توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 6

قارا كىتاب 1

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-22 16:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-22 16:53  

قارا        كىتاب
   ئورخان پامۇك

ئورخان پامۇك رومانى ‹قارا كىتاب›
ما رۇي رەن

   تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› رومانىنىڭ باش قەھرىمانى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەيدانغا چىقىدىغان قەھرىمانلار بولسا غالىب، ئۇنىڭ ئايالى رۇيا ۋەرۇيانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى ھېلال. روماندا بۇ ئۈچ پېرسوناژدىن باشقايەنە ئىستامبولنىڭ نۇرغۇن ئاھالىلىرى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە تارىخىدىكى مۇھىم بولغان راست-يالغان شەخسلەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن مەيدانغا چىقىدۇ. ‹قارا كىتاب›نىڭ تۈزۈلۈشى ناھايتتى ئاددىي. ياش ئادوۋكات غالىب ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئايالى رۇيانىڭ ئۆزىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ غايىب بولغانلىقىنى بايقايدۇ. رۇيانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى، گېزىتخانىنىڭ داڭلىق مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ھېلالمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدۇ. رەشىك ئوتىدىكى بۇ ئەر قەھرىتان سوغۇقلاردا،  توپتوغرا بىر ھەپتە ئستابولنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا موكىدەك يۈگرەپ يۈرۈپ بۇ ئىككىيلەننىڭ دېرىكىنى قىلىدۇ. مۇشۇنداق توختىماي ئىزدەش جەريانىدا، غالىب ھېلالنىڭ نەچچە ئون يىلنىڭ ياقى ئېلانقىلىۋاتقان مەخسۇس سەھىپىسى ئارقىلىق، ھېلالنىڭ ئېڭىدا قۇرۇپ چىققان، ھازىرقى ئەمەلىي مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىستامبولدىنمۇ ھەقىقىي، چىن بولغان ئىستامبول شەھىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غالىب ھەركۈنى ھېلالنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئايالى بىلەن ھېلالنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشىنىڭ بىرەريىپ ئۇچىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ قەدىمكى قۇرئە سېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، سېھىرگەتولغان بۇ ھەرپلەرنى شۇنداقلا بۇ ھەرپلەرنىڭ شەھەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭيۈزلىرىگە سالغان بەلگە-ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئورخان پامۇك ‹قاراكىتاب› ناملىق كىتابىدا، قەدىمكى پانىئىلاھچىلىق مەزھىپىنىڭ تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيىدە ناھايتى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.


  ئورخان‹قارا كىتاب›تا، ئىككى پېرسوناژ ئارقىلىق بىر خىل يۈكسەك ئارزۇ- تىلەكنى بايان قىلغان. بۇ ئىككى پېرسوناژ- ‹ئۇ› (غالىب) بىلەن ‹مەن› (ھېلال) بولۇپ، ھەر بابتائالمىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ‹ئۇ›نىڭ مەقسىتى بولسا، مۇكەممەل بولغان شەرتسىزھالدىكى ‹ئۆزىنى  بىلىش›.   مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشجەريانىدا، ‹ئۇ› ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئارزۇسىغا تايىنىدۇ، يەنە شۇنداقلا ‹مەن›نىڭتۈركىيەگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پانىئىلاھچىلىق بىلەن ئوسمان تارىخىغا بولغان بىلىشىگە تايىنىدۇ. ‹قارا كىتاب›تىكى ‹ئۇ› بىلەن ‹مەن›نىڭ ھەرئىككىلىسىلا قۇلاق، كۆز ۋە قەلبى ناھايتتى ئۆتكۈر شەخسلەر، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئادەتتىكى دەھرىي، يەنى دىندىن خالىي ئادەملەر قۇبۇل قىلالمايدىغان چىنلىقلارنى قۇبۇل قىلالايدۇ، ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن سىرلىق چىنلىقتىن ھوزۇرلىنالايدۇ.مۇشۇنداق ئىنتىلىش جەريانىدا، ئەسلىدە دۈشمەن ياكى رەقىب بولغان شەخىسلار،بارغانسېرى ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ، بارغانسېرى ئاسىمىلاتسىيىلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدابىرگەۋدە بولۇپ كېتىدۇ.   ئورخان پامۇكنىڭ بىرئالاھىدىلىكى ئۇ ھېكايە ئېيتىشقا ناھايتتى ئۇستا. روماندىكى باش قەھرىمان ئۆز-ئاراقارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەشەببۇس قىلىدۇ: ‹‹ھېچكىم ئۆزى بولالمايدۇ››، ‹‹كىملا بولمىسۇن باشقىلار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ››، ‹‹بىراۋلارنىڭ ھاياتى باشقىلارنىڭ چۈشىدە بولىدۇ››. ئەمما ھەر كىمنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى دەلئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىش بولىدۇ. روماننىڭ ئارقىدىن سانىغاندىكى ئىككىنچىبابى-‹‹شاھزادىنىڭ چۈشى››دە، بۇ قارشى نىسبەتلىك ئىككى خىل ئۇقۇم ئاخىرى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدۇ: پەقەت غەلبىلىك ھالدا بارلىق ‹ئۇ›لار بىلەن بىر نىيەت بىر گەۋدىلىك ئادەم بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇش دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ.   



(گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-22 16:58:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىتابتا قاراڭغۇلۇق بىلەن قار مەنزىرىسى ئىستامبولنىڭ‹ئازاب›ىنى ئاشۇرغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، غالىب، ئورخاننىڭ باشقارومانلىرىدىكى باش پېرسوناژلارغا ئوخشاش ئاسانلا ئازاب دېڭىزىغا شۇڭغىمايدۇ.بەلكىم ئۇنىڭ قەلبىگە كۈندەشلىك، رەشىكلىك ئوتى تولۇپ تۇرغاچقا، ئازابلىنىشقائورۇن قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
  غالىبنىڭ ئايالى رۇيا كارىۋاتتا يېتىپرازۋېتكا رومانى ئوقۇيدۇ، بەلكىم مۇشۇ خىلدىكى رومانلارنى كۆپ كۆرگەچكە، ئۇئاللىبۇرۇنلا قاتىلنىڭ كىملىكنى بىلىپ بولغان بولىدۇ. ‹‹قارا كىتاب›› بەلكىم بىررازۋېتكا خاراكتېرىدىكى رومان بولىشى، بىر قاتىللىق ۋەقەسى بار، ئەمما ئاپتورقاتىلنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگەن رومان بولىشى شۇنداقلا كەسىپ ئەھلى بولغان ئاپتوركەڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، قاتىلنىبايقىشىمىزغا ئورۇن قويغان رومان بولىشى مۇمكىن.

بىرىنچى بۆلۈم

بىرىنچى باب: غالىبنىڭ رۇيانى تۇنجى ئۇچرىتىشى

ئاپتوگراف قوللانمىغىن، ئۇ پەقەت ئەسەرنىڭ سىرلىقلىقىنىيوقىتىدۇ، خالاس!
                                   - ئادلې
گەرچە سىرلىقلىقىنى يوقاتتى دېيىلسىمۇ، سىرلىقلىقنىڭئاتالمىش ئالدىن كۆرەرلىكىنى يوقىتىدۇ!
                            - باخىت

رۇيا ئىللىق كېچە قوينىدا ئۈستىگە كۆكچاقماقلىق نېپىز پاختا يوتقان ياپقىنىچە دۈم يېتىپ شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى. پاختىلىقيوتقان ئېگىز-پەس ھالدا كارىۋاتقا تەكشىسىز يېيىلىپ، خىرە تاغ جىلغىلىرى ۋە كۆكرەڭلىك ئەۋرىشىم دۆڭلۈكلەرنى ھاسىل قىلغانىدى. قىش سەھىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى:ئارىلاپ ئۆتكەن چاقلىق ھارۋا ۋە كونا كوچا ئاپتوبوسلىرىنىڭ ئاۋازى؛ پىرەنىكچى ئۇستامبىلەن پۇرچاق سۈتى ساتىدىغان ئۇستام ئۆزىنىڭ مىستىن ياسالغان تۇڭلىرىنى كوچىغاقارىتىپ كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇشلىرى؛ يولۇچىلار بېكىتىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇلاقنىيارغۇدەك ئىسقىرتقان ئاۋازلىرى ھۇجرا ئۆيلەرنى تېشىپ ئۆتەتتى. قىشنىڭ قارامتۇلكۈلرەڭدىكى سۈبھى تاڭ نۇرلىرى ھۇجرا ئۆينىڭ قېنىق كۆڭ رەڭلىك پەردىلىرىنى تېشىپكىرەتتى. غالىب يېڭىلا ئۇيقۇدىن ئاچقان كۆزلىرى بىلەن ئايالىنىڭ يوتقاندىن چىقىپتۇرغان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىدى: رۇيانىڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستى تەرىپى مامۇق ياستۇققاپېتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ سەل ئېگىلگەن قاشلىرى چۈشەكەۋاتقاندەك سىرلىق يىمىرىلىپ،غالىبنى مۇشۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئايالىنىڭ ئېڭىدا قانداق گۈزەل ئىشنىڭبولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرىتاتتى. ‹‹خاتىرە››نى، ھېلال بىر قېتىم ئۆزىنىڭمەھسۇس سەھىپىسىدە ‹‹بىر گۈللۈگ›› دېگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا غالىب شۇنداقئويلىغانىدى: رۇيانىڭ گۈللۈگى، چۈشنىڭ گۈللۈگى. ئويلىما، ئويلىما! ئەمدى يەنەئويلىساڭ، كۈندەشلىكىڭ تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، غالىب بىر ياقتىن ئايالىنىڭقېشىنى سىنچىلاپ قارىغاچ، بىر ياقتىن تاقەتسىزلەرچە يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى.
  ئۇ رۇيانىڭ تېنىچ ئۇيقۇسىدىكى شۇ تەركىدۇنياگۈللۈگىگە كىرىشنى، ئىچىدىكى ھەربىر تال سۆگەت، تىكەنلىك ئاكاتسىيە ۋە ئەتىرگۈلنىئىنچىكە كۆزىتىشنى، ياكى قانداقتۇر چىرايلار بىلەن ئوڭايسىزلارچە توقۇنۇشۇپقېلىشنى ئويلىدى؛


  • سىزمۇ     بۇ يەردىمۇ؟
  • ھىم،     ئۇنداقتا، ياخشىمۇسىز؟

بۇيەردە ئۇ ئالدىن پەرەز قىلىۋالغىنىدەك كۆڭۈلسىزئەسلىمىدىن باشقا قىزىقىش بىلەن ئازابمۇ بار ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ئۆزىنىڭپەرىزىدىن سىرت بەزى ئەرلەرنىڭ سىمالىرىنىمۇ بايقىدى:


  • سەت     بولدى، بۇرادەر، ئەمما سىز زادى قاچان، قەيەردە مېنىڭ ئايالىمنى ئۇچراتقان     ئىدىڭىز؟
  • قانداق، ئۈچ يىل ئىلگىرى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە؛     ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىن ئالغان چەت ئەل ژورنىلىدىكى رەسىملەر ئارىسىدا؛     سىلەر ئىككىڭلار بىللە ئوقۇغان مەكتەپتە؛ ئىككىڭلار قول تۇتۇشۇپ تۇرغان     كىنوخانىنىڭ دەم ئېلىش زالىدا......






 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-22 16:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق، ياق، بەلكىم رۇيانىڭ كاللىسى بۇنچە قىستاڭ، بۇنچەرەھىمسىز ئەمەستۇر. بەلكىم، ئۇنىڭ شۇ خىرە خاتىرە گۈللۈگىدە، بىردىنبىر ئاپتاپچۈشۈپ تۇرىدىغان شۇ بۇلۇڭىدا، رۇيا بىلەن غالىب ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قىيىق ھەيدەشكەماڭماقچى بولۇپ تۇرۇشقاندۇر.
   رۇيا بىرئائىلىلىكلەر ئىستامبولغا كۆچۈپ كېلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، غالىب بىلەن رۇيائىككىلىسى قۇلاق ئالدى بېزى كېسىلى بىلەن ياللۇغلىنىپ قالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا،غالىبنىڭ ئاپىسى بىلەن رۇيانىڭ گۈزەل ئاپىسى سۇزان ھامما، غالىب بىلەن رۇيانىئايرىم ياكى بىللە كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن تاش ياتقۇزۇلغان يوللاردا چايقىلىپ مېڭىپ،بېبىك ياكى تالبىيىگەقېيىققا ھەيدەشكە ئەكىلەتتى. ئۇ يىللاردا، ئەڭ قورقۇنچلۇقىمىكروپ-باكتىرىيە، ھەرگىزمۇ دورا ئەمەس ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوسپورۇسبۇغۇزىنىڭ ساپ ھاۋاسى قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغىنى داۋالىيالايدۇ، دەپ قارايتتى.سەھەر، سۇ يۈزى تېنىچ، ئاق رەڭلىك قولۋاق، قولۋاقنى دائىملا شۇ بىر مېھماندوستكېمىچى ھەيدەيتتى. ئىككى ئانا دائىم كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە، رۇيا بىلەن غالىبپالاقنىڭ ئۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھېلى ئېگىز ھېلى تۆۋەن بولۇۋاتقان كېمىچىنى دالداقىلىپ، كېمىنىڭ بېشىدا مۆرىدىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئورۇقلاپ كەتكەن ئىنچىكە ئۇزۇنپاچاقلىرىنى سۇغا چىلايتتى. دېڭىز سۈيى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدىن-دېڭىزئوتلىرىنى، دېزىل مېيى موتورلىرىدىن ئاققان مايدىن قايتقان نۇرلاردىن ھاسىل بولغانھەسەن - ھۈسەنلەرنى، تىنىق يىرىك شېغىللارنى، يەنە نەچچە پارچە ئېنىق ئوقۇغىلى بولىدىغانگېزىتلەرنى ئاستا-ئستا ئېقىتىپ ئۆتەتتى، ئۇلار بۇ گېزىتلەردىن ھېلالنىڭ مەخسۇسسەھىپىسىنى ئىزدىشەتتى.
  غالىب رۇيانى قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغىبولۇپ قېلىشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تۇنجى ئۇچراتقانىدى، ئۇ چاغدا غالىب تاماقئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ساتىراچقا چاچئالغۇزىۋاتاتتى. ئۇ مەزگىللەردە، دوگلاسچە ساقال قويۇۋالغان ئېگىز بويلۇق بۇساتىراچ، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئۆيگە كېلىپ بوۋىسىنىڭ چېچىنى ئېلىپ قوياتتى. ئۇچاغلاردا، ئەرەبلىكنىڭ دۇكىنى بىلەن ئالادىننىڭ دۇكىنى ئالدىدا تۇرۇپ قەھۋەئالىدىغانلارنىڭ ئۆچرىتى ھازىرقىدىن خېلىلا ئۇزۇن ئىدى، نېلون رەختلەر يەنىلا شۇچار بازارچىلاردىن تېپىلاتتى، سىپارك ماركىلىق ماشىنىلار بولسا يامغۇردىن كېيىنكىبامبۇك نوتىلىرىدەك شىددەت بىلەن پۈتۈن ئىستامبول كوچىلىرىنى قاپلىغانىدى. ئۇۋاقىتتا غالىب ئاللىبۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، ھېلالنىڭ ‹‹سېلىم كەچمەس››تەخەللۇسى بىلەن يازىدىغان، ‹‹مىللەتلەر كۈندىلىك گېزىتى››نىڭ ئىككىنچى بېتىغابېسىلىدىغان، ھەپتىدە بەش قېتىم چىقىدىغان  مەخسۇس سەھىپىسىنى ئوقۇيالايدىغان بولغانىدى. ئەمەلىيەتتەغالىب خەت يېزىش-ئوقۇشنى ئەمدىلەتىن ئۆگەنگىنى يوق. مومىسى ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئىككىيىل بۇرۇنلا خەت تونۇتۇپ بولغانىدى. ئۇلار دائىم ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكىدەئولتۇراتتى، مومىسىنىڭ ئاغزىدىن ‹‹باف›› ماركىلىق تاماكا زادىلا چۈشمەيتتى،مومىسىنىڭ تاماكىنى كۈچەپ شورىشى كەينىدىنلا ئىس-تۈتەكنى كۈچەپ پۈۋلىشى نەۋرىسىنىڭكۆزىدىن ياش چىقىرىۋېتەتتى. مومىسى بوغۇق ئاۋازى بىلەن ھەرپلەرنىڭ بىرىكىشىدىكىسىرلارنى يېشىپ بېرەتتى، تاماكىنىڭ كۆكۈش ئىس-تۈتىكى ھەرپلەرنى قوشۇپ ئوقۇش  كىتابىدىكى ئەسلىدىنلا غەيرىي ئاتنىتېخىمۇ كۆك، تېخىمۇ جانلىق قىلىپ كۆرسىتىۋېتەتتى. بۇ ئاتنىڭ ئاستى تەرىپى ‹ئات›نىكۆرسىتەتتى ، ئۇنىڭ گەۋدىسى سۇ توشۇغۇچى ياكى ئەسكى-تۈسكى توشۇيدىغان ھېلىقىئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئېتىدىن خېلىلا چوڭ ئىدى. غالىب بۇرۇنمۇ دائىم كىتابتىكى مۇشۇساغلام ئاتنىڭ ئۈستىگە سېھىرلىك سۇنى تۆكۈپ، ئۇنى تىرىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.لېكىن غالىب مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ ئۇنىڭ بىۋاستە ئىككىنچى يىللىققائاتلاپ ئوقۇشىغا قوشۇلماي، ئۇنى بىرىنچى يىللىقتىىن باشلاپ ھېلىقى ئات سىزىلغانھەرپلەردىن سۆز ياساش كىتابىدىن باشلاپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، غالىب شۇندىلائۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئارزۇسىنىڭ بىر ئەخمەقلەرچە خام خىيال ئىكەنلىكىنىبىلگەنىدى.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-22 17:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبادا بوۋىسى راستىنلا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىشىكتىنچىقىپ سېھىرلىك سۇنى تېپىپ، ئۇنى ئانار رەڭلىك شىشىنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ ئەكىلەلىگەنبولسا، ئۇ چاغدا غالىب بۇ سېھىرلىك سۇنى باشقا رەسىملەرنىڭ مەسلەن، ئۈستىنىتوپا-چاڭ قاپلاپ كەتكەن، ئىچىنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بېرلىنچە ئايروپىلان،ماشىنا، لايغا مىلەنگەن جەسەتلەر قاپلاپ كەتكەن فىرانسوزچە ‹‹ئەينەن سۈرەتلىكژورنال››غا، ياكى مېررى تاغىسى پارىژ، ئالجىردىن ئەۋەتكەن ئاتكىرىتكىغا، ۋە ياكىۋاسېف ‹‹يەتتە ئىقلىم››دىن كېسىۋالغان ئۇزۇن بىلەكلىك شىمپانزىنىڭ بالىسىنىئېمىتىۋاتقان رەسىمىگە ۋە ھېلالنىڭ گېزىتلەردىن كېسىۋالغان ھەرخىل غەلىتە ئادەمچىرايلىرىغا ئۈستىگە قۇيغان بولاتتى. ئەمما بوۋىسى شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا سىرتقاچىقمىدى، ھەتتا ساتىراچخانىغىمۇ بارماي، ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆيدىلا ئولتۇرىدىغانبولدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بوۋىسى ھەركۈنى ئەتىگەندە يەنىلا شۇنداق رەتلىككىيىنىۋالاتتى، خۇددى بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىدىكىدەك سىرتقا چىقىپ دۇكانغابارىدىغاندەكلا. چوڭ قايرىلما ياقىلىق، رەڭگى بوۋىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ئادەمنىڭيۈزىگە سانجىلىدىغان ساقىلىدەك كۈلرەڭ كونا ئەنگىلىيە پەلتوسى، بۇرۇلكىسى، تاسمىسىيەنە تېخى دادىسى ‹‹ئەمەلدارلىق گالىستۇگى›› دەپ ئاتىۋالغان ئىنچىكە گالىستۈك.ئاپىسى دائىم بۇ گالىستۈك دېگەن سۆزنى فىرانسوزچە دەيتتى: ئاپىسى يۇقىرى تەبىقىلىكئائىلىدە تۇغۇلغانىدى. كەينىدىنلا دادىسى بىلەن ئاپىسى، خۇددى رېمونتقىلىنمىغىنىغا پالانچى يىل بولغان، ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ياغاچ ئۆينىڭگېپىنى قىلىۋاتقاندەك بوۋىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا چۈشۈپ كېتەتتى، مۇشۇنداقسۆزلىشىۋېتىپلا بوۋىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى، بەزىدە ھەتتا ئۆز-ئارا ۋارقىرىشىپمۇقالاتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار غالىبقا قاراپ:



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-22 17:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  • سەن     ئۈستىگە چىقىپ ئويناپ تۇر،
  • مەن     لېفىتقا ئولتۇرسام بولامدۇ؟
  • ئۇنى     ھەرگىز يالغۇز لېفىتقا چىقارماڭ!
  • سەن     ھەرگىز ئۆزۈڭ يالغۇز لېفىتقا چىقساڭ بولمايدۇ!
  • مەن     ۋاسېف بىلەن ئوينىسام بولامدۇ؟
  • ياق،     بولمايدۇ! ئۇ ئەقلىدىن ئېزىپ، غالجىرلىشىدۇ!
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەقلىدىن پەقەتلا ئېزىپ، ئۇنداقغالجىرلاشمايدۇ. گەرچە ۋاسېف ھەم قارغۇ، ھەم گاچا بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ ئۇنى مەسخىرەقىلمايدىغانلىقىمنى، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ‹‹مەخپىي تونېل›› ئوينايدىغانلىقىمنىبىلەتتى.  بۇ ئۇيۇننىڭئويناش ئۇسۇلى يەردە دۈم يېتىپ كارىۋات ئاستىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈش ئىدى، مەن مۈشۈكتەكئېھتىياتچانلىق بىلەن خۇددى ھەربىيلەرگە ئوخشاش ئۆزەم قازغان تونېلدىن ئۆمىلەپئۆتۈپ، دۈشمەنلەرنىڭ ئاكوپىغا باراتتىم. ئەمما باشقىلارنىڭ ھەممىسى، پەقەت كېيىنكېلىپ ماڭا يېتىشىۋالغان رۇيادىن باشقا ھەممىسى بۇنىڭ زادى قانداق ئويۇن  ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى. بەزىدە مەنيەنە ۋاسېف بىلەن دېرىزىنىڭ يېنىدە تۇرۇۋېلىپ تىرامۋاي رېلىسىغا قارايتتۇق. بۇسېمونتتىن ياسالغان بىنانىڭ سېمونت بالكونىنىڭ بىر دېرىزىسى مەسچىت تەرەپكەقارايتتى، ئۇ دۇنيانىڭ چېكى ئىدى. يەنە بىر دېرىزىسى قىزلار مەكتىپىنىڭ دېرىزىسىگەقارايتتى، بۇمۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر چېكى ئىدى. ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ساقچى ئىدارىسى،بىر تۈپ يوغان كاشتان دەرىخى، كوچا دوقمۇشلىرى ۋە سودىسى ناھايتتى گۈللەنگەنئالادىننىڭ دۇكىنى ئىدى. بىز دۇكانغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنخېرىدارلاغا قاراپ تۇرغاچ ئۆز-ئارا ماشىنىلارنى ساناپ تونۇشتۇراتتۇق. نەتىجىدە،ۋاسېف دائىملا ھەددىدىن ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كېتىش سەۋەبلىك قورقۇنچلۇق نەرەتارتاتتى، خۇددى ۋەھشىي يالماۋۇز بىلەن ئېلىشىپ چۈشەكىگەندەك ئاۋاز چىقىرىپ مېنىقورقۇتىۋېتەتتى. بۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ كەينىمىزدىلا-بوۋام مەشۈت تۇتقۇچلۇقئورۇندۇقىدا، مومام بولسا ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، خۇددى ئىس چىقىۋاتقان  ئىككى تۇرخۇندەك ئىس چىقىرىشىپ تاماكاچېكەتتى. مەن بوۋامنىڭ گېپىگە ئازراقمۇ ئېرەن قىلمايۋاتقان مومامغا خۇلاسەچىقارغان تەلەپپۇزدا:

  • ۋاسېف     غالىبنى يەنە قورقۇتۇپ يۈرىگىنى ئالدى-دە!-دېگىنىنى ئاڭلايتتىم. ئارقىدىنلا     ئۇ ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا يالغاندىن ناھايتتى قىزىققان ھالدا مەندىن:
  • قانداق؟     قانچىلىك ماشىنىنى سانىيالىدىڭلار؟-دەپ سورايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى     مېنىڭ ناھايتتى ئىنچىكىلىك بىلەن زادى نەچچىلىك دوگې، پارك، دېسونې ۋە يېڭى     سىپاركنى ساناپ چىققانلىقىمنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايتتى.



ۋاقتى: 2013-7-19 15:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قېنى خېنىم


ۋاقتى: 2014-9-23 10:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوققۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 06:25 , Processed in 0.115041 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش