توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 834|ئىنكاس: 5

ساخاۋەت ئۈزۈلمىسۇن- توقسۇندىكى تامچە مېھرىبانلىرى ھەركەتتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                                             

    2015-يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى سەيدىخان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قېرىندىشىمىز زۇمرەت نۇجۇپنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر كۈن بولدى . چۈنكى ئۇ كۈنى ھەدىمىز زەينەپخان نۇجۇپ تونۇردىن نان سويۇپ ئېلىۋاتقاندا ، تونۇر ئىچىگە بېشىچىلاپ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . تونۇر ئىچى چوغدەك قىزىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇر ئىچى كەڭ ، ئاغزى تار بولغاچقا يېرىم سائەتكىچە تونۇردىن چىقالماي ، باشقىلار كۆرۈپ قىلىپ   قۇتۇلدۇرۋالغىچە ،بەدىنىنىڭ ئۈستۈن قىسمى كۆيۈپ  يارىلانغان ئىدى .


    ھەدىمىزنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلدى . مۇشۇ پەيتتە بۇ ئائىلە كىشىلىرى قاتتىق پەرىشانلىققا چۆمگەنىدى . چۈنكى دەسلەپكى ئوپراتسىي ئۈچۈنلا 40 مىڭ يۈەن كەتكەن بولۇپ ، دوختۇر يەنە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئوپېراتسىيە  قىلىنىدىغانلىقىنى ، يەنە 65 مىڭ سوم تەييارلاشنى ئېيتقانىدى .
تۇرپان يار يېزىسىدىكى ھەدىمىزنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقى خەۋىرى توقسۇندىكى تامچە مېھرىبانلىرىغا يېتىپ كەلدى . ئۇلار دەرھاللا ئۆز ئارا خەۋەر قىلىشىپ ،بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ ، مەسلىھەتلەشتى . تېخى ئەمدىلا ئۈچىنچى ئايلىق ساخاۋەت پىلانى بۇيىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىئانە يىغىلغانىدى . قانداق قىلىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممە ئەزالارغا مەسلىھەت سېلىش ئارقىلىق ، يەنە بىرقىتىم ئىئانە يىغىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى . كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات نەتىجىسى بىلەن بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا 5000 مىڭ سوم يىغىلدى . توقسۇن بازىرىدىكى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىمۇ 1000 سوم ئىئانە قىلدى.
                                                                     
    تامچە مېرىبانلىرى ئۇيۇشمىسى توقسۇن گۇرۇپپىسىدىكى ساخاۋەتچىلەر 2015 -يىلى 3 - ئاينىڭ 7 كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى كۆيۈك بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان زۇمرەت ھەدەشنى يۇقلاپ باردى . ئاپىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرۈۋاتقان پەرزەنتلىرىگە 6000 سوم نەق پۇلنى قولىغا بەردى . زۇمرەت ھەدەشنىڭ پەرزەنتلىرى ھەممەيلەننىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ كۆپ رەھمەت ئېيتتى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-9 18:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارە ،،

ۋاقتى: 2015-3-9 20:23:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
allaa xipalik basun...amin..allahuakbar

ۋاقتى: 2015-3-10 11:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارە

ۋاقتى: 2015-3-13 12:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسل ئىش بولۇپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:52 , Processed in 0.124147 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش