توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 6

تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقمۇ بىر سىناق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Reynaa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-26 19:00  


  كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممىلا  ئادەم  ھەر  بىر ئىشىدىن نەتىجە يارىتىشنى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇقىلىدۇ. ئەمما، بىرەر كەسىپتە نەتىجە يارىتىش، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئانچە ئاسان ئەمەس. قىيىنچىلىق، سىناق، جاپا - مۇشەققەتلەرگە دادىل يۈزلىنەلىگەن، بەرداشلىق  بېرەلىگەن ئىرادىلىكلەرلا كۆزلىگەن نىيەت - مەقسەتلىرىگە  يېتەلەيدۇ. ئىرادىسى  ئاجىز،كىچىككىنە جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىققا  ئۇچرىسىلا ۋاس كېچىدىغانلار مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.



كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىسىڭىز ھەرگىز باش ئەگمەڭ، توختىماي چىقىش يولى ئىزدەڭ. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئېغىر كۈنلەرنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا، گۈزەل كەلگۈسىنىڭ ئالدىڭىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ.


ئۇنداقتا دوستلار سىلەرمۇ تۇرمۇشىڭلاردا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقۇپ باققانغۇ دەيمەن؟ سىلەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقۇپ باققان؟ بۇقىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭلار؟ ياكى شۇ قىيىنچىلىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ چىقىش يولى تاپالمىدىڭىزمۇ ؟ قېنى ئەمسە، دوستلار تۇرمۇشتىكى بىز ئۈچۈن سىناق بولغان شۇ قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى سىز قانداق بىرتەرەپ قىلدىڭىز بىرلىكتە مۇنازىرلىشىپ باقايلى؟


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-26 19:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مەن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسام چوقۇم ئۇئى بىر تەرەپ قىلماي باشقا ئىشقا قولۇم بارمايدۇ


ۋاقتى: 2015-3-27 13:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق نۇرغۇن ھەرقېتىم شۇ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققۇنۇمدا غەيرەتلىك بىلەن چىداپ ئۆتكۈزىمەن بەزىدە تەغدىرگە ناھىلاج بىز


ۋاقتى: 2015-3-31 17:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ ، چوقۇم قىيىنچىلىقنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك


ۋاقتى: 2015-3-31 18:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ.ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خاتىرلەش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ


ۋاقتى: 2015-3-31 18:06:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ،ئۇ ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ!شۇڭا،ھەرگىز بىئارام بولماڭ.


ۋاقتى: 2015-3-31 18:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزگە «بۇ دېگەن كىشىلىك ھايات،كۆپچىللىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ»دېيىشىڭىز كېرەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2016-4-26 21:06 , Processed in 0.130022 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش