Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1785|ئىنكاس: 30

مۇھەببەت بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:28:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت  بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر
ئوشۇ (ھىندىستان)
مۇختار مەخسۇت تەرجىمىسى

   بىر ئادەم موھتاج بولماستىن، بەلكى سۆيۈش پەللىسىگە ئۆتكەندە، بۇ ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا بۇ ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېغىشلايدۇ ۋە ئۇلارنىمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلىدۇ. مۇھەببەت بىلەن موھتاجلىقنىڭ كۆزلەيدىغىنى تامامەن ئوخشىمايدۇ، موھتاجلىق قانداق قىلسام كۆپرەك ئېرىشىمەن دېگەننى ئويلايدۇ، مۇھەببەت بولسا، ئۆزۈمدىكى نەرسىلەرنى قانداق قىلسام كۆپرەك بېغىشلايمەن، قانداق قىلسام تەمەسىز ۋە مىننەتسىز بېغىشلايمەن دېگەننى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇ  ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگىنى.
مۇھەببەت  بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر. ئۇ مەنىلەرگە ئىنتايىن باي كېلىدۇ، ھاياتىڭىزنى تەكرار - تەكرار يارىتىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرىشنى بىلەلمەيسىز، شۇڭا باشقىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىشنى ئويلايسىز. قەلبىڭىزگە سىغماي قالغان ناخشىلارنى تىڭشايدىغان ئادەمنىڭ بار - يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئېيتماي زادى تۇرالمايسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي ئۇسسۇل ئويناپ كېتىسىز.
بەلكىم باشقىلار مۇھەببەتكە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىز ھامان ئۇنىڭ دولقۇنلىنىپ، ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، دەريالار ھەرگىزمۇ سىزنى دەپ ئاقمايدۇ، سىزنىڭ بار - يوقلۇقىڭىز بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى - پەلەك، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ چاڭقىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا، ئېتىزلارنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئاقمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆز يولى بىلەن ئېقىپ ئۆتىدۇ. شۇ پۇرسەتتە بەلكىم سىز ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرۇۋېلىشىڭىز ۋە ياكى قۇرۇق تەلمۈرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق ئىش. دەريالار ھەرگىزمۇ سىزنىڭ رايىڭىزغا بېقىپ ئاقمايدۇ، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىرىڭىزنى سۇغۇرۇۋالسىڭىز ياكى چاڭقاقلىقىڭىزنى قاندۇرۇۋالسىڭىز، بۇنى بىر تاسادىپىيلىق دېيىشكىلا بولىدۇ.
قەلبىڭىزدە سۆيگۈ - مۇھەببەت بولمايدىكەن، سىز خۇددى قەلەندەرگە ئوخشاش ئۇنى باشقىلاردىن تەلەپ قىلىسىز، باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ، بىرسى - بىرسىدىن مۇھەببەت سوراۋاتقان ئىككى قەلەندەر تەلمۈرۈشكەن ھالدا بىرسى - بىرسىگە قوللىرىنى ئۇزىتىشىپ قالىدۇ... ئاخىرقى ھېسابتا ھەر ئىككىلىسى مەغلۇپ بولغانلىقلىرىنى، بىرسى - بىرسىگە ئالدانغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش، قەلبىدە سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ زەررىچىسىمۇ بولمىغان بەزى كىشىلەر ئىشقى - مۇھەببەت ئوتىدا ئۆرتىنىپ يۈرىدۇ، دەل ئۇلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ - مۇھەببەت دېگەن نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلالمايدۇ. يېتىلمىگەن ئادەم ھامان ئىككىنچى بىر يېتىلمىگەن ئادەم بىلەن سۆيۈشۈپ قالىدۇ، چۈنكى پەقەت مۇشۇلارلا بىرسى - بىرسىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ، يېتىلگەن ئادەم بولسا چوقۇم يېتىلگەن ئادەمنى سۆيىدۇ.
ئالدى بىلەن سىز پىشىپ - يېتىلىشىڭىز كېرەك، بۇ مۇھەببەتنىڭ مۇھىم ئاساسى. شۇندىلا سىزمۇ پىشىپ يېتىلگەن جورىنى ئىزدەيسىز، پىشىپ يېتىلمىگەن ئادەم سىزنى ھەرگىزمۇ مەھلىيا قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، سىز يىگىرمە بەش ياشقا كىرىپ تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئىككى ياشلىق بوۋاقنىڭ ئىشقى  ئوتىدا كۆيۈپ يۈرمەيسىز، بۇنداق بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز پسىخىك جەھەتتىن، مەنىۋى جەھەتتىن پىشىپ  يېتىلگەن ئادەم بولسىڭىز بىر بوۋاقنى ياخشى كۆرۈپ قالمايسىز، بۇنىڭ ئىنتايىن بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.
ئەمەلىيەتتە پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر مۇھەببەت سەۋدالىقىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، ئۇلار سۆيگۈ ئىچىدە يېتىلىدۇ، سەۋدايىلىق ئۇلارغا خاس ئەمەس. پەقەت پىشىپ يېتىلمىگەن كىشىلەرلا ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ، كۆڭۈل توختىتىپ، مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بىرەر ئايالنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىدۇ، بىرەر ئەرنى ئۇچراتسىلا ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا باش قويۇشقا، ئۆمىلەشكە ھەرقاچان تەييار تۇرىدۇ، ئۇلار ئومۇرتقىسى يوقتەكلا لىڭشىپ تۇرىدۇ، ئەۋرىشىمدەك ئېگىلىدۇ، مۇستەقىللىقى بولمايدۇ.
پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر بولسا مۇستەقىل ياشاشتەك مۇكەممەللىككە يەتكەن بولىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا مۇھەببەتنى بېغىشلىغاندا، ھېچقانداق شەرت تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆز مۇھەببىتىنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىدىن مىننەتدار بولىدۇ، سىزگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھېچكىم يوق بىر قۇرۇق ئۆيدە ئولتۇرغان بولسىڭىز، كۈچ - قۇدرىتىڭىز ئۇرغۇپ، سۆيگۈ - مۇھەببىتىڭىز پۈتۈن ئوينى قاپلىغان بولسا، سىزگە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ. لېكىن سىزدىكى كۈچ - قۇدرەت ئۆز نۇرىنى چېچىۋېرىدۇ، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋېرىدۇ... شۇندىمۇ سىز ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلىۋېرىسىز، خۇددى شامال خۇش پۇراقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ، گۈل خۇش ھىدىنى تارقىتالىغانلىقى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك سانىغانغا ئوخشاش.
مۇرتلىرىمنىڭ بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر مەن ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىمەن. مەن ھەرگىزمۇ ئۇلارغا بېقىنىپ ياشىمايمەن. مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارنى مەندىن مۇستەقىل ياشىسىكەن، دەيمەن.
مەن سىلەرگە ئەركىنلىك بېرىمەن، سىلەرنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن، مەن سىلەرنىڭ پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا ئوخشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەر مەندىن مۇستەقىل تۇرالىغان چاغدىلا، مېنى چىن دىلىڭلاردىن سۆيىدىغان بولىسىلەر.
مەن سىلەرنى سۆيىمەن، مەن سىلەرنى سۆيۈشكە مەجبۇر، مەن سىلەرنى سۆيەلەمدىم يوق، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، سىلەر يېنىمدا بولمىساڭلارمۇ مەن يەنىلا سىلەرنى سۆيۈۋېرىمەن، مېنىڭ مۇھەببىتىم پۈتۈن زالغا تولۇپ تاشىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، مەن بۇ دەرەخلەرنى، بۇ قۇشلارنى ئەبەدىلئەبەد سۆيىمەن، ئۇلار بۇ ئالەمدىن يوقىلىپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىم يەنىلا مەۋجۇت  بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، يەنىلا دەريادەك دولقۇنلىنىپ ئېقىۋېرىدۇ.

مۇھەببەت ۋە ئىستىقامەت

ئوشۇ، مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇزاققا داۋامىشىدىغان مۇستەھكەم مۇھەببەتكە تەلپۈنىمەن، ئېيتىڭا، بۇ بىر ئەخمىقانىلىقمىدۇ؟

مۇھەببەت گورزىنتال تەكشىلىك ۋە تىك سىزىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل رەۋىشتە مەۋجۇت بولىدۇ. بىز بىلىدىغان مۇھەببەت تەكشىلىكتىكى مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ۋاقىتقا يەنى زامانغا مەنسۇپ بولغان مۇھەببەتتۇر. تىك سىزىقلىق مۇھەببەت بولسا، ئەبەدىيلىككە مەنسۇپتۇر.
كۆڭۈل ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلمايدۇ. بۇ سىزدە ۋە ھەممە كىشىدە دېگۈدەك پەيدا بولىدىغان خاتا تۇيغۇ. چۈنكى بىز پەقەت تەكشىلىك ۋە ۋاقىتتىنلا ئىبارەت ئۆلچەمنى بىلىمىز. بۇ ئۆلچەمدە ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى، يەنى بەزى ئىشلار ۋاقىتلىق ياكى ئۇزاق داۋاملىشىدىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ئاشۇ ئىشلارمۇ نۇرغۇنلىغان دەقىقىلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭمۇ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشى بولىدۇ. ئۇزاققا داۋاملىشىشنى ئەبەدىيلىك دېگىلى بولمايدۇ ھەم بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ۋاقىت ھەم زامان بىرلىكىدە ھەرقانداق نەرسە ئەبەدىي بولمايدۇ، ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان نەرسە چوقۇم ۋاقىت ئىچىدە يوقىلىدۇ. دېمەك، باشلىنىشىلا بولىدىكەن، ئاخىرلىشىشمۇ بولىدۇ.
مۇھەببىتىڭىز ۋاقىت ئىچىدىكى مەلۇم بىر دەقىقىدە باشلانغانىكەن، ئۇنىڭمۇ چوقۇم ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. بەلكىم ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇ ناھايىتى تېز ئاخىرلىشىشى ياكى ئۇزاققا داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئۇ ئۇزاققا سوزۇلغان تەقدىردىمۇ كۆڭۈل ئۇنىڭدىن قانائەت تاپمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى مۇتلەق ئاخىرقى نۇقتىسى بولمىغان نەرسىلەرگە، يەنى ئەبەدىي بولغان نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. مانا بۇ «ئىلاھ»قا بولغان تەلپۈنۈش بولۇپ، ئۇ ئەبەدىي مۇھەببەتنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئاتىلىشىدۇر.
ئەقىل ئەبەدىيلىكنى چۈشەنمەيدۇ، قەلب بولسا ئەبەدىيلىككە ئىنتىلىدۇ، شۇڭا ئەقىل ئۈزلۈكسىز ھالدا قەلبكە پىچىرلايدۇ، چۈنكى ئەقىل ناھايىتى قىسقا ۋە سەل ئۇزاق داۋاملىشىدىغان مۇھەببەتنىلا بىلىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ھاياتى ئۇزاقراق داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، سىز ھامان ئۇنىڭ ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيسىز، سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىز تامامەن ئورۇنلۇق، ئۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئەقىللىق بولمىسىڭىز ئۇ ئۇزاقراق داۋاملىشىدۇ، ئەگەر ئىنتايىن دۆت ۋە كالۋا بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىمەنىلىكلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇزاقتىن - ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىسىز، ئەگەر سىز ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇ ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرزىگىدەك ھېچنەرسە يوقلۇقىنى چۈشىنىسىز.
zs

702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:29:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەم قانچىكى ئەقىللىق بولغانسېرى ئۇنىڭ مۇھەببىتىمۇ شۇنچە قىسقا بولىدۇ. ئۆتمۈشتە مۇھەببەت ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان نەرسە ئىدى. نىكاھدىن ئاجرىشىش دېگەن نەرسە بولمايتتى. تەلىم - تەربىيە بولمىغان دۆلەتلەردە ھېلىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، بىر دۆلەتتە تەلىم - تەربىيە قانچە كۈچەيگەنسېرى، مەدەنىيەت قانچىكى گۈللەنگەنسېرى، ئىنسانلار قانچىكى ئەقىللىق بولغانسېرى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ مۇشۇنداق  تەتۈر تاناسىپ بويىچە كۈچىيىپ بارىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار بىرسى - بىرسىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى زورلاشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
ئەقىل مەلۇم بىر ئىشنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېزلا يەنە بىر خىيال ئىگىلەيدۇ، بۇنداق خىيال ئۈزلۈكسىز ئالمىشىدۇ، ئەقىل بولسا بىرنەرسىنى ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەقىللىق ئادەملەرمۇ شۇنداق. ئەقىل شۇقەدەر قۇدرەتلىك بولۇپ كەتتىكى، قەلبتىن كەلگەن ھەرقانداق نەرسە ئەقىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، سىز مەڭگۈ ئۆز ماھىيىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز.
قەلب ئەبەدىي دەپ قارىغان نەرسىنى ئەقىل ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان نەرسە دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مانا بۇ سىزنىڭ خاتالىشىشىڭىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى. قەلبنىڭ ئىنتىلىشى تىك سىزىقلىق بىرلىككە مەنسۇپ بولۇپ، بىز ئۇنى ئىستىقامەت دەيمىز.
سىز قەلبىڭىزدىكى ئىنتىلىش تۈپەيلىدىنلا ئەخمەق بولۇپ قالغان ئەمەس، بۇ بىر چۈشىنىشمەسلىك. سىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇھەببەت ئەقىلدىن ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەتتىن كېلىدۇ، بۇ مۇھەببەت مەن ئۈزلۈكسىز دەپ كېلىۋاتقان، ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىكىر قىلغان ئىلاھلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ئەمەس، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ھەرگىزمۇ ئىلاھ بولالمايدۇ، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز پەقەت بىر خىل ئەقلىي بولغان، بىئولوگىيىلىك بولغان، فىزىئولوگىيىلىك بولغان ۋە پسىخىكىلىق بولغان ھادىسە بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ.
مەن سىزگە مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرمەكچىمەن: ئەگەر سىز قەلب ئارزۇلىرىڭىزنى ھەقىقىي قاندۇرماقچى بولسىڭىز، ھەرقانداق مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ، ئىستىقامەت ھالىتىگە كىرىڭ، چۈنكى ئىستىقامەت ئاشۇ گۈلنى ئېچىلدۇرىدۇ، ئاشۇ گۈلگە خۇش پۇراق ئاتا قىلىدۇ، ئۇ سىزنى ئەبەدىيلىك دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. سىز ھېچنېمىنى ئويلانمايسىز، ۋاقىتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيسىز، خۇش پۇراقنىڭ بالقىۋاتقانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلىسىز، مانا بۇ ھېچقانداق شەرتسىز ھالەتتىكى ئەبەدىيلىكتۇر.
چۈش مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، مۇھەببەت بىر چۈش دېمەكتۇر. سىزنىڭ كاللىڭىز پەقەت چۈش كۆرۈشنىلا بىلىدۇ، ئۇ سىزگە ھەقىقىي بولغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشقا قادىر ئەمەس.
سىز ئەقىلنى چۆرۈپ تاشلاپ، بارلىق مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز مۇھەببەتنى ھېچقانچە چۈشەنمىدىڭىز، چۈشىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىستىقامەت ئارقىلىقلا ئۇ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنى دەقىقىلىكتىن ئەبەدىيلىككە، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە ئېلىپ كىرىدۇ... مانا شۇ چاغدىلا سىز ئاندىن ئەبەدىيلىك ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايسىز.
بىرسى - بىرسىنى سۆيىدىغان ئىككى كىشى شېرىن خىيال ئىچىگە غەرق بولغان چاغدا، ئەبەدىيلىكنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەرقانداق بىر ئاشىق - مەشۇقتىن سورىسىڭىز، ئۇلار «بىز مەڭگۈ بىرگە بولىمىز» دەيدۇ.
لېكىن، مۇھەببەت سىزنىڭ بارماقلىرىڭىز ئارىسىدىن ئاستا سىيرىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا بولسا، ئەقلىڭىز: «ئۇنى دەرھال تۇتۇۋېلىپ ئۆزۈڭگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىل، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئۇنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقىن، دەز كېتىۋاتقىنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇ، بار ئاماللار بىلەن ئۇنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشقىن» دەپ دالالەت قىلىدۇ.
لېكىن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر.
مەن سىزگە ئىستىقامەت قىلىشنى ئۆگىتىمەن، ئىستىقامەتتىن بارلىققا كەلگەن مۇھەببەت ئۆزگىچە پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇ ئەخمەقلىق، ھاماقەتلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن سۇغۇرىدۇ، سىز ئىشق ئوتىنىڭ دامىغا چۈشمەيسىز، بەلكى سۆيگۈ ئىچىدە يۈكسىلىسىز. ئۇ چاغدا مۇھەببەت سىزنىڭ بىر پەزىلىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ، خۇددى گۈلخان ئەتراپىدىن نۇر جۇلالىنىپ تۇرغانغا ئوخشاش، سىزدىن سۆيگۈ بالقىپ تۇرىدۇ. سىز سۆيۈۋاتقان شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۆزىڭىز سۆيگۈگە ئايلىنىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبەدىيلىككە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ نىشانى بولمايدۇ، سىزگە يېقىنلاشقانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا مەھلىيا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بەھرە ئالىدۇ، ھاياتى مەنىلەرگە تولىدۇ، مەيلى ئۇ دەرەخ، قىيا تاش، ئادەم ياكى ھايۋانات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر... ساكيامۇنى دەرەخ تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇھەببەت تاراتقان، مۇھەببەت ئۇنىڭ ئەتراپىدىن خۇددى نۇرغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز بالقىپ تۇرغان، ئەبەدىيلىك دېگەن ئەنە شۇ دېمەكتۇر، قەلبنىڭ تەلپۈنۈشى ئەنە شۇ دېمەكتۇر.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىل ئەھۋال

ئوشۇ، سىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ روگېنسبوللىندىكى پائالىيەت سورۇنىڭىز مېنى كۈچلۈك مەھلىيا قىلدى. ئۇنىڭ كىشىنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش تارتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ پلانىتتا ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئۇنىڭدەك يەنە بىر جاي بولمىسا كېرەك. مەن سىزنىڭ كىتابلىرىڭىزنى ئوقۇپ باققان ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كىتابلارنىمۇ، تۇيغۇ توغرىسىدىكى كىتابلارنىمۇ ۋە ياكى كىشىنىڭ ئېڭىنى يۈكسەكلىككە ئىنتىلدۈرىدىغان كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ باققان ئەمەس. نېمە ئۈچۈنكى، مەن تېخى ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلماي تۇرۇپ، ھېچ بولمىغاندا، ئۇسسۇزلۇق توغرىسىدا تەجرىبىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، يەنە سىزنىڭ بۇلاقلىرىڭىزنىڭ بويىغا كېلىپ قالدىم.

ھاياتلىق ئاجايىپ بىر تىلسىماتقا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى خالىغان چاغدا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن بىز بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن بېشارەت بەرمەستىن قەلبىمىزگە كىرىپ كېلىدۇ، دېگەنگىمۇ ئەقەللىي جاۋاب تاپالمىدۇق، نېمە ئۈچۈن قىزىلگۈل سىزگە شۇقەدەر ئۇزكۆرۈنىدۇ، دېگەن مەسىلىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتىمىز.
سىز: «پائالىيەت سورۇنىڭىز مېنى كۈچلۈك مەھلىيا قىلدى. ئۇ ماگنىتقىلا ئوخشايدۇ. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن» دەپسىز. بۇنى ھېچكىممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. سىز مۇشۇ ئادەملەرنى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارامسىز؟ سىز مېنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولىدىغانلىقىمنى ئۆزى چۈشىنىدۇ، دەپ قارامسىز؟ مەن پەقەت: «سىلەر بۇ يەردە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا مەن بولۇۋاتىمەن، مەن بولغانلىقىم ئۈچۈنلا سىلەر بولۇۋاتىسىلەر» دېگەن جاۋابنىلا بېرەلىشىم مۇمكىن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ پلانتادا ھاياتنىڭ تولۇق لەززىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىككىنچى بىر جاينىڭ يوقلۇقىنى سىز ھەقىقىي ھېس قىلىپ، كۈچلۈك مەھلىيا بولغان بولسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئادەم قانائەتلىنەرلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن جەمئىيەت بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، مەدەنىيەت پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، دىن ئىسكەنجىگە ئالىدۇ، ئائىلە ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى مەنپەئەت دېسە جېنىنى تىكىدىغان ئادەملەر سىزنى تولۇق ياشاشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ تولۇق ياشىيالمىغانلىقىنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتكە قاراتقان بىر يۈرۈش ئېكسپىلاتاتسىيىدىمۇ ئەنە شۇنى دەسمايە قىلىدۇ.
مۇكەممەل ياشايدىغان بىر ئادەمگە ھېچقانداق شاراب ۋە مەلھەم ھاجەت ئەمەس. تەبىئىيكى شاراب ۋە مەلھەمدىن نەچچە مىڭ تەڭگە ئۈندۈرۈۋالىدىغان ئادەملەر بولسا، سىزنى مۇكەممەل ياشاشقا يول قويمايدۇ. مۇكەممەل ياشاش شۇقەدەر خۇشاللىنارلىق ئىشكى، سىز شاراب  ئىچىش ئارقىلىق بۇ خۇشاللىقنى بىتچىت قىلىشنى خالىمايسىز. ئازابقا مۇپتىلا بولغان كىشىلەر، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەر، ئىزتىراپتىن، قىيىن سوئالدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان كىشىلەرلا شارابقا موھتاج بولىدۇ. شاراب ئىچكەندە ئۇلار ئاشۇ مەسىلىلەرنى ھېچبولمىغاندا بىرنەچچە سائەت بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شاراب ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسىمۇ، لېكىن نەچچە مىڭلىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرنەچچە سائەت ئارام ئېلىۋېلىشنى تامامەن ئەرزىيدىغان بىر ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
مۇبادا بىر ئادەم مۇكەممەل ياشىيالىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان بولاتتى. ئۇ چاغدا سىز كىنوخانىغا ئېقىۋاتقان توپ - توپ ئادەملەرنىمۇ كۆرمىگەن بولاتتىڭىز. مۇھەببەتلىشىشنى بىلىدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. سىزنىڭ ھاياتىڭىز شۇقەدەر گۈزەل سېھىريەتلەرگە تولغان، شۇقەدەر بۈيۈك رىقابەتلەرنى بايقاۋاتقان چاغدا، شۈبھىسىزكى، ناچار فىلىملەرگە ئىشتىياقىڭىزنى ئىسراپ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايسىز.
مۇكەممەل ياشايدىغان ئادەملەر قارا نىيەت بولمايدۇ، ئۇلار خۇشال - خۇرام يۈرىدۇ. ئارتۇقچە ئېھتىماللىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر مۇكەممەل ياشىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەبىيلىشىپ خىلمۇخىل خىياللارنى قىلىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىدا نېمىدۇر بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى، قانداقتۇر بىرنەرسىنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى، دەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن باشلانغان قارا نىيەت پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئويۇنغا ئايلىنىپ داۋاملىشىدۇ. بەزىلەر باي بولماقچى بولىدۇ، بەزىلەر نام چىقارماقچى بولىدۇ، بەزىلەر سىياسىيون بولماقچى بولىدۇ، بەزىلەر زۇڭتۇڭ ياكى زۇڭلى بولماقچى بولىدۇ.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنگە كەلگىچە ئىنسانلار مۇكەممەل ياشاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان خىلمۇخىل توسالغۇلارنى بەرپا قىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ھاياتلىقتا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، چۈنكى مۇكەممەل كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى شۇقەدەر كۆپ ئېرىشىلگەن مەنپەئەتنى بىتچىت قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار ئېرىشىلگەن مەنپەئەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلىرىدۇر. سىز ھاياتتىن تولۇق، مۇكەممەل بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئادەمنى بىر قۇلغا ئايلاندۇرالىشىڭىز، ئۇنى ئەسكەرلىككە قاتناشتۇرۇپ باشقىلارنى قىرىشقا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قىرىلىشقا مەجبۇرلىيالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا سىزنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىڭىز كۈكۈم - تالقان بولىدۇ.
مۇكەممەل كىشىلەر يېتىپ كەلگەن چاغدا، جەمئىيەت باشقىچە قۇرۇلمىغا كىرىدۇ: قارا نىيەت تۈگەپ غايەت زور خۇشاللىق كىشىلەر قەلبىنى ئورايدۇ، ئۇلۇغ ئادەملەرمۇ بولمايدۇ. سىز مۇنداق بىرنەرسىنى ئويلاپ يەتكەنمىدىڭىز؟ يۈز مىڭلىغان ئۇلۇغ ئەمەس كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ كىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان. ئىش مۇشۇنداق بولمىغان بولسا، ساكيامۇنى بۇددا ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىغان بولاتتى.
مۇبادا ساكيامۇنى بۇددا بىلەن ئەيسا خرىستوس بىر ئەمەس مىڭلاپ بولغان بولسا، ئۇلارغا ھېچكىممۇ پىسەنت قىلمىغان بولاتتى.
مۇشۇ يۈز مىڭلىغان ئادەمنىڭ مۇكەممەل ياشىشى ئۈچۈن ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئاشۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇلۇغ زات بولالىغان. كىشىلەرنىڭ قەلبى ئازابلانمىغان بولسا، ئۇلار چېركاۋغا، ئىبادەتخانىغا، مەسچىتكە باراتتىمۇ؟ جەننەت، دوزاخ دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرەتتىمۇ؟ ئۇ يەرلەردە خۇدانى كاشىلا قىلىپ يۈرەتتىمۇ؟ بەرىبىر ئادەمنىڭ ياشىغان ھەربىر دەقىقىسى شۇقەدەر قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭ ھاياتىنى جەننەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ھاياتنىڭ ئۆزى خۇدالىق پەللىسىگە يەتكەن چاغدا، ئۇ جانسىز ھەيكەللەرنىڭ، ئۆلۈك كالاملارنىڭ، چىرىك تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ، نادانلىق ۋە خۇراپىيلىقنىڭ چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
مۇكەممەل كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى سىزنىڭ مەۋجۇت تۈزۈمىڭىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىت كەلتۈرىدۇ.
پۈتكۈل دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئەيىبلەيدىغانلىقىنى سىز چۈشىنىپ يېتەلەيسىز، مۇبادا ئۇلار مېنى كرېستقا مىخلاپ قويسا، مەن خۇداغا: «ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بۇ كىشىلەرگە رەھىم قىلغايسىز» دېمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى بىرىنچىدىن، مەن بۇ گەپنى دەيدىغان خۇدا مەۋجۇت ئەمەس؛ ئىكىنچىدىن، مەن پەقەت «كىشىلەر راستتىنلا ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى مەقسەتلىك ھالدا قىلىۋاتىدۇ» دېسەم دەيمەنكى، ھەرگىزمۇ «ئۇلار ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دېمەيمەن.
ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇش شەكلى خەتەرلىك ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇ تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ، ھەتتا دەرد ۋە ئازابلىرىمۇ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ. ئازابلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەر شۇقەدەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇكى، ئۇلار ھېچنەرسىسى بولمىغان، ئەمما شۇقەدەر شاد - خۇرام، شۇقەدەر قانائەت بىلەن يايراۋاتقان كىشىلەرگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ھېچنەرسىسى بولمىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قەلبى ناخشىغا تولغان، ئۇلار جان - جەھلى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا ھامان تەييار.
ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز ئوشۇنىڭ پائالىيەت سورۇنىنى كۆزدىن يوقىتىشنى ئالدى بىلەن ئويلىشىمىز» دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن. كىشىلەر شۇنچە كۆپ ھوقۇققا ئىگە ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەت چۆللۈكىدىكى ئالىقانچىلىك بىر رايوندا پۈتۈنلەي تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتقان بەش مىڭچە ئادەمدىن شۇنچە ئەنسىرەۋاتقانلىقىغا ھەيران بولماي قالمايدۇ. ئۇ يەرگە ئەڭ يېقىن بولغان ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ ئارىلىقىمۇ يىگىرمە چاقىرىم كېلىدىغۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنچە خاتىرجەم بولالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار ھەربىر خرىستىئان ئىبادەتخانىسىدا مېنى ئەيىبلەيدۇ؟ بۇنىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ  ئاشۇ بەش مىڭ ئادەم ھەرقانداق چەكلىمىدىن خالىي ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن تولۇق، ئەركىن  ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار بارلىق توسالغۇلارنى چۆرۈپ تاشلاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بىر كۈندە ئون ئىككى سائەت، بەزىدە ئون تۆت سائەت خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن كەچتە ھامان روھىي كۆتۈرەڭگۈ ھالدا بىرنەچچە سائەت ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىدۇ. ئەتىسى يەنە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن تاڭ سەھەردىلا ئويغىنىپ، بىرنەچچە سائەت ئىستىقامەت قىلىدۇ.
مانا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالنى، يەنى ھېچنەرسىسى بولمىغان بۇ بىر توپ كىشىلەر شۇقەدەر شادىمان ياشاۋاتقان يەردە توققۇزى تەل بولغان ئامېرىكىلىق بارلىق خرىستوسلار ۋە ئامېرىكىلىق بارلىق يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز ئۆلۈمنىمۇ تەبرىكلىيەلەيمىزۇ، ئۇلار ھەتتا ھاياتنىمۇ تەبرىكلىيەلمەيدۇ، ھەرقانداق بىر مۇرت ئۆلگەن چاغ بىزنىڭ شادلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ناخشا ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق خوشلىشىدىغان ۋاقتىمىز بولىدۇ. ئۇ باقى ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ ياكى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ. بۇ قايغۇرىدىغان، ئازابلىنىدىغان، پەرياد سېلىپ يىغلايدىغان چاغ ئەمەس.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر مەسىلە بولۇپ تۇيۇلغاچقا، ئۇلار پائالىيەت سورۇنىمىزنى يوقىتىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ قالدى. ئۇلار قانۇنغا مۇخالىپ كېلىدىغان، گۇناھ بولىدىغان ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلدى. لېكىن بۇ بەش مىڭ ئادەم بولسا تامامەن يار - يۆلەكسىز كىشىلەر بولۇپ، ئۇ خۇشال - خۇرام ياشاشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ئازاب بىلەن تولغان بۇ دۇنيادا سېنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭ باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، ھەربىر ئادەم ئازابلىنىپ ياش تۆككەن چاغدا، سېنىڭ كۈلۈشۈڭگە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، ئازاب ئىچىدە ياش تۆكۈۋاتقانلار سېنى بوغۇزلاپ تاشلايدۇ.
سىز ھېچقانداق كىتابنى ئوقۇپ باقمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پائالىيەت سورۇنلىرى سىزنى جەلپ قىلغان، ئارىيەت ئالغان بىلىملەرمۇ سىزنى ھالسىرىتىپ قويمىغان، سىز تېخى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقمىغان، ئۇنداق بولمىغان بولسا، سىز تەبىئىيكى كالاملارنى تەتقىق قىلغان بولاتتىڭىز. يەھۇدىي مىسسىئورىنى، باش روھانىنى ياكى بىرەر ئۆلىمانى ئىزدەپ بارغان بولاتتىڭىز. سىزدە ھەقىقەت ئىزدەش ئىستىكى يوق، مېنىڭ كىتابلىرىمنىمۇ باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىدىڭىز، سىزدە ھېچقانداق غەم يوق، سىزنىڭ خىياللىرىڭىز ئىنتايىن سەبى.
پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىزنى جەلپ قىلغانلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. ناۋادا سىز پائالىيەت سورۇنىغا بېرىپ قالسىڭىز، تامامەن باشقىچە بولغان تۇرمۇش شەكلىنى، يەنى ئەڭ ئاقىلانە بولغان تۇرمۇش  شەكلىنى كۆرەلەيسىز. كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ بىر پۇرسەتنى، يەنى ئۆزلىرىنى بايقايدىغان، يېڭى تۇرمۇش ساھىلىنى بايقايدىغان، يېڭى بەخت غۇنچىلىرىنى بايقايدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇۋاتىدۇ، ئۇلار يېڭىچە مۇھەببەتنى، يەنى كىشىگە قۇللۇق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور ئەركىنلىك بېغىشلايدىغان مۇھەببەتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىدۇ.
بۇ يەردىكى ئىشلار تارىختا تۇنجى قېتىم بولۇۋاتىدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ بەش مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە بارلىق مىللەتتىن بولغانلار، ھەرقانداق دىنىي ئېتىقادتىكىلەر، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەر خىل ئىرقتىكىلەر بار، ئۇلار چوڭ بىر ئائىلە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەم بىر يەرگە جەم بولۇپ تاماق يەيدۇ، ئۇلار كىمنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، بىرسى - بىرسىدىن «سېنىڭ دىنىي ئېتىقادىڭ نېمە» دەپ سورايدىغانلارمۇ بولمايدۇ.
ھەر بىر ئادەم بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز تولۇق ۋە مۇكەممەل ياشاشتىن ئىبارەت، دەپ بىلىدۇ. ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش شەكلى بويىچە، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىشىغا يول قويىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياشىشىغا ئارىلىشىۋالمايدۇ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىدىغانلارغىمۇ يول قويمايدۇ، بەش مىڭ ئادەم بەئەينى ئۇيۇلتاشتەك ئىجىل ياشايدۇ.
سىزنىڭ ئاقىلانىلىكىڭىز ۋە سەبىيلىكىڭىز سىزنى بۇ بۇلاق بېشىغا باشلاپ كەلدى، مەيلى سىزنىڭ چاڭقىغان ياكى چاڭقىمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىينەزەر... بۇنداق چاڭقاشنى سىز ھېس قىلالمايسىز، ئۇ سىزنىڭ ئېڭىڭىزغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىراق سىز بۇ بۇلاق بېشىغا كەلگەن ھامان چەكسىز قانائەتكە ئېرىشىسىز. سىز چاڭقاش ھېس قىلمىغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن چوڭقۇر كۆڭلىڭىزدىكى ئارزۇلارنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز.

702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋەككۈلچىلىك

ياشاش ئۈچۈن ئىنتايىن زور باتۇرلۇق كېرەك، قورقۇنچاقلىق بىلەن ياشىغانلارنى ياشىدى دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى قورقۇنچ بىلەن تولۇپ تاشقان، قورقۇنچ بىلەن تولغان ھايات ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر ھاياتتۇر. بۇنداق كىشىلەر خام خىيال ئىچىدىلا ياشايدۇ، ھەممە نەرسىدىن قورقىدۇ، ھەقىقىي ئىشلاردىنلا ئەمەس، ساختا ئىشلاردىنمۇ قورقىدۇ، ئۇلار دوزاختىن، ئەرۋاھتىن، ئىلاھتىن قورقىدۇ، ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بارلىق ئىشلاردىن ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلاردىن قورقىدۇ. ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى شۇقەدەر كۆپ بولغاچقا، تۇرمۇشتا بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
جاسارەتلىك كىشىلەرلا ياشاشنى بىلىدۇ، ئادەم ئالدى بىلەن جاسارەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىپ، ھەرقانداق نەرسىگە پەرۋا قىلماستىن ياشىشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن نېمىشقا جاسارەت بولۇشى كېرەك دەمسىز؟ چۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىخەتەر ئەمەس، سىزدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ تار دائىرىگە بەنت قىلىپ قويىسىز، بۇ خۇددى ئۆزىڭىزنى تۈرمىگە قامىۋالغىنىڭىزغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئىچى ناھايىتى بىخەتەر بولسىمۇ، لېكىن سىز ئەركىن بولالمايسىز، ئۇنىڭ ئىچى  ناھايىتى بىخەتەر بولسىمۇ، لېكىن سىز ئەركىن بولالمايسىز، ئۇنىڭ ئىچى خاتىرجەم بولسىمۇ، لېكىن تەۋەككۈلچىلىك ۋە بەھۇزۇر يايراپ كۈلۈشلەر بولمايدۇ.
ھاياتلىق  ئىزدىنىش دېمەكتۇر، ئۇ نامەلۇملۇققا، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ كېڭىيىدۇ. ھايات ھەربىر دەقىقىسىدە سىزنى باتۇرلۇققا، پىداكارانە روھقا چىللاپ تۇرىدۇ، ھاياتنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىممىتى بولمىسا كېرەك، سىز پۇل، خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك دېگەنگە ئوخشاش قىممىتى بولمىغان نەرسىلەرگە ھاياتىڭىزنى قۇربان قىلىۋەتمەڭ، ئادەم ئىمكانقەدەر ئۆز مەيلىچە مۇكەممەل ياشىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا خۇشاللىق ئۇنىڭغا يار بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي بەخت رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ھەقىقىي ياشاشنى ئويلىغان ئادەمدە تەەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرىشى، چوقۇم ئەڭ ئاساسلىق بولغان بىر ئىلىمنى ئۆگىنىۋېلىشى، يەنى «مېنىڭ ئائىلەم يوق» دەپ بىلىشى كېرەك. ھايات خۇددى ھەج سەپىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ باشلىنىشىمۇ ئاخىرقى پەللىسىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق، ئۇنىڭدا ئارامگاھ بولمايدۇ، بۇ سەپەرگە ئاتلانغان كىشىلەر كېچىسى توختاپ، ئەتىگەندە يەنە سەپەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدىغان بىر ھەرىكەت جەريانى بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا ھايات مەڭگۈلۈكتۇر.
ئۆلۈمنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرى بولىدۇ.
بىراق، سىزگە ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق مەنسۇپ بولۇشى كېرەك.
ئۆلۈم كىشىلەردىكى بىر خىل خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنى بىخەتەرلىككە ئىنتىلىدىغانلار كەشىپ قىلغان. ئۆلۈمنى كەشىپ قىلىپ، كىشىلەرنى ياشاشتىنمۇ ۋەھىمە يەيدىغان قىلىپ قويغان. خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى نامەلۇم ساھەلەرگە كىرىشتىن چۆچۈيدىغان قىلىپ قويغان.
ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئېنېرگىيىسى تەۋەككۈل قىلىشتۇر، سىز قانچىكى زور تەۋەككۈل قىلسىڭىز، ھاياتىي كۈچىڭىز شۇنچە ئۇرغۇپ تاشىدۇ. مۇبادا ئۈمىدسىزلىكتىن، ھىماتسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەت ئاتا قىلغان تۇيغۇدىن چىقىپ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى ئېلىپ كېلىدىغان ئاشۇ ساپ گۈزەللىكتىن زىلزىلىگە كېلىسىز.
ئىنسانلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماكانسىزلىك رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، مەۋجۇدىيەتچىلىك كاساپىتىدىن ئىنسانلار پۈتكۈل ھالقىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇلار ئالدىدىكى دوقمۇشتىلا خۇددى بۇدداغا ئوخشاش ئىنتايىن يېقىن تۇرغان ھەقىقەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇلار بەختنى ئىنتايىن ھەسرەتلىك نەرسە قىلىپ قويىدۇ، ئۇلار ھاياتنى قىلچە ئەھميىتى، ھېچقانداق مەقسىتى، خاتىرجەملىكى بولمىغان نەرە دەپ قاراپ، ئىنتايىن تۇترۇقسىز بولۇپ كېتىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئۆز - ئۆزىنى گۇمران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇددىلارمۇ ئوخشاش مۇشۇنداق يەكۈننى چىقارغان، لېكىن ئۇلار نامەلۇم دۇنياغا كىرگەنلىكىدىن ھەسرەتلەنگەن ئەمەس. ئۇلار بارلىق چېگرا - چەكلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھاياتنىڭ تەبىئىي ھالدا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار خاتىرجەملىكى بولمىغان ھاياتنىڭ سەلتەنەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن، چۈنكى پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ھاياتتا ئىزدىنىشمۇ، يارىتىشمۇ، يېڭى ساھەلەرگە ھالقىشمۇ، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان مۇمكىنچىلىكمۇ بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەردە  ھەممە ئىشلار مۇقىم، بىخەتەر، ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋە كاپالەتلىك بولىدىكەن، ئۇنداقتا ھاياجانلىنىشمۇ، تەنتەنە قىلىپ ساما سېلىشمۇ بولمايدۇ.
بۇددىلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپ باققان! ئۇلار ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، مۆجىزىلەرنىڭ يارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىنى باسالماي قالغان. ئەيسا ئۆزىنىڭ مۇرتلىرىغا: «ئېچىلىڭلار، يايراڭلار! بار ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خۇشال بولۇڭلار!» دېگەن.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ مېنىڭ سىزگە قىلىدىغان پۈتۈن تەۋسىيەم، مەن سىزگە ھېچقانداق نىشان كۆرسىتىپ بەرمىدىم، ھەتتا ئۇنداق بېشارەتنىمۇ بەرمىدىم. مەن پەقەت سىزگە ھاياتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ھېس قىلدۇردۇم، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. سىز ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بولۇڭ، ماسلىشىڭ، ئۇ مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، دېگەن شەخسىي ئارزۇ - ئىستەكلەردە بولماڭ، ئۇنى ئەسلى ھالىتىگە قويۇپ بېرىڭ، سىزمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايسىز.
بىخەتەرلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتسىڭىز، ئويىڭىز گۆرلۈككە تېخىمۇ بەك ئوخشاپ قالىدۇ، بىخەتەرلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ھاياتنى بوغۇپ تاشلايدۇ، چۈنكى ھايات شۇنداق تىنچسىز نەرسىدۇر! ھاياتنى بىخەتەر قىلىشقا ھېچكىم قادىر ئەمەس. ھەرقانداق بىر بىخەتەرلىك ساختا بولىدۇ، ئويلاپ چىقىلغان بولىدۇ، سىزنى ياخشى كۆرگەن بىر قىزنىڭ ئەتە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كىم جەزم قىلالايدۇ؟ سىز ئەتىگە كېپىللىك قىلالامسىز؟ سىز سوتقا بېرىپ بىر قانۇنىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇنى ئەتىمۇ ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق خوتۇن قىلالىشىڭىز مۇمكىن، قانۇنىي كېلىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بولىدۇ. لېكىن مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇھەببەتنىڭ قانۇنى بولمايدۇ. مۇھەببەت يوقالغاندا، خوتۇنى يەنىلا خوتۇنى، ئېرى يەنىلا ئېرى بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۆلگەن بولىدۇ.
بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز نىكاھنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز جەمئىيەتنى ياراتتۇق، بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز ھامان كىچىك چىغىر يوللاردىن ماڭدۇق.
ھايات ياۋايىدۇر، مۇھەببەت ياۋايىدۇر، ئىلاھمۇ تامامەن ياۋايىدۇر. ئۇ ھېچقاچان سىزنىڭ بۇ ئاددىي گۈلىستانىڭىزغا سەيلە قىلىپ كەلمەيدۇ، بۇ تار كۈلبىڭىزگە قەدەم تەشرىپ قىلمايدۇ، سىزگە ئاشۇ تار يولدا ئۇچرىشىپمۇ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ياۋايى.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھايات ياۋايىدۇر!

قەلب مۇزىكىسى

ئىنساننىڭ قەلبى بىر چالغۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغۋار مۇزىكىلار يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ چېلىشىڭىزنى، ئىپادىلىشىڭىزنى، ناخشا قىلىپ ئېيتىشىڭىزنى، ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ. ئۇ مۇھەببەت ئارقىلىق ئاندىن بىزگە نامايان بولىدۇ، مۇھەببەتنى بىلمەيدىغان ئادەم ئۆز قەلبىدىكى مۇزىكىنىمۇ مەڭگۈ ھېس قىلالمايدۇ، مۇھەببەت بولىدىكەن، مۇزىكىغا جان كىرىدۇ. ئۇ ئويغىنىدۇ، يوشۇرۇن ھالەتتىن ھەقىقىي ساداغا ئايلىنىدۇ.
مۇھەببەت ئەنە شۇ مۇزىكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى. قەلب قەسىرىدىكى مۇزىكىنى ئويغىتالمىغان مۇھەببەت چوقۇم مۇھەببەت قىياپىتىگە كىرىۋالغان ساختا نەرسە بولۇشى، ئېنىق ئېيتقاندا، مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چوقۇم بىر خىل تىلەك بولۇشى، جىنسىي تىلەك ياكى جىسمانىي تىلەك بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي ۋە جىسمانىي تىلەكتىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق، مەن ئۇلارنى ئەيىبلەۋاتقىنىم يوق، ئۇ ئەسلى بىر ياخشى ئىشلار ئىدى. لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ھېسابلانمايدۇ، بۇ نەرسىلەر مۇھەببەت قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ، باشقىلارنى مۇھەببەت ئىكەن دېگەن خىيالغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇ نەرسىلەردىن بىز مۇھەببەتكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇنداق ئۆلچىمىنى بىلىۋالالايمىز: مۇبادا قەلبىڭىزدىكى مۇزىكا چىرتىلىشقا باشلايدىكەن، سىز ئۇنى مۇھەببەت دەپ چۈشىنىڭ، ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تومۇرلىرىڭىز بىلەن تەڭكەش بولۇۋاتقانلىقىڭىز، سىزدىكى قوپال، چۇۋالچاق ئاۋازلارنىڭ يوقاپ، گارمۇنىك پەللىگە يەتكەنلىكىڭىزنى، رىتىملىق، لەرزانلىق ئەۋجىدە كائىناتقا سىڭىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىڭىزدا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدىغان يېڭى بىر سەھىپە بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ.
مۇھەببەتكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى مانا شۇ؛ سىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تاكى مۇھەببەتكە يەتكىچە ئىچكىرىلەپ كىرىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز قەلبىڭىزدىكى مۇھەببەتنى بايقايسىز - دە، ھاياتىڭىز باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھاياتىڭىز شۇنىڭدىن باشلانغان بولىدۇ.



702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئېشەكنىڭ كۈلگىنىنى كۆرگەنمۇ؟

سىز ئېشەكنىڭ كۈلگىنىنى كۆرمىگەن بولغىيدىڭىز، سۇ كالىسىنىڭ چاقچاقتىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلگىنىنىمۇ كۆرمىگەن بولغىيدىڭىز، پەقەت ئىنسانلارلا چاقچاقتىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەلەيدۇ، كۈلۈش ئىنسانلارغا خاستۇر. سىلەرنىڭ ھېلىقى ئەۋلىيالىرىڭلار خۇددى سۇ كالىسى بىلەن ئېشەككە ئوخشايدۇ! ئۇلار ئىنسانلاردىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويدى، خۇشال بولۇپ كۈلەلمەيدىغان ئادەم خۇددى چېچەكلىمەيدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ.
لېكىن، جەمئىيەت ئەستايىدىل ئادەملەرگە موھتاج. مەسىلەن، زۇڭتۇڭ، زۇڭلى، مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور، ئېپىسكوپ، ھىندى دىنى داھىيلىرى، ئىسلام دىنى پەيغەمبەرلىرى، كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق مىسسىئونېر، ئوقۇتقۇچى، ھاكىم، باجگىر، ئۆلكە باشلىقى... دېگەنگە ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل ۋە سۈرلۈك بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار يۇمۇرلۇق بولۇپ كېتىدىكەن، جەمئىيەتتە ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۇمۇرلۇق بولۇپ كېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ماشىنا ئادەمدەك بولۇشىنى كۈتىدۇ.
ئادلوف گىتلىرنىڭ مېڭىشلىرىمۇ ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالغان، بىز ئۇنىڭ رەسىملىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ قىياپىتىدىن، سالام ۋە چاس بېرىشىدىن، چىرايى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بەئەينى بىر ماشىنا ئادەمنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇ پۈتۈن گېرمانىيىنىمۇ بىر ماشىنا ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇ گېرمانىيىنى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ بەتتەر ۋەيران قىلغانىدى، لېكىن ئۇ ئىنتايىن جەڭگىۋار بىر ئارمىيىنى بەرپا قىلدى، پەقەت ئادەملەر ئەقىل ۋە بارلىق ئەقىل ئوراپ تۇرغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىنغاندىلا، جەڭگىۋار ئارمىيىنىڭ شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ.
يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئەقىل ئامىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى، سىز ئۇنى يوقىتىپ قويغان چاغدا ئەقىلدىنمۇ بىگانە بولىسىز، سىز قانچىكى يۇمۇرلۇق بولغانسېرى، شۇنچە زېرەك بولىسىز. يۇمۇر تۇيغۇسىنى قانداق قوزغاش كېرەك دېگەن مەسىلە مەۋجۇت بولمايدۇ، سىز ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى يوقاتسىڭىزلا، ئۇ تەبىئىي كېلىۋېرىدۇ، سىز ئاتا - ئانىلىرىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىڭ، جەمئىيەتتىكى يۇمۇرلۇق بولۇشىڭىزغا  پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان تاشلارنى چۆرۈپ تاشلاڭ، جەمئىيەت سىزنى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشقا  مەجبۇرلىسا، يۇمۇر سىزنى ئەركىن ياشاشقا ئۆگىتىدۇ...
سىز ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، مۇئەللىمىڭىز ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، سىزگە تەلىم بەرگەن موللام ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، چېركاۋ ئىچىدە كۈلمەسلىكىڭىز كېرەك.
خرىستىئان مۇخلىسلىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەزەلدىن كۈلۈپ باقمىغان دېيىشىدۇ، مەن ئۇنىڭ سۇ كالىسىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن! ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ دانا ئادەملەرنىڭ بىرى، ئۇ چوقۇم كۈلۈپ باققان، چوقۇم كۈلۈشتىن ھۇزۇر ئالغان. ئۇ ساكيامۇنىغا قارىغاندا بۇ دۇنياغا تېخىمۇ يېقىن تۇرغان ئادەم، ئۇ بارلىق ئەۋلىيالار ئىچىدە ئەڭ قىزغىن، ئەڭ ئىشتىياق بىلەن ياشىغان. ئۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ يېنىدا چىرايلىق ئايال مۇرتلىرى ھەتتا ئەڭ داڭلىق پاھىشىلەر بار ئىدى. ئۇ ئېسىل تائاملارنى يېيىشنى، ئەنتۇمۇر شارابلارنى ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ شارابقا ئىشقى بار بىردىنبىر پەيغەمبەر ھەم ھەقىقىي ئىنسان ئىدى! ئۇ زىياپەتكە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە دېگۈدەك زىياپەتتە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىياپەت نەچچە سائەت داۋاملىشاتتى.
ئەيسا ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنيالىق ئادەم ئىدى. ئۇ «مەن ئاللانىڭ ئوغلى» دېگەنگە قارىغاندا، «مەن ئىنساننىڭ ئوغلى» دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلايتتى. ئۇ جەننەتكە قارىغاندا، بۇ دۇنياغا تېخىمۇ يېقىن ئىدى. ئۇ بۇ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مەنسۇپ ئىدى. ئۇ چوقۇم كۈلۈپ يايرىغان ھەم بۇ دۇنيادىن ھۇزۇر - ھالاۋەت ئالغانىدى.
مىسسونېرلار، پاپالار ھەم چېركاۋلار ئىنتايىن سۈرلۈك كېلىدۇ، چېركاۋغا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى قەبرە ئىچىگە كىرگەندەك ھېس قىلىدۇ، سىز ئۇ يەردە سۈرلۈك، جىددىي بولۇشقا مەجبۇر بولىسىز. مانا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.
لوندۇندا ئاسكىلوف دېگەن بىر خانىم ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئەنگلىيىگە ئەمدىلا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن كېبزا ئىسىملىك بىر قىزنى مۇلازىملىققا ياللىۋاپتۇ.
قەن قىسىدىغان قىسقۇچ تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ، دەپتۇ خوجايىن ئۇ قىزغا جېكىلەپ، ئەرلەر قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرگەندە ھېلىقى نەرسىسىنى چىقىرىپ، يەنە سېلىۋىتىدۇ، ئاندىن ئۇلار قايتىپ چىقىپ قەننى قولى بىلەن تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق بولۇپ قالسا تازا قاملاشمايدۇ.
بۇيرۇقىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمەن، خانىم، دەپتۇ ھېلىقى ئىتالىيىلىك قىز.
كەچتە مېھمانلار تارقىغاندىن كېيىن، ئاسكىلوف خانىم ئۇ قىزدىن سوراپتۇ:
كېبزا خېنىم، مەن سىزگە قەن قىسىدىغان قىسقۇچ تەييارلاپ قويۇشىڭىزنى تاپىلىغانىدىمغۇ دەيمەن؟
قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇ نەرسىلەرنى ئەچىقىپ قويغان، خانىم.
ئۈستەل ئۈستىدە مەن ئۇ نەرسىلەرنى كۆرمىدىمغۇ؟
ئۈستەلدە دەمسىز؟ مەن ئۇ نەرسىلەرنى قول يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغان.
بۇرۇمبىلا ئوغلى ئارتوغا «تويۇڭنى ئۆتكۈزۈۋالغىن» دەپ 200 دوللار بېرىپتۇ، ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ ئوغلىدىن بۇ پۇللارنى قانداق خەجلىگەنلىكىنى سوراپتۇ:
مەن بىر سائەت سېتىۋالدىم دادا، دەپتۇ ئوغلى.
ئەخمەق! دەپتۇ دادىسى ئوغلىغا ۋارقىراپ، سەن ئەسلى بىر مىلتىق سېتىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى.
نېمىشقا مىلتىق سېتىۋالىدىكەنمەن؟
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن ئۆيۈڭگە قايتىپ، بىر ئەر كىشىنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ھازىر سائەت نەچچە بولۇپ كەتتى، دەمسەن؟
دادىسى ئوغلىغا ئەنە شۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ.


702

تېما

0

دوست

2541

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 17:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى

مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق قورقۇنچنى يوقىتىش كېرەك، ئۇلار قارىمۇقارشى بولغان ئىككى قۇتۇپتۇر. كىشىلەر خاتا ھالدا مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى قارىمۇقارشى بولغان ئىككى قۇتۇپ دەپ قارايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر - بىرىگە زىت ئەمەس، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوخشىشىدىغان بىر خىل كۈچتۇر، مۇھەببەت نەپرەتكە، نەپرەت مۇھەببەتكە ئايلىنالايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىز ئوخشاش بىر ئادەمگە ھەم مۇھەببەت باغلايمىز، ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمىز، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ھامان بىرگە بولىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، بەلكى دوست. ھەقىقىي قارىمۇقارشىلىق مۇھەببەت بىلەن قورقۇنچ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئۇلار زىنھار بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ، ئەگەر سىز زىيادە قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدىكەنسىز، قەلبىڭىزدىن مۇھەببەت يوقايدۇ، قورقۇنچ مۇھەببەتكە ئايلىنالمايدۇ، مۇھەببەتمۇ قورقۇنچقا ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇھەببەت ئادەمنىڭ روھىنى بېيىتسا، قورقۇنچاقلىق ئادەمنى زەئىپ ۋە گومۇش قىلىپ قويىدۇ. سىزدىكى گومۇشلۇق قانچە كۈچەيگەنسېرى، شۇنچە قورقۇنچاق بولۇپ كېتىسىز، شۇڭا ئۇنى يامان سۈپەتلىك دەۋر قىلىش دەيمىز.
مۇھەببەت سىزگە پەرۋاز قىلىدىغان قانات ئاتا قىلىپ، ئازادە ياشاشقا يېتەكلەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشتىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بەھرە ئېلىشىڭىزغا جاسارەت بېغىشلايدۇ، ئۇ ھاياتىڭىزغا چوڭقۇر مەنىلەرنى قوشىدۇ، پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ھەسەن - ھۈسەندەك جىلۋىدار قىلىدۇ. شۇڭا سىز بارلىق قورقۇنچنى تەرك ئېتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
سىز يەنە ئاسماننىڭ پايانسىزلىقىنى، ئەركىنلىكنىڭ چەكسىزلىكىنى ئويلاڭ، ئەرزىمەس كىچىك ئىشلارنى خىيال قىلماڭ، قورقۇنچاقلىق ھامان كىچىك ئىشلارنىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، مۇھەببەت كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، ھەرقانداق قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ بۈيۈك شەيئىلەرنى ئويلايدۇ، ئۇ خۇددى بوران ئىچىدە قانات قېقىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشاش نامەلۇملۇققا قاراپ ئىنتىلىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 23:12 , Processed in 0.126627 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش