توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1050|ئىنكاس: 1

تۇرپان دىيارىدا ساخاۋەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوزا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-29 16:04  





تۇرپان دىيارى ئىللىق باھار پەسلىنى كۈتۈۋاتقان ھەممە يەردە باھار مارشى ياڭراۋاتقان مۇشۇ خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭ تامچە مېھرىبانلىرى ئۇيۇشمىسى تۇرپان گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار،  بىلىم بۇلىقى بولغان مەكتەپلىرىمىزدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئېلىپ باردى،






3-ئاينىڭ 16- كۈنى يەكشەنبە تۇرپان تامچە مېھرىبانلىرى تۇرپان تەۋەسىدىكى يالقۇنتاغ ئوتتۇرا مەكتەپ، تۇيۇق سۇبېشى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئايدىڭكۆل قوشتۇغ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە تامچە ئۇيۇشما ئەزالىرى ئوقۇغۇچىلارغا نەق پۇل، ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى.




بۇ ئارقىلىق سەبىيلىرىمىزگە مېھرى-مۇھەببەت بىلەن تولغان دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تامچە مېھرىبانلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. ئىللىقلىققا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار مېھرىبانلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە كەلگۈسىگە ياراملىق ئادەم بولۇپ ۋەتەن ۋە خەلققە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.




ئابدۇقەييۇم ئابدۇرېھىم خەۋىرى     ئابلەتجان ئابلىمىت تەھرىرى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-29 20:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈزۈلمىسۇن ! ! !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2016-6-9 23:01 , Processed in 0.122502 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش