Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1634|ئىنكاس: 27

بىز سىلەرگە يەنە ئىشىنەلەمدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

416

تېما

0

دوست

1363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 11:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز سىلەرگە يەنە ئىشىنەلەمدۇق؟


يېقىننىڭ ياقى ھەريەرلەردە مېنى ئەمەسلا بىركەيپىياتقا ئەكىلىپ قويىۋاتقان بىرنەچچە ۋەقەلىكلەرنى ئۇيان ئويلاش بۇيان ئويلاش ئارقىلىق ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مۇنازىرە قىلىشىغا قويۇشنى لايىق كۆردۈم. مۇبادا مەن ئاجىزەدىن كېتىپ قالغان يەرلەر، شەخسىي خاھىشىم ئارقىلىق مەلۇم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە توغرا كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ قويغان ئىشلار بولسا، چوڭلارنىڭ پىرىنسىپقا كۆتۈرۈۋالماي، ئۇدۇل پىكىر-تەلەپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مىللىي كارخانىچىلار بولۇپمۇ بۈگۈن ئاساسلىق تىلغا ئالىدىغىنىمىز يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلار ھەمدە مۇسۇلمانچە ماركا ئاستىدىكى باشقا مەھسۇلاتلار ئۈستىدە بولماقچى. ئاجىزە بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۆز مۇناسىۋەت چەمبىرىكىم ئىچىدە قىسقىچەتەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدىم، تۆۋەندە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا شۇ تەكشۈرۈشلەردىن چىن سۆزلەرنى سۇنماقچىمەن. بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر شەخسىي خاھىش ۋە ياكى باشقامۇددىئا يوق، كۆپچىلىكنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەي، ئۇدۇل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بىرىنچى سۆز:
بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىرسى ‹مەلۇم› ماركىلىق شاكىلاتنى تاۋاق قىلىپ كەپتۇ، ئىشلەنگەن ئادرېسى ۋە زاۋۇت ئادرېسى ئىچكىردا ئىكەن،شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچىسىگە تېلفون قىلسام: پالانچى داڭلىق ماركىلىق شىركىتىڭلارنىڭ نەرسىلىرىمۇ بۇرۇن ئىچكىردە ئىشلىنىتىغۇ!!! بىزنىڭ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ دەيدۇ ئۇ يولداش!
- ھەي ~~~نى ۋېيشېنمې شاڭمىئەن بۇ شىې ‹چىڭجېن›جېگېزى نې؟ (نېمىشقا ئۈستىگە مۇسۇلمانچە دەپ يازمايسەن) دېسەم بۇنىڭغا گەپ قىلمىدى، -نەرسەڭنىڭ ئۈستىدە ‹起酥油›دېگەن خەت تۇرىدۇ، بۇ چوشقىنىڭ نەرسىسىدىن ياسىلىدىغان تۇرسا دېسەم، ئۇ يولداش: بىزنىڭ بۇ ‹起酥油›رىمىزئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان تەكشۈرۈپ كۆر، دەيدۇ.

قانداقلا دېسۇن چوقۇم مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىگە ‹مۇسۇلمانچە› ياكى ‹ھالال› دېگەن خەت يېزىلىشى، شۇنداقلا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك.

起酥油 دېگەن قانداق نەرسە؟ بۇنى تۆۋەندىكى ئادرېىسىتىن كۆرۈڭ:

http://wenwen.soso.com/z/q144487454.htm

http://www.foods1.com/content/611255/


21.jpg

ئىككىنچى سۆز:
明胶نىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلمەي، قاندا ماي ئارتۇق ھەم  قۇيۇق، جىگەردە مايلىشىشش  دېگەندەك كېسەللىك ئالامىتى بولغاچقا، ساغلاملىق دورىلىرىنى ئېلىپ يېگەن ئىدىم، ئۆتكەندە توردىن明胶دېگەن بۇ نەرسىنىڭ ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى، سۆڭىكى ھەتتا بەزىدە ئادەم جەسەتلىرى قاتارلىق نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بارلىق يەيدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە كۆڭلۈم تارتماي تاشلىۋەتتىم.  بۇرۇن يېگەنلىرىمگە ئامال يوق.  مەسىلەن، سۈزۈك ھالدىكى ۋېتامىن ئې كاپسۇلى، سۇيۇق ھالدىكى كالتىسي، بېلىق مېيى، سامساق كاپسۇلى قاتارلىقلارنىڭ قېپىنىڭ چۈشەندۈرلىشىگە قارىسا،  تەركىۋىدە  明胶  بار ئىكەن، يېقىندا، قايسى بىر ئۇيغۇر شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سامساق كاپسۇلىنىڭ تەركىۋىنى بىلەلمىدىم،لېكىن، ئۇمۇ باشقا سامساق كاپسۇلىغا ئوخشاش سۈزۈك ھالەتتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگەئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان بۇ كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر تەپسىلىي ئىلمىي بولغان تەكىۋىي چۈشەندۈرۈلۈشى يوق بولغاننى ئاز دەپ، مەھسۇلات ئىشلەپچقارغان ئورۇن ئىچكىرىنىڭ تاغ شەرقىي ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەمەس، يېزىسىنىڭ يېزىدىسىنىڭ بىريېرىدا ئىكەنلىكىگە قاراپ ھېچبىر كۆڭلۈم تارتمىدى.

22.jpg




416

تېما

0

دوست

1363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 11:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى سۆز:
ھەرخىل-ھەر ياڭزاھۆل-سوغۇق نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكى. مېنىڭ شاھزادەم ئاغرىغاندىن كېيىن: "ئاپا،ئەمدى شاكىلات، كەمپۈت يەنە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھە" دەپ كەتكەن بىرقېتىم. مەنمۇ ئەزەلدىن ئېلىپ بەرمەيمەن. 娃哈哈,爽歪歪, 绿茶,冰茶,红茶,营养快线 لارغا ئوخشىتىپ ياسالغان مىللىي كارخانىچىلارنىڭ نامىدىن بازارغا سېلىنغان، ئۈستىدە پەقەت ئىچكىرىدىكى زاۋۇت ئادرېسىلا يېزىلغان بۇنداق ئاتالمىش مىللىيچە يېمەكلىكلەر دېگەندەكلەرنىغۇ ئامال بار ئېلىپ بەرمەيمەن، باشقىلار ئامراقلىق قىلىپ بەرسىمۇ نېرىغا بېرىپلا يىغلىتىپ تۇرۇپ تارتىۋالىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئاق قان دانچىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىغانلىغى ئىسپاتلانغان تۇرسا!
娃哈哈,爽歪歪,营养快线   لارغا ئوخشىتىپ ياسالغان مىللىي كارخانىچىلارنىڭ زاۋۇتىدا ياسىلىپ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە خەت چاپلانغان بۇ نەرسىلەرگەقويۇقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن黄原胶 ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە بۇخىل ماتېرىيال ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئۆسۈملۈك مېيى يەنە بىرى بولسا چوشقىنىڭ مېيىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىلىدىكەن.
دۆلىتىمىزدە چىقىرىلغان قويۇقلىقى يۇقرى ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇنى خام ئەشيا سۈپىتىدە ئىشلىتىدىكەن.چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەنلىرىدىمۇ بار لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كىرگۈزۈلگەنلىرىدە ئېنىق ئەسكەرتىلىدىكەن (黄原胶)ئۆسۈملۈك مىيىدە ياسالغان دەپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسكەرتىلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن ھايۋانات مىيىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان 黄原胶 نى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ.

دىققەت قىلغايسىلەر.

ھازىرداڭلىق بولغان 伊利,蒙牛قاتارلىقلارمۇ  بۇنىڭ  ئىچىدە.


11.jpg
10.jpg
12.jpg


تۆتىنچى سۆز:

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق داڭلىق بىر مىللىي كارخانىمىزنىڭ كەمپۈتلىرىنى ئىچكىرىدە ئىشلىنىدىكەن دېگەندە بەكلا ئەپسۇسلانغانىدىم، ئۇنىڭسىزمىغۇ ھازىرقى ھەر خىل سوپۇن، چىش پاستىسى دېگەنلەرمۇ ساپلا ئىچكىرىدىن كېلىدىكەن. ئادەم ئويلىسا ياشاشقا ئامالسىزلا قالىدۇ. مەن بولسام مۇسۇلمانچە دېگەنگە بەك ئېتىبار قىلىپ كېتىدىغانلاردىن.

ھالال يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ يېيىش لازىم.يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبى، ئىشلەپچىقىرىلغان كارخانا ئادرېسىغا چوقۇم قاراش كېرەك.ئەمما مۇسۇلمانچە ماركىسىنى بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ ھازىر ئەقلى بۇلغىنىپ، سېتىلىپ كېتىلىۋاتقانمىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ كىشى!

19.jpg
18.jpg

بەشىنچى سۆز:

مۇشۇ كۈنلەردە پەقەتلا خاتىرجەم بىر نېمە يېيەلمەيۋاتىدۇ كىشى. ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمىزغۇ. بىزنىڭ يۇرتتا بۇ قېتىم چوڭ تازىلاش قىلىپ، بارلىق مۇسۇلمانچە ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قايتا تارقىتىۋاتىدۇ. ئىلگىرى كىرگەن ساماۋەر شورپىخانىلىرىغائەمدى"خوش" دەيمەن...



ئالتىنچى سۆز:

بىزئىسمىغا قاراپلا ئۇيغۇرچىكەن دەپ يەۋېرىمىز، كىم بىلىدۇ نېمىلەرنى يەۋەتتۇقھازىرغا قەدەر شۇنداق قايمۇقتۇرۇش ئىچىدە. مەنمۇ ھازىر بەك  دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

ئۇيغۇرلارمۇ ئادەم ئالداشقا ئۆتتى، غەيرىي ئىسىمبولسىلا سۈپەت ناچار بولسىمۇ بازار تاپىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك؟ بىزدە يەنەئادەمنىڭ غىدىقى كەلگىدەك تاۋار ئىسىملىرى پەيدا بولغىلى تۇردى، ئەمما سۈپىتىنىڭقانداقلىقى ھەممىگە ئايان!
ھازىر ئادەم ئىسىملىرى بىلەن تاۋار ئىسىملىرى تەڭقەدەمدە مېڭىۋاتىدۇ، بۈگۈن بىرەرسىنىڭ چىرايلىق ئىسمى قۇلىقىغا كىرىپ قالدىمۇ،كېيىنكى ئايدا شۇ ئىسىمدا بىر تاۋار بازارغا سېلىنىدۇ.

14.jpg


ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

416

تېما

0

دوست

1363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 11:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتىنچى سۆز:
ھەرقانداق تاۋارغا ئىسىم قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئىسىمنىڭ مەنىسىنى ئويلاشماستىن قويۇش بىر مودا بولغان ئوخشايدۇ. مەسىلەن: راۋاپ ماركىلىق ھاراق دېگەندەك! ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىلىرىمۇ توغرا يېزىلمىغان. ھەتتاتاماقلىرىمىزنىڭ ئىسمىمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: داپەنجى، سومەن، خوگو....ئۇلارنى توخۇ قوردىقى، قورىما چۆپ دەپ ئاتاپ باقايلى، قانداق تاماقتۇ دەپ تەمتىرەپ قېلىشىدۇبەزىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە نامدا ئاڭلاپ بىلەلمەي. يېقىندا بازارغا سېلىنغان ئۇيغۇرچەماركىلىق قېزا دېگەنلەر راستىنلا ئىشەنچىلىكمىدۇ؟ گۆشنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەبلەغ سېلىپ ماركا چاپلاپ  ئىشلىگەن  يەنە كېلىپ باھاسى شۇنداق ئەرزان. بۇنداق دېگىنىم قىممەت بولسىلا ئىشەنچلىك دېگىنىم ئەمەس.

1.jpg
2.jpg
4.jpg
3.jpg

سەككىزىنچى سۆز:
مەلۇم مېۋە ئۇيۇتمىسى، مەلۇم بوۋاقلارپىرەنىكى، سۈت پاراشوكى يەنە تېلىۋېزوردا ئېلان قىلىۋاتقان بىركۈلكە چولپىنىمىزبار كۈچى بىلەن ماختاۋاتقان شېرىن ماركىلىق قېزىلار ئىچكىرىدە ئىشلەنگەن ئىكەن. شۇلاردىن قورقۇپ تۈركىيەنىڭكىنىلا ئالاي دېسە، قېرىنداشلىرىمىز تىللاۋاتقان ئارقىمىزدىن.بىز خەق مۇشۇنداق خەق. ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتمايمىز، باشقىلارنىڭكىنى قىممەت بولسىمۇئالىمىز، يىراقتىكى موللام راست موللام، يېقىندىكى موللام يالغان موللام دەپ تەنەقىلىۋاتقان. يوشۇرۇنچە شۇتۈركىيەنىڭ ئىمپورت دېگەن دۈكانلىرىدىن ئوغۇردەك ئېلىپ ئىستىمال قىلىۋاتقان شۇمەزگىللەردە ئۇنىڭدىنمۇ چاتاق چىقتى. تۈركىيە ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدىن بىرخىل دادۇر، يېشىل چاينىڭ تەمىنى كىرگۈزۈپ قورۇغان دادۇرىدىن يەنە ياۋگو يەنى مۇقاتىدىل مېۋىسىنىڭمۇ ئىچكىرىدە ئىشلىنىدىكەن. ئەمدى شۇ باغلارغاكىرىپ، ئۆزىمىز ئۈزۈپ يېمىسەك مېۋە-چېۋىلەرنىڭ قۇرۇتقانلىرىمۇ چاتاقكەن.

5.jpg
6.jpg
8.jpg
9.jpg


7.jpg

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 19:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەرگە نەپ بېرىدىغان مۇنۇ تېمىنىڭ يېزىلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ. مېنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئويلاپ قويغانلىرىم بەكمۇ كۆپ ئىدى. ئالدىرىماي بىر دەۋالاي.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 19:15:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق كارخانىچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
بىلىپ تۇرۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق قىلامدىغاندۇ؟
زادى شۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئاتالمىش پاك پاكىز يېمەك ئىچمەكلىرىگە ئىشەنگەن ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىرى!

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 11:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      خېلى يىللار بولۇپ قالدى،مىللىتىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر،مىللىتىمىزدىكى تەرەققىياتلارغا قاراپ، مەندە خوشاللىق،ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بىلەن بىللە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەندىشە تۇيغۇسىمۇ مېنى خېلى ئويلارغا سېلىپ قويىۋاتماقتا. خوشاللىق ۋە ھاياجانلىق قاپلىغان قەلبىم مىللىتىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىپ، بىز ئۈچۈن يېڭىچە كىملىك ماركىلىرىمىز بىلەن مىللىتىمىز بازىرىدىكى ئېھتىياج بوشلۇقىنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تولدۇرماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن ئويلاپ مىسالغا ئالالايدىغان مىللى كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇ كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى مېنى ھەقىقەتەن پەخىرلەندۈرىدۇ.

      يۇرتقا بارغان ۋاقىتلىرىمدا، يېزا-قىشلاقلاردىكى چوڭ كىچىك دۇكانلارغا كىرىپ، ئاساسەن ئورالمىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان كىچىكى تازلىق قەغىرى، يېمەك-ئىچمەكتىن تارتىپ،چوڭراقلىرى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىغا بارغۇچە ئۇيغۇرچە ماركا ۋە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، مەندە بىرخىل ھەممىنى سېتىۋېلىشتەك ھاياجانلىنىش ئىستىكى قوزغۇلىدۇ. دەل ئاشۇ ۋاقلاردا قولۇمغا ئۆزۈمگە كېرەكلىك بولسۇن بولمىسۇن كۆپرەك نەرسە سېتىۋېلىشقا، تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىغا كۆپرەك يەيدىغان تاتلىقلاردىن ئالغاچ باراي دەپ ھەممىنى قولۇمغا ئېلىپ، ھوزۇرلانغان ھالدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىرمۇ بىر ئوقۇغۇنۇمدا، خۇددى ئۈستۈمدىن بىر چىلەك مۇزدەك سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك، كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالىمەن ۋە ئۆزۈمگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن باشقا ماركىدىكى لازىملىق نەرسىلەرنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئاشۇ جاۋاپلارنى ئورالمىلارنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە ئالا قويماي كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىمەن،بىراق ئەپسۇس مېنى كۈتۈپ تۇرغىنى پەقەت ئىككى خىل جاۋاپ بولۇپ،بىرى ئورالمىنىڭ ئۈستىدە ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇت دىگەن يەردە، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى پالانى-پۇكۇنى شەھەر، پالانى-پۇكۇنى يېزا،پالانى-پۇكۇنى زاۋۇت دېگەن خەتلەر گاھ ئۇيغۇر يېزىقىدا، گاھ خەنزۇ يېزىقىدا كۆزۈمگە سانجىلاتتى. يەنە بىر جاۋاپ بولسا، ئورالمىدا پاكىزلا قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئورۇن توغۇرلۇق بىرەر تال چىكىتنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. مەن ھاياجانلىنىپ يانار تاغدەك پارتىلاش ھالىتىدىن مىنۇت ئىچىدە كۆڭلۈم خۇددى ئانتىراكتىداغا ئاپىرىپ بېشىمدىن تۇتۇپ مۇزدەك دېڭىز سۈيىگە بېسىپ مېنى ئالدىراپ ھاياجانلانغىنىم ئۈچۈن جازالاۋاتقاندەك قىلاتتىن. مەن ھوشۇمنى تاپقاندىن كېيىن ياكى كۈلۈشۈمنى ياكى يىغلىشىمنى، سېتىۋېلىشىمنى ياكى سېتىۋالماي چىقىپ كېتىشىمنى بىلمەي خېلى بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتتىم، شۇ چاغدا سىرتتىن بىرنەچچە كىچىك بالىلار كىرىپ قولىدىكى نەچچە مودىن تارتىپ نەچچە يۈەنگىچە بولغان پۇلغان بايىقى مەن كۆرگەن مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىشەنسىز دېگەن يېمەكلىكلەرنى خۇددى بىكارغا بەرگەندەك چاقماق تېزلىكىدە ئېلىپ، دۇكاندىن چىقىپ بولغۇچە ئورالمىسىنى يىرتىپ بىر تەرەپتىن يەپ بىر تەرەپتىن رازى بولغان ھالدا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ، مەندە نۇرغۇن ئەنسىرەشلەر ۋە سوئاللار پەيدا بولدى. ئەسلەپ بۇيەرگە كەلگەندە بېشىدىكى ئاشۇ مىللىتىمىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا بولغان بارلىق خوشاللىق ۋە مەدھىيلەش ھېسياتلىرىمىنىڭ ئورنىنى، ئۇلارغا بولغان ئاچچىقلىنىش، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە بولغان ئەسۇسلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىپ يۈرگەن بۇ قورقۇنۇشلۇق قىلمىشلىرىغا قاراپ، ئىچى-ئىچىمدىن ئۇ كارخانىچىلار بىلەن يۈز تۇرانە ئولتۇرۇپ بىر پاراڭلاشقىم كەلدى.

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 11:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قىلمىشلرىنى ئويلاپ، ئۇلارغا بىر ئاڭلىغان يۇمۇرۇمنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىپ قالدى. بىر خېرىدار تاماق يېگىلى ئاشخانىغا كىرىپ، كۈتكۈچىگە تاماق بۇيرۇتۇپ، خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن كۈتكۈچى تاماقنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن، بۇ خېرىدار شۇنداق بىر مەززە قىلىپ يەي دەپ بىرىنچى چوكىسىنى ئاغزىغا سالغان چاغدا، بۇ تاماقنىڭ شۇنچىلىك ئوخشىمىغىنىغا ئاچچىقى كېلىپ، دەرھال خوجايىنىڭلارنى چاقىرىڭلار دېگەن چاغدا، ئۇ مۇلازىمەتچى تەمكىنلىك بىلەن خوجايىن سىرتقا تاماق يېگىلى چىقىپ كەتكەنتى دەپ خېرىدارغا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۇ يۇمۇرنى كارخانىچىلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتا مەن بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغاندا كۈلگەندەك كۈلەرمۇ ياكى كۈلەي دېسە، بۇ يۇمۇردىن ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، ئارتۇق گەپ قىلماي ئولتۇرارمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى بەك بۈلۈپ باققۇم بار.

520

تېما

0

دوست

1810

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 11:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارماننىڭ كەمپۈتىنى ئىشلەپ ئىچكىرىدە ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئاڭلىغانىدىم. ھەمدە چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ بۇنىڭ راستلىقىنى بىلگەنىدىم. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئەتراپىمدىكىلەرگە بۇ ئىش توغرىىسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەپتىمەن، بەلكىم مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بارغانسېرى مۇشۇنداق قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى يەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاپام شۇنداق دەيدۇ، سىرتتىن قالايمىقان نەرسە يېسەڭلەر دۆت بولىسىلەر دەپ. بەلكىم راست دۆتلىشىپ كېتىۋاتقاندىمىز.
ئەمدى بۇنداق كارخانىچىلارنىڭ ئەقلىمىزنى بۇلغايدىغان بۇنداق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ھۇشيارلىقىمنى قەتئىي ئۆستۈرىمەن.

1

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 11:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ، مۇشۇ ھادىسىلەرنى بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەر يەنە شۇ يېمەكلىكلەرنى يەۋېرىدۇ؟ نىمىشقا...؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 22:53 , Processed in 0.145618 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش