توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 938|ئىنكاس: 54

كۆز ئەينەك ۋەقەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1 . قىسىم


   ئەتىياز ئاسمىنى تولىمۇ تۇتۇق ، ساغۇچ توپا رەڭ ھالەتتە ئىدى . ئەتتىگەنلا ئورنىمدىن تۇرۇپ تامىقىمنى يەپلا مەكتەپكە يول ئالدىم .
مەنزېلىم كۈسەن شەھرىگە ئەڭ يىراق بولغان ، خانىقاتام يېزىسىنىڭ تۇلۇقسىز ئۈچىنجى يىللىقىدا ئۇقۇۋاتاتقان چاغلىرىم بولۇپ بەكلا تىرىشچان ئىدىم . مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارلىقى بەش - ئالتە كىلو مىتىر كېلىدىغان بولۇپ ئاز دىگەندىمۇ قىرىق مىنۇتلاردا يىتىپ باراتتىم . كىچىككىدەك بولسام يۈگىرەيتىم . شۇ ماڭغانچە مەكتەپ ئالدىغىمۇ كىلىپ قاپتىمەن . بىر توپ بالىلارنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يىغىلىپ ، قاتتىق مۇنازىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈمدە تەڭ ئۇلارغا قۇشۇلدۇم . ئەسلى مەكتەپ درۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىلا ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپنىڭ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئېلانىنى چاپلاپ قويغان ئىكەن ، بۇلارنى كۆرمەي قانداقمۇ سىنىپقا كىرىپ كىتەي . ئېلانغا چىقىرىپ قويۇلغان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولدۇم ، چۈنكى مەدەنىيەت - سەنئەتكە بولغان ئىشتايىقىم تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ھەرۋاقىت رەسىم سىزىش تاختامنى ياندىن ئايرىمايتتىم . مەكتەپتىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلپ پەسىللىك باھالىنىشلاردىمۇ تەغدىرلىنىپ تۇراتتىم . خوشاللىقىمدا ئىختىيارسىز سىنىپ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .
- كۆردۈڭمۇ ئۇ خەۋەرنى ؟ ئالدىمدىلا ئەڭ يېقىن دوستۇم ياسىن تۇراتتى .
- كۆردۇم ئاداش ! گۈزەل - سەنئەت كەسپىگە قىرىق ئىككى سان بىرىپتۇ . بىز پاراڭلاشقاچ ئورنىمىزغا باردۇق . دوستۇممۇ ئوخشاشلا بۇ كەسىپكە بەكلا قىزىقاتتى ھەم ئالاھىيدە بەسلىشەتتۇق . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئىزچىل مەشىق قىلىپ ئاۋال ئاتا - ئانىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدۇق . كىيىنچە ئىمتاھانغىمۇ تىزىملاتتۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق يېغىپ ئىمتاھان ۋاقتىمۇ كىلىپ قالدى . مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىن بەش ئوقۇغۇچى ئىمتاھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن چوڭلار بىلەن ئاقسۇ شەھرىگە كەلدۇق . ئىمتاھان بەرمەكچى بولغان ئورۇندا ، بىزگە يۇرتلۇق بولغان تۇرسۇن تۇردى ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ ، كۇچادىن كەلگەنلەرگە مەسئۇل ئىكەن . ئۇ كىشى بىز كىلىشىمىزگە ئالدىمىزغا چىقىپ ، ھەممەيلەننى تولىمۇ ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇردى . كەچكى شەپەق نۇرى قىزىرىپ شەھەر مەنزىرلىرى تولىمۇ گۈزەل كۆرىنەتتى . بىرگە كەلگەن يۇرتلۇقلار سىرتنى ئايلانغاچ كەچلىك تامىقىمىزنى يەپ بولۇپلا ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتۇق . ئەتىسى ئەتىگەن ھەرقايسى ناھىيەدىن كەلگەن يېڭى كوماندىلار رەت - رەت تىزىلىپ ئىمتاھان مەيدانىغا يىغىلدۇق . ئىمتاھان ئېلىش زالى خۇددى بەيگە مەيدانىغا ئوخشاش ، ھەر يەردىن كەلگەن كوماندىلار ھەر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىيدە ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىشاتتى . رىقابەت بەكلا كۈچلۈك بولۇپ ، ھەركىم ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان بۇ ئوچۇق مەيداندا پەقەت بىرلا نۆۋىتى بار ئىدى . ئىمتاھاننىڭ بىر باسقۇچى ئەمەلىيەت ، يەنە بىر باسقۇچى نەزىرىيە بولۇپ بىر كۈندىلا تۈگەيتتى . شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك پائالىيتىمىز ئىمتاھان بىرىش بىلەن بولۇپ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى . نەتىنجىمىز ئەتىسى چىقىدىغان بولغاچقا ، بىرگە كەلگەنلەر خوشال - خورام ياتاققا قايتتۇق . دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن كەچلىك تاماق يىگەچ نەچچە سائەت سىرتنى ئايلىنىپ ، سۈپسۈزۈك چىراقلار بىلەن بىزەلگەن ئاقسۇ شەھىرىنى تاماشا قىلدۇق . ساپ ھاۋالىق شەھەر مەنزىرلىرى بىزلەرنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلاتتى .
- ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ ، ئەمدى قايتامدۇق ؟ ياسىن سەل چارچىغاندەك كۆرىنەتتى .
- قايتايلى . ئارتۇق سۆزلىمەيلا جاۋاپ قايتۇرۇپ قويدۇم . ئىككەيلەن خېلى كۆپ يوللارنى پىيادە يۈرۈپ ئاخىرى ياتاققىمۇ كەلدۇق ، شۇنداقلا كەچلىك ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتۇق . ۋۇجۇدۇمدىكى ھەر تۈرلۈك خىياللار دېڭىز بولۇپ ، چەكسىز تەلپۈنۈشلەرگە بېقىپ زادىلا ئۇخلىيالمايتتىم . بارچە ئارزو - ئىستەكلىرىم ئىمتاھان غەلبىسىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ خىيال دىڭىزىغا چۆكەتتى . قانداقتۇر يېرىم كېچىگە يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن . تاڭ سۈزلىشى بىلەنلا ئويقۇمدىن ئويغۇنۇپ دەرھال دوستۇم ياسىننى ئويغاتتىم . ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ ئىختىيارسىز ئىمتاھان بەرگەن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق . سەھەرنىڭ جىمجىتلىقى روشەن گەۋدىلىنىپ ، پىيادىلەر يولى خۇددى بىز ئۈچۈن ئوچۇق تۇرغاندەك كۆرىنەتتى . خوشاللىق چىھرىمىزدە جۇلالىنىپ گاھ يۈگۈرسەك ، گاھ چاقچاقلىشىپ تىزلا مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمىز ، ئەمما مەكتەپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر تېخى ئىشقا چۈشمىگەن بولۇپ ئېمتاھان نەتىنجىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . ئىككەيلەن ئامالسىز ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇق . ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ ئېمتاھان نەتىنجىسىمۇ ئېلان تاختىسىغا چىقىرىلدى . شۇ تاپتا بىز بەكمۇ خوشال ئىدۇق ، چۈنكى دوستۇم ھەر ئىككىيلىمىز ئالاھىيدە نەتىنجە بىلەن غەلبە قازاندۇق . تۇنجى ئۆتكەلنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ۋۇجۇدۇمدا زور رىغبەت بولۇپ ، كىيىنكى قېتىملىق خۇلاسىلاش ئىمتاھانىنىڭ غەلبىسىگىمۇ تۇلۇق ئىشەنىچ قىلدىم .

   ئالتۇن كۈز پەسلى يىتىپ كىلىپ ، ھەممە ياق ئىللىقلىققا چۆمگەن مولھوسۇللۇق مەزگىللەردە ، دوستۇم ھەر ئىككىلىمىز ئۇتۇق قازىنىپ ، ئاقسۇ ۋىلاتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپىنىڭ گۈزەل - سەنئەت كەسپىگە قۇبۇل قىلىندۇق . تۇنجى ئەركىن مەنزېلىمنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم . ۋۇجۇدۇمدىكى كەسىپ قىزغىنلىقى ھەر تەرەپكە ئۆركەشلەپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈننى تۆت كۆزۇم بىلەن كۈتتۈم . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەيلا مەكتەپكىمۇ تىزىملىتىپ ئورۇنلاشتۇق ، ھەم ھەش - پەش دىگۈچە ئوقۇشمۇ باشلاپ بولدۇق . مەكتەپ ئىچى تولىمۇ ئاۋات بولۇپ تەرەپ - تەرەپتىن چىقىۋاتقان ھەرخىل مۇزىكىلارنىڭ مۇڭلۇق ھىدى كىشىنى مەس قىلاتتى ، ئەمما شۇ خوشاللىق ئىچىدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قايغۇسى بار ئىدى . مەكتەپتىكى كونا ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوتتىرسىدا ناھايتى قاتتىق ئىنقىلاپ بار بولۇپ ، ئاكىلار خان ئۇكىلار قۇل بۇلۇپ ياشايتتى . ئاكا - ئاچىلارنىڭ ھالى ، ئۇكا - سىڭىللارنىڭ دەردى...
كۈنلەر داۋاملىشىپ بىر يىلمۇ تۇشاي دەپ قالدى شۇنداقلا مەكتەپكىمۇ خېلى كۇنۇپ قالدۇق . كەسپىمنى نەقەدەر ھۆرمەتلەپ ، ئىزچىل مەشىق ئاستىدا قوللۇرۇممۇ ئوبدانلا كۆنۈپ قالغان ئىدى . گەرچە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەردى شۇنچە يامان بولسىمۇ ، ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئىزچىل كەسپىمنى پىششىقلىدىم . دوستۇم ياسىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئاۋالقىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ زادىلا ئايرىلمايتتۇق . ئائىيلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرىۋاتقىنىمىزغا نەچچە ئاي كام بىر يىل بولغان ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر - بىرمىزگە ھىسداشلىق قىلىش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئوخشاش مەجبۇريىتىمىز بولۇپ قالدى . شۇ چىن دوستلۇق ئىچىگە كۈچلۈك رىقابەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ كەسىپتىمۇ تىزلا ئىلگىرلىدۇق .

   خۇشپۇراق چېچىپ قۇياشقا باققان گۈللەرگە ئوخشاش ، مەكتەپتىكى كونا ئوقۇغۇچىلارمۇ بەكلا ياسىناتتى . ئەتىگەندە بۇنى كىيسە ، چۈشتە ئۇنى كىيەتتى ، كەچلىكى ئاۋۇنىمۇ كىيىپ قوياتتى . قىزلار چاڭچىلدەك ياسنىپ غوجامنى باپلىسا ، يىگىتلەر تۇلكىدەك بولىۋېلىپ چىرايلىقنى ئوينايتتى . خۇددى شۇ ئالماشتۇرۇپ تۇرغان كىيىملەرگە ئوخشاش ، ئۇلارمۇ پات - پات ئۆزلىرىنى ئالمىشىپ تۇراتتى . بۇنداق ئىشلار يىللاردىن مەكتىپىمىزدە مودا بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىچكى ھەۋەسلەر بولۇپ ، ھەربىر ساۋاقداشنىڭ چېھرىدە ئەينەن ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئەتىراپىمىزدىكى بەزى مۇھىيتلارنى ئۆزىمىزگە كۈنسىرى سىڭدۈرۈشكە باشلىدۇق . ئۇياق - بۇياقلارغا ماڭغان قىزلارنىڭ كەينىدىن قارايدىغانمۇ بولدۇق . ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا تولىمۇ گەپتان ئىدىم ، شۇڭلاشقىمىكىن كىلىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندىم . شۇ جەرياندا سىنىپ خىزمەتلىرىنى قىلىپ كىتىۋېتىپ ، خوشنا سىنىپتىكى سىنىپ باشلىقى قىز بىلەن ئوبدانلا يېقىن بولۇپ قالدىم . ئۇ قىز توقسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ مەندىن بىر قارار يوقىرى ئىدى . سىنىپ ئارلىقىمىز يېقىن بولغاچقا ، ئادەتتە ھەر ئون مىنوتلۇق دەم ئېلىشتىمۇ كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق . كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپمۇ خېلى ئوزۇنغىچە ئايرىلالماي ، ياتاق بىناسى ئالدىدا تۇرۇپ كىتەتتۇق . ياتاققا كىرىپ ئۇخلاش تەييارلىقىمنى قىلىپ ئاستا بېشىمنى ياستۇققا قويۇشۇم بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا تولىمۇ ياراشقان چوڭ جۇپ قوي كۆزلىرى چاقناپ ، ئالمىدەك پارقىراق قىپقىزىل مەڭزىگە ماسلىشىپ كەتكەن سۈپسۈزۇك لەۋلىرى كۆز ئالدىمدىلا نامايەن بولاتتى . ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاللىبۇرۇن بىر - بىرمىزگە ئاشىق بولغان ئىدۇق . ئورنىتىلغان مۇناسىۋىتىمىز چوڭقۇر ئەدەپ - ئەخلاققا بېرىكىپ ، ئارىمىزدىكى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىمۇ بەكلا كۈچلۈك ئىدى . شۇنچە ئوزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ مەزمۇندا زادىلا پاراڭلاشمايتتۇق .

   كۈزنىڭ مەيىن شاماللىرى يۈزۇمنى ئاستا - ئاستا سىپاشقا باشلىدى . بىپايان كەتكەن دالىدا ئېتىز قىرىغا بېشىمنى قويۇپ ، ئىللىق سەھرا ھىدىدىن ھۇزۇر ئالغاچ ، تىپ - تېنىچ كۆك ئاسمانغا نەزەر سالدىم . ھال رەڭ دېكراتسىيە ئالدىدا جۇلالىنىپ تۇرغان چوڭ بۇلۇت پارچىللىرى دىققىتىمنى تارتىپ ، ئىختىيارسىز خىيال دېڭىزىغا مەجبۇرلايتتى . ئۇنىڭ زىلۋا ئىگىز بويلىرى تولىمۇ قاملاشقان بولۇپ سەھنىدىكى سىماسى خۇددى توزغا ئوخشايدۇ . تەبەسسۇم بىلەن قاراشلىرى ۋۇجۇدۇمدا ئۆركەشلەپ ھەر زامان باغرىم كاۋاپ بولاتتى . ھەر - بىر ئېغىز سۆزلىرى گۇيا ھەسەل كەبى تاتلىق بىلىنىپ ھاياتقا بولغان ئۈمۈدۈم كۈنسىرى ئاشاتتى . بىز تۇنجى ئوقۇش يىلىنى غەلبىلىك تاماملاپ ئۆيگە تەتىل قىلىپ كەلدۇق ، ئەمما دوستۇم ئايگۈل ئاقسۇ شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكتە قالغان ئىدى . شۇ يىللارى تارىم ناخشا - ئۇسۇل سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ، دولان چېچەكلىرى ناملىق ئوپىراسىنى تەييارلاۋاتقان چاغلار بولۇپ ، مەكتىۋىمىزدىن نۇرغۇن ئۇسۇلچى ئۇقۇغۇچىلار قاتناشتۇرۇلغان ، ھەم ئايگۈلمۇ شۇلار توپىدا ئىدى .
كۈنلەر داۋاملىشىپ تەتىل توشىدىغان ۋاقىتمۇ ئاز قالدى . ياسىن ئىككەيلەن ماڭىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ، بارلىق تەييارلىقىمىزنى قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييار بولدۇق . بۇ يىل بىز ئىككىنجى يىللىققا چىققان بولغاچقا مەكتەپ بىلەنمۇ خېلە ئۆزلىشىپ قالغان ئىدۇق . ئاتا - ئانىمىز دېھقانچىلىق ئىشلىرنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، شۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆزلىرى ئاپىرىپ جايىدا تاپشۇرالايدۇ دەپ قاراپ قولىمىزغىلا تۇتقۇزۇپ قولغان ئىدى . نەچچە كۈندىن كىين يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلگەن ۋاقىت توشۇپ خاتىرجەم مەكتەپكىمۇ كىلىۋالدۇق . نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپلا ئەڭ ئاۋال ئايگۈلنى ئىزدىدىم . ئەمەلىيەتتە ئايگۈلمۇ مىنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئاتايىن ئۆمەكتىن مەكتەپكە چىققان ئىكەن ، ياتاق بىناسى ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق . تۇيۇقسىز ئۇچۇرشۇپ بولدۇممۇ قانداق نەپەسلىنىشىم تولىمۇ تۇراقسىز ئىدى .
- تېنىچلىقمۇ ؟ ئاۋازىم تىتىرەپ ئارانلا شۇنى دىيەلىدىم .
- تېنىچلىق ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئەسلى بالدۇرلا ئالدىڭىزغا چىقماقچى ئىدىم ، چۈشتىن كىيىنكى مەشىق بەكلا جىددى بولغاچقا كىچىكىپ قالدىم . ئۇز نازلىنىش ئىچىدە چىقىۋاتقان يۇمران سۆزلەر قەلبىمنى بەكلا ھاياجانغا سالاتتى .
- ھىچقىسى يوق ، رەخمەت . ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراي دەپ شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ زادىلا مۇمكىن بولمىدى . ئىككەيلەن ئاستا مېڭىپ پاراڭلاشقاچ مىنىڭ ياتىقىمغا كىردۇق . سەھرادىن ئېلىپ كەلگەن قاق - ياڭاقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم . ياتاقداشلىرىمدىن نەچچىسىلا كەلگەن بولۇپ ھەممەيلەن بىرلىكتە يىمىش يىگەچ خېلە ئوزۇن پاراڭلاشتۇق . كىيىن ئايگۈلنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇ مەشىق مەزگىلىدە ئۆمەكتە تۇرىدىغان بولۇپ قايتمىسا بولمايتتى . ئىككەيلەن كەچلىك تاماقنى بىرگە يىگەندىن كىيىن ئۇنى ئۆمەككە ئاپرىپ قويدۇم .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:47:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىسى دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن سىنىپ مەسئولىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇقۇش پۇلىمىزنى تاپشۇرماقچى بولدۇق . ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلىسى دېھقاچىلىق بىلەن شوغۇنلىنىدىغان بولغاچقا ، ئاتا -ئانىمىز ئۇقۇش پۇلىمىزنىڭ يېرىمىنى ئارانلا جايلاپ بەرگەن ئىدى . پۇللارنىڭ كام قىسىمىنى بىز دۆلەت بايرىمىدا ئۆيگە بارغىچە پاختىلارنى سېتىپ تەييارلاپ قويماقچى بولغان ، ئەمما ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولماي قالدى . بەنجۈرىنىمىز ئوقۇش پۇلىنى توپلا ئالىمەن دەپ گىپىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ بىزنى قايتۇرۋەتتى . ئىككەيلەن ياتاققا چىقىپ مۇزاكىرە قىلىشىپ يېنىمىزدىكى پۇللارنى بايرامغىچە بانكىدا ساقلىماقچى بولدۇق . مەكتەپ ئالدىدىلا سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ شۆبە تۇرۇشلۇق بانكىسى بار بولۇپ ئىككەيلەن شۇ جايغا چىقتۇق . بانكىغا كىرگەندىن كىيىن بەزى ئىشلارنى بانكا خادىملىرىغا تەپسىيلى چۈشەندۈرۈپ تىزلا ئىشلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتۇق . ئۇ چاغلاردا مەخپى نومۇرلۇق كارتىلار نىمە ئىش ، قەپەت قىزىل تامغىسى بار قەغەز چەكلا بېجىرلەتتى . ئىككەيلەن پۇللارنى ئۆز نامىمىزدا بانكىغا سالغاندىن كىيىن چەكنى پۇختا ساقلىدۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئومۇمىيۈزلۈك ئوقۇغۇچىلارنى ئاقسۇ شەھىرىگە تولىمۇ يىراق بولغان ، ئون بىرىنجى تۈۋەن دېھقانچىلىق رايۇنىغا ، پاختا تىيىش ئەمگىكىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى . ئون بەش كۈنلۈك جاپالىق ئەمگەك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە يەنە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق . ئەتىسى سەھەردە ھەممە ئوقۇغۇچىلار بايراملىق ئۆيگە ماڭىدىغان بولغاچقا ، نەچچە ساۋاقداش بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتتۇق . ئايگۈلمۇ بايراملىق ئارام ئالغانلىقى ئۈچۈن شۇ تاپتا يېنىمدا ئىدى . نەچچەيلەن ھاۋاسى ساپ شەھەر مەنزىرلىرىنى تاماشا قىلغاچ مەلۇم بىر ئارامگاھتا تاماق يىيىشتۇق . ئوغۇللار ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپمۇ قويدۇق . سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتى بەكلا ياخشى بولۇپ سائەتنىڭ ئون بىر بولغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز . بەزىلەرنىڭ كاللىسى مەستلىكتىن گاراخ بولۇپ كېچىدە مېڭىش بەكلا تەس ئىدى . ئارىدىن نەچچىمىز كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ مەكتەپكە قايتتۇق . مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىلا يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياتىغى بار بولۇپ ، ئۇلار ئاللى بۇرۇن ئۆيلىرىگە كىتىپ بولغان ئىكەن . نەچچىمىز بىلىندۇرمەي شۇ ياتاقلارنىڭ مەلۇم بىرىگە كىرىۋالدۇق . ئايگۇل بۇ كېچە يېنىمدا بولۇپ بەكلا خوشال ئىدىم . كۆڭلۈمدىكى يىغىلىپ قالغان سۆزلەرنى دىيىش پۇرسىتى بەلكىم بۈگۈن بولىشى مۇمكىن . ئۇنى پىششىق قاماللاپ ، باغرىمغا بېسىپ نىمىلەرنى دىيىشنى ئويلىنىشقا باشلىدىم . بەلكىم ھېلى ئىچكەن مەينىڭ كۈچى بولسا كېرەك ئوبدانلا شاش ئىدىم . دەسلەپتە سۆزلىرىمنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم . ياتاق ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ پەقەت ئۇنىڭ ھىدىنىلا پۇرىيالايتتىم . ياتاقنىڭ يەنە بىر بولۇڭىدا بىرگە كىرگەن ناچچەيلەننىڭ پىچچىرلىغان ئاۋازى يەر ئاستىدىن بوش ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ مەڭزى يۇزۇمگە سىلىق تىگىپ قانداقتۇر ئۆزەمنى يوقۇتۇپلا قويدۇم . باش قىسىمىم ئاستا - ئاستا ھەركەتلىنىپ ئۇنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىگە ، لەۋلىرىم يېقىنلىشىشقا باشلىدى . شۇنچە كۆيۈپ ، ئىشقىدا چۇچۇل بولغان چىن سۆيگۈلەر بۇ ئەھۋالدا قانداقمۇ چىدىسۇن ، ئاللىبۇرۇن لەۋلەر يەملىشىپ ئىرماش - چىرماش بولۇپ كەتتى . شىرىن تەملەرنىڭ لەززىتىدە شالاپ - شۇلۇپ ئاۋازلار ھېلىھەم ياتاق ئىچىدە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . چەكسىز مۇھاببەتكە تولغان گۈزەل كېچە شۇنچە تىز ئۈتۈپ كەتتى . شىرىن سۆيگۈلەر ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنىمۇ سەزدۈرمەپتۇ . تاڭنىڭ سۈزلىشى بىلەن ياتاقتىكى نەچچىمىز بىر - بىرلەپ سىرتقا چىقىپ كەتتۇق ، شۇنداقلا مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ناشتا قىلغاچ ئۆيگە مېڭىش مەسلىھەتىنى قىلىشتۇق . شۇ ئەسنادا بىر ساۋاقداش مەكتەپ ئالدىغا ماشىنا كىلىپ ، كۇچا ، توقسۇ ، شايارغا ماڭىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنى ئوپچە ئېلىپ ماڭماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى . ھازىر بەكلا ئەتىگەن بولۇپ ، بانكا خادىملىرىنىڭ ئىشقا چۈشىشىگىمۇ خېلە ئوزۇن ۋاقىت بار ئدى . مەندە پەقەت تاماق يىگىدەكلا دەسمىي بار بولۇپ قالدىسىنى ھېلىغىچە غەملىمەكچى بولغان . ئايگۇل بىلەنمۇ تېخى ئەمدىلا يېقىن بولغان تۇرسام ، ئۇنىڭغا سائەت سەككىزدىن كىيىن ماڭىلى دەپ ، قانداقمۇ ئېيتالاي . شۇ تاپتا بۇ خەۋەر بېشىمنى قوچۇپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . دوستۇم ياسىندىمۇ پۇل قالمىغان ئىدى . ئەسلى ئىككەيلەن ماڭىدىغان چاغدا بانكىدىن ئازراق پۇل ئېلىپ ئاندىن ماڭماقچى بولغان ئىدۇق ، بىراق ئىشلا تۇرۇپلا ئۆزگىرىپ كەتتى . تاماقنى يەپ بولۇپ ئايگۈل ياتاققا نەرسىللىرىنى ئالغىلى كىرىپ كەتتى . شۇ تاپتا نىمە قىلارىمنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدىم . قانداق بولغىنى ئەمدى ؟ بىر يىگىت تۇرۇپ كىراغا چۇشلۇقمۇ پۇل تاپالماسمەنمۇ ؟ قات - قات مەسلىلەر ئۈستىدە ئىزلىنىشكە باشلىدىم . ياسىننىڭمۇ ئىچى بەكلا سىقىلاتتى . تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئوي كىلىپ قالدىدە ؛
- ئاغىينە بىزدە نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنىڭ چېكى بار ئەمەسمۇ ، مۇشۇ چەكنى ئىشەنچىلىك بىرەرسىگە رەنىگە قويۇپ ئازراق پۇل ئالمامدۇق .
- قانداق بولار ؟ ياسىن سەل ئەنسىرەپ قالدى .
- بولۇپمۇ قالار ئاداش ، ماۋۇ ئاشخانا خۇجايىنى بىلەن كۆڭلىمىز خېلە يېقىنغۇ ، ئېيتىپ باقمامدۇق .
- ئۇنداقتا سەن دىگىنە ، گەپكىمۇ ئۇستا ئۆزۈڭ . ياسىن يەنىلا ماڭا قويۇپ بەردى . ئاستا
ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ، ياندىكى ئاشخانا خۇجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بەزى ئىشلارنى تەپسىيلى چۈشەندۈردۈم . تەلىيىمىزگە يارىشا خۇجايىن تەلىپىمىزگە قوشۇلۇپ ، قولۇمدىكى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز يۈەننىڭ چېكىگە ئىككى يۈز يۈەن نەق پۇل ئالماشتۇرۇپ بەردى .
- رەخمەت ئاكا ، ئۆيدىن قايتىپ كىلىپلا پۇلۇڭنى قايتۇرىمەن ، شۇنداق بىر ئەسقاتتىڭ ياخشىلىقىڭنى چوقۇم ئۇنۇتمايمەن ، رەخمەت ساڭا . ئۇنىڭغا ئارقا - ئارقىدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشكە باشلىدىم .
- ھىچقىسى يوق ، كىچىك ئىش بۇ ، ھې ھې ھې !
خۇجايىن كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ ، مېيقىدا كۈلۈپ قويدى . شۇنداق قىلىپ ئىشلارمۇ ئاسانلا توغىرلىنىپ كەتتى . خۇجايىن بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن مەكتەپ ئىچىگە كىردۇق ، شۇ ئەسنادا ئايگۈلمۇ چىقىپ بولغان ئىدى . ئوزۇن ئۆتمەيلا چوڭ ئىككى ئاپتۇبۇس مەكتەپ ئالدىغا تارتىلىپ ، بىرگە ماڭىدىغانلار بىر - بىرلەپ ئورۇنلاشتۇق . كۇچا ، توقسۇغا ماڭىدىغان ئاپتوبۇس بىر بولۇپ ئوزۇن تۇرمايلا قوزغۇلۇپ كەتتۇق . يول بۇيى پەرىشتەم يېنىمدا بولغاچ زادىلا زېرىكىش ھىس قىلمىدىم . ئاپتوبۇس ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە - چاقچاقلار ساداسى ئۇرغۇپ تىزلا توقسۇ ناھىيەسىگە كىلىپ قالدۇق . شۇ تاپتا ئايگۈل چۈشۈپ قالاتتى ئەمما ئايرىلىش بەكلا تەس بولدى . كۈندە بىرگە يۈرۈپ كۆنگەن ئاشىقلار قەلبى ، بۇ قىسقىغىنە ئايرىلىشقا چىدىمايدىغاندەك قىلاتتى . ئەمما نىمە ئامال . ئاپتوبۇس توقسۇ ناھىيەسىگە كەلگەندە بېكەت ئىچىگە كىرىپ توختىدى شۇنداقلا بىر قىسىم بالىلار چۈشۈپ قالدى . ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ مەنمۇ پەسكە چۈشتۈم . ئۇنىڭ چېھرىدە ئەكىس ئىتىپ تۇرغان گۈزەل سۆيگۈسى قانداقتۇر يۆرىكىمنى لەختە قىلىپ ، ئايرىلىشنىڭ نەقەدەر تەس بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم . ئىككەيلەن ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا تەرپىگە ئۆتۈپ نەچچە مىنۇتلا بىرگە تۇرالىدۇق . تاتلىق تەلپۇنۇشلەرگە تولغان جۇپ كۆزلەر شۇ تاپتا بىر - بىرگە قادىلىپ سۈكۈتتە تۇراتتى ، تۇيۇقسىز ماشىنا سىگىنال بەردى .
- خوش تاتلىقىم ، بېرىپلا تېلىفۇن قىلىۋېتىمەن . ئامالسىز ئاپتوبۇسقا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم .
- خوش قەدىرلىكىم . ئۇمۇ تەڭ بوينۇمغا ئېسىلغانچە مەڭزىمگە بىرنى سۆيدى . شۇ قىسقىغىنە ھاياجانلىنىش ئىچىدە يۈزلىرىم قىزىرىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . ئۇنىڭدىن شۇنچە تەستە ئايرىلىپ ئاپتوبۇسقا چىقىشىمغىلا كىيىنكى مەنزېلگە يۈرۈپ كەتتۇق . دەرىزە يېنىدا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر تاشلىغانچە ئونىڭ بىلەن بىرگە قالغان قەلبىمگە توختىماي تەسەللى بېرەتتىم . خىيالنىڭ ئىچىدە خىياللار ئەكىس ئىتىپ يۇرتقىمۇ تىزلا كەپ قالدۇق .
بۈگۈن پەيشەنبە ، خانقىتام بازىرى بەكلا ئاۋات بولۇپ ، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن سەھرا يوللىرىدا ماڭماق تولىمۇ تەس ئىدى . ھەرخىل رەڭلىك يايما - لەمپىلەرنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ قىزغىن چاقىرىق ئاۋازلىرى بازار شاۋقۇنىنى يەنە بىر پەللە يوقىرى كۆتىرەتتى . ئىككەيلەن ئارىلاپ مېڭىپ يۈرۈپ ئوزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلدۇق . ياسىننىڭ ئۆيى بازار ئىچىدە بولغاچقا چوڭ كوچا ئېغىزىدىلا خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتتى . بازار ئىچىدە ئادەملەر بەكلا كۆپ بولغاچقا خېلە ئوزۇن ئارىلاپ يۈرۈپ تەستە ئائىيلەمدىكىلەرنى ئۇچىراتتىم . بۈگۈن يېزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بازار كۈنى بولۇپ ، ئەسلى ئائىيلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بازارلىق قىلىش ئۈچۈن چىققان ئىكەن .
- ۋاي ئاپئاق بالام . ئاپام بوينۇمغا ئېسىلغانچە شۇ سۆزنى ئارانلا دىيەلىدى ، تۆكۈلۈپلا كەتتى . ۋۇجۇدۇمغا تولغان سېغىنىش ئىستەكلىرى ئاپامىنڭ يىغىسىنى كۆرۈپ تەڭلا پارتلاپ كەتتى . ئۆيدىن ئايرىلغىلى بىر ئايمۇ بولمىغان تۇرۇپ بۇ سېغىنىشلىق كۆرۈشۈش شۇنچە ئاچچىق ئىدى . ئائىيلىدە مەن بىرلا ئوغۇل بولغاچقا ئاپام زادىلا چىدىمايتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ يىغىسى ھىچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس .
- بولدى ، تۆكىۋېرىدىكەنسەن ، قالدىسىنى ئۆيدە . ئاتام تولىمۇ قىزىقچى بولۇپ بىردەمدىلا ھەممىمىزنى كۈلدۈرىۋەتتى . شۇنداق قىلىپ بىر - جەم ئائىيلە ئوزۇن تۇرمايلا ئۆيگە قايتتۇق . كەچلىكى نەچچە كۈنلۈك مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمنى بىرمۇ - بىر ئائىيلەمدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردىم . ئاپام ئەتكەن مەزىلىك تائاملارنىڭ ھىدى ئۆي ئىچىنى قاپلاپ ، ئىسسىق ماكاننىڭ نەقەدەر جەننەتتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇراتتى . كېچە - كۈندۈزگە ئۇلۇشۇپ نەچچە كۈنلۈك ۋاقىتمۇ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى . بايراملىق ئارام ئېلىش ئون كۈنلۈك بولغاچقا نەچچە كۈندىن بىرى ئۆينىڭ ئىشلىرىغىمۇ خېلە كۆپ ياردەملىشالىدىم . پاختىلارنى سېتىشىپ ئوقۇش پۇلۇمنىڭ قالدۇقىنىمۇ غەملەپ قويدۇم . ئەتە كۈندە بىز مەكتەپكە ماڭىدىغان بولغاچقا بارلىق تەييارلىقلىرىمنى قىلىپ ئائىيلەمدە بولدۇم . ئۆي ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ يېقىن ئورۇق - تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسى بار ئىدى . چۈشتىن كىيىن ئائىيلىدىكى ئوپچە غىزارلىنىش بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ ، يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەر بىلەن چىرايلىق خوشلاشتىم . ئورۇق - تۇققانلىرىم ئاز بولسىمۇ ھەر تەرەپتىن كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ يوللۇق تۇتىشاتتى .
  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:48:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھاياتقا بولغان تەلپۇنۇشلەر كۈنسىرى كۈچىيىپ ، غايىۋى ھەۋەسلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئاشىقلىق نىداسى پەللىمۇ - پەللە يوقىرىغا يامىشاتتى . سۆيگۈمگە ئاتىۋېتىلگەن بارلىقىم ، ھايات مۇساپەمنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى بولۇپ ، قايغۇلارنىمۇ ئاستا - ئاستا ئونتۇشقا باشلىدىم . شۇ يىللارى كىشلەر چاقىرغۇ ئىشلىتىشنى مودا قىلىۋالغان بولۇپ ، مىنىڭمۇ بىرنى ئىشلەتكۈم كىلىپ قالدى . كونىلارنىڭ ماقال تەمسىلىدە ، ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس ، دىيىلگەندەك ، بەزى بالىلارنىڭ ھاككاۋۇرلۇقىغا قاراپ تۇرغىلى بولمايتتى . ئوقۇش پۇلۇمنىڭ قالغان قىسىمىنى بانكىدا ساقلاۋاتقىنىمغا خېلە ئوزۇن بولغان بولسىمۇ زادىلا بۇزۇپ - چېچىۋەتمىگەن ئىدىم . ئۆتمۈشۈم داۋاملىشىپ ئەتىراپتىكى سېسىق مۇھىيتلارنىڭ تەسىرىدە بۇ پۇللارغىمۇ كۆز قىزارتىشقا باشلىدىم . نادانلىق ئەقىلغا سىغماي خاتا قەدەملەر يەنىلا داۋاملىشىپ بەزى قايغۇلاردىن بانكىدىكى پۇللارمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى . بۈگۈن كۈنگە جۈمە بولۇپ تاڭ ئاتسىلا شىكەر شەنبە - يەكشەنبە كېلەتتى . قاياقتىندۇر شەيتان جىلۋىسى يول باشلاپ ئىككىلەنمەيلا بانكىغا چىقتىمدە ، نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى ئورنىدىن قومىرىۋەتتىم . ئىدىيەمدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئېڭى كۈچىيىپ ، ئوقۇش پۇلۇمنىڭ ئورنىنى قايسى يوللار بىلەن تولدۇرۇشنى زادىلا ئويلاشمىدىم . نۆۋىتى كەلگەندە بولار بىر ئىش دەپ ، يانچۇقۇمغا پۇلنى سالدىمدە ئودۇل شەھەر مەركىزىگە باردىم . قاتار سېلىنغان ھەيۋەتلىك سودا - سارايلار بىر - بىرىدىن قېلىشقۇسىز بولۇپ قايسى بىرىنى تاللاش تولىمۇ قىيىن ئىدى . بەزى ئىشلارغا قىزىقىپ يالغۇزلا كەلگەچكە ئانچە ئايلىنىپمۇ كەتمىدىم ، شۇنداقلا ئودۇلۇمدىكى سودا - سارايغا كىرىپ باھامۇ تالاشماي بىر دانە چاقىرغۇنى سېتىۋالدىم . ئېزىتقۇ ھەۋەسنىڭ دەشتىدە بورۇختۇم بولۇپ ، شەيتىنىم قايسى يوللاردا ئېلىپ كىتىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەيتتىم . بۇرمىلىنىپ كەتكەن ئىدىيەم قاياقلارغا باشلاپ يېنىمدا ئېشىپ قالغان ئازغىنە پۇللارنىمۇ بوش قۇيىۋەتمىدىم . شۇ خوشاللىقىمدا خەلقئارالىق كىيىم كېچەكلەر بازىرىغا بېرىپ بىر نەچچە يۈرۈش كىيىم - كېچەكمۇ سېتىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ ئامانەتتە ساقلىنىۋاتقان پۇللار ئاز - ئازدىن ئىشلىتىلنىشكە باشلىدى . پۇلنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق كىشى بىلىدۇ ، ئەمما جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالالايدىغانلىقىنى سەزمەي قاپتىمەن . نائىنساپنىڭ بورىنىدا قالغان پۇللار ، شۇنداقلا يېنىمغا ئېسىۋالغان چاقىرغۇ ئىدىيەمنى ئۆزگەرتىپ كۈندىن - كۈنگە ياۋۇزلىشىشقا باشلىدىم . جەمىيەتتىنمۇ نەچچە بالىلار بىلەر مۇناسىۋەت باغلاپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم . دەسلەپكى سىرت بىلەن بولغان ئالاقەم ياخشى بولۇپ ، دەم ئېلىش كۈنلىرى بەزى ئۇرۇنلارنىڭ ئېلان - تاختا ، تەشۋىقات شۇئارلىرىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدىغان بولدۇم . ئايگۈل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئالاھىيدە ياخشى بولۇپ ھەركىم ھەۋەس قىلىشاتتى . ۋۇجۇدۇمدىكى شىرىن تۇيغۇلار رەت - رەت تىزىلىپ يىگىتلەرگە خاس جەسۇرلۇقۇممۇ كۈنسىرى ئېچىلىشقا باشلىدى . قەلىبلەر سۆيگۈنىڭ تېۋىدە جۇلالىنىپ كۈندىن - كۈنگە تەرەققى قىلىشقا باشلىدۇق . بىر - بىرىمىزگە بولغان مېھرىمىز تولىمۇ چۇڭقۇر بولۇپ ھال - مۇڭداشساق سۆزلىرىمىز زادىلا تۈگىمەيتتى . بەزى چاغلاردا ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىسا ئۇ چاندۇرماي ياتىقىدا قوندۇرۋالاتتى ، شۇ ئەسنادا باشقا ساۋاقداشلارمۇ تەڭ ماسلىشىپ ياتاق باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بېرەتتى . ئىختىيارسىز داۋاملىشىۋاتقان خوشاللىق قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ مەنىلىك ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمدىن بەكلا رازى ئىدىم .

   سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ ھىدى كىشىنى مەس قىلىپ شىرىن خىياللارغا زورلايتتى . تەپەككۈرۈمدىكى تۇيغۇلار ئالھام بولۇپ قانداقتۇر بىر ئىشنى ئويلاپ رەسىم سېزىش ئۆيىدە ئولتۇراتتىم ، تۇيۇقسىز ساۋاقدېشىم يۈسۈپ كىردىدە ، مەسخىرە ھىسياتىدا ؛
- ئوھھوي باشلىق قارى ! ئىجادىيەتكە تۇتۇش قىلىۋېتىپتىمىزدە ، ئۈلگىرەمۇ ؟ ۋاقتىڭلا قىس بولۇپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەدە ، ھې ھې ھې ! بۇ مەسخىرە سۆزلەرنى ئاڭلاپ سەپىرايىم قىرىق گەز ئۆرلىدىدە بار كۈچۈم بىلەن ؛
- يۈتە كۆزۈمدىن . كەينىمگىمۇ قارىماي بىرنى ۋارقىرىۋەتتىم . ئادەتتە باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق قوپال گەپ قىلىدىغان مىجەزىمنى ھەممە ساۋاقداشلار بىلەتتى ، شۇنداقلا جايىل خارەكتىرىمگە كۆنۈك ئىدى . سىنىپتىكى بالىلارنىمۇ مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇراتتىم ، بەزىدە ئۇرۇپمۇ ئالاتتىم . مىجەزىمنىڭ ئوساللىقىنى بىلگەن ساۋاقداشلىرىم كۈنسىرى يۇۋاشلاپ ئالدىمغا ئۆتىشتىنمۇ قورقاتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن يۈسۈپ زۇۋانمۇ سۈرمەي تۇرۇپ قالدى . ئالدىنقى ئايدا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بارلىق گۈزەل - سەنئەت كەسپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى ئاي ئىختىيارى ۋاقىت ئاجرىتىپ ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ئالاھىدە ئۈچ پارچىدىن ئىجادى ئەسەر ئىشلەشكە تاپشۇرۇق بەرگەن . مۆھلەت توشىدىغانغىمۇ ئۈچ كۈنلا قالغان بولۇپ ھازىرچە ئازىراقمۇ تەييارلىقىم يوق ئىدى . مۇشۇ كۈنلەردە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىشقى پىراقتا ھۇشۇمنىمۇ بىلمەي ئويناپ يۈردۈم . باشقا ساۋاقداشلار بولسا ئاللىمبۇرۇن ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ بولغان ئىدى . ساۋاقداش يۈسۈپ ئارىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ يۇۋىچى بولغاچقا تاپشۇرىقىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلەپ بولغان . ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بۇ ئۈچ كۈن ۋاقىت شۇ تاپتا مەن ئۈچۈن بەكلا قىسقا ئىدى . كەسىپتە باشقىلارنى ئۆزەمگە ھەرگىزمۇ تەڭ قىلمايتتىم بىراق بۇ قېتىم يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئېنىقلا ئىدى . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ بېشىمنى ئاستا لىڭشىتقىنىمچە چوڭ بىرنى تىنىپ قويۇپ تاماكامدىن بىر تالغا ئوت ياقتىم .
- خوتۇن - قىزنىڭ دەردى يامان ئاغىينە ، ئاستاراق تارتقىن ئۆپكەڭگە تىگىپ كەتمىسۇن يەنە . يۈسۈپ يەنە چالۋاقاشقا باشلىدى .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- تىلىڭنى تارت پەسەندى . يەنىلا ئاۋالقىدەك ۋارقىراپ شاققىدە ئارقامغا بۇرۇلدۇم . يۈسۈپنىڭ كۈزىدە سېرىق رەڭلىك چاڭچىللارنىڭ كۆز ئەينىكى بار بۇلۇپ ، ھازىرقى بۇ تۇرقى كۈزۈمگە زادىلا سىغمىدى .
-ئالە كۆزۈڭدىكى ئاۋۇ ھېجىقىزنىڭ نەرسىسىنى . قولۇمنى شۇنداقلا ئۇزارتىپ ئۇ تاقىۋالغان كۆز ئەينىكىنى ئېلىۋالدىم . يۈسۈپنىڭ ساددىلىقىنى بىلگەچكە بىردەم ئاخماق قىلماقچى بولدۇمدە قولۇمدىكى كۆز ئەينەكنى كۆزۈمگە تاقىۋالدىم .
- قانداق ياراشتىمۇ ؟ سۆزلىگەچ ئەتىراپىمدىكى بالىلارغا قاراپ قويدۇم .
- ۋاي ۋۇي ! ئالامەت ياراشتى ئاداش ، ئەسلى يۈسۈپ سىلىگىلا بويرۇتۇپ ئەكەپتىكەن ئەمەسمۇ . ياندا رەسىم سىزىۋاتقان ئابلىمىت راسا كۆپتۈرۈشكە باشلىدى . يۈسۈپمۇ ساددىلىقىدىن چاقچاق قىلغاننى بىلمەي تىركىشىپلا قالدى .
- قايتۇرۇپ بەرگىن ئاداش ، ئۇ باشقىلارنىڭ نەرسىسى .
- كىمنىڭ نەرسىسى ئىدى ، ھازىرلا ماڭا بەرگەن ئىدىڭغۇ ؟ يەنىلا توختىماي ئۇنىڭ بىلەن چېقىشتىم .
- ئۇ گۈلمىرەنىڭ . يۈسۈپ خۇددى يىغلايدىغاندەكلا سۆزلەيتتى .
- گۈلمىرە دەمسەن ، كىم ئۇ ؟ چاقىرىپ كىر ئۈزى ئېلىۋالسۇن . كۆزۈمدىكى كۆز ئەينەكنى زادىلا بەرمىدىم . يۈسۈپ بىردەم جېدەللەشكەندىن كىيىن پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ غوتۇلدىغىنىچە سىرتقا ماڭدى .
- ئاچاڭنى چاقىرغىلى ماڭدىڭمۇ ؟ ئارىدىن ياسىن سۆز قوشىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئارىدىن ئوزۇن ئۆيمەي يۈسۈپ يەنە قايتىپ كىردى .
- ئاداش ئۇقىزنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامان ئىكەن قايتۇرۇپ بىرىڭلار . يۈسۈپ يىلىنىشكە باشلىدى ،
- ياق - ياق ، ئۆزى كىرىپ ئېلىۋالسۇن بولمىسا بۇ ئىككى يۈەنلىك كۆز ئەينەكنى دەسسەپلا چېقىۋىتىمەن . كانىيىمنى يوغان قىلىپ يەنە قارشىلىشىشقا باشلىدىم . ئۇ بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى . يۈسۈپنىڭ قىلىقلىرى خۇددى كىچىپ بالىلاردەك بولۇپ شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ قىزىق نوقتىسى بولۇپ قالدى . نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ يەنە قايتىپ كىرىپ ساراڭدەك سۆزلەشكە باشلىدى . كىملا گەپ قىلسا ۋارقىرايتتى . شۇئان چاقچاقنى تېخىممۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە قۇلۇمدىكى كۆز ئەينەكنى دەسسەپلا چېقىۋەتتىم . بۇ قىلمىشلاردىن غەزەپلەنگەن يۈسۈپ ۋارقىنىغىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى . رەسىم سىزىش ئۆيىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە - سادالار تېخىممۇ ئەۋجىپ ، قىزغىن چاقچاقلارغا كۆمۈلۈپلا كەتكەن ئىدۇق . ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ چېھرىدە چەكسىز كۈلكە - چاقچاقلار يايراپ بەكلا قىزغىن ئولتۇراتتۇق ، يۈسۈپ يەنە كىردى . ئۇ بۇ قېتىم ئىككى قىزنى باشلاپ كىرگەندەك قىلاتتى .
- قايسى ئۇ ؟ ئارىدىن بىر قىز ئەتىراپقا قارىغاچ يۈسۈپتىن سورىدى . بەلكىم گۈلمىرە دىگىنى شۇ بۇلىشى مۇمكىن . ئىچىمدە ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولدۇم .
- ئاۋۇ بىزگە قاراپ تۇرغان بالا شۇ . يۈسۈپ دەرھال مىنى كۆرسەتتى . ئۇ قىز قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ شىددەت بىلەن ئالدىمغا كەلدىدە ، ئېغىزىنى بۇزۇپ سۆزلەپلا كەتتى . ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر تولىمۇ سەت ئىدى . ئۇنىڭ قاملاشمىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھىچنىمە دىيەلمەي قاراپلا قالدىم . مۇشتۇمدەك قىز بالا تۇرسا قانداقمۇ تەڭ بولغۇلۇق ، سېسىق تىل ئاھانىتىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ھىچنىمە قىلالمىدىم . ئۇ جىنتەك تازا سۆزلەپ پۇخادىن چىققاندىن كىيىن ، چېقىلىپ كەتكەن كۆز ئەينەكنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشۇمنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا بەكلا تىرىككەن ئىدىم . كىچىككىنە بىر ماڭقىدىن تىل - ئاھانەت ئاڭلاپ قورساقلىرىم كۆپۈشكە باشلىدى . بالىلارمۇ تەرەپ - تەرەپتىن چېقىشىپ ، ئەمدى مىنى تېرىكتۇرۇشكە باشلىدى . تىزلا چېچىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىممۇ كاللامدىن قەيەرلەرگە كەتكەن ئىدى .
- سۆزلەۋىرىشمىگىنە بولدى ، كەيپىياتىمنى بۇزدى ئۇ نىمە ، قايسىڭنىڭ تاينى بار ئىچىمىز . شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئاچچىق ھىسياتتا سۆزلەشكە باشلىدىم . بىرىنچى بولۇپ ساۋاقداش ئابلىمىت ئاۋاز قوشتى .
- مەنمۇ ئىچىمەن . ئارىدىن ياسىنمۇ ئاۋاز قوشىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئەگىشىپ ئاۋاز قۇشۇشقا باشلىدى . سىنىپتىكى يەتتە ئوغۇل ساۋاقداشلار مەكتەپنىڭ ئارقا تەرپى بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ بىر - بىرلەپ مېڭىشقا باشلىدۇق . مەكتەپنىڭ ئارقا تەرپى قۇمۇشلۇق بىلەن قاغا جىگدىلىك قاپلىغان شور يەر بولۇپ ماڭماقمۇ تەس ئىدى . سىرتقا چىقىپ كىتىۋېتىپ ھېلىقى قاغا جىگدىلەر تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتىپ ، قانداقتۇر بىر نىمىلەر كۆڭلۈمگە پۈكتۈم . شۇنداق قىلىپ ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان مەلۇم بىر ئارامگاھتا راسا چىلاشقۇدەك ئىچىشتۇق . ئىچىپ مەس بولغانچە ئىجادىيەت ئىشلىرى كاللامغا كىرىۋالاتتى . ئىدىيەمدىكى مەس بولغاندا قوزغۇلىدىغان ئىلھام تۇيغۇسى ، ھەر - بىر قەدەھ مەينى گېلىمغا ئاتقاندا ئىچىمدىن ئورغۇپ چىقاتتى . شۇ ئەسنادا ئىختىيارسىز ئاباي كۆرگەن قاغا جىگدىلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ ، ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى مول تەسەۋۋۇرۇم بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدىم . كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىۋاتقان شەيئىلەر ھەر تەرەپتىن تەپەككۇرۇمنى يورۇتۇپ ، سورۇندىكى كەيپىياتىممۇ شۇنچە سەگەك ئىدى .
- ئەمدى قايتتۇق بۇرادەرلەر ، بولدى قىلايلى . مەستلىكتە كۆزلىرى ئالىيىپ ، ئورنىدا ئاران ئولتۇرىۋاتقان بەزى ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلىرىم خوش ياقتىمۇ قانداق ، تەلىۋىمگە تىزلا قوشۇلدى . نەچچەيلەن ئىككى كىرا ماشىنىسىدا بۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتۇق ، شۇنداقلا ئاۋالقىدەك ئارقا تەرەپتىن كىرىپ كەتمەكچى بولدۇق . مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋېتىپ ھېلىقى قاغا جىگدە قوۋزاقلىرىدىن نەچچە پارچىنى ئويۇپ ئالدىمدە ئۇدۇل رەسىم سېزىش ئۆيىگە كىردىم . شۇ تاپتا كاللامدا ئاجايىپ بىر پىلان بار بولۇپ ، قىلماقچى بولغانلىرىمغا بەكلا ئالدىرايتتىم . كۈنمۇ ئوبدانلا كەچ بولدى ، شۇنداقتىمۇ قاراڭغۇ چۈشكىچە لازىم بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئاساسەن تەييارلىۋالدىم . ئىلھامىم چىكىدىن ئېشىپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى شۇ كېچىدىلا پۈتتۈرۋېتىشنى ئويلاشتىم . ئارىدىن ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئاشىقىم ئايگۈلنىمۇ كېچىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇپ ، يەنىلا رەسىم سىزىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم . تەپەككۇرۇمدا ئورغۇۋاتقان ھىسلىرىم ۋۇجۇدۇمدا ئۆركەشلەپ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا چۆكۈپلا كەتتىم . بىر ئازدىن كىيىن دوستۇم ياسىنمۇ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ ھەمراھ بولغىلى چىقىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن بىرلىكتە يېڭى ئىجادىيەت ئىشلىرىنى باشلىۋەتتۇق . ھەر ۋاقىت تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇچىراپ تۇرىدىغان غەيرى شەيئىلەر سىماسى ، كەسپ قىزغىنلىقىم بىلەن يوغۇرلۇپ ، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كاللىسىغا كىچىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ قوياتتىم . بۇ قېتىم قىلماقچى بولغان ئىجادىيتىممۇ ئەنە شۇنداق بولۇپ ، ئاۋال ھېلىقى قۇۋزاقلارنى پەم بىلەن كەستىمدە ، ناھايتى قاغجىراپ كەتكەن توغراق شەكلىگە ئەكەلدىم . چوڭ بر تاختاي ئۈستىگە ئۇلارنى چاپلاپ ، كومپېزىتسىيە ۋە يىراق يېقىندا كۈرۈنىدىغان رەڭلەرنى قاتتىق تەھلىل قىلدىم . رەسساملار ئىجادىيىتىدە ئەزەلدىن شەيئىلەرنى پەقەت قولىدىكى ئاساسلىق رەڭلەر بىلەنلا ئىپادىلەپ بېرەتتى . ئەمما مەندىكى تەسەۋۋۇر شۇ شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئىپادىلىمەكچى بولغان رەڭلەرنى ئەمەلى نەرسىلەر بىلەن روشەن گەۋدىلەندۈرۈش بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەپەككۇر قىلاتتىم . سۈزۈك يىرىك قۇم ، سېرىق توپا ، تۆمۈر كۆكى رەڭلىك ئۇششاق شېخىل تاش ، ھەرخىل رەڭدىكى ئىنچىكە ئۆسۈملۈك يىلتىزى ۋە ئاپئاق تامنىڭ قىرىندىللىرى قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاختاي ئۈستىگە رېتى بويىچە تەپسىيلى چاپلاپ ، بەزى شەيئىلەرنىڭ كۆرىنىشىنى ئويلىغىنىمدىنمۇ ئالاھىيدە قىلىۋەتتىم . ئىپادىلمەكچى بولغان ئاساسلىق موھىت تەسۋىرىگە ئانچە - مۇنچە رەڭ بەرگەچ تاڭنىڭمۇ ئاتقۇزىۋەتتۇق . ئەتىگەن سائەت بەش يېرىملاردا ئىشلەۋاتقان ئىجادىيتىمىز غەلبىلىك ئاياغلىشىپ ھارغىن قەلبىمنى لەرزىگە سالدى . گەرچە ئەسىرىم بىرلا پارچە بولغىنى بىلەن قىلغان ئەجىرىمگە چۇشلۇق ئۆزگىچە ئىجادىيەت بولدى . ئىككەيلەن تاڭنىڭ سۈزىلىشىنى كۈتۈپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئالدىمىزدىكى ئەسەردىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇردۇق . قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن كائىنات يورۇشقا باشلىدى . جىمجىت كېچىدىن كىيىنكى شاۋقۇن سۆرەنلەر بارغانچە ئۇلغۇيۇپ مەكتەپ ئىچى ئاۋاتلىشىشقا باشلايتتى .
- ئەمدى تاماق يەپ كىرەمدۇق ؟ ياسىن كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاستا ماڭا قارىدى .
- ماۋۇ ئەسەرنى ئۆگزىگە قۇيۇپ قويايلى قۇرىغاچ تۇرسۇن ، ئاندىن چىقىپ تاماق يەيلى . ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەچ ئالدىمدىكى ئەسەرنى ئالدىمدە ئاستا مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆزىسىگە چىقتىم . قۇياشنىڭ تەپتى دىگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ ئوچۇقراق جايغا ئەسەرنى قويۇپ قويۇپ قايتىپ چۈشتۈم . شۇنداق قىلىپ بۇ بىر پارچە ئەسەرمۇ تىزلا پۈتۈپ كەتتى . كەچكە يېقىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بارلىق ئەسەرلەرنى يىغىۋېلىپ ، ئۆگۈنلۈككە ئېچىلىدىغان كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:49:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شات - خوراملىققا تولغان ئەھمىيەتلىك كۈن يىتىپ كىلىپ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ نۆۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل - سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك خەلىق كۆرگەزمىخانىسىغا يىغىلدۇق . ئەسىرىمنىڭ نامى « كونا توغراق » بولۇپ بۇ قېتىمقى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە بىرىنجى بولۇپ باھالىنىپ ، ئەسەر مۇكاپاتى بىلەن تەغدىرلەندىم . شۇ پائالىيەتتىن كىيىن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىم تەسەۋۋۇرۇمدىكى بايقاشلارغا ئالاھىيدە قاراپ ، ھۆرمىتىممۇ چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كەسىپ قىزغىنلىقىم كۈنسىرى ئېشىپ ، تەپەككۇر ئىقتىدارىمنى ھەرۋاقىت نامايەن قىلىشقا تىرىشاتتىم . قايناق ھىسيات ئىچىدە سۆيگۈ شاتلىقى يۇغۇرۇلۇپ داۋاملىشىۋاتقان شىرىن كۈنلەرنىڭ مەلۇم چاغلىرىدا ، ياسىن ئىككەيلەن چۈشلۈك تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانا تەرەپكە كىتىپ باراتتۇق ، تۇيۇقسىزلا بىراۋنىڭ يىراقتىن چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىمدە دەرھال ئارقامغا قارىدىم . ئىسمىمنى چاقىرىۋاتقان ساۋاقداش ھېلىقى كۆز ئەينەكنىڭ ئېگىسى گۈلمىرە بولۇپ تىزلا يېنىمىزغا كەلدى .
- ھوي قارام يىگىت كۆز ئەينىكىمنى قاچان تۆلەپ بىرىسىز ؟ ئۇ ئەدەپ بىلەن سۆزلىگەندەك قىلغىنى بىلەن ، سۆزلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن كىشىنى چېقىۋالغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى .
- ماقۇل قىزچاق تۆلەپ بىرەي . ئۇنىڭ سۆزلىرىگە غادىيىپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىپ قويدۇم .
- ھە تىزرەك بولۇڭ ھېلىمۇ نەچچە ھەپتە بولدى . ئۇ نەچچە ئېغىز چالۋاقىغانچە چوڭ بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . سەۋەنلىك مەندە بولغاچقا ئۇنىڭغا ئارتۇق سۆزلىيەلمەي ، ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ خەپ دىدىمدە يولۇمغا ماڭدىم . ئوقۇغۇچىلار تاماقخانىسى بەكلا چوڭ بولۇپ تاماق يەۋاتقان ساۋاقداشلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى . ياسىن ئىككەيلەن بوش بىر ئۈستەلگە كىلىپ تاماق بۇيرۇتقاچ ئاشىقىمنى ساقلىدۇق . تاماقخانا ئىچىدە بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ئىدىيەسى ساغلام بولمىغانلىقتىن تاماقلىرىنى ئۇياق - بۇياققا ئېتىپ يىيىشسە ، بەزى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق ناننى چايغا چىلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى . بىر ئازدىن كىيىن ئايگۈلمۇ نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن تاماقخانىغا كىردىدە يېنىمىزغا كەلدى . نەچچەيلەن قىزغىن پاراڭلار بىلەن بىرگە تاماق يىگەندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزغا قايتتۇق . تەتىل توشۇپ مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى بىرەر قېتىم ئۆيگىمۇ بارالمىدىم . ئاتا - ئانا ، يۇرت - قېرىنداشلىرىم شۇ تاپتا كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپلا كەتتى . ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ شەنبە - يەكشەنبىلىك ئارام ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئۆيگە باردىم . سەھرا ھىدى يەنىلا ئاۋالقىدەك جۇلالىنىپ ، ئۆي ئىچىمۇ شۇنچە ئىللىق ئىدى . ئۆيدە تۇرغان بىر يېرىم كۈن جەريانىدا ئائىيلە مېھرىگە ئانچىكى قېنىۋېلىپ يەنىلا مەكتەپكە قايتماقچى بولدۇم . يەكشەنبە كۈنى چۈشكە يېقىن ئاپامنىڭ كۆز يېشى ئاستىدا تەستە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ناھىيە بازىرىغا كەلدىم . ماڭىدىغان ۋاقىتتا بېكەت ئىچىدە ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز يان تەرەپتە كۆز ئەينەك سېتىۋاتقان خەنزۇ قېرىنداش دىققىتىمنى تارتىپ ، دەرھال ھېلىقى گۈلمىرە ئېسىمگە كەچتى . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ ئاستا ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا باردىمدە تاللاپ تۇرۇپ يوغان ئەرەنچە كۆز ئەينەكتىن بىرنى بەش يۈەنگە سېتىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ كەچكە يېقىن مەكتەپكىمۇ كەلدىم بىراق گۈلمىرەنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم . ئىچىمدە ۋەھشى پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ ئۇنىمۇ قاتتىق تىرىكتۈرىۋېلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان كۆز ئەينەكنى يېنىمدىلا ساقلىدىم . كەچلىكى قىسقىغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ئاشىقىم بىلەن دىدارلاشقاچ ، چاڭقاق دىللارغا گۈلخان ياقتۇق . ئۇنىڭ ئىللىق مېھرىدە تاۋلانغان چىن سۆيگۈم ئاشىقلىقنىڭ دەشتىدە تېخىممۇ ۋالقۇنجاپ ، بىرگە بولغان چاغلار تولىمۇ شىرىن ئىدى . ئىككەيلەن قاراڭغۇ سىنىپتا مەلۇم ۋاقىت بىرگە تۇرغاندىن كىيىن ياتاقلىرىمىزغا قايتىپ ئارام ئالدۇق . ئەتىسى سەھەردە دوستۇم ياسىن ئىككەيلەن تامىقىمىزنى يەپ بولۇپلا رەسىم سېزىش ئۆيىگە كىتىپ باراتتۇق تۇيۇقسىز گۈلمىرە ئۇچىراپ قالدى . ئەمما ئۇ قىز بىزنى كۆرمىگەچكە قەستەن يېنىغا كىلىپ يېقىن ماڭدىم .
- ۋاي ۋۇي يىگىت ، سىزنى ئىزدەپ يۈرەتتىم يېنىمغىلا كىلىپ قالدىڭىزغۇ . ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتتۈمدە ؛
- شۇنداقمۇ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ سۇس كۈلۈمسىرەپ سۆزلىرىگە جاۋاپ بىرىپ قويدۇم .
- مال ئېگىسىدىن ئوغىرى كۈچلۈك كېلەمدۇ قانداق ، قېنى كۆز ئەينىكىم . ئۇ يەنىلا ھۈرپەيگەنچە سۆزلەشكە باشلىدى .
- مانا كۆز ئەينىكىڭىز ئابايلا دىسىڭىز بولماسمىدى . يانچۇقۇمدىكى كۆز ئەينەكنى شاققىدە ئالدىمدە ئۇنىڭغا بەردىم . ئۇ بىلىپ بىلمەي قولىغا ئېلىپ قالغان كۆز ئەينەكنى كۆردىدە قۇيۇق چاشلىرى تىك بولۇپ بەكلا خاپىلاپ كەتتى .
- ھوي خېنىم مەن بۇ كۆز ئەينەكنى ئاتايىن كۇچادىن ئېلىپ كەلدىم جۇمۇ ، رەخمەت دەپ ئالسىڭىز بولارمىكىن . يەنىلا ئۇنى تېرىكتۈرۈشكە باشلىدىم .
- ساراڭ بىر نىمە ئىكەنسەن ، داداڭغا ئاپىرىپ بەر تاقىۋالسۇن . ئۇ شۇنچە ئاچچىق بىلەن سۆزلەپ قولىدىكى كۆز ئەينەكنى مەن تەرەپكە ئېتىۋېتىپلا يۇلىغا ماڭدى . ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ يەردىكى كۆز ئەينەكنى ئالدىمدە غاچچىدە قايرىپ سۇندۇرىۋەتتىم . ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولۇپ دەرھال ئۇ قىزنىڭ ئالدىنى توستۇمدە ؛
- بۇنى تۆلەپ بەر ، تېخى تۈنۈگۈنلا ئالغان ئىدىم يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتتىڭ . سۆزلىرىمنى قىلغاچ قاپاقلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ نەشتەردەك كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قادالدىم . ئىككەيلەن بەزى قاملاشمىغان مەسىللەر ئۈستىدە خېلە ئوزۇن تالاش تارتىش قىلغاندىن كىيىن يوللىرىمىزغا مېڭىشتۇق .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:50:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 . قىسىم


زىمىستان قىش پەسلى كەلگەچ ئەتىراپ ئاپئاق تون كىيگەن بولۇپ ئاچچىق شىۋىرغان كىشىنىڭ ئىچىگە ئۆتەتتى . مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەيلەر ، كېچىدىكى قارنىڭ تەسىرىدىن مۇز توڭلاپ خۇددى ماي قۇيىۋەتكەن ئەينەككىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . قەدەملىرىمنى يەڭگىل ئېلىپ ئۈستىگە قاراپ كىتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز كەينىمدىلا بىرى يىقىلىپ چۈشتى . تولىمۇ قىزىق ئىش بولدى ، ئۇ ھېلىقى كۆز ئەينەك پارىڭىدىكى گۈلمىرە ئەمەسمۇ . دەرھال ئىچىمدە بىرنىمىلەرنى ئويلىدىمدە مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن زورلاپ تۇرۇپ راسا كۈلدۈم ؛
- ھا ھا ھا ھا ! تولىمۇ سەت ئىش بولدى ، ئەسلى ئارقامدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئابايلا بىلسەم كاشكى ، ھې ھې ھې ھې !
- بىلسەڭ قانداق قىلاتتىڭ كالتا قويرۇق كۇچالىق . ئۇ ئورنىدىن ئاستا تۇرغانچە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى .
- قانداق قىلاتتىم ، ئەلۋەتتە شۇ كالتا قۇيرۇقۇمنى مۇشۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ بولغۇچە بولسىمۇ سىزگە تۇتقۇزۇپ قۇيغان بولاتتىم ، بەلكىم سىزگە چۇشلۇق چىقىپ قالار ئىدى . يەنىلا ئۇنى تېرىكتۈرۈشكە باشلىدىم .
- ۋاي كۆزۈمدىن يۈتە ساراڭ ! ئۇ بەكلا ئاچچىقلىنىپ يوغان بىرنى ئالايدىدە يولىنى داۋام قىلدى . شۇ تاپتا ئۇنى تېرىكتۈرىۋالغانلىقىمدىن تولىمۇ خوشال ئىدىم . ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇندا يەنە نەچچە ساۋاقداش كىتىپ باراتتى ، دەرھال ئۇلارغا يېقىنلاشتىم .
- تۇنامسىلەر ئاۋۇ نىمىنى ؟ ئەجەپ ھالى چوڭ ئىكەن . بىرگە ماڭغاچ ئۇلاردىن سورىدىم .
- ھە مەن بىلىمەن ، ئۇ قىز ئۇنسۇ ناھىيەسىدىن ، ئىسمى گۈلمىرە . ئارىدىن بىرى سۆز قىلدى .
- شۇنداقمۇ . جاۋابىغا ئىنكاس قايتۇرغاچ مېڭىۋەردىم . رەسىم سېزىش ئۆيىمىز بەشىنجى قەۋەتتە بولغاچقا يۇقىرىغا قاراپ چىقىپ كىتىپ باراتتىم ، دەل تۆتىنجى قەۋەتكە چىقىشىمغا ئۇ قىز يەنە ئۇچىراپ قالدى . جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دىگەندەك ، رەسىم سېزىش ئۆيىمىزنىڭ ئاستىدىكى چوڭ زال ئەسلى گۈلمىرەنىڭ ئۇسۇل مەشىق قىلىش ئۆيى ئىكەن ئەمەسمۇ . ئىشىك ئالدىدىكى ئايلانما پەشتاقتىن ئۈستىگە چىقساقلا رەسىم سىزىش ئۆيىمىزگە كىرەتتۇق . شۇ تاپتا ئۇ قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كانىيىمنى يوغان قىلىپ بىرنى يۆتىلىپ قويدۇم . پەسكە ئازىراق ئىڭىشىپ ، ئاياقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىنى بوشتىۋاتقان گۈلمىرە ماڭا قاراپ بىرنى ئالايدىدە ئارقىسىغا بۇرۇلماقچى بولدى .
- يوللىرىمىزغا قاچانلادىن بەش يۈز ۋولتلۇق چىراق ئورنىتىپ قويغاندۇ ، ھا ھا ھا ! ئاۋالقىدەكلا بولمىغۇر كۈلۈشكە باشلىدىم . دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى پىيالىدەك ئاجايايىپ چوڭ بولۇپ ، ئېغىزىمدىن تۇيۇقسىز چىققان پاسائەتلىك سۆزلەر ئەتىراپتىكى باشقا ساۋاقداشلارنىمۇ تەڭ كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئاچچىق كۈرنۈشلەرنى زادىلا كۆرگۈم كەلمەي ، بېشىمنى تىك تۇتۇپ قېتىۋالغانچە قەدەملىرىمنى داۋام قىلىۋەردىم . ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي ئاشۇ نەچچە ئېغىز سۆزلىرىم سەۋەپلىك ، ئۇ قىزغا بەش يۈز ۋولت دەپ لەقەم سىڭىپتۇ .
شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەكتەپ ئىچى جانلىنىپ ئاجايىپ گۈللىنىپ كىتەتتى . شۇنچە رەڭدار ياسىنىپ ، جۈپلىرى بىلەن قولتۇقلۇشۇپ بىرگە يۈرگەن ئوغۇل - قىزلار ، خۇددى گۈزەل ساياھەت باغچىسىدا بېقىلغان جۇپ - جۇپ قۇشلارغا ئوخشاش ، ھەيۋەتلىك مەكتەپ سىماسىغا قەۋەتلا ھۆسىن قوشاتتى . ئايگۈل بىلەن بولغان چىن مۇھاببىتىمىزمۇ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھالەتتە ئىدى . مەكتەپتىكى پۈتۈن تۈرمۇشىمىز بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ بەكلا ئىناق ئىدۇق . بىر - بىرىمىزگە بولغان ئوتلۇق سۆيگۈ ۋۇلقانلىرى تەسەۋۋۇرۇمدا تاغنى تالقان قىلاتتى . شىرىن كۈنلەر داۋاملىشىپ ئۆتىۋەردى ، بىزمۇ ئاشىقلىقنىڭ قايناملىرىدا قايناۋەردۇق . بۇ ماۋسۇملۇق تەتىلگىمۇ ئاز قالغان ئىدى ئەمما ئۇقۇش پۇلى توغۇرلۇق ھىچقانداق گەپ - سۆز يوق . بەزىدە كاللامغا بۇ ئىشلار كىرىۋېلىپ زادىلا ئارام بەرمەيتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىغا سېلىپ ساقلاۋاتقان پۇللارمۇ خەجلىنىپ ئازلا قالغان ئىدى . ئامال بار ئۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشاتتىم .
كۈنلەر مابەينى ئەگرى توقايلىق بولۇپ ، غۇبارسىز يىللار باشلانغاندەك بىلىنەتتى . ئاشىقىم ئايگۈلنىڭ يېقىن دوستى نۇرىيە شايار ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇغۇل دوستى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىدى . بىز بىر نەچچە قېتىم بىرگە تاماق يىيىش ئارقىلىق خېلە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق . مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ مەكتەپ سىرتىغا چىقىدىغان ۋاقتىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . بەزى كەچلىرى مەكتەپكە قايتماي ، تاماششا قىلغان جايلاردىن  دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىلىپلا يېتىپ قالاتتىم . ئۇنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر چوڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇنلانغاچقا ئىقتىسادى شارائىيتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى . دوستۇم مەمەتجاننىڭ ئەسلى يۇرتى كەلپىن ناھىيەسىدىن بولۇپ ، ئائىيلىسىدىكىلەر تېرە ، تىۋىت قاتارلىق نەچچە خىل يۇرتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈتكەپ سېتىش دىگەندەك تىجارەتلەر بىلەن تەرەققى قىلىپ ، ئاقسۇ قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن . ئۇنىڭ ئائىيلىسىدىكىلەر تىجارەت سەۋەپلىك ئۆيدىن ئايرىلسا خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمەيتتى . شۇ ئەسنادا ئۆي ئىچى بىزلەرگە ئوڭچە قېلىپ ئۇيۇن - تاماشالىرىمىزمۇ شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىدى . ھاياتنىڭ يەنە بىر داۋالغۇشلىرى ئىدىيەمنى ئۆزگەرتىپ بەزىدە كۈنلەپ - كۈنلەپ مەكتەپكىمۇ بارمايدىغان بولدۇم . دوستۇمنىڭ تەسىرى - دائىرسى چوڭ بولۇپ ، شۇ سەۋەپلىك جەميەتتىكى دوستلىرىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . سىرتتىكى بەزى بالىلارنىڭ خارەكتىرى بەكلا يامان بولۇپ كۈننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ خۇي - پەيلىرىنىمۇ سىڭدۈرۈشكە باشلىدىم . مەكتەپ ئىچىدە يامان بولۇپ ، ئاتىلىپمۇ قالدىم . كۈنلەر شۇ تەرتىپتە ئۆتىۋەردى شۇنداقلا مەكتەپكە ئۆزلەشكەنچە تولىمۇ گەپتان قىزىقچى بولۇپ كەتتىم . ھەر قېتىم رەسىم سېزىش ئۆيىگە ماڭغان چاغلىرىمدا گۈلمىرە ئۇچىراپ قالاتتى ھەم ئۇچىرىغانلا يەردە ئۇنى تىرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئۇرۇشۇپ قوياتتۇق . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىككەيلەن يول ئۈستىدە ئۇچرىشىپ قالساق دەرسخانىغا بارغىچە ئانچە - مۇنچە پاراڭلىشىپ ماڭىدىغانمۇ بولدۇق . سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى يۇۋاش ساۋاقدېشىم يۈسۈپنىڭ قىز دوستى ، گۈلمىرە بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بولغاچقا كۆڭلىمۇ بەكلا يېقىن ئىكەن . ئۇلار دائىم يۈسۈپنى ئىزەپ رەسىم سېزىش ئۆيىمىزگە بىرگە كىرەتتى . ئادەتتە دەرسخانىغا ئوقۇتقۇچى كىرمىسە شۇنچە قىزغىن كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن ئولتۇراتتۇق . بارلىق بالىلارنىڭ ئاغزى مەن بولۇپ ، قانداقلا سۆز قىلسام بىر يەرلىرىدىن يومۇرىستتىك تۇيغۇ بىلەن چىقاتتى شۇنداقلا بەزى سۆزلىرىم ۋە ئوخشىتىشلىرىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۈچەي - باغرىنى سىيرىپ يەردە دومۇلىتىۋېتەتتى . گۈلمىرەمۇ مىنىڭ شۇ يومۇرسستتىك مىجەزىمگە ئامراق بولۇپ قالدىمۇ قانداق دائىملا يۈسۈپنىڭ قىز دوستى بىلەن بىرگە كىرەتتى . بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىككەيلەنمۇ خېلە چىقىشىپ قالدۇق . ئۇ قىز ئىلگىرى ماڭا بەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى شۇنداقلا قىزىقچىلىقنى چىكىگە ئاشۇرىمەن دەپ كۆز ئەينەك پارىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەتتى . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن نورمال مۇناسىۋەتتە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھاۋا بەكلا سوغۇق بولۇپ يەر يۈزىنى قاپلىغان قارلار سەھەرنىڭ قىراۋلىرىغا بېرىكىپ كەتكەن ئىدى . بارلىق ئوقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىللىك سەپەرگە تەييارلىق قىلىپ نەرسە - كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدۇق . سائەت ئونلاردا مەكتەپ رەھبەرلىكى يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ھەممەيلەن ئۆيلىرىمىزگە مېڭىشقا باشلىدۇق . ئايگۈل ، ياسىن قاتارلىق ئۈچەيلەن مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ بېكەتكە بېرىش ئۈچۈن بىر كىرا ماشىنىسىنى توستۇق . شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز گۈلمىرە مەكتەپ ئىچىدىن چىقىپ يېنىمىزغا كەلدى .
- ئۆيگە ماڭدىڭلارمۇ ؟ ئۇ شۇنچە مۇلايىملىق بىلەن نەچچە مىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ ھەممەيلەن بىلىدىغان سۇئالنى سوراپ قالدى .
- شۇنداق ئۆيگە ماڭدۇق كەلگەندە كۆرىشەرمىز . سۆزلىرىمنى قىلغاچ ئاستا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىمدە ، ئايگۈل ئالدىدىكى ئۇرۇنغا ، ياسىن ئىككەيلەن ئارقىدىكى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردۇق .
- ئاق يول بولسۇن يولدا دىققەت قىلىڭلار . ماشىنا ئاستا - ئاستا  قوزغۇلۇشقا باشلىدى ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسە دېمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى .
- خوش . ماشىنىنىڭ مېڭىشىغا بېقىپ مەنمۇ قولۇمنى پۇللاڭلىتىپ قويدۇم .
- خەيىر - خوش ! ئۇ تەلمۈرگەنچە قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ قاراپلا قالدى شۇنداقلا كۆزلىرىمىز خېلى ئوزۇنغىچە ئۈزۈلمىگەن ئىدى . ئۈچەيلەن ئولتۇرغان ماشىنىدا ئانچە ئوزۇن ماڭمايلا بېكەتكىمۇ كەلدۇق شۇنداقلا كىيىنكى سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋەتتۇق . ئايگۈل ئاۋالقىدەكلا توقسۇ ناھىيەگە كەلگەندە چۈشۈپ قالدى ، ياسىن ئىككەيلەن خېلى كەچ بولغاندا يۇرتىمىز خانقاتام يېزىسىغا كەلدۇق . يۇرتنىڭ ئىللىقلىقى دەمانلىققا قەلبىمنى لەرزىگە سالغىنى بىلەن قانداقتۇر ۋۇجۇدۇمدا ئەنسىزلىك ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خېلى كۈنلەرگىچە ئەقلىم قاراڭغۇلۇشۇپ تەمتىرەپلا يۈردۇم . قاچان ئۆيدىكىلەر شۇ ئوقۇش پۇلى توغۇرلۇق سۆزلەپ قالار ؟ بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ؟ دائىملا ئويلايدىغىنىم شۇ ئىدى . ئاچچىق سېغىنىش بىلەن قايغۇ مۇجەسسەملەنگەن غۇبارسىز كۈنلەر ئارقا - ئارقىدىن ئولۇشۇپ تەتىل ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى ، ئەمما ئائىيلەمدىكىلەر ئوقۇش پۇلى توغرىسىدا ھىچقانداق ئىشلارنى بىلەلمىدى . ئاشىقىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئوزۇن ۋاقىت ئۆتكەشكە تولىمۇ سېغىنغان ئىدىم . پاك سۆيگۈمىز كۈندە بىرگە يۈرۈپ كۆنۈپ قاپتىكەن ئەمما بۇ قىسقىغىنە ئايرىلىشقا زادىلا چىدىمىدىم .

    ھاۋا ئاستا - ئاستا ئىسىپ باھارنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى . كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئېقىن شاماللىرى يەر يۈزىنى قاپلاپ زىمىستاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئايىماي پارچىلايتتى . قىشلىق تەتىل توشۇپ ئوقۇش باشلىغىلى ئۈچ كۈن بولدى . مەكتەپ ئىچى بەكلا ئاۋات بولۇپ يوقۇرىدىكى ئۇسۇل مەشىق قىلىش ئۆيىدىن چىقىۋاتقان زىل داپنىڭ ئاۋازى ئىختىيارسىز كىتىپ بارغان قەدەملەرنى ئوخشاش رىتىمغا سالاتتى . پەستىكى ناخشا - مۇزىكا مەشىق قىلىش ئۆيلىرىدىن چىقىۋاتقان مۇڭلۇق كۈيلەر ، مەيداندا ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان ھەربىر ساۋاقداشنىڭ قەلبىگە لەرزانە - ھەۋەس قوشاتتى . چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن سىنىپتىكى نەچچە ساۋاقداش ، ساۋاقدېشىمىز نۇر ئەلىنىڭ مۇزىكا مەشىق قىلىش ئۆيىگە يىغىلدۇق . نۇر ئەلى تۇغما تالانتلىق تەمبۇرچى بولۇپ سەنئەتكارلار ئائىيلىسىدە چوڭ بولغان شۇنداقلا ساز چالسا مۇڭ - مۇڭىغا يەتكۈزىۋېتەتتى . ئىچى - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈيلە يۈرەكنى ئېزىپ ، كونا تەمبۇرچىلارمۇ ئۇ ئوينىغان مەرغۇللارنى ھەرگىزمۇ قىلالمايتتى . نۇر ئەلىنىڭ مەشىق ئۆيى بەكلا كىچىك بولۇپ نەچچە ساۋاقداش ئارانلا سىغاتتۇق . كۈيلەر باشلىنىپ ئەۋجىگە چىققانچە كىشىنىڭ قەلبىنى باشقا بىر دۇنياغا باشلاپ ، ئەنسىز كۈنلەرگە رەدىيە بېرەتتى . قۇلاق تۆۋىمىزدە ئايىماي سايراۋاتقان مۇڭلار شۇ تاپتا قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ تەڭ ساز ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدۇق .

بولدۇم تۇنلەردە ئۇيقىدىن ۋىدا ،
جانان ئۇيقىدا ، جانان ئۇيقىدا .
تاڭنىڭ چولپىنى كۆرسەتمەس نىدا ،
جانان ئۇيقىدا ، جانان ئۇيقىدا .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچى - ئىچىمىزدىن چىقىۋاتكان ئاھاڭلار بىر - بىرىگە ماسلىشىپ زادىلا ھارغۇنلۇق بىلىنمەيتتى . مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن دەرسكە چىقىدىغان ۋاقىتمۇ بولدى . بارلىق ساۋاقداشلار نورمال پائالىيتىمىزنى توختىتىپ بىر - بىرلەپ دەرسخانىللىرىمىزغا مېڭىشتۇق . ساۋاقداش يۈسۈپ يېنىمدا بىرگە ماڭغاچ بىر نەرسىلەرنى دىيىشكە باشلىدى .
- كاساپەت بەكلا تەلەيلىك جۇمۇ سەن .
- قانداق دەيسەن ؟ يۈسۈپنىڭ سۆزلىرىنى زادىلا چۈشەنمىگەن ئىدىم .
- چىرايلىق قىزلار ساڭىلا ئۇچىرايدىكەن ئەمەسمۇ ، توۋا ! ئۇ سۆزلىگەچ ئاستا - ئاستا پەشتاق ئاتلاشقا باشلىدى .
- نىمە دىگىنىڭ بۇ ، ئايگۈلگە كۆز قىزارتىۋاتمايدىغانسەن ؟ دەرھال ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم .
- ساراڭ بولۇپسەن بىر ئىشنى ئېيتىپ بىرەي ، ئاخشام قىز دوستۇم بىلەن سەن توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدۇق . يۈسۈپنىڭ سۆزلىرى تۈگە - تۈگىمەس يەنە چاقچاقلىرىمنى باشلىدىم .
- ئاللا - ئاللا ! شۇنداق بالا ئىكەنمەنغۇ تاڭ . ئانامنىڭ دىيىشىچە كىچىك چاغلىرىمدىمۇ ئاسانلا چەتنەپ قالىدىكەنمەنتۇق ، ئەمدى قىز دوستۇڭ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇدە مىنى ، ھا ھا ھا ھا ! ! !
- كالۋا چاقچاق ئارلاشتۇرماي تۇر ، سىنى گۈلمىرە ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇنىڭ كىيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭ - تاڭ قالدىمدە شۇئان گۈلمىرەنىڭ ئاشۇ چاغلاردىكى كەسكىن چىرايى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .
- نىمە دەيسەن ئالجىپ قالمىغانسەن ؟ خۇددى ئىشەنمىگەندەكلا سورىدىم .
- ياقەي ئاداش ئەسلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئوخشايدۇ ، گۈلمىرە قىز دوستۇمغا ھېچكىمگە ئېيتما دەپ سۆزلەپ بىرىپتىكەن مەنمۇ ئاخشام ئاڭلىدىم ، ئەسلى مەخپىي ئىش ئىدى بۇ . يۈسۈپ سۆزلىرىنى قىلغاچ ئۈستىگە قاراپ مېڭىۋەردى . شۇ تاپتا بەزى ئىشلارغا ھەيران قېلىپ كىيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كىتىشىنى زادىلا بىلمەيتتىم . ئۈستىگە چىقىپ كىتىپ بېرىپ دەل تۆتىنجى قەۋەتكە كەلگەندە ئىشىك ئالدىدىلا گۈلمىرە ئۇچىراپ قالدى . ئۇشتۇمتۇن كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇشۇپ ئەسلىدىكىدەك ھىسياتتا ئۇنىڭ چىرايىغا زادىلا قارىيالمىغان ئىدىم . نىمە بولغىنىمنى بىلمەيلا قالدىم شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇمنى تەمتىرەش چىرمىۋالغان ئىدى .
- دەرسكە ماڭدىڭلارمۇ ؟ گۈلمىرە تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراشقا باشلىدى .
- شۇنداق دەرسكە ماڭدۇق ، بېكار بولسىڭىز كىرەرسىز . سۆزلىرىمنى قىلغاچ ئاستا قەدەم بىلەن ئەگىلمىدىن ئۈستىگە قاراپ ماڭدىم .
- ئەلۋەتتە كىرىمەن . ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى تەبەسسۇمى قانداقتۇر يۈرەك تارەمنى تىتىرتەتتى . بىر جۇپ يوغان كۆزلىرى ئېگىلىپ چۈشكەن بورنىغا تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ ھەقىقى تۈرۈك قىزلىرىغا ئوخشايتتى .
- خوش كىيىن كۆرىشەرمىز . سۆزلىرىمنى قىلغاچ داۋاملىق يولۇمغا ماڭدىم . مەشىق ئۆيىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن تاختايلىرىمنى تەييارلاپ ، رەسىم سىزماقچى بولدۇميۇ زادى ئىلھام يوق ئىدى . دەرىزە يېنىغا كىلىپ يىراق - يىراقلارغا نەزىرىمنى تاشلاپ ھەرنىمىلەرنى ئويلىنىپ كەتتىم . گۈلمىرە تولىمۇ چىرايلىق قىز بولۇپ ھەركىمنىڭ مەستلىكى كېلەتتى . تۇيۇقسىز ئىدىيەمدىكى جەمئىيەتتىن سىڭدۈرۋالغان بەزى يامان خۇي - پەيلىرىم ئۇرغۇپ ئۇنىڭغا يامان غەرەزدە بولۇشقا باشلىدىم . ئايگۈل بىلىپ قالسا قانداق بولار ؟ بۇلارمۇ كاللامدا بار ئىدى . شۇ ئوقۇش پۇلىنى ئورەككە تاشلىۋەتكەن كۈندىن بىرى ئىدىيەمدە ھەرخىل تەۋەككۈلچىلىك قۇتۇراپ بەكلا قاپ يۈرەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم . نامۇۋاپىق خىيياللارنى ئويلاپ ۋاقتى كەلگەندە بەزى كىچىك مەسلىلەرنى توغۇرلاپ كېتىشكە ئىشەنچىم بار ئىدى . كەچلىكى دەرستىن چۈشۈپ ياسىن ئىككەيلەن بالدۇرلا مەكتەپ تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق يەۋالدۇق . ھېلىھەم كاللامدا بەزى بولمىغۇر خىياللار ئەۋجىپ رەسىم سېزىش ئۆيىگە چىقتۇق شۇنداقلا ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ياسىنغا ئېيتىپ بەردىم . دوستۇم مەلۇم ئويلىغان پىلانلىرىمنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلۈپ كەتتى . ئىككەيلەننىڭ دوستلۇقىغا قىلمۇ سىغمايدىغان بولۇپ ئەزەلدىن بىر - بىرمىزنىڭ دېپىنى چالاتتۇق . چۇقۇم ئىشەكنىڭ مۈڭگۈزى بار دىسەم ، ياسىنمۇ تەڭ مەن تەرەپكە ئۆتۈپ بار دەپ جاۋاپ بېرەتتى ، شۇنداقلا بۇ پىلانلىرىمنىمۇ بىردەك قوللايتتى . شۇ تاپتا تەسەۋۋۇرۇمدا ئاجايىپ تۇيغۇ شەكىللىنىپ خۇددى گۈلمىرە كىرىدىغاندەكلا ئىدى . ئەمەلىيەتتە بۇلارنى ئابايلا ئويلىغان ئىدىم چۈنكى يۈسۈپنىڭ بىكار بولغاندا قىلار ئىشى مۇشۇ ئۆيدە بولۇپ ، ئۇستىلىق بىلەن تاماقنى بالدۇرلا يەپ بۇ جايغا كىرىۋالغان ئىدۇق . ھەقىقەتەن ئىشەنچ قىلغىنىمدەك بىر ئازدىن كىيىن يۈسۈپ قىز دوستىنى باشلاپ يېنىمىزغا كىردى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈلمىرەمۇ بار ئىدى . ئۇ تولىمۇ چىرايلىق كىيىنگەن بولۇپ ئۈستى - بېشىنى ئوبدانلا تۈزەشتۈرگەن قىلاتتى . بەلكىم ئۇمۇ مىنىڭ كەچلىك ئۆگۈنۈشتە مۇشۇ ئورۇندا بولىدىغىنىمنى پەرەز قىلغان چىغى ، تەييارلىقلىرىمۇ ئالاھىيدە كۆرىنەتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۈزەل جامالىدىن دۈتەكەپ ئۆزەمنى يوقىتىپلا قويغان ئىدىم . شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن بىر يەرگە يىغىلىپ قىزغىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق . قانداقتۇر سۆزلىرىمدە پاسائەتلىك ئىبارىلەر ئۇرغۇپ ئۇنىڭغا ھوجۇم قىلىشقا باشلىدىم . ئېغىزىمدىن نەشتەردەك ئېتىلىپ چىققان ھەر بىر چاقچاق ئۇنى بەكلا خوشال قىلاتتى . يامان ئىللەتلىرىم ھەر تەرەپتىن داۋالغۇپ ، شۇملۇققا بۇرۇختۇم بولغان قىزىق چاقچاقلار سەۋەبى ئايگۈل بىلەن كۈرۈشۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ئۇمۇ كىرىپ قالدى . شۇ ئەسنادا  ئۇشتۇمتۇن خوشاللىقىمغا سۇ سىپىلىپ قانداقتۇر تولىمۇ جىددىيلىشەتتىم .
- قېنى كەل بۇ يەردە ئولتۇرغىن . شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئۇنى يېنىمغا تەكلىپ قىلدىم . ئايگۈلمۇ ئەتىراپىمدىكى بالىلار بىلەن بىرەر قۇر كۆرۈشۈپ قويغاندىن كىيىن يېنىمدىكى بوش جايغا كىلىپ ئولتۇردى . ئۇدۇلۇمدا گۈلمىرە ئولتۇرغان بولۇپ كۆزلىرىمىز بىر - بىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى . شەكشۈبھىسىز جىددىيلىشىش بوغۇزۇمنى قاپلاپ قايسى سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمنىمۇ سەزمەيتتىم . ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئايگۈل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئوبدانلا بىلىدىغان بولۇپ بەزى ئەھۋاللارنى زادىلا چاندۇرمىدۇق ، شۇنداقلا پاراڭلىرىمىزنى داۋام قىلىۋەردۇق . بىر ئازدىن كىيىن ئايگۈلنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم . بىئارامچىلىق بېشىمنى قاتۇرۇپ مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى . چىقىپ كېتەرشىمدە ئىشىك تۆۋىگە كىلىپ ئارقامغا شۇنداقلا ئۆرۈلدۈمدە گۈلمىرەگە قارىدىم ، ئۇمۇ بارچە تەبەسسۇم بىلەن ئوتتەك كۆزلىرىنى نۇر چاقنىتىپ تەلمۈرۈپلا تۇراتتى . ئىشىكنى ياپقاچ بىر كۆزۈمنى ئۇنىڭغا قارىتىپ شاققىدە قىستىمدە مەغرۇر چىقىپ كەتتىم . ۋاھ ! توغىرلىنىپ كەتتى . شۇ تاپتا بەكلا خوشال ئىدىم . ئەقلىمگە سىغمىغان خاتا قەدەملەر كۆڭلۈمنى خوشال قىلىپ ھەر نىمىلەرنى ئويلاشقا تىرىشاتتىم . ئايگۈل ئىككەيلەن پەسكە چۈشۈپ مەكتەپ ئىچىدىكى مەلۇم بىر دۇكانغا كىردۇق شۇنداقلا يەيدىغانغا ئانچە - مۇنچە ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان پىنھان جايغا بېرىپ مۇڭداشتۇق . قانداقتۇر ئىدىيەمدىكى بۇرۇلۇش ۋىجدانىمنى قاماللاپ بەكلا كەم سۆز بولۇپ قالدىم . شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز ياسىن چاقىرغۇ قىلىپ خىيالىمدىكى بەزى چىگىشلەرنى يىشىۋەتتى . بۇ ئەھۋال مەن ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق بولۇپ بارچە مەقسىدىم گۈلمىرە ئىدى . قانداقتۇر ئايگۈل بىلەن خوشلۇشۇشقا سەۋەپ ئىزدەپ تۇراتتىم مانا ئۇبدانلا بانا بولدى . قولۇمدىكى چاقىرغۇنى ئېلىپ شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ، قايتۇرۇش ئۈچۈن تېلىفۇن دۇكىنىغا چاپتىم . تۇيۇقسىز سايرىغان چاقىرغۇ ياسىن تەرپىدىن مەكتەپنىڭ يەنە بىر تەرپىدە چاقىرىلغان بولۇپ يېنىغا بارساملا بولاتتى . ئانچە ئوزۇن بولمىغان ۋاقىتتىن كىيىن چاقىرغۇنى قايتۇرمايلا ئايگۈلنىڭ يېنىغا باردىمدە ؛
- سۈيۈملۈكۈم سىنى بىردەم يالغۇز قويىدىغان بولدۇم ، چاقىرغۇنى مەمەتجان قىلىپتۇ دەرھال ئۆيگە كەلسىڭىز دەيدۇ ، مۇھىم ئىش بۇلىشى مۇمكىن بېرىپلا كىلەي . ئايگۈل سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئامالسىز ماقۇل بولدى . قەلبىمنى چىرمىۋالغان رەھىمسىزلىك قەددىمنى تىزلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن تىزلا خوشلاشتىم .  
- ۋاق قالغىدەك بولسام كىرىپ كىتىۋەرگىن ، ياخشى ئارام ئال . قەدەملىرىمنى بىر - بىرلەپ ئالغاچ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك تىلەپ قويدۇم .
- سىرتتا دىققەت قىلىڭ قەدىرلىكىم . ئۇمۇ تاتلىق تەكلىپلەرنى بەرگەچ ئولتۇرغان ئورنىدىلا قالدى . ياسىن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقا تەرپىدە ساقلاۋاتقان بولۇپ دەرھال يېنىغا باردىم شۇنداقلا بەزى ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى سورىدىم ، ئۇمۇ مەقسىدىمنى چۈشەنگەندىن كىيىن دەرھال رەسىم سېزىش ئۆيىگە چىقىپ كەتتى . ئارقا مەيداندا ياسىننىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ ئىختىيارسىز خوشال بولاتتىم . ئۇزۇن ئۆتمەي دوستۇم قايتىپ چۈشۈپ پىلانىمنىڭ غەلبىلىك ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېخىممۇ خوشال قىلىۋەتتى . ئىپلاس قىلمىشىم چېكىدىن ئېشىپ ، گۈلمىرەنىڭ مىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشتەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلانماقچى بولۇپ ئازراق پىلان تۈزگەن ئىدىم . ئۇمۇ ياسىن ئېيتقان سۆزلەر بۇيىچە كەچلىك ئۆگۈنۈشتىن تارقىغاندىن كىيىن ، ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە قېلىپ ساقلىماقچى بولۇپتۇ . بارلىق ئىشلار پىلان بۇيىچە بولۇپ كەچلىك ئۆگىنىش ۋاقتى تۇشىدىغانغىمۇ يېرىم سائەتچە ۋاقىت قالغان ئىدى . ياسىن ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ ئانچە - مۇنچە يىگىدەك ھەم ئىچكىدەك نەرسە سېتىۋالدۇق . يېرىم كېچىدە پار توختاپ ھاۋا سوۋىغاندا قولۇمدىكى ھاراقنىڭ پايدىسى بولىشى مۇمكىن دەپ ، كىچىك موۋ تەي ھارىقىدىن يەنە بىرنى ئارتۇق سېتىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن مەكتەپ ئىچىگە قايتىپ كىرىپ ھېچكىمگە تۇيدۇرماي رەسىم سىزىش ئۆيىگە چىقتۇق ، ئەمما بۇ جايدا ھېچكىم يوق ئىدى . ئوقۇتۇش بىناسى تاقىلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالغان بولۇپ ياسىنمۇ قايتتى .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىمدا گۈلمىرەنى ئۇسۇل مەشىق قىلىش ئۆيىدە دەپ پەرەز قىلىپ تۆتىجى قەۋەتكە چۈشتۈم ئەمما بۇ زالمۇ قۇلۇپلاقلىق ئىكەن . شۇ تاپتا بېشىم قېتىپ ئىختىيارسىز ئۇياق - بۇياقلارغا مېڭىشقا باشلىدىم . ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ ئۇ مىنى كىرمىدى دەپ چىقىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن . قات - قات مەسلىلەر بېشىمنى قوچۇپ گاڭگىراپلا قالدىم . ئازراقلا كىچىكسەم بۇ چوڭ بىناغا قامىلىپ قېلىشىم ئېنىقلا ئىدى . بىر ئاز ئويلىنىپ ھېچ ئامال بولماي چىقىپ كىتىش قارارىغا كەلدىم . شۇ ئەسنادا تولىمۇ نازۇك بېسىلغان ئاياق تىۋىشى قاياقتىندۇر ئاستا - ئاستا شەپە بىرىشكە باشلىدى . سۈكۈتتە تۈرۈپ ئۆتكۈر تەسەۋۋۇرۇم بىلەن يىراقتىن كىلىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى تەتقىق قىلىپ يەنە ئازىراق ساقلىدىم . ئۇ گۈلمىرە بولىشى ۋە ياكى باشقۇرغۇچى بولىشى مۇمكىن ، ئىچىمدە ئىككى خىل قاراشنى ئويلاپ يەنىلا تىپ - تېنىچ ھالەتنى ساقلىدىم . ئاياق تىۋىشى بارغانچە يېقىنلاپ دەل مەن بار جايغا كەلگەندە قاراڭغۇ سايە ئالدىمدىلا پەيدا بولدى . قەدەملىرىمنى ئاستا - ئاستا ئېلىپ قارا سايە بار تەرەپكە باردىمدە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم .
   - بۇ مەن . گۈلمىرە شۇنداقلا زۇۋان سۈرۈپ ھەممە ياقنى ئىلىتىۋەتتى .
   - شۇنداقمۇ ، بىلمەي قاپتىمەن . ئۇنىڭغا سۆزلىگەچ قۇلىنى شاققىدە تۇتتۇمدە ئۈستىگە ئېلىپ ماڭدىم . ئەسلى ئۇ ئابايلا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ياسىنغا ئۇچىراپ قاپتۇ شۇنداقلا مىنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ دەرھال قايتىپ چىققان ئىكەن . قەلبىمدىكى خوشاللىق ئىختىيارسىز كۈچىيىپ ئىختىلاپ بىلەن ئۇنى ئالداشقا تىرىشاتتىم . ئىككەيلەن رەسىم سېزىش ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىن پارغا يېقىن جايغا ئاددىيلا سورۇن تۆزدۇق شۇنداقلا مايماق شامدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قاداپ قويدۇق . سىرتتىن سېتىۋالغان ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرگە ئېغىز تىگىپ تۆۋەن ئاۋازدا پاراڭلىرىمىزنىمۇ باشلىۋەتتۇق . دەسلەپتە ھەر ئىككىلىمىز بەكلا كەم سۆز بولۇپ ئىبارىلەرنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي كۆزلىرىمىزگە بېقىشىپ تۇرۇشۇپ كېتەتتۇق . ئارىلاپ پاراڭ قىلغاچ  مىجەزىمنى ئازراق تەڭشىۋالماقچى بولدۇمدە سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن كىچىك موۋ تەينىڭ ئاغزىنى ئاچتىم .
- ئەيىپكە بۇيرىماڭ سىزگە ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم . سۆزلىرىمنى قىلغاچ قاسسىدە تاماكامدىن بىر تاكغا ئوت ياقتىم .
- ھېچقىسى يوق ئوغۇل بالا دىگەن ئىچىدۇ - چىكىدۇ . ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان تاتلىق سۆزلەر ئىرادەمگە كۈچ بىرىپ قولۇمدىكى ھاراقنى شۇ كۆتۈرگەنچە يېرىمىدىن كۆپىرەگىنى ئىچىۋەتتىم . شۇنداق قىلىپ ئاددىيلا سورىنىمىز باشلىنىپ ئاستا - ئاستا قىزىشقا باشلىدىم . ئاغزىمدىن ھەرخىل پاسائەتلىك سۆزلەر چىقىپ خۇلقى يېقىملىق سەبى قىزنى ئاسانلا كەلتۈرىۋالدىم . شۇ دەقىقىلەر تولىمۇ جىددى بولغاچقا ھەرخىل پاراڭلار خۇدۇمنى بوغۇپ ، سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن ئىككى قۇتا موۋ تەينى پاكىزلا ئىچىۋەتكەن ئىدىم . شۇ تاپتا ئوبدانلا مەس بولدۇم ، كۆزلىرىم تورلىشىپ بېشىم قېيىشقا باشلىدى . ھوشۇمنى بىلىپ - بىلمەي تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيۇپ چىققاندىن كىيىن ئازراق ياخشىلىنىپ قالدىم .
   - كۆپ ئىچىۋەتتىڭىز ، يەنە بىئارام بولىۋاتامسىز ؟ ئۇنىڭ سۆزلىگەچ تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى .
   - ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم ، دېمىسىمۇ كۆپ ئىچىۋاپتىمەن . سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەچ ئاستا بېشىمنى تۇتتۇم .
   - كىلىڭە مەن تۇتۇپ قوياي . ئىككەيلەن ئۇدۇل ئولتۇراتتۇق ئاستا يېنىغا باردىمدە سىلىق مەڭزىگە مەڭزىمنى ياققانچە قىيسىيىپ ئولتۇردۇم . شۇ ئەسنادا تېنىمىزدىكى قانلار زەرەتلىنىپ بىھۇشلۇق ھىسياتى بارغانچە ئەۋجىشكە باشلىدى . قۇلاققا - قۇلاقنى يېقىپ يەر تىگىدىن شەپە چىقىرىپ ئاستا - ئاستا مۇرىسىگە قولۇمنى ئالدىمدە بويۇنلىرىغا گىرە سېلىشقا باشلىدىم . ئۇمۇ تەڭ ماسلىشىپ ھارارەتنىڭ شىرىنلىكىدىن ئىچىمگە كىرىپلا كەتتى . لەۋلىرىمىز ئىختىيارسىز يېقىنلىشىپ تاتلىق سۆيگۈلەر بىردىنلا دىماققا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى . قانداقتۇر ئېچىرقاپ كەتكەن نەپسىمىز تاقەت قىلالماي شالاپ - شۇلۇپ ئاۋازلار زال ئىچىدە توختىماي ياڭراشقا باشلىدى . ئىچى - ئىچىمىزدىن ئۇرغۇۋاتقان ھىسيات قايناملىرى ۋاقىتنىڭ قەيەردە كىتىپ بارغانلىقىنىمۇ سەزدۈرمەيتتى . كېچىنىڭ سىماسى ئاستا - ئاستا يورۇپ تاڭمۇ سۈزۈۈشكە باشلىدى . ئىككەيلەن توڭلىغانچە بىر - بىرمىزنى پىششىق قاماللاپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمىز . سەھەردە كارىدۇردىن چىققان ۋاراڭ . چورۇڭ ئاۋازلار يەرتىگىدىن ئاڭلىنىپ ئويقۇدىن ئويغاندىم . شۇ تاپتا گۈلمىرە كۆكرەك قىسىمىمغا بېشىنى قۇيۇپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . بۇرۇن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى سىماسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ ماڭلىيىنى ئاستا قايرىدىمدە تەبەسسۇم بىلەن قاراشقا باشلىدىم . شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان سەبى قىزنىڭ چىھرىدىكى تەلپۇنۇش ۋۇجۇدۇمنى تەۋرىتىپ پەقەتلا ئويغاتقۇم كەلمىدى ، ئەمما بۇ تۇرقىمىزنى باشقىلار كۈرۈپ قالسا زادىلا بولمايتتى . گۈلمىرەمۇ بەكلا سەگەك قىز بولۇپ شۇنداق مىدىرلىشىمغا تىزلا ئويغۇنۇپ كەتتى .
   - ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟ سۆزلىگەچ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە سىنچىلاپ بېقىشقا باشلىدىم .
   - ئەلۋەتتە ياخشى ئۇخلايمەندە ، يېنىمدا سىز تۇرسىڭىز . نادان قىزنىڭ جاۋابىمۇ شۇنچە سەبى ئاڭلىناتتى . شۇنداق قىلىپ تىزلا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ رەسىم سېزىش ئۆيىدە يالغۇز قالدىم . ئوزۇن ئۆتمەي دوستۇم ياسىن ئىزدەپ يېنىمغا كىردى شۇنداقلا ئىككەيلەن ياتاققا كىرىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن تاماق يىگىلى چىقتۇق . تاماقخانىدا ئايگۈل نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئولتۇرغان بولۇپ تەڭ ئۇلارغا قوشۇلدۇق .
   - قەدىرلىكىم قاچان قايتىپ كەلگەن ئىدىڭىز ؟ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھىچقانداق ئىشنى بىلمىگەنلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى .
   - تېخى ئابايلا قايتىپ كەلدىم ، كېچىدىن مەمەتجاننىڭ ئۆيىدە بولدۇم . شۇ تاپتا تىلىم قىسىلىپ ئامالسىز يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم . نەچچەيلەن بىرگە تاماق يىگەندىن كىيىن بىر - بىرلەپ دەرس خانىللىرىمىزغا مېڭىشتۇق . كېچىدىكى ئارامسىزلىق سەۋەبى بېشىم قاتتىق ئاغىرىپ ، ئەتىگەنلىك نەزىرەيە دەرسىگە قاتنىشىپ بولۇپلا ياتاققا كىرىپ ئۇيقۇغا چۈشتۈم . چارچاشنىڭ ھارارىتىدە تەنلىرىم بوشىشىپ شۇ ئۇخلىغانچە بالىلار كەچلىك دەرستىن چۈشكىچە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن . تۇيۇقسىز ياسىن ياتاققا كىرىپ مىنى ئويغاتتى شۇنداقلا ئايگۈلنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . شۇ تاپتا بېشىم بەكلا ئېغىر بولۇپ ھىچقانداق ئىش خوش ياقمايتتى . ئاستا سوزۇلۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇمدە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ سوغۇق سۇدا بېشىمنى يۇيىۋەتتىم . سۇغۇق سۇ مېڭەمنى سەگىتىپ ئازىراق ئېچىلىپ قالدىم شۇنداقلا ئاياقلىرىمنى پارقىرتىپ ياتاقتىن پەسكە چۈشتۈم . ئاشىقىم ھېلىھەم پەستە ساقلاۋاتقان بولۇپ تەبەسسۇم قىلىشلىرى يەنىلا ئىلگىركىدەك ئىدى . ئىككەيلەن مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇندىكى ، ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئالدىدىغا ئورۇنلاشقان كالا گۈشى ئۈگىرەخانىسىغا كىرىپ كەچلىك تاماق يىدۇق .
   


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 11:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھايات مۇساپەم ئەگرى توقايلىق بىلەن باشلىنىپ ، شەپقەتسىز يىللارنىڭ دەشتىدە سادىر بولغان بەزى ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقى ھازىرچە قەلبىمگە يوشۇرۇنغان ئىدى . ئوقىدا توختىماي ئايلىنىۋاتقان ۋاقىت ئەڭگۈشتىرى رىئاللىققا زورلاپ ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى . كۈندە ئوغىرىدەك مۆكۈپ يۆرۈپ گۈلمىرەگە زادىلا قارامنى كۆرسەتمىدىم . ئالدامچىلىقنىڭ دەردى بىلىپ - بىلمەي ئەكسىگە قايتىپ سىرلىق كۈنلەردە دەككە - دۈككە ئىچىدىلا قالدىم . مۇشۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا گەرچە ئۆزەمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ يۈرگەن بوساممۇ قانداقتۇر بەكلا سېغىنغان ئىدىم . ئەنسىزلىككە بېرىكىپ كەتكەن ناپاك قەلبىم كېچە - كۈندۈز تېڭىرقاپ توختىماي ئويغا سالاتتى شۇنداقلا بەزى ئىشلارنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىمنى كېچىكىپلا ھىس قىلدىم . كاللامنى تازا بىر سىلكىۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم شۇنداقلا كەچلىك ئۆگىنىشتىن پايدىلىنىپ ساۋاقدېشىم نۇر ئەلىنىڭ مۇزىكا مەشىق قىلىش ئۆيىگە تەكلىپ قىلدىم . نۇر ئەلى مەشىق قىلىش ئۆيىدە بولۇپ شۇ تاپتا ماڭا تەمبۇر چېلىپ بىرىۋاتاتتى . قەلبىمدىكى بىخۇتلۇق ئىچىمنى قىيناپ قاياقلاردىن يوپۇرۇپ كەلگەن خىيال دېڭىزلىرىغا چۆكەتتىم . شۇ ئەسنادا بىرنىمىلەرنى ئويلاپ تۇيۇقسىز ئولتۇراتتىم ، تاراق قىلىپ ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ گۈلمىرە كىرىپ قالدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىگىتلەر قانداق ئەكۋالىڭلار ؟ ئۇ تولىمۇ ئەدەپ بىلەن كىرىپلا سالام قىلدى .
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ھەر ھالدا شۈكرى ، قېنى كىلىڭ قارشى ئالىمىز . شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇمدە قوشۇلۇپلا سالام قىلغاچ يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا تەكلىپ قىلدىم ، شۇئان نۇر ئەلىمۇ سىرتتا ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى . ئىككەيلەن ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشكە تەمشەلدۇقيۇ زادىلا زۇۋان سۈرەلمىدۇق . ئۇ كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن سۆزلەرنى ئويلىنىپ قويغان ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا قەلبىمدىكىنى ئىپادىلەش تولىمۇ قىيىن ئىدى . ئۇنىڭ خۇش - پېئىل چىرايى مەمنۇنلۇق بىلەن تەلمۈرۈپ شۇ تاپتا كۆزلىرىمدىن قانداقتۇر خوش خەۋەر تىلىگەندەكلا بىلىنەتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدىم .
   - سىزگە شۇنى دېمەكچىمەن گۈلمىرە . ئىككى ئېغىز سۆزنى قىلىپ بولغىچە تۇيۇقسىز زۇۋانىم سىقىلىشقا باشلىدى .
   - نىمە دەيسىز ئادەمنى قورقۇتۇپ ، قېنى ئېيتىڭە . ئۇ دېمەكچى بولغانلىرىمنى زادىلا بىلمەيتتى .
   - نەچچە كۈندىن قاتتىق ئويلاندىم بەكلا خاتالىشىپتىمەن ، سىزنى ئالداشنى زادىلا خالىمىدىم پەقەت ئازىراقلا ھەۋەس قىلىپ بەزى ئىشلارنى ئويلاپ كىتىپتىمەن كەچۇرۇڭ ، قايسى كۈنى قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىپ سەبى قەلبىڭىزنى ئالداپ كەتتىم بۇلارنى ئونتۇپ كىتىڭ ، سىز بەكلا ياخشى قىز ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ مۇھاببىتىڭىزگە پوخورلۇق قىلسام زادى بولمىغىدەك ، ئىككەيلەن باشقا - باشقا يۇرتتىن كەلدۇق كىيىنچە ئويلىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەمدە ئايگۈل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسىز . سۆزلىرىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەن گۈلمىرە بۇلقۇلداپ يىغلاپ تاشلىۋەتتى . ئۇنىڭغا شۇنچە تەسەللى بەرگەن بولساممۇ كار قىلمىغان يەنىلا ھېقىلداپ ھىچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس .
   - بىلىپ قويۇڭ مۇھاممەت ئابلا ، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى تىقىلىپ قالىدىغاندەك ئارانلا سۆزلەپ يۈگەرگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاھ تەڭرىم ! نىمە قىلىپ قويدۇم ئەمدى ؟ ئۆز - ئۆزەمگە قات - قات سۇئاللارنى قۇياتتىم . ۋەھىيمىلىك تۇمانلار قەلبىمنى قاپلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئەنسىزلىككە چۆكەتتى . گۈلمىرە شۇ چىقىپ كەتكەنچە نەچچە ئاي كۆرۈنمىدى . ئۇنى گەرچە كۆرمىگەن بولساممۇ ساۋاقدېشى لەتىپەدىن ئەھۋالىنى پات - پات سۈرۈشتۈرۈپ تۇردۇم . ئۇنىڭ دىيىشىچە گۈلمىرە بەكلا سۇلغۇنلۇشۇپ ئادەتتە سىرتقىمۇ چىقمايدىغان ، تاماقمۇ يىمەيدىغان بولۇپ قاپتىمىش . ھەر قېتىم مۇشۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا كۆڭلۇم بەكلا يېرىم بولاتتى . ئۇنىڭ ياتىقى بىرىنجى قەۋەتتە بولۇپ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئۇدۇل قارايتتى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ مىنى كۆرۈش ئۈچۈن دائىم دەرىزە ئالدىدا ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان ، شۇنداقلا شۇ قىسقىغىنە يولنى بېسىپ ئۆتكەن چاغلىرىمدا ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلايدىغان بولۇپ قاپتىمىش . كىچىككىنە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم سەۋەپلىك بىچارە قىزنىڭ قەلبىنى يارا قىلغانلىقىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنەتتىم . كۈنلەر ئەنە شۇ تەرەققىدە داۋاملىشىپ قەلبىمگە زادىلا خاتىرجەملىك بەرمەيتتى .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:43 , Processed in 0.146613 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش