Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 35

پەرىشتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ





ۋارىس قولىدىكى تەكرارلاش كىتاۋىنى ئاستا يېپىپ ، ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتقان دىلنازنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى . هةقىقى ئۇيغۇر گۈزەللىرىگە خاس بۇلاقتەك چوڭ-چوڭ كۆزلەر، ئاينى خىجىل قىلىدىغان ئەگىم قاشلار، نىپىز ئوتقاشتەك لەۋلەر ، شامالدا لەرزان يەلپۇنىۋاتقان ئۇزۇن چاچلار، ئىگىز ئەۋرىشىم قامەت ...ئاھ ئىنسان بالىسى دىگەنمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بۇلامدۇ ھە ؟...مۇشۇنداق بىر پەرىنى ماڭا نىسپ قىلسا خۇدايىم ؟...ۋارىس ئاستا-ئاستا يىراقلاۋاتقان دىلنازنىڭ سىماسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ خىياللىرىدىن ئۆزى خىجىل بولغاندەك، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن يۈزىنى ئاستا سىلاپ قويدى . ئۇ بۇ قىزنى پات-پات ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇچرىتىپ قالاتتى، ھەر قانداق ئادەمگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جاۋاپ بىرىدىغان بۇ قىزدىن ئۇ ھېچقانداق بىر ئەيپ نوقساننى تاپالمايتتى . ئەتراپتىكى تىكىلگەن نۇرغۇن كۆزلەر ئىچىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ بۇ قىزغا هةۋةس بىلەن يۇشۇرۇن قارايتتى. ئارىدىن 2 كۈن ئۆتمەي مەكتەپ ئۆتكۈزگەن كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ۋارس بۇ قىزنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراتتى. سەھنىدە ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇيدىغان دىلناز كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تىتىك، يېقىملىق ئاۋازى، پىشقان رىياسەتچىلەردەك تالانتى تۇۋەندە ئولتۇرغان بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇراتتى، زال ئىچىدە ھەممە سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە، تىرىشچانلىقىغا، تالانتىغا قول قوياتتى. ۋارس شۇ تاپ دىلنازغا قاراپ ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈكۈشكە باشلىدى. ئۆزىدە بۇرۇن ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل سىزىمنىڭ پۇتۇن بەدەنلىرىگە تارىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ نىمىشقىدۇر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دىلنازنىڭ ئاۋازىغىلا مەپتۇن بولۇپ، ئارىلىقتا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشىلارغا، لەرزان ئۇسۇللارغا قىلچىمۇ دىققەت قىلمىدى. زال ئىچىدىكى قىزغىن پاراڭلار، جاراڭلىق كۈلكىلەر، چاۋاكلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
-ھەي ئاشىق...
ۋارىس قۇلاق تۈۋىدىكى بۇ ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتتى. يېنىدا ئۇنىڭ يۇرتداش دوستى ، ساۋاقدىشى مۇرادىل كۇلۇپ تۇراتتى.
- ئاغىنە، دىلناز قىزغا قاراپ قېتىپلا قاپسەنغۇ ؟ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ نىمە ؟...بىلەمسەن. ئۇ دىگەنچۇ مەكتەپتىكى بىر نۇرلۇق چولپان، ئۇنى مەكتەپتىكى نى –نى يىگىتلەر قولىنى ھەر قانچە سۇزۇپمۇ ئۈزىۋالالمىغان ، سەن ئاخماق بولما جۇمۇ...
ۋارس بىر پاكولتىتتا ئۇقۇيدىغان خوشچاقچاق ، يۇمۇرلۇق بۇ دوستىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
-نىمە؟ سەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىلىسەن؟ يا ئۇ بىزنىڭ فاكولتىتتا بولمىسا؟...
-بىزنى كىم چاغلاپ قالغان ئاغىنە، مەكتەپتىكى گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپى بار جۇمۇ بىزدە.
ۋارىس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى قىزغانغاندەك تۇرۇپلا قالدى. تىرىشچان، ھەممە ئىشتا ئېپى بار، شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتكەن بۇ دوستىنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلدى.
-قارىغاندا سەنمۇ ئۇ قىزنى خۇپىيانە ياخشى كۆرىۋاتقانلارنىڭ بىرسىمۇ نىمە؟ مىنىڭ ھالىمغا يىتەر بولساڭ ، سەن ئۇنداق خىياللاردا بولما جۇمۇ...
-تۆۋە دىگىنە، مەنچۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەي دىسەممۇ ياخشى كۆرۇشكە پېتىنالمايمەن. سەنمۇ ھەم شۇنداق. بىز دىگەن كىم؟ ئۇ دىگەن كىم؟ بىزدەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن يالاڭتۆشلەرگە ئۇ پەرشتە قانداقمۇ نىسىپ بولسۇن؟ بىلەمسەن ئاغىنە، ئۇ دىگەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىزچىل ئەدىبىيات فا كولتىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇۋاتقان قىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىر نازىرنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىمىش. مەكتىۋىمىزدە مۇشۇ شەھەرنىڭ نى-نى قاملاشقان يىگىتلىرى بۇ قىزنىڭ پىراقىدا شامدەك كۆيۇپ ۋىسالىغا ئىرىشەلمىگەن يەردە بىزدەك سەھرالىقلارغا كۆيۇشنى نەدە قويۇپتۇ، سىنىڭمۇ دوستۇم، ئاۋۇ كۆيگەن يۈرۈگۈڭ مۇشۇ يەردىلا سۇۋۇپ قالسۇن.
ۋارس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىنىكككىنە بىرنى تىندى. لېكىن <نازىرنىڭ قىزى، شەھەرلىك نى-نى يىگىتلەر، سەھرالىق...> دىگەندەك سۆزلەر ئۇنى جىمىتىپلا قويدى. ئۇ مۇرادىل بىلەن خوشلۇشۇپ ، سەھنىدە ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان دىلنازغا مۇھەببەت ھەم ھېيقىش ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل ھىسياتتا ئاستا قاراپ قويۇپ، زال سىرتىغا چىقتى.

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. لېكىن نىمىشقىدۇر قەدەملىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىر خىل ئوتنىڭ يۇرىكىنى كۆيدۇرۇش بىلەن بىرگە، تاشتەك ئېغىر بېسىمنىڭ يەلكىسىنى بېسىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. -توۋا ،- دەپ پىچىرىلىدى ئۇ ئۆزىگە،-ئەجەپ سىنىپتا نۇرغۇن قىزلار تۇرسا، مەكتەپتە بىر يۇرتلۇق، بىر مەھەللىلىك قىزلار تۇرسا ، نىمانداق ماۋۇ ساراڭ كۆڭلۇم شۇ قىزنىلا ئويلايدۇ؟ نىمە دەپ شۇ قىزغىلا ئىنتىلىدۇ؟ بۇگۇن تەلىيىم كىلىپ بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىم. ئەگەر ئايغا تاش ئېتىپ ، بۇ قىزغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان بولسام نىمە سەتچىلىكلەر كۆرۇلەر ئىدى ھە ؟<ماۋۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىغا باقماي گىپىنى قارا، كۆڭلىنى قارا> دەپ مازاق قىلىپ كۇلۇپ كىتەر بولغىيتتى . ئۇھ ، مۇرادىل ئاغىنەمگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت...،-ۋارىس خۇددى ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. لېكىن قەدىمى ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتسىمۇ نىمىشقىدۇر كۆڭلۇنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا زال ئىچىدىكى رىياسەتچى قىزغا تەلپۇنەتتى.
ئالى مەكتەپنىڭ ئالدىنقى 3 يىلىدا ئىزچىل سىنىپ بويىچە < 3تەياخشى> بۇلۇپ ئۇقۇۋاتقان ۋارىسنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئاكتىپ ھالىتىدە ئۆزگۇرۇش بولۇشقا باشلىدى. بەزى-بەزىدە دەرسكە كىچىكىپ قالىدىغان، ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيدىغان، ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ، ئۇگۇنۇش قىلىۋېتىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. جۇشقۇن، تىتىك كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى سۇلغۇن چىراي، ئويچانلىق ئىگەللىدى. ئۇ دىلنازنى غايىۋانە ياخشى كۆرۇپ قالغاندىن بۇيان بۇ كۇيۇكتىن ئەسلا قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ تۇلىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى يەنىلا شۇ قىزنى سېغىناتتى، كۆز ئالدىدا ھەر ۋاقىت شۇ قىزنىڭ سىماسى جىلۋە قىلاتتى.
ۋارىسنىڭ بۇ ھالىتىگە مۇرادىلدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيران ئىدى. بۇنداق تىرىشچان يىگىتنىڭ تۇرۇپلا ئۆزگۇرۇپ كىتىشى ئۇلار ئارىسىدا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، دائىملىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇگۇنكى مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرىستىك دەرس نۇتۇقلىرىمۇ، قىزىق ئەمىلى تەجرىبىلىرىمۇ ۋارىسقا خوشياقمىدى. ئۇ كەچلىك تەكراردىن شۇنچە ھارغىن چۇشتى. ساۋاقداشلىرىن ئايرىلىپ كونا جايغا، دىلناز قىز ياتاققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى گۇللۇككە كىلىپ ئولتۇردى. ئۇ بۇگۇنمۇ دىلنازنى يەنە بىر ئۇچراتسامكەن، ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم چىرايىنى يەنە بىر كۆرسەمكەن، ۋۇجۇدۇمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇچۇرسەمكەن دىگەن ئۇمۇتتە ئىدى. ئۇ دىلنازنى مۇشۇ يەردە تۇنجى ئۇچراتقان شۇ كۇندىن باشلاپ، بۇ گۇللۇككە قانچە قېتىم كەلگىنىنى ، قانچە سائەت ئولتۇرغۇنىنى، دىلناز قىزنى يۇشۇرۇن نەچچە يۇز قېتىم كۆزەتكىنىنى ساناپ بىرەلمەيتتى. ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بۇ رىئاللىقنىڭ شىرىن چۇشلىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بۇلالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت بىر يۇشۇرۇن كۆيىۋاتقان ئوت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بۇ ئوتنى دىلنازغا كۆرسۇتۇشكە، تۇتاشتۇرۇشقا ئۇنىڭدا قىلچىلىك جۇرئەت يوق ئىدى. ئۆزىدەك نامرات دىھقان بالىسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلىك قىزغا كۇڭۇل ئىزھار قىلىش بىر كۇلكۇلۇك ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ قىز ئۇنىڭ تەلىۋىمنى قۇبۇل قىلدىمۇ دەيلى، لېكىن كىيىنكى تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق قارايدۇ؟ ئوغلىنى يىمەي-ئىچمەي مىڭبىر جاپادا ئۇقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا نىمە بۇلۇپ كىتىدۇ؟...بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ؟...ۋارىس ئېغىر بىر تىنىپ، ھەممە غەملەردىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى ئالقىنىنى يۇزىگە ياقتى. ئۆزىنى شۇ قەدەر بىچارە، شۇ قەدەر ئاجىز ھىس قىلدى...ئۇ بىر ھازا سۇكۇت ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن، كۆزىنى ئېچىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى. ئۇ شۇتاپ كۆكتىن ئۆزىنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئالاھىدە نۇر چاقنىتىپ تۇرغان چولپان يۇلتۇزنىڭ ئۆزىنىڭ يۇلتۇزى بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەۋاتاتتى. ئۇ بىر ھازا يۇلتۇزىنى ئىزدەپ ھارغاندىن كىيىن، ئاستا كۆزىنى يەنە دىلناز قىزنىڭ ياتاق بىناسى تەرەپكە ئاغدۇردى. ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ سۇلغۇن بۇلۇپ، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇللۇك تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان تۇنۇش چىرايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. دىلناز قولىدا ماتىرىيال تۇتقان ھالدا شۇنچە سالماق قەدەم بىلەن ۋارس تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. دىلناز قىز خۇددى ئاستا كىلىپ، ئۇماق لەۋلىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھارقىلىدىغاندەك، چىرايلىق يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى مىھىر بىلەن سىلايدىغاندەك ، ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۇرتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ جىددىلىكىنى پەسەيتمەكچى بولغاندەك دەرھاللا كىتاۋىنى ئېچىپ ئۇقۇغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. لېكىن كۆزى ھېچنەرسىنى كۆرمەيتتى. پۇتۇن دىققىتى دىلناز قىزنىڭ ئاياق تىۋىشىدا ئىدى. دىلناز قىزنىڭ ئاياق تىۋىشى شۇنچىلىك يىنىك، شۇنچىلىك رىتىملىق بۇلۇپ، ئۇنىڭغا بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى...
-كەلدىڭىزما؟- يان تەرەپتىكى گۇللۇكتە ئولتۇرغان بىر يىگىت تىزلا گۇلنازنىڭ ئالدىغا كەلدى،- مەن تېخى سىزنى چىقمامدىكىن دەپتىمەن، بۇگۇن كۆڭلۇمنى يەردە قويمىدىڭىز ، سىزگە رەخمەت جۇمۇ. قېنى بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇڭ.....

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارىس تا ھازىرغىچە گۇلنازنى بىرەر يىگىت بىلەن كۆرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنى دائىم چىرايلىق قىزلار ئارىسدا ئۇگۇنۇش بىلەنلا مەشغۇل ھالەتتە كۆرەتتى. بۇگۇنكى بۇ مەنزىرىدىن ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپلا قالدى. ۋۇجۇدىدا رەشىك ئوتى يالقۇنجاپ كۆيۇپ، يۇرۇكىنى بىئارام قىلىۋەتتى. بۇ قىزنىڭ گۇزەل ئوبرازى، جىسمى ھەم پۇتۇن كەلگۇسى پەقەت ۋارىسقا تەئەللۇقتەكلا غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. ئۇ گەرچە ئورنىدىن تۇرۇپلا كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش ھەم غەزەپ ھىسياتى يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان گۇلناز بىلەن ھېلىقى يىگىتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى كىنولاردىكى شىپىيۇنلاردەك ئاستا بۇ ئىككى گەۋدىگە يېقىنلاپ، سۇس چىراق نۇرىدا كىتاپ كۆرىۋاتقان قىياپەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى.

-چاقىرتىپتىكەنسىز ئەكرەم.
-شۇنداق، مەقسىتىمنى دىمىسەممۇ بىلىسىزغۇ، مەن سىزنىڭ ئوتىڭىزدا ساراڭ بۇلاي دىدىم، مىنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن بۇ دۇنيادا بىرەر قىزنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرۇپ باقمىغان، ھەم بۇنداق يىلىنىپ باقمىغان. بۇ قېتىملىق تەلىپىمنىڭ سىز ئۇچۇن نەچچىنچى قېتىملىق تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، سىز ئۇدا مىنىڭ كۆڭلۇمنى رەت قىلىپ كەلدىڭىز، مىنى قانچە رەت قىلغانسىرىڭىز ، مەندىن قانچە قاچقانسىرىڭىز مەن سىزگە شۇنچە ئاشىق بۇلۇپ قالدىم، تۇرغان ، ماڭغان تۇرقۇم خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەمەستەكلا...مىنىڭ بۇ كۆڭلۇمنى قاچانمۇ چۇشۇنەرسىز؟؟؟
- بولدى ئەكرەم، سۆزلىمەڭ. مەن بۇگۇن ئەدەپ يۇزىسىدىن، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزغا ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۇچۇن بۇ يەرگە چىقتىم. لېكىن مەن سىزگە يەنىلا <ياق> دىگەن جاۋاپنىلا بىرەلەيمەن. مەن سىزگە نۇرغۇن قېتىم دىدىم: ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇئەييەن نىشان، ئارزۇسى بولىدۇ. مۇنىڭ بىردىنبىر نىشانىم ياخشى ئۇقۇش ، مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇش. مەن ھازىرغىچە مۇھەببەت توغرسىدا ئويلانمىدىم ھەم ئويلانمايمەن. ھەم سىزگە نىسپتەن قىلچىلىك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدا، سۇيۇلۇش تۇيغۇلىرىدا بولۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.
- ياق، ياق...مەن ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن، سىزنى كىم بۇنداق گۇزەل، لاتاپەتلىك بولسۇن، بۇنداق ئەقىللىق، خۇشخۇي بولسۇن دەپتىكەن؟ سىز ماڭا يۇلۇقمىغان بولسىڭىز، مىنىڭ قەلب قەسىرىمگە بۇسۇپ كىرمىگەن بولسىڭىز مەن بۇنداق كۇنگە قالمايتتىم. سىز مىنى ساراڭ قىلىپ قويدىڭىز.
- ئەكرەم، ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزياخشى كۆرمەيدىغان ، قىزىقمايدىغان بىرسىگە كۆڭلىڭىزنى بىرەلەمسىز؟ ئۇنى باغرىڭىزغا باسالامسىز؟...كۇڭۇل دىگەننى مەجبۇرلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ، مىنىڭ ياتىقىمغا تېلىفۇن قىلماڭ، سىنىپنىڭ دەرىزىسىدىن قالايمىقان قارىماڭ، مەكتەپ ئىچىدە مىنىڭ ئالدىمنى قالايمىقان توسماڭ...ئەگەر سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازىمغا يامان تەسىر بىرىپ قويىسىز، سىز مىنىڭ شاللاق قىز نامىنى ئېلىپ قېلىشىمنى خالىمايدىغانسىز؟؟؟
- قاراڭ دىلناز، مەن سىزگە ھەر ۋاقىت ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن، يىلىنىپ تۇرۇپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلىپ كەلدىم. مەن ھېچقاچان بىر قىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق كۇنگە قالمىغان، مىنىڭ قانداق ئەكرەم ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىزغۇ؟..شۇڭا ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ <ياق> دىگەن جاۋابىڭىز كېرەك ئەمەس. لۇكچەك قىياپىتىم ئاشكارىلىنشتىن بۇرۇن تەلىۋىمگە ئۆز ئىززىتىڭىز بىلەن ماقۇل دەۋېلىڭ...
- نىمە؟...ماڭا پوپوزا قىلىۋاتماسىز، مەن بۇ يەرگە سىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرۇپ چىقتىم. مىنى ئۇنداق باشقا قىزلارغا ئوخشاتماڭ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ...بىلىپ قۇيۇڭ، مەن بۇ مەكتەپكە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇقۇشقا كىرگەن، ھەم مەكتەپ تەلىۋى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن. مەن پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم، سىزگە قىلچىلىك قىزىقمىغانلىقىم ئۇچۇن <ياق> دىدىم. ئەگەر ماڭا باشقىچە نىيەتتە بولىدىغان بولسىڭىز مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ، دادىڭىزغا دوكلات قىلىمەن.
ۋارىس كىتاپتىكى ئىمىر-چىمىر خەتلەرگە تىكىلگىنىچە ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ ھېلىقى تەنتەربىيە فاكولتىتىدا ئۇقۇيدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ يۇرىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى ، جىدەلخور ئەكرەم قوپالغۇ، بۇ ئەبلەخمۇ دىلنازنىڭ پېيىدە يۇرۇپتىكەندە، شۇنچە مەمەدان، ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان گۇينىڭمۇ قىزلارغا يىلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن ھە، مۇھەببەتنىڭ شاھنىمۇ گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقى راس ئوخشىمامدۇ؟ لېكىن دىلناز ئەجەپ قورقمىدا بۇ قۇپالدىن؟ شۇنداق زەردىلىك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەبلەغ دىلنازغايامانلىق قىلمىسىلا بولاتتىغۇ؟...ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويغاچ يەنىلا پاراڭغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.
- دوكلات قىلىمەن. قېنى دوكلات قىلىڭ، بولسا ھازىرلا دوكلات قىلىڭ، ئەكرەم مىنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ، ماڭا كۇيۇپ قاپتۇ، مىنىڭ دەردىمدە ئېلىشىپ قاپتۇ دەپ دوكلات قىلامسىز؟ مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي دىلناز، مەن بۇ مەكتەپتە ئۆزەم ئىرىشەلمىگەن نەرسىنى ھېچقانداق ئادەمگە ئىرىشتۇرمەيمەن. مەن سىزنى ئۇقۇش پۇتتۇرگۇچە بۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە بىرەر يىگىت بىلەن ئۇچرىتىپ قالماي ھە؟!
- خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزگە دىدىمغۇ: مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت ئۇقۇشلا بار، بەلكىم ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ ئاسپىرانت، دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرگۇچە بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالماسلىقىم مۇمكىن...
- كۆرىمىزغۇ...
- بولدى ئەكرەم، تەگەشمەيلى، ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن سىز بىلەن يەنىلا ياخشى دوست بۇلۇپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۇتۇشنى ئۇمۇت قىلىمەن. مىنى تەڭلىكتە قويماڭ، تەڭرىم سىزدەك قاملاشقان يىگىتكە مەندىنمۇ ياخشى قىزنى ئاتا قىلىدۇ . مەن قايتاي.
- بوپتۇ، قايتىپ كىتىڭ. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى يەرگە ئۇرغۇنىڭىزنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىلىپ قويۇڭ، مەن بېشىمغا ئېلىپ كۆتۇرگەن قىزلارنى يەنە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى بىلىمەن جۇمۇ...

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلناز ئەكرەمنىڭ سۆزىگە جاۋاپمۇ بەرمەي سۇكۇت ئىچىدە ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇ ۋارىسنىڭ ئالدىدىن ئېغىر <ئۇھ> تارتىپ ئۇتۇپ، ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەملەر بىلەن يۇرۇپ كەتتى. ۋارىس بىردەم دىلنازغا، بىردەم كۇچەپ تاماك چىكىۋاتقان ئەكرەمگە يۇشۇرۇن قاراپ ئېغىر سۇكۇتكە چۆمدى. دىلنازنىڭ ھەقىقى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق گۇزەل ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ يۇكسەكلىككە كۆتىرىلىۋاتاتتى. مۇشۇ ياشتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ، پۇتۇن دىققىتىنى ئۇقۇشقا ئاتىۋەتكەن قىزنى ئۇچرىتىش تەس بۇلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە، ۋارىس ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ پەرىشتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بايامقى رەشىك ئوتلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلنازنىڭ بارلىق سۆزلىرى ئۇنىڭغا < ئەكرەم، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، مىنىڭ لايىقىم بار، مەن پەقەت ۋارىسنىلا ياخشى كۆرىمەن، ۋارىستىنلا بارلىق بەختىمنى تاپىمەن....> دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى شىرىن چۇش ئىدى. ئەكرەمدەك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆلەتۋاز، بايۋەچچە ئوغلىنى رەت قىلغان دىلناز قانداقمۇ ۋارىسنىڭ ساددا مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلالىسۇن....
ۋارس ياتاققا ئېغىر خىياللار ئىچىدە كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى. ئۇزىنىڭ كەچلىك تاماق يىمىگەنلىكىنىىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ شىرىن ئۇيقۇسىنى بۇزماسلىق ئۇچۇن ئۆزىنى شۇنچە ئۇيقىغا زورلىسىمۇ ، ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ ئۇيان-بۇيان نەچچە رەت ئۆرۇلگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋات بېشىدىكى كىچىك چىراقنى ئاستا ياندۇردى. ياستۇق ئاستىدىن تۇركىيە يازغۇچىسىنىڭ <لەۋدىن قەلبكە> دىگەن كىتاۋىنى ئېلىپ، قاتلاپ قويغان يىرىدىن باشلاپ ئۇقۇشقا باشلىدى....
مۇرادىل تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ دوستىنىڭ ئىشلىرىغا چىن يۇرۇكىدىن كۇڭۇل بۇلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پات-پات ئۇھسىنىشلىرىدىن، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن، دەرستە چىكىنىپ كىتىشىدىن يۇرىكى پۇچۇلىناتتى. ئۇ دوستىنىڭ كىتاپ ئۇقۇپ تۇرۇپ، پات-پات تۇرۇسقا قاراپ ئۇنسىز خىيال سۇرۇشلىرىگە قاراپ ياتتى. ئۇ :مەن بۇ دوستۇمغا زادى ياردەم بەرمىسەم بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ، مەيلى رەت قىلسۇن، رەت قىلمىسۇن بۇ دوستۇم كۆڭلىنى چۇقۇم دىلنازغا بىلدۇرۇشى كېرەك. بەلكىم ئېغىر رەددىيەگە ئۇچرىسا بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت بىر چۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، دىلنازدىن ئۇمۇت ئۇزۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالسا ئەجەپ ئەمەس ...دىگەنلەرنى ئويلىدى...
يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۇنىمۇ كەلدى. ياتاقتىكى ھەممە ساۋاقداشلار رەتلىك كىيىنىپ سىرتقا چىقىپ كىتىشىتى. ۋارىس بۇگۇن چۇشكىچە قېنىپ ئۇخلىدى. نەچچە كۇندىن بۇيانقى ئۇيقۇسىز تۇنلەردىن بۇگۇن دەردىنى تازا ئالدى. ئۇ خېلىلا جۇدەپ قالغان بولۇپ، قاپقارا ئۇلىما قاشلار ئاستىدىكى چوڭ قوي كۆزلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، يىگىتلىكنى نامايەندە قىلىۋاتقان ساقال -بۇرۇتلىرىمۇ خېلىلا ئۆسۇپ، ھارغىن چىرايىغا تېخىمۇ ھارغىنلىق بىرىپ قويغان ئىدى. ئۇ تەستە ئورنىدىن تۇردى. يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن چامادانىنى نەچچە رەت ئۆرۇپ-چۆرۇپ باققان بولسىمۇ، يۇيۇپ قاتلاقلىق پاكىزە كىيىمدىن بىرەرىنىمۇ تاپالمىدى. شۇ تاپ ئۇ ئۆزىنىڭ پات يېقىندا كىىيىم-كىچىكىنى يۇيۇپ باقمىغانلىقىنى ئەسلەپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغۇنىچە ، ئېغىر جىسمىنى يەنە كارۋاتقا تاشلىدى....

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارىس يەنە بىر ئۇزاق خىياللار ئىچىدە ياتتى. خىيالىدا بىر پەرىشتە ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيتتى. خىياللىرى خىياللارغا قۇشۇلۇپ، نۇرغۇن شىرىن دەملەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇپ چىقتى. نۇرغۇن ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمرا بولدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز يېزىدىكى جاپاكەش ئاتا-ئانىسى كەلدى. ماڭلايلىرىدىن چىپ-چىپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى سۇرتكۇنىچە ، ئېتىز بېشىدا قاتتىق زاغرا غاجاپ، كەڭ ئېتىزغا شۇنچىلىك ھارغىن نەزەردە قاراۋاتقان بىر جۇپ چىراي ئۇنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئەتتى. دادا پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزلارنى ئوغۇتلىۋاتاتتى، ئانا شۇ جېنىدا ئېغىر كەتمەننى كۇچەپ چېپىۋاتاتتى، ئۇلاردىكى ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلار ، پىشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلار، قاپارغان قوللار، رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن كونا كىيىم-كىچەك، ھارغىن چىراي...ۋارىس خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. كۆز جىيەكلىرىگە كىلىپ قالغان ئاچچىق ياشلىرىنى يۇشۇرماقچى، ئازاپلىق خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى.
يار دەردىم دىگەن ناخشىنى بۇلۇشىغىچە توۋلاپ ياتاققا كىرىپ كەلگەن مۇرادىل تېخىچە كارۋاتتىن چۇشمەي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرغان ۋارىسنى كۆرۇپ ئىشىك تۇۋىدە جىممىدە توختاپ قالدى. ھەم كەيپىياتنى كۆتۇرۇش ئۇچۇن دەرھاللا چاقچاققا ئۆتتى:
-ھەي ، ئاغىنە، سەن ئىشەكمۇ يا ئادەم، قارا سائەت نەچچە بولدى؟ قۇتۇر ئىشەكمۇ جېنىدا بۇ كەمگىچە جاڭگالدىن نەچچە ھارۋا ئۇتۇن تۇشۇپ بولدى. سەن نىمانداق تېخىچە ياتىسەن؟- ۋارىس كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ دوستىغا تىكىلدى. كۆزلىرىدىن بىر تالاي ھەسرەت تۇكۇلۇپلا تۇراتتى. ئۇ ئاستا پۇتىنى كارۋاتتىن چۇشۇرۇپ، ھارغىنلىق بىلەن سورىدى:
- سائەت قانچە بولغاندۇ؟
- ئۇچ بولدى، ئۇچ...يەنە بىر ئاش پىشىمدىن كىيىن كەچ بولىدۇ...
- نىمە؟...ۋارىس ئەندىككەندەك دەرھاللا سائەتكە قارىدى. سائەت مۇرادىل ئېيتقاندەك راسلا 3 بولغان ئىدى...- توۋا، ئەجەپ مۇشۇ چاققىچە يېتىپتىمىنا؟ قورسۇقۇممۇ ھېچ ئاچماپتۇ...
- ئاۋۇ خىيالىڭدىكى پەرىشتىنى ئويلاپ ياتساڭ قانداقمۇ قورسۇقۇڭ ئاچىدۇ ئاغىنە؟ ساڭا ئاشۇ قىز بولسىلا بولىدىغۇ...
- بولدى . ئادەمنى مازاق قىلمىغىنا ، مەنمۇ ئويلىنىۋاتىمەن ھەم كۆپ ئويلاندىم. مەن كىم زادى؟ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ مەن نىمانداق ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىشلەپ ، خىيالپەرەسلىك ئىچىدە ياشايمەن؟ مىنىڭ بۇ مەكتەپكە كىلىشىم نىمە ئۇچۇن؟ ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنسىز جاپا چىكىشى كىم ئۇچۇن؟ ئاشۇ قىزنى دەپ ، ئاشۇ شىرىن چۇشنى دەپ مەن مۇشۇنداق بۇلۇپ كەتسەم بولامدۇ؟ قېنى مىنىڭ نەتىجەم؟ قېنى مىنىڭ گۇزەل ئارزۇلىرىم؟ قېنى مىنىڭ كەلگۇسۇم؟...مەن راستىنلا ئۆزەمگە ئوخشىمايلا قېلىۋاتىمەن. نىمە ئۇچۇن خۇدا ماڭا نىسىپ قىلمىغان نەرسىگە شۇنچە تەلپۇنىمەن؟ نىمە ئۇچۇن ئۆز يۇلۇمدىن سىرت يول تۇتىمەن؟...ۋارس مۇرادىلنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىش ئورنىغا، ئۆزىگە ئۆزى بىر تالاي سۇئاللارنى قويۇپ كارۋاتتىن ئاستا چۇشتى.
-ئۇھ، خۇداغا شۇكرى ...سىنىڭمۇ ئۆزۇڭنى تۇنۇپ يىتىدىغان ۋاقىتىڭ كىلىدىكەن ھە، ئۇ قىزغا ئاشىق بولغۇنىڭنى گۇناھ دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا بەك ئېسىلىۋالدىڭ ، كۇيۇك ئازابىنى بەك تارتىپ كەتتىڭ. بولدى، سەنمۇ ئۇغۇل بالىغۇ، مەيلى نامرات ، گاداي بول سىنىمۇ ئاپاڭ ئۇغۇل بالا دەپ تۇققان. شۇڭا كۆڭلۇڭنى ئۇ قىزغا ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادىلەپ باق. ئۇ قۇشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سەندەك بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى سۇيىدىغانلىقىنى، قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن...قوپە ئاداش، بۇنداق يېتىۋەرسەڭ ھۇرۇن ئىشەكتىن قىلچە پەرقىڭ قالمايدۇ. قورسۇقۇڭمۇ ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەندۇ، بازار ئايلانغاچ ، قورساقنى توقلاپ مۇڭدۇشۇپ كىلىمىز...
- مىنىڭ كەيگۇدەك پاكىزە كىيىمىم قالماپتۇ.

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرادىل ۋارىسنىڭ چامىدىنى ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان كىيىملەرگە قاراپ قويدى. بۇ ئاددى ساددا دوستىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئىچىدە بىرەر ئالاھىدە ماركىلىق كىيىم-كىچەكمۇ كۇرۇنمەيتتى.
- كىيىملىرىڭنى دىلناز قىزنى يۇيۇپ بىرەمدىكىن دەپ ساقلاپ قويغانما؟ ئۇكۇنلەرمۇ كىلىپ قالار، ۋاقتى كەلگەندە مىنىڭ كىيىملىرىمنىمۇ يۇدۇرۇپ بىرەرسەن ھە، مانا كىيىم، ئۆزەڭ ياقتۇرغاننى كىيىپ تۇرغىن،- مۇرادىل چامادانىدىن 4-5 قۇر كىيىمنى ئېلىپ ۋارسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
ۋارىس بىلەن مۇرادىل سىرتقا چىقتى. ۋارىس ئاغىنىسىنىڭ سۆزلىرىدىن خېلىلا يىنىكلەپ قالغان بولۇپ، قىممەتلىك بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك خېلى جۇشقۇن كۆرۇنەتتى. يول ئارىلىقىدا، تاماق ۋاقتىدا، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇرادىل ۋارىسقا بىر مۇنچە مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتتى. ئۇنى دىلنازغا تەلەپ قويۇشقا ، ھېچ بولمىسا خەت ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بېقىشقا ئۇندىدى. مۇھەببەتنىڭ مۇرەككەپ ھىسيات ئىكەنلىكىنى، گۇزەل قىزلاردىمۇ نازۇك ھىسيات بۇلىدىغانلىقىنى، ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ ساددا، تىرىشچان ، كىلىشكەن يىگىتلەرنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى... ۋارىسقا سۆزلىدى. يىتىم غېرىپنىڭمۇ شاھ قىزى سەنەم پىراقىدا بىر تالاي كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى ۋىسالىغا يەتكەنلىكىنى، ئاددى بىر خىزمەتچىنىڭمۇ ساچىر خانىمدەك دۆلەت ۋەزىرى بىلەن شۇنداق بەخىتلىك ياشىۋاتقانلىقىنى...ئىشقىلىپ بىر تالاي مىساللارنى توختىماي سۆزلەپ چىقتى... ئۇنىڭغا مەدەت ، ئىلھام بەردى. ھەم ئاخىرى ۋارىسنى دىلنازغا كۆڭلىنى ئۇچۇق بىلدۇرۇشكە كۆندۇردى...
ۋارىس دىلنازغا قانداق ئېغىز ئېچىش، ھىسياتىنى قانداق ئىپادىلەش توغرسىدا كۆپ باش قاتۇردى. ياتاقتا يالغۇز قالغاندا، دەرس ئارىلىقىدا، ھېلىقى گۇللۇكتە...دىلنازغا دەيدىغان سۆزلىرىنى نەچچە-نەچچە رەت يادلاپ چىقتى. يادلاش جەريانىدىمۇ خۇددى دىلناز ئالدىدا تۇرىۋاتقاندەك دۇدۇقلاپ، كىكەچلەپ، ئوتتەك قىزىرىپ ، ھەر قېتىمدا ئېلىشپ كەتتى. ھەر قانچە پىششىق يادلىسىمۇ ، ھەرقانچە سەمىمى ، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قاتسىمۇ لېكىن يەنىلا مۇكەممەل ئەمەستەك ھىس قىلدى. ئۇ شۇنچە ئىمتاھانلارنىڭ ئۆتكەللىرىدىن ئۇتۇپ كەلگەن. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانلىرىغا، نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۇزۇلگەن زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان، نۇرغۇن توم-توم كىتاپلارنى قارىلاردەك يادلاپ چىققان، نۇرغۇن چىگىش ، مۇرەككەپ سۇئاللارغا شۇنچىلىك تەدبىرلىك بىلەن جاۋاپ بەرگەن. نۇرغۇن دوكتۇر، پىراپىسورلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن ئولتۇرغان. لېكىن ئەمدىلىكتە مۇشۇنچىلىك كىچىك سىناق ئالدىدا شۇنچە تەمتىرەپ ، جىددىلىشىپ كىتىشى نىمە گەپ؟... مۇھەببەت دىگەن شۇنچىلىك قۇدرەتلىك نەرسىمىدۇ ھە؟ ھېچقانداق ئادەم ئالدىدا تەمتىرەپ باقمىغان ۋارىس ئەجەپ بۇ قىزنى كۆرمەي ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلماي تۇرۇپ كالۋالىشىپ كىتىپ بارىدۇ دىسە؟...
ۋارس نەچچە رەت مەشىق، نەچچە رەت ئويلۇنۇش، نەچچە رەت ئىككىلىنىشتىن كىيىن ، يۇز تۇرانە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش نىيتىدىن ياندى. -مەن ياخشى كۆرگەن قىز بەلكىم دىلناز بولماي باشقا بىر قىز بولغان بولسا بەلكىم بىۋاستە كۆرۇشكەن بولغىيتتىم، لېكىن ئەكرەمدەك پوچى يىگىتلەرگە سۆز بەرمىگەن قىزغا بىۋاستە شىلتىڭ ئاتسام سۆزلىرىمگە قانداق جاۋاپ بىرەر ؟ بىر مۇنچە قىز -يىگىتلەر ئارىسىدا قاقاقلاپ كۇلۇپ، مىنى مازاق قىلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟ <ئەپتىڭىزگە قاراڭ >، ياكى بولمىسا <ياتىقىڭىزدا ئەينەك يوقمۇ؟> دىگەندەك جاۋاپلارنى بەرسە، < يۇقال ماز، ئەبلەخ> دەپ تىللاپ كەتسە ئۆلگۇنۇم شۇ ئەمەسمۇ؟...بولدىلا ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىقلا يازاي، مەن يېنىدا بولمىغاندىكىن خەتنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋىتەمدۇ؟ كۆيدۇرىۋىتەمدۇ؟ مىنى بولۇشىغىچە تىللامدۇ؟...ئۆزىنىڭ ئىشى...لېكىن مەندەك بىر سەمىمى يىگىتنىڭ ئۆزىنى غايىۋانە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسىلا بولدى...- ۋارىس بىر ھازا خىياللاردىن كىيىن شۇنداق قىلىشنى لايىق تاپتى.
دىلناز بىر دوستى بىلەن ياتاق بىناسىدىن شوخ كۇلكىلەر ئىچىدە چىقىپ كەلدى. ئۇ يەنىلا ئاۋالقىدەكلا شۇنچىلىك ئۇماق، شۇنچىلىك خۇشخۇي ئىدى. ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالغان چېچى ئۇنى ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدەكلا شۇنداق سەبى كۆرسۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ بىر قولىدا كىچىككىنە چاماداننى كۆتۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا دوستىنى قولتۇقلاپ مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . گۇللۇكتىكى ئورۇندۇقتا مۇرادىل بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ۋارس جىددىلىشىپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى خەت قىستۇرۇلغان كىتاپنى كۇچ بىلەن مۇجۇقلىدى. شۇ تاپ ئۇ بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان دىلنازغا قاراپ شىددەت بىلەن سۇقۇۋاتقان يۇرۇگۇنى ئاستا سىلاپ قويدى. شۇ دەمدە ئۇنىڭ كاللسىدا قىز ئالدىغا بېرىش-بارماسلىق، نىمە دەپ ئېغىز ئېچىش، قولىدىكى كىتاپنى قانداق بىرىش توغرىسىدا كۇرەش بۇلىۋاتاتتى. ئۇ ھاياتىدا بىرەر قىزغا سۆيگۇ مەكتۇبى سۇنۇپ باقمىغاچقىمۇ شۇنچىلىك جىددىلەشتى، شۇنچىلىك تىترىدى. ھەتتا نىيتىدىن دەرھال يېنىپ ياتاققا كىتىشنى، ياكى بولمىسا دىلنازنى كۆرمىگەن بولۇپ ئولتۇرىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى...
-قۇپە ئاداش، مەن بىرگە كەلمىگەن بولسام ئاللىبۇرۇن قۇيرۇقىڭنى تىكىۋىتەرسەنكەن. نەرىڭ ئۇغۇل بالا سىنىڭ . ئۇ ئادەم يەيدىغان ئالۋاستى ئەمەس بىر گۇزەل پەرىشتە...مۇشۇنچىلىك ئۆتكەلدىن ئۇتەلمىسەڭ ئالدىڭدا يەنە نى-نى ئىشلار بار جۇمۇ ...بۇلە...- مۇرادىل مېڭىشنى ياكى تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان ۋارسىنى دىلناز كىلىۋاتقان تەرەپكە كۇچ بىلەن ئىتتىردى...

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قىز ئالدىغا تۇيۇقسىزلا سەنتۇرۇلۇپ كەلگەن ناتۇنۇش يىگىتتىن ئەندىكىپ ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار كۆز ئالدىدا نىمە قىلىشنى بىلمەي تاتىرىپ كەتكەن ۋارسىنى كۆرۇپ ، بىر-بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى.
- دىلناز، مە...ن ....مەن....
ۋارس ئۆزىنىڭ دىلناز ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى. گەرچە بۇگۇن شۇنداق ياسىنىپ-تارىنىپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىزە قىردۇرۇپ، يېڭى سېتىۋالغان كاستومىنى قاتۇرۇپ كىيىپ ، خېلىلا سالاپەتلىك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا شۇنچىلىك تۇۋەن، شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىلدى. تىلى كىكەچلەپ ھېچ گەپكە كەلمەيتتى.
- نىمە ؟ بىزدە بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى؟- دىلناز ئىرەنسىزلا سورىدى.
مەن،مەن ....مىنىڭ، مىنىڭ...ياق، بۇ كىتاپ...
دىلناز ئالدىدا كۆزىنى قۇلىدىكى كىتاپتىن ئۇزمەي، كىكەچ ئادەمدەك دۇدۇقلاپ، شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يىگىتكە سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىدى. <ئەجەپ تۇنۇش چىرايغۇ بۇ؟ بۇ يىگىتنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟...> دىگەنلەرنى ئويلىدىيۇ لېكىن دەماللىقتا قايەردە، نىمە پائالىيەتتە كۆرگەنلىكىنى ئىنىق ئەسلىيەلمىدى. شۇ ئارىدا دىلنازنىڭ دوستى بىر نەرسىنى سەزگەندەك:
-دىلناز، مەن ماڭغاچ تۇراي، ئەتە كۆرۇشەيلى،- دىگىنىچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ ماڭدى. ئارىنى بىردەملىك سۇكۇت باستى...
- قېنى، مەن سىزگە قاراپ قالدىم.
ۋارس شۇ تاپ ئۆزىنى گۇرۇلدەپ كۆيىۋتقان گۇلخان ئۇستىدىكىدەكلا ھىس قىلدى. بىر ئوت ئۇنى ھازىرلا كۇل قىلىپ تاشلايدىغاندەك پۇتۇن جىسمى قىزىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ ھايات-مامات ئالدىدىكى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئادەمدەك دىلىغوللۇق ئىچىدە قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى بارلىق كۇچ-قۇدرىتىنى يىغىپ، ناھايىتى زور غەيرەتتە ئاستا بېشىنى كۆتۇرۇپ دىلنازنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئاھ! ئاتەش كۆزلەر، سىھرلىك جادۇ كۆزلەر، ئۇنى مەپتۇن قىلغان، ئۇزۇن-ئۇزۇن كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز تاڭغا ئۇلىغان كۆزلەر، ئۇ تىلىكدىيۇ دەرھاللا بۇ كۆزلەرنىڭ سىھرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي يەنىلا كىتاپقا قارىۋالدى.
-مىنىڭ ئىسىمىم ۋارىس، خىمىيە فاكولتىتىدىن، سىز بىلەن بىر قارارلىق...
- شۇنداقمۇ؟
- ۋارىس قولىدىكى كىتاپنى قانداق بىرىش توغرىسىدا جىددى كىرزىسكە دۇچ كەلدى. نىمە دەپ بىرىشى كېرەك؟ ھازىرغىچە بىرە ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىغان قىزغا كىتاپنى نىمە دەپ سۇنىدۇ؟ بۇ قىز < ساراڭ، مىنى نىمە كۆرۇپ قالدىڭ، ئەرزىمەس كىتاۋىڭنى چىكەڭگە تېڭىۋال...> دەپ سالسا ئۇنىڭغا بۇ نىمە كۇن؟...ئۇ بىر ھازا دىلىغوللىقتىن كىيىن ئۆزىنى دەرھاللا ئوڭشىۋالدى.
- سىز مىنى تۇنۇمايسىزغۇ دەيمەن، لېكىن سىز ماڭا بەك تۇنۇشلۇق...- ئۇ شۇ گەپنى دىدىيۇ ئۇڭايسىزلىنىپ يەنە ۋىللىدە قىزاردى،- سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىزنى مەكتەپ ئەدىبى ژورنىلىدا كۆپ ئۇچرىتىمەن. ئەدىبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى كىتاپ ئۇقۇشقا بەك ھىرىسمەن كىلىدۇ. بۇ كىتاپنى مەن بىر نەچچە رەت ئۇقۇپ چىقتىم. بەك ياخشىكەن. شۇڭا سىزنى ئۇقۇپ باقامدىكىن دەپ...- ئۇ قولىدىكى <لەۋدىن قەلبىكە> دىگەن كىتاپنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دىلنازغا ئۇزاتتى.
دىلناز يىگىتنىڭ يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ، تىترەڭگۇ ئاۋازىدىن، شەپەقتەك قىزىرىشىدىن بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى. <ئەجەپ يۇزى تۇۋەن بالىكىنا...> دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ ۋارسىنىڭ تەسەۋۋۇرىدەك قىلمىدى، كايىپمۇ كەتمىدى، زەردىلىك گەپلەرنىمۇ قىلمىدى، ئىرەنسىز ھالدا گەپ سۆزسىز ئۆز يولىغىمۇ كەتمىدى. ئۇ شۇنچىلىك رايىش، شۇنچىلىك سىپايىلىق بىلەن ۋارىسنىڭ قولىدىن كىتاپنى خۇددى كىتاپ مۇقاۋىسىدىكى بىر تال قىزىل ئەتىرگۇلنى ئالغاندەك ئاۋايلاپ ئالدى، بارماقلار بىلىنەر-بىلىنمەس تىگىپ كەتتى. شۇ تاپ بىر ئوت ۋارىسنىڭ بارماقلىرىدىن پۇتۇن بەدىنىگە گۇپپىدە قىلىپ تۇتۇشۇپ، ئۇنى ئاجايىپ يىگىتلىك تۇيغۇلىرىغا چۆمدۇرىۋەتتى...
-رەخمەت، ئاۋارە بوپسىز، مەن كۆرۇپ باقاي. لېكىن كىتاۋىڭىزنى چۇقۇم سىزگە قايتۇرۇپ بىرىمەن...
- بولدى، بولدى، قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىڭ، ھەر بىر بەتلىرىگىچە...
- چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىمەن، بولدى مەن ماڭاي، دادام مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن ئۆيگە قايتماقچىدىم...
دىلناز ۋارس بىلەن خۇددى كونا تۇنۇشلاردەك شۇنچىلىك سەمىمى، خۇشچىراي تەبەسسۇم بىلەن خوشلاشتى. ئۇ كىتاپنى ئەمەس ۋارسىنىڭ يۇرىكىنى، ئوت بۇلۇپ يانغان قەلپ قەسىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بىر ياشنىڭ دەرتلىك ئاھ-زارىنى، مۇڭ ھەسرىتىنى، يۇشۇرۇن كۇيۇك ئازابىنى ئېلىپ ماڭدى.

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتلىك مۇڭلۇق، مىسكىن ناخشىسىنى ئېلىپ ماڭدى...ئۇ دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۇشۇپ ماشىنىغا چىقتى. لېكىن ئۆيىگە كەلگۇچىلىك جىمجىتلا ئولتۇردى. دادىسىنىڭ سۇئاللىرىغا <ھە، ياق> دەپلا جاۋاپ بىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكى كىتاپنى پات-پات سىلاپ قوياتتى. ۋارسىنىڭ كىلىشكەن، قامەتلىك، ساددا چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرەتتى. بۇ يىگىتنىڭ تۇنۇش چىرايىنى قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئىزدەيتتى. لېكىن تاپالمايتتى. ئۇ شۇ خىياللار ئىچىدە كىتاپنى مەقسەتسىز ۋاراقلىۋېتىپ، يۇرەك شەكىلدە قاتلانغان بىر پارچە خەتنى كۆرۇپ قالدى. كۆزلىرى چوڭ-چوڭ ئېچىلىپ، يۇرىكىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى جىغغىدە قىلدى...
- نازىر، ئۇدۇل ئۆيگىلا ھەيدەمدىم؟- شۇپۇر يېنىدا كۇلۇمسىرەپ ئولتۇرغان دىلنازنىڭ دادىسىدىن ئىلتىماس قىلدى.
- شۇنداق، ئاپىسى ئۆيدە ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ شۇدەم، قىزىممۇ ئاپىسى ئەتكەن تاتلىق بىر قاچا تاماقنى سېغىنغاندۇ؟- ئۇ ئاستا ئۆرۇلۇپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولغان قىزىغا قاراپ قويدى.
ماشىنا مەخسۇس نازىر دەرىجىلىك كادىرلار ئۇچۇن سېلىنغان قوش قەۋەتلىك بىر گۇللۇك داچىغاكىلىپ توختىدى. دىلناز كىچىك چامادان بىلەن كىتاپنى كۆتۇرۇپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ بىر خىل ھەيرانلىق، جىددىلىك ئىچىدە، تىز-تىز سۇقۇۋاتقان يۇرەك تىۋىشىنى تىڭشىغاچ دەرىزىلەرنى كەڭ ئېچىۋەتتى. شۇ تاپ ئۇنى ئۇستەل ئۇستىدىكى كىتاپ، ياق كىتاپ ئەمەس ھېلىقى خەت قىزىقتۇرىۋاتاتتى. ئۇ يۇز-كۆزىنىمۇ يۇماستىن خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى.
<قەدىرلىك دىلناز....>
خەت شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك سەمىمى يېزىلغان ئىدى. خەتنىڭ پۇچۇركىلىرىدىنلا بۇ يىگىتنىڭ ئەستاھىدىللىقى، تىرىشچانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دىلناز ھازىرغا قەدەر بۇنداق مۇھەببەت خېتىدىن نەچچە ئوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، نەچچە ئوننى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىغان، مەمەدان يىگىتلەرنىڭ ئاھ، ۋاھ دەپ يازغان بىمەنە مەكتۇپلىرىغا سۇغۇقلا كۇلۇپ قويغان ئىدى. لېكىن بۇ خەت ئۇ ھازىرغىچە تاپشۇرۇپ ئالغان ھېچقانداق خەتكە ئوخشىمايتتى. خەتتە يىگىتنىڭ نامرات تۇرمۇشى، ئۇقۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قوشۇلۇپ دىلنازنى ياخشى كۆرۇپ قالغان، يۇشۇرۇن كۆيگەن، ئازاپلانغان مۇڭلىرى پۇتۇلگەن ئىدى. ئۇ خەتتە دىلنازدىن مۇھەببەتمۇ تەلەپ قىلمىغان، ھەم بۇنداق تەلەپ قويۇشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزنىڭ دىلنازغا قەتئى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سەمىمىلىك بىلەن ئىنىقلا ئېيتقان ئىدى. پەقەت ئۆزىدىكى روھى بېسىمنى، چۇشكۇنلۇكنى، دەرتنى بېسىقتۇرۇش ئۇچۇن بۇ خەتنى يازغانلىقىنى شۇنچىلىك چىن ئىپادىلىگەن ئىدى.
دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى. كۇلگۇن چىرايىنى مۇڭ باستى. سەمىمى يىگىتنىڭ ساددا قامىتى، خېتى ئۇنى خېلىلا تەسىرلەندۇرگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئاستا ئۆزىگە: بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، مەندە پەقەت ياخشى ئۇقۇش ئارزۇسىلا بولۇشى كېرەك،- دەپ پىچىرلاپ قويدى. لېكىن ۋارىسقا بەرگەن ۋەدىسى ئۇچۇنمۇ كىتاپنى بىر كىچە كىرپىك قاقماي ئۇقۇپ چىقتى...

ۋارىس ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغان ئىدى. ئۇ كىتاپ ۋە خەتنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن شۇنچىلىك يىنىكلەپ قالدى. خۇددى بىر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق ئورۇندىغاندەك، چىگىش بىر تۇگۇننى يىشىپلا ھەل قىلغاندەك، دىلنازنىڭ مەڭگۇلۇك ۋىسالىغا ئىرىشكەندەك...خوشال ئىدى. لېكىن يەنە دىلنازنىڭ جاۋابىدىن ئەنسىرەيتتى. گەرچە دىلنازنىڭ <كەچۇرۇڭ، كۆڭلىڭىزنى يەردە قويىدىغان بولدۇم...> دىيىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئۇنىڭ كىلىپ شالاققىدە بىرنى تۇكۇرىشىدىن، يۇرەكنى تىلغۇدەك زەھەرلىك گەپلەر بىلەن ئۇنى ئازاپلىشىدىن ئەنسىرەيتتى...

دۇشەنبە كۇنى ئەتىگەنلىك دەرستىن چۇشۇش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ساۋاقداش ھەممىسى مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. ۋارىسمۇ مۇرادىل بىلەن قۇچاقلىشىپ خېمىيە فاكولتىت بىناسىدىن چىقتىيۇ ، ئىشىك تۇۋىدە ھېلىقى كىتاپنى تۇتۇپ تۇرغان دىلنازنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتى. لېكىن دىلناز شۇنچلىك سالماق، شۇنچىلىك جەزبىدار ئىدى. ئارىدا ھېچ ئىش يۇز بەرمىگەندەك ۋارىسقا قاراپ كۇلۇپ قويدى. ۋارس جىددىلىشىپ سورىدى:
- بىرسىگە ساقلاۋاتامسىز؟- ۋارىس ئۆزىنىڭ سۇئالدىن ئۆزى ئەندىكىپ كەتتى.
- ھە، سىزگە ساقلاۋاتىمەن، بولماپتۇما؟...
بىر مەزگىللىك رىتىمغا چۇشكەن يۇرەك يەنە ئېغىر-ئېغىر سۇقۇشقا ئۆتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋارسىنىڭ يۇزى چىلىق تەرگە چۆمۇپ كەتتى. ئۇ دىلنازنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. پۇتۇن مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بۇ قىز شۇ تاپ ۋارىسقا تەبەسسۇم بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى... ئۇنىڭ كاللسىدا چاقماق تىزلىكىدە نۇرغۇن سۇئاللار ئەگىدى. ئەمدى نىمە ئىشلار بولۇپ كىتەر؟ دىلناز نىمە دەپ كەلگەندۇ؟ كىتاپنى يۇزۇمگە ئاتارمۇ؟ خەتنى كۆز ئالدىمدا، بارلىق ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا يىرتىپ-يىرتىپ تاشلاپ ماڭارمۇ؟... ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدى.
- ياخشى بوپتۇ،- ئۇ ئۆزىنىڭ گىپىدىن ئۆزى خىجىل بولدى،- مەنغۇ سىزنىڭ ساقلىشىڭىزغا ئەسلا ئەرزىمەيمەن.
- كىم شۇنداق دەيدۇ؟ سىز ئەجەپ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيدىكەنسىز ، سىزمۇ نى-نى قىزلارنىڭ ساقلىشىغا ئەرزىيسىز...
-ئۇھ،- ۋارس ئېغىر تىندى. ئۇنىڭ بايامقى قورقۇنۇچلۇق خىياللىرى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى.
-ۋارس، سىزگە دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى، ئايرىم پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
-ئەلبەتتە بولىدۇ، جان دەپ...- ۋارىس مۇرادىلغا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ،دىلناز بىلەن گۇللۇك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ شۇ تاپ ئۆزىنى تۇلىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتاتتى. مۇشۇنداق بىر گۇزەل قىز بىلەن بىرگە مېڭىۋاتقانلىقىدىن، ئۇماق لەۋلىرىدىن تاتلىق گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتاتتى. ئۇلار شۇنچىلىك ئەركىن، بەھۇزۇر پاراڭلىشىپ ماڭدى. ئەتراپتىكى نۇرغۇن كۆزلەر ئۇلارغا ھەيرانلىق، تەئەججۇپ ئىچىدە قاراپ قالدى. شۇ دەقىقىدە ئۇلار ئاشۇ نۇرغۇن كۆزلەر ئىچىدە مەيداندا ۋاسكىتبول ئويناۋاتقان بىر جۇپ كۆزنىڭ ئۇلارغا مىختەك تىكىلگىنىنى، قانخور ئالۋاستىنى ئەسلىتىدىغان بۇ چىراينىڭ تېخىمۇ قارىداپ، چىشلىرىنىڭ كىرىشىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدى...

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ۋارىس، مانا كىتاۋىڭىز، ئۇقۇپ بولدۇم، ئەمدى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بىرەي،- دىلناز قولىدىكى كىتاپنى ۋارىسقا سۇندى.
- ياق، ياق، مەن بۇنى سىزگە سوۋغا قىلغان، بۇ ئاددىلا بىر كىتاپقۇ،- ۋارس شۇنداق دىدىيۇ، دىلنازنىڭ سۇنغان قولىنى قايتۇرۇشنى لايق كۆرمەي كىتاپنى ئاستا قولىغا ئالدى. بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك كىتاپنى <شاررىدە> بىر ۋاراقلاپ چىقتى.
- مۇھىم نەرسە مەندە قالدى، ئۇنى قايتۇرمۇدۇم،- دىلناز نەزىرىنى دەرھال ئالدىدىكى ھۆپپىدە ئېچىلغان گۇللەرگە ئاغدۇردى.- ئۇ ماڭا مەنسۇپ نەرسىدۇ؟
- ھە، ھە...-ۋارس دۇدۇقلاپ كەتتى،- سىز خالىسىڭىزلا...
ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. ۋارىس بۇكونا جايدا شىرىن خىيالدا ئەمەس، بەلكى رىئاللىق ئىچىدە دىلناز بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. دۇنيانىڭ ئىشىلىرى قىزىق بولىدۇ دىسە؟ ئۇ بۇنداق بىر ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا يۇز بىرىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇش يولى تەسەۋۋرىدىكىگە قەتئى ئوخشىمايۋاتاتتى. دىلنازنىڭ بايىقى سۆزلىرىدىن ۋارس بىر قىممەتلىك نەرسىگە ئىرىشىش تۇيغۇسىغا چۇمۇپ ئۇلگۇردى. <سىزنى بۇنداق ئازاپلاشنى خالىمىدىم، تەلىۋىڭىزگە قۇشۇلدىم....> دىگەن يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭ ئېڭىدا ئاستا پىچىرلايتتى.
-ۋارس، قايسى كۇنى سىزنىڭ چىرايىڭىز ماڭا شۇنداق تۇنۇشتەك بىلىندى. لېكىن ئەسلىيەلمىدىم، بىز بۇرۇن كۆرۇشكەنمۇ؟- دىلناز سۇئال نەزىرى بىلەن ۋارسىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.
- ھە،- ۋااس كۇلۇپ قويدى،- مۇشۇ يەردە كۆرۇشكەن، لېكىن سىز مىنى ئەمەس، مەن سىزنى كۆرگەن، مۇشۇ يەردە سىزنى يېرىم يىلدىن ئارتۇق ساقلىغان، گۇزەللىكىڭىزگە، تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايىڭىزغا تويماي قارىغان، دەرتلىرىمنى سىزگە پىچىرلىغان، قەدەم ئىزلىرىڭىزدىن بەختىمنى ھىدلىغان....
دىلناز تۇرۇپلا قالدى. بۇ تۇنۇش چىراينىڭ گۇللۇكتىكى كىتاپ كۆرىۋاتقان، يىراقتىن قارىۋاتقان سىماسى كۆز ئالدىدىن غىل-پال ئۆتكەندەك بولدى. ئۇ شۇ تاپ قەلبىدىكى سۆزلەنى ئېيتىشىنىڭ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى.
- ۋارس، ئاۋۇ گۇللەرگە قاراڭ،- دىلناز گۇللۇكتىكى رەڭگارەڭ ئەتىرگۇللەرنى كۆرسەتتى،- باغۋەن مۇشۇ گۇللەنى ئېچىلدۇرۇش ئۇچۇن قانچىلىك جەۋىر چىكىدۇ ھە؟
- نىمە؟- ۋارس دىلنازنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۇشەنمىگەندەك، ئويچان كۆزلىرىنى گۇللەرگە ئاغدۇردى.
- بىريىگىتنىڭ بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قېلىشى تەبىئى، مەن بۇنى چۇشۇنىمەن،- دىلناز شۇنچىلىك سىپايىلىق بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى. - خېتىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم، شۇنداق سەمىمى...دىھقان پەرزەنتىلىرى شۇنداق سەمىمى بولامدىكىن يە؟ يېزىدىكى جاپالىق تۇرمۇشىڭىزدىن تارتىپ، ئۇقۇش داۋامىدىكى ئىقتىساد قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقىلىپ ھەممىسىنى ھېچ يۇشۇرماي ئۇچۇقلا دەپسىز. مەن بىر ئالاھىدە قىزمۇ ئەمەس، مەن پەقەت سىزگە ئوخشاشلا ئۇقۇغۇچى. سىزنى نەزەرگە ئالمايدىغان، كۆڭلىڭىزنى يەرگە ئۇرۇدىغان خاراكتىر مەندە يوق، ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيەسىدىنمۇ بىلمەيمەن مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق. لېكىن سىز ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلىپسىز، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بۇ مەكتەپكە ئۇقۇتۇش ئۇچۇن نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپتۇ، سىزدىن شۇنچىلىك زور ئۇمۇتلەرنى كۇتۇپتۇ....مەن باشقىلاردىن ئاڭلىدىم، سىز ئىزچىل شۇندق ياخشى ئۇقۇپ كەپتىكەنسىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا ، قابىلىيىتىڭىزگە ھەممە قول قويىدىكەن. لېكىن يېقىنقى بىرمەزگىلدىن بۇيان سىزدە چىكىنىش بوپتۇ. بەلكىم ھىسيات، مۇھەببەت سىناقلىرى ئالدىدا ھەممە ئادەم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، مەن ئۇچۇن مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىڭىز كېرەكمۇ؟ سىز بۇ مەكتەپكە نىمە ئۇچۇن كەلگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟- دىلناز سۆزىنى توختۇتۇپ ۋارىسقا قارىدى. ۋارس كۆزلىرىنى ئالدىدىكى ئەتىرگۇللەرگە تىككىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇ شۇ دەم باغۋەن بىلەن گۇل ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.- شۇڭا دەيمەن، سىز چۇقۇم ياخشى ئۇقۇشىڭىز كېرەك. 4 يىل ئۇتۇپ كەتتى، پەقەت بىريىللىق ۋاقتىمىزلا قالدى. مىنىڭ سەمىمى تەكلىۋىم : مۇشۇ مىنۇتلارنى چىڭ تۇتۇڭ، گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىقتىن ، ئۆزىنى تۇنۇشتىن كىلىدۇ. ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ ھارغىن چىرايىغا خوشاللىق كۇلكىسى بەخش ئىتىڭ...
-گىپىڭىز ئۇرۇنلۇق،- ۋارس بوش ئاۋازدا جاۋاپ بەردى،-لېكىن مىنىڭ قەلبىم...
- قەلبىڭىز جاراھەتلىنىدۇ... چۇنكى مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن. سىز مىنى چۇشەنمەيسىز، بۇ مىنىڭ سىزنى تۇۋەن كۆرگەنلىكىم، يېزىلىق كۆرگەنلىكىم، نامرات كۆرگەنلىكىم ئەمەس، مەن بۇ مەكتەپكە پەقەت ئۇقۇش ئۇچۇن، ئەڭ مۇكەممەل بىلىمگە ئىرىشىش ئۇچۇن كىرگەن. كۇڭۇلنىڭ سىناقلىرى ئالدىدا بەرداشلىق بىرىشىم كېرەك. مەن بارلىق ساۋاقداشلارنى مەكتەپ ھاياتىدا مۇشۇنداق ئويلىسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە. سىزدەك تىرىشچان، سەمىمى يىگىت بىلەن دوس بۇلۇپ ئۆتسەم بولىدۇ. كەسىپ، ئۇگۇنۇش جەھەتتە ھەمكارلاشسام بولىدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس، بۇ دىگەن سىزگە بولغان ھىسداشلىق، بۇ دىگەن دوسلۇق...
ۋارىسنىڭ تاتلىق خىياللىرى كۇپۇككە ئايلاندى. ئۇ مۇشۇنداق جاۋاپقا ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن دىلنازنىڭ سۆزلىرىدىن يەنىلا قاتتىق ئازاپلاندى. كۆيگەن يامانمۇ ئۆلگەنمۇ دەپ، ئۇ ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا مەڭگۇ قىينىلىپ كۆيىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن خوشال ئىدى. دىلناز ئەكرەم قۇپالغا قىلغان مۇئامىلىنى ئۇنىڭغا قىلمىدى، ئەكرەم قۇپالنىڭ سۆزلىرىنى بۆلگەندەك ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلمىدى. ئەكرەم قۇپالنىڭ گىپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ماڭغاندەك ئۇنىڭ قېشىدىن كەتمىدى. بەلكى ئۇنىڭغا مىھرىبان قېرىندىشىدەك، ئۇستازىدەك، جانىجان دوستىدەك شۇنچىلىك سەمىمى مەسلىھەت بەردى،ئۇنىڭ نىشانىنى يۇرۇتۇپ بەردى، ئۇنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئويلىدى...

298

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 13:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلنازنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى ۋارسنىڭ ئوتىنى ئۆچۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، تاشنالىقنى يەنە نەچچە ھەسسە ئاۋۇتۇپ بارماقتا ئىدى.
-قانداق، مەن دىگەندەك قىلالامسىز؟- دىلناز ۋارىسقا ناھايىتى ئېغىر سۇئالدىن بىرنى قويدى.
- مە...ن...مەن...تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ باقاي...-ۋارىس كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، لەۋلىرىنى بوشقىنا چىشلەپ قويدى.
دىلناز ۋارس بىلەن خوشلۇشۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدى. ۋارس قولىدىكى كىتاپقا قاراپ ئېغىر خىياللارغا غەرق بولدى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ھەممە نەرسە تۇگىگەن ئىدى. ئۇ شۇ تاپ ئۇتۇپ كەتكەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ھاياتىدا ھېچ بىر مەنا قالمىغاندەك ھىس قىلدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىنى تۇنىۋاتاتتى. دىلنازنىڭ بەزى سۆزلىرى قۇلاق تۇۋىدە جاراڭلايتتى...

ۋارس كەچلىك تاماقنى ئىشتىھاسىزلا يەپ، كەچلىك تەكرارغا قاتنىشىش ئۇچۇن سىنىپقا ماڭدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا چىگىش خىياللار ھۇكۇم سۇرەتتى، مۇھەببەت بىلەن ئۇگۇنۇش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ بولىۋاتاتتى. ئۇ سىنىپ ئىشىكىنى ئېچىش ئۇچۇن قولىنى سوزماقچى بولغاندا، كەينىدىن بىرسى ئۇنى ئاستا نۇقىدى. ۋارس <كىمدۇ؟> دىگەندەك كەينىگە ئۆرۇلۇپ، تۇرغان ئورنىدا قېتىپلا قالدى. ئالدىدا ئەكرەم قوپال 3-4 قول چۇماقچىلىرى بىلەن قاپاقلىرىنى تۇرۇپ، ئىنتىقام ئالغىلى كەلگەن قىساسكارلاردەك گىدىيىپ تۇراتتى.
- ئىش بارمىدى؟- ۋارىسنىڭ گىپى ئېغىزىدىن چىقماي تۇرۇپلا، <گالاچ> قىلغان بىر مۇش ئۇنى سىنىپ ئىچىگە قاڭقىتىۋەتتى، سىنىپ ئىچىدە قىييا چىييا ئاۋاز كۆتىرىلدى. ۋارس ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى ئەكرەمنىڭ زەربە بىلەن ئورۇلغان يەنە بىر مۇشى ئۇنى يەرگە چاپلاپ قويدى. بۇرنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ قەپ-قىزىل قان بىردەمدىلا يۇزلىرىنى بويىدى.
-مانا ئىش دىگەن،- ئەكرەم تېخى ئوڭ سېپىنى تېپىپ بولالمىغان ۋارىسنىڭ بېقىنىغا يەنە 3-4 نى قاتتىق تىپىۋەتتى. ۋارىسنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۇ بېقىنىچە تۇتقىنىچە ، ئاجىز ئىڭراپ تۇگۇلۇپلا قالدى.
سىنىپ ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. ساۋاقداشلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بىردەم ۋارىسقا، بىردەم ئەكرەمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. مەكتەپنىڭ بۇ جىدەلخور نوچىسى ئالدىدا، ھېچبىرسى يۇگۇرۇپ كىلىپ ۋارسىنى يۇلەشكە جۇرئەت قىلالمىدى. ئەكرەم شايكىلىرى بىلەن خۇددى سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنى يەنچىپ چەيلىۋېتىدىغاندەك، بىر-بىرلەپ ۋارىسقا ئوخشاش يەرگە چاپلىتىپ چىقىدىغاندەك شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەلپازدا دىۋەيلەپ تۇراتتى.
- نىمە بولدى؟- مۇرادىل تۇيۇقسىز ناھايىتى يۇرەكلىك بىلەن ئالدىغا چىقتى،- ئەكرەم ئاداش، بۇ ئاغىنەم ساڭا نىمە گۇناھ قىلغان؟ نىمە ئۇچۇن ئۇنى بۇنچە قاتتىق ئورىسەن؟...
- ئىشىڭنى قىلە سويما، سەن كىم ئىدىڭ مىنى سوراق قىلغۇدەك، بىلىپ قوي، ماۋۇ لاتا گۇي مىنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋاپتۇ، بۇ مەكتەپتە مەن گەپ قىلغان قىزلارغا تېخى بىرەرسى كۆزىنى چوڭ ئېچىپ قاراپ باقمىغان. قارىسا تېخى گۇللۇكتە مۇھەببىتىمگە كالىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ...بۇنىڭدىكى قانداق يۇرەك ھە؟ مەندەك بىر نوچىنىڭ ئېشىغا تۇپا چاچقۇدەك بوپتا...شۇڭا ھۇشىغا كەلگەندە دەپ قوي، بۇ مەكتەپتىن چىرايلىق ئۇقۇش پۇتتۇرىمەن دىسە بۇندىن كىيىن كۆتىنى غىت قىسىپ يۇرسۇن. ئەگەر يەنە مۇھەببىتىمنىڭ كەينىدە ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولسام ، جەسىدىنى ئۆزەڭ دەپنە قىلىپ قويىسەن جۇمۇ...
ئەكرەم بىردەم پوپوزا قىلىپ، ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ، ئىشىكنى <جاڭڭىدە> يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بالىلار ئۇلۇمدىن ئامان قالغان ئەسىرلەردەك يىنىككىنە بىرنى تىندى. بىر بۇلۇڭدا تۇگۇلۇپ قالغان بىر قانچە قىز كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۆز-ئارا چىڭ قۇچاقلاشتى...ئەكرەمنىڭ ئاياق تىۋىشى يۇقالغاندىن كىيىن ، ھەممە ساۋاقداشلار ۋارىسنىڭ قېشىغا گۇررىدە ئۇلاشتى. بىرقانچىسى قول ياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ قانلىرىنى سۇرتسە، بىر قانچىسى ئىڭراپ ياتقان ۋارسىنى ئاستا يۇلىدى.
- تىز بۇلۇڭلار ، تىز، مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى،- مۇرادىل دەرھاللا ۋارىسنى ھاپاش قىلدى. ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا تىزلا ياردەملەشتى. ئۇ يۇزلىرىگە يۇقۇۋاتقان، كىيىملىرىگە ئېقىۋاتقان قانغا قارىماستىن، بىر قانچە ساۋاقدىشىنىڭ ھەمرالىقىدا بىچارە دوستىنى كۆتۇرۇپ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 22:36 , Processed in 0.122786 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش