توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1776|ئىنكاس: 1

سۈنئىي قىزلىق ۋە ئالدانغان ئەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۈنئىي قىزلىق ۋە ئالدانغان ئەر ( ھېكايە) .
  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ يىل باش باھاردىلا ناھىيلىك  ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان ئائىشە شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كېلىش ئالدىدا تۇرغان توي كۈنىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرسىمۇ لېكىن نىمدىندۇر ئەنسىرىگەندەك تولىمۇ خامۇش يۈرەتتى .ئەمەليەتتە تويى بولىدىغان قىز خۇشال يۈرسە بولاتتى، بىراق ئاشۇ ئىش ،ئەينى يىلى ئونۋېرسىتىت قوينىدىكى  ھەسەل يالتىلغان شىرىن- شېكەر سۆزلەرنىڭ كاساپىتىدىن ئەقلىدىن ئېزىپ، قىلغان ئاشۇ ئىش ئۇنىڭ يۈركىگە پىچاق بولۇپ تىقىلۋاتاتتى ...
      -مەن سېنى ئالىمەن جېنىم، سەن بىلەن توي قىلىمەن ،چوقۇم -،،،...رەپقەتنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھېلھەم ياڭراپ تۇراتتى .بىراق ھازىر ئالىدىغان ئادەم رەپقەت ئەمەس ناھىيلىك ئىتتپاق كومتىتىدىكى كېلىشكەن ئوتتۇرا بوي ،بەستلىك يىگىت  ئالىم ئىدى. ئۇ ئائىشە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلشىگىلا ئۇنىڭغا كانىدەك يېپىشۋالغان ئىدى ،ئائىشە دەسلەپتە ئانچە كۆڭۈل بەرمىدى ،بىراق رەپقەتنىڭ قىلغۇلۇقنى قىپ قويۇپ ھاڭگا ئىشەكتەك ئۈنسىزلا يوقاپ كەتكىنىنى ئويلاپ ئالىمغا بارا-بارا كۆنۈپ قالدى. ئەمما تۇنجى پاكلىقىنى ئۆمۈرلۈك ئىشىنىپ رەپقەتكە بېغىشلىۋەتكىنىنى ئويلىغىنىدا ئۆزىگە باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەن ئالىمغا ئىچى ئاغرىيتى ،رەپقەتنى ئىچىدە مىڭنى تىللايتى ،ئەمدى نىمىلا قىلغان بىلەن قىز ئەمەس چوكاندە. ھەي بىچارە ئالىم ...
       توي يېقىنلاشقانسىرى توي كېچىسىنى ئويلاپ ئائىشەنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمىدى ،ئەگەر شۇ كۈنى ئۇنىڭ پاك ئەمەسلىكى سېزىلىپ قالسا ئۇ تۈگىشەتتى. ئالىم بولدى قىلۋەتسە ئۇ باشقا گەپ ...
     شەنبە كۈنى ئىدى .ھاۋا خېلىلا ئوچۇق بولۇپ ئەتىيازنىڭ ئىزغىرىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتى .سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئائىشە تۇيۇقسىزلا ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىر دوستىنىڭ قىزلىق سالدۇرغىنىنى ئەسكە ئالدى -دە، بىردىنلا تېتېكلىشىپ كەتتى . سومكىلىرىنى ئېلىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى .ناھىيە شەھەرگە يېقىن بولغانلىقتىنمۇ ياكى ئابتۇبۇس ئىتتىك ماڭدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەھەرگە يېتىپ كەلدى .سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاغرىتماي قىزلىق سالىدىغان ھېلىقى دوختۇرخانىنى تاپتى....
      ئارىدىن ئىككى ئاي تىزلا ئۆتۈپ كەتتى .مانا ،ئەتە ئالىم بىلەن ئائىشەنىڭ تويى .مەھەللەكوي ،تونۇش بىلىشلەرنىڭ ھەممىسگە بارغاق تارقىتلىپ بولىندى .ھەممە توينىڭ تەييارلىقىدا پايپېتەك بولۇشۇپ يۈرىشەتتى .لېكىن ئائىشە يەنە نىمىگىدۇر خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى .كەچكى شەپەقنىڭ تۇمانلىرى ئارىسغا پېتىپ كېتىۋاتقان قوياشقا قاراپ ئۇھسىنىۋاتاتتى .ئۇنىڭغا نىمىلا ئامال ئىشلەتكەن بىلەن سېزىلىپ قالدىغاندەك. ئۆگۈنلۈككە ئەتىگەندە ئالىم (ئىلگىرى كىم بىلەن ؟؟؟)دەپ سوراق قىلىپ ئۇرۇپ يۈز -كۆزىنى قانغا بويىۋېتىدىغاندەك، سۆرەپ تالاغا تاشلىۋېتىدىغاندەك ،ھوجرىسدىن ھەيدەپ چىقىرۋېتىدىغاندەك .. تۇيۇلۋاتاتتى .ئەنە شۇ دىلىغۇللۇق ھەم گۇماننىڭ ئىسكەنجىسدە تاڭ ئېتىپ، قاق سەھەردە نىكاھ ئوقۇلۇپ قىز ۋە يىگىتنىڭ ئۆيىدە تەڭلا  توي باشلاندى .
      ئائىشە قاچانلاردا ئالىملارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگىننىمۇ سەزمىدى. دوستلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك تىپىرلىشىپ يۈرىشەتتى. بىر چاغلاردا ئۇلارمۇ تارقاپ كېتىشتى .ئۆيدە ئالىم بىلەن ئائىشەلا ئېلىكتىر لامپۇچكىنىڭ كېچە قاراڭغۇسىنى يورۇتۇپ تۇرغىنىغا نارازى بولغاندەك ئۈنسىز ئولتۇرىشاتتى. ئاخىرى ئالىم نەپسىگە ھاي بېرەلمەي ئېغىز ئاچتى.
      -مەن بەختىمنى تاپتىم، سىزچۇ ؟- ئائىشە ئۈندىمىدى .
      -سىز بىلەن توي قىلالىغانلىقىم مېنىڭ موشۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئەر ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى. شۇنداقمۇ ؟ گەپ قىلىڭە جېنىم...
      -ئائىشە ئۈنسىز يەردىن بېشنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى بىر ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئالىم ئاستا -ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىشقا باشلىدى ....
      شۇنداق قىلىپ ئائىشە ئەنسىرىگەن توي كېچسىمۇ تېنچ ئامان ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئويلىغاندەك ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى. يىگىتلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تېترىتىدىغان <<شېرىن ئاينىڭ تۈنجى كېچە>>سىنى ئانچە قىينالمايلا ئۆتكۈزگەن ئالىممۇ خېلىلا روھلۇق كۆرىنەتتى. ..
      سۈنئى قىزلىقمۇ تەبئىي تۇيغۇ بەردىمۇ ياكى ؟؟؟؟بۇ ھېچكىمگە ئايدىڭ بولمىغان بىر سىر بولۇپ قالدى ........
     ئاھ! <<قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب>> بولۇپ قالغان بايقۇش ئالىم. ئارىمىزدا ئىسمى نامەلۇم قانچىلىغان ساننى تەشكىل قىلىدىغانسەن! قانچىلىغان ئالىملار باشقىلار يالاپ تاشلىۋەتكەن يالاق تاۋاقدىن ھوزۇرلىنىپ يۈرىدىغانسەن!
        مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-13 16:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ماز ھېكايىكەن بۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:43 , Processed in 0.112970 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش