توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 877|ئىنكاس: 4

‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-11 22:55:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇپراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 23:06  

242dd42a2834349b80ee8ac5c9ea15ce37d3be82.jpg


‹‹ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامى›› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا


        بەختىيار ئابدۇساتتار


ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭشېئىرلىرى،ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەركىپ تاپقان.تېكىست ئاپتورلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى  بىلەن تونۇشۇش مۇقامنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ماقالىداشېئرلىرى مۇقام تېكىستتى قىلىپ تاللانغان شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋەداستانلارنىڭ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مۇقام،  كىلاسسىك شائىرلار،داستانلار


1960-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق ‹‹ئون ئىككى مۇقام››كىتاۋىئېلان قىلىنغاندىن بۇيان،‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› ئىزچىل تولۇقلىنىپ ،رەتلىنىپ1992-يىلى ۋە 1997-يىللىرى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىندى.‹‹بۇ قېتىمقى رەتلىنىشلەردەئاھاڭلار تولۇقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە بۇرۇنقى تەكرارلانغان ،مۇزىكا رېتىمىگەماسلاشمايدىغان ،مەنبەسىز تەرمە مىسرالار ئورنىغا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرى ۋە بىرقىسىم خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار سەپلەندى››. جوڭگو قامۇس نەشرىياتى 1997-يىلىنەشىر قىلغان 12 توملۇق‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› كىتاۋىغا جەمئى 43 كىلاسسىكشائىرنىڭ شېئىرلىرى ۋە 13 خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئومۇمى تېكىست  3435 مىسرا .تېكىستى ئەڭ كۆپ ئىسلىتىلگىنى شائىر نەۋائىي بولۇپ جەمئى 594 مىسرا شېئىرى ،ئەڭ ئاز ئىشلىتىلگىنى نەفىسىي بولۇپ 4 مىسرا شېئىرى ئشلىتىلگەن.(چۈشۈرگىلەردىكى شېئىرلار قايتىلانغانلىقى ئۈچۈن ھىساپلانمىدى).خەلقداستانلىرىدىن باشقا بەزى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ داستانلارمۇ ئورۇن ئالغان.داستانلاردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگىنى ‹‹غېرىپ-سەنەم››داستانى بولۇپ ،جەمئى322 مىسرا ئېلىنغان.‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››غا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بۇ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە خەلق داستانلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش ۋە خەلققەتونۇشتۇرۇش، مۇقام تەتقىقاتىدىكى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا بىز خەلقىمىزگە بۇ شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە داستانلارنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى لايىق تېپىپ ،ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

1. شائىرلار  تەرجىمىھالى

ئەلىشىر نەۋائىي –(1441-1501) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ نەۋائىي 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.12 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قالغان.13-14ياشلاردا ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان.15 يېشىدىن باشلاپ شېئىريەتتەكۆزگە كۆرۈنگەن.1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا تۆمۈرىيلەر تەختكە چىققاندىن كېيىنئوردا ئەمەلدارى،ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان.1501 –يىلى 3- يانۋارداھېراتتا ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆز ھاياتىدا ‹‹چاھار دېۋان››(مەنىلەر خەزىنىسى)دىۋان ىبىلەن ‹‹ھەيراتۇل ئەبرار››،‹‹فەرھاد ۋە شېرىن›› ،‹‹لەيلى ۋە مەجنۇن››،‹‹سەبئەئى سەييارە››،‹‹سەددى ئىسكەندەر›› قاتارلىق بەش داستاندىن تۈزۈلگەن ‹‹خەمىسە››ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نەمۇنىلىرىدۇر.نەۋائىنىڭ يەنە ‹‹مەجالىسۇننەفائىس››(گۈزەللەر مەجلىسى)،‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن››(ئىككى تىل ھەققىدەمۇھاكىمە)،‹‹مەنتىقۇتتەيىر››(قۇشلار تىلى) قاتارلىق بىباھا ئەسەرلىرى بار.ئۇنىڭ594 مىسرا شېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                    

مەشرەپ- (1657-1711) بابارەھىم مەشرەپ 1657-يىلى نەمەنگان شەھەر ئەتراپىدىكى موللاۋەلى ئىسىملىك بۆزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقتىدا قەشقەرگە كېلىپ ئاپپاقغوجىغا شاگىرت بولۇپ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا يەتتە يىل تۇرغان.لېكىن ئاپپاق غوجاتەرىپىدىن ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ سەرگاندانلىق ھاياتىنى باشلىغان.ھىجرىيە 1123–يىلى (مىلادىيە 1711-يىلى) فېئودال روھانىيلارنىڭ تىل بۈرۈكتۈرۈپ پىتنە-ئىغۋاقىلىشى سەۋەپلىك قۇندۇز شەھىرىدە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.مەشرەپ ئىجادىيىتىدىن ‹‹مەبدەئىنۇر››،‹‹دىۋان مەشرەپ››قاتارلىق ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 140 مىسراشېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      سادىقىي-   ئەدىپ ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق قەشقەرى(تەخەللۇسى سادىقىي) قەشقەر كونا شەھەرناھىيەسىدە بىر دىنىي مۆتىۋەر زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.قەشقەردىكى ‹‹ساچىيەمەدرىسە››سىدە ئوقۇغان.بىر مەزگىل قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولغان.1850-يىلى قەشقەردە بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن.سادىقىي ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىدا ئەلشىر ناۋايىدىن كېيىن ئۆتكەن يەنە بىر ھوسۇللۇق ئەدىبدۇر.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ‹‹تەزكىرەئى ئەزىزان››(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى)،‹‹ئادابۇسسالىھىن››(ياخشىكىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى)،‹‹زۇبدەتۇلمەسائىل ››( مەسىلىلەر جەۋھىرى)،‹‹تەزكىرەئىئەسھابۇل كەئب››،‹‹تارىخى ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھ››(ئىسكەندەر خانلىقىتارىخى ۋە شاھلارنىڭ تاجىنامىسى)‹‹رىسالەئى كەسىپدار››(كەسىپدارلار رىسالىسى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ 10 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

ۋەفائىي-ئەھمەد ھاجىبەگ (تەخەللۇسى ۋەفائىي) 15-ئەسىردە سەمەرقەنتتە ياشىغان شائىرلارنىڭ بىرى.ئۇ سەمەرقەنت ھاكىمى بولۇپ ئەلشىر نەۋائىغا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان.نەۋائى ‹‹مەجالىسۇن نەۋائىس››ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ نامىنى تىلغائالغان.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

قەلەندەر-  شائىر قەلەندەر(نامرات،يوقسۇل دىگەن مەنىدە)نىڭ ئىسمى ،تۇغۇلغانۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات يوق.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن شائىرنىڭ18-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدەياشىغانلىقى،ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدە تۇغۇلۇپ،كېيىنكى ھاياتىنى خوتەندە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.ئۇنىڭ ئىجادى مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى خوتەندەيېزىلغان ياكى توپلام قىلىنغان. شائىرنىڭ ‹‹دىۋان قەلەندەر ›› ناملىق لىرىكشېئىرلار توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 72 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.                                 
مەھزۇن- ئىسمائىل (تەخەلۇسى مەھزۇن بولۇپ ‹‹غەمكىن››دىگەن مەنىدە) 18-ئەسىردەخوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى.شائىر يېشى 50 تىن ئاشقاندا ئۆز يۇرتىدىنجاھانكەچتى بولۇپ،يەركەن،قەشقەر،ئاقسۇ، كۇچارلارنى كەزگەن.شائىرنىڭ غەزەل،مۇخەممەس،مەسنەۋى(داستان)لىرىدىن تۈزۈلگەن‹‹دىۋانى مەھزۇن›› ناملىق توپلىمىبار. ئۇنىڭ 128 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.


      ئايازىي-ئايازبېك قۇشچى(تەخەللۇسى ئايازىي) 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقىيېرىمىدا،سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ياشاپ ،سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېقىن باتۇر بەگلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ،يەكەنخانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان،سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەتئەربابلىرىدىن بىرى ۋە تونۇلغان شائىر سۇپىتىدە يەكەن خانلىقىنىڭ سىياسى ۋەمەدەنىيەت ھاياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان شەخىستۇر.ئۇنىڭ ‹‹دىۋان ئايازى›› دىگەنتولۇقسىز قوليازمىسى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 50 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.


لۇتفىي-(1366-1465) نەۋائى تەرىپىدىن ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىرئۇستازى›› دەپ تەرىپلەنگەن تالانتلىق شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىي مىلادىيە1366-يىلى ھېراتتا تۇغۇلۇپ ،بۇ شەھەرنىڭ دىھكانار دېگەن يېرىدە تۇرمۇشىنى غېرىپلىقتا ئۆتكۈزگەن.1465-يىلى 99 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئەينى دەۋىردەتۈرك،پارس تىلىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان.ئۇنىڭ تۈركىي تىلىدىكى ئەسەرلىرى تاشكەنت ،ئىستانبۇل،لوندۇن،لېنىنگىراد قاتارلىق جايلاردىكى كۈتۈپخانا ۋەمۇزىيلاردا ساقلانماقتا.شائىرنىڭ ‹‹گۈل ۋە نەۋرۇز ››داستانى ۋە ‹‹دىۋان لۇتفى››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 44 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

    نىزارىي-(1776-1850) شائىر ئابدۇرەھىم نىزارىي 1776-يىلى قەشقەرشەھرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.30ياشقىچە قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئوقىغان.1830-يىلىلىرىدا زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىدىكى دىۋانخانىدا باش مىرزا بولغان.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە‹‹دىباچە››،‹‹لەيلى-مەجنۇن››،‹‹پەرھات-شېرىن››،‹‹رابىيە-سەئىدىن››،‹‹دۇرۇلنەجاد››(نىجاتلىقئۈنچىلىرى)،‹‹چاھار دەرۋىش››(زىيائى بىلەن)،‹‹غېرىپلار ھىكايىسى››(ئۈچەيلەنبىرلىكتە) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ۋە نۇرغۇن لىرىك غەزەللەرنى يازغان.ئۇنىڭ 16مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

زىيائىي – نەۋرۇز ئاخۇن (تەخەللۇسى زىيائى) 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان،كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق شائىرلاردىن بىرىدۇر.ئۇ نىزارىي بىلەن بىرلىكتە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دىۋانخانىسىدا كاتىباتلىق قىلغان.نىزارىي بىلەن ئىجادىيەتتە قىزغىن ھەمكارلاشقان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە‹‹‹‹ۋامۇق ۋە ئۇزرا››،‹‹مەسئۇتۋە دىلئارا›› ،‹‹مۇھزىنۇل- ۋائىزىن››(مۇڭلۇق ۋەزلەر)‹‹چاھار دەرۋىش››(يېرىمى)قاتارلىقئەسەرلەرنى  يازغان.ئۇنىڭ 22 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

زەلىلىي- شائىر گۇمانىزىمچى ۋە پەيلاسوپ مۇھەممەد سىدىق زەلىلىي تەخمىنەن مىلادىيە1676 –يىلى يەركەندە تۇغۇلغان.يەركەندىكى مەدرىسلەردە بىلىم ئالغاندىن كېيىن قەشقەر، خوتەن،ئاقسۇ،كۇچار،تۇرپان،قۇمۇللارنى ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ چىققان.50ياشلارغا كىرگەندە خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە ‹‹دىۋان زەلىلى››ناملىقتوپلامنى (غەزەل،مۇخەممەس ۋە قەسىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)،‹‹سەپەرنامە››(1720-يىلى) 1400 بېيىتلىق داستانىنى،‹‹تەزكىرەئى چىھلىتەن››(1736-يىلى) 565 بېيىتلىقرىۋايىتىنى،‹‹تەزكىرەئى خوجا مۇھەممەد شىرىپ››(1742) قاتارلىق بىر قىسىم دىنىي مەزمۇنغائىگە تەزكىرە-تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان.زەلىلىي شېئىرلىرى يۇقىرى پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە.ئۇنىڭ 94 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      ئاتايى- (14-15-ئەسىر) تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىرمەۋلانە ئاتايىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات يوق.‹‹مەجالىسۇننەفائىس››،‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين›› قاتارلىق مەنبەلەردە ئاتايىنىڭ يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە ئەدىپ بولۇپ ،ئۇنىڭ تاشكەنت بىلەن سايرام ئارىلىقىدىكى ھېزدىياندېگەن قىشلاقتا ياشىغانلىقى، نەسەپ جەھەتتىن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ قېرىندىشىئىسمايىل ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسۈتىلگەن.ئۇ دەسلەپتە پەرغانىدەياشىغان.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ‹‹دىۋان شەيخزادە ئاتايى›› ناملىق قوليازماتوپلىمى ھازىر پېتىربورگدا ساقلانماقتا.ئاتايى ئەدىپنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئۆزىنى ھەق ئاللا يولىغا بېغىشلۇغۇچى دېگەن مەنىدە.ئۇنىڭ 46 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                    

فۇتۇھىي – (1717-1756) شائىر خوجا سىدىق(تەخەللۇسى فۇتۇھىي)1717-يىلى ئىلىۋادىسىدا تۇغۇلغان.1732 –يىلى دادىسى خوجا جاھان(ئەرشىي) بىلەن بىرلىكتە ئانايۇرتى يەركەنگە كەلگەن.ھىجرىيە 1169- يىلى (مىلادىيە 1756-يىلى) بۇرھانىدىن خوجاتەرىپىدىن ئاتىسى بىلەن بىللە قەتلى قىلىنغان.شائىر فۇتۇھىينىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.   ئۇنىڭ 58 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.            

زوھۇرىي- زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپانداتۇغۇلغان.تۇرپاندىكى ۋاڭ ئەۋلاتلىرىدىن. 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.ئۇ قەشقەردە ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان.قەشقەر رايونىنىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈلبۆلگەن ھەمدە ئۆزىمۇ زوھۇرىي تەخەللۇسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان.شائىرنىڭ‹‹دىۋان زوھۇرىي›› ناملىق توپلىمىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپكەلگەن.ئۇنىڭ 60 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                                             

سەككاكىي – (1380-1465) ‹‹ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ چېچەنلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى››(نەۋائىي سۆزى) دەپ تەرىپلەنگەن شائىر سەككاكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغبەك دەۋرىدە سەمەرقەندتە ياشاپ ئۆتكەن.مۆجىزى ئۇنى ‹‹ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ 16 –پىرى ››دەپئاتىغان.ئۇ `15-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەسىدە ژانىرىنى يۈكسەكلىككەكۆتۈرگەن.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر قوليازما دىۋانى ھازىر بۈيۈكبىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.                                                                          

نەۋبەتىي- (1697-1760؟) لىرىك شائىر نەۋبەتىي ھىجىرىيە 1109 –يىلى (مىلادىيە 1697 –يىلى)خوتەندە تۇغۇلغان.يەكەن،خوتەنلەردە بىلىم تەھسىل قىلغان.ئۆز ئۆمرىنى خوتەندەدوراپۇرۇشلۇق ۋە خەتتاتلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن.شائىرنىڭ 1747- يىلى تۈزۈلگەن ‹‹دىۋاننەۋبەتىي››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 90 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                                     

        سەئىدىي-(1487-1533) يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتانسەئىدخاننىڭ غەزەللىرىدە قوللانغان تەخەللۇسى.ئۇ ھىجرىيە 892-يىلى(مىلادىيە1487-يىلى)موغۇلىستاندا تۇغۇلغان.سۇلتان سەئىدخان مەرىپەتپەرۋەر ،ئەخلاق-پەزىلىتىياخشى،ئەلەمگىمۇ،قەلەمگىمۇ ماھىر،مۇزىكا بابىدا يېتىشكەن كىشى بولۇپلا قالماي،يەنەشائىرلىق تالانتىغىمۇ ئىگە ئىدى.ئۇ ئۆز ھاياتىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ پەقەت ئىككى پارچە غەزىلىلا بىزگىچە يېتىپكېلەلىگەن.ئۇ 1533-يىلى تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپاتبولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                     

نەفىسىي- (1534- 1567) يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، شائىرەخانىش ئاماننىساخان (تەخەللۇسى نەفىسىي) 1534- يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسىبويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ۋەئىجادىيىتىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللامۆجىزىنىڭ ‹‹تەۋارىخى مۇسىقىيۇن››ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلەنگەن.ئاماننىساخان 13يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق ئوردا ھاياتىدا،فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى ،جاھالەتچى روھانىيلارنىڭ تەقىپقىلىشلىرىغا قارىماستىن ،ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يېتىلدۈرۈپ،ئۇيغۇر ‹‹ئونئىككى مۇقام››نىڭ سېستىمىلىشى،مۇكەممەلنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان. ئۇيەنە خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ‹‹ئەخلاقى جەمىلە››(گۈزەل ئەخلاق)،‹‹شۇرۇھۇلقۇلۇپ››(قەلبلەرھېكمىتى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.‹‹ئىشرەت ئەنگىز››ناملىق مۇقامنى ئىجادقىلغان.1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 4 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

رەشىدىي- (1512-1560) مەرىپەتپەرۋەر سۇلتان ۋە تالانتلىق شائىرئابدۇرەشىدخان(تەخەللۇسى رەشىدىي) 1512-يىلى موغۇلىستان خانلىقى تەۋەلىكىدىكىئەنجان شەھرىدە تۇغۇلغان.1533-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىققىلغان.رەشىدىي ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا غايەت زورنەتىجىلەرنى ياراتغان.ئاماننىساخان،قىدىرخان قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىرەتلەش ئىشلىرىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.‹‹تارىخى رەشىدى(زەيلى)››دارەشىدىينىڭ ئىككى پارچە پارىسچە شېئىرى ۋە ئۈچ پارچە غەزىلى خاتىرلەنگەن.شائىرنىڭ ‹‹دىۋانرەشىدىي››،‹‹سەلاتىنامە ››،‹‹كىتابى تەنبىيە-ئەنتەربىيە››قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.ئەمما بۇلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                         

      گەدائىي –لىرىك شائىر مەۋلانە گەدائىي 15 –ئەسىردە ھېراتتا ياشاپئۆتكەن،ئۇ تەخمىنەن 1404 –يىلى تۇغۇلغان.ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇركىيتىللىق خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە شۆرەت قازانغان.گەدائىينىڭ‹‹دىۋانىگەدائىي››ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ قوليازمىسى پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسىداساقلانماقتا.ئۇنىڭ 30 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                                              

ناقىسىي –(1840-1920)شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (تەخەللۇسىناقىسىي)ھىجرىيە 1259-يىلى (مىلادىيە 1840-يىلى)يېڭىسار بازار ئىچىگە جايلاشقانمەدرىسە كۆلبېشى مەھەللىسىدە دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۆسمۈرلۈك ۋەياشلىق دەۋرىدە يېڭىسار ۋە قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان.كېيىنچە يېڭىساردىكىتايبەگ مەدرىسىدە مۇددەررسلىك قىلغان.شائىر ناقىسىي ئۆز ھاياتىدا ‹‹دىۋان ناقىسىي››،‹‹بەھىسھەكىمبەگ››،‹‹قۇتلۇقنامە››، ‹‹مەۋجۇدۇلقۇلۇب››،‹‹نۆللى دىمەن››،‹‹نەسىھەتنامەئۇسنۇر بايانى›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئىران شائىرى شەيخ ئىنەيىتۇللانىڭ ‹‹باھاردانىش›› ناملىق داستانىنى پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭغا ‹‹گۈلزاربىنىش››(تىكەنسىز گۈل)دەپ ئىسىم قويغان.ناقىسىي 1920-يىلى يېڭىساردا ۋاپاتبولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                    

سەيفى سەرائىي- (1321-1396) سەيفى سەرائىي 1321 –يىلى ماۋەرائۇننەھردەتۇغۇلغان.بىر مەزگىل يۇرتىدىن ئايرىلىپ مىسىر ،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردەياشىغان.1396 –يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەركىزى ساراي شەھىرىدە ۋاپاتبولغان.شائىرنىڭ ‹‹گۈلىستان بىت تۈركى›› ناملىق توپلىمى،‹‹سۇھەيىل ۋە گۈلدۇرسۇن››ناملىقتراگېدىيىلىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                                             

گومنام-(1634-1724) ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى،مۇتەپپەككۇرى مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلىھىرقەتى 1634-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسى(ھازىرقى تازغۇنيېزىسى)دا تۇغۇلغان.ياشلىقىدا قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇغان.30 ياشلارغاكىرگەندە دادىسى غوجامقۇلى بىلەن بىرلىكتە ئاپاق خوجا ھوزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭغاخىزمەتكار بولغان .ئۇ 1670-يىللىرى يازغان‹‹مۇھەببەتنامە-مېھنەتكامە››ناملىقداستانىنى‹‹ھىرقەتى›› (ئىشىق ئوتىدا كۆيگۈچى،قەلبى ئوت بولۇپ يانغۇچى دېگەنمەنىدە) تەخەللۇسى بىلەن يازغان بولسا، پۈتۈن لىرىك غەزەل،مۇخەممەسلىرىنى ‹‹گومنام››(ۋەھدەتىۋۇجۇد يولىدا نامى يوقالغان دېگەن مەنىدە)تەخەلللۇسى بىلەن يازغان.ئۇنىڭ 50 مىسراشېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                

ئەرشىي-(1685-1755) خوجاجاھان(ياقۇپ)(تەخەللۇسى ئەرشىي) 18-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرى.خوجەندتە تۇغۇلغان.ئۇ 1730-يىلىدىن 1756-يىلغىچە ئالتە شەھەرنىڭ خانىبولغان.ئادالەت ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك بىلەن يۇرتنى گۈللەندۈرگەن.1756-يىلىجۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايانغان بۇرھانىدىن خوجا تەرىپىدىن پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىبىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.شائىرنىڭ ‹‹دىۋان ئەرشىي››ناملىق بىر توپلىمىبار.ئۇنىڭ 60 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.                                                                           

بىلال نازىمىي- (1824-1899)موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ(تەخەللۇسىنازىمىي)مىلادىيە 1825-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.غۇلجىدىكى ‹‹بەيتۇللا›› مەدرىسىدەئوقۇغان.1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.19-ئەسىرنىڭ80-يىللىرى چارروسىيە ئىشغالىيىتىدىكى ياركەنت شەھرىگە كۆچۈپ كەتكەن.1902-يىلىئاشۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇ ‹‹غەزەليات›› ناملىق لىرىك غەزەللەر توپلىمى،‹‹نوزۇگۇم››،‹‹چاڭموزايۈسۈپخان››،‹‹غازات دەر مۈلكى چىن›› قاتارلىق تارىخى داستانلارنى يازغان.ئۇنىڭ 58 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          ھۇۋەيدا- مۇتەپپەككۇر شائىر خوجانەزەر غايىپنەزەر(تەخەللۇسىھۈۋەيدا)(ئاشكارە،ئوچۇق دىگەن مەنىدە)18-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆزبىكىستاننىڭ پەرغانەئوبلاستى چىميان دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.بىر مەزگىل ئاپپاق خوجىغا مۇرت بولغان.1780 -يىلى ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ ‹‹كىتابى ھۇۋەيدائى كىميانى››ناملىق دىۋانىبار.ئۇنىڭ 76 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          غەرىبىي-(1802-1862)شائىر تۇردى نازىم غەرىبىي 1802-يىلى قەشقەركوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ تىلسۇزاق كەنتىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.كېيىنچەئۇنىڭ ئائىلىسى قەشقەر شەھرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىرگەندە،بۇمەھەللىدىكى ئابدۇرەھىم نىزارىي بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىدە تالانتىنىنامايەن قىلغان.غېرىبىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى تۇرمۇشى غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن.كېيىنئۇ نىزارىنىڭ ۋاستىسى بىلەن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ كاتىباتخانىسىدا مىرزابولغان.مۇشۇ مەزگىللەردە.ئۇ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ‹‹كىتابى غەرىب››ناملىقئەسىرىنى (1840-يىلى)،نەۋائىنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن‹‹شاھ بەھرام››داستانىنىيازغان.1862-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 10مىسرا شېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

ھاپىز شىرازىي- (1300- 1389) شەمسىددىن مۇھەممەت ھاپىز شىرازىي ئىراننىڭ شىراز شەھرىدە ئىسفاھانلىق سۇنغان سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكچېغىدىلا ئاتىسىدىن يىتىم قېلىپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە قالغاچقا، ئۆز كۈچى بىلەنتۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ياش چېغىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ، نۇرغۇن«قەسىدە »،«قىتئە«،‹‹رۇبائىي»، «مەسنەۋى» ۋە «غەزەل» لەرنى يازغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭلېرىك شېئىرلىرى داڭ چىقارغان.18-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى زىلەيخابېگىم تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.1985-يىلى تاشكەنتتە ‹‹ھافىزشېئىرلىرى››دىگەن كىتاۋى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ 50 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

            بابۇر- (1483-1530) زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر مەشھۇر ئەدىپ ۋەجامەئەت ئەربابى بولۇپ 1483- يىلى پەرغانىدە تۆمۈرىلەر ئەۋلادىدىن بولغان ئۆمەرشەيخ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئانا تەرەپتىن يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتانسەئىدخان ۋە ‹‹تارىخى رەشىدىي››نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرەبولىدۇ.12 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قېلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا فەرغانە ئەمىرىبولغان.1526-يىلى ھىندىستاندا تۈرك موغۇل ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان. شائىر 16-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئىككى دىۋان تۈزگەن.ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرى نامەلۇم.ئاز بىرقىسىم غەزەللىرى ۋە ‹‹بابۇرنامە››ناملىق بىئوگرفىك ئەسىرى بىزگىچە يېتىپكەلگەن.ئۇنىڭ 42 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          سەبۇرىي- شائىر ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرىي 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىداقەشقەر شەھرىنىڭ قوغان يېزىسىدا تۇغۇلغان.بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا قەشقەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا (مەدرىسلەردە) ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشىپزامانىسىنىڭ بىلىملىك ۋە مەرىپەتلىك كىشىسىگە ئايلانغان.قاچان ۋاپات بولغانلىقىھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئۆز ھاياتىنى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن شائىر ئۆزئۆمرىدە بىر تۈركۈم غەزەل،مەسنەۋى ۋە تەرجىبەندلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.سەبۇرىئەسەرلىرىدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن ‹‹بەھرىلئەنساپ››(نەسەپلەر دېڭىزى)،‹‹نەۋائىنىڭئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا››،‹‹دىۋان سەبۇرىي››،‹‹مالاقەت››قاتارلىقلاربار.ئۇنىڭ 8 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

  نىيازىي - موللا نىياز مۇھەممەد نىياز ئىبنى ئابدۇغوپۇر خوتەندەتۇغۇلۇپ، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن -19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشاپ ئىجادئەتكەن تالانتلىق شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان. نىيازىينىڭ ھازىرغا قەدەر بىزگەمەلۇم بولغان ئەسەرلىرىدىن «دىۋان نىيازىي»، «تۆت ئىمام زەبىھۇللا تەزكىرىسى«داستانى،‹‹ئەمىر ئەبۇ مۇسلىم››ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى داستانى،‹‹قىسسەسۇل غەرايىب»،«تارىخىي ۋاپاتنامە» ۋە موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى: مىسكىن)، موللا سالىھ(تەخەللۇسى: سالېھى)، موللا نىياز (تەخەللۇسى: نىيازى)قاتارلىق ئۈچ نەپەر شائىرنىڭلېرىك شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىدىن تۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى بىر شېئىرلار توپلىمى بار.بۇلاردىن باشقا شائىرنىڭ يەنە نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى بولۇپ، بىزگە ھازىرغىچەمەلۇم بولغىنى پەقەت ‹‹تارىخىي رەشىدى» دىن ئىبارەت.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئونئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      ھۈسەينىي- (1438-1506)ھۈسەيىن بايقارا(تەخەللۇسى ھۈسەينىي)1438-يىلى ھېراتتا تۇغۇلغان.1469-يىلى تۆمۈرىيلەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.1506-يىلى ھەربى يۈرۈشتە ۋاپات بولغان. ناۋائى ‹‹مەجالىسۇن نەفائىس›› تا ھۆسىيىنبايقارانىڭ ئەينى دەۋىر مەدىنىيىتىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.شائىرنىڭ ‹‹رىسالەئى ھۆسەيىن بايقارا›› ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكىمەلۇم. ئۇنىڭ 10 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

    ھافىز خارەزمىي-ئابدۇرەھىم ھافىز (تەخەللۇسى خارەزمىي)خارەزملىق بولۇپ.كېيىن شىراز شەھرىدە ياشاپ شۇ يەردە ۋاپات بولغانشائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇ تۆمۇرىيلەر دەۋرى ئەدەبىياتىدا ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىۋە نادىرلىقى بىلەن شۇ دەۋىر ئەدەبىيات مۇنبىرىگە جۇلا قوشقان يىرىك ئەدىپلەردىنبىرىدۇر.ئۇنىڭ ‹‹دىۋانى ھافىز تۈركىي››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

        مىسكىن- موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى مىسكىن) 18-ئەسىر ئۇيغۇرئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر.ئۇ خوتەندە تۇغۇلغانبولۇپ،ئەينى زاماندا خوتەن ھۆكۈمرانى ئەمىر ئەزىزنىڭ ھوزۇرىدا كاتىپ بولۇپئىشلىگەن.موللا ھەيدەر 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ‹‹جەڭنامە ھەزرەت ئىلى››،‹‹رەۋزەتۇششۇھۇدا›› داستانلىرىنى يازغان.‹‹ئەمىر ئابامۇسىلىم›› ناملىق ئەسەرنى پارىسچىدىنتەرجىمە قىلغان.ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          مەشھۇرىي- ئىبراھىم مەشھۇرىي 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭئالدىنقى يېرىمىدا يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىردۇر.شائىرنىڭ ‹‹دىۋان مەشھۇرى››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.  ئۇنىڭ 114 مىسراشېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          فۇزۇلىي __(1504-1562) مۇھەممەت سۇلايمان ئوغلى فۇزۇلىي مىلادى1504-يىلى ھازىرقى ئىراقتىكى باغداتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كەربالا شەھىرىدەدۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى سۇلايمان ھەزرەت باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ھىلەشەھىرىنىڭ مۇفتىسى بولغان. فۇزۇلىي ئۆز ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باغداتتا ئۆتكۈزۈپ،شۇ جايدا شۆھرەت قازانغان. شۇڭلاشقا ''فۇزۇلىي باغداتى'' دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فۇزۇلىيئۆز ئانا تىلى ''چاغاتاي'' تىلىدا نۇرغۇن شېئىر-غەزەللەرنى يازغاندىن تاشقىرى يەنەپارىس تىلىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرىيەتتە ''نەۋايى سانى'' (ئىككىنچىنەۋايى) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ‹‹دىۋان فۇزۇلىي›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى تا ھازىرغىچەساقلىنىپ كەلمەكتە. فۇزۇلىي مىلادى 1562-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 12مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          سالىھىي-رىئالىسىت شائىر موللا سالىھ ھىجىرىيە 1157-يىلى(مىلادىيە 1742-يىلى)قارىقاش ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلا يېزىسى مەڭلەي كەنتىدە تۇغۇلغانۋە شۇ يەردە ياشىغان.شائىرنىڭ غەزەل،مەسنىۋى،مۇرەببە،مۇخەممەس،مۇستەھزاد ۋە كىچىكتىپتىكى ئىپىك شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 14مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

          ئابىدىي- ئابىد قۇمۇلى 17-18 –ئەسىرلەردە قۇمۇلدا ياشاپ ئۆتكەنلىرىك شائىر بولۇپ،ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يەركەن خانلىقى ئاخىرلىشىپ،خوجىلارھۆكۈمرانلىقى باشلانغان دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ.ئەدىبنىڭ بىر قىسىم غەزەللىرى ‹‹باياز››لارغاكىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 12  مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

    زۇمۇررەد- 19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ئۆتكەن شائىرەدۇر.ئۇنىڭ خېلىكۆپ شېئىرلىرى ‹‹باياز››لارغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 16 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      نەسىمىي- تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس.‹‹باياز››ناملىق توپلامغا ئۇنىڭبىرنەچچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 68 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غاكىرگۈزۈلگەن.

      فىراقىي-  - تەرجىمىھالى ئېنىقئەمەس.‹‹باياز››ناملىق توپلامغا ئۇنىڭ بىرنەچچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 30 مىسراشېئىرى  ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      مەزھەرىي- تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس.‹‹باياز››ناملىق توپلامغائۇنىڭ بىرنەچچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

      رىزائىي-  - تەرجىمىھالى ئېنىقئەمەس.‹‹باياز››ناملىق توپلامغا ئۇنىڭ بىرنەچچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ 12 مىسراشېئىرى  ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.

                                2.  داستانلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى                  

‹‹غېرىپ-سەنەم››داستانى – بۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مۇھەببەتداستانلىرىنىڭ بىرى.داستاندا غېرىپ بىلەن سەنەمدىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ مۇرەككەپمۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق فېئوداللىق ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتلەر ۋە مۇھەببەت ،بىكاھ ئەخلاقىدىكى پاسسىپ ئىدىيىۋى قاراشلارتەنقىدلىنىدۇ.بۇ داستان بىزگىچە ئاغزاكى ھەم يازما ھالەتتە يېتىپ كەلگەن.‹‹ئونئىككى مۇقام››غا ‹‹غېرىپ-سەنەم››داستانىدىن 322 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.                                             

‹‹يۈسۈپ- ئەھمەد›› داستانى –بۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ئۆزگىرىشچانۋەقەلىككە ئىگە،كۆپ ۋارىيانتلىق،چوڭ ھەجىملىك قەھرىمانلىق داستانىدۇر.ئۇنىڭدائاكا-ئىنى بەگزادىلەر يۈسۈپ بىلەن ئەھمەدنىڭ كۆكچى ئەييارنىڭ ھىيلە-مىكرىسىگەئالدىنىپ يات ئەلگە بارغاندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنىدۇ. ‹‹ئونئىككى مۇقام››غا‹‹يۈسۈپ-ئەھمەد››داستانىدىن 92 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.                           

‹‹قەمەرشاھ-شەمسى جانان›› داستانى- بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى فانتازىيەلىكداستاندۇر.ئۇنىڭدا ئىسپىھان شاھزادىسى قەمەر شاھنىڭ كۇھىقاپ دىۋە-پەرىلەرپادىشاھىنىڭ يالغۇز قىزى شەمسى جاناننىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ،ئۇنىڭغا سادىقبولۇپ،قاتمۇ-قات جەبرى-جاپالار چەككەنلىكى ۋە ئاخىرىدا شەمسى جاناننى تېپىپ تويقىلىپ،مۇراد-مەقسىتىگە يەتكەنلىكى ھىكايە قىلىنىش ئارقىلىق ،سۆيگۈ-مۇھەببەتئەركىنلىكى كۈيلىنىدۇ.ۋاپا-ساداقەت ئۇلۇغلىنىدۇ. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا ‹‹قەمەرشاھ-شەمسىجانان››داستانىدىن 24 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.                     

      ‹‹ھۆرلىقا-ھەمراجان›› داستانى- بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرائەسىرلىك ئىجتىمائىي ھاياتى فانتازىيەلىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن مۇھەببەتداستانىدۇر.بۇ ئەسەردە ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ۋە قېرىنداشلىرىغاتۇتقان ئوخشىمىغان مۇئامىلىسى ۋە ھۆرلىقا بىلەن ھەمراجان ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتۋەقەلىكى بايان قىلىنىدۇ. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا ‹‹ھۆرلىقا-ھەمراجان››داستانىدىن56 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.                       

‹‹شاھزادە فەررۇخ ۋە مەلىكە گۈلرۇخ››داستانى- داستاندا قەندىھار شاھزادىسىفەررۇخنىڭ يەمەن پادىشاھى قىلىچخاننىڭ قىزى گۈلرۇخقا ئاشىق بولغانلىقى ،لېكىنقىزنىڭ ئاتىسى مەلىكە گۈلرۇخنى خەيبەر خانلىقىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە ماقۇللۇقبىلدۈرۈپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەر؛گۈلرۇخنىڭ شاھزادەفەررۇخقا بولغان ساداقىتى ،لېكىن خەيبەرخاننىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن يەمەننىبېسىۋېلىشى،فەررۇخنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى،ئاخىردۈشمەننىڭ ‹‹ھىيلە-مىكىر›› ئارقىلىق فەررۇخنى نابۇت قىلغانلىقىدەك پاجەلىكمۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان.خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكىكۈيلىنىپ،زوراۋانلىققا قارشى دېموكراتىك روھ ئالغا سۈرۈلگەن. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا‹‹ شاھزادە فەررۇخ ۋە مەلىكە گۈلرۇخ›› داستانىدىن 52 مىسراشېئىر كىرگۈزۈلگەن.                  

‹‹تاھىر-زۆھرە›› داستانى- بۇ مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىئەڭ تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن خەلق داستانلىرىنىڭ بىرىدۇر.بۇنىڭدا تاھىر بىلەن قاراباتۇر ۋە ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى قاراخان ئوتتۇرسىدىكى زۆھرەنى تالىشىش كەسكىنكۈرەشلىرى بايان قىلىنىدۇ.بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيخەلقلەرگە،پارىسلار،ھىندى،ئەرەپ خەلقلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.بۇ داستاننىڭقەشقەردە كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ترانسكرىپىسىيىسى ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى بىلەن1930-يىلى لوندۇندا نەشىر قىلىنغان. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا ‹‹تاھىر-زۆھرە››داستانىدىن10 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.                                                                       

      ‹‹سەنەۋبەر›› داستانى- چىن مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىق كۈيلەنگەنئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،داستاندا چىن ماچىن مەملىكىتىنىڭ شاھزادىسىچۈشىدە شەھىرى شەبىستاننىڭ پادىشاھى پەررۇخنىڭ قىزىغا ئاشىقبولۇپ،ئاتا-ئانا،يۇرتىدىن خوشلىشىپ يولغا چىققانلىقى ۋە خىلمۇ-خىل گۈزەلفانتازىيەلىك سەرگۈزەشتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ھىكايە قىلىنىدۇ.سەنەۋبەر 500خاس يىگىتىدىن ئايرىلىدۇ.سەنەۋبەرگە جادۇگەرنىڭ قىزى مەرەڭگۈز،زەڭگىلەرپادىشاھىنىڭ قىزى كۆيۈپ قالىدۇ.ئۇ بۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلىدۇ.رودىپايلارنىڭزۇلمىغا ئۇچراپ،ئاخىرى قەھرىمانلىق بىلەن ئۇلارنى يوقىتىدۇ.ئاخىرى سۇمرۇخنىڭياردىمى بىلەن شەھىرى شەبىستانغا يېتىپ بېرىپ،يارى بىلەن تېپىشىپ،مۇرادىغا يېتىدۇ.‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا ‹‹سەنەۋبەر››داستانىدىن 96 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.

        ‹‹پەرھاد-شېرىن››داستانى-قەدىمكى دەۋىرگە مەنسۇپ ئۇيغۇر خەلقداستانى بولۇپ،داستاندا خوتەن شاھزادىسى پەرھادنىڭ ئاشىغى شېرىن ئۈچۈن ئىراننىڭزالىم شاھى خىسراۋ بىلەن قىلغان قاتتىق جەڭلىرى بايان قىلىنىدۇ.جەڭدەكەينى-كەينىدىن يېڭىلىپ ،پەرھادنى يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەن خىسراۋ نامەردلىك قىلىپ،جادۇگەر كەمپىرنى ئىشقا سېلىپ.سۇيقەست بىلەن پەرھادنى ئۆلتۈرۈدۇ.بۇ خەۋەرنىئاڭلىغان شېرىن پەرھادنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ،ئۆزىگە پىچاق سېلىپ ئۆلىۋالىدۇ. ‹‹ئونئىككى مۇقام››غا ‹‹پەرھاد-شېرىن››داستانىدىن 18 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.

      ‹‹يۈسۈپ-زۇلەيخا››داستانى-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارسىي ۋە تۇركىيتىللىق خەلقلەر تارىخىدا كەڭ تارقىلىپ سەييارە ۋەقەلىككە ئايلىنىپ كەتكەنئاشۇق-مەشۇقلار توغرىسىدىكى قىسسە بولۇپ،داستاندا،يۈسۈپ بىلەن زۇلەيخانىڭبىر-بىرىگە بولغان ئاشىقلىقى،مۇراد-مەقسىدىنىڭ ھاسىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈشئۈچۈن كۆرسىتىلگەن غايەت زور تىرىشچانلىقلار،ھەسرەت ۋە نادامەتلەر،سۇيقەست ۋەھىيلە-مىكىرلەر تەسۋىرلىنىپ ،ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىققامەدھىيە ئوقۇلغان. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا ‹‹يۈسۈپ-زۇلەيخا››داستانىدىن 34 مىسراشېئىر كىرگۈزۈلگەن.

    ‹‹ شاھزادە نىزامىدىن ۋە مەلىكە رەنا››داستانى-بۇ ئۇيغۇرلارنىڭئىسلامىيەتتىن كېيىنكى داستانلىرىدىن بىرى بولۇپ،داستاندا شاھزادە نىزامىدىننىڭمەلىكە رەناغا ئاشق-بىقارار بولغانلىقى،ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن كەچۈرگەنكەچۈرمىشلىرى،بۇ  ئىككىسىنىڭ ئىشىنى ئۇققان مەلىكە رەنانىڭ دادىسىنىڭ غەزەپلىنىپئۆز قىزىنى ئۆلۈمگە بۇيرىغانلىقى ، ئاخىرى ئىككىسىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەنئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.‹‹ئۇن ئىككى مۇقام››غا بۇ داستاندىن 32مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.

‹‹بەھرام-دىلئارام›› داستانى-ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان داستانلارنىڭ بىرىبولۇپ، ئىران شاھى بەھرام گۆر بىلەن خوتەن گۈزىلى دىلئارامنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى بايان قىلىنىدۇ.داستاندا شاھ بەھرام گۆرنىڭ دىلئارامنىڭ سۈرىتىنىكۆرۈپ ئاسىق-بىقارار بولغانلىقى،دىلئارامنىڭ ۋەسلىگە يەتكەنلىكى،كېيىنچەئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىپ خەلقى بىلەن كارى بولمىغانلىقى،شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭۋەيران بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا بۇ داستاندىن 16 مىسراشېئىر كىرگۈزۈلگەن.

  ‹‹شاھزادە دىلدار-مەلىكە مېھىرلىقا ››داستانى-بۇفنتازىيەلىك-سېھىرگەرلىك تېمىسىدىكى داستان بولۇپ،داستاندا پادىشاھ مەھمۇرنىڭ بىرئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقى ،كۈيىقاپ پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ قېچىپ ئۆزقىزى مېھىرلىقا بىلەن تەڭ بېقىپ چوڭ قىلغانلىقى،شاھزادە دىلدار بىلەن مەلىكەمىھىرلىقانىڭ بىرگە چوڭ بولۇش جەريانىدا بىر-بىرىگە ئاشىق-بىقاراربولغانلىقى،مىھىرلىقاغا غايىۋانە كۆيگەن قازىنىڭ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنشاھزادە دىلدارنى قەستلەيدىغانلىقى ،ئاخىرى شاھزادە دىلدار بىلەن مەلىكەمىھىرلىقانىڭ غەلىبە قىلىپ مۇراد-مەقستىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.‹‹ئون ئىككىمۇقام››غا بۇ داستاندىن 20 مىسرا شېئىر كىرگۈزۈلگەن.

  ‹‹گۈلشاھ-ۋەرەقە›› داستانى –بۇ قەدىمقى دەۋىرگە مەنسۈپ داستانبولۇپ،داستاندا مەككە شەھرىنىڭ مەغرىپ تەرىپىدە بەنى شەيبان دىگەن قەبىلىنىڭ ئىككىيولباشچىسى بولغانلىقى ،ئاياللىرىنىڭ بىر كۈندە بىر قىز،بىر ئوغۇليەڭگىگەنلىكى،ئوغۇلغا ۋەرەقە،قىزغا گۈلشاھ دەپ ئىسىم قويغانلىقى،ۋەرەقە بىلەنگۈلشاھنىڭ بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بىر-بىرىگە ئاشىق بولغانلىقى،ئىككىسىنىڭتوي كۈنى گۈلشاھنىڭ بەنى سەف قەبىلىسىنىڭ سەردارى بەنى ئەمرۇ تەرىپىدىن ئېلىپقېچىلغانلىقى،ۋەرەقەنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى ئېلىشىشلىرى،كېيىن يەمەن شاھىبولغان تاغىسىنى ياۋلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جەڭلىرى،ئۇ يەمەندىنقايتىپ كەلگۈچە گۈلشاھنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ گۈلشاھنى شام پادىشاھى مۇھىن شاھقابېرىۋېتىدىغانلىقى،مۇھىن شاھنىڭ بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپئۇلارنىڭ مۇراد-مەقسىدىگە يېتىشىگە يول قويغانلىقى،ۋەرەقەنىڭ ئۆز يۇرتىنى كۆرۈپ كېلىشيولىدا ئىشىق ئوتىدا جان ئۈزگەنلىكى ،بۇنى ئاڭلىغان گۈلشاھنىڭمۇ ئۆزىگە خەنجەرسېلىپ ئۆلىۋالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا بۇ داستاندىن 10 مىسراشېئىر كىرگۈزۈلگەن.

  قوشۇمچە:‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››غا شېئىرى كىرگۈزۈلگەنشائىرلارنىڭ ئىسمى ۋە تېكىست سانى كۆرسەتكۈچ جەدۋىلى:

تېكىست سانى

(مىسرا)        شائىر ئىسمى   تېكىست سانى

(مىسرا)      شائىر ئىسمى     تېكىست سانى

(مىسرا)    شائىر ئىسمى

28           نىيازىي     20           سەئىدىي                               594     نەۋائىي

20           ناقىسىي   90           نەۋبەتىي           140         مەشرەپ

14        سەيفىي سەرايىي     50           گومنام         10       سادىقىي

10           غەربىي     12           ئابىدىي           72                 قەلەندەر

22             زىيائىي     16           نىزارىي         128             مەھزۇن

291        خەلق قوشىقى   14           مەزھەرىي             76                 ھۇۋەيدا

322         غېرىپ-سەنەم       10           ھۈسەينىي         50             ئايازىي

16        بەھرام-دىلئارام      4             نەفىسىي     114             مەشھۇرىي

96         سەنەۋەر     20           رەشىدىي     44           لۇتفىي

24        قەمەر شاھ-

شەمسى جانان    30             گەدائىي     60             ئەرشىي

56          ھۆرلىقا-ھەمراجان       42           بابۇر     58             بىلال نازىم

32        شاھزادە نىزامىدىن

ۋە مەلىكە رەئنا    28             ۋەفائىي       94             زەلىلىي

18         فەرھات-شېرىن     14           مىسكىن       68             نەسىمىي

  20           شاھزادە  دىلدار-

مەلىكە مېھىرلىقا    28         ھافىز خارەزمىي       46           ئاتايى

  10           گۈلشاھ-ۋەرەقە     16         زۇمۇررەد     58             فۇتۇھىي

          52           شاھزادە فەررۇخ ۋە

مەلىكە گۇلرۇخ           8             سەبۇرىي     30             فىراقىي

34           يۈسۈف-زۇلەيخا     12             رىزائىي     60             زۇھۇرىي

  10          تاھىر-زۆھرە       14             سالىھىي       50           ھافىز شىرازىي

92           يۈسۈف-ئەھمەد     12             فۇزۇلىي       28           سەككاكىي



    پايدىلانغان ماتىرياللار :

‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى›› ئابلاجان مەمەت تۈزگەن.شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى.

‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى››  مىللەتلەر نەشرىياتى2006-يىلى نەشرى.

  ‹‹ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.

  ‹‹بۇلاق›› ژورنىلى ھەر قايسى سانلىرى.

  ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىي:‹‹ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككىمۇقام تېكىستلىرى›› 2005 –يىلى نەشرى.


                      (ئاپتور؛   شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوتتۇرا تېخنىكومدا)


          «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى» 2008-يىلى 2- سانىدىنئېلىندى



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-12 18:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز دە بۇ بىزنىڭ ،،،،


ۋاقتى: 2014-12-15 12:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدىم


ۋاقتى: 2014-12-16 13:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شائىرلار


ۋاقتى: 2014-12-31 12:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت شائىرلىرى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:02 , Processed in 0.174835 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش