توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 16

سىز قەيەردە؟ مەن بۇ يەردە!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 11:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سىز قەيەردە مەن بۇ يەردە!

    بۇ دۇنيادا ھېچكىم مۇھەببەتسىز قېلىشتىن، ھەمراھسىزقېلىشتىن قورقمايدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قورقىدىغىنى بىرسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئويلىغاندەك سۆيەلمەسلىكى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا ياخشى كۆرەلمەسلىكى!
    ئەتراپىمىزدا بويتاقلار ھامان مەۋجۇت، ئەجەبا ئۇلارنى سۆيىدىغان ئادەم چىقماي قالدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقە تۈپەيلى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تەقدىرىمىزگە پۈتكىنى ھامان يېنىمىزغا كېلىپ قالار دەپ يۈرمەكتە!
    بۇ ئالەم سەۋەبلەر ئالىمى! سىز ئالدى بىلەن سەۋەب قىلىڭ! سەۋەبنى قىلىپ بولغاندا تەقدىرگە تاشلايمىز، تەدبىر قوللانماي قالسىڭىز ئۇچاغدا تەقدىر دېمەي ئامالىڭىز يوق!
    ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن بەكمۇ ئۇياتچان، ئەخلاقنى مۇھىم بىلىدىغان مىللەت! شۇ سەۋەبلىكمۇ نۇرغۇن ئۆز تۇرمۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياشلىرىمىز، ئىككىنچى قېتىم ئۆز تۇرمۇشىغا تەۋەككۈل قىلىشتا قورقىدۇ، ئەيمىنىدۇ. ئەمما ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن يالغۇزقالغانلارمۇ ئاز ئەمەس!
    ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ماكان. ئەلۋەتتە ئۆز نۆۋىتىدە مۇۋاپىق ھالدا شەخسى تۇرمۇشىنى ئويلاشمىسىمۇ بولمايدىغان زامان. ئەمما ئوقۇشنىڭ ئېغىر بېسىملىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ سىنىپىدىكىلەردىن باشقىلارنى بىلمەيدىغان، باشقا مەكتەپتىكى ئۆز قۇرداشلىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالىسىمۇ، پۇرسىتى بولمايۋاتقانلىرىمۇ كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقەت بولۇپ تۇرۇۋاتماقتا.
    دەۋرىمىز ياشلىرىدىكى بۇ خىل ھەرخىل سەۋەب بىلەن يالغۇز ئۆتۈپ ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۇرسەت تاپالمايۋاتقان ھالىتىگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە توغراق تورىمىز تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان پائالىيەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەيلى سىز قايسى ياشتا بولۇڭ، قانداق سەۋەب بىلەن يالغۇز ئۆتۈۋاتقان بولۇڭ، بىزنىڭ توغراق مۇنبىرىمىزنىڭ ھەرخىل ياشتىكى يالغۇزلارغا مەخسۇس ئاچقان سەھىپىمىزنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق.
توغراق تورى يېقىندا بويتاقلار يىغىلىشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى ساھە ۋە ھەرقايسى ياشلاردىكى بويتاقلارغا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكچى. بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز ھەر ۋاقىت توغراق مۇنبىرىنىڭ مەزكۇر سەھىپىسىدە بولسۇن!
    قېرىندىشىم سىز بۈگۈن بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆڭلىڭىزدە مەلۇم بىرلىرى يالت قىلىپ ئۆتۈپ قالغان بولسا تېمىمىزنى شۇ قېرىندىشىڭىزغا تەۋسىيەقىلىڭ! ئىككى باشنى بىريەرگە ئېلىپ كېلىشتىنمۇ ئارتۇق ساۋاب ئىش يوق بۇ دۇنيادا!
مۇبادا بۇتېمىنى ئوقۇپ ئۆزىڭىزنى شۇ دەۋرىمىزدىكى ئۆز سۆيگۈسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تەقدىر ساقلاۋاتقان ياش بولسىڭىز، مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرىڭ، ھەمدە بۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ! شۇنداقلا بۇ تېمىنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ، بەش دوستىڭىزنى بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغۇزۇڭ، دوستلار چەمبىرىڭىزگە ئەۋەتىپ 30 دانە يۈرەك ۋە 10 ئىنكاسقا ئېرىشىپ رەسىمىنى مۇنبەرگە ئەۋەتىڭ! شۇندىلا سىز راي بان ماركىلىق ئەڭ يېڭى پاسوندىكى كۆزەينەكتىن بىرىگە ئېرىشىسىز! (رەسىمدىكىدەك)  2015 –يىلى سىز پەقەت توغراق تورىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالسىڭىزلا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق سەھنىسى بولغان بۇ يەر سىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى بويتاقلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولۇپ قالغۇسى!

    ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ؟ سىزئۆزىڭىزدىن باشقا فاكولتېت ياكى باشقا مەكتەپتىكى قۇرداشلىرىڭىز توغرىسىدا ئۇچۇرئىگەللىگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، سىز توغراق مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن سەھىپىسىگە مەرھەممەت قىلىڭ!تۆت چوڭ ئالىي مەكتەپتىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي ئوقۇللارنىڭ ھەرقايسى فاكولتېتلارغا مەخسۇس ئېچىلغان بۇ تېمىلارغا كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ۋە سىنىپىنى ماۋزۇ قىلىپ بىر تېما ئېچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، ھەمدە ئۆزىڭىز مەكتەپ نامى، ۋە ئوقۇغۇچىلىق نومۇرىڭىز ئارقىلىق تىزىملاتىسىڭىز باشقىلارنىڭ سىزنى تېپىۋېلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، قېنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاربىر-بىرىڭلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار، پۈتۈنلەي ئاشكارا ئېچىۋېتىلگەن بۇتوغراق مۇنبىرىنى تۆت چوڭ ئالىي ئوقۇلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارامخۇدا پاراڭلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن  ئېچىپ بەردۇق، يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇل بويىچە تېما يوللىغۇچىلارغا ھەمدە ئىنكاس قايتۇرۇپ دوستلۇق چەمبىرىكىدە ئىنكاس ۋە يۈرەك توپلىغۇچىلارغا توغراق تورىمىز بىردانە راي بان كۆزەينەك سوۋغا قىلىدۇ.

مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىش ئورنىڭىز: ئۈرۈمچى شىمالىي ئازادلىق يولى 90 – نومۇر، تيەنجى بىناسىنىڭ (ئىقتىساد بىناسى) 13 – قەۋىتى توغراق تورى ئىشخانىسى:
تېلىفون نومۇرى: 2334963
ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: 13999997712

قېنى قەدىرلىك دوستۇم قولىمىزدىن كېلىدىغان ساۋابلىق ئىشنى قىلىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇڭ!
بۇيىل بويتاقلارنىڭ ھەممىسى نەدە؟
بۇ يىل بويتاقلار ئەلۋەتتە توغراق تورىدا!



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-19 12:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كەتتىم ئەمىسە جۇمۇ بىرىنچى بويتاق ماۋۇ تېمىدىكى


ۋاقتى: 2014-12-19 12:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزەينەكنى قانداق ئېلىۋالىمەن راس تېما ئىگىسى جاۋاب بېرىپ باقسۇن


ۋاقتى: 2014-12-19 12:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقاي،ئى كۆزەينەكنى ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ


ۋاقتى: 2014-12-19 12:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    توۋۋۋۋا قىلدىم  توۋۋۋۋاااااااااااااا  !!!  يېقىننىڭ ياقى كاباننا دېگەندەك سالۇنلاردا قىز - ئوغۇللار ئۆزىنى بازار سېلىپ، شۇنچە تەنقىد ئاڭلىغانتى. ئەمدى نۆۋەت رەسمىي نەق مەيداندا ئۆزىنى بازار سېلىشقا كەپتۇ-دە؟؟؟؟
     لېكىن ئاۋۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلىغىنى ياخشى بوپتۇ!


ۋاقتى: 2014-12-19 12:26:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالقىن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 12:25
توۋۋۋۋا قىلدىم  توۋۋۋۋاااااااااااااا  !!!  يېقىننىڭ ي ...

سىزچە بۇ ئۆزىنى بازارغا سېلىش بولامدا
توۋا


ۋاقتى: 2014-12-19 12:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي باللا ئەسلى ئۈندىدار بىلەنلا تىزىملىتىپ كىرسە بولىدىكەنتۇق
ئۈندىدارىڭلار بىلەنلا كىرىڭلار


ۋاقتى: 2014-12-19 12:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي بۇ پائالىيەت بەك ياخشى بوپتىغۇ ،مەن بەك ياختۇردۇم ،توۋا دىگىدەك نەرى با ،ئاۋۇ كۆز ئەينەككە مىنىڭمۇ كۆزۇم چۇشتى


ۋاقتى: 2014-12-19 12:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالقىن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 12:25
توۋۋۋۋا قىلدىم  توۋۋۋۋاااااااااااااا  !!!  يېقىننىڭ ي ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئەمدى،نىكاھ غايىپ،مۇشۇمۇ بىر پۇرسەت بولۇپ قالار، ئادەتتە ئالدىراشلىقتا كۆرىشىپمۇ بولغىلى بولمايدىكەن


ۋاقتى: 2014-12-19 12:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئاچىچىقىم كەلدى ، ،، ،  ، دىمىسىمۇ شۇغۇ ، ھازىر توغرا چۈشىندىغانلارمۇ بار چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار ،،مەن بىر قانچە دوستۇلۇرۇمغا 推荐 قىپ قويدۇم ، ئۇلار شۇنداق ياقتۇردى ،،،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:44 , Processed in 0.604329 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش