توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1238|ئىنكاس: 15

توغراق تائام كۆنىكى 1-سان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
   شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورنىنىڭ بىرى بولغان، شىنجاڭ سەھەر گېزىتى  قارىمىقىدىكى  توغراق تورىمىز يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە مەزمۇن،يېڭىچە شەكىل بىلەن ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ قوللاپ –قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

   بىز خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيتىنى ئەڭ يۇقىرى تۈستە بېيىتىشنى نىشانلاپ، سۆھبەت يۆنىلىشىمىزنى ھەرخىل كەسىپ-ساھەگە كېڭەيتىپ، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىيارىمىزدىكى ئېسىل تائام مەدەنىيتىمىزنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە « توغراق تائاملىرى »پروگراممىمىزنى يولغا قويدۇق.

   « توغراق تائاملىرى » پروگراممىمىزنىڭ1-سانىدا ئۈرۈمچى شەھرىدىكى چىچەك تورت دۇكىنىنىڭ تورت ياساش ئۇستىسى ئابدۇجېلىلنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدىغان  بۆلجۈرگەن تورت ياساشنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇنداق بولسا دېققىتىڭلار ئېكرانىمىزدا بولسۇن.   



   ئەگەر سىز  ھەرقانداق مىلليچە ياكى غەربچە تائاملىرىمىزنىڭ ئىتىش ئۇسۇلىنى تورداشلار بىلەن ھەمبەرھرىلىنىش بىلەن بىرگە  تاماقخانىڭىزنى تەشۋىق قىلىشنى خالىسىڭىز، توغراق تورىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
  
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:  0991-2335292
   ئادىرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.      


***************************************

   چىچەك تورت دۇكىنى 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى ئېچىلىپ، تاكى ھازىرغىچە كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆزگىچە تورتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.2013-يىلى، چىچەك تورت دۇكىنىڭ تورت ئۇستىلىرى تۈركىيەدە تورت ياساش، ھامبۇرۇك بولكىسى، توخۇ پاچاق قانىتى قاتارلىق غەربچە تېز تائاملىرىنى ئۆگىنىپ، چوڭ كۆلەملىك چىچەك تورت دۇكىنىنى داۋەن خىڭچاڭ ياۋرۇپا گۈللىكىگە ئاشتى.
   چىچەك تورت دۇكىنىنىڭ قۇرغۇچىسى خەيرۇللا روزى مەمەت ـ چىچەك تورت دۇكىنىنىڭ غوللۇق تورت ئۇستىسى بولۇشتىن سىرت يەنە شىنجاڭدىكى بىرىنجى قارار تورت ئۇستىسىدۇر.  خەيرۇللا روزى مەمەت تۈكىيەدە تاتلىق تۈرۈم، نازۇ-نىممەت ساھەسىدە بىلىم ئاشۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 1500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىققان.

   چىچەك تورت دۇكىنىدا ھەرخىل تورتلار سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە ئالاھىدە تەييارلانغاندىن سىرت ھامبۇرۇك بولكىسى، توخۇ پاچاق قاناتلىرى يەنە ئاچچىق-چۈچۈك گۈرۈچ ئۇنى تائاملىرىمۇ سىزگە ئۆزگىچە لەززەت ئاتا قىلىدۇ.



  چىچەك تورت دۇنياسى ھەرۋاقىت شاگىرت قۇبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارماق دۇكانلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىچەك تورت دۇكىنى تەملىك تورتتىن سىرت يەنە «چىچەك گۈرۈچ ئۇنى قورۇمىسى»نى ئاساسلىق تائام قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئۆزگىچە «چىچەك گۈرۈچ ئۇنى قورۇمىسى» تائام تارماق دۇكانلىرىنى ئاچماقچى، چىچەك تورت دۇكىنى يەنە سىزگە ھەقسىز مال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.


   داۋەن خىڭچاڭ ياۋروپا گۈللۈكى ئىككىنچى قارار ئولتۇراق رايونىدىكى قايناق كوچىغا جايلاشقان چىچەك تورت دۇنياسى سىزنى كۈتمەكتە. سەبىيلىرىمىزنىڭ خوشاللىقى، مۇھەببەتلىك مىنۇتلار،دوستلار شاتلىقى دەل چىچەك تورت دۇنياسىدا.

   قېنى دوستۇم، تورت يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، تۇغۇلغان كۈن ۋە قۇتلۇق كۈنلەرنى تېخىمۇ رەڭدار ئۆتكۈزمەكچى بولسىڭىز، ئاغزى -ئاغزىغا يەتكەن ئۆزگىچە تەمگە ئىگە «چىچەك گۈرۈچ ئۇنى قورۇمىسى»نى تېتىپ بېقىشنى خالىسىڭىز، تورت ياساشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، ئەمسە چىچەك تورت دۇنياسىغا مەرھەمەت!
چىچەك تورتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نۇمۇرى:13999265453   0991—2883688

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-4 18:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل،يەپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ


ۋاقتى: 2014-12-4 19:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئەجەپ يىگۈم كەلدى،چوقۇم بارىمەن


ۋاقتى: 2014-12-4 19:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ يىگۈم كەلدى


ۋاقتى: 2014-12-5 19:23:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزى


ۋاقتى: 2014-12-6 18:45:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلىنىپتۇ.  تېخىمۇ تىرىشىڭلار.  سىلەرگە ئۇتۇق تېلەيمىز


ۋاقتى: 2014-12-8 11:51:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بېرىپ يەپ باقمىسام


ۋاقتى: 2014-12-10 17:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇييۇ نمدا تەملىك


ۋاقتى: 2014-12-31 12:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلىنىپتۇ


ۋاقتى: 2015-2-5 17:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئەجەپ يىگۈم كەلدى،چوقۇم بارىمەن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:06 , Processed in 0.129369 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش