توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2670|ئىنكاس: 3

قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىفات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 10:06  


قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى

ئابدۇسەمەد ئىمىن كۆك تېكىن

رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، دانكو دېگەن ئادەم ئۆز كۆكسىنى يېرىپ يۈرىكىن ىسۈغۇرۇپ چىقىرىپ ، يۈرىكىنىڭ يورۇقى بىلەن خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇققا باشلاپچىقىدۇ، خەلق يورۇققا چىققاندىن كېيىن دانكۇنى دەسسسەپ چەيلىۋېتىدۇ.

  ئاخشامقى يازمامنىڭ ھازىرغا قەدەر كۆرۈلۈشى30مىڭدىن ئېشىپ، تىك سىزىق بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىنى، جەمئىيەتتە بۇنچىلىك كۈچلۈك تەسىر قوزغىشىنى ئويلىمىغانىدىم، چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلارغا دىققەت قىلسام ماقالەمنىڭ يەنە تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قولۇمغا يەنە قەلەم ئېلىشقا مەجبور بولدۇم.

«باتۇرنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتتۇق»
بۈگۈن بىز بىرەر مىڭدەك ئادەم توپلىشىپ، ھە- ھۇ دېيىشىپ، بىر پالۋاننى كۆمۈۋېتىپ قايتىپ كەلدۇق، كۆمۈۋېتىمىز-دە، ئەمدى. چۈنكى ئۇنىڭ تىرىك يۈرۈشىنىڭ ئەمدى بىزگە لازىمى قالمىغانىدى.
  ئۇ چوقۇم ئۆلۈشى كىرەك ئىدى، چۈنكى بىز ئۇنى مەدھىيلىمەكچىتۇق، تىرىك ئادەم بىز بىلەن تەڭ مېڭىپ يۈرسە مەدھيىلىگىلى بولاتتىمۇ؟ئۆلسە ئاندىن ئاغزىمىزدىن تۈكرۈكلىرىمىزنى چاچرىتىپ تۇرۇپ مەرسىيە قەسىدىلەرنى يېزىشىپ، ھاياتىغا داستان پۈتۈپ مەدھىيلەيمىز-دە!
  نوغاي مەسجىد بۈگۈن ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى،يا پاناھ، ماۋۇ ئادەملەرنىڭ جىقلىقىنى، مېيىت نامىزىدىن كېيىن نۇرغۇن قوللارتالىشىپ تاۋۇتقا ئېسىلىشتى، قەھرىماننىڭ تاۋۇتىغا قولىنى تەگكۈزۈۋالسىمۇ كاتتائىش-تە! سىرتتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتىن ھەيران قالدى، نۇرغۇن كىشىلەر توختىماي تېلېفۇنلىرىدا رەسىمگە تارتتى، ئەلۋەتتە ئۆزىنى تارتىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى، مانا بۇلار «بىر پۇڭ چىقماس مېنىڭدىن، جېنىمنى ئايىمايمەن سېنىڭدىن» دەپ ئۆلسەڭ نامىزىڭغا كېلىدىغان ئۇيغۇر خەلقى ئىدى.
      ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھەممە ئادەمنى دېمەكچى ئەمەس، بۇنى تىپىكلەشتۈرگۈم كەلدى خالاس.
  ئىختىيارسىز يۈرىكىم ئاغدى، قالايمىقان خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى، تۇرۇپلا ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمىمگە كەلگەندەك ھېسسىياتتابوپقالدىم: «ناۋادا ئۆلگەن ئادەم ئابدۇراھمان بولماي مەن بولسامچۇ؟ نېمە ئىشلار بولارىدى؟ ئۇ چاغدىمۇ ھەقىچان مۇشۇنداق جىق ئادەم كېلىدۇ، مەن يىغلاي دەپ يىغلىيالمايمەن ئۇ چاغدا. بۇ ئادەملەرنىمۇ كۆرەي دەپ كۆرەلمەيمەن، ئاخۇنۇم جامائەتتىن رازىلىق سورىشىدۇ، جامائەت رازى دەپ توۋلايدۇ، كىملەرنىڭ رازى بولمىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيمەن، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىمنى ئائىلەمدىكىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن بىر توپ ئادەم ئولاش-چولاش نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرۈشۈپ، مۇزدەك قەبرىستانلىققا ئاپېرىپ كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ھەقىقىي ئىش تېخى شۇ چاغدا باشلىنىدۇ، ئۇ چاغدا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ....»
  ئابدۇراھماننىڭ ماتېمى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ماتىمىمىزگە ئوخشاش ئىدى، «ھەر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.» ھەر بىرئۆلۈم ماھىيەتتە ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ئەينەك، ياراتقۇچى بىزگە بىزنىڭمۇ بېشىمىزدا ھەر زامان مۇشۇ بىر كۈننىڭ بارلىقىنى مۇشۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.كاللىمىزغا نۇرغۇن ئويلارنى سالىدۇ. ئەمما ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتى بىزگە بەك جىق بەك جىق سۇئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

   بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى سۇئال: ئابدۇراھمان قانداق ئۆلگەن؟
قۇملۇق شاھى جۈرئەتنىڭ يىغا-زارى
  مىيىت نامىزى تۈگەپ، تاۋۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭغان چاغدا، توپنىڭ ئىچىدىن شۇنچىلىك ئەلەم بىلەن كۆتۈرۈلگەن يىغا -زارە ۋە ئاچچىق نىدا جامائەتنىڭ يۈرىكىنى ئېغىتىۋەتتى. كۆزلىرىدىن تارام تارام ياش تۆكۈپ، ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرۇپ يىغا-زارە بىلەن سۆزلەۋاتقان بۇ كىشى، ئەينى يىللىرى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ،ئىككى يېرىم يىلدا موتسىلىكىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىققان،يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى جېننىس رېكوردىنى ياراتقان قۇملۇق شاھى، چۆل ئوغلى جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ئىدى.
  ــ ئۆلگەندە كەلدىڭلارما؟! ....تىرىك ۋاقتىدا نەگە كەتكەنتىڭلار؟! جاپالىق ۋاقتلاردا نەگە كەتكەنتىڭلار؟!...
  كۆز ياشلىرىم يەنە تاراملاپ تۆكۈلدى، قېشىغابېرىپ سەبىر قىلىشنى ئۆتۈندۈم، ئەمما ئۇ كونتروللۇقىنى يوقاتقانىدى:
ــ نېمىشقا سەبىر قىلىمەن؟ ئۇ تېخى ياش ئىدىغۇ؟ ...تېخى بالدۇر ئىدىغۇ؟ ...يېنىدا بىرموچەن پۇلى قالماي ئاچ قالغان كۈنلەردە، مۇشۇ ئادەملەر نەدە يۈرۈپتىكەن؟! ئۆلگەندەكېلەمدا؟...ۋاي بىچارە ئىنىم!...دۇنيانىڭ خۇۋلىقىنى كۆرەلمەي بالدۇر كېتىپ قالغان ئىنىم!...
  ھەممە ئادەم ھاڭۋاقتىلارچە بىزگە قارايتتى،«ئاكىسى ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىماي ھازا ئىچىۋاتىدۇ،» دەپ نۇرغۇن ئادەم ئاددىيلا چۈشەندى. لېكىن بۇ نىدانىڭ كەينىدە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك ئاچچىق قىسمەتلەر بار ئىدى.
  «ئابدۇراھماننى مۇشۇ جەمئىيەت ئۆلتۈرىۋەتتى،» قەبرىستانغابارغىچە جۈرئەت ئۆزىنى توختىتالماي كىچىك بالىدەك ئۈن سېلىپ يىغلاپ ماڭدى.
ـ بولدى سەبر قىل،-دېيىشتۇق،-گۇناھ بولىدۇ.
ـ قانداق گۇناھ بولىدۇ ماڭا دەپ بېرىڭلار،-دەيتتى ئۇ،-يىغلىساممۇ بولمامدۇ؟ يىغلاشمۇ ھوقوقىمىز يوقمۇ؟
  -ئۇ تېخى ياش ئىدىغۇ، قاتناش ھادىسىسى بىلەن ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلايتتۇق، كېسەل بىلەن ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلايتتۇق، لېكىن ياپ- ياش قاۋۇل  بىر تەنھەرىكەتچى ئاخشىمى ئۇخلاپ قېلىپ ئەتىسى ئويغىنالماي ئۆلدى، دېسە، كىم قوبۇل قىلالايدۇ؟ شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرنى قازىنىپ، خەلققە شۇنچىۋالا شان شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن بىرئوغۇل،ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ياپ-ياش كېتىپ قالامدا؟
ئابدۇراھماننى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆلتۈرۈۋەتتى
   تاراتقۇلاردا ئابدۇراھماننى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ۋاپات بولغان، دەپ خەۋەر بېرىلگەنىدى، ئەمما كەسپداش بالىلارئۇنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە ئەزەلدىن بۇنداق بىر كېسەللىك ھەققىدەمەلۇمات يوقلىقىنى دەلىللىدى.
  -ئابدۇراھماننىڭ پەقەت قاننىڭ قۇيۇقلۇقى ئالاھىدە يوقىرى ئىدى،باشقا ھېچقانداق مەسىلە يوقتى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغائىقتىسادى بېسىم بەك ئېغىر كەلگەن، قەرزلىرى ئېغىر روھىي بېسىم پەيدا قىلغان.
  ئابدۇراھمان بىلەن پات پات بىللە بولۇپ پاراڭلىشىپ تۇرساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ قېيىنچلىقلىرىنى ئازراقمۇ ھېس قىلماپتىكەنمەن.بۈگۈن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى.
  - ئابدۇراھماننىڭ قانچىلىق قەرزى بارئىدى؟
  - تۆت بەش يۈزمىڭدەك چىقارمىكىن، ئاغىينىلىرى كەسپداشلاردىن ئالغان قەرزلەرنى بولدى قىلىۋەتتۇق، بانكىدا ئۆيىنىڭ قەرزى ئۈچ يۈز نەچچە مىڭدەك بارمىكىن.
ـ بۇرۇن ئولتۇراق ئۆي فۇندىغا ئۆزى قوشۇپ تۆلەپ كېلىۋاتقان، ئابدۇراھمان تۈگەپ كەتكەندىكىن ئەمدى مائاشلىرىمۇ توختايدۇ، ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق، ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن ئەمدى قانداق قىلاركىن...
  ئاچچىق بىر يېغا بوغۇزۇمغا ئۆرلەپ چىقتى.
ـ ئۆيگە گۆش-سەي ئالىدىغان پۇل يوق ۋاقتلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم بولغان، قۇرۇق نان يەپ مەشق قىلىۋاتقان ۋاقتلىرىنى بىز نەچچە قېتىم كۆرگەن، قېيىنچىلىق بولسا دېگىن دېسە، ھەرگىز دېمەيدۇ.
    جۈرئەت يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
ـ جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقىرايلى دېسەم ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، يۈز چۈشىدىغان ئىشنى قىلمايلى، بىر يول چىقىپ قالار، دەپ. مانامۇشۇ يول قالغان ئەمدى.
   خوش، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئاسىيا بوكس چېمپيونى. ئاسىيا دېگەن يەرشارى قۇرۇقلۇق سەتھىسىنىڭ %30ىنى، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %60 پېرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان، 48 دۆلەت ۋە رايون بار چوڭ بىر زېمىن.ئۈچ مىليارد بەش يۈز مىليون خەلق ئىچىدە چېمپيۇن بولۇپ ئولېمپىك سەھنىسىگە چىقماق دېگەن ئاسان ئىشمۇ؟ بۇرۇنقى زامانلاردا يۇرت يۇرتلاردا چېلىش بولغاندا، يېڭىپ چىققان چېلىشچى پالۋانلارنى يۇرت خەلقى بېشىدا ئىگىز كۆتۈرۈپ،كالا بېشى بىلەن تارتۇقلاپ قالتىس ھۆرمىتىنى قىلاتتىكەن. ئابدۇراھمان ئاسىيا چېمپيونى بولۇپ ئولېمپىكقا قاتىنىشىدىكەن دېگەن خەۋەر بىلەن ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن خەلق، مۇسابىقىدە نەتىجە ئالالماپتۇ، دېگەن خەۋەر بىلەن بىراقلا ئالقىنىدىن ئېرغىتىپ تاشلىدى. ھەتتا يېڭىلىپ قېلىپ يۈزىمىزنى تۆكتى دېگۈچىلەربولدى. خەلق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىغىمۇ ئالماس بولدى. بۇ جەمئىيەت نېمە دېگەن رەھىمسىز ھە؟
جەمئىيەت ئادەم ئۆلتۈردى دېسە ئىشەنمەمسىز؟  
  ئۆتكەن يىلى ھېسام قۇربان ئاكىمىزنى ئۆلدى ئۆلدى دەپ گەپ تېپىپ، يالغاندىن ئۆلدى دەۋېرىپ،ئاخىرى راست ئۆلتۈرۈۋەتتىغۇ ماناموشۇ جەمئىيەت؟ مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
يولۋاسقا مىنسەڭ چۈشمىكىڭ تەس
  جەمئىيەت قانداق ئادەم ئۆلتۈردى دەمسىز؟
  ناھايىتى ئاددىي، جەمئىيەتتىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر ئابدۇراھماننىڭ بېشىغا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تاجدىن بىرنى تاقاپ قويۇپ، سەن دېگەن مۇنداق ئادەم، دەپ، ئۆزى چۈشىمەن دەپ چۈشەلمەيدىغان ئىگىز بىر تامنىڭ،توغرىراقى يولۋاسنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
  كېيىن ئابدۇراھمان مۇسابىقىدە قاتتىق يارىلاندى، داۋاملىق مۇسابىقە ئوينىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. جەمئىيەتكە چىقىپ ئۇنى بۇنى قىپ باقاي دېدى، تېجارەت قىلاي دېدى، مەدەنىيەت كەسپىگە ئىنتلىپ باقتى، ھەتتا ئاشخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇپمۇ ئىشلىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا تۇرمۇش لازىم ئىدى.ئۆزىگە كەيدۈرۈپ قويۇلغان تاج بىلەن، ئۆزى ئارىلىشىپ قالغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چەمبىرىكى بىلەن، ئۇنىڭ بىر كىشىلىك مائاشى ئائىلىسىنى قامداشقا ئەسلا يەتمەيتتى.شۇڭاقوشۇمچە تېجارەت قىلىپ ئائىلىسىنى قامداي دېۋىدى، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنى قىلغۇزمىدى.
ـ سەن دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى، بۇنداق ئىشلارنى قىلساڭ بولمايدۇ، مىللىتىمىزنىڭ يۈزىگە سەت، بىزنىڭ يۈزىمىزگە سەت،-دەپ توستى.
  تېجارەت دېگەن باشقىلاردىن تالىشىپ يەيدىغان،مەنپەئەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان رەھىمسىز بىر جەڭگاھ. ئۇ ئۆزىنى مۈرىسىگە ئېلىپ ئىگىز كۆتۈرگەن ئاشۇ قوللاردىن نېسىۋە تالىشىشنى بىئەپ كۆردى، ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئەسلا راۋا كۆرمىدى.
   ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بىللەتاماق يېگىنىگە، بىللە رەسىمگە چۈشۈۋالغىنىدىن پەخىرلىنىپ يۈردى. سورۇنلارغا چاقىرىپ ئۆزىنىڭ پالانى داڭلىق پالۋان بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى باشقىلارغا كۆز كۆزقىلدى، ئاندىن پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قىممىتى تۈگىدى دەپ تاشلىۋەتتى، خۇددى ئىچىدىكى سۈيىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بوتۇلكىسىنى تاشلىغاندەك.
  بايلارمۇ دەسلەپ يېنىغا تارتتى، كېيىن ئۇنىڭ پۇلى يوقلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن كۆزىگە ئىلمىدى.
  بارا بارا، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى، پىسخىكىسىدا بىنورماللىق كۆرۈلدى. ئۆزىنى كىشىلەردىن ئەپقاچىدىغان بولدى، سەن ئابدۇراخمانمۇ دېسە، خاتا تونۇپ قاپسىز، مەن ئەمەس دەيدىغان بولدى.
  كىشىلەر ئۇنى قالتىس باي دەپ ھېسابلايتتى،ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى توغرا دە؟ تەيسىن دەيمىز، جوردان دەيمىز، ياۋمىڭ دەيمىز،شۇنچلىك بايغۇ؟ بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ....
  ئەمما ئۇيغۇردا، تەنتەربىيىچى باي بولالمىدى،ھەتتا بەزىدە قۇرسىقىنىمۇ باقالمىدى. ئابدۇراھمان ئاچلىقتىن ئۆلگىنى يوق، ئەمما قاتتىق روھىي بېسىم، چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىق ئۇنىڭ روھىنى يەپ تۈگەتتى.
ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك
  ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قەپقالغان يەنەبىر مۇھىم سۇئال، ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ بالىلارنى قانداق قىلىش كىرەك؟ھەيكەلگە ئوخشاش ئىگىزگە تىزىپ قويغان بۇ داڭلىقلىرىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك؟
  ئابدۇراھماننىڭ قەرزى باركەنتۇق،ئەلۋەتتەمۇتلەق كۆپ سانلىقىمىزنىڭ قەرزىمىز بار، ھېچبولمىدى دېگەندىمۇ بانكىغا تۆلەيدىغان ئۆي قەرزىمىز بار. ئەمما بىز قانداقلا بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تېخى ھايات،ئەمدى ئابدۇراھماننىڭ ئايالى خىزمىتى يوق ئەھۋالدا ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن قانداق قىلىدۇ؟
   جەمىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقىرايلى دېيىشتۇق.
ـ ئاسىيا بوكس چېمپيونى بولۇپ ھەممىمىزگە شەرەپ ئەپكەلگەندە ھەممىمىز خوش بولغان، پەخىرلەنگەن بولغىيتتۇق، ھېچبولمىغاندا 10 سوملۇق خوش بولغاندىمىز، 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇردىن بىر پىرسەنت ئادەم 10سومدىن چىقارسىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسى،ئىككى بالىسى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى،-دېيىشتۇق. لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاشۇ ئەتراپتىكى ئادەملەر قوشۇلمىدى.
-بۇنداق قىلساق ئابدۇراھماننىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ...
ـقۇرۇپ كەتسۇن ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان ئۇنداق ئىناۋەت،-دەۋەتتىم ئاچچىقىمدا،-قۇرۇق شان-شۆھرەتتىن ئەمەلىي ياردەم ئەلا ئەمەسمۇ.
    تالاش-تارتىشنىڭ ئايىقى چىقمىدى، ھەركىم ھەرخىل سۆزلەيتتى. بولۇپمۇ ئىدارە  رەھبەرلىكى بۇ ئىشنى بەك كەڭ كۆلەمدە داۋراڭ سالماسلىقنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالدى.
  ـ بىز ئابدۇراھماننىڭ ئايالىنى خىزمەتكەئورۇنلاشتۇرىمىز دەۋاتىمىز، قالغان تۇرمۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىدارە رەھبەرلىكى بار بولغاندىكىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىمىز. جەمئىيەتتىن ئىئانە يىغساق مەرھۇمنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، جەمئىيەتتىمۇ ھۆكۈمەت نېمىشقا ئىگە بولمايدۇ دېگەن تەتۈر تەشۋېقاتلار ئەدەپ قالىدۇ، ياخشى تەرىپىدىن يامان تەرىپى كۆپرەك،ئەمەلىيەتتەئىدارە رەھبەرلىكى مائاش تەمىناتلارنى، مۇكاپاتلارنى دەل ۋاقتىدا بېرىپ كېلىۋاتىمىز-دېدى جۇڭگو بوكس شاھى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۇكۈر مىجىت، - ئالدى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى تونۇشىدىغان ئادەملەردىن كېلەيلى،ئامالبار ئۆز ئىچىمىزدە ھەل قىلايلى، پەقەت بولمىسا كېيىنكى قەدەمنى ئويلىشايلى.
  ـ بىزنىڭ ھۆكۈمەتتىن، ئىدارىدىن ئاغرىنىدىغان ھەققىمىز يوق، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، مائاشىنى مۇكاپاتلىرىنى ۋاقتىدا بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئابدۇراھمان ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى بولۇپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ بالىسى، يۇرت ئوغلى.ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قېيىنچىلىقىغا جەمئىيەت قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرسا بولمايدۇ، بىز جەمئىيەتكە مۇشۇنداق ئىشلارغاكۆڭۈل بۆلۈشنى، مەسئول بولۇشنى ئۆگىتىشىمىز كىرەك، چۈنكى ھۆكۈمەت ھەممە ئىشنى ھەل قىپ بولالمايدۇ،تەيسىنگىمۇ مال دۇنيانى ھۆكۈمەت بەرگەن ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ كۈچى بىلەن شۇنچىلىك بولالىغان. ئىجتىمائي مەسئولىيەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان بۇنداق مەسىلىلەردە،ھەممە ئادەم تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان، بىر بىرىمىزنى يۆلەيدىغان، داڭلىق شەخسلىرىمىزنى، تەنھەرىكەتچىلەرنى، چولپانلارنى ھەقىقىي مەنىدىن قوللايدىغان ئىجتىمائي كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشكە دەۋەتقىلىشىمىز لازىم، بولمىسا بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، كاللىمىزنىقولتۇققا قىستۇرۇپ قويۇپ جاپالار بىلەن تەنتەربىيىدە نەتىجە يارىتىمىز دەپ ئاۋارەبولغىنىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ.

     مەن مەسىلىنى يەنىلا جەمئىيەتكە ئۆزپېتى  تاشلاشنى لايىق كۆردۈم، ئىئانە يىغىش- يىغماسلىقنى، ئابدۇراھماننىڭ ئائىلىسىگە قانداق شەكىلدە ياردەم قىلىشنى،بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى ئىشلارغا قانداق پوزېتسىيىدە بولۇشنى يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئويلىنىشىغا تاپشۇردۇم، ئىشىنىمەنكى،بۇرۇن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ كۆنۈپ قالغان جەمئىيەت، بۇندىن كېيىن قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى ئويلىشىدۇ.ياخشى ئامالى بارلار مېنىڭ ئۈندىدارىمغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.
    بىزنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ قويدۇم، ئارتۇق كەتكەن يېرى بولسا ئەپۇ قىلىڭلار، ئاخىرىدا مەرھۇم دوستۇم ئابدۇراھماننىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە دۇئا قىلىپ، 2015-يىل 22-يانۋار يېرىم كېچىدە يېزىلدى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-23 12:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇدۇنيا


ۋاقتى: 2015-1-23 12:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ياتقان يېرى جەتنەتتە بولسۇن ئامىن


ۋاقتى: 2015-1-23 12:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە بەك تەسىر قىلدى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:43 , Processed in 0.140423 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش