توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1174|ئىنكاس: 30

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-12 10:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باش - ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئېلىنىپتىكەن ، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . ئۇدۇل خوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش - جاقىراشلار ، ئەرنىڭمۇ ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى . سائىتىمگە قارىسام سائەت ئىككى بوپتۇ . بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەست كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ - دە ، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ ، چىنە - قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى . ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە :



--- تېخى كېچە ئىكەنغۇ ؟ نىمە ۋاراڭ - چۇرۇڭ بۇ --- دىدى .



--- قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ، بەك سوقۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ ، چىقىپ باقامسىز - يا ؟ --- دىدىم ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا .



--- ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ ، كېچىدە ھاراق ئېچىپ ، جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ جىدىلىنى ئايرىپ ، قولىقىڭىزنى چىڭ يوپۇرۇپ ئۇخلىڭە ، --- دىدى - دە ، قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى .



--- ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ ؟ سىز چىڭراق ئورىنىپ يېتىڭ ، شامال تېگىپ قالمىسۇن ، مەن چىقىپ باقاي ، --- دىدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم . ئۇلارنىڭ يا ئەر يا ئايال بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي دىمەيتتى . بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك نېپىز بولغاچقىمۇ ، ئۇلارنىڭ تىللاشقان ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى .



--- ھە ، ئۇرە بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن رازى ...



--- مەن چاقاي ، بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە ئۇرۇشايلى .



ئايال خوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى .



ئۇلارنىڭ جېدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئېرى مەست بولىۋالسا ساراڭنىڭ ئۆزى ، قولىغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ ، بىچارە چوكان ھەجەپ چىداملىقكەن ، بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ تۈگەر ... مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم . كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم . كۆز ئالدىمدا بۇ ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى . ئايال خوشنام ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى ئەينەك جازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللارنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى . ئېرى ئۇنى توسۇپ بولالماي ئاۋارە بولىۋاتاتتى .



--- سانىيە نىمە قىلىق بۇ ؟ --- دىدىم ئۈنلۈك ۋاقىراپ ، ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى . ئايال قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ، مەڭزىلىرى قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ ، يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن مەستلىكى چىقىپ تۇراتتى . ئەر خوشنامغا قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى ، ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان ، يۈزلىرى ، بويۇنلىرى ، تېرىلىرى تاتىلاشتىن سويۇلۇپ ، قىزىل گۆشلىرى كۆرۈنۈپ ، كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى . قىستاپ كالگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ سانىيەنىڭ قولىدىكى خىرىستالنى ئېلىۋالدىم - دە ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ سافاغا ئولتۇرغۇزدۇم .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر قوشنام مېنى كۆرگەندىن كېيىن ، سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ :



--- قارىمامسىز ، مۇشۇ چاققىچە تالادا يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئېچىپ ، غەرق مەست كەپتۇ . ھاراقنى نەدە ، كىم بىلەن ئىچتىڭ دىسەم ، بىشەملىك قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز !



--- ھە ، قانداق چىدىمايۋاتامسەن ؟ سەن ئىچكەن ھاراقنى مەن ئىچسەم نىمە بوپتۇ ؟ --- سانىيە سەفاغا ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان ھالدا شۇنداق دىدى .



--- نەدە ، كىم بىلەن ئىچتىڭ ! --- دىدى ئېرى قايتا جانلىنىپ .



--- بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن ؟ سەنمۇ ئون يىلدىن بېرى بىرەر قېتىم ماڭا نەدە ، كىم بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ ؟ --- ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق بىر قادالغاندىن كېيىن ، ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ :



--- قارااڭ جىنىم قوشنام ، سىز مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا مۇشۇ ئۆيدە تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسىغۇ ؟ مەن سىزگە دىمەي كىمگە دەيتتىم ؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ ، بىر ئىچىپ باققىمىز كەلدى . باشتا " ۋىيلوڭ " نى ئىچتۇق ، قارىسام ئۇ ئانچە تۇتمىدى ، بىر دوستىمىز " براندى " دىگەن بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ كىردى . ھاراق دىگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن ، ئۇنى ئىچكەندى كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك ، ئۆزىمىزنى بەختىيار سېزىپ خوشال بولۇپ ، ناخشا ئېيتىپ ، ھارغىچە ئۇسۇل ئويناپتۇق . ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ ... توۋا ئەرگە تېگىپ تايىقىنى يەپ ، تىلىنى ئاڭلىغۇچە ھاراق ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ ؟ ئىسىت ... ئىسىت ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللقى ئۆمرۈم ھۈ ...ھۈ ...ھۈ ...



--- مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :



--- سىڭلىم ، سىز پەزىلەتلىك ئېسىل ئايال ، بۇنداق ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ ، بەلكىم قىلغىنىڭىز ئۈچۈن ، ئەتە تازا پۇشۇيمان قىلارسىز ، ئايال كىشى دىگەن ئاجىز ، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز ، بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ -- دىدىم ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن .



--- سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپ تېخىچە پەزىلەتلىك ئايال ، ئەخلاقلىق قىز دىگەن كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز ؟ --- ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى .



مەن دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم .



--- جىنىم قوشنام ھازىر '' قاپاق پۇل ئەمەس ، باراڭ پۇل '' دىگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز ؟ سىز دىگەن ئەخلاقلىق ، ۋىژدانلىق ئاياللار ئائىلىدە ئەرنىڭ تايىقىنى ، ئىدارىدە ئەر باشلىقنىڭ تەنقىتىنى ئاڭلايمىز ، سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇلار قاتارىدا ، بىر بۇلۇڭدا ئەرلىرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تاڭسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرىگىمىزنى زىدە قىلىمىز . كۆرۈۋاتقانسىز ، بۇرۇنلاردا باشقلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەرقانداق ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي ، يامان ناملارغا قالغان ، ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي سۆزلەيدىغان تەتى - پەتىلەر ھازىر تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ ، ئىش كۆرگەن ئايال ، جېنى بار ئايال ، ئېسىلزادە خېنىم ، تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ ، جاھاننى سوراۋاتىدۇ . ئۆيىدە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال ، ئىدارىدە باشلىقىنىڭ خوشامىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق ئايال بولاۋاتىدۇ . مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشۇنىغا قاتناشتىم ، كۆڭلۈم نىمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىمەن ، ئۇ كەچ ئوندا كىرسە ، مەن ئون بىردە كىرىمەن ، ئۇ ئاقنى ئىچسە ، مەن قىزىلنى ئىچىمەن ، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن ، چىدىسا ئۆي تۇتسۇن ، چىدىمىسا ئاجراشسۇن ، ئەنە ئىشىك ، قىزىم بىلەن گۈلدەك ياشايمەن . توۋا مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇ رودۇپاينى پىشانەمگە پۈتۈۋەتكەندەك ۋاپادار ، پەزىلەتلىك ئايال ، مېھرىبان ئايال بولۇش ئۈچۈنلا ، ئون يىل قۇربان بېرىپتىمەن ، سىز دەڭە ئون يىل دىگەن ئاز ۋاقىتمۇ ؟ بىز ئاياللار قۇربان بېرىشكىلا يارالغانمۇ ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەكقۇ ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن ئەركەكمىدى ؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم ، گۈزەل ياشلىقىم ، ھۈ ... ھۈ ... ئۇ ئۆزىنى يەردىكى گىلەم ئۈستىگە ئېتىپلا ھۆركۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى ۋە يىغلاۋاتىپ يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى .




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە ئېغىر - بېسىق ، كەم سۆز بۇ قوشنامنىڭ مەست ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى . كېچە بىر چاغقىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم .



بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئىشقا كېتىۋاتىمەن . ئادەتتە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئاپتوبۇستا ئولتۇرسام قولايلىق . بىراق ۋاختىم قىستاپ قالمىسىلا پىيادە مېڭىپ ، يېقىن سىردىشىم بولغان خىيالىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن . بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا ھەتتە پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن . ھەتتا بەزىدە خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي ، ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولىشىنى تىلەيمەن . بۈگۈنمۇ ئاخشامقى قوشنامنىڭ مەست بولىۋېلىپ دىگەن سۆزلىرىنى خىياللىرىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كېتىۋاتاتتىم . << چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت >> دىگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست سۆزلەيدۇ ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر سەۋەپچى بولىدۇ . قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى . ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ . بىر ھىساپتا ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغىنىمۇ تۈزۈك ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ ... خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم . مەن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ ، لىفىتتا 15 - قەۋەتكە چىقىپ ئىشخانامغا كىرىپ كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازا خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم .



--- سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىز . سۇنۇلغان تېلىفۇننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى .



--- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ --- دىدىم تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ .



--- ۋەي ، بارمۇ سەن ؟ --- قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغان ئاۋاز مىڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى . قانداق قائىدە ئۇقمايدىغاندۇ ، مۇسۇلماننىڭ سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت جارقىراپ ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام ، قارشى تەرەپ يەنە ۋاقىردى .



--- ھەي ، مەن خالىدە ئاۋازىمدىن تۇنۇمىدىڭمۇ ؟



--- ھە ، نىمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن .؟



--- ئاداش مەن سېختا ، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا سېنى ئاڭلىماي قالمىسۇن دەپ ، بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيى ئىدى ، << يېڭى ئەسىر رېستۇرانى >> دا ساۋاقداش قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان ، سىلەرنىڭ قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار .



--- بولىدۇ ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي .



--- بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى .



--- خوش .



تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ بۇ ھەپتىلىك تۇنجى << ھاشار >> نىڭ ۋاقتىنى يېقىن ئارلىشىدىغان << بىزنىڭ قىزلار >> غا ئۇقتۇرىۋېتىش ئۈچۈن تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دىيىشىۋالغان بېكەتتە ئۇچرىشىپ << يېڭى ئەسىر رېستۇرانى >> غا كەلدۇق . مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ ، پەردازخانىدا گىرىم قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگىزىندىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ . ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زوڭتۇڭ ، ۋەزىر ، كاسسىرلىرىمۇ ئالاھىدە ياسىنىۋېلىشقان ئىدى .



--- چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ ، تويدا قانداق قىلار ؟



--- ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا گىرىم قىلدۇرۇپ << ئېسىل >> كىيىم كىيىپ ، تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسۈن ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسىنى قىلدۇرۇپ ، كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ ، --- دىدى ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي .



--- ھۆسۈن ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسى قىلسا بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن ؟ --- دەپ سورىدى نىمە مودا بولسا ، شۇنى دورايدىغان ساددا بىچارە زىۋەر .



--- ساقايسا قىلامتىڭ ؟ --- سورىدى يەنە بىرسى .



--- ئەمدى ئاداش بىرنىمە دەپ بولمايدۇ ، << غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ >> دىگەندەك ، بۇ قېتىم مېھراي قىلسا بىزلەرگە كەلگىچە ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي ئامال قانچە ؟ ...



بىز شۇنداق تالاش - تارتىش ، مەززىسى يوق قىززىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە باشلىدى . سوغۇق ئىسسىق بولۇپ ئو خىل قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما ، ھور نان ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يىيىلىپ بولدى . بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك رېستۇراندا باغاق چاي ، قوشنىلار چېيى ، خرۇستال چاي ، << گىرىم چاي >> ، يۇرتلۇقلار چېيى ، ساۋاقداشلار چېيى دىگەندەك چايلار بىلەن ئوتتۇز ئۈستەل ئايال مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ ، ئاۋۇ چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە - سەككىز ئەر مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى . قىزىق ئاياللار شۇنداق كەڭ - كۇشادە ۋارقىرىشىپ كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ . ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك ، مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتىم .





--- ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نىمە باركەن رېستۇراندا ، --- دىدى بىرسى .



--- شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە باللىرىنى باقماي ، خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى ...



--- ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق ... ۋەيت ... ، --- چوكانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى .



--- ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق يا ؟



--- ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى بولسا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن ، نىمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي ، نىمە خىزمىتى بار ؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ ؟ بانكىدا قانچىلىك پۇلى بار دەپ سورايدىغان تۇرسا ئەرگە تېگىپ نىمە قىلىدۇ ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز دىگەن ئەر !



--- شۇ ئەمەسمۇ ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن شۇ مائاشىمىز ياخشى ، ۋەيت !! ...



يېنىممىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس - بەستە شاڭخوغا چۈشكەن ئىدى .




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېستۇراندىن ئۇزاپ چىقىپ << بىزنىڭ قىزلار >> دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبۇس بىلەن كېتىشتى . قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك ياخشىكەن ، يىگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى ، دىيىشىپ ئاستا مېڭىشتۇق .



--- ھەي سائەت خى سەككىزمۇ بولماپتۇ ، مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نىمە قىلارمىز ؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن --- دىدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىپ ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي .



--- ھەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ ، چۈشتە ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم ، مېنىڭمۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق ، بولسا شۇنداق قىلايلى --- دىدى ، گۈلنازمۇ دەرھاللا ئايشەمنىڭ تەكلىۋىنى قۇۋۋەتلەپ .



--- بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى ، --- دىدى مەرۋان . ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟ دىگەن مەنىدە قاراشتۇق .



--- ئۆيدە ئۇ يوق ، يولغا چىقىپ كەتتى .



بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بىزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىدا ، ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ ، ئۇزاق ، ئۇزاق ، كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك پاراڭغا چۈشتۇق .



ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان ىلەن ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي قويۇۋېتىپ :



--- خانىملار ، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق - پاتلىقنى تىزمىدىم . بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىز توشۇپ تۇرىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ ئاچچىق - چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا قىلىپ ...



ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى ...



--- ۋاي ئاداش ، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن جۇمۇ ؟



--- قۇيە ، مەن بۈگۈن راسا بىر مەست بولۇپ باقايچۇ ؟ --- دىدى ئايشەم .



--- مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، ئىچسەك ئىچتۇق ! --- گۈلنازمۇ شۇنداق دىگەچ مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلرىنى يۆگەپ چازا قىستى .



--- سەنچۇ چولپان ؟



--- سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلاشقا ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟ مەن ئاڭلاي --- دىدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .



--- سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ ، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن كۆرۈنىسەن ! --- دىدى مەرۋان .



--- بۇنىڭ نىمە دەردى بولار ؟ ئۇرۇپ سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى تۇرسا ، نەگە باردىڭ ، نەدە تۇردۇڭ دىمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك باشقۇرالىسا ...



--- ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تىزگىنەكتەك باشقۇرىدىغاب ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بار .



--- قۇيە ، ھارىقىڭنى ئاۋال ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن سۆزلىشەيلى .



مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ - قىزىل سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رومكىلارغا قۇيۇشقا باشلىدى .



--- بىرىنچى رۇمكىنى نىمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟



--- ھەممىمىزنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى .



--- خوشە ! خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر - بىرىگە تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازى ناھايىتى سۈزۈك ئاڭلاندى .



--- ئاداشلار ، سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ ، ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ، ئۇ قاچانلا قارىساڭلا مەست يۈرگەن ، يەنە تېخى گەپ يوغان ... بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ تويدۇم ، نىمانچە شور پىشانىدىمەن ؟ ! ھەممە گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن ... ئايشەم قولىدىكى رۇمكىسىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ قايناپلا كەتتى .



--- ئاداش سەن يەنە شۈكۈر دىگىن ، سېنىڭ ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ يەنە دەتتىكام دەپ ئاتمايدىغۇ ؟ مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنى ئۇتتۇرىۋېتىپ ، ئۈچ يىل بولدى ، مائاش قەغىزى خەقتە ، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ . مەن بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا قوشۇپ بېقىۋاتىمەن ، --- دىدى زېھنايمۇ خىيالغا پاتقان ھالدا . ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئېغىر - بېسىق بولۇپ كېتەتتى .



--- سىلەرنىڭ دەردىڭلار مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالمىغۇدەك << دىسەم گەپ بولىدۇ ، دىمىسەم دەرت >> ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى ... گۇلناز كۈلكىگىمۇ ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل قىياپەتتە قۇرۇق رۇمكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى .



---سەن بولدى قىلامسەنكى گۇلناز ، چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ، --- دىدى مەرۋان گۈلنازنىڭ رۇمكىسىغا قىزىل سۇيۇقلۇقنى قويغاچ .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
--- مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ ، مەرۋان دۇتتىرىڭنى ئاچىقە ! دىدى گۈلناز مەرۋانغا قاراپ .



--- مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان بولدى . چالە ئاداش ، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس ، --- دىدىم مەرۋاننىڭ ئېسىقلىق ئۆزۈم گۇلنازغا سۇنغاچ .



گۈلناز قولۇمدىن دۇتتارنى ئېلىپ ، بىردەم تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن ، ئاپپاق لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى دۇتتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋىدى ، ئۇنىڭ بارماقلىرى دۇتتارنىڭ تارسىغا ئەمەس مېنىڭ يۈرەك تارىلىرىمغا تەككەندەك ، يۈرەكلىرىم يېنىك تىترەشكە ، ئارقىدىن ئېسەدەشكە باشلىدى . مېنىڭ يۈرۈگۈمنىڭ ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر دەرتلىك ساداسى ، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى .



ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ ،



تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ .



ھەر كىم ھەر نىمە دەيدۇ ،



دەرت كەلگەننى بىلمەيدۇ .







باغ ئارىلاپ شامال چىقتى ،



تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى .



ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى ،



دەردى بار قىزىڭ كەلدى .



شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى . ئاتا - ئانا دىگەن ئادەمگە مەقسەتسىز كۆيۈنىدىكەن ، ئاتا - ئانىدىن كېيىن ھەرقانچە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ بولسىمۇ ، ئاتا - ئاناڭغا ئاركىلىگەندەك ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن ، شۇ تاپتا ئانام بولغان بولسا ائشۇ دوزاق ئۆيگە، ھېلىقى ئون يىلدا بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي ، ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ يىغلىۋالغان بولسام ... مەن دۇتتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن . ھەيرانمان ، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتتار ئاڭلىساممۇ يىغلىغۇم كېلەتتى . ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ كېتەتتىم . مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ دەرت - ئەلەملەرنى ، يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ دۇتتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىگە پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازا ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك ، باشتا پىغانلىرىم ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن .





دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى . مەن گۈلنازغا قارىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ تامچىۋاتاتتى . دوتارنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى .



--- سەن بىلمەيسەن مەرۋان ، مېنىڭ يۈرىكىم مۇشۇ رۇمكىدىكى ھارىقىڭدەك قان - زەرداپقا تولدى ... مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ ... بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال ... سىلەر بىلىسىلەر ... بىراق ماڭا دىمەپسىلەر ... بۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى ... بىلمىدىم ...




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:38:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلناز قولىغا رۇمكىنى ئېلىپ ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرىۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى توسىغىنىچە ئېسەدەشكە باشلىدى .



--- گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، بىردەم يېتىۋالامسەن ؟



--- ياق ، مەن ھازىر ھەقىقى ئادەم بولدۇم . سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈگۈمنى يەپ كېلىۋاتقان دەرتلىرىمنى نۇمۇسنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دىيەلىدىم ... سىلەرچۇ ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس ، دوستۇممۇ ئەمەس ، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ ! مېنى قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ ! ئۇ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈگۈمنىى پارە - پارە قىلىۋەتتى . كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى . مەنلا ئەمەس ، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى .



--- سەن بىزنى ئازاپلانمىدى داۋاتامسەن ، ئاداش ؟ بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلگەندە ئازاپلانغان ، بىراق راستىنلا ساڭا دىيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى تۈزۈلۈپ كېتەر ، دەپ كۈتتۇق .



--- سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىغان تۇرساڭ ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ گەپنى دىيەلەيمىز ! ؟ جېنىم ئاداش ، ئايشەم شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى . ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى . دەرھاللا مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان بوتۇلكىسىغا قارىدىم .



--- ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ ؟



--- قۇيۇۋاتقىنىڭ نىمە ؟



--- ۋېيلوڭ ... ئاران ئون بىر گىرادۇسلۇق ... مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :



--- ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى يا ؟



--- خۇدايا توۋا دىگىن ...



--- مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي ، ئۆچ ئالاي دەيمەن . چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز يېزىپ بەرگىن -- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھەم يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىىشىپ كەتكەن قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك كۆزلىرىگە قارىدىم .



--- گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ ؟



--- ياق !



--- ئەمىسە نىمىشقا ئەرز يازىسەن ؟ !



--- مەن ئۇلارنى خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى ... ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى تارتىۋالماقچى .



--- فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان ، ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا ، ئۇلارنى ئەرز قىلما ! قۇلىقىڭنى گاس ، كۆزۈڭنى قارغۇ قىلىپ ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ ، ئەپۇچانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەر ، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ .



--- غۇرۇرۇمنى شۇنچىلىك دەپسەندە قىلغىنىممۇ يېتەر ... مەن ئۇنداق گۆش باش ئەمەس .



--- ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس ئەمەسمۇ ؟ ... غۇرۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ ؟ مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ، --- دىدىم مەن .



--- چولپان سەن دوستۇم ئەمەسكەنسەن ، خەپ سېنىڭ ئېرىڭنىڭ بۇزۇلمىغىنىنى كۆرەرمەن ، --- دىدى گۈلناز قوللىرىنى پىشانەمگە نوقۇپ تۇرۇپ .



--- گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، سەن ئەتىگىچە ياخشىراق ئويلان ، چولپاننىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ ، --- مەرۋان رۇمكىغا ھاراق قويۇۋېتىپ شۇنداق دىدى .



---مەرۋان ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئاز سۆزلە ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلۈمنى تالادا خوش قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولامتى ؟ ! مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، سەن ئەڭ خەتەرلىك خوتۇن بولۇپ كەتتىڭ ...



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
--- شۇنداق ، سىلەر مەندىن نەپرەتلەنسەڭلار بولىدۇ . چۈنكى مەن ئۆيدە ئېرى ، تالادا ئاشنىسى بار خوتۇن ! بىراق نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ قايسىڭ بىلىسەن ؟ سېنىڭغۇ ئېرىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ پۇلى بار سودىگەر خوتۇن بىلەن تېپىشىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزغا ساراڭ بولاي دەپسەن ، مېنىڭ ئىرىم بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ قىزدىن بالا تېپىپ قويۇپ ، ئۇ خەنزۇ قىزغا ئون مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلەپ ، بالىسىنى ئالغۇزۇپ ئېرىمنى قوتقۇزۇپ قالغىنىمنى بىلىشەمتىڭ ؟ ! نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ كەلگۈسى بەختى ... ئون يىللىق ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ... قېرىپ قالغان ئاتا - ئانىمىزنى ئاياش ... جەمىيەتتە سۆز - چۆچەك قىلىشتىن نومۇس قىلىپ ... بىراق ، بۇ ئېتىقادى يوق ئەردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق . كۆرۈنۈشتە بىز ناھايىتى ئىناق ، ئەمىلىيەتتە بىز ياخشى ئۆتىۋاتقان قوشنىلار ...



مەرۋان ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقاندەك بىخارامان ئولتۇراتتى .



--- مېنىڭ ئېرىم ھاراق ئىچسىمۇ يەنە ياخشىكەن جۇمۇ ، شۈكۈر قىلاي ، --- ئايشەم شۇنداق دەپ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋالدى .



--- ئاداش مېنىڭ ئېرىممۇ قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تالادا ئادىمى يوق ، شۈكۈر دەي جۇمۇ ؟ دىدى --- زېھنايمۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ .



--- مەنمۇ دىلشاتتىن بەزىدە تەسىرلىنىپ قالىمەن . كېچىلىرى مەھەللىگە مەست كېلىپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام پەسكە چۈشۈپ مېنى يۆلەپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىدۇ . قۇسسام قۇسۇقلىرىمغا قاچا تۇتىدۇ ، كېچىلىرى ئۇسساپ كەتتىم ، دەپ توۋلىسام ناۋات سېلىپ تەييارلاپ قويغان سوغۇق چايلارنى ئەپكېلىپ ئىچكۈزىدۇ .



مەرۋانمۇ ناھايىتى مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا ماختىنىۋاتاتتى . سائىتىمگە قارىسام ئون بىردىن ئېشىپتۇ .



--- ئاداشلار ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئېرىمىزنى ماختاپمۇ بولدۇق ، ئەمدى ئىچىمىزمۇ بوشىغاندۇ قايتامدۇق ؟ ! -- دىدىم ئۇلارغا .



ئايدىڭ كېچە ، ئاپپاق قارغا دەسسەپ ئۆيۈمگە كېتىۋاتىمەن






 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:39:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىمدا ئۇنىڭغا : << سەن بىر چاغدا ، سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن ، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن نەچچە يىگىتنى يۇغۇرساڭمۇ ، مەندەك سۇباتتىن بىرسى چىقمايدۇ . دىگەندە سېنى تولا پو ئاتمىغىنە دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ ؟ بۈگۈن مېنىڭ ساڭا شۇنداق پو ئاتقۇم كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈنكى سورۇندىكى بۇ چوكانلارنى يۇغۇرسىمۇ مەندەك چولپاننىڭ يېرىمىمۇ چىقمىغۇدەك ... مۇھەببەت - نەپرەت ، ئېتىقات مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەملەر شۇنداق بولامدۇ -يا ؟ >> مەن خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ، ئۆيگە قايتقۇم يوق ، ھەيرانمەن ، نەچچە سائەتتىن بېرى ئەرلىرى ئۈستىدىن يىغلاپ شىكايەت قىلغان دوستلىرىم ئۆيىگە ، ئەرلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراش تاكسى توسۇپ كېتىشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان خاتىرجەم ئائىلەم ، لاياقەتلىك ئېرىم بولغان مەن دوستلىرىمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىمونت يولدا يالغۇز كېتىۋېتىپ ، ئۆيۈمنىڭ مەن ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىنى تىلەۋاتىمەن . ئىشىككە ئاچقۇچۇمنى سېلىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا ، ئۇدۇل كۆرىنىدىغان خۇرۇم سافادا ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرۈۋېتىپتۇ .



--- بىر يەردە تازا ئىچىشكەن ئوخشىمامسىلەر ؟



مەن ئۇدۇلۇمدىكى سافادا پوشكال خېمىرىدەك ساقىپ ياتقان مۇرادقا لەپپىدى قارىدىم . ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىپادىسىز تىكىلىپ تۇراتتى .



--- ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟



--- ياقەي ، سوراپ قويدۇم ، ھازىر ئىچىشنى بىلمىگەن ئاياللار ياشاشنى بىلمىگەن ھىساپلىنىدۇ .



ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاھاڭدا سۆزلىگەن لاۋزا گەپلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .



--- سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟



---سىز خەلقئارالىق ئاڭغا ئىگە مەندەك ئېرىڭىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ .



مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم .



--- قانداق ، مەن پەخىرلىنىشىڭىزگە ئەرزىمدىكەنمەن ؟



ئۇنىڭ قايتىلاپ سورىغان سۇئاللىرىدىن خۇددى جوڭيى دورىسى ئىچكەندەك سەسكىنىپ كەتتىم .



--- سىلەردەك ئەرلەرنىڭ قولىغا قالغان بىز ئاياللارنىڭ كېلەچەگى قانداق بولار ؟ --- دىدىم ئەلەم بىلەن .



--- بىزدەك ئەرلەرنىڭ قولىدا ئۆزىڭىز ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋروپالىقتەك ياشاۋاتقانسىز ؟ ! --- دىدى ئۇ ساپادىن لىككىدە تۇرۇپ مەغرۇرانە قىياپەتتە .



--- بىردەم كۆزۈمگە كۆرۈنمىسڭىز بولۇپتىكەن ؟ ! --- دەۋەتتىم ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقىم كەلمەي .



--- بولىدۇ ، مەن كۆزىڭىزدىن بىردەم يوقىلاي . ئەمما ھېلىلا ئۆز پۇتىڭىز بىلەن يېنىمغا كىرىسىز ... ئۇ شۇنداق دىگەچ ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-12 10:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن دىگەن ئاخىرقى سۆزلىرى مېنىڭ جاراھەتلىك قەلبىمنى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇردى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . بالكونغا چىقىپ ئوچۇق دەرىزىلەردىن ئاسمانغا قارىدىم . ئاي ماڭا مۇلايىم جىلۋىلىنىپ قاراپ تۇراتتى . يۇلتۇزلار بولسا ئاينىڭ ئەتراپىدا خۇددى غەمسىز بالىلاردەك جىمىرلىشىپ تۇراتتى . شۇئان ئېسىمگە بىر ناخشا كەلدى .



كىچىگىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،


ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا .


تاپالمىدىم ، توۋا دەيمەن بەختىمنى ،


مېنىڭ بەختىم نىمە قىلسۇن ئاسماندا .


تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كېچە سائەت ئون بولىشى بىلەن ياتاقلارنىڭ توكى بىردەك ئۆچۈرۈلەتتى . ئۇيقۇمىز قاچقان كۈنلىرى بىز كارۋاتلىرىمىزدا ئوڭدا يېتىۋېلىپ ، ناخشا ئېيتىشاتتۇق . ناخشىنى زۇمرەت بىلەن چىمەنگۈل ياخشى ئېيتاتتى . بىز ئۇلارغا ئەگىشەتتۇق . شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى ، سۆيۈملىك ياتاقنى ھەم دوستلىرىمنى شۇنداق سېغىندىمكى ...


--- بۈگۈن ئۇيقۇڭىز كەلمىگۈدەك بىرەر ئىش بولغانمىدى ؟ --- ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . كەينىمگە قايرىلىپ قارىماستىنلا ، ئۇيقۇم كەلسە نەچچە ئۆي بىكار تۇرمامدۇ ، غەم قىلماي ئۇخلاۋېرىڭ ! --- دىدىم قوپاللا ...


--- سىرتتا بىرەرسى باردەكلا كۆزىڭىزنى سىرتتىن ئۈزەلمەيلا قاپسىزغۇ ؟ --- سۈكۈت قىلدىم .


--- ھەقاچان بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن جەم بولۇپ ، ئىچىشكەچ كونا يىگىتلىرىڭلارنىڭ گېپىنى قىلىشقانسىلەر ؟ شۇڭا كونا ئوتلار تۇتىشىپ ئۆچۈرەلمەيۋاتامسىزكىن دەيمىنا ؟ !


ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سۆزلىرى يۈرىگىمگە يىڭنىدەك سانجىلىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ ئورۇنسىز سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىرتتىن يۈزلىرىمنى قىزارتىپ كېچىدە لەلەڭشىپ كىرگەن چېغىمدىلا : << ئايال كىشى تۇرۇپ ، يېرىم كېچىگىچە نەگە باردىڭ ؟ ھاراق ئىچكۈچە ئېشەكنىڭ سۈدۈكىنى ئىچسەڭ بولمامدۇ ؟ >> دەپ تەستىكىمگە نەچچىنى ئۇرغان بولسىمۇ ، يېنىكلەپ قالغان ھەم ئۇنىڭ ئەرلىكىدىن مەمننۇن بولغان ، يىغلاپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تۇنۇغان بولار ئىدىم . ئەمما ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ئاڭ ، ئۇنچىلىك ئېتىقاد نىمە قىلسۇن ؟ مەن قەلبىمدىكى بارلىق غەزىپىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ، ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :


---شۇنداق قەلبىمدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۈيىۋاتىدۇ ، ئەركەك بولسىڭىز ئۇ ئوتنى ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەمسىز ؟ --- دىدىم .


ئۇنىڭ چىرايلىرى قارىداپ ، كۆزلىرىدىن ھىچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر ئۇچقۇن چاقنىدى . مەن ئۇنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ، رەھمەتلىك ئانامنىڭ << قىز بالا دىگەن ئەركىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغان ، گەپ ياندۇرمايدىغان ، بولمىسا يامان بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم . ئىچىمدىلا ئاللاھقا : << ئېھ ! قۇدرىتى ئۇلۇغ ، ئادەمنى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ ، ئالدىمدىكى مۇنۇ بەندەڭنى ئەرلا قىلىپ ياراتماي ، ئەركەك قىلغان بولساڭچۇ ئۇنىڭغا ۋىژدان ، ئېتىقاد ، ئەقىل ، مۇھەببەت ۋە نەپرەت دىگەندەك ئوغۇل بالا ئۈچۈن مۇھىم نەرسىلەرنى تولۇق بەرگەن بولساڭ ، مەنمۇ ھۆرمىتىم بىلەن لەپپىدە بىر قاراپ ، يەرگە قارىۋالماسمىدىم ؟ ئۇنىڭغا بۇنچە تىكىلىپ قاراشقا قۇربىتىم يېتەمتى ؟ ! مەيلىم بولامتى ؟ ! ... >> دەپ نىدا قىلدىم .




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:39 , Processed in 0.135009 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش