ئەمەس يولۋاس ئۇنى ئۆلتۈرگەن بولغىيتى. بۇنىڭدىنكىيىن بۇنداق گەپلەرگە قۇلاق سالما،ھەممىسى يالغان.
-بىراق بۇنى خەقلەر راست دەيدۇ،-بالا شۇنداق دەۋىتىپ قورققاندەك كەينىگە شىپقىدى.
-ئاغزىغا بىرنى قويىمەن ما گۇينىڭ ھىلى. ھەجەپ مەن ئاڭلىمىغان گەپنى سەنئاڭلاپسىنا. دىدىمغۇ،ھەممىسى يالغان گەپ. بۇنداق ئىشلارغا كاللاڭنى چاچمايئوقۇشۇڭنى بىل. مۇئەللىمىڭنىڭ گىپىنى ئوبدان ئاڭلا. ئىنتاھاندا يانا تۆۋەن نۇمۇرئالساڭ قۇلىقىڭنى يۇلۇپ قولاڭغا تۇتقۇزۇپ قويىمەن. بۇرۇن كىملەر نىمە ئىشلارنىقىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى. بايا دىدىمغۇ،ئۇنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق. بىزئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى بىلسەك بولدى ئاڭلىدىڭمۇ.
ئوغلى ياش يۇقى كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ ئارقىغا داجىدى. كىچىككىنە تۈڭلىكتىن چۈشۈپتۇرغان، كەڭ -پاكار ئايۋاننى كۈچەپ قىيلىنىپ، ناھايىتى تەستە يورۇتۇپ تۇرغاندەكقىلاتتى.
سادىر،ھوي سادىر
خوتۇننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغان سادىر ئوغلىغا ئالىيىپ قويۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەنئورنىدىن تۇرۇپ خىقىرىدى :
-نىمە بولدى،گىپىڭ بولسا قىشىمغا كىرىپ دىمەمسەن. ئادەمنى بىردەم ئارامىدا قويمىغان.. . . . .
خوتۇنى قۇچاقتىكى بالىسىنى پەس قىلالماي رەللە بولغىنىچە ئايۋانغا كىرىپ كەلدى.
-ئۆيدە ئۇن تۈگەپتۇ، تۈگمەنگە بىر بىرىپ كىلەمسىز
-ئا. . . . ئۆزۈڭ بارغىنا، ئادەمگە ئىش خوشياقمىغاندا. مەن ئاغىنىلەر بىلەن قارتائويناشقا دىيىشىپ قويغان
-ھوي،ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز بارسىڭىز نىمە بولىدۇ. نەدە خوتۇن كىشىتۈگمەنگە بىرىپ ئۇن تارتىدىغان ئىش بار
-بارسا نىمە بولىدىكەن. خوتۇن كىشىنىڭمۇ قورسىقى باردۇ.
بارلىقىغۇ بار. شۇنداقتىمۇ ئەر كىشى تۇرغان يەردە خوتۇن كىشى تۈگمەنگە بىرىپ ئۇنتارتىمەن دەپ يۈرسە قاملاشماس.
-قاملاشمايدىغان نىمىسى بار، قاملىشىۋىرىدۇ.
-سىزمۇ ئەر كىشى بوپ قاپسىز.
-ئاغزىغا بىرنى قويىدىكەنمەن. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ئەر كىشى، ئەر كىشىبولغاندىكىن دەۋىرىدىغان نىمىكىنا بۇ. ئەركىشى بولغانغا تويغۇزامسەن.
-بولدى گەپ قىلمىدىم. ئۆزەملا باراي بولدى. تۈگمەن دىگەنەە ساپلا ئەر كىشى،ئادەمگە بىر قىسما قاراشقىلى تۇرسا خىجىل قىلىپ. . . . .
-بولدى، دەۋەرمە بۇ گەپنى قارىسا قارىمامدۇ. قارىغانغا سىنى يەپ كىتەمتى.
ئۇلار شۇنداق دەپ دەتالاش قىلغاننىڭ ئۈستىگە قوشنىسىىڭ سەمەتجان بىلەن قۇرداشئوغلى بىر قارا مىكىياننى كۆتۈرۈپ ئايۋانغا كىرىپ كەلدى.
-سادىركا، ئانام بۇ توخۇنى بوغۇزلاپ بەرسۇن دىۋىدى.
-سادىر بىر بالىغا، بىر بالىنىڭ قولىدىكى توخۇغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. بۇرۇنپەرەكلىرى كىڭىيىپ كەتتى.
-خاپا بولما،مە. . . مەن توخو بوغۇزلىيالمايمەن.
خوتۇنى ئۇنىڭغا قاراپ مەخىرىلىك ھىجىيىپ قويدى. ئۇ تا مۇشۇ كۈنگىچە ئېرىنىڭ توخوچاغلىق بىر نىمىنى بوغۇزلاپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ راستىنلاتوخو بوغۇزلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگەندە بەكلا ھەيران قالدى.
-ئۇنداق دىمەي بوغۇزلاپ بىرىڭە سادىركا، ئۆيگە مىھمان كەلگەن.
-ساڭا دىدىمغۇ، بوغۇزلىيالمايمەن، قورقىمەن دەپ.
-توۋا، كاراڭ سىزنى، ئەركىشى بولغاندىن كىيىن، توخو دىگەن قانچىلىك نىمىدى،بوغۇزلاپ بەرسىڭىز نىمە بولىدۇ.
-ماۋۇ نىمىنىڭ چىشىنى تۆكىۋەتكۈدەك بولدۇم. نىمە گەپ بولسا ئەر كىشى بولغاندىكىن،ئەر كىشى بولغاندىكىن دەۋىرىسەن، ئەر كىشى بولغانغا تويغۇزامسەن.
-ماۋۇ توخۇنى قانداق قىلىمىز، مەزلۇم كىشى بوغۇزلىغان جاندارنىڭ گۆشى ھارام،-دىدى،خوتۇنى ئۇنىڭغا زەردە بىلەن تىكىلىپ. ئېرى ئۇبىڭ كۆزىگە ئەزەلدىن ئۇنداقزەئىپ كۆرۈنۈپ باقمىغان ئىدى.
-ھالال -ھارام بولىشى بىلەن نىمە كارىم. دىدىمغۇ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل. مەنقورقىمەن.
-ئەكەل،بالام، مەن بوغۇزلاپ بىرەي، -دىدى خوتۇنى بالىنىڭ قولىدىكى توخوغا قولىنىئۇزۇتۇپ، -ئەر كىشى يوق يەردە ئايال كىشى بوغۇزلىسىمۇ ھالال بولىۋىرىدۇ.
قوشنىسىنىڭ ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سادىرنىڭ خوتۇنى نىمىشقىدۇر ئۆزىنىتۇتالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ سەمەتجانمۇ ئانىسىنىڭ كەينىگەئۆتۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
(4)
تار ھويلىلىق ئۆيدىن قانداقتۇر بىر بىر كۈينىڭ يەڭگىل ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھويلىنىڭبىر بۇلۇڭىدىكى ئالمىنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى ھالسىز بىرھالدا كۆزگەتاشلىناتتى. كەچكى قوياشنىڭ ئىسسىقى تار ھويلىنى دىمىق قىلىۋەتكەنىدى.
ئۆيدىن كۈجە ھىدى ئاڭقىپ تۇراتتى. چىنىدەك پاكىز تازلانغان ئۆيدە ھەممە نەرسەشۇنداق رەتلىك، جاي جايىدا قويۇلغان. چاقچۇق پولنى سۈرتىۋاتقان سەمەتجاننىڭپىشانىسىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پارقىرايتى. تارتىۋالغان پەرتۇقى تىزىدىن ئىشىپتۇراتتى.
ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيگە ئۇنىڭ خوتۇنى كىرىپ كەلدى. قويۇق گىرىملىرى، بۈدۈر قىلىنىپسىرىق بويالغان چاچلىرى بۇ ئايالنى زامانغا لايىق چوكانلارغا خاس سالاپەتكە ئىگەقىلغاندەك ئىدى.
-كەلدىڭىزمۇ،-دىدى سەمەتجان قولىدىكى پول سۈرتكۈچنى تامغا يۆلەپ قويىۋىتىپ، -چايدەملەپ بىرەي.
-بولدى، ئۇسسۇمىدىم. كىرلەرنى يۇيۇپ بولدىڭىزمۇ ئ
-يۇيۇپ دەزماللاپ قويدۇم، قايسىسىنى كىيىسىز، ئاچىقىپ بىرەي.
-بولدى، سەل تۇرۇپ ئۆزەم تاللايمەن. بۈگۈن پەرىدەنىڭ چىيىغا. قورسۇقۇم ئىچىپكەتتى. تاماقنى تىزىرەك. ئېتىڭ.
-تەييارلىق قىلىپ قويغان، ھازىرلا پىشىدۇ. بىراق شۇ. . . . . .
-نىمە بولدى ؟
-چايغا بارسىڭىز، بالدۇراق يىنىو كەلسىڭىز بوپتىكەن. يىرىم كىچىدە -تاڭ ئاتايدىگەندە ئېشىك مۇشتلاپ يۈرسىڭىز ئۇيقۇم ئىچىلىپ كىتىدىكەن. بىلىسىز، ئۇيقۇم ياخشىئەمەس. ئاران ئۇخلىغاندا بىرلا ئويغۇنۇپ كەتسەم ئۇقۇم قىچىپ ئۇخلىيالماي بەكقىيلىنىپ كىتىمەن.
ئايالنىڭ چىرايلىق كالپۇكلىرى چۈشەنگىلى بولمايدىغان تەرزدە قىيسايدى. . زەنسالغان ئادەم دىققەت قىلسا بۇنىڭدىكى مەنىدىن جانلار قاقشاپ كىتەتتى.
-شۇنداقمۇ،سىز تىخى ئۇخلىيالمايدىغان بوپقالدىڭىزما. سىزنىڭ ھىچنىمىڭىز ياخشىبولمىسىمۇ، ئۇيقىڭىز بەك ئوبدان. سىز مەن بىلمەيدىغان سەمەتجان ئەمەس. . بارغاندىنكىيىن تازا ئويناپ پۇخادىن چىققاندا كىلىدىغان گەپ. سىزنى ئۇخلىيالمايدىكەن دەپ،چايدىن بۇرۇن يىنىپ كىلىدىغان ئىش يوق.
-ئايال پەرۋاسىزلا شۇنداق دەپ قويۇپ ئۇدۇللا پەرداز ئەينىكىنىڭ ئالدىدىكى يۇمشاقئورۇندۇققا ئولتۇر ۇپ قاش قەلىمىنى قولىغا ئالغاچ دىدى:
-لازىنى كۆپرەك سىلىڭ - ھە، لازا بولمىسا تاماق پەقەت ئېغىزىمغا تىتىمايدۇ مىنىڭ.
-بىراق شۇ، -سەمەتجان تەمتىرەپ >-لازا يىسەم ماڭا زىيان قىلىدىكەن. سىزمۇبىلىسىز، ئاشقازىنىم ئاغرىپ. . . . . شۇڭا ئازىراق سالايمىكىن.
-ۋۇي ما گەپنى. قاچاندىن باشلاپ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىيدىغان بوپ قالدى سىزنىڭ. سىزگەزىيان قىلىدۇ دەپ مەنمۇ يىمىسەم بولامتى ئەمىسە. قىززىق گەپ بولدىدە بۇ، زىيان قىلغانبولسا سىز يىمەڭ. بازاردىن نان ئەكىرىپ يەڭ، نانغا لازا سالمىغاندىن كىيىن.
-ۋايجان. دائىم مۇشۇنداق ماڭا زىيان قىلىدۇ دىسەم. . . . -سەمەتجان بىر نىمىلەرنىدەپ غودۇرۇغىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى.
-ئەمىسە سىزگە ئاۋال ئىتىپ بىرەي. ئاندىن مەن قورۇپ يەي، شۇنداق قىلسامغۇ بولار. -سەمەتجانئاشخانا ئىشىكىدىن بىشىنى چىقىرىپ شۇنداق دىدى. ئاپئاق يۈزى بىرتەرەپكە سىڭايانبولۇپ تۇراتتى.
-بولدى بولدى، نىمىلا ئەتسىڭىز تىزىرەك بولۇڭ، كىچىكىپ قالسام بولمايدۇ.
-ھازىرلا تەييار قىلىمەن. ئۆزى ھىچ ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلماي ئادەمگە تولاۋەرگەن.
سەمەتجاننىڭ ئاپئاق چىرايى قىزىرىپ كەتتى. خوتۇنىنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولماسلىقىئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
-ۋايجان. . . . . ئاپا. . . . . .
خوتۇننىڭ قاتتىق چىقىرىشىدىن قورقۇپ كەتكەن سەمەتجان يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئاشخانىدىنچىقتى. خوتۇنى ئىككى قولىنى ئىڭەكلىرىنىڭ ئاستىغا جۈپلەپ تۈگۈلگىنىچە تىتىرەپتۇراتتى. كۆزلىرى چەكچىيىپ چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغانىدى.
-نى. . . . نېمە بولدىڭىز، -سەمەتجان خوتۇننىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزى ئۇنىڭدىنمۇ بەكقورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئاقپىشماق چىرايىدا ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلىك چىقىپتۇراتتى.
-پا. . . پاقا. . . .
-نېمە. . . پاقا. . . .
-تېز بولۇڭ ئۇنى تالاغا تاشلىۋىتىڭ قورقىمەن
سەمەتجان ئالدىغا بىرقەدەم مىڭىپ يەنە كەينىگە چىكىندى.
-تىز بولۇڭ، ئۇنى تىز ئىلىۋىتىڭ، بەك قورقۇپ كەتتىم.
كىچىكرەك بىر پاقا بۇ ئۆيدىكى جىددىيچىلىكتىن بىخەۋەر ھالدا پوكىنىنى لىپىلدىتىپتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە نەدەن كىرىۋالغىنىنى ھىچ ئۇققىلى بولمايتى.
-نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، تىز بولۇڭ دەيمەن تىز، -خوتۇنى يىغلامسىراپ ئۇنىڭغا ئاچچىقبىلەن ۋاقىرىدى. ، -قورقۇپ ئۆلەي دىدىم،
سەمەتجان بىر خوتۇنىغا، بىر پاقىغا قاراپ تىتىرىگىنىچە ئالدىغا بىر قەدەم مىڭىپتوختاپ قالدى. پاقا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بارغانسىرى يوغىناپ كىتىۋاتقاندەككۆرۈنىۋاتاتتى. ئۇ يەنە بىر قەدەم ماڭاي دەپ تۇرىشىغا پاقا سەمەتجاننىڭ ئالدىغادىككىدە بىر سەكرەپ نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ قاراپ تۇردى. سەمەتجان مەڭدەپكەتتى ۋە سەت ئاۋازشدا چىقىرىۋەتتى :
-ۋايجان. . . . -ئۇ شۇنداق چىقىراپ ئۇرنىدا مىخلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدى. قورقۇنچتىنكۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى.
-تىز بولۇڭ، نىمە لامزەللىدەك تۇرىسىز، بەك قورقۇپ كەتتىم.
-سىز قورقسىڭىز مەن قورقمامدىكەنمەن، ما گەپنى. -سەمەتجاننىڭ گىپى تۈگىشى بىلەنپاقا سەكرەپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدى.
-ۋايجان، ۋاي خۇدايىم، جىنىم چىقاي دىدىغۇ. -خوتۇنى چىقىراپ بايىقى جايىدا تۈگۈلۈپقاراپ تۇراتتى.
-ۋىيەي خۇدايىم، نىمانداق سەت بىرنىمە بۇ، -سەمەتجان شۇنداق دەپلا پارتلا قىلىپتالاغا قاچتى. ئۇنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەن ئايالىمۇ سوڭدىشىپلا تالاغا يۈگەردى. دەرۋازائالدىغا چىقىپ جەھلى بىلەن يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان ئېرىگە قاراپ كۆزلىرىدىكى ياشنىتوختىتالماي قالدى، ئاندىن ئۆزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى.
ئايالىنىڭ كەلمەسكە كەتكەن بىر قىممەتلىك نەرسە ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ھازا ئاچقاندەكيىغلاپ نالە قىلىشلىرى سەمەتجاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.
-ئۆيدىن ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلق ئوغلىنىڭ قىقىرىغان يىغىسى ئاڭلاندى. بالىنىڭئېچىنىشلىق يىغىسى شەھەرنىڭ ئۆلۈك شاۋقۇنلىرى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالدى.

275

تېما

0

دوست

1329

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 18:33:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا دەھشەت كۈلۈۋەتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 22:39 , Processed in 0.133335 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش