توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 49

«بىر مىنۇت»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


    «بىر مىنۇت» ھەربىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان قىممەتكەئىگە. ئۇ بەزىلىرىمىز ئۈچۈن قەدىرلىك، يەنە بەزىلىرىمىز ئۈچۈن قەدىرسىز، شۇنىڭغا ئوخشاشلا «بىر مىنۇت»نىڭ ھەربىرىمىزگە بىرىدىغان جاۋابىمۇ ھەرخىل.

    «بىر مىنۇت» ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە شان-شەرەپ،ئۇتۇق-مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسا،ئۆزىنى قەدىرلىمىگەنلەرگە ئازاپ-ئوقۇبەت،پۇشايمان ھەدىيە قىلىدۇ. جۈملىىدن ھەرقانداق ئادەم نۇرغۇن«بىر مىنۇت»لارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق گەپ ئۇلارنىڭ بۇ قىممەتلىك «بىرمىنۇت»نى قانداق ئۆتكۈزىشىدە.

    ئۇنداقتا دوستۇم سىزئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىڭىزنى ۋەياكى مەلۇم بىر ۋاقىتتىكى بىر مىنۇتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىسىز؟ ئەمسە تېزدىن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ قىسقىغىنە بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى بىزبىلەن بىرلىكتە بەھرىمان بولۇپ، مۇنازىرلىشىش داستىخىنىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ.

تورداشلار يانفونىڭىز ئارقىلىق 35053 ۋە 35054 نى 10001 غا يوللاش ئارقىلىق يانفون گېزىتىگە مۇشتەرى بولۇپ مەزكۇر تېمىدا مۇنازىرلەشسىڭىز بولىدۇ.


يانفون گېزىتىمىزنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرى سىزنى جەلىپ قىلغۇسى!!!



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-23 12:18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي بىر مىنۇت ھەقىقەتەن بەك مۇھىم ، مەن ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىمدا چوقۇم ئاتا ئانامغا رەخمەت ئېيتىمەن


ۋاقتى: 2015-1-23 12:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن كۆڭۈللۈك بولغان بىر مىنۇت ئاتا ئانام بالام يولدۇشۇم بىلەن بىللە بولۇش


ۋاقتى: 2015-1-23 12:29:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر شۇكۈنلەر بولسا ، ئاتا ئانامنىڭ باغرىغا قانغىچە باقسام


ۋاقتى: 2015-1-23 12:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر مىنۇتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ بىلمەي قالىمەن بەزىدە


ۋاقتى: 2015-1-23 12:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىر مىنۇت نەقەدەر قىممەتلىك ھەم شۇنچىلىك تېز ئۆتىسەن ھە


ۋاقتى: 2015-1-23 12:57:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا ھەي دېسەم گەپ بەك جىق


ۋاقتى: 2015-1-28 11:28:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەندە نۇرغۇنلىغان بىر مىنىۇت بولغان بولسا ئاتا ئانامنىڭ قېشىدا ئۇزاق تۇرغان بولاتتىم


ۋاقتى: 2015-1-28 11:36:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرمىنۇت ۋاقتىم بولغان بولسا ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئاتاتتىم


ۋاقتى: 2015-1-28 11:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىنۇت ۋاقىت مەن ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم ، شۇڭا ھەربىر مىنۇتنى قەدىرلەيمەن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:28 , Processed in 0.139265 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش