توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1277|ئىنكاس: 6

كۈنسېرى يۈكسىلۋاتقان تامچە مېھرىبانلىرى ئۈيۈشمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوزا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 13:04  




توغراق تورى خەۋىرى: 2015-يىلى2-ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ تامچە مىھرىبانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەردىكىئەزالىرى ئۈرۈمچى چەۋەنداز رىستۇرانىغا يىغىلىپ زور ئەھمىيەتلىك يىللىق خۇلاسە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
شىنجاڭ تامچە مېھرىبانلىرى ئۇيۇشمىسى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان، 2014-يىلى7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتۇنوم رايونلۇق ياشلار ئىتىپاق كومتىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي قانۇنلۇق ساخاۋەت ئۇيۇشمىسى دەپ  ئەنگە ئالدۇرۇلغان. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرى تېز سۇرئەتتە كۆپىيىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەرلەردە تارماق گۇرۇپپىلار قۇرۇلغان.بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئەڭ زور خاسلىقلىرىدىن بىرى دەل مالىيە ئىشلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى، يەنى ئەزالارغا ۋاقتىدا مالىيە ئىشلىرىدىن دوكلات بېرىش  ۋە ئەزالارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن چىقىم ھىسابات ئىنىق بولغانلىقىدۇر.




تامچە مېھرىبانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى:« ئۇيۇشمىمىزنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ناھايىتى مۇكەممەل، ھەر بىر گۇرۇپپىدا يىتەكچى، مالىيە خادىمى،نازارەتچى ۋە تەشۋىقات خادىمى قاتارلىق تۆت خىل ئەزا بولۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.  خىزمەتلەرنىڭ ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن  بىر ئادەم ئىككى خىل خىزمەت ئۆتەشكە بولمايدۇ، قالايمىقانيېڭى ئەزا  قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىر قاتار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن  يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇيۈشمىنىڭ  مۇقىملىقى ۋە ئۇيۇشما نامىنى سۈيئىستىمال قىلىدىغان  قالايمىقان تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسلىق ساخاۋەت ئوبىيىكتى مائارىپ، يەنى ئوقۇشتا ياخشى، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلار. ئۇنىڭدىن سىرت قوشۇمچە ياردەم بېرىش ئوبىيىكتىمىز باققۇچىسى يوق ئاجىز، مېيىپ  ۋە ياشانغانلار ھەمدە قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە ئىلاجى بولمىغان غېرىپلاردۇر.»



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 16:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت پەرىشتىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن

ۋاقتى: 2015-2-28 17:45:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلار بولۇپتۇ

ۋاقتى: 2015-2-28 18:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز ، ياخشى بوپتۇ

ۋاقتى: 2015-2-28 18:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىللىتىمىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى خېلى جانلىنىپ قالدى جۇما

ۋاقتى: 2015-3-2 11:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت پەرىشتىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن

ۋاقتى: 2015-3-2 18:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:08 , Processed in 0.150323 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش