توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 16

نەشپۈتنىڭ رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-12 17:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نەشپۈت كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىل ياغاچ غوللۇق ئۇسۇملۈك مىۋىسى تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق، كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلاش،يۇرەكنى،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،ئۆپكىنى ياشارتىپ بەلغەمنى بوشىتىش،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    نەشپۈتنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا جىگەر كېسەللىكى،ئۆپكە كېسەللىكى،جىددى ۋە ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، يۇقۇرى قان بېسىم،كۆز قاراڭغۇلىشىش،كۆز تورلىشىش،يۇرەك قالايمىقان سېلىش،جىگەر قېتىش،باش قېيىش،ھۆتۇتۇش،قۇلاق غۇڭۇلداش،گال قۇرۇش،ئاۋاز بۇغۇلۇش گال ئېچىشىش ۋە ئاغرىش،قەۋزىيەت،يۈرەك كېسەللىكى،سىيگەكلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن شىپا بولىدۇ. شۇنداقلا مېڭىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئولتۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ ھەركىتىنى ياخشىلايدۇ، بەدەندە مىۋە مېنرال تۈزلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان چىش مىلىكلىرىنىڭ قانىشىغىمۇ شىپا بولىدۇ.

       سىقىلغان سۈيى بىلەن بىھىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا،سۆڭەك ئاغرىش،كاناي قۇرۇش،سۈيدۈك يولى ئېچىشىپ ئاغرىش،سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشلەرگە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئىچسە زاتىل،كېزىك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە قەنت سىيىش (دىئابىت) كېسەللىكى ئۈچۈن ياخشى دورا بولىدۇ،ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

        نەشپۈت ئۇرۇقى زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە،نەشپۈت ئۇرۇقىنى ئىزىپ يىلان،چايان ،ھەرە ۋەباشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان،غالجىر ئىت چىشلىگەن ئۇرۇنلارغا باسسا زەھەرنى قايتۇرىدۇ.

     نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى بەدەنگە ۋە يۈزگە چىققان ھەرخىل مۇدۇر چاقىلارغا سۇركىسە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن چىلاننىڭ يۇپۇرمىقىنى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ،بۇۋاسىر (گېموروي) غا چاپسا قان كېلىشنى توختىتىدۇ.  

     نەشپۈتنى كۆپ ئىستىمال قىلسا،سوغۇقچان،ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ،قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ۋە ئاغرىتىدۇ،شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ،شۇڭا نەشپۈتنى ئاچ قورساق يىمەسلىك ،يەپ ئارقىدىن سۇ ئىچمەسلىك،گۆش يىمەسلىك لازىم.


ۋاقتى: 2012-11-29 18:39:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەلمىدىمغۇ


ۋاقتى: 2012-11-30 12:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەشپۈتنى كۆپ ئىستىمال قىلسا،سوغۇقچان،ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ


ۋاقتى: 2013-1-4 16:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇنلىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى


ۋاقتى: 2014-9-15 23:14:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت


ۋاقتى: 2014-9-18 11:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەپپىرەيلى جىق


ۋاقتى: 2014-9-19 10:30:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەشپۇتكە بەك ئامراق


ۋاقتى: 2014-9-19 11:18:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي مىنا ماكۇلا بىلىۋالدىم


ۋاقتى: 2014-9-22 11:22:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما ياخشى بوپتۇ


ۋاقتى: 2014-9-22 11:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق نەشپىتىنى جىق جىق يەپ بېرەيلى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:13 , Processed in 0.121618 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش