توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 785|ئىنكاس: 11

ئۆزىڭىزدىكى تالانتنى بايقاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ  
  
(1-قىسىم)   

ئەركىن سىدىق  
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى  

مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ماقالە بىر قانچە ئاي سوزۇلۇپ كەتتى.  مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەمدە ئالدىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن ھال-ئەھۋال سورىغان، ھەمدە مېنىڭ يېڭى ماقالەمگە بولغان تەقەززاسىنى بىلدۈرگەن قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.   
  
ماڭا ۋەتەندىن ھازىرغا قەدەر مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلارنىڭ ئىچىدە، كەسىپنى قانداق تاللاش توغرىسىدىكى خەتلەر ئەڭ كۆپ.  دېمىسىمۇ ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، بىر خىزمەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىنى باشلىماقچى بولغانلارمۇ، ئۆزى ئۈچۈن قايسى كەسىپنى قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشى قاتىدۇ.  ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتنى تېپىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز.  شۇنداق بولسىمۇ، ئەگەر ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك، ھەممە ئىش ئۆزى ئارزۇ قىلغاندىكىدەك بولغاندا، كەسىپنى نېمىگە ئاساسلىنىپ تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.  ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، كەلگۈسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ.  ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى پەرزەنتلىرى بار ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ كەسپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىشتا بېشى قاتىدۇ.  ئاللىقاچان ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھازىر بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ، ھازىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت ياكى كەسىپ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ياكى كەسىپمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەننى بىلىۋالغۇسى كېلىدۇ.  ئۇنداقتا سىز كەسىپنى نېمىگە ئاساسەن تاللىسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟  ئۆزىڭىزگە قايسى خىزمەت ياكى كەسىپنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى قانداق قىلغاندا توغرا ئۆلچىيەلەيسىز؟  مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇنداق قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:55:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر يۇقىرىدىكى بايانلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «مېنىڭ خىزمىتىم ياكى كەسپىم ئۆزەمنىڭ تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلانمىسا نېمە بوپتۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرۈڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىشنى ئىستەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى تۇغما تالانتلارغا توغۇرلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆز كەسپىڭىز ياكى خىزمىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىشىغا ئايلاندۇراي دەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتى قىلىپ تاللىشىڭىز كېرەك.  ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتىغا توغرىلانغان ئىشنى كەسپ قىلىپ تاللاش ئىمكانىيىتى بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز ئۆمرىنى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتكۈزىدۇ.  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئىنتايىن چەكلىك. شۇنداق بولسىمۇ قىزىقىش ۋە تۇغما تالانتلارنىڭ كەسپ تاللاشتىكى ئورنى، ۋە ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۆز ئۆمرىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىلمىي ئاساستا چۈشىنىۋېلىش، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن.   
  
مەن بۇرۇنقى بىر يازمامدا ئۆزەمنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدىم: «ئۆز-ئۆزىنى بايقاش ئۆمۈرلۈك ئىش. سىز بىر ئىشنى ياخشى قىلالىغان بىلەن، يەنە بىر ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىزنى تولۇق بايقاپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.»  كەسىپ تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە مەن ئۆزەمنىڭ 2007-يىلى يازغان «ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك » دېگەن ماقالىسىدىمۇ بىر ئاز توختالغان ئىدىم.  يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئىنگلىزچە «سترەڭتھ فىندەر 2.0» دېگەن، ئۇيغۇرچە «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى 2.0» دېگەن مەنىدىكى توم رەس (Tom Rath) نىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتاب ئامېرىكىدىكى بىر دۇنياغا داڭلىق چوڭ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 40 نەچچە يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:
1-كىشىلەر كەسىپ تاللىغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە ئەڭ كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان     
2-ئادەملەردە بار بولىدىغان تۇغما تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى قىسقىچە تەسۋىرلىگەن     
3-ئاشۇ تالانتلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قانچە مىسال كەلتۈرگەن   
4-ھەر بىر تالانتنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىققان
5-ھەر بىر تالانتقا نىسبەتەن، ئوخشاش تالانتقا ئىگە كىشىلەر قانداق شەكىلدە ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۈرىغا قويغان  
6-لازىرلىق پلاستىنكا (CD) غا قاچىلانغان، ئۆزىدىكى تۇغما تالانتلارنى تېپىش يۇمشاق دېتالىنى كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلىگەن   
`  
مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىر پارچە ماقالىدە تولۇق تونۇشتۇرۇپ چىقىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن پەقەت يۇقىرىدىكى 1-مەزمۇن بىلەن 2-مەزمۇننىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان ۋە بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىشىنىمەنكى، بۇ ماقالە ئۆزىدىكى ياكى ئۆز پەرزەنتىدىكى تۇغما تالانت ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.  




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.    «ئارتۇقچىلىق» (Strength) دېگەن  سوز ھەققىدە

كىتابنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «finder» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «تاپقۇچى، بايقىغۇچى» بولۇپ، «strength» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «كۈچ، قۇۋۋەت، كۈچـقۇۋۋەت، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەسكەر كۈچى» دەپ ئىزاھلانغان. مەن ئۆزەمنىڭ «ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت » دېگەن ماقالىسىدە، «strength» دېگەن سۆزنى «ئارتۇقچىلىق» دەپ ئالغان ئىدىم.  مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەن بۇ سۆز ھەققىدە بىر ئاز ئويلۇنۇپ قالدىم.  «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن قارىمۇ-قارشى مەنىدىكى سۆز ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، ئادەتتە كاللىمىزغا ئالدى بىلەن «كەمچىلىك» دېگەن سۆز كېلىدۇ.  لېكىن، مەزكۇر كىتابتا ئىنگلىزچە «strength» دېگەن سۆز «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ قارشى مەنىدىكى سۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.  كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، «كەمچىلىك» بىلەن «ئاجىزلىق» نىڭ مەنىسىدە ناھايىتى زور پەرق بار.  مەسىلەن، مەكتەپلەردىكى مەۋسۇملۇق ياكى يىللىق ئوقۇغۇچىلار باھالىشىدا «مەمەت ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ، ھەر كۈنى دەرسكە كېچىكمەي كېلىدۇ»  دېگەنگە ئوخشاش تەسۋىرلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش، دەرسكە كېچىكمەي كېلىش» قاتارلىقلار مەمەتنىڭ «ئارتۇقچىلىقلىرى» ياكى «كەمچىلىكلىرى ئەمەس» بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ «تۇغما تالانتلىرى، كۈچلۈك قابىليەتلىرى، ياكى كۈچلۈكلۈكى» ئەمەس.  ئىنگلىزچە لۇغەتتە «strength» دېگەن سۆز «جىسمانىي، روھىي، ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ھالەت ياكى كۈچلۈكلۈك؛ تەسىر، نوپۇز، بايلىق مەنبەسى ۋە سانلىق قىممەت جەھەتتىكى ھوقۇق ياكى كۈچ-قۇۋۋەت» دەپ ئىزاھلانغان.  ئىنگلىزچە سۈپەت سۆزى «strong» نىڭ مەنىسى «كۈچلۈك» بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىسىم سۆزى «strength» نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «كۈچلۈكلۈك» بولىدۇ. بىراق، مەن ئىنگلىزچىدىكى «strength» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش سانى ۋە دائىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرچىدا «كۈچلۈكلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن مەن «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، ئۇ «كەمچىلىك» كە قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ، ھەمدە «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كەلدىم. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئاشۇنداق دەپ چۈشىنىشىنى سورايمەن.  يەنى يۇقىرىدىكى  كىتابتا ۋە مەزكۇر ماقالىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى ئادەملەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كۈچلۈكلۈكلىرى»، ياكى بولمىسا «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى بولغان ھالەتلەر بولۇپ، ئۇنى مەزكۇر ماقالىدا «ئارتۇقچىلىقلار» دەپ ئالىمەن.   
  
مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنغان «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلچەيدىغىنى تالانت بولۇپ، ئارتۇقچىلىقلار ئەمەس ئىكەن. ئاپتورنىڭ ئۇنىڭغا «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن ئىسىمنى قويۇشىدىكى سەۋەب، بۇ يەردە ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولغان نەرسە ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلار بولۇپ، تالانت بولسا ئارتۇقچىلىقلارنىڭ پەقەت بىر تەركىبىي قىسمىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىدۇر.     



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.    «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» قانداق ۋۇجۇتقا كەلگەن   

ئامېرىكىدا 1958-يىلى قۇرۇلغان «گاللۇپ تەشكىلاتى» (The Gallup Organization) دېگەن بىر شىركەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ 27 ئەلدە 40 تىن ئارتۇق تارماق ئىدارىسى بار.  بۇ شىركەتنىڭ قىلىدىغىنى ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا، شىركەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىپادىسى ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىش، ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىش-ھەرىكەت ئىقتىسادى پرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇ شىركەتنىڭ باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان.  «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى توم رەس 1998-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى 2007-يىلى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. 

بۇ شىركەتتىكى بىر توپ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ئۈستىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. 100،000 قېتىمدىن كۆپرەك تالانت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. كىشىلىك ئارتۇقچىلىقلار تۈرىدىن 5،000 دىن كۆپرەكىنى تاپقان.  نەتىجىدە ئۇلار ئەگەر كىشىلەر ئۆز ئېنېرگىيىسىنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تولدۇرۇشقا ئەمەس، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئۆسۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى نەچچە ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىنسانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، گاللۇپ تەشكىلاتىدىكىلەر ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى ئىشلەپ چىققان. بۇ يەردىكى «كلىفتون» ئارتۇقچىلىقلار پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان دونالد كلىفتون (دونالد ئو. كلىفتون) نىڭ ئىسىم پەمىلىسىدۇر. گاللۇپ تەشكىلاتى «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى 2001-يىلى «ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىۋېلىڭ» (نوۋ، دىسكوۋەر يوئۇر سترەڭتھس) دېگەن كىتابقا كىرگۈزگەن.  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 20 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 100 دىن ئارتۇق ئەللەردىكى شىركەت، مەكتەپ ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا قوللىنىلىشقا باشلىغان.  ھازىرقى كىتابتا بايان قىلىنغىنى « ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ 2-نۇسخىسىدۇر.  بۇ كىتابنى گاللۇپ تەشكىلاتى ھازىرمۇ ھەر خىل شىركەت، مەكتەپ، ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىتابتىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە مەخسۇس تەييارلانغان بىر تور بېتى، تۇغما تالانتلارنى باھالاش يۇمشاق دېتالى، ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى يېتىلدۈرۈش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.  
  
گاللۇپ تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا راي سىناشمۇ ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئېرىشكەن راي سىناش نەتىجىلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن ئەللەردە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە.   
  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا مەزكۇر كىتابنى تەۋسىيە قىلغان تونۇشۇممۇ مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئۆز تارمىقىدىكى ھەممە كەسپىي خادىملارنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېپىش ھەققىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك مەخسۇس كۇرسقا قاتناشتۇرۇپ، ئۇ كۇرستا بىر مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزلىرىدىكى تۇغما تالانتلارنى باھالاتقۇزغان. ھەمدە مەزكۇر كىتابنى ھەممە تەربىيىلەنگۈچىلەرگە بىردىن تارقىتىپ بەرگەن.  بىر شىركەت ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خادىملىرىنى بىر قانچە كۈن ئىشتىن ئايرىپ، مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىسادىي چىقىم تارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئانچە قىيىن ئەمەس.  ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بۇنداق بىلىملەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىنى، كىشىلىك تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن ئۆزلىرىنى تولۇق قوراللاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ بىلىملەر تېخىمۇ مۇھىم.  شىركەت خادىملىرىنى مۇشۇنداق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر قىممەتلىك مەبلەغ بولۇپ، بۇنداق ئىش ئۇزۇنغىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بېرىدۇ.  شۇڭلاشقا شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.    تۇغما تالانتلارنى كۈچلەندۈرۈش ئاجىزلىقلارنى تولدۇرۇشتىن مىڭ ئەلا  
  
«ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ھەر قانداق بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ھەممەيلەنگە ئايان.  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، ئۇلار ئۈچۈن مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاپ بېرىدۇ.  مەن ئوقۇتقۇچىلىققا ئازراقمۇ قىزىقمايدىغان ياشلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. تەبىئىي پەنگە ۋە ئىنجىنىرلىككە (قولى بىلەن بىر نەرسە ياساشقا) ناھايىتى قىزىقىدىغان ۋە ئۇنى ياخشى قىلالايدىغان ياشلارنىڭ بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.  ئىجتىمائىي پەنگە قىزىقىدىغان ياشلاردىن تەبىئىي پەنگە كىرىپ قالغانلىرىنى كۆردۈم.  نۇرغۇن ياش ئۆسمۈرلەرمۇ ئۆزىدىكى تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلارنى ھېچ قانداق چۈشەنمىگەن، چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماقچى بولىدۇ.  يېشى خېلە بىر يەرگە بېرىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوق بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا خىزمەت ئالمىشىش ئىمكانىيىتى يوق بىر خىزمەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇ كەسىپكە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئۇ كەسىپنى ھەرگىزمۇ ياخشى قىلالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كۈننى ھەسىرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ.  ماڭا ئاشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ياشلاردىن نۇرغۇنلىرىدن خەت كەلدى.  ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا قاتتىق نارازى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس.  ئەمما، گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغان مەلۇم بىر ساھە بار بولۇپ، كىشىلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلاپ تۇرۇپ تاللاشتىن ئىبارەت.  شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆزنىڭ توغرىسى مۇنداق بولىشى كېرەك: «سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئايلىنالمايسىز، ئەمما سىز ئۆزۈڭىزدىكى تۇغما تالانتلار ئاساسىدا ھازىرقىدىن كۆپ كۈچلۈك بىر ئادەم بولالايسىز



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.    تۇغما تالانتلار ئادەملەرنىڭ كىچىك يېشىدىلا نامايان  بولىدۇ
  
ھەقىقەتەنمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەملەر ئۆزگىرىدۇ. بىزنىڭ مىجەزىمىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.  ئەمما، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەم مىجەزىدىكى يادرولۇق ئورۇندا تۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر، ئادەمنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە قىزىقىشى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك مىجەزىنىڭ يىلتىزلىرى ئىنتايىن كىچىك يېشىدىلا نامايان بولۇشقا باشلايدۇ.  يېڭى زىللاندىيىدە 1،000 نەپەر بالىلار ئۈستىدە ئۇدا 23 يىل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئىپادىلىگەن خۇلقى-مىجەزلەر بىلەن ئۇلار 26 ياشقا كىرگەندىكى خۇلقى-مىجەزلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىق بايقالغان.  شۇڭلاشقا، «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغان كىشىلىك مىجەز ئېلېمېنتلىرىنى، يەنى تۇغما تالانتلىرىنى، ئۆلچەيدىغان قىلىپ تەييارلانغان.   
  
ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدە بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكا (ئەمەلىي مەشىق) لەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.  ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ئاساسىي ئېلېمېنتلار ۋە قولىڭىزدا زۆرۈر بولغان ماھارەتلەر بولمايدىكەن، سىزدىكى تالانتلارمۇ ئېچىلماي كۆمۈلۈپ قېلىۋېرىدۇ.  تەلىيىمىزگە يارىشا، ئۆز ئارتۇقچىلىرىمىزغا بىلىم بىلەن ماھارەتلەرنى يېڭىدىن قوشۇۋالالايمىز. مەسىلەن، بىر كۇرسقا قاتنىشىش ياكى بىر كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىز بىر يېڭى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئۆگىنىۋالالايمىز.  ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ تالانتلىرىنى ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلارغا ئايلاندۇرۇش سىزدىن پراكتىكا قىلىشنى ۋە قاتتىق تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  بۇ خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق چېنىقمىسىڭىز بولمىغانغا ئوخشاش. مەسىلەن، ئەگەر سىز مۇسكۇللىرى ناھايىتى يوغىنايدىغان ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ، ئەگەر سىز ئۆز مۇسكۇللىرىڭىزنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇپ تۇرمايدىكەنسىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەسلىدە بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن پروگراممىلانغاندەك يوغىنىمايدۇ.  ئەمما سىز باشقا بىر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن سىزدەك پروگراممىلانمىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە چېنىقسىڭىز، سىزنىڭ مۇسكۇللىرىڭىز ئۇنىڭكىدىن جىق كۆپ يوغىنايدۇ. A   
گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر ئادەم ئۆزىدە بۇرۇن مەۋجۇت بولمىغان بىر تالانتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، بەزىدە يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتلارنى جارى قىلدۇرۇشتىن باشلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكىلارنى قوشقان.  مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇغما تالانتلىرى «ھەسسىلەپ كۆپەيتكۈچى» بولۇش رولىنى ئوينىغان.  
  
تۆۋەندىكىسى ئەسلىدىكى كىتابتا بايان قىلىنغان ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدۇر:   
(تالانت) x (مەبلەغ) = ئارتۇقچىلىق   
  
تالانت: تەپەككۇر قىلىش، تۇيۇش ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ تەبىئىي شەكلى ياكى ئۇسۇلى  
مەبلەغ: پراكتىكا قىلىشقا، ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم ئاساسىنى قۇرۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز  
ئارتۇقچىلىق: قىلغان ئىشىڭىزنى دائىم ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈش قابىلىيىتىڭىز  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:58:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5.    34 تۈرلۈك تالانت   

تۆۋەندە مەن ئادەملەردە بار بولىدىغان 34 تۈرلۈك تالانتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  سىز ئۇلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىزدە بار بولغان ئەڭ كۈچلۈك تالانتلاردىن بەشنى تېپىپ چىقىڭ.  بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ھەر بىر تالانتنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ تالانتقا نۆلدىن 10 غىچە نومۇر قويۇپ مېڭىش. ئەگەر سىزدە بىر تالانت زادىلا بولمىسا ئۇنىڭغا نۆل قويۇڭ.  ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر تالانت تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا 10 قويۇڭ.  ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن 5 تالانتلارنى يۇقىرى نومۇرلۇقتىن تۆۋەن نومۇرلۇققىچە تىزىپ چىقىڭ.  ئاشۇنداق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان ياكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىز، ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ سىزدىكى ئاشۇ 5 تالانتلارنىڭ بىرەرسى ياكى بىر قانچىسىغا توغرىلانغان-توغرىلانمىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بېقىڭ.  ئەگەر ئىمكانىيەت يار بېرىدىكەن، سىز ئۆزۈڭىزنىڭ كەسپى بىلەن خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتقا توغرىلاشقا تىرىشىپ بېقىڭ.  ئەگەر سىز بۇرۇن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىڭىزنى نېمىگە سەرپ قىلىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، ئەمدى ئۇنى ئۆزۈڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋە سىز ئەڭ قىزىقىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىپ بېقىڭ.   
  
ئەسلىدىكى كىتابتا بۇ 34 تۈرلۈك تالانتلار ئۇلارنىڭ باش ھەرىپىنىڭ ئىنگلىزچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارنى ئاشۇ تەرتىپ بويىچە تونۇشتۇرىمەن.  
(1)    نەتىجە چىقارغۇچى (Achiever)   
  
سىزدىكى قىلغان ئىشتىن نەتىجە چىقىرىش تالانتى سىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  نەتىجە چىقارغۇچى نەتىجىگە بولغان بىر ئۆزلۈكسىز ئېھتىياجنى نامايان قىلىدۇ.  ئەگەر سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولىدىكەنسىز، سىز ھەر بىر كۈن نۆلدىن باشلىنىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىسىز.  ھەر بىر كۈن ئۆتۈپ بولغاندا، سىز پەقەت مەلۇم ئۆلچىگىلى بولىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىر ياخشى تۇيغۇغا كېلەلەيسىز. بۇ يەردىكى «ھەر بىر كۈن» دېگىنىمىز خىزمەت كۈنلىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ۋە تەتىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  سىز بىر كۈن دەم ئېلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ھوقۇقلۇق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر مەلۇم بىر كۈننىڭ ئىچىدە سىز مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ئازراق نەتىجىگە ئېرىشمەيدىكەنسىز، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە رازى بولمايسىز.  بىر ئىچكىي ئوت سىزنىڭ ئىچىڭىزدە داۋاملىق كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشقا، تېخىمۇ كۆپرەك نەتىجە يارىتىشقا ئۈندەيدۇ.  ھەر بىر نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئوت بىر ئاز پەسلەيدۇ. ئەمما بىر دەمدىن كېيىنلا ئۇ ئوت يەنە كۈچىيىپ، سىزنى كېيىنكى نەتىجىگە ئۈندەيدۇ.  سىزنىڭ نەتىجىگە بولغان قاتتىق ئېھتىياجىڭىز لوگىكىلىق بولماسلىقى مۇمكىن.  ئۇ ھەتتا مەركەزلەشكەن بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.  لېكىن ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.  سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئاشۇ نارازىلىق ياكى رازى بولماسلىق ئاۋازى بىلەن بىللە ياشاشقا كۆنمىسىڭىز بولمايدۇ.  ئۇنىڭ سىزگە كۆپ پايدىسى بار.  ئۇ سىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلماي تۇرۇپ ھەر كۈنى 8 سائەتتىن كۆپ ئىشلەشكە كېتىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر دائىم سىزنى يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى قىيىن ئۆتكەللەرنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.  سىزنى ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز بىلەن خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.  ئۇ سىزنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىتىغان تالانتتۇر.  
  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(2)    قوزغاتقۇچى (Activator)
  
«بىز قاچان باشلايمىز؟» دېگەن سوئال سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا قايتا-قايتا سورۇلۇپ تۇرىدۇ.  سىز بىر ئىش باشلاشقا ئالدىرايسىز.  ئانالىز قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىنىڭ بەزىدە پايدىلىق ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما يۇرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتنىڭلا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى بىلىسىز.  بىر ئىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ھامان، سىز ئىش باشلىماي تۇرالمايسىز. باشقىلار «بىز تېخى چۈشىنىپ بولالمىغان بىر قىسىم ئىشلار بار» دەپ ئەنسىرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق ئەندىشىلەر سىزنى ئاستىلىتىپ قويالمايدۇ.  بىر شەھەرنىڭ بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بېرىش قارار قىلىنغان بولسا، سىز ئۇ يەرگە ئەڭ تېز بېرىشنىڭ ئۇسۇلى بىر تۆت-كوچا چىرىغىدىن يەنە بىر تۆت-كوچا چىرىغىغا بېرىش، ھەمدە بۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. سىز ھەرگىزمۇ بىر جايدا تۇرۇپ، ھەممە تۆت-كوچا چىراغلىرىنىڭ يېشىلغا ئۆزگىرىشىنى كۈتۈپ تۇرمايسىز.  ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەمەلىي ئىش قوللۇنۇش بىلەن ئويلىنىش بىر-بىرىگە زىد ئىشلار ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ قۆزغاتقۇچى تالانتىڭىزنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش قورالى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز.  سىز بىر قارار ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىز.  بۇ ئۆگىنىش جەريانى سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى پىلانى ۋە باسىدىغان قەدەملىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.  ئەگەر ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىرەر ئىش بولمايدىكەن، سىز ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىسىز.  شۇڭا سىز چوقۇم ئەمەلىي ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمنى ئېلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ تېپىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى.  سىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىسىزكى، كىشىلەر ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزگە، ۋە نېمىنى ئويلىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بەرمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ نېمە ئىشنى قىلالىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەرگىزمۇ سىزنى قورقۇتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ سىزنى شاتلاندۇرىدۇ.   


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-5 10:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(3)    ماسلىشىشچانلىق (Adaptability)  
  
سىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاكتىپ ياكى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىسىز.  «كەلگۈسى دېگەن بىر مۇقىم مەنزىل» دەپ قارىمايسىز.  ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگۈسى سىز ھازىر ئېلىپ بارغان تاللاشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىڭىز ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان بىر نەرسە، دەپ قارايسىز.  شۇنىڭ بىلەن سىز بىر قېتىمدا كەلگۈسى توغرىسىدىكى تاللاشلاردىن پەقەت بىرنىلا تاپىسىز.  بۇ ھەرگىز سىزنىڭ پىلانسىز ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ پىلانىڭىزمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.  ئەمما، سىزنىڭ ماسلىشىشچانلىق تالانتىڭىز سىزنى باشقا پىلانلىرىڭىزدىن ۋاز كەچۈرۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ، سىزنى ھەر بىر پەيتنىڭ ئۆزىدىكى ئېھتىياجغا ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ. بەزى كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا، سىز تۇيۇقسىز تەلەپلەرگە نارازى بولمايسىز.  سىز ئۇنداق ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەيسىز. ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىز. مەلۇم دەرىجىدە سىز ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىسىز.  سىز كۆڭلىڭىزدە ناھايىتى ماسلىشىشچان بىر ئادەم بولۇپ، خىزمىتىڭىزنىڭ ئېھتىياجى سىزنى بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن باشقا-باشقا يۆنىلىشلەرگە تارتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يۇقىرى ئىش ئۈنۈمىنى ساقلىيالايسىز.   



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:55 , Processed in 0.135782 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش