Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 4

ساخاۋەتلىك قوللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
是 846.JPG

بۈگۈن شۇنداق بىر پۇرسەت بىلەن ئاجايىپ بىر پائالىيەتكە داخىل بولۇپ قالدىم. ئۈرۈمچىنىڭ داۋان تەرىپىگە جايلاشقان مىرەن ئولتۇراق رايونىنىڭ تۆۋىنىدىكى مەنۋەر چايخانىسىغا كىرىشىمگە ئىچىدىكى ئازادە ئايرىمغانىسىدا رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرغان 32 نەپەر سەبىيلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىق كۈلكىرىنى كۆرۈپ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ساخاۋەتلىك يىغىلىش ئىكەنلىكىنى كۆڭلۈم تۇيغاندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن «لېيفىڭدىن ئۆگىنىش» بىزنىڭ داستىخان پائالىيىتىمىزدە ئەكىس ئەتكۈسى نامدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىللىرىدىن بىرى بولغان زۆھرە كېرەم ھەدىمىزدىن بۇ توغۇرلۇق بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. زۆھرە كېرەم بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى.
«بىزنىڭ داستىخان» پاراۋانلىق تۈرى بۇلتۇر يەنى 2012-يىلى 9-ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قۇرامىغا يەتمىگەن، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۈشلۈك تاماقتا ۋاقتىدا تويغۇدەك بىر ۋاق ئىسسىق تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ چۈشلۈك تاماق پۇلىنى كۆتۈرگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ چۈشتە بىر ۋاق ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك تاماق يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان پاراۋانلىق تۈرى.
بۇ گۇرۇپپا 2012-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ دەسلەپكى بىر ئۈستەلدىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى شۇنداقلا ئاكتىپ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە كېڭىيىپ 44-، 65-. 5-، 10-، 20- ۋە قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن ئىبارەت ئالتە مەكتەپتە يولغا قويۇلدى. بىر ئۈستەلدە تۆت بالا بولۇپ، جەمئىي 32 نەپەر ئۆسمۈر بۇ تۈردىن مەنپەئەتلەنمەكتە.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: 3-ئاي لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئېيى. شۇڭا لېي فىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، بالىلارغا لېي فىڭنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ياخشى ئىش قىلىشنى ئادەت قىلىشتەك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش، لېي فىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ ئۆز-ئارا ياردەم قىلىدىغان، بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان، ئۆز-ئارا مېھرى مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان گۈزەل قەلب ئىگىسى بولۇشقا يېتەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنى غىزالاندۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت.
بۈگۈنكى پۇرسەتتە «بىزنىڭ داستىخان» پائالىيىتىمىزنى ئىزچىل قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق مۇھەببەتلىك قەلب-ئىگىلىرىگە چوڭقۇر سالام يوللايمىز شۇنداقلا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز. بۇ توپنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەممەيلەن قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، ئۆز-ئارا مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشايلى؛ بۇ دۇنيانىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى، مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرايلى.
زۆھرە كېرەمنىڭ دېگىنىدەك بۈگۈنكى بۇ سورۇنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن ھەرساھە كىشىلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ چىن مېھرى بىلەن بۇ بالىلارغا ئىزچىل ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ساخاۋەتلىك قوللار مانا مۇشۇنداق ئۇلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇلارغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. ئاپىرىن سىلەرگە، سىلەرنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ساخاۋەتلىك قوللىرىڭلار  مەڭگۈ مۇشۇنداق چىڭ باغلانغۇسى!

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 15:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەت تازا ياخشى چىقماي قاپتۇغۇ....

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 15:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما نېمىشقا ئۆچۈرۈلىدۇ؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 16:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەر تازا ياخشى تارتىلماپتۇ!

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 11:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمىزدە ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر دەپ بىر تېكىست بارئىدى ، ھازىر ماڭا مۇشۇنداق ساخاۋەتچىلار ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 22:55 , Processed in 0.132116 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش