توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 771|ئىنكاس: 12

تۆتقۇلاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇنى ئاخىر ئەرگە بېرىشتى.ئۇمۇ قارشىلىق قىلمىدى.بىھۇدە قارشىلىقنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى سەزگەنىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمگىلا بولمىسۇن بىرىگە تېگىشى كېرەك-دە.
        ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنىڭغا ئاشىق بولمىغانىدى.كىملەردۇر ناگان-ناگاندا ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدا،قۇدۇق بېشىدا،چۈشەكەپ قالغاندەك كۆز قىسىپ،قاش ئوينىتىپ قالاتتىيۇ ، بۇنداق جازىبىسى يوق كۆز قىسىشلار ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ،ئۇ قارشى تەرەپكە جاۋاب قايتۇرۇپ بولغۇچە ھېلىقى كۆز قىسقانلار ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك جىمىپ كېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەتلەنمىگەن،زوردىن زورغا قىلغان تەبەسسۇملىرى بوشقا كېتەتتى.دېمىسىمۇ ئۇنداق ئاشىقلىق ئىشەنگىلى بولمايدىغان،بار-يوقنىڭ تايىنى يوق ئاشىقلىق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇنداق خۇپىيانە ئاشىقچىلققا بېرىلىشتىن قورقاتتى-ئاللادىن،ئاتا-ئانىسىدىن،ئەل-مەھەللىدىن قورقاتتى.شۇڭا ئۇنىڭ ھېلىقى كۆز قىسىشلارغا، قاش ئوينىتىشلارغا بىر خىل دەككە - دۈككىچىلىك ، بىسەرەمجانلىق،ۋەھىمە ۋە ئىشەنچسىزلىك ئىچىدە گالۋاڭلارچە ئىپادىلەنگەن جىلمىيىشى ھېلىقى ئاشىقلارنى كۆيدۈرۈشنىڭ ئورنىغا،ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۋېتەتتى.خۇددى ئىتنىڭ ھىجايغىنىدەك راستتىنلا ئۇلارنى قورقۇتىۋېتەتتى،ئىت كۈلەلمەيدۇ،ئىت ھىجايسا كىشىلەر«چىشلەيدىغان ئوخشايدۇ»دەپ دەررۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىدۇ.ئۇنىڭ جىلمىيىشى دەل ئاشۇنداق ئىتنىڭ ھىجىيىشىغا ئوخشىشىپراق كېتەتتى.ئۇ ئىت ئىدى.كۈلۈشنى بىلمەيدىغان ئىت ئىدى.بۇنى ئۆزى چۈشىنەتتى...
        ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى گۈللۈكنىڭ ئىچىدە،ھويلىنىڭ قارشىسىدىكى ئېرىق بويلىرىدا ئۈچقۇلاق غۇچچىدە ئۈنۈپ چىققانىدى.بىر كۈنى ئۇ ئىچى پۇشۇپ ئۈچقۇلاقلارنى تاماشا قىلغۇسى كېلىپ قالدى.ئۆيدىكىلەرنىڭ«كۇسۇر-كۇسۇر»،«پىچىر-پىچىر»لىرىدىن بىرەر نەرسىنى سېزىپ قالدىمكى؟بولمىسا ئۇ زادىلا بۇ ئۈچقۇلاقلارغا نەزىرىنى سېلىپ باققان ئەمەس ئىدى.بۈگۈن نېمىشقىدۇر تەلىيىنى سىناپ باقماقنى نىيەت قىلدى.چۈنكى كىشىلەر«توي قىلمىغان قىزغا ئۈچقۇلاقلار ئىچىدىن تۆتقۇلاق ئۇچراپ قالسا ئۇ قىز چوقۇم نىكاھتا بەختلىك بولىدۇ.ئۇنداق قىزنىڭ ئەردىن تەلىيى چىقىدۇ...»دېيىشەتتى.ئۈچقۇلاق رەسىدە قىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن بېشارەت بېرەلەيتتى.قېنى ئۇنىڭ تەقدىرى نېمە بولاركىن؟
        ھەدېمەيلا تۆتقۇلاقتىن توققۇز تال-ھويلا ئىچىدىن بەش تال،ئېرىق بويىدىن تۆت تال تېپىۋالدى،خۇشاللىقتا بېشى كۆككە يەتتى.شۇڭىمۇ كەچقۇرۇن ئۇنىڭغا«سېنى مەكۇنا خوتۇنلۇققا ئالماقچى!»دەپ ئۇقتۇرۇشقىنىدا،مەكۇنانىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ماقۇل بولدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:48:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكۇنا-نەدىن كەلگەنلىكى نائېنىق كەلگۈندى ئىدى.بىرەر يىلدىن بېرى ئۇنىڭ بۇنىڭ ئىشىنى قىلىپ تۈرتۈلمە بولۇپ جان بېقىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭ تەلەتى تولىمۇ سۆرۈن ئىدى.بويى پاكار،قۇرۇپ قالغان جىرىمدەك نىمجان،يۈز-كۆزىدە تۈكنىڭ ئەدۋايى يوق،تۇرقى سۆلەتسىز،جۇۋىنىڭ يىرتىقىدەك كىچىككىنە كۆزلىرى ئەينەك قۇملاقتەك گۈنسىز پارقىراپ تۇرىدىغان،دورداي كالپۇك،چىشلىرى ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى قاساشقا تەييار ھالەتتە ھىڭگىيىپ تۇرىدىغان بىر ساياق ئىدى.لېكىن ئۇنىڭ ئىككى ئارتۇقچىلىقى-ئېشەكتەك ئىشچانلىقى ۋە سۆزمەنلىكى ھەممە كىشىنى تاڭ قالدۇراتتى.ئىش دېسە مۇلغۇي ئىدى.قائىدە-قانۇن،ئېرەم-نىزامدىن سۆزلىگىلى تۇرسا،ئەمدىلا بۇردا نانغا ئېرىشكەن ئادەم قولىدىكى ناننى،ئەزرائىل خەقتىن ئالغان ئىسسىق جاننى ئۇنىڭغا قانداق بېرىپ قويغىنىنى بىلمەي قالاتتى.چالا-بۇلا ساۋادىمۇ بار ئىدى.شۇ ۋەجىدىن ئۇ بۇ يۇرتقا ناھايىتى ئوڭايلا قېتىلىپ،جايلىشىۋالدى ۋە بۇ يەردىن خوتۇن ئېلىش ئىستىكىنى بىلدۈردى.رىزىق-پېشانىسى بويىچە بۇ ئۆيگە سۆز بەردى.ھەپتە ئۆتمەي نامراتلارنىڭ ھەشەمىتىنى قىلىپ تويمۇ ئۆتكۈزۈلدى.شۇنداق قىلىپ مەكۇنا ئۆي-ئوچاقلىق بولدى.ئۇ ئاشۇ مەكۇنانىڭ خوتۇنى بولۇپ قالدى.
        مەلۇم بولدىكى،مەكۇنانىڭ ئەسلى ئۇنى خوتۇن قىلغۇسى يوق ئىكەن،توي ئاخشىمىمۇ ئۇنىڭغا قارىماي قويدى،توي كېچىسى مەكۇنا قوپال بولسىمۇ بۇ دۇرۇس سويمىدەك ياش ۋە تولغان خوتۇنىنى قۇچاقلاپ ھۇزۇر ئېلىشنىڭ ئورنىغا خوتۇنىغا ئارقىسىنى چاپلاپ يېتىپ ئورۇق ۋە رەزگى بارماقلىرىنى پۈكۈپ نېمىلەرنىدۇر ساناپ چىقتى ۋە تاڭ يورۇماستىنلا يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.
        كۈنلەر ئاشۇنداق باشلاندى.مەكۇنا ئىشتىن باشقىنى زادىلا ئويلىمايتتى.تورغاي چۇچۇلىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا چىقاتتى-دە،ئاللىقانداق قوزۇقلارنى قېقىپ،قوشام قوشۇپ،ئېرىق ئېچىپ،چىت چىتلاپ تۈن تەڭگىچە قىمىرلاپ يۈرەتتى.ئۇ توي قىلىپ ئەتىسىلا قېينىئاتىسىغا قاراشلىق باغ-ۋاران ،يەر-ئوتلاق،ئېتىز –ئېرىقنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا ئالدى.ئۇنىڭ ئىگىلىكنى باشقۇرۇشى تەرتىپلىك ۋە پۇختا ئىدى.ئۇنىڭ نەزىرى ھەممىگە ئۈلگۈرەتتى.تالماس قول،ھارماس ئاياغ ئىدى.ئۇزاق ئۆتمەي ئېكىن يەر،ئاختارما يەر،تىڭ يەر...نىڭ ھەننىۋاسى رەتلىنىپ،ئېرىق-سۈڭگۈچلەر قېزىلدى.تانابتەك قىرىتىكەنلەر تارتىلدى.ئويمان-دۆڭلەر تۈزلەندى.ئىلگىرى قوينىڭ قۇيرۇقىدەك سېمىز يەرلەر نېمىشقىدۇر قېرى قىزدەك تاشلىنىپ قاپتىكەن،ئاشۇنچىلىك قىلىش ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەپتىكەن،ئەسكى كىگىزنىڭ پارچىسىدەك ئۇ دۆڭدە بىر پارچە،بۇ ئويدا بىر پارچە بولۇپ بوزىرىپ قاپتىكەن،ئەمدى قارىساڭ باغ-ئارام،رەندە سالغان تاختىدەك تۈپتۈز ۋە تەكشى كەتكەن ئېكىنزار...بۇ،مەھەللىدىكىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى.ئۇلار«توۋا!»دېيىشىپ ياقىسىنى چىشلەشتى.ئۇنىڭغا قىزلىرىنى بېرىۋالمىغىنى ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ ئۆكۈنۈپ قېلىشتى.مەكۇنانىڭ قېينىئاتىسى ئىلگىرى سوخرۇن بولۇپ روناق تاپمىغان،ئەمدىلىكتە مەكۇنانىڭ ھىممىتى بىلەن بىردىنلا جانلىنىپ كەتكەن ئىگىلىكىگە قاراپ پادىشاھنىڭ قېينىئاتىسىدەك كېرىلىپ كەتتى.قىزنى بېرىپ ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغىنى ئۈچۈن مەغرۇرلاندى.مەكۇنا شەرەپلىك كۈيئوغۇل بولۇپ چىقتى.ئۇ گويا بىر ئىش ھايۋىنى ئىدىكى،كۈچ بىلەن ئەقىلدىن قىسىنچىلىقى يوق ھايۋان ئىدى،يەنە كېلىپ ئەڭ ياخشى يېرى،مەكۇنا ئۇچىسىغا كىيىم،قارنىغا تاماق تاللىمايتتى.ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى يەۋېرەتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلا بولمىسۇن پەقەت قورساققا دال بولسىلا بولاتتى.بۇنداق تاماق تاللىماي ئىشلەشنىلا بىلىدىغان،ئىشلىگەندىمۇ ئون ئەرنىڭ كۈچىنى يەيدىغان ئىگىلىكنى ئوڭچە بىر ئۆزى پىرقىرىتىۋېتىدىغان ئادەمنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى.مانا ئاشۇنداق بىر باھاسىز كىشى ئۇنىڭ كۈيئوغلى،سەت،جىۋەك بولسا نېمە بوپتۇ؟پەقەت سوقا بىلەن ساپاننى يەپ قويمىسىلا مەيلى...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن جۇۋاننىڭ ھالى تەس ئىدى.ئۇنىڭ تازا بوغۇزلىنىدىغان ئەڭ ئىشتىھالىق ۋاقتى ئىدى.بوغۇز ئەمەس،ھەلەپكىمۇ ئېرىشەلمىدى...
        جۇۋان كەچ كىرىشنى تاقەتسىزلىك،تەشنالىق ئىچىدە تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى.لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭ چاڭقىشى ۋە زارىقىشىغا ئورۇق،ئەتسىز،لاتىدەك سولاشقان مەينەت سۆڭگىچىنى پات-پات كارتىلدىتىپ تاتىلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىشى بىلەن جاۋاب بېرەتتى.گويا ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى خوتۇن ئۈچۈن ئەمەس،ئەكسىچە ئاشۇ ئىگىلىكنىڭ خوجىدارى بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئىدى.
        جۇۋان ئىچىگە تىناتتى.ئۈنسىز ياش تۆكەتتى.مانا،ئۇنىڭ ياشلىقى شامدەك ئېرىمەكتە.ئۇ سۆيۈشكە،سىلاشقا،ئەركىلىتىشكە،قۇچاقلاشقا،ئوتلۇق قۇچاقنىڭ ئاغرىتىپ ئاغرىتىپ قىسىشلىرىغا تەشنا ئىدى.جىمىكى ياش جۇۋانلاردەك...ئەمما...ئاخىرى ئۇ ئارتۇق چىدىيالماسلىققا كۆزى يەتتى،لېكىن...
        بىر كۈنى ئۇ ھويلىدا تۇرۇپ تامنىڭ ئارقىسىدىن بىر ئەركەكنىڭ ناخشا توۋلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدى.ئۇ چاغدا ئۇ يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرغانىدى.ئەركەكنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان يېرىدىن ئوقچۇپ قوپۇپ كەتتى.ئۇ يات ئەركەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى خېلى زامانلار بولۇپ قالغانىدى.ئاللىقانداق بىر سېزىم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالدى.ئۇ قورۇنىڭ ئىشىكىدىن ئېتىلىپ يولغا چىققىلى تاس-ماس قالدى.مەكۇنا ئۆينىڭ ئارقىسىدا ئىش بىلەن بەند ئىدى.جۇۋان دەرۋازا ئىشىكىنىڭ ئېچىلسا ئېرى تۇيۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ جايىدا تۇرۇپ قالدى.لېكىن ئۇنىڭ ياش كۆڭلى چاپچىماقتا ئىدى.ئۇ قورۇغا كۆز يۈگۈرتتى.ھويلىدا ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم يوق.ئۇنىڭ كۆزى تونۇر بېشىدىكى شوتىغا چۈشتى.ئۇ لەۋلىرىنى چىشلەپ ئويلىنىپ قالدى.ناخشا يېقىملىق،ئىسسىق،ئويناق ئىدى.ئاخىر ئۇ قەتئىي قارارغا كەلدى-دە،شوتىنى تامغا قويۇپ تامدىن بېشىنى چىقىرىپ يولغا قارىدى.
        يول تامنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتەتتى.يولدا مەھەللىدىكى پادىچى تاز بىر توپ قوينى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ تاز يېتىمەك ئىدى.جۇۋاندىن خېلىلا چوڭ ئىدى.ئۇ ئەقلىنى بىلگەندىن بېرى بۇ تازچاق مەھەللىدىكىلەرنىڭ قويلىرىنى بېقىپ جېنىنى جان ئېتىپ كېلىۋاتاتتى. جۇۋان بېشىنى تامدىن چىقىرىپ ھېلىقى تازغا دەككە-دۈككە ئىچىدە قاراپ قالدى.تاز ئاۋازىنىڭ بارىچە ئالىتاغىل توۋلاپ كېتىۋاتاتتى:
تۇخۇم كۆمدۈم ئوچاققا،
جېنىم...
        جۇۋان ھودۇقۇپ قالدى.ئۇ قامەتلىك ياش تازنىڭ ئەتلەستەك ئالا-بۇلىماچ كەلگەن يوغان بوينىغا ئاچلىقتا ئالايغان كۆزلىرىنى تىكتى.جۇۋاننىڭ ئەت-يېنى ئوتتەك قىزىپ،يۈز-كۆزى لاۋۇلداپ كەتتى.
        تاز جۇۋاننى كۆرمىگەن ئىدى.ئۇ قويلىرىنى ھەيدىگىنىچە ناخشىسىنى دۆڭ توۋلاپ كېتىۋەردى.جۇۋاننىڭ تاقىتى تاق بولدى.قېرىشقاندەك قويچى تاز بۇ تەرەپكە زادىلا قارىمايتتى.جۇۋان ئاۋازىنى چىقىرىپ يالغان يۆتەلدى:
-ئۆھۆ!ۋىيەي...
        لېكىن تاز توپا-چاڭغا مىلەنگىنىچە ناخشا بىلەن بولۇپ مېڭىۋەردى.
ئېتىلغاندۇر بۇ چاغقا،
خېنىم...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى قاراپ تۇرۇۋېرىشكە بولمايتتى.تاز بارغانسېرى ئۇزاقلاپ كېتىۋاتاتتى.ئاخىر جۇۋان پايلىمىدى-دە،ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرىپ ئىنچىكە ئاۋازدا تازغا قاراپ توۋلىدى:
-ھەي،توگو باش،تۇخۇمۇم ئېتىلىپ كېتەي دېگىلى نەۋاخ...
        ئۇشتۇمتۇت،«گۈلدۈر-غالاپ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىخەۋەر تۇرغان جۇۋان ئېگىزدىن پەسكە ئارقىسىچىلاپ غۇلاپ چۈشتى،نېمە بولغىنىنى چۈشىنەلمەي«ۋايجان،ۋىيەي»لەپ كۆزىنى ئاچتى-دە،قورققىنىدىن شۇ ھامان زۇۋاندىن قالدى.ئۇنىڭ ئالدىدا غەزەپتىن چىرايى ئىستەك قارايغان مەكۇنا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئۇنى«ھاپ»قىلىپ يەۋېتىدىغان ئەلپازدا قادىلىپ تۇراتتى.غەزەپتىن ئۇنىڭ كانىيى خىرقىراپ قالغانىدى.
-سەنزە ! ئېتىزىىڭنى ئاشۇ تازغا بېرىپ،بۇ رۇزىغارغا ئاشۇ قۇماق باشنى ئىگە قىلماقچىمىدىڭ؟...
        مەكۇنا جۇۋاننىڭ تامغا يامىشىپ چىققىنىنى كۆرۈپ قېلىپ ھەممە ئىشنى چۈشەنگەن ۋە تۇيدۇرماي كېلىپ جۇۋان دەسسەپ تۇرغان شوتىنى تارتىۋەتكەنىدى.
        جۇۋان لاغ-لاغ تىترەپ،توپا-تۇماننىڭ .ئىچىدىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ قوپۇپ تىزلاندى-دە،چۈشىنىكسىز ئىڭرىدى.
-ۋىيەي... نېمە بولدۇڭلار ھوي...نېمە ئىش بولدى...ۋىيەي...
        مەكۇنا خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك جۇۋان تۆت پۇتلۇق بولۇشى بىلەن تەڭ جۇۋاننىڭ قالماق قوينىڭ قۇيرۇقىدەك لىغىرلاپ تۇرغان ساغرىسىغا جان-جەھلى بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى.جۇۋان ئۆمىلەپ قوپۇپ ۋارقىراپ جارقىرىغىنىچە ئۆيگە قاچتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ۋاي ئۆلەي...بوشراق تەپ ئوغرى!...
        مەكۇنا مېكىياننى قوغلىغان جاغامبايدەك قامەتلىك خوتۇنىنىڭ ئارقىدىن لىكىلداپ يۈگۈرۈپ قوغلاپ ماڭدى.يىراقتىن قويچى تازنىڭ ناخشىسى بىر خىلدا ياڭرايتتى:
شەپەرەڭنى سۇۋىسا،
خېنىم...
        شۇ كۈنى جۇۋان ئۆلگۈدەك دۇمبا يەپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى ساڭقىپمۇ قويمايدىغان ئاشۇ بالداق تازغا بۈگۈن بويۇنداپ ۋارقىرىسىمۇ ئۇ تازنىڭ ئۆزى تەرەپكە كۆز قىرىنىمۇ سالماي كېتىپ قالغىنى شۇ تاپتا ئۇنىڭغا يېگەن تايىقىدىنمۇ ئۆتە ئەلەم قىلغانىدى.جۇۋان بىر ھازاغىچە دۇنيادىكى جىمى ئەركەكلەرنى(ئۆزىنىڭ دادىسىنىمۇ قوشۇپ)ئۆزى بىلىدىغان ئەڭ يامان تىللار بىلەن تىللاپ يېتىپ ئاستا-ئاستا جىمىقتى.
        جۇۋاننىڭ تۇلۇق تاشتەك چىڭ،بېجىرىم تېنىگە مەكۇنادەك جىۋەكنىڭ تايىقى ئۇنچە تەسىرمۇ قىلىپ كەتمەيتتى.جۇۋان چۈشكىچە قېنىپ ئۇخلاپ،چۈشتىن كېيىنلا ئورنىدىن قوپۇپ ھويلىغا چىقتى.تاياقنىڭ ئاغرىقى بېسىققان بىلەن كۆڭلىدىكى ھېس-تۇيغۇنىڭ دەۋرىشى بېسىقمىغانىدى.ھېلىقى تازنىڭ قۇۋۋەتلىك،توم قىزغۇچ ئالا-بۇلا گەدىنى جۇۋاننىڭ كۆز ئالدىدىن زادىلا نېرى بولماي ئۇنىڭ كۆڭۈل پىنھانىنى غۇلغۇيغا سالماقتا ئىدى.ئۇ ئۆزىگە ھېچ ئارام تاپالماي ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈللۈكنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ھەر تۈستە رەڭ بالقىتىپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈللۈكلەرگە مۇڭلىنىپ قارىدى.ئۇ ئۇشتۇمتۇت گۈللەرنىڭ تۈۋىدە بىر-بىرى بىلەن بوي تالىشىپ،مارىشىپ تۇرغان ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدا«مانا مەن»دېگەندەك دىڭگىيىشىپ تۇرغان تۆتقۇلاقلارنى كۆرۈپ قالدى،ئۇ ئانچە ئىشەنچ قىلالماي گۈللۈكنىڭ ئارىسىغا كىردى-دە،ئېڭىشىپ تۇرۇپ تازا سىنچىلاپ قارىدى.دەرۋەقە،بىر يەردىلا بىر مۇنچە تۆت قۇلاقلار دىرىڭشىپ تۇرۇشاتتى.قۇلاقلارمۇ يۇمران،تەڭگىسىمان قۇلاقلىرى گويا ۋىلىقلاپ كۈلگەندەك جىلمىيىشىپ تىترىشەتتى.
        جۇۋاننىڭ بىردىنلا جۇدۇنى تۇتتى.«خۇدايىم نىكاھتىن ئېيتارمىش،ئەردىن ئېيتارمىش ، ئىسسىقىنى يەپ قاپتۇ ، شۇنداق دېگەن بوڭقۇشلار!»
        جۇۋان دەرەخ تەرەپكە كەلدىدە،گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ،ھېلىقى تۆتقۇلاقلارنى دەسسەپ دەسسەپ چەيلىۋەتتى.ئەمدىلىكتە مىچچىدە ئېزىلگەن تۆتقۇلاقلار ئايانچلىق كۆرۈنۈشتە ئىپلاسلىنىپ ياتاتتى.جۇۋان پۇخادىن چىققاندەك يېنىك تىن ئالدى ۋە گۈللۈكتىن يېنىپ چىقىپ،بايىقى تۇرغان يېرىگە كېلىپ ئۆزى چەيلىۋەتكەن تۆتقۇلاقلارغا ئۆچلۈكى بىلەن ھومايدى.«ھۇ ئالدامچىلار!بىكاردىن بىكاردىن ئۇمۇندۇرۇپ قىينايدۇ كىشىنى!...»
        جۇۋان بىردىنلا چۆچۈپ كەتتى.بىردەمنىڭ ئىچىدە ھېلىقى تۆتقۇلاقلار بىر-بىرلەپ تىكلىنىپ بۇرۇنقىدەك جىلمىيىشقا باشلىغانىدى.جۇۋان ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى.ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىۋېرىپ بىردەم يۇمۇۋالدى-دە،ئاندىن يوغان ئېچىپ قارىدى،دەرۋەقە بايىقى بىر پارچە يەردىكى تۆتقۇلاقلارنىڭ ھەممىسى قايتىدىن جان كىرگەندەك تىرىلىپ«دىڭڭىتە»بولۇشۇپ تىكلىنىپ كەتكەنىدى.قىزىقى،تۆتقۇلاقلارنىڭ غولىدىكى بايىقى ئىپلاسلىق ۋە ئايانچلىق كۆرۈنۈشنىڭ ئورنىنى بىرخىل جۇشقۇنلۇق،يارقىنلىق ئىگىلىگەنىدى.تۆتقۇلاقلارنىڭ سۈزۈك ۋە تال تال قۇلاقلىرىدىن بىرخىل سۆيۈملۈك يېشىللىق ئەلەڭگىيتتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «توۋا قىلدىم خۇدايىم!نېمە كۆرۈۋاتىمەن ئۆزۈم؟...»جۇۋان ئۆزى بىلگىنىچە ئىستىغپار ئوقۇپ ياقىسىنى چىشلىدى.ئۇ بىر ھازا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يەنە بىر دەسسەپ،ئىككى دەسسەپ تۆتقۇلاقلار چاراقلاپ تۇرغان يېشىللىق ئارىسىغا كەلدى.ئۆزىنىڭ بايىقى ئاياغ ئىزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.ئۇ كۆزلىرىنى يىرتىپ ئېچىپ ئېڭىشىپ قارىدى.راستتىنلا تۆتقۇلاقلار!ھەقىقىي تۆتقۇلاقلار!دەسسەلمىگەن،يۇمران،ساغلام ۋە پاكىز تۆتقۇلاقلار!ئۇلار كۈلۈۋاتىدۇ،جىلمىيىشىۋاتىدۇ،ئەركىلەپ تىترىشىۋاتىدۇ،ھەتتا نېمىگىدۇر ئاغزىنى ئۆمەللىشىۋاتىدۇ...نېمە دېمەكچىكىن؟يەنە شۇ:«نىكاھتىن بەختىڭ،ئەردىن تەلىيىڭ بار!»دەۋاتامدىكىن؟
        جۇۋاننىڭ كۆز ئالدىغا يىگلەپ قالغان مەكۇنانىڭ يىرگىنچلىك تەلەتى،ھەر كېچىسى ئۆزىنىڭ تولۇق ۋە ئىسسىق تېقىمىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان مۇزدەك،ئەتسىز،سولاشقان،تاتىلىنىشتىن يارا بولۇپ كەتكەن سۆڭگىچى كېلىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن جۇۋاننىڭ قۇيقا چېچى تىك بولۇپ،ئەزايى بەدىنى شۈركۈنۈپ كەتتى،ئۇ خورلۇقتىن «پاڭڭىدە»يېرىلغۇدەك بولدى-دە،ھېلىقى تۆتقۇلاقلارنى ئۆكچىسى بىلەن يانجىپ-يانجىپ،نېمى كەتمىگەن ھۆل يەرگە پېتىقدېۋەتتى.ئۇ بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ پۇچۇق كەتمەننى ئاچىقتى ۋە بايىقى گۈللۈكنى چاناپ،قاۋان تىلغىۋەتكەندەك ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى.ئەمدى نە بەرق ئۇرۇپ تۇرىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەردىن ،جىلمىيىشىپ تۇرغان ئۈچقۇلاق،تۆتقۇلاقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۇ يەردە پەقەت قۇترىغان ۋە ئەسەبىيلەشكەن غالجىر خوتۇننىڭ قولىدا چانىلىپ پايخان بولغان گۈل غوللىرى لاي-لاتقىغا مىلىنىپ بىچارە سىياقتا سولىشىپ ياتاتتى.
        جۇۋاننىڭ دەردى چىققاندەك بولدى.ئۇ،ئۆزىنى تويدىن ئىلگىرىلا ئالداپ ئۇمۇندۇرغان،ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئۇنى تۆپىلەپ زاڭلىق قىلغان ئاشۇ لەنىتى تۆتقۇلاقلاردىن بىراقلا قۇتۇلغانىدى.جۇۋاننىڭ ئىچى سەل بوشىشىپ پىغانى كۆتۈرۈلگەندەك بولدى.لېكىن كۆڭلىدىكى غەشلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.ئۇ ئېغىر«ئۇھ»سىنىپ ئىپلاسلانغان پۇچۇق كەتمىنىنى سۆرەپ،بىرخىل كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
داۋامى بار.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:50:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇ كۈندىن ئېتىبارەن جۇۋان قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىندى.ئۇ ئىلگىرىكىدەك مەھەللە-ئارامىنى ئارىلايدىغان،زېرىكسە ئېتىز –قىرلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىدىغان ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدى.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى بەكرەك چىڭقىسا ئۈنى يەتكىدەك يەردە بولسىمۇ،كەمدىن كەم بارالايتتى.بارغاندىمۇ مەكۇنا ئۆزى ئېلىپ باراتتى ۋە ھايال قىلدۇرمايلا خۇددى ئوتۇنچى ئېشىكىنى ھەيدىگەندەك ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ كېلەتتى.
جۇۋان كۈندىن-كۈنگە سارغىيىپ سولماقتا ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلى ھورۇن خوتۇننىڭ تاراقسىز چېچىدەك بىسەرەمجان ۋە مالىمان ئىدى.شۇڭا ئۆزىمۇ تالا-تۈزگە چىقىشنى ھېچ خالىماس ئىدى،گاھى گاھى قورۇغا چىقىپ قالمىسا،ئەتىدىن كەچكىچە سامان تەكىينى قۇچاقلاپ ئۈمىدسىز ۋە گىرتەيگەن كۆزلىرى بىلەن بورا قوچۇم پايلىرى ساڭگىلاپ تەرەپ-تەرەپكە ئۆمۈچۈكنىڭ تورى تارتىلىپ كەتكەن،ئىستا قارايغان تورۇسقا تىكىلگىنىچە ياتقىنى ياتقانىدى.ئۆينىڭ ئىچىمۇ تەرتىپسىز ئىدى.سۇپىغا سېلىنغان كىگىز-شىرداقتىن توپا ئۆرلەپ تۇراتتى.قاچا-قومۇچلار يۇيۇقسىز پېتى قويغان جايىدا دۆۋىلىنىپ تۇراتتى.نە ئۆزىنىڭ ئۈستىبېشىنى تۈزىگۈدەك،نە ئۆي ئىچىنى جۇڭقۇرغۇدەك رىغبىتى يوق ئىدى.مەكۇنا،ئۆي ۋە ئايالىنىڭ بۇ ھالىغا نەزەر كۆزىنى سېلىپمۇ قويمايتتى.ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا توخۇ قىچقارماستا ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى.ئەلياتقۇدا ئۆيگە كېلەتتى-دە،خوتۇنى ئېلىپ قويۇپ سوۋۇپ تېۋى قاچقان ئاشتىن ئۈچ-تۆت ئاپقۇرنى بىراقلا ئىچىۋېتىپ،ئۆينىڭ تېمى تىترىگۈدەك بىر كېكىرىۋېتىپ،دوڭغاقلاپ يوتقانغا يۈگۈرەيتتى.بۇ چاغدا جۇۋان يا ئاللاقاچان ئۇيقۇغا غەرق بولغان بولاتتى،ياكى بولمىسا تام تەرەپكە قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتقان بولاتتى.مەكۇنا خوتۇنىنىڭ بار يوقلۇقىنى يادىغىمۇ ئېلىپ قويماي يەنە بارماق ساناشقا چۈشەتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئەركەك مۈشۈكتەك خورۇلداپ ئۇيقۇغا كېتەتتى.
بىر كۈنى توپىغا ئېغىنىغان ئېشەكتەك،ئۇياققا ئېغىناپ،بۇياققا ئېغىناپ يېتىۋېرىپ جىسمى ۋە دىلى ھېرىپ كەتكەن جۇۋان ھويلىغا چىقتى،كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغ ئىدى.تامنىڭ تۈۋىدىكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن شۇڭغۇغان قۇياش نۇرى بۇ چاغدا كۈنگە قاراپ تۇرغا ئىشىكنىڭ شامال ۋە ئاپتاپتىن چاك-چاك يېرىلغان سول تەرەپ كېشىكىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل توغىرلىنىپ ئەلەڭلەپ تۇراتتى.باھار ئايلىرى بولغاچ ھەممىلا يەردىن ھۆللۈك پۇرايتتى،ئەتراپ يۇندىسىنى سىقىۋەتمەيلا يېيىپ قويغان ماتا دەسمالغا ئوخشاش مەينەت ۋە كۆرۈمسىز ئىدى.قۇياشمۇ بەدرەڭ ئىدى.كۈل تۆكۈۋەتكەندەك بوزىرىپ ياتقان دالىدىن شۈركۈن سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇراتتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇۋان ئۆينىڭ قىيسىق ئىشىكىگە يۆلەنگىنىچە ئىشىك كېشىكىدە ئەلەڭلەپ تۇرغان قۇياش نۇرىغا بىردەم قاراپ تۇردى.ئۇ خىيالغا پاتقانىدى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى بىردىنلا قېرىپ كەتكەندەك،ئەتە بولمىسا ئۆگۈن ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالىدىغاندەك سېزەتتى.ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا خوشلاشقان بالىلىق،قىزلىق چاغلىرىنى ئەسلىيەلمەيتتى-ئۇمۇ ئويناپمىدىكىن؟ئۇمۇ كۈلۈپمىدىكىن؟ئەمدىچۇ؟بۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟...ئۇ نېرىسىنى ئويلىيالمىدى.ئويلاشنىمۇ خالىمىدى،ئۆلسە نېمە بوپتۇ،ھازىرمۇ تىرىك ئەمەسقۇ؟...
سوغۇق شامالدىنمۇ ياكى يۈرىكىنى مۇزلاتقان خىيالدىنمۇ،ئۇنىڭ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى.ئۇ غوللىرىنى قورۇپ شۈمشەيدى ۋە ئەتراپقا سەسكەنگەندەك بىردەم قاراپ تۇرۇپ،ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۆيىگە كىردى.ئۆي بىلەن تالانىڭ پەرقى يوق ئىدى.
ئۇ قورسىقىنى غەملەش ئۈچۈن ئوچاق بېشىغا كەلدى-دە،بىردىنلا داڭقېتىپ قالدى.ئوچاق بېشىدا تام بويلاپ «مىققىدە»تۆتقۇلاق ئۈنۈپ كەتكەنىدى.جۇۋان ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك كۆزىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ يەنە قارىدى.
راستىنلا تۆتقۇلاق!يەنە شۇ لەنەتگەردى!تۆتقۇلاقلار تۈڭلۈكتىن شۇڭغۇپ كىرگەن نۇر ئىچىدە«دىرىڭ-دىرىڭ»ئۇچلىنىپ جىلمىيىشىپ تۇراتتى.ئۇلار گويا«بەختلىك بولىسەن!ئەردىن تەلىيىڭ بار!»دەۋاتقاندەك ئۇنىڭ ئىچىدە شامال بولمىسىمۇ يەڭگىل تەۋرىنىپ،نازۇك،سۈزۈك،مەستخۇش،تازا ۋە چىرىس قۇلاقلىرىنى ھىلپىرلىتىپ قويۇشاتتى.ئاچچىقىدىن ئۆتى يېرىلغۇدەك ھالغا كەلگەن جۇۋان ھۈرپەيگىنىچە خۇددى چاشقانغا ئېتىلغان ئاچ مۈشۈكتەك ھېلىقى تۆتقۇلاقلارغا غەزەپ بىلەن چاڭ سالدى. دەل شۇ چاغدا ئۆينىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىدىن كىمدۇر بىرىنىڭ«يۇلما،ئۇلار راست ئېيتىدۇ!»دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.جۇۋان قوللىرىنى تۆتقۇلاقلارغا سوزغىنىچە داڭقېتىپ قالدى.جۇۋان شۇ تۇرغىنىچە خۇددى روھى قېچىپ كەتكەندەك بىر ھازاغىچە تىنالمىدى.بىر كەمدىن كېيىن ئۇ ھوشىغا كەلگەندەك بولدى-دە،دېمىنىمۇ چىقارماستىن ئۆي ئىچىگە قۇلاق سالدى.ئۆينىڭ ئىچى جىملىققا چۆمگەنىدى.ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتتى.ئۇ ئاستاغىنە بېشىنى بۇراپ ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كۆز يۈگۈرۈتتى.ئۆيدە ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم يوق ئىدى.جۇۋان مەڭدەپ قالدى.كاللىسىدا خىلمۇ خىل قىياس كاللەكلىنىپ كەتتى.بىر ھازادىن كېيىن مېڭىسى سەل-پەل سۈزۈلگەندەك بولدى.«راست ئاڭلىدىممۇ ياكى...ھە...راست،تاز دېگەن مەككار بولىدۇ دېيىشىدىغان،ھېلىقى قويچى تاز ئۆيگە غىپپىدە كىرىپ بىر يەرگە مۆكۈنىۋالغانمۇ يا...»


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇۋان بېلىنى رۇسلاپ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى-دە،ئىشىكنىڭ ئارقىسى،ئۇن سالىدىغان كات ساندۇقىنىڭ كەينى ۋەئورۇن-كۆرپە يىغىدىغان بىجىك تەكچىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىنتىپ چىقتى.ھەتتا سەل غەيرەتلىنىپ:
-كىم؟كىم بولساڭمۇ چىق!-دەپ ۋارقىراپ باقتى.ئۆينىڭ ئىچى تىمتاس.ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا جان يوق ئىدى.جۇۋان ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىغا ئىشەندى-دە،بايا ھېلىقى تازنى بىر يەردىن«لوڭڭىدە»چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ھېلىقى كۈندىكىدەك ئۆرىدەشكە باشلىغان كۆڭلى بىردىنلا لەسسىدە بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جەھلى باشقىدىن قاتتى.«نېمانچە خورلۇق!نېمىدېگەن ئەلەم...!»
جۇۋان يۈگۈرۈپ بېرىپ ئويۇقتىن قىڭراقنى ئالدى ۋە ئوچاق بېشىغا ئېتىلىپ باردى.
«چانىمىغىن!ئۇلار راست ئېيتىدۇ!»
جۇۋاننىڭ تۆتقۇلاقلارنى قىيما-چىيما قىلىۋېتىش ئۈچۈن قىڭراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن قولى ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى.بۇ،بايىقى ئاۋاز ئىدى.جۇۋان بۇ قېتىم بۇ ئاۋازنى شۇنچىلىك ئېنىق ئاڭلىدىكى،بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ يېنىدىنلا چىققانىدى.ھەتتا كىمنىڭدۇر ئىسسىىق تىنىقى جۇۋاننىڭ سەزگۈر قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىگە تەگكەندەك بولدى.ھودۇقۇشتىن جۇۋاننىڭ قولىدىكى قىڭراق يەرگە چۈشۈپ كەتتى.ئۇ ئېگىز كۆتۈرگەن قولىنى چۈشۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاستا-ئاستا يېنىغا ئۆرۈلدى.
ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.ئۆينىڭ ئىچى ئاۋالقىدەكلا تىپتىنىچ ئىدى.جۇۋان قولىنى ئاستا چۈشۈردى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا كۆز يۈگۈرۈتتى.ئۇ يەردىمۇ ھېچكىم يوق،كات ساندۇقىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى.«ئۇ ھىيلىگەر تاز،قىزىقچىلىق قىلىپ ساندۇققا كىرىۋالغان بولمىسۇن يەنە!»جۇۋان پەملەپ تۇرۇپ كات ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى«غاچچىدە»ئاچتى،ساندۇقنىڭ ئىچىمۇ قۇپقۇرۇق تۇراتتى.
جۇۋان بىردىنلا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.كۆڭلىگە ھەر قىسما خىياللار كېلىۋالدى.ئۇ لېۋىنى چىشلەپ بىردەم ئۈنچىقماي تۇرۇۋالدى،ئاندىن سۇپىغا يۈگۈرۈپ چىقتى-دە،تەكچىگە تىزىقلىق يوتقان-كۆرپىلەرنى سۇپىغا بىر –بىرلەپ تاشلىغىلى تۇردى،ئورۇن –كۆرپىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرنىچالغان بولسىمۇ ئەجەب ئەمەس-دە!
جۇۋاننىڭ تىنىقى بىر-بىرىگە ئۇلاشمايتتى.ئۇنىڭ چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ،يۈرىكى ۋەھىمىلىك دۈپۈلدەيتتى...ئۇ ئاخىر يوتقان يىغىدىغان ئويۇقنى بىكارلىدى.ئۇ يەردىمۇ ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.بۇ بىرلا ئېغىزلىق ئۆينىڭ ئەستىرى تېشىغا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى.ئەمدى ئۆرۈپ قارىغۇدەك ھېچنەرى قالمىغانىدى.دېمەك بۇ ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنسان ئۇرۇقى يوق،مۇبادا بار بولسا جىن باردۇر تايىنلىق!جۇۋان ئۆزىنىڭ خىيالىدىن ئۆزى قورقۇپ كېتىپ ئۆپچۆرىسىنى سۈپكۆچلىدى،ئۆزىگە دۇئا ھۈردى،«خۇدايىم ساقلار!جىن-ئالۋاستىنى كۆزۈمگە كۆرسەتمىگىن ئىلاھىم...ئۇنداقتا ھېلىقى ئاۋاز نەدىن كەلدى،ناھايىتى ئوچۇق،ناھايىتى ئېنىق ئاڭلاندىغۇ؟ھەتتا ئۇ ئاۋازنىڭ تىترەپ چىققانلىقى،ئۆزىنىڭ يۈزىگە كىمنىڭدۇر ئىسسىق نەپسىنىڭ ئۇرۇلغانلىقىنى ئوچۇق سەزدىغۇ؟ئەمىسە بۇ كىم؟ئۇ قەيەردەئشۇنداق زاھىر بولدىمۇ-يا؟»


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-9 12:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇۋاننى بىردىنلا دەھشەتلىك ۋەھىمە باستى.قورقۇنچتىن ئۇنىڭ پۇت-قولى لاغىلدايتتى.يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەيتتى.جۇۋاننىڭ پېشانىسى ۋەبۇرنىنىڭ چۆرىسى سارغىيىپ مۇزدەك تەر تامچىللىرى بۇژۇلداپ چىقتى.ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچ-ماداردىن قېلىپ خۇددى ئەسكى چاپاندەك لاكاسلاپ قالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ دەمدە خۇددى ئۆلۈكنىڭ كۆزىدەك قېتىپ قالغانىدى.ئاخىر ئۇ بىردىنلا«ۋاي...»دەپ ئىڭرىدى-دە،سۇپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆۋىلەنگەن يوتقان-كۆرپىنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:49 , Processed in 0.137137 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش