توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 27

پۇل ئۇلارنى ئايرىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇل ئۇلارنى يىراق - يىراققا قاتراتتى
(راست ئىشلار خاتىرىسى)


مۈدۈرۈش
يىقىلمايدىغان پالۋان
مۈدۈرمەيدىغان تۇلپار يوق.
قازاق خەلق تەمسىلى
   دەۋلېتقان چۆچەكلىك قازاق بولۇپ ، 1959- يىلى تۇغۇلغان . 1981-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، 1991-يىلى مائاشىنى توختىتىپ ، شتاتىنى ساقلاپ قېلىپ سودا قىلىشقا باشلىغان . باشتا غۇلجىدا «تۇلپار» ناملىق رەسىمخانا ئېچىپ سۈرەت تارتىش ، چوڭايتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئوتتۇرا بوي ، ساقاللىق ، قوي كۆز كەلگەن بۇ ساغلام يىگىتنىڭ قابىلىيەتلىكلىكى بىر قاراشتىنلا بىلىنىپ تۇراتتى . ئۇ  تىجارەتنىڭ ئېپىنى بىلگەچكە «تۇلپار» نىڭ تىجارىتى ناھايىتى روناق تاپتى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى چىقتى.
تۇلپار  ئەلا سورت بولۇپ ، قازاقلارنىڭ پەخرى ، بۇنىڭدىن2000 يىلدىن ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى ليۇ چى دەۋرىدىلا ئۇنىڭ داڭقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان . دەۋلېتقانمۇ خۇددى تۇلپارغا ئوخشايتتى.
ئۇ ئىلگىرىكېيىن بولۇپ بورتالا ، شىخۇ قاتارلىق جايلاردا ئىككى تارماق رەسىمخانا ئاچتى . 1991-يىلى 11-ئايدا قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان شەھىرىدە بىر تارماق رەسىمخانا ئېچىپ ، ئىشىك بېشىغا قازاقچە ، خەنزۇچە ، رۇسچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغان ، بۇرجىكىگە بىر تورۇق تۇلپارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ۋىۋىسكا ئاستى ۋە «لېكەي» ماركىلىق پىليونكا ، رەسىم قەغىزى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى . جۇڭگونىڭ داڭدار مەھسۇلاتى بولغان «لېكەي»نىڭ سۈپىتى ئەلا ، باھاسى ئەرزان بولغاچقا ، كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارى بىلەن ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى . «تۇلپار»دىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى ، ئۇنىڭ سودىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى ، ساندۇقساندۇق «لېكەي» ماركىلىق ماللار ئايىغى ئۈزۈلمەي سېتىلدى.
   قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رېسپوبلىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ ، 1991يىلى 12- ئايدا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، ئەركىن بازار سودىسى ئەۋج ئېلىپ باي-كەمبەغەللىك پەرقى تېزلا چوڭىيىپ كەتتى . دۆلەت 70 مېتال سانائىتى ، نېفىت سانائىتى ، تەبىئىي گاز زاپىسىنى چەت ئەلنىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە سېتىۋەتتى . ھەتتا پايتەختنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىشىمۇ بېلگىيىلىك خوجايىنلارنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كەتتى . مال باھاسى ئۆرلەپ چەت ئەل پۇللىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ، پۈتۈن دۆلەتتە چوڭ-چوڭ ماگىزىنلار پۇللىرىنى چەت ئەل پۇللىرىغا ئالماشتۇرىدىغان نۇقتىلارنى تەسىس قىلىشتى . قازاقىستان ئۆزى «تەڭگە» دەپ ئاتىلىدىغان پۇل تارقاتتى . 1998-يىلى 76 تەڭگە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ، 1999-يىلى 3-ئايدا 88 تەڭگە بىر دوللارغا ، 1999-يىلى 7-ئايدا 130 تەڭگە بىر دوللارغا ئايرىۋاشلاندى.


ئوكيان تورىدىن ئېلىندى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:05:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمبەغەللەرنىڭ  كۆپلەپ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ ، شەھەربازارلارنىڭ ھەممە يېرىدە مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ، پېنسىيىگە چىققانلار ، تىلەمچىلىك قىلىدىغان ، ياشلار توپتوپى بىلەن چەت ئەللىك خوجايىنلارغا ياللىشىپ ئىشلەيدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى . دەۋلېتقان يەرلىك ئادەملەرنى ئىشلەتمەي قازاق ، خۇيزۇ ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، موڭغۇللاردىن بولۇپ دۆلىتىمىزدىن ئېلىپ بارغان 91 كىشىنى ئىشلەتتى . 8991يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مىليون يۈەن مەبلىغى بولغان زور بايغا  مىليونېرغا ئايلاندى.
بۇ دۆلەتتە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر مۇرەككەپ ۋە كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بولۇپ ، جەمئىيەت ئامانلىقى ناھايىتى ناچار ، ۋەزىيەت قالايمىقان ، شۇنداقلا قارا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى.
دەۋلېتقان ئەقىللىق بولغاچقا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆردى ، بىراق چوڭ مۇھىت ناچار بولغان ئەھۋالدا كىچىك مۇھىت ھەرقانچە ياخشى بولغىنى بىلەنمۇ ئۇنىڭ كارائىتى چاغلىق ئىدى . دەرەخ جىم تۇرىمەن دېسىمۇ شامال ئۇنى جىم قويمايدىغان گەپ.
يېچىنوۋ رۇس بولۇپ ، 50 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغانىدى . ئۇ دەۋلېتقاننىڭ قولىدىكى بىر مەغلۇبىيەتچى ئىدى . ئەسلىدە ئۇ «پرونزى» دېگەن بىر رەسىمخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ ، 1999يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋەيران بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىساتلىرىنى سېتىۋەتتى ، خىزمەتچىلىرىنى تارقىتىۋەتتى ، ئۆزى بولسا بۇلاڭچىلىق يولىغا قەدەم باستى . ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن پۇلغا ئالتە بۇلاڭچىنى سېتىۋېلىپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور پاجىئەلەرنى پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.
31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى قازاق يىگىتى «تۇلپار»غا كىرىپ كەلدى . ئۇلارنڭ بىرى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ لىكتورى ، تراكتور زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى دېگەن خىزمەت كىنىشكىسى بار ، ئىنتايىن رەتلىك كىيىنگەن كىشى بولۇپ ، ئۇ ئاۋۋال ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن دەۋلېتقانغا ئالمائاتادا يەنە بىر تارماق رەسىمخانىنى بىرلىشىپ ئېچىش تەكلىپىنى بەردى ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىنى چىقاردى . دەۋلېتقان:


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇكىنىمىزدا ئادەم ئاز ، ئىقتىسادىمىزمۇ ئاجىز ، شۇڭا دۆلىتىڭلاردا يەنە بىر تارماق دۇكان ئېچىش پىلانىمىز يوق، دېدى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ . دەۋلېتقان ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ناتونۇش كىشىلەرگە ئانچە ئاسان ئىشىنىپ كېتەلمەيتتى . ئۇلارنىڭ بىرى چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالدا:
ئەپەندىم ، بىز بىر مىللەت . لېكىن ھەرقايسىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز بار ، بۇ خۇددى قان قېرىنداشلارنىڭ بىرى شەرقتە ، بىرى غەربتە ياشىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش، دېدى.
دوستۇم ، بىز ھەممىمىز ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بولساقمۇ ، مائاشىمىزنى تولۇق ئالالمايمىز ، ئالغان تەقدىردىمۇ ۋاقتىدا ئالالمايمىز ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمىز ، بىز پۇل ئۈچۈن ۋىجدانسىزلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمىز . خۇددى ئاتابوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك «قورايغا ئايلىنىپ قالساقمۇ ئېچىرقاپ كەتكەن ئىتقا ئوخشاش قاۋىمايمىز» . شۇڭا سىزنى ئىزدەپ ئالدىڭىزغا كەلدۇق، دېدى ئۇلارنىڭ يەنە بىرى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.
ئادەمگە كەلسەك ، پەقەت دۆلىتىڭلاردىكى ئادەملەر بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا يۇقىرى ئىش ھەققى بەرمىسەڭلار بولمايدىكەن . مەردانە قەدەم تاشلاپ بىلىمى بار يەرلىك كىشىلەرنى ئىشلەتكەندە بىرقەدەر زور تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېدى يەنە بىرى.
پۇل ئاز بولسا كۆپچىلىك يىغىش قىلىپ ، ھەسسىدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويايلى . سىز كۆپرەك چىقىرىڭ ، بىز ئازراق چىقىرايلى ، بەكمۇ چوڭ ئىش تۇتمايلى، دېدى يەنە بىرى قوشۇمچە قىلىپ . دەۋلېتقان يۇمشاپ قالدى . ئۇ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئىدى.
ئۇكام، دېدى ھېلىقى ئىككىيلەن بىرى توختىسا يەنە بىرى، سىز يۇرتماكانىڭىزنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلدىڭىز ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەلۋەتتە پۇل تېپىش ، ئەمما سىلەرگە ھەقىقىي دوستلۇق كېرەك ئەمەسمۇ؟!
ئالمائاتا قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىدى ، دەۋلېتقان بىرقانچە قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ بۇ شەھەرنى ، بۇ شەھەردىكى مەشھۇر جايلارنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىغانىدى . بۇ قېتىم بۇ شەھەرگە بېرىپ بازارلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ، شۇنداقلا تاماشا قىلىش نىيىتى بىلەن ماقۇل بولدى.
بولىدۇ ، ئۆگۈنلۈككە پۇلنى ئېلىپ كېلىپ كېلىشىمنى ئىمزالايلى! دېدى ئۇ.
8-ئاينىڭ 2-كۈنى ھېلىقى ئىككى كىشى 90  مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى كۆتۈرۈپ كەلدى . 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن دەۋلېتقان رەسىم چوڭايتقۇچى لى داجۈن ۋە ھېلىقى ئىككىيلەن پويىز بىلەن ئالمائاتاغا كەلدى.
ئۇلار شەھەردىكى ئاۋات كوچا ئاباي كوچىسىغا جايلاشقان ، مائارىپچى ئاباي ھەيكىلىنىڭ قىيباش ئۇدۇلىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا» مېھمانسارىيىغا كېلىپ 61قەۋەتتىكى قوشنا ئىككى ياتاققا جايلاشتى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھېلىقى ئىككىيلەن دەۋلېتقانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ياتىقىغا تەكلىپ قىلدى . دەۋلېتقانلار بۇنى رەت قىلمىدى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:08:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئىشىك چېكىلدى ۋە كۈتكۈچى قىز قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر مېھماننى باشلاپ كىردى . ھېلىقى ئىككىيلەننىڭ بىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ كىشىنى كۈتۈۋالدى ، يەنە بىرى كەلگەن مېھماننى تونۇشتۇردى.
بىز كونا دوستلاردىن ، تونۇشتۇرۇش ھاجەتسىز ، شۇنداقمۇ دەۋلېتقان ئەپەندى؟ دېدى ھېلىقى مېھمان قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ.
يېچىنوۋ!
بۇنىڭدىن ھەيران بولغان دەۋلېتقاننىڭ كاللىسىدىن «ئۇ قانداقلارچە بۇ يەرگە كېلىپ قالدى؟» دېگەن ئوي كەچتىدە ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ:
سىلەر پاراڭلىشىڭلار ، بىز ياتاققا چىقايلى، دەپ ئورنىدىن قوزغالدى.
لى داجۈن ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرەيلەن ئۇنى مۈرىسى بىلەن ئىتتىرىۋىدى ، ئۇ يىقىلىپ چۈشكلى تاس قالدى.
ھا...ھا...ھا... يېچىنوۋ يەنە بىردەم قاتتىق كۈلدى ، شۇ ئەسنادا تۆت دارازا كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىق ئىدى.
لى ئەپەندى ، كەلگەندىكىن خاتىرجەم ئولتۇرۇۋېرىڭ ، نېمىگە ئالدىرايسىز؟ بۇ تۆت كىشى سىلەرنىڭ يېڭى دوستۇڭلار ، رۇس ، سىلەرگە كېچەكۈندۈز ھەمراھ بولىدۇ . سىلەر بىلەن بىللە ساياھەت قىلىدۇ ، بىللە دەم ئالىدۇ ، بىخەتەرلىكىڭلارنى قوغدايدۇ.
يېچىنوۋ ، مەن دەۋلېتقان ھېچقاچان سىزگە زىيانزەخمەت يەتكۈزمىگەنىدىم ، بۇ زادى نېمە قىلغىنىڭىز؟
نېمە قىلغىنىڭىز دەۋاتامسىز؟ سەن سەمىمىي سودىگەر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئەدەپ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمەن . ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، سىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ھېچقانداق ئىز قالدۇرماسلىق مەن ئۈچۈن ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس ، جۇڭگولۇقلار بۇ يەردە يوقاپ كەتسە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۇنچىۋالا ھەيران قالمايدىغانلىقى سىلەرگىمۇ ئايانغۇ دەيمەن!
مۇشۇنداق ھەمكارلىشامدۇق؟
ھا.. . ھا.. . قازاقلاردا، دېدى يېچىنوۋ يەنە بىردەم تەلۋىلەرچە كۈلگەندىن كېيىن، «تۇلپاردا تۇلپارچە كۆز بولىدۇ ، ئەزىمەتتە ئەزىمەتچە جاسارەت» دېگەن تەمسىل بار ئەمەسمۇ ، بۇ يەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى قاراپلا چۈشىنىشىڭ كېرەك ، بەلكى ئەڭ زور جاسارەت بىلەن ھەمكارلىشارمىز! ھەرقانداق چوڭ مۇزلۇقلارمۇ قارلىق چوققىلاردىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ . دوستۇم ، مەن قولۇمنى چېگرا سىرتىغا سوزالمايمەن!
ئېنىقراق گەپ قىلمامسىز!
بۇ يەردە ئۈچ بەت قەغەز ، 6 تال قەلەم بار . ھا.. . ھا.. . ھا...، بۇ قېتىم ئۇ تېخىمۇ ئەسەبىيلەرچە كۈلدى، سەن قازاق تىلىدا ئۈچ نۇسخا ھۆججەت ياز ، لى ئەپەندىم خەنزۇچە ئىسپات يازسۇن ، ئۇنىڭ بىرى 2 مىليون تەڭگە ، يەنە بىرى 1 مىليون 800 مىڭ خەلق پۇلى ، ئۈچىنچىسى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولسۇن ، ئۇلارنى ماڭا بەر ، سەن «تۇلپار»دىكىلەرگە بىر پارچە خەت يازغىن . لى ئەپەندى قايتقاچ تۇرسۇن . سېنى سەن بىلەن بىرگە كەلگەن ئىككى كىشى يولغا سالىدۇ . «تۇلپار»دىكى بارلىق خادىملار دۆلىتىگە قايتسۇن ، دۇكاننى سەن بىلەن بىرگە بارغان ئىككى كىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگىن . لى ئەپەندى چېگرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تېلېفون بەرسۇن (ئۇ شىرەدىكى تېلېفوننى كۆرسىتىپ قويدى) . شۇنىڭدىن كېيىن سېنى قويۇۋېتىمىز . شۇنداق قىلىپ مەسىلىنى ئۇرۇشتالاش قىلماي ، قورالمۇ ئىشلەتمەي تىنچلىق بىلەن ھەل قىلساق ، ئۆزئارا ئىلتىپات قىلغان بولمامدۇق؟ ئۇنداقتا ساڭا ئىنتايىن رەھىمدىللىك قىلغان بولمامدۇق؟! دەرۋەقە سەن ساقچى چاقىرساڭمۇ ، كونسۇلخاناڭلارنى ئىزدىسەڭمۇ بولىۋېرىدۇ . ھا.. . ھا.. . ھا...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:08:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋلېتقان قاتتىق خۇرسىندى ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.
ئېگىز تېرەككە قونىدىغان قاغا كۆپ بولىدۇ ، دەۋلېتقان ئۇلارنىڭ يالاپ يۈرۈشى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى قەھرىمانلىرىنىڭ خاتىرە مۇنارىنى ، ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيى ، قازاقىستاننىڭ بىر كۋادرات مېتىر جايىغا 300 دىن توغرا كېلىپ ، خۇددى قاتار تىزىپ قويغان بومباردىمانچى ئايروپىلاندەك بەلۋاغ ھاسىل قىلغان چېكەتكىلىرىنى شەھەرنىڭ ئۇزۇنقىسقا يوللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
7كۈنى لى داجۈندىن تېلېفون كەلدى . بۇ چاغدا دەۋلېتقان بىرلا كۇسار بىلەن قالغانىدى ، ئۇلار دەۋلېتقاننى يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈۋەتتى . سۆرۈن ئايدىڭ كېچىدە مۈدۈرۈپ كەتكەن تۇلپار ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى . ئۇ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى خەلقئارا پويىز خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋالدى.
2 . لاچىننىڭ قانىتى سۇندى
ھەرقانداق مەزمۇت لاچىننىڭمۇ بوران-چاپقۇندا قانىتى سۇنىدۇ . ھەرقانچە ئەقىللىق كىشىمۇ توزاققا چۈشۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى
ئەبەيدۇللا  قۇمۇللۇق ئۇيغۇر بولۇپ ، 1965-يىلى تۇغۇلغان . 1987-يىلى بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، 1993- يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1995-يىلى قەشقەردە «قار لەيلىسى» سودا شىركىتى قۇرۇپ ، ئۆزى دىرېكتور بولغان.
ئېگىز ، ئورۇق ، ئۇچلۇق ئېڭەك ، كۆزى كىچىك كەلگەن بۇ ئادەم سۆزلىگەندە نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاپ قالاتتى . پۇتقوللىرى چاققان ، كاللىسى ئۆتكۈر بۇ سودىگەر نېپال ، بىرما ، شياڭگاڭ ، مالايسىيا قاتارلىق جايلاردا سودا قىلىپ ئىشەنچكە ئېرىشكەن ، جىڭ مال سېتىش بىلەن بېيىغان.
ئۇنىڭ شىركىتىدىكى تۆت ئادەمنىڭ بىرى ئايالى ، يەنە بىرى ئۇكىسى ، يەنە بىرى سىڭلىسى ئىدى . ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ بولمىسىمۇ يورۇق ، پاكىز بولۇپ ، ئىپارخان قەبرىسىگە يېقىنلا جايدا ئىدى.
ئۇ چەت ئەلدىكى ئىشلارنىڭ تولىمۇ چىگىشمۇرەككەپلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە ، سىرت بىلەن بولغان سوداسېتىق ئىشلىرىنى ئۆزىلا قىلاتتى . ئىنىسى خۇنەن ، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مال سېتىۋالاتتى ، سىڭلىسى بىلەن ئايالى ئالمىشىپ دۇكاندا تۇراتتى . ئەبەيدۇللانىڭ ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوغلى ئەنۋەر ئەبەيدۇللانىڭ كورلىدىكى ئاتائانىسىنىڭ يېنىدا ئوقۇيتتى.
   سودىغا ماھىر بولۇش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان «ئۇيغۇر»لار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا غەربىي دىياردىن چاڭئەن ، لوياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سودا قىلغان . ئۇلار يىپەك يولىنىڭ دائىملىق كارۋانلىرى ئىدى.
ئەبەيدۇللانىڭ ئومۇمىي مۈلكى 60 مىليون بولۇپ ، مىليادىر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى . ئۇ «ئەپەندىم»دىنمۇ پىلانچى ئىدى ، ئۇنىڭ نەزىرى چەت ئەلگە تىكىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن چەت ئەلدە دۇكان ئاچمىدى . ئۇ ھىندۇنېزىيىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن ساۋاق ئالدى ، ئاشۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تەقدىرنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن ئەنسىرىدى ، ئۇ باشقىلار بىلەنمۇ شېرىكلەشمىدى . ئۇرۇقتۇغقانلاردەك دوستلىرىنىڭمۇ پۇلنى كۆرگەندە كۆزى قىزىرىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . شۇڭا ئۇ يالغۇز ھەرىكەت قىلدى . ئۆز كۆڭلىگە پۈككەنلىرى بويىچە ئىش قىلدى ، نەچچە ئونلىغان قىممەت باھالىق تاشلار 100 گراممۇ كەلمەيتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ئېلىپ يۈرۈش قۇلايلىق بولۇپ ، بۇزۇلۇپمۇ كەتمەيتتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ يولدا ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغاچقا ، يېقىنراق جايلاردا دۇكان ئاچماقچى بولدى . 1998-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1999-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئافغانىستان ، لاتۋىيە ، ئوكرائىنا قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ كۆرۈپ ئاخىر قىرغىزىستاننى تاللىدى . ئۇنىڭ بۇ يەرنى تاللىشىدا ئۈچ سەۋەب بار ئىدى: بىرىنچىدىن ، بازار ئەھۋالى ياخشى ئىدى؛ ئىككىنچىدىن ، مۇسۇلمانلار دۆلىتى؛ ئۈچىنچىدىن ، يېقىن بولۇپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلەتتى.
ئەبەيدۇللا پرژېۋالسىك شەھىرىدىكى ئالتە ئەڭ چوڭ ئۈنچەمەرۋايىت دۇكىنىدىكىلەر بىلەن تونۇشقان ۋە ئالاقىلاشقانىدى . ئۇ بىرىنچى قېتىملىق سودىسىدا 78 گرام كۆك ياقۇتنى ئالتە دۇكانغا ئاپىرىپ باھاسىنى سۆزلەشكەندىن كېيىن ، ياقۇتنى ئۇلاردىن ئىككىسىگە سېتىپ پۇلىنى جۇڭگوغا ئەۋەتتى.
ئەبەيدۇللانىڭ 2-قېتىملىق سودىسى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى . پرژېۋالسىكتىكى «خەيلەن» زىبۇزىننەت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى قىرغىز يوسنوزنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تاشقۇمېر شەھىرىدىكى «شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى» قاشتېشى دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى ، قىرغىز دۇلئۇرمان بىلەن پۈتۈشكەن 26 گرام قاشتېشى بىر قېتىمدىلا سېتىلسا مىليادىر بولۇشقا گەپ كەتمەيتتى.
قىرغىزلار دۆلىتىمىزدىمۇ بار بولۇپ ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىدا ياشايدۇ ، ئۇلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
دۇلئۇرمان ئەبەيدۇللانى چوڭ خېرىدار خوباچېۋ شەھىرىدىكى زىبۇزىننەت باش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قادىرغا(ئۇيغۇر) تونۇشتۇرۇپ قويدى . ئۇنىڭغا تەبىئىي قاشتېشى كېرەك ئىدى.
ئەبەيدۇللا ئۇنىڭغا بىر پارچە 987 گرام ئېغىرلىقتىكى خوتەن «زۇمرەت»ىنى ئېلىپ كەلدى . ئۇ زۇمرەت تاشقا چاپلىشىقلىق بولۇپ ، ساپ ، تەبىئىي مال ئىدى . ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 1121گرام كېلەتتى.
ئالتۇننىڭ باھاسى بولغىنى بىلەن قاشتېشى بىباھا ئىدى . ئۇلار ھەر بىر گىرامىنى 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن دېيىشىپ پۈتۈشتى.
ئۇلار قاشتېشىنى باشقىدىن ئۆلچىۋىدى ، ئۇ 299گىرام كەلدى . سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن ئەبەيدۇللا بىردىنلا ئەنسىرەپمۇ قالدى . قىرغىزىستانمۇ ئەسلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر رېسپوبلىكىسى ئىدى . ئىتتىپاق تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، قىرغىزىستان جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر كۈچىيىپ ، ئىجتىمائىي تەرتىپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى . بۇ سودىدا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن ئەبەيدۇللا بۇ يەردىن تېز كەتمەكچى بولدى.
ئەمما ، بۇ ئۈچ مۇسۇلمان خېرىدار ئۆزىگە ئۇرۇق-تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتسا ، ئۈچىلىسى نام-ئابرۇيلۇق خوجايىنلار تۇرسا ، ئۇ بۇ يەردىن كېتىپ نەلەردە مېھمانساراي ئىزدەپ يۈرۈيدۇ؟
سىرلىق ئوردىدىن يېنىپ چىقىش ئاسانمۇ؟ گەپ ئىنتايىن ھوشيار بولۇشتا . يوسنوز ، دۇلئۇرمانلار ئۆزلىرىنىڭ سودىدا پۈتۈشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئەبەيدۇللاغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلېفون بەردى . قادىر:
    بىزگە يەنە تېخىمۇ كۆپ كۆك ياقۇت كېرەك . ئۇلارنى تۈركىيە ، مىسىرغا ئاپىرىمىز ، مەن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىزنىڭ  ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . تەڭ بېيىيلى، دېدى . ئەبەيدۇللا كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى . كۆڭلىدە بولسا «بۇ قېتىم كېتىۋالسام ئىككىنچىلەپ كەلمەسمەن» دەپ ئويلىدى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
ـ  ئاكا ، بىزنىڭ ئاتابوۋىلىرىمىز ئوخشاشلا ئورخۇن دەرياسىنىڭ (ئورخۇن دەرياسى ئۇيغۇرلار پەيدا بولغان جاي) سۈيىنى ئىچكەن ، بىزنىڭ خودايىمىزمۇ بىر ، بىزنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىمىز سىزنىڭ قولىڭىزدا ، گەپ سىزنىڭ پۇرسەتنى بىزگە بېرىش-بەرمەسلىكىڭىزدە ، قۇرئاننى كىم بىلەن ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ ، ئەمما سودىنى كۆرگەنلا ئادەم بىلەن قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ، دېدى-  قوللىرى بىلەن ئەبەيدۇللانىڭ قولىنى مەھكەم سىققىنىچە.
ئەبەيدۇللا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلار كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپ ئۇنى تەكلىپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ «بارسام باراي ، يەنە بىر قېتىم بېرىپ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيمەنمۇ» دېگەن خىيالغا كەلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ، پاكىستانلارغا بارغان باشقا سودىگەرلەر زىيان تارتىپ قايتىپ كېلىشكەنىدى . بىر قەدەمنى خاتا باسساڭ ھەشپەش دېگۈچە ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ.
تىپتنچ شارائىتتا خەۋپخەتەرنى ئويلاش  ئەخمەقلىق بولسا كېرەك . دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنىڭ قايسىسىنى چېچەن كىشىلەر قىلمىغان؟!
ئەبەيدۇللا 300 گرام كۆك ياقۇتنى يانفونىنىڭ قېپىغا سېلىپ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن خۇباچېۋ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى . ئۇ ئىسسىق كۆل يېنىدىكى ئەلى بابا مېھمانخانىسىنىڭ بىر ئۆلچەملىك ياتىقىغا ئورۇنلاشتى.
ئالدى بىلەن قادىر يېتىپ كەلدى ، مالنى كۆرگەندىن كېيىن تېلىققىدەك كۈلدى ۋە 70 گرام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئۇنىڭدىن كېيىن دۇلئۇرمان كەلدى ، ئۇ 85 گرام ئالماقچى بولدى ، يۇنۇز كەلمىدى . ئۇ تېلېفون بېرىپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بارىدىغانلىقىنى ۋە 110 گرام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئۈچ خېرىدار بىلەن مال تۈگىمىدى ، تۈگىسەتۈگىمىسە مەيلى ئەمەسمۇ ، ئېشىپ قالغىنىنى ئېلىپ كېتىپ دۇكانغا قويۇپ قويمامدۇ.
25-چېسلا يۇنۇز تېلېفون بېرىپ يەنە ئىككىئۈچ كۈن كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ، يېڭى بىر خېرىدارنى باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ، بۇ خېرىدارنىڭ ئېشىپ قالغان ياقۇتنىڭ ھەممىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قادىر ئەبەيدۇللاغا ھەمراھ بولۇپ قولۋاققا چۈشتى ، بېلىق تۇتۇشتى . تىپتنچ كۆل بېتى تىپتنچ تۇرمۇشقا ئوخشايتتى ، ئەمما ئۇنىڭ قاينام ئۆركەشلىرى سۇنىڭ تىرەن يېرىگە يوشۇرۇنغانىدى . بىخۇتلۇق قىلساڭ ھەشپەش دېگۈچە ئۇ سېنى يۇتۇپ كېتىدۇ.
ئادەم كۈتۈش ئىنتايىن زېرىكىشلىك بىر ئىش . بولۇپمۇ سودىگەرلەرنىڭ سودا ئىشى بىلەن ئادەم ساقلىشى تېخىمۇ شۇنداق . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئەبەيدۇللا دېرىزە ئالدىغا كېلىپ كۆككە باقتى ، ئۇ يوپيورۇق ئاينىڭ كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئايغا ئون بەش بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى ، ئاتائانىسى ۋە ئوغلىنى سېغىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولىد ، چۈنكى 15 كۈن بۇرۇن كورلىغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىغانىدى.
ئەبەيدۇللا 26-چېسلا قايتماقچى بولدى.
يانفون سايرىدى . يۇنۇز خۇباچېۋغا كەلگەنىدى . ئۇ باشلاپ كەلگەن يېڭى خېرىدار مەن چېچىنىلىك باكاچېۋ بولىمەن دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
بەشەيلەن مېھمانساراينىڭ كافېيخانىسىدا ئۇچراشتى.
ئەبەيدۇللا ئۇچلۇق ئېڭىكىنى تىرىگىنىچە گازىر كۆزلىرى بىلەن يېڭى خېرىدارغا سەپسالدى . بۇ كىشى ئەللىكتىن ئاشقان ، تەمبەل ، يوغان قورساق ، كۆك كۆز ، ئەپتىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى.
بۇ قېتىم راستتىنلا ئەلى باباغا ئوخشاپ قالىمەنمۇ نېمە؟
بىراق ، ئۇلار تۆتلا كىشى ، قورقۇنچلۇق كىشىلەر ئەمەس ، شۇڭا بۇلاڭچىلىق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى بىر گراممۇ ساتماي قايتىپ بۇ يەردىن تېزدىن يوقاش ئەڭ ياخشى چارە دەپ ئويلىدى ئەبەيدۇللا.
ئەبەيدۇللا ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، باش مۇلازىمەتچىگە تېلېفون بېرىپ ياتاقنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئەبەيدۇللا تاڭ سۈزۈلگەندىلا ئاستا چىقىپ لىفت بىلەن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى . بۇ چاغدا بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا ئىككىئۈچتەك ئادەم بار ئىدى.
ئۇ چوڭچوڭ قەدەملەر بىلەن سىرتقا جۆنىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «دادا ، ياخشىمۇ سىز...» دېگەن بىر تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ توختاپ ئارقىسىغا قارىۋىدى ، قادىر بىلەن يېڭى خېرىدار تۇراتتى . يېڭى خېرىدار كىچىك بىر ئۈنئالغۇ كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ ، ئابايامقى تونۇش ئاۋاز ئەنە شۇ ئۈنئالغۇدىن چىققانىدى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئوغلىڭىز ئەنۋەر كەلدى ، ئۇنى كۆرگىڭىز يوقمۇ؟ دېدى قادىر.
ئەبەيدۇللا چىشىنى چىشلىگىنىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئالىيىپ قويدىدە ، مېڭىشقا تەمشەلدى.
ئاكا ، يەنە كېلىسىز ، يەنە كېلىپ بىزنى ئىزدەيسىز . ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ سودا دېگەن سۆھبەت ئارقىلىق بولىدۇ ، باھانى كېلىشسەك بولىدۇ . ناۋادا قاراپ تۇرۇپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز بەك جىق قۇربان بېرىپ كېتىسىزغۇ دەيمەن؟ سۆھبەتلىشەيلى ، بىز دېگەن بىر ئۇرۇق خەق ، ئاكا ، مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم بېرىمەن!
ھا.. . ھا.. . ھا ، پاژالۇستا (ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەيلى! قادىر تەرجىمە قىلدى).
ئۇلار ساپادا ئولتۇرۇشتى ، ئەبەيدۇللا تەرگە چۆمۈلگەنىدى.
ئويلىمىغان خەتەرلىككە بىر قېتىملىق تېلېفون سەۋەبچى بولغانىدى . ئەبەيدۇللا كورلىدىكى ئائىلىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يۇنۇزغا دەپ بەرگەن ھەم يۇنۇزنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ سۆزلەشكەنىدى . بۇ ئىشنىڭ سۇيىقەست دەستىكى بولۇپ قېلىشىنى ، شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقان سودىنىڭ سۇغا چېلىشىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز! ئەسلى يۇنۇز ئەبەيدۇللانىڭ ئاۋازىنى تۇيدۇرماستىن ئۈنئالغۇ لىنتىسىغا ئېلىۋېلىپ ، ئاۋازى ئەبەيدۇللانىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر ئادەمنى ياللىۋالغانىدى . بۇ ھىيلەمىكىرنى باكاچېۋ پىلانلىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغانىدى . ئۇ قىزغىزىستاندىكى قارا قول پارتىيىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئاتامانى ئىدى . بۇ ياۋۇز بۆرە ئەبەيدۇللا پەيدا بولغاندىلا بۇ سىمىز گۆشنى يېيىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، قان تېمىپ تۇرىدىغان ئاغزىنى ئاچقانىدى . ئۇ قادىر قاتارلىق ئۈچەيلەننى ئەبەيدۇللانى توزاققا چۈشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى . شۇڭا ئەبەيدۇللا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا يالغان ئەبەيدۇللا (ئاۋازى ئەبەيدۇللانىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان يالغان ئەبەيدۇللا) ئەبەيدۇللانىڭ ئاتائانىسىغا تېلېفون بېرىپ:
بۇ قېتىمقى سودا چوڭراق ، ۋاقتى سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ . ئوغلۇم 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكتەپكە بارىدۇ ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغىچە قىرغىزىستانغا كېلىپ بىرقانچە كۈن ئويناپ كەتسۇنمىكىن دەيمەن؟! قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئاغىنەم ئەزىز (يالغان ئەبەيدۇللا) ناھايىتى ئىشەنچلىك ، ئۇ يېقىندا قىرغىزىستانغا قايتىدۇ ، بالىنى شۇ كىشى ئالغاچ كەلسۇن، دەيدۇ . باكاچېۋ قادىرغا تاپىلاپ ، ئەبەيدۇللاغا بولغان نازارىتىنى كۈچەيتىشنى ، ھېچقانداق ئىش قىلدۇرماسلىقنى ، ئوغلىغا تېلېفون بېرىش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەسلىكنى ، تېلېفون بېرىپ قالغاندا پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ، ئەزىز بېرىشتىن بۇرۇن ئەنۋەردىن تېلېفون كېلىپ قالسا پىلاننىڭ كۈپۈككە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . ئەزىزنىڭ پاسپورتى ، ۋىيزىسى ۋە ئايروپىلان بېلىتى راست ئىدى . شۇڭا ئەبەيدۇللانىڭ ئاتائانىسى ئەنۋەرنى ئەزىزگە تاپشۇرۇپ بەردى . ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئەبەيدۇللا ئورۇنلاشتۇرغان دەپ بىلگەچكە ، شۇنداقلا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىغاچقا ئەبەيدۇللاغا تېلېفونمۇ بېرىپ باقمىدى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:11:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باكاچېۋ بىلەن يۇنۇز ئەنۋەرنى «ئەلى بابا» مېھمانسارىيىدىن 300 مېتىر يىراقلىقتىكى «ئىسسىق كۆل مېھمانخانىسى»غا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەزىزنى ھەمراھ قىلدى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئەبەيدۇللاغا قىلغان تېلېفونىنىڭ ئۈنئالغۇسىنى ئۇنىڭغا قويۇپ بەردى.
ئەبەيدۇللا تەرگە چۆمۈلگەنىدى . ئۇ:
ماڭا ئوغلۇم كېرەك ئەمەس ، خوش! دېدى تەرلىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشىلىپ.
ئاكا ، بىزدە ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن باشقا يەنە سىنئالغۇ لېنتىسىمۇ بار ، بۇمۇ ئەنۋەرنىڭ ، كۆرۈپ باقمامسىز ، نېمىگە ئالدىرايسىز! ئەبەيدۇللا يېنىپ كېلىپ ئولتۇردى.
سىنئالغۇدىكى كۆرۈنۈش مۇنداق ئىدى: تاتلىق ئۇيقۇدىكى ئوغلىنى ئىككى قاۋۇل كىشى بوينىدىن تارتىۋاتاتتى . ئوغلى يىغلاپ قىينىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ سول پۇتى ئېگىز كۆتۈرۈلگەنىدى . قىسقا كۆرۈنۈشلەر  بالىنىڭ سول پۇتى ، پىچاق ، بوينى پىچاق بىلەن كېسىلىپ تېرىسى بىلەن گۆشى ئاجرىتىۋېتىلگەن . بالا «دادا» دەپ قاتتىق ۋارقىرىماقتا ، قىپقىزىل قان توختىماي ئاقماقتا...
باكاچېۋنىڭ كۆك كۆزى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى.
گوسپادىن (ئەپەندىم)، دېدى كۆك كۆزلىرى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەن باكاچېۋ ئالدىرىماستىن، بۇ بالىنىڭ بىزگىمۇ كېرىكى يوق ، ئۇ ھازىر مېيىپ تىلەمچىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ يارىسىنى تىكىش قىيىن ئىش ئەمەس.
ياقۇتلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بېرەي...
مەن مۇسۇلمان ئەمەس ، شۇنداقلا خەيرساخاۋەتچىمۇ ئەمەس . شۇڭا ئاۋۇ ئۈچىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ نەپسىمنى بەكمۇ قويۇۋەتمەي ، قېنى جۇڭگولۇق ئاغىنىمىزنىڭ ھەمكارلىشىش سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ باقايلى.. . ھا.. . ھا.. . ھا... دېدى باكاچېۋ.
ئاكا ، بىزمۇ بۇ ئىشنى مەجبۇرىي قىلىۋاتىمىز ، سىزگە يۈز كېلەلمەيمىز ، ناۋادا ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز ، مۇشۇ ئۈچىمىزلا تەكشۈرۈلىمىز ، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ . ئۇنى قولغىمۇ ئالمايدۇ ھەم چېقىلالمايدۇ ، ئاكا! ھېچنېمە بولمىدى ، ئەنسىرىمەڭ ، بايا سىزنى قورقۇتۇپ قويدۇق...
دەل مۇشۇ ئەسنادا يۇنۇز بىلەن دۇلئۇرمان كىرىپ كەلدى . باكاچېۋ ئەبەيدۇللاغا بىر دۇربۇننى بەردى ، ئۇلار بىرلىكتە مېھمانخانىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن چىقىشتى.
«ئىسسىق كۆل مېھمانخانىسى»نىڭ 4-قەۋىتىدىكى بىر ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق ئىدى . ئەبەيدۇللا دۇربۇن بىلەن سول قولىدا ھاسا تۇتۇۋالغان ئوغلىنىڭ مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆردى.
ياقۇتنى ئۈچ مۇسۇلمان بۇرادەر بۆلۈشسۇن ، ماڭا بېرىدىغىنىڭ ئايرىم، دېدى باكاچېۋ باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ.
ئون مىليون!
خەلق پۇلىمۇ؟
ياق ، ئامېرىكا دوللىرى ، ئامېرىكا دوللىرى ، بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى!
خۇداغا شۈكرى ، ھېلىمۇ ئون مىليون دەپ سالماپتىمەن دەپ ئويلىدى ئەبەيدۇللا.
بولىدۇ ، قەشقەرگە ھازىرلا تېلېفون بېرەي ، پۇل بىردەمدىلا كېلىدۇ ، ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!
نېمىگە ئالدىرايسىز؟ سىلەردە «توشقاننى كۆرمەي تۇرۇپ بۈركۈتنى قويۇۋەتمە» دېگەن سەقىمە بار ئەمەسمۇ؟! بالىنى پۇل قولغا تەگكەن ھامان قايتۇرۇپ بېرىمىز ، ئەگەر ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان بولساڭ بۇ ئۈچەيلەننى ئىزدىمە ، ئۇلار مېنىڭ قول ئاستىمدىكى كىشىلەر ، مەن خوجايىن ، قارا ، ئوغلۇڭ مېھمانسارايدىن چىقىۋاتىدۇ!
بالا راستتىنلا چىقىۋاتقانىدى ، بىراق قولىدا ھاسا يوق بولۇپ ، سەل ئاخساقلىق ئىدى.
ئاكا! ئەنۋەرنىڭ پۇتىنى باغلاپ قويدۇق ، پۇتىنىڭ ئۈستى ئازراق ئىششىپ قالدى ، پىچاق يېگىنى بىر تىلەمچى بالا.
ئەبەيدۇللا ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق رەھىمدىل ھەم رەھىمسىز ۋاسىتىسى ، چەكسىز ھەم چەكلىك نەپسانىيىتىدىن قاتتىق خۇرسىندى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-8 13:11:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل كەلدى ، بالا قايتۇرۇلدى ، ئۇ قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ ئۈستىدە بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە ئىدى . جۇڭگو ، قىرغىزىستان ھەقىقەتەن دوست قوشنىلاردىن . ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتنىشى باشلانغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ ئىشلىرى ياخشى ئەمەس ئىدى!
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق ، ئون بەشى قاراڭغۇ . ئەبەيدۇللا ئوغلىغا بۇ يەرلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.
3 . يۇگا ئەرۋاھى بىلەن ئېلىشىش
غەربىي ياۋروپا ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئېسىلزادە خېنىملار مۈرىسىگە سالىدىغان يېپىنچىنىڭ ئەڭ ئېسىلى «سارتۇش» دېيىلىدۇ.
  1.36 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە سارتۇش باھاسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ باھاسى 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 79.5 ھەسسە يۇقىرى . ئۇ يېپىنچا يۇمشاق ، نەپىس بولۇپ ، قاتلانغاندا سەرەڭگە قېپىغا سىغىدۇ . تارتقاندا ئۈزۈكنىڭ كۆزىدىن ئوڭايلا ئۆتىدۇ . ئۇنى يىڭنە يىپىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ «ئۈزۈك يېپىنچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇ ھىندىستان پاكىستان ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئېسىلزادىلەر ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى ، كاتتا بايلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ، باشقىلار ئالدىدا ئېسىلزادىلىكىنى كۆزكۆز قىلىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ . ئېسىلزادە خېنىملار ئارتىۋالىدىغان بۇنداق يېپىنچىنىڭ خام ماتېرىيالى قەيەردىن چىقىدۇ؟ ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتاي تېغى ، قاراقۇرۇم تېغىدىن چىقىدۇ . بۇ جايلار چەرچەن ناھىيىسىگە تەۋە ، بۇ ناھىيىنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىنمۇ چوڭ.
«سارتۇش»نى ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلار ئىشلەيدۇ . 10 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ماتېرىيالىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ، نەدىن چىقىدىغانلىقى بىر سىر بولۇپ كەلگەنىدى.
1992يىلى ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىدىكى بىئولوگىيە پروفېسسورى دوكتور گيورتى شىرىر «سارتۇش»نىڭ ماتېرىيالى «تىۋىت پادىشاھى» دەپ  ئاتالغان ، پەقەت جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىدىنلا چىقىدىغان ، شىزاڭ بۆكىنىنىڭ تىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بۇ سىرنى يەشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئوغرىلىقچە ئانداساندا بۆكەن ئوۋلاش بۆكەنلەرنى توپى بىلەن قالايمىقان ئۆلتۈرۈشكە ، ئەسلىدىكى ئارا ، ئورەك ، قاپقان ئارقىلىق ئوۋلاش ، پىلىموت بىلەن قىرىشقا ، ماشىنىلار بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئېتىشقا ، ئىككى ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك كالتىكىگە ئارغامچە باغلاپ تۇتۇشقا ، بۆكەن توپلىرى ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوۋلاشقا ، بىرىنىمۇ ئالا قويماي ئوۋلاشقا تەرەققىي قىلدى.
شىزاڭ بۆكىنى خۇددى چوڭ مۈشۈك ئېيىقتەك قىممەت باھالىق ھايۋان بولۇپ ، ئۇ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان 1دەرىجىلىك ھايۋان . شىزاڭ بۆكىنىنى ئۆلتۈرۈش خۇددى ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
ئوغرى قاراقچىنى قاراڭغۇدا تونۇيدۇ . ئوغرى قاراقچىغا يانتاياق بولىدۇ ، بۇ ماقالىدە باشقىلارغا قۇللارچە تېجىمەللىك قىلىدىغان بەش نەپەر خائىننى تونۇشتۇرىمىز . ئۇلارنىڭ خوجايىنى ھىندىستاننىڭ چاندىگار شەھىرىدە تۇرىدۇ.
ۋېي ئەردەي: خەنزۇ ، 19 ياش ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
ما يۇشۈي: خەنزۇ ، 22 ياش ، چىڭخەينىڭ مىنيۇەن ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
جەن دافېڭ: خەنزۇ ، 36 ياش نىڭشانىڭ توڭشىن ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
جۇ جىيۈەن: خەنزۇ ، 29 ياش ، لەنجۇ شىگوچىڭ نېفىتتەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىشچىسى.
چىن جۇ: خەنزۇ ، 29 ياش ، شىنىڭ «چىليەن» ئېلان شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:27 , Processed in 0.137952 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش