Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1347|ئىنكاس: 42

مۇھەببەت ئارمانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 12:26:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
ئىلگىىرى بىر قانچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئاخىرىنى يوللاشقا شارائىت بەرمىگەن مۇھەببەت ئارمانى ناملىق قىسىملىق رومانىم مۇشۇ توغراق مۇنبىرىدە يوللانماقچى. ئەسلىدە بۇنى ئاجىزە كىتاب قىلىپ چىقىرىش ئويۇم بولغاچ ئاخىرىنى ئېلىپ قويغان ئىدىم. ئەمما بۇ كىتابنى مەتبۇئاتلاردا نەشىردىن چىقىرىش بۇئاي بۇكۈنلەردە تەس ئىشكەن.  
يەنىلا مۇشۇ تور بەتتە ھەممىنى كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ قېتىم بەلنى ئاتتەك باغلىدىم، جۇما! ھى ھى!
مۇشۇ مەن مېنى ۋە ئەسەرلىرىمنى باشتىن ئاخىر قوللاپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەرگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن!

باشلاپ كەتتىم ئەمىسە! بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىدىم.

مۇھەببەت ئارمانى
(گۈليارە تۇرسۇن)
-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنىئەسلەش.سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى    (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
‹كەچۈرۈڭ، بايام يانفونۇمغا قىممەت تولۇقلايمەن دەپ،  نومۇرنى دىققەتسىزلىكتىن خاتاكىرگۈزۈۋېلىپ، سىزنىڭ يانفونىڭىزغا قاچىلىۋېتىپ قاپتىمەن. خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ100 سوم تولۇقلىۋېتەرسىز. نومۇرۇم مۇشۇ نومۇر شۇ.›  يانفونۇمغا كەلگەن بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتىكى مەرخان يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ:
- ئۇخلىمىدىڭما  تېخى؟- دېدى.
- ياق، كىتاب ئوقۇۋاتىمەن، سەنچۇ ، ئەپلىشىپ قالدىڭلارمۇ؟-دېدىم ئاۋازىمنى ئاستا چىقىرىپ، باشقا قىزلارنى ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ.
- ۋاي ياقەي، تېخىچە دەپ بولالمايۋاتىمىز. بىلىسەنغۇ  رىشاتنى؟-  دېدى ئۇ، يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، تېلىفۇن سۆزلىشىشكەباشلىدى.
يانفۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىنىڭئۇچۇرى ‹سىزنىڭ قىممەت تولۇقلىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. سىزنىڭ ھازىر يانفونىڭىزدىكىقالدۇق سومما136.7  سوم.يەنە ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.›   < توۋا، راستكەندە،>  بايا كەلگەن ئۇچۇرنى بىرەرسىنىڭ قىلغان چاقچىقىمىكىن دەپ،كارىم بولمىغان ئىدى. قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ قويۇپ، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا قايتاقارىدىم، ھەقىقەتەن نومۇرىمىز بىر نومۇرلا پەرق قىلاتتى. <قانداق ھاڭۋاقتىدۇبۇ ؟! ئۇچۇر خەنزۇچە يېزىلغان ئىدى.ئۇيغۇرمىدۇ-يا؟! > دەپ ئويلاپ تۇرسام يەنەبىر ئۇچۇر كەلدى. ‹ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، قايتۇرۇڭ.› نېمە بالاقالدىم، يېرىم كېچىدە.  ‹تاپشۇرۇۋالدىم› مەنمۇ خەنزۇچە يېزىپ قايتۇرۇپ قويدۇم.شۇ زاماتلا قايتۇردى... ھى ھى 100 كوي يامان يەردىن چىقىدۇ جۇمۇ، دەپ ئويلىغاچئۇچۇرنى كۆردۈم. ‹ئەمىسە سىزمۇ ئەتىگىچە يانفونۇمغا 100 سوم قاچىلاپ قويارسىز.رەھمەت›  ئوھۇي،بۇيرۇقلىرىدىن ئۆرگىلەي ماۋۇنىڭ. ‹قاچىلىمايمەن› دەپ قايتۇردۇم. مەن قاچىلاپقوي دېگەندەك 100 كوينى. نېمە كارىم. يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىمدە- كىتابىمنى ئالدىم.

   مەرخاننىڭ رىشاتبىلەن دېيىشكەن گەپلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىيالىمنى باشقا ياقلارغابۆلسەممۇ، ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالاتتىم. (ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ئىككىسىنىڭئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ياتاقتىكى قالغان بەش قىزغا سىر ئەمەس) ...
   مەرخان ئىككىمىزئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپلا بىر ياتاقتا يېتىپ كېلىۋاتىمىز. ئۈچيىلدىن ئېشىپتۇ، باشقا قىزلار بىلەن كەسىپكە چىققاندىن كېيىن بىر ياتاقتا ياتقان.ئۇنىڭغىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن. مەرخاننىڭ ياتاققايېڭى كىرگەن ھالىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئالىي مەكتەپكەيېڭى كىرگەن، ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى مۇھىت، يېڭى ئادەملەر. ياتاققاكىرگىنىمدە، مەرخاندىن باشقا قىزلار كېلىپ بولغانىكەن. بىرەر قۇر سۇسسالاملاشقاندىن كېيىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. بىر چاغداكارىدور ئۈپۈر- دۈپۈر بولۇپ كەتتى، كەينىدىنلا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قوللىرىدا ھەرخىل چوڭ - كىچىك يۈكلەر، يەشىكلەر، مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان ئورۇن - كۆرپە،داس - جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ مەرخاننىڭ ئاپىسى ۋە چوڭ ئاپىسى، ئىنىسى كىرىپكەلدى. ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قازاقتەك قىلاتتى. بىز بىلەن مۇنداقلا كۆرۈشۈپقويۇپ، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى..
- ۋايجــــــان ، ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز دەپ خوش بولسام،قازاقتىن بىرسى كىردىغۇ ئەمدى،- دېدى يېنىمدىكى ئاۋاققىنا كۇچالىق ئارزىگۈل دېگەنقىز. مەرخانغا سەپ سېلىپ قارىدىم. ئاپىسى مەرخان، مەرخان دەپ شۇنداق ئۇرغۇلۇق،تولۇق چاقىراتتى.
- قازاق ئەمەس جۇمۇ بۇلار،- دېدى يەنە بىر قەشقەرلىق قىزئاسىيە.
   چېچى ئۇزۇن، لېكىنشۇنداق ئاز ھەم جانسىز، پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، ( ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىنىھازىرمۇ ئانچە - مۇنچە دەپ جىلە قىلىپ قويىمەن). ئۇ ئىشتان - ئەمما ئىشتاندەكلائىشتانتى جۇمۇ. ئۈستى چىڭڭىدە، ھەر خىل گۈللەرمۇ ئىشقىلىپ بىر نۇسخىلار ئىشلەنگەن،ئارقا يانچۇقىدا يوغان بىر  بەش بارماق ئېچىلىپ تۇرغان قولنىڭ سۈرىتى بار. پۇچقىقىشۇنداق كەڭكىن، مەرخاننىڭ ئايىقىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ماڭسا پۇچقاقيەرنىمۇ تەڭ سۈپۈرۈپ ماڭاتتى. ئۈستىگە قارىماققا سولياۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرخىل رەختلىك چاپان كىيىۋالغان، ( كېيىن شۇنداق دېسەم ‹ماڭەۋاي! ئۇ دېگەن خۇرۇمچاپان› دەپ تۇرۇۋالدى كاساپەت) چاپىنىنىڭ ئالدى سېرتمىسى كىچىكلا ئېتىلگەن،چاپاننى ئارقىغا بەك ئىتتىرىۋەتكەچكە، ئالدى قىسقا، ئارقىسى ئۇزۇن بولۇپ قالغانئىدى. كۆزلىرى كىچىك، ئاغزى يوغان، تېرىسى راستلا قازاق قىزلىرىدەك قىپقىزىل بۇقىزنى قانداقلا قىلىسامدۇ، ئاپىسى بىلەن بىر يەردە قويالمىدىم، ئاپىسى بەكمۇچىرايلىق ئايال ئىكەنتۇق. زىلۋا، بويلىرى ئېگىز، يۈزلىرى ئاپئاق، كۆزلىرىيوغانغىنە، چېچىمۇ شۇنداق ئۇزۇن ھەم توم. قوللىرىغا قارىمىسىڭىزلا يېشىنى پەرەزقىلىشىڭىز تەس. لېكىن قوللىرىدىن بەكمۇ جاپا تارتقان ئايالدەك تۇراتتى. خۇددىمومامنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش. ئاخىرى چوڭ ئاپىسى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇ مومايشۇنداق جانلىق ئىدىكى ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى.
- بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى مەرخان، بىز ئالتايدىن. بۇنىڭدىن كېيىنياخشى چىقىشىپ ئۆتۈڭلار-ھە؟! قىزلىرىم! ( پۈتۈنلەي قازاق تەلەپپۇزى ئىدى. بولمىساخېلى جىق گەپ قىلغان، مېنىڭ ئاڭقىرالىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىدى).
ھەممىمىز بىرەر قۇردىن ‹شۇنداق قىلىمىز بىر ياتاقتابولغاندىن كېيىن ›دېيىشىپ كەتتۇق. كېيىنغۇ، ئاستا - ئاستا بىلىپ كەتتۇق قازاقچىنىمۇ.ھە راست! ئۇلار پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇر ئىكەن. لېكىن قازاق تەسىرى بەك كۈچلۈك.بولۇپمۇ تەلەپپۇز، گەپ قىلىشلىرىدا.‹ماڭاسالە، ئېتاسالە، توكنى ئۆچۇرەسالە› ۋايۋۇيئۇ سالەلىرىنىڭ جىقلىقى. (قىلىۋەت ئېتىۋەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىغا‹سالە›نى قوشۇۋالاتتى.  ھازىر مودا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى. دوراپ قويسام ‹نەدەئۇنداق› دەپ قويىدۇ تېخى). يەنە، نېمە؟ ھە! ساقلاش دېگەننى توساش دەيتتى. مەسلەن،‹سېنى ئالدى دەرۋازىدا ساقلايمەن دېمەكچى بولسا، سېنى ئا بارغۇي ئالدە داۋۇزدەتوسۇيمەن› دەيتتى. مەن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم.  جېكسۇرۇن (ساراڭ دېگەن گەپ) دەپ تىللاپقوياتتىم، بەزىدە. ئۆزىمۇ بەك ئىتتىك كۆندى، تېخى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ خېلىياخشى ئېيتىدىغان بولۇپ كەتتى. خەنزۇچە، قازاقچە دېگەننى ھازىرقى بالىلارنىڭ گېپىبويىچە < تىتىۋېتىدۇ>  ئۇيغۇرچىنى < تىتالمىسىمۇ، يىرتىۋېتەلەيدۇ>.بۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆيدىكىلىرى پۇلنى ئاز،يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئەۋەتىپ بېرەتتى. <نامراتنىڭ ئېشى چىشقا دورا >دەپ، ھەممىمىز مۇشۇنىڭ نېنىغا ئامراق ئىدۇق. ئۇ تولىراق تاماققا چىقماي، نان بىلەنھەرخىل سېرىقماي، ئاقماي، سۈزمە، تالقانلىرى بىلەن چاي ئىچەتتى. مەن تاماقنىئالاتتىمدە، ياتاققا كېلىپ تاماقنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم. ئۆزەم ئۇنىڭ نەرسىلىرى بىلەنھۇزۇرلىنىپ چاي ئىچەتتىم. ئۇمۇ خوشال بولاتتى. قورساققا كەلگەندە، ھەرگىزنازلانمايتتى. ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق، بەدەن قۇرۇلۇشى شۇنداق چىرايلىق ئىدى.  بىز ئۇنى ياتاقتا ئوغۇل بالىدەك كۆرەتتۇق(تا ھازىرغا قەدەر شۇنداق كۆرىمىز). بىر نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچالمىساق، ئېگىزيەرلەرگە قولىمىز يەتمىسە، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئۇشتۇيالمىساق ‹مەرخان، مەرخان›دەيتتۇق. ئۇ كېلىپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى. مەن تېخى پاتپاتلا ‹مېنى كۆتۈرۈپقويە› دەپ تۇرۇۋالاتتىم.
   ئۇنداق چاغلاردا ئۇمېنى كۆتۈرۈپ شۇنداق پىرقىرىتىۋېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ.. < ماخا..ماخا..> دېيىشىپ كەينىدىن يۈگۈرەيتتى. ھە، راست! بىر گەپنى دېيىشنىئۇنتۇپتىمەن. بۇ ئالتايلىق قىزلار بەك قىزىق دەيمەن. مەرخاننىڭ بىر مۇنچە دوستلىرىبار  ئالتايدا بىللە ئوقۇغان،  بىر - بىرسىدىن چىرايلىق.  باھارگۈل، شاھادەت، نۇرجەھرە. ئىشقىلىپجىقلا قىزلار. بۇ ساراڭلار بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئاتاشماي<ماخا، باخا، شاخا،نۇنۇ،>دەپ ئاتىشىدۇ. ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى شاھادەت ئىسىملىك قىز ئىدى. مەن ئۇقىز بىلەن ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان. تېخى پارتىداشتۇق. شۇچاغلاردا شاھادەتنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، دېمىسىمۇ ئۇ قىز بەكچىرايلىق ئىدى،  مىجەزىمۇبەك تۈز. خېتى، مانا ئەڭ چىرايلىقتى كاساپەتنىڭ جۇمۇ. ھەر سائەت تەنەپپۇستىن چۈشۈپقارىسىڭىز، بىر توپ ئوغۇللار بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراپ كېتەتتى بىزنىڭ سىنىپقا.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا قوغلاشقانلار، كۆيۈپ يۈرگەنلەر، ۋايۋۇي جىقتى. تېخىمېنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنكەنسىز دەپ ‹ئارقا ئىشىك›لەرنى قىلىپ كېتەتتى. شاھادەتئۇلارغا شۇنداق تەبئىي مۇئامىلە قىلاتتى. قازاق شەھىرىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن، ئانچەتارتىنىپ كەتمەيتتى. مەرخاننىڭ گېپى بويىچە ئالتايلىق قىزلار ناز قىلىشنىبىلمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ شاھادەت ھەممە بالىلارغا ئوچۇق قىلىپ  < ئالتايدا يىگىتىم بار، ئىسمىئېلدوس>.  دەپرەسىملىرىنى كۆرسىتىپ يۈردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ پەس كويغا چۈشتى.لېكىن ئۇ ئېلدوس دېگىنى باشقا بىرسىنى تېپىۋېلىپ مۇشۇ يېقىندا شاھادەتنى داغداقويدى دېسە!!!
     ھە،گەپكە قايتساق. باشقا قىزلار مەرخاننى < ماخا > دەپ چاقىرىدۇ. لېكىن مەنپەقەت كۆنەلمىدىمغۇ،تاڭ! بىر ئاتۇشلۇق قىز بار ئىدى، تۇرسۇنگۈل دەپ، قەتئىييېڭىلىق قۇبۇل قىلالمايدىغان.  پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرسەك (تېخى شۇنداقئاددىيلىرىغۇ بىزنىڭ كىيگىنىمىز. مەرخاننىڭ ھېلىقى ئىشتىنىدەك < ئادەمئۆلتۈرىدىغان>لىرى ئەمەس) شۇنىڭغىمۇ <تەخەيدەك قىلىشىپ>دەپ كېتەتتى.(ھازىرغۇ، پادىچىلار ئىشتىنى، پادىچىلار چاپىنى دەھشەت كىيىپ قويىدۇ. ئىشقىلىپ موتسىكىلىتمىنىدىغانلاردەك قىلىپ يۈرۈيدۇ).  شۇ قىز جېنىدا، مەرخان دېگەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا<ماخا> دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتى. ماڭا بەلكىم، بىرىنچى قېتىم مەرخاننىڭئاپىسى ئۇنى < مەرخان > دەپ شۇنداق تولۇق، چىرايلىق ئاتىغىنى بەك تەسىرقىلغان بولسا كېرەك، شۇڭا ھازىرغا قەدەر مەرخان دەيمەن. ئۇمۇ مېنى ئالاھىدەكۆرىدۇ. تازىلىق قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە خوشياقماي بىر يەرلەرنى سۈرتىۋاتسام  يېنىمغا كېلىپلا< ئەكەلگىنە! ئىچىمنىبەك پۇشۇرۋەتتىڭ! مۇنداق مۇنداق قىلمامسەن> دەپلا شاق - شۇق قىلىپ ھەممەيەرلەرنى پاك - پاكىز تازىلىۋېتەتتى. مەن بىر ياندا كەينىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ گەپقىلىپ بېرەتتىم.
- قانداق قىلارسەن ئەرگە تەگسەڭ مۇشۇنداق قىلىپ. مەندەكئادەم بولسام كاساڭغا تېپىپلا چىقىرىۋېتىمەن ئۆيدىن،-  دەپ خاپىمۇ بولۇپ قوياتتى.
- ۋاي! ئۇ چاغقىچە ئۆگىنىپ، ئاتتەك بولۇپ كېتىمەن،-  دەيتتىم.
  يەنە بىر گەپ چىقتى < ئات > دەپ. بۇگەپنى بىز شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا ئىجاد قىلغان ئىدۇق.  نېمىسى نېمە بولغان ئىشقىلىپ. گۈزەلئاي دەپ يەنە بىر قىزبار ئىدى پوسكام نېفىتلىك.  شۇ، مەن، مەرخان، ئارزىگۈل ( بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنكۇچالىق قىز شۇ. ئۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن. ئۇ بىر دۇنيا-ھە!)  شۇ تۆتىمىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا، ئاتدېگەن گەپ چىقتى.  شۇنىڭبىلەنلا كەينى - كەينىدىن ‹ئاتتەك ياخشى. ئاتتەك ماز، ئاتتەك چىرايلىق...›دەپسۆزلەپلا كەتتۇق.  شۇنىڭبىلەن بۇ سۆزمۇ بەك تېز ئومۇملاشتى (مەركەزدىن كەلگەن سادالارمۇ ئۇنداق ئىتتىكبولماس ).  پۈتۈنبىزنىڭ قەۋەتتىكى قىزلار، سىنىپتىكىلەر ، ھازىرقى مۇشۇ ياتاقتىمۇ  ئۇ سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا!  مەسلەن، بىرسى ئولتۇرۇپلا  < ۋاي بۈگۈن دېمەيسىلەر، بىر توردىشىمبىلەن كۆرۈشكەنىدىم، ئاتكەن جۇمۇ ئاتكەن >  دەيتتى، <ئات>نى تەلەپپۇز قىلىشىغا قاراپلا، ئۇتوردىشىنىڭ بەك قاملاشقان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاتتۇق. ھەرخىل ھەريەرگەئىشلىتىۋېرەتتۇق. < تالا ئاتتەك سوغ جۇمۇ >، < بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاتتەك جىق>،  < ۋايئاداش، ئاتتەك بولۇپ كېتىپسەن > ئىشقىلىپ بىر خىل ئاشۇرما دەرىجىلىك سۈپەتلەش ئىدى ئۇ < ئات> مۇنداقچە ئېيتقاندا. شۇڭا ھازىرمۇ باشقا ياتاقنىڭ قىزلىرى، بىزنىڭ 418ياتاقتىكىلەرنى < ئاتلار > دەپ قويىدۇ.
    بەزىدەئىچىم ئاغرىيدۇ مەرخانغا. ماڭا دەپ بېرىشىچە، دادىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا تىجارەتقىلىمەن دەپ زىيان تارتىپ كېتىپ، شۇ پېتى ئۆزىنى ئوڭشىيالماپتۇ. كۈندە ھاراقئىچىدىكەن. ئاپىسى بىچارە ھەر كۈنى راڭپىزا پىشۇرۇپ كەچلىك بازاردا ساتىدىكەن.مەرخانمۇ پىشۇرالايدىكەن، مەكتەپتىن چۈشۈپلا، ئۆيگە بېرىپ مەخسۇس راڭپىزاپىشۇرىدىغان ئۆيى بار ئىكەن. ( بۇلارنىڭ قورۇ - جايلىرى بەك چوڭ ئىكەن. بىزنىڭئۆيگە نەچچە قېتىم بېرىپ ياراتمىدى، كىچىككەن ھەي بۇ ئۆيۈڭلار، دەپ ) شۇ ئۆيگەكىرىپ بىر پىشۇرسا كەچلىك بازار بولغۇچە پىشۇرىدىكەن. ئاندىن ئاپىسى بىلەن يېرىمكېچىگىچە سېتىشىپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن. ئەتىسى ئەتىگەندە  (بەك سەھەر قوپىدۇ. تېخى بەزىدە نامازئوقۇپ كېتىدۇ. تۈنەش دەيدىغان بولسا باشىسى). تۇرۇپ پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ مەشلىرىگە ئوتسالىدىكەن. تېخى نېمە دەيدۇ.< قانچە ئەتىگەن قوپسام شۇنچە ياخشى دېگىنە،بولمىسا دادام كەچتە مەست كىرىپلا خۇدىنى بىلمەي ئۇخلايدۇ، سوغۇقتا توڭلاپقالمىسۇن دەپ، ھەممە ئۆيلەرگە ئوت سالىمەن >بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى خۇددىكۈلقىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.  بەزىدە كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كېتەتتى. لېكىن، مەرخان بەكغەيرەتلىك، ئۈمىدۋار!  سىز ئويلاپ بېقىڭ! 21-ئەسەردە مۇشۇ كۈندە ئالىي مەكتەپتەبىر ئاينى 150سوم بىلەن ئوقۇش مۇمكىنمۇ ؟!  ( ئۇ پۇل تاماق، پارچە راسخوت، كىيىم - كېچەك ھەممىسىگەتەۋە پۇل) ئۆيىمىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، بىزگەبىر ھەپتە يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ يەتكۈزىدۇ.توۋا دەيمەن! ئىشقىلىپ خەقتىن كېيىن قالمايدۇ. ھە راست، ئۇ يەنە سورۇنلارنىڭ گۈلى.بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولساق.< مەرخان بارامدىكەن ؟>دەيمىز.قازاقچە، ئۇيغۇرچە ،تاتارچە،، ئۇسسۇل دېگەننى ئاتتەك  ئوينىۋېتىدۇ. تاڭسىلارغا كەلگەندە قىزلار تالىشىپ كېتىمىز  < ئاداش ماۋۇ قول مېنى ھە دەپ >ئۇمۇھەممىمىزگە تەڭ مۇئامىلە قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ناخشىلارنى ئېيتىپ قويىدۇ.ئەمما!ئاڭلىمىغانلار ئارماندا دېگەندەك.
    ھازىر ئۇبۇرۇنقى مەرخان يوق. چاچلىرىنى كېسىپ بۈدرە قىلدى. سېرىقراق بىر رەڭدە چېچى شۇنداقيارىشىملىق. دېگەنىدىمغۇ، بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چىرايلىق دەپ. ئەرزان  كىيىملەرنى كىيسىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ.(تېخى بىز كىيمەي ياراتماي تاشلىۋېتەيلى دېگەن كىيىملەرنى بىر ياڭزا قىلىپلائۆزگەرتىپ كىيىۋالىدۇ. ھەيران قالىمەن) ئىشقىلىپ بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەرخانئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، بۇگۈنكى بۇ چىرايلىق ھالىتىگە كەلدى. لېكىن مىجەزىيەنىلا بۇرۇنقىدەك. شۇنداق خۇشئاۋاز! بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار  (بىر نەچچىسىدىن باشقا)  قىزلار بىلەن خوشى يوقلار، بەلكىمماتېماتىكا كەسپى شۇنداق قىلىپ قويدىمىكىن، يا بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپبىز زورلاپ گەپ قىلساقمۇ ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى  ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ماتېماتىكا ئۈچۈنلاتۇغۇلغان بىر نەچچە قىزلاردىن باشقا قىزلارغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ گەپقىلمايدۇ دېسە. توۋا!  (كېيىن بىلدۇق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنەتىجىسىدە، ئەسلى ئۇلار بىزنى ھاكاۋۇر، ھالى چوڭ دەپ گەپ قىلمايدىكەنتۇق) لېكىنشۇ ئوغۇللارمۇ مەرخانغا ئامراقتى. تېخى  < ماخا > دەپ چاقىرىپ كېتىشلىرى بار ئىدى. بىزنىڭ بۇھازىرقى ياتاقتىكى قىزلارنى سىرتتىن كۆرسىڭىز ھەرگىز ماتېماتىكا فاكولتىتىنىڭقىزلىرى دېمەيسىز. قاچانلا قارىسىڭىز كۈلۈپ، ئويناپلا يۈرگەن. مەيلى گەپ - سۆز،كىيىنىش قاتارلىقلاردا بولسۇن. زاماننىڭ ئالدىدا. ئىمتىھانلىرىمىزمۇ جايىدا.ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىسۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 18:45:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
********************************************************
  ئاخشام خىيال سۈرۈپ يېتىپ  قاچانلاردا  ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن.
-   ۋايجـــــــان،ئۇيقۇم قانمىدى مېنىڭ قىزلار،-  دېدىم ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەۋېتىپ.
-   ھە بولدى خېنىم،نېمە دېمەكچى؟ دەرسكە چىقماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچىما؟ ئاتتەك بولە! چۈشە چاققان. تاپشۇرۇقنىمۇ ئىشلىمىگەنسەن ھە قاچان ؟!-دېدى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان مەرخان.
-   يا مەن بىلمىسەم تاپشۇرۇق بەرگىنىنى،-دېدىم بوينۇمنى تاتىلاپ.
-   بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىگە چىقىپ باقمىدىڭغۇ دەيمەن سەن ھە؟!!!-دېدى بىزنىڭ مۇشۇ ياتاق بويىچە دەرسكە تولۇق چىقىپ، بىزنى سىنىپتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىغان ، غۇلجىلىق قىز ئادىلە.
- ۋاي ! ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئاداش. چىقتىمغۇ ھېلىقى كۈنى، كىنو قويۇپ بېرىمىز دېگەندە.-دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.
     سىنىپ بويىچە دەرس  تاشلايدىغان بىزنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى. ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ تاشلايدىغىنى ھى ھى مەن. ئەسلىدە بەك تولۇق قاتنىشاتتىم. سىنىپنىڭ ئەھۋالى ھېلىقىدەك. بىر توپ ئۆزلىرىنى پروفېسسور چاغلايدىغانلار. بىرىنچى رەتتە تىزىلىپ قاتار ئولتۇرىدۇ. ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىشىپ كېتىدۇ. بىر كۈنى زادى ئۆزەمنى باسالماي.
- ھەي. ئۇنداق ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىپ، بىرىڭلار بۇ يەردە پوستتا تۇرمىساڭلارمۇ ھېچكىم تالاشمايدۇ بۇ ئورۇننى، -دەۋېتىپتىمەن.
-  ب سىنىپنىڭ بالىلىرى تالىشىدۇ،-دەيدۇ. ئىككى سىنىپنىڭ بالىلىرى جىق بولساق ئاتمىشقا بارارمىز، مۇشۇ چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلىرىدا ياتسىمۇ يېتىدۇ ئۇلارغا! توۋا دېمىسە( تاققا ئوينىغىلى چىققاندا قارىسام دەرسلىك كىتاپ كۆتۈرۈۋاپتۇ، نېمە دەيسىلەر بۇنىڭغا) ئاشۇنداق ئۆگىنەمدۇ، مەۋسۈم ئاخىرىدا قارىسىڭىز ھېلىقى < ئاتام ئېيتقان بايىقى>، بىزدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇ سىنىپنى كۆرسەملا، ئالدىدا مۇئەللىملەرگە ھومىيىپ قاراپ ئولتۇرغان ئاشۇلارنى كۆرسەم، كەيپىم ئۇچىدۇ.
بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى. ( ھازىر ياپونىيىگە چىقىپ كەتتى ) تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان. شۇ ماڭا ئىسپىراپكىنى پېچىتى بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتى. (ھەي ئەجەپ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن ئىسسىت). تامغا، كېسەللىك دىئاگنوز، ھەممە نەرسىسى تولۇق، پەقەت ئىسىم بىلەن يىل ئاي كۈننى يازسىلا بولىدىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى. سىنىپ باشلىقىمىز ئۈرۈمچىلىك يوغان گىگانت بىر بالا. ئۇ ئۆزىمۇ خېلى گاڭگۇڭ، ئۇمۇ ياردەم قىلاتتى. ( ماڭا گەپ قىلىپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن ) سىنىپ باشلىقى ئۆزىلا يوقلىما قىلىدىغان يەرلەردە مېنى ئېنىقلا بار قىلىپ قوياتتى. زادى ئوقۇتقۇچى كۆرمىسە بولمايدىغان يەرلەردە ماڭا تېلېفون قىلاتتى.
-   ھەي قىز بالا، نەدە سىز ؟ ھازىر مۇئەللىم ئۆزى يوقلىما قىلىدىكەن! - دېسە، بەزىدە چىقاتتىم غىپپىدە قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن كىرىۋالاتتىم.
-نېغمەت، ئاغرىق دەپ قويۇڭە ئىسپىراپكىنى ئەتە بېرەي- دەيتتىم يەنە بەزىدە  (ھازىر ئويلىسام شۇ بالىغىمۇ نېمە كۈن دەيمەندە). بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا،< سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ، ئانداق قىلمامسىز ، مۇنداق قىلمامسىز>دەپ تەنبىھ بېرىپ كېتىپتىمەن ئۆزۈمچە.  < ماۋۇ يەرگە بىر چىقىڭە سىز >دېمەسما بىردەمدىن كېيىنلا. ئاستا كەينىدىن چىقسام:
- ھەي قىزبالا. ۋىجدانىڭىز بارمۇيا؟ سىزنىڭ تاشلىغان دەرسلىرىڭىزنى يېزىپ قويىدىغان  بولسام، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم قوغلاندى بولاتتىڭىز جۇمۇ. بالىلارنىڭ ئالدىدا (يالاقچى) دېگەن نامغىمۇ قالدىم. نېمە گەپ قىلمىسام،-دەپ سۆزلەپلا كەتتى. (شۇنىڭ ياقى بىزە پوچىلىشىپ قالدى بۇ كاساپەتمۇ. ھى ھى)
بۇ سىنىپتىكى بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار كەسىپكە چىققاندىن بۇيان دېمىسىمۇ، سىنىپقا تولا چىقمايمەن. ئىمتىھانغا 10 كۈن قالغاندا، پۈتۈن ياتاق بويىچە كېچىچە ئۇخلىماي تەكرار قىلىمىز. بەك كۆڭۈللۈك دېمەيسىز. ئادەتتە تولۇق دەرسكە چىققانلارمۇ باشقا ياتاقتىكىلەردىن،  ئۇلارمۇ بىر خىل جىددى تۈستە تەكرار قىلىپ كېتىدۇ.
-توۋا، مەن سىلەردەك تولۇق قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىغان بولسام ئۇخلايتتىم جۇمۇ،-  دەپ قويىمەن بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەرخان:
-   نېمە ئىش قىلىسەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ، ماۋۇ نەرسىلەرنى سەن چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟ -دەپ ماڭا ھومىيىدۇ. مەرخان دەرس ئۆگەنسە ئاجايىپ تىرىشچان. تېئورمىلاردىن، قائىدىلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يادلاپ يېزىپ ئۆگىنىدۇ. مەنچۇ؟ < مۇنداق مىسال كەلسە قاندا ئىشلەيمىز، ئانداقلىرى كەلسە قانداق ئىشلەيمىز >دەپ شۇنىلا سورىۋالىمەن. ئەمەلىي نەرسە ئۆگەنگەن ئەۋزەلدە؟! قائىدە دېگەندەك نەزەرىيەلەردىن چىقىپ قالسىمۇ، جىق چىقمايدۇ، ھەم ئۇنى ئۇنداق - مۇنداق قىلىپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ- دە! بەلكىم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاساسىم ياخشى بولغاچقىمىكىن، مۇنداقلا ئۆگىنىپ قويسام كاللامدا تۇرۇپ قالاتتى. ھېلىقى بالىلارنىڭ شۇنداق جاپا تارتىپ ئۆگەنگىنى مۇشۇ نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا، ئۇنى - بۇنى قىلىپ  ياخشى نومۇر ئالاتتىم. تەنتەربىيە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى ئىدى. (چۈنكى مەرخان تەنتەربىيە باشلىقىمىز ئىدى ھى ھى) خەنزۇچە ئىمتىھانلارنى ئويناپ تۇرۇپ بېرەتتۇق، شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل<1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى > ئالدىم.< ئىلغار ئوقۇغۇچى >دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغىمۇ ئېرىشتىم. شۇڭا، بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتكۈزەلمەي، كېسەل بولۇپ قالغىلى تاس قالدىغۇ دەيمەن.  ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك سوغۇقلاشتى. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن. < دېمىسىمۇ توغرا،  ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس >  ھەتتا بىر قېتىم بىر مەۋسۈم ئەخلاقمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرسكە كىرىپ باقماپتىمەن. مۇئەللىمنىمۇ تونۇمايمەن. ئىمتىھان ۋاقتىدا بۇ مۇئەللىم كىرىپ:
-مۇنچىچى سۇئال خاتا بېسىلىپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىڭلار،- دېدى. شۇنداق قاراپمۇ ئۇ سوئالنى تاپالمىدىم.
- مۇئەللىم، قانچىنچى بەت؟-دېيىشىمگە، مۇئەللىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ:
- سىز كىمۇ ؟ -دەيدۇ.
- مەن  شۇ ...-دەپلا سىنىپ باشلىقىمىزغا قارىدىم.  ئۇمۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتىكەن.
- ھېلىقى ئاغرىپ قالغان قىز شۇ مۇئەللىم، -دېدى.
-    ھە، شۇنداقمۇ؟ ساقايدۇقمۇ يا؟-سورىدى  مۇئەللىم.
- ھە. ياخشى بولۇپ كەتتىم مۇئەللىم.  رەھمەت كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە، -  دەپ خوشامەت قىلىپ كەتتىم شۇ يەردە. تېخى شۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاپتىمەن.
********************************************************
تۇيۇقسىزلا، ئاخشامقى ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دە، يانفونىمنى ئاچتىم. <ئۇف. خۇداغا شۈكرى. ياخشى تېلىفونمۇ قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەپتۇ. قارىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ. ھى ھى>
- نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەت ھىجاراپ. بولە ئاتتەك، يۈزۈڭنى يۈيۈپ كىرە.  دەپتىرىڭ قېنى؟ يېزىپ قوياي ئۆزەمنىڭكىنى يېزىپ بولدۇم،-دېدى مەرخان.
- دەپتىرىمما؟ ھە راست، گۈزەلئاينىڭ ( ھېلىقى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلى بىر ياتاقتا ياتقان پوسكام نېفىتلىك دوستىمىز) شۇنىڭ ياتىقىدىكەن.  توختا، مەن ھازىر ئئېلىپ چىقاي.
  گۈزەلئاينىڭ ياتىقىدا، بىزنىڭ ئادىلەدەك (دەرسكەتولۇق چىقىدىغان) قىزلار جىق ئىدى. ئۇلار بىز بىلەن بىر كەسپ، لېكىن ب سىنىپنىڭ. ئەمما مۇناسىۋىتىمىز ئاتتەك ياخشى. ئۆزەمنىڭ ياتىقىدەكلا ئۇ ياتاق. گۈزەل ( ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كۆنۈپتىكەنمەن) مەندىن ئۆتە ھورۇن. ئۇ ب سىنىپنىڭ دەرس تاشلاش پادىشاھى. بىر قېتىم فاكۇلتېت يېتەكچىمىز ئىككىمىزنى < ھە ! ئىككى سىنىپنىڭ چوڭاملىرى. نەگە ماڭدۇق؟>دەپ قويغان ياقى ئىككىمىزنى باشقىلار < چوڭام >دەپ قويىدۇ.
- ۋوي،  ئەتىگەن تۇرۇۋاپسەنغۇ؟ نېمە بوپسەن؟ -دېدى گۈزەل ياستۇقتىن بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ.
-ئاداش، تاپشۇرۇق باركەن. دەپتىرىمنى سېنىڭ سومكاڭغا سېلىپ قويغان تاپشۇرۇق دەپتەرنى تارقاتقان شۇ كۈنى،-دېدىم مەن ئۇلارنىڭ يوغان تىكلىمە ئەينىكىگە قاراۋېتىپ.
- تارتمىدىلا، ئالە ئۆزەڭ،-دېدى ئۇ ئەسنىگەچ.
- سەنچۇ؟  دەرسكە چىقامسەن؟
- سەن چىققان يەردە مەن چىقمىسام سەت تۇرار...
- توۋا.  ھەممىسىگە دەرسكە چىقىشىم قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ -دېدىم مەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ.
- سەن بىينىمىمۇ تولۇق چىقساڭ بولىدۇ ھەي، -  دېدى ھېلىقى تەييارلىقتىكى ياتىقىمىزدا بىللە ياتقان ئارزىگۈل دېگەن كۇچالىق قىز. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. نەق ھازىر كۇچادىن چىققاندەكلا سۆزلەيدۇ.  لېكىن بەك ئۇماق. مەن ئامراق ئۇنىڭغا. مېڭىشى تېخى ھە ئۇنىڭ، ياتاقتا تۇرۇپ بىلەلەيمىز ئارزىگۈلنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقىنىنى. گۈس -گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا، ئەيھانناس! تېخى قوللىرىنى قاتتىق سېلىپ ماڭىدۇ، قاپاق دېگەننى تۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنىڭ جىقلىقىدا كېيىنچە ئالدىرىماي توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
- ۋاي، مېنىڭ چىققۇم بار شۇ، چىقاي دەپمۇ چىقالمايمەن، -  دەپ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ قويدۇم.
-ئاتتـــــــــــــــــــــام ما بىينىمىنى. ساراڭ بىنىيمە، -دەپ كۈلۈپلا كەتتى.
-   ھە، راست!  سىلەرگە بىر گەپ دەپ بېرەي.
بۇ ياتاقتىكىلەر مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا بەك ئامراق. گەپ قىلىپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىلىرى تېخى. ئۇلارغا ئاخشامقى ئۇچۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم. ھەممىسى ھەيران قېلىشىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىشتى.
-كارىڭ بولمىسۇن بولدى.  يا سەن خاتا قاچىلاپ قوي دېمىسەڭ. سېنىڭ بۈگۈن كارىڭ بولمىسا ئۇياقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. ئۇ كالۋاغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈن ئاچما يانفونىڭنى،-دېدى گۈزەل ( گۈزەلنىڭ پىكىر قىلىشى بەزىدە بەكلا نورمال ئەمەس. كېيىنچە بايقاپ قالىسىز).
-ئۇنداق قىلما ھەي بىينىمە.  كۆرۈشۈپ بەرگىن بولمىسا. ئاتتەك بىرسىمۇ تېخى،-دېدى ئارزىگۈل ئۇماق كۈلۈپ.( شۇ بۇ قىزنىڭ بىرلا ئەيىبى  ئوغۇللارغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ توغرۇلۇق گۈزەل ئىككىمىز ئاز بولمىغان نەسىھەتلەرنى قىلدۇق ) .
-   بىرگەپ بولا.چىقىپ كەتتىم- ھە! مەرخان تىتىۋەتمىسۇن يەنە مېنى!!!
******************************************************
  -  ۋاي . سەن تېخى مۇشۇ پېتىغۇ؟!!! گۈزەل بىلەن گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپسىلەردە؟-  دېدى مەرخان قولۇمدىن دەپتىرىمنى شارتتىدە ئېلىپ:
- ۋىيەي، قىزلار، سىلەرگە بىرگەپنى دەيمەن دەپ، ئاۋۇ ياتاققا چىقىپ ئېسىمگە كېلىپ قىلىپ، ئۇلارغا دەپ بېرىمەن دەپ ۋاق قالدىم.- دېيىشىمگىلا، مەرخان:
- ئاداش ، خاپا بولماي كىيمىڭىزنى كىيگەچ دەمسىز؟-دېدى. (ئاچچىقى كەلسە مۇشۇنداق سىزلەپ قويۇشى بارچۇ) كىيىم كىيىشىمگە قىزلارنىڭ بەك پىكرى بار. < بەك مىسىلداپ كىيىم كىيىسە >دەپ.
*******************************************************
   كىچىكىمدىن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قالغان بولسام كېرەك، رەھمەتلىك چوڭ دادام ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك كۆزۈمگە قارايتتى، ( ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. چوڭ دادام، چوڭ ئاپام دېگىنىم دادامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، بوۋام - مومام دېگىنىم ئاپامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار غۇلجىدا)  داداممۇ بىرلا بالا، چوڭ دادام دادامنىمۇ شۇنداق ئەركە بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن، مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى بولغاچقا ، مېنى تېخىمۇ ۋاي دەيتتى، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپامنى دادا، ئاپا دەيتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاندا - ساندا بېرىپ قوياتتىم، ( دادام - ئاپام كېلىپ ، يالۋۇرۇپ تاس قالاتتى يىغلىۋېتەي دېگىلى <بىزنىڭ ئۆيدە بىر كۈن قونۇپ كېتىڭ >دەپ ) باراتتىم ، لېكىن كەچ بولسىلا، < دادام ، ئاپام يالغۇز، مەن بولمىسام ئۇلار زېرىكىپ كېتىدۇ، >دەپ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كېچىلەپ قايتىپ  كېلەتتىم، بۇنداق چاغلاردا چوڭ دادام ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتى:
- بالام، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ. ئاپاڭ - داداڭ بۇنداق قىلساڭ خاپا بولۇپ قالىدۇ، -دەيتتى،
-ۋاي يا! مېنىڭ دادام سەن،-  دەپ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتىم. چوڭ دادام دۆلەتنىڭ چوڭ كادىرى ئىدى، لېكىن ئۆزى بەكمۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى. يىتىم - يېسىرلارغا خەيرى - ئېھسان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىي بولغان ئادەم بولغاچقىمىكىن ئىشقىلىپ مەسچىتكە بارمايتتى، لېكىن مەسچىتكە گىلەم، ئۇبۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ دىنىي ساۋاق بېرەتتى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش، پەيغەمبەرلەرنى بىلىش، قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى مەن مەكتەپ يېشىغا توشماستىن بۇرۇن، ھەممىنى ئۆگىتىپ بولغان. ھەم ئۆزۈممۇ ناھايىتى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا ساۋاق بېرەتتىم.
ئۇ مەھەللىمىزدە چوڭ دادامدەك پېنسىيىگە چىققانلار جىق ئىدى. شۇڭا مەندەك نەۋرىلەرمۇ ساماندەك. كۈندە بىللە ئوينايتتۇق. ئۇ ئاللا نامازشاملارغىچە، ھەممىسىنىڭ چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرى زورلاپ ئەكىرىپ كېتەتتى، چوڭ دادام بولسا مەن ئويناپ بالىلار قالمىغۇچە، مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقنى ھاپىلا - شاپىلا يەپلا ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرەتتۇق. تېخى مەن ئۇلارغا جىق گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتىم، 4 - 5 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئۇلارغا سىرتتىكى ئاداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرى، يەسلىدىكى گەپلەر ھەممىنى دەپ بېرەتتىم. ئىككىسى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتى. تېخى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم، ئۇلار تاھارەت ئېلىپ خۇپتەن ئوقۇسا، مەنمۇ لىچەكتىن بىرنى ئارتىپلا يېنىدا ئولتۇراتتىم. بىلىدىغان سۈرىلىرىنى ( شۇ چاغدىلا ئۇششاق سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى بىلەتتىم) پىسىر - پىسىر قىلىپ ئوقۇپ كېتەتتىم ، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) ماڭا قاراپ:
-   سۈف سۈف... بالام ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن، نامازخان بولغىن،-دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كېتەتتى. (شۇڭا ئاللاھ خالىغان بولسا نامازنى تاشلىمىدىم. ئالىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقان كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا تولۇقلىۋالاتتىم). مەھەللىدە تولا بالىلار بىلەن ئۇنى - بۇنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى 5-قەۋەتتىكى ئاباقەلەم ( ئۇ ئادەم مەكتەپ مۇدىر ئىدى، جىق ئادەملەر بەك ھۆرمەتلەيتتى، رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) داداشنىڭ قىزى ئادىلە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئويناۋېتىپ، مېنى بىرنى ئىتتىرىپلا يىقىتىۋەتتى، بۇرنۇم سۈرۈلۈپ قان چىققاننى كۆرۈپ، باشقىلار چوڭ دادامنى چاقىرىپ چۈشتى، رەھمەتلىك چوڭ دادام 5- قەۋەتكە ھاسىراپ چىقىپ . ئاباقەلەم مۇدىرنى شۇنداق تىللىۋەتتىكىن، بىچارە ئادەم:
-خاپا بولمىسىلا، ئۆمىراڭكا، مەن بالىغا گەپ قىلاي،- دەپ مىڭ ئۆزرە ئېيتسىمۇ، چوڭ دادام ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەنىدى. ئالايىتەن قارا توخو ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىخىنىنى كۆيدۈرۈپ، يارىغا سۈركەيتتى.
-   نېمە دەپ بۇنداق قىلىسەن؟ -دېسەم.
-   بالام سەن دېگەن قىز بالا، بۇرنۇڭ تارتۇق بۇلۇپ قالسا سەت بولۇپ قالىسەن، - دەپ كۆڭۈل قويۇپ كۈندە سۈركەيتتى. بىر ئاي سىرتقا چىقماي ئاران ئوڭشالغانتىم. ( ھازىرمۇ بىزە سۇس بار تارتۇقى) ئادىلەنى كۆرسەم دەپ قويىمەن.
-   قارا بۇرنۇمغا.-  دەپ.
ئىشقىلىپ < ئۆزەمنىڭ شوخلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى  يوقتى>باشقىلارمۇ مېنى ئەرز قىلىپ. دات ئېيتىپ كىرەتتى پات - پات بىزنىڭ ئۆيگىمۇ.
-   قاراڭە، ئۆمىراڭكا، نەۋرىڭىز بالامنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ.
-   قارىسىلا ئۆمىراخۇن،  نەۋرىلىرى نەۋرە بالامنىڭ يۈزىنى تاتلىۋاپتۇ.... دېگەندەك. چوڭ دادام ئۇلارغا:
- ھە شۇنداقمۇ. بۇ بولماپتۇ. مەن گەپ قىلاي. سىلەرمۇ بالىلارغا ئوبدان قاراڭلار -دەپ قوياتتى تېخى. كىيمىمنى چوڭ دادام شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ كىيگۈزەتتى. ئالدىرىماي بىر - بىرلەپ. ئويناۋاتساممۇ بالىلار بىلەن، چاقىرىپ ئەكىلىپ، كىيمىمنى ئوڭشايتتى. ئىشقىلىپ مېنى غەزەپ ياخشى كۆرەتتى جۇمۇ. (ھازىر ياخشى كۆرمىسۇن). ھېيت - ئايەملەردە ئاپام - دادام مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلەتتى. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا، چوڭ دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ مەن يوق بىچارە بولۇپ قالغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپلاقايتىپ كېلەتتىم.
   مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام ئاپام چەتكە چىقىپ سودا قىلىمىز دەپ، مېنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇ يەردە كىچىك دادا كىچىك ئاپىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىكەن. مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمايلا، ھەممە دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ بولدۇم. تېخى چوڭ دادامغا خەت يازدىم. ( ئۇ خەتنى كېلەشىمدە ئۆزەم ئەكىلىپ ئوقۇپ بەردىم). ئۇ ئاسمىنى كەڭرى زېمىندا تېخىمۇ ئەركىن، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق. بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك بالىجانلىق ئادەمتى. شۇنداق شوخلۇق قىلساممۇ <بالا ئەمەسمۇ دەپ قوياتتى>  بىر يىلدىن كېيىن داداملار كېلىپ مېنى چەتكە ئېلىپ كەتتى.  ئۇ تۇرمۇشقا كۆنەلەمدىغان. <ھاي ئاندا قىلماڭ، ھاي مانداق قىلماڭ >، < ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ > < چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ>( ھازىرغا قەدەر خۇشۇم يوق چىش چوتكىلاش بىلەن لېكىن چىشىم شۇنداق چىرايلىق ساغلام ھى ھى) دەۋاتقان. ئۈچ ئاي بولغاندا مېنى بىر مەكتەپكە بەمەكچى بولدى، ئۇنىمىسام ئۇنىماي. كۈندە يىغلاپ، بىر كۈنى شۇنداق قاتتىق قىزىپ كېتىپتىمەن. كېچىچە جۆيلۈپ. < ئۆيگە كېتىمەن > دەپ. ئۇكۇل دورا ھېچنىم پايدىق قىلماي.ئاخىرى مېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 18:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
***************************************************************
ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، چوڭ دادام مېنى بىر مەكتەپكە بەردى. دادام ئاپاملار ئۇكىلىرىمنى ئېلىپ يەنە چەتكە چىقىپ كەتتى. ئۇ كۈنلەردە چوڭ دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىراتتى ئەكىلەتتى، <ئۆزۈم بارالايمەن، كېلەلەيمەن›دېسەم زىبىس ئۇنىمايتتى. تېخى مېنى مەكتەپتىن ئەكەلگۈچە:
- بالام، كېلە ھاپاش قىلاي. يەسلىدىكى ۋاقتىڭدا بەك ئامراقتىڭغۇ؟!-دەپ تۇرىۋالاتتى. – ياق بولدى، دادا .مەن ھازىر چوڭ بولدۇم. قارا مەن سېنى يۆلىۋالاي،- دەيتتىم. چوڭ دادام كۈلۈپ كېتەتتى. دېمىسىمۇ چوڭ دادام بەك ئېگىز (1.90لەر كېلەتتى. دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە چوڭ دادام ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئېگىز ئىكەنتۇق ) ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق تىك ماڭاتتى. (مەن تىزىغا كېلەمدىمكىن تاڭ شۇ چاغدا) بىر ھاسسىسى بولىدىغان (گەپ قىلالايدىغان) شۇنى تۇتىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپكە بېرىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن چوڭ دادام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسىلا بىر تۇتاش < ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى> غا ئاپىراتتى. كادىرلار ئالاھىدە كۈتۈنۈشىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئالاھىدە سىياسىتى بار ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، چوڭ ئاپام تاماق ئېتىدۇ. مەن ئاپىرىمەن. ئاپارغىچە كىيىملىرىمگە تۆكۈپ. چوڭ دادام قاراپ:
- جېنىم بالام، تاماق ئەكەلمەڭلار دېگنتىمغۇ. قارا مۇزلاپ كەتكىنىڭنى!-دەپ كېتەتتى. مەنمۇ يۈگۈرەپ بېرىپلا كارىۋاتقا چىقىپ چوڭ دادامنىڭ يوتقىنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالاتتىم. بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتۇق. تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەيتتىم. ئۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېستىرالار مېنى تونۇپ كەتكەنىدى. تاپشۇرۇقلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىمنى شۇ سېستىرالار دەپ بېرەتتى. كەچلىرى قونۇپ قالىمەن دېسەم:
- چوڭ ئاپاڭ يالغۇز بالام.ئۆيگە كەتكىن،-دەپ ئىدارىسىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بىر شوپۇرى باتتى <خۇازى > دەپ، شۇنىڭغا مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى دەيتتى. كېيىن چوڭ ئاپاممۇ يۈرەك ئاغرىقى بىلەن شۇ دوختۇخانىدا ياتتى. ئەمدى دوختۇرخانا پۈتۈنلەي ئۆيۈمگە ئايلانغانىدى. كۈندە چوڭ دادام بىلەن بىللە ئۇخلايتتىم. ئەتىسى شۇ يەردىن مەكتەپكە باراتتىم. شۇڭا تولا كېچىكەتتىم.
بىر كۈنى، يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن، بارسام بالىلارنىڭ ھەممىسى مەيداندا قار تازىلاۋېتىپتۇ. سىنىپقا كىرىپ سومكامنى قويۇپ قويۇپ، مەنمۇ مەيدانغا چىقتىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا بىر سەت قارىۋېتىپ، كىمنى بىرسىنى مېنىڭ سومكامنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى:
- كېتىڭ بولدى! سىزدەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتالمايمىز. يا دەرسكە تولۇق كەلمىگەن كۈندە كېچىككەن، يا كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بىرسىدە يوق. دەرسنى مىڭ ياخشى بىلسىڭىزمۇ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىسىڭىز بىكار...-دەپ سۆزلەپلا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەتتىم. نېمە كارىم. مېنىڭمۇ كەلگىم يوقتى تېخى! چوڭ دادام بولغان ئىشنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى:
- جۈرە بالام، مەن كۆرەي شۇ خانىمىڭنى!-دەپ شوپۇر بىلەن باردۇق. ئىشخانىسىغا كىرسەك، ھالى ھېلىقى مۇئەللىمنىڭ < كەلسىلە ئوتتاسىلا >دەپ قويدى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا. قارىسام چوڭ دادام ئۆزىنى شۇنداق بېسىۋېلىپ تۇراتتى:
- بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى خانىم؟-دېدى چوڭ دادام- بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ دەپ مەكتەپكە بەرمىسەك، بالىلار ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، بىلىملىك بولغان بولسا، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا ئاشمايتتتى، شۇ بالىلارنى تەربىيىلەپ ئادەم قىلىپ بېرىدۇ دەپ ھۆكۈمەتكاممۇ سىلىگە ھەر ئايدا پالانچى تەڭگە بېرىۋاتىدىغۇ....
مۇئەللىم تۇيۇقسىزلا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي،،پوزىتسىيەسىنى 180گىرادۇس ئۆزگەرتتى:
- ۋىيىي.. ئۇغۇ شۇ. ئەمما... ئەمدى ئانچە - مۇنچە دېكتاتۇرىنىمۇ ئىشلەتمىسەك....-دەپ تۇرىشىغا مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ قالدى:
- ھە..- دېدى ئۇ ئادەم قاپاقلىرىنى ئاچماي،- پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ قىز! دەرسنى بىلسىلا بولامدۇ؟ تەشكىلىي ئىنتىزام بولمامدۇ؟!
بۇ چاغدا چوڭ دادام ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى:
- نېمە؟ ئۇكامۇي. نەدە ئۇقۇغان سىز؟ 7 ياشقا كىرمىگەن بالىدا تەشكىلىي ئىنتىزام دېگەن ئاڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن خالىغانچە قوغلىغىنىڭىز تەشكىلىي ئىنتىزامكەندە؟!!! مەنمۇ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى ئىدىم، ئاۋۇ يېشى بىر يەرگە بارغان بالىلىرى ئېڭەككە تاقاشقانلارنىمۇ ئىش تاشلىدىڭ! كېچىكتىڭ! سېنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىڭ يوقكەن، دەپ بىر قېتىم ئىشتىن ھەيدەپ باقمىغان ئادەم مەن. سىزنىڭ بېشىڭىز شۇنداق چوڭما!!!- دەپ سۆزلەپ كەتتى ھاسسىلىرىنى پۇلاڭلىتىپ. ئىشخانىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ چىرايى تام. مۇدىر ئەپەندىمغۇ < بۇ بۇ >دەپلا قالدى.
- قېنى؟ قايسى مائارىپ قانۇنىدا باركەن شۇ سىزنىڭ قانۇنىڭىز؟ بالىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چېكىندۈرىدىغان. ھۆكۈمەت مۇشۇلارنى بىلىم ئالىدۇ دېمىسە سىزدەك ئادەملەرگە قوي بېقىشمۇ ئاشمايدۇ بىلەمسىز؟-چوڭ دادام زادى ئۆزىنى تۇتالمىدى،- يۈرە بالام، سېنى مۇشۇنداق يەردە بىلىم ئال دەپ خاتا ئىش قىلغىلى تاس قاپتىمەن،-دېدى قولىنى ماڭا ئۇزىتىپ.
- ۋاي.. يا يا... سىلى... سىلى توختاپ تۇرسىلا ئولتۇرسىلا...-دەپ تۇتىۋالدى سىنىپ مەسئۇلىمىز.
- سىلى ئەمدى نەگىلا ئاپارسىلا بۇ بالا ئوقۇپ بولالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى تەربىيىلىسىلە!-دېدى ھېلىقى مۇدىر دېگەن قاپاقباش.
- شۇنداق چوڭ دۆلەتنى باشقۇرغان كوممۇنىستىك پارتىيە. مۇشۇ نەۋرە قىزىمنى باشقۇرالماي (ئۆزەڭ تەربىيلە دېسە) مەيلى. سىزنىڭ شۇ گېپىڭىزگە ئىگە بولىدىغان ئادەمدىن ئاڭلىسام، ھەرگىزمۇ مەكتەپكە بەرمەيمەن.-دېدى چوڭ دادام مۇدىرغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
ماشىنىغا چىقىشىمىزغا كەينىمىزدىن مۇدىر ھاپاسلاپ چىقتى:

  • بايا.. باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق دېمىسەم..-دەپ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا، چوڭ دادام شوپۇرغا:

- ھەيدە! مائارىپ ئىدارىسىغا!-دېدى. شۇ كۈنى مۇدىرنىڭ ماشىنىنىڭ ئارقىدا قېلىپ قالغان قىياپىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ...
-كۇسپۇرۇشنىڭ..تېخى. ئۆزەڭ تەربىيىلە دەپ كەتكېنىنى...-چوڭ دادام ئىككى قولى بىلەن ھاسسىسىنى تۇتۇپ (ھە ھېلىقى ئەسمەتخان دېگەن كىنودىكى ئەسمەتخاندەك) يەرگە توك - توك قىلىپ ئۇرۇپ،-ئالدى بىلەن سېنى بىر ئوبدان تەبىيىلىمىسەم خەپ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلار ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ چوڭ دادامدىن ئەپۇ سورىشى، سىنىپتا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشى بىلەن تۈگىگەن بولدى. شۇڭلاشقىمىكىن، كىچىكىمدىن باشلاپ مۇشۇنداق غەم يېمەس، ھورۇنراق، بېشىم چوڭراق دېگەندەك چوڭ بولۇپ قاپتىمەن. ياتاقتىقمۇ كەچكىچە قىزلارنى ئىشقا بۇيرۇپلا < ئاداش ئانى ئېلىۋېتە> < ماڭا تاماق ئالغاچ كىرىڭلار > < چېچىمنى بوغۇپ قويە> < چاپىنىمنىڭ تۈگمىسىنى قاداپ بېرە> < ما ناننى ئۇشتۇپ بېرە >......دەپلا ئۆتىمەن. بەزىدە قىزلار غودۇڭشىپ قويىدۇ، لېكىن ئۇلارمۇ كۆنۈپ كەتتى. ئەممازە، مۇشۇ كىيىم كىيىش، يۈزۈم يۇيۇش،تاماق يېيىشلىرىمغا بەك پىكرى بار. <نېمانداق ئاستا ئىش قىلىسەن>دەپ تېرىكىپ كېتىدۇ قىزلار.
- نەدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلەش زور جۇمۇ مەندە ھە؟ مەرخان!-دەپ مەرخانغا ئىلتىجا قىلىمەن بەزىدە.
- ھەي تاڭ. ئۇقمىدىم جۇمۇ ئۇنى،-دەپ قويىدۇ مەرخان بېشىنى چايقاپ.
*********************************************************
ئوقۇغۇچىلارنى فاكۇلتېتىنىڭ لېفىتىغا چىققىلى قويمايدۇ دېمەيسىلەر؟! بىزنىڭ مەكتەپتە! ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 6-قەۋەتتە. ھە راست دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن<100كوي ۋەقەسى>نى قىزلارغا دەپ بەرگۈچە ۋاقىت توشۇپ كېتىپ ئۇلار دەرسكە چىقىپ كېتىۋەردى. مەن گۈزەل بىلەن ھازىر 2-سائەتلىك دەرىسگە ئۈلگۈرۈپ ماڭدۇق. بىز لېفىتقا چىقىۋېرىمىز. نەچچە قېتىم لېفىتقا قارايدىغان چوقۇر قېرى خەنزۇ بوۋاي بىرىنچى قەۋەتنى بېسىپ تۇرىۋېلىپ بىزنى 6-قەۋەتكە چىقىپ بولغان لېفىتنىڭ ئىشىكنى ئاچقۇزماي، بىرىنچى قەۋەتكە قايتۇرۇپ چۈشەرگەن. ئىككىمىزمۇ قېيىشىپ، يەنە چىقاتتۇق. يەنە چۈشۈرۋەتسە يەنە چىقاتتۇق. ھازىر گۈزەل ئىككىمىز لېفىتقا چىقساق كۆرمىگەنگە سېلىۋالىدۇ ئۇ چال. بىزمۇ چاندۇرماي كۆرمىگەن بولىۋالىمىز. < داۋۇخور بوۋاي >دەپ تىىللىدى. لېفىتتىن چۈشۈپلا گۈزەل:
- بولە. ئەمدى 2-سائەتكىمۇ كېچىكمەيلى. تۇردىبەك مۇئەللىم تىتىۋەتمىسۇن>دېدىم مەن ( تۇردىبەك بىزنىڭ فاكولتېتنىڭ غوللۇق پىراففېسورى)
- ئوھوش.. خوش بولسۇنچۇ ئۇ تۇردىبەك مۇئەللىمىمىز، يۈز بېرىپ دەرسكە چىققىنىمىزغا.-گۈزەل چېچىنى ئوڭشىغاچ غودۇڭشىدى. ھەنىم بولسا، تەنەپپۇس ۋاقتى ئىكەن. ئىككىمىز سىنىپقا كىرىشىمىزگە:
- ۋۇي! ئىككى چوڭام! مۇبارەك قەدەملىرى يېتىپ قاپتىغۇ!-دېدى ب سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى مەۋلان كەيفا (ئۆيى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى سانائەت رايونىدىكەن، شۇڭا شۇنداق دەۋاپتۇ بالىلار) گۈزەلنىڭ قەتئىي خوشى يوق ئۇ بالا بىلەن. مەۋلان كەيفانىڭ شۇ گېپى بىلەن ئالدىغا قارىشىپ ئولتۇرغان بىرىنچى پارتىدىكى <پىراففېسورلار> گۈررىدەڭ كەينىگە قاراپ تۇرىدۇ. بەزدەك! شۇنىڭ بىلەن ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ (ئۇلۇغ ماۋجۇشىرىمىز سۆز قىلغاندا قوللىنىدىغان ھەرىكەت):
-بولدى بولدى قوزغالماڭلار! يولداشلار جاپا تارتتىڭلار، ۋەتەن خەلق سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ!-دەپ قويدۇم. بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر پاراققىدە قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. سىنىپ باشلىقىمىز نېغمەت:
- ھەي قىزبالا، كۈن قاياقتىن چىقتى؟ بېشىڭىزدىن ياغاچ ئۇشتۇمدۇق يا؟!-دېدى يېنىمغا كېلىپ.
- ئاران بىر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندە، جىم تۇرۇڭلار!-دېدى مەرخان.
-ھە راست، ئاداش يېزىپ بولدۇڭما مېنىڭ تاپشۇرۇقىڭنى؟
- ھەئە، يېزىپ بېرىۋەتتىم ئالدىنقى سائەتتىلا!
- توغرا يازغانسەن ھە؟
- مۇشۇنداق زاڭ گەپ قىلىسەن ئەمەسمۇ سەن ئاداش!- دېدىمەرخان چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇرۇن مەن زاڭ دېسەم < ۋېيىي زاڭ دېگەن قازاقچە قانۇن دېگەن گەپ ھېي> دەپ زاڭلىق قىلىدىغان ئادەم ھازىر مېنى زاڭ دەپ تىللايدىغان بولۇپ كەتتى!
- ھى ھى... چاقچاق ساراڭ!- دېدىم مەن سومكامدىن كىتابىمنى ئېلىۋېتىپ.
دەرس باشلانسىلا ۋاقىت ئەجەب ئاستا ئۆتىدۇ، دېسە! تۇردىبەك، بۇ مۇئەللىم بەك ئۇماق. بويى پاكارغىنە. كىيىنىشى بىزنىڭ پۇتبۇلچى بالىلارغا ئوخشايدۇ، كاستيۇم كىيگىنىنى ھېچكىم كۆرۈپ باقماپتىكەن. شۇنداق تېتىك دېمەيسىز! قازاق بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى خېلى يامان ئەمەس سۆزلەيدۇ. لېكىن شۇ تەلەپپۇزى بەك غەلىتە. ئۈزۈپ – ئۈزۈپ دەيدۇ. ھەربىر سۆزنى. ھەممىدىن يوقلىما قىلىشى ئەڭ قىززىق. 120ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا دەرس ئاڭلايدىغان بۇ چوڭ بىرلەشمە سىنىپتا باشقا مۇئەللىملەر يوقلىما قىلىش ئۈچۈنلا بىر مۇنچە ۋاقىت ئالىدۇ. بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەك ياخشى. بىر كۆرگەن ئادىمى، بىر ئاڭلىغان ئىسىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ! مانا يوقلىما باشلاندى: < ئالتە ئاخمەتجان كەلدىما؟ (ئەخمەتجاندىن ئالتىسى بار تۆت سىنىپتا، ھەممىسى قولىنى كۆتۈردى) تۆت ماھىرە؟ ھە. ياخشى! چاراپەت؟ ( شاراپەتنى ئاشۇنداق تەلەپپۇز قىلىدۇ.) ئايتىكەن؟ ( ئاتىكەمنى شۇنداق دەيدۇ )،ھە سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ھېلىقى ئۇخلايدىغان قىز.ھە باركەن. ھېلىقى تۆت يېقىن ئاداش؟ (دائىم بىللە ئولتۇرىدىغانلار) > ئالدىدىكىلەرنى يوقلىما قىلىش كەتمەيدۇ. (كەلمەڭلار دېسىمۇ كېلىدۇ ئۇلار ) <ئۈمىد، سەيپىدىن (ئىككىسىنىڭ بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتىكەن كارىدوردا شۇڭا دائىم بىللە ئاتايدۇ). تۆت بەنجاڭ! (تۆت سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى)، تۆت قىز بەنجاڭ ( تۆت ئۆگىنىش ھەيئىتى ) زىياۋدۇن. سېنىڭ يېنىڭدىكى كەلمىدىما؟> ھىم..ماڭا كەلدى.
-سىز قاچان كەلدىڭىز؟ (ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ كۆزىدىن)
- ھە... مەن ئەتىگەن مىجەزىم يوق.
- ياخشى بولدىڭىزما؟ يا مېنى خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ كىردىڭىزما ؟
- ھە ياخشى بولۇپ قالدىم. دورا ئىچكەن.
- ھە... جىق پۇلغا ئاپسىز دە! بىر سائەتتىلا ياخشى بولۇپ كېتىپسىز.
(كۈلكە). ئەمدى گۈزەلگە قارىدى:

  • سىزمۇ شۇ دورىنى ئىچىپ ساقايدىڭىزمۇيا؟!
  • مەن ئۆيدىكىلەر بىر نەرسە ئەۋەتىپتىكەن. شۇنى ئالغىلى بېرىپ..
  • ھە.. شۇنداقمۇ؟ ياخشى. ئىككىڭلار پەستە ئۇچرىشىپ قاپسىلەردە. ياخشى دوستما سىلەر؟

بۇ مۇئەللىم مۇشۇنداق گەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئالدىنقى بىر قېتىممۇ، تازا ئېنگىلىزچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام، مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە. تۇيۇقسىزلا يېنىمغا كېلىپ.(سەزمەپتىمەن) < گۇد مورنىڭ> دېمەسمۇ. يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان. لېكىن، بىز ھەممىمىز ئامراق بۇ مۇئەللىمگە.باشقا مۇئەللىملەردەك يوقلىما، تاپشۇرۇقلارنى ئۆلچەم قىلىپ، باھا بەرمەيدۇ. ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش كۆرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا غۇم ساقلايدىغان، قەستەنگە قىيىشىدىغان ئىشلارنى ھەگىز قىلمايدۇ.
< ماتېماتىكا ئانالىزى > ئەڭ مۇرەككەپ گەپلەر بار جۇمۇ بۇ دەرستە، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تىلدا ئۆتكەچكە بەزى ئاتالغۇلاردا قايمۇقۇش كۆرۈلىدۇ. بېشىم قېيىپ كەتتى دېسە بىر دەم كىتابقا قارىسام. يېنىمدا مەرخان رىشات بىلەن جىددى قىسقا ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ. تۇيۇقسىز < 100كوي ۋەقەسى>نى ئويلاپ قالدىم، ‹ئۇيغۇرمىدۇ؟ قىزمىدۇ؟ ئوغۇلمىدۇ؟ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئەجەب يەنە ئۇچۇر ئەۋەتمەيلا توختاپ قالدىيا؟›كەينىمدىن بىرسى نوقىدى. قارىسام بىر پارچە قەغەز. مۇشۇ، دەرس ۋاقتىدا خەت يېزىپ، قەغەز سۇنىدىغان ئىشىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بارتى-ھە؟! قەغەزنى ئاچتىم. <ھەي قىزبالا، سىنىپقا شۇنداق يارىشىپسىز.ھى ھى > نېغمەت!!! ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويدۇم. <كىمكەن؟>يەنە بىر يېنىمدا خىيالىدا يوق تىرنىقىنى ياساپ ئولتۇرغان گۈزەل سورىدى بېشىنىمۇ كۆتەرمەي.
- نېغمەتكەن. دەرسكە قاتناشسىڭىز يارىشىدىكەن، دەيدۇ
- نېمە كارى مۇشۇلارنىڭ دەيمەندە، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ، مۇشۇ مەكتەپكە كىرىم قىلىپ بېرىۋاتساق. بىزنىڭ ئوقۇش پۇلىمىز بولمىسا مۇشۇ مۇئەللىملەرگىمۇ نەدىكى مائاش. دەرسىنى ئوقۇپ، ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بەرسەك بولمىدىمۇ دەيمەندە.
گۈزەل مۇشۇ توغۇرلۇق بەك قاخشايدۇ، بۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بەك ياخشى، ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن ھەل قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ياتىقىدىكى قىزلار بىلەنلا ئۆتىدۇ، ئۇندىن قالسا مەن مەرخان بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. ئىمتىھانلاردا( بۇلار ب سىنىپ ئايرىم بېرىدۇ) ياتىقىدىكى دەرستە ياخشى قىزلارنى چۆرىسىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئىمتىھاندا ئۇلاردىن يۇقىرى ئېلىۋېتىدۇ. نەچچە دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىنمۇ شۇنداق قىلىپ لاياقەتلىك بولۇپ كەتتى. ھەممە ئىشلاردا گۈزەللىك ، مۇكەممەللىك قوغلىشىدۇ، ئالدىراپ بىر ئىشلاردىن رازى بولمايدۇ. پىكىر قىلىشى ، ئانالىز قىلىشى باشقىلارنىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ گېپى دائىم خەقلەرگە قىززىق تۇيۇلىدۇ، گېپى قوپالراق، ئەمما كۆڭلىدە يامانلىقى يوق، بوي - تۇرۇق، بەدەن قۇرۇلۇشلىرى چىرايلىق، بىردىنبىر ئارزۇسى تېرىسىنى ياخشى قىلىش، بىر نەرسىلەر بەك ئىتتىك رىئاكسىيە قىلىدۇ، تولا زۇكام بولىدۇ، نەچچە قېتىم يېرىم كېچىلەردە دوختۇرخانىغا ئاچىقتۇق. (ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ). پاكىزلىقنى بەك سۆيىدۇ. ( ھەممىمىز شۇنداققۇ، لېكىن بۇ سەل ئاشۇرما دەرىجە). تولا قولىنى يۇيىمەن دەپلا كېچىكىدۇ بىر يەرلەرگە. ھە راست، ئوغۇل بالا بىلەن بەك خۇشىي يوق. ئارزىگۈل ياتاقتا ئوغۇللارنىڭ گېپىنى سەللا جىقراق قىلىپ قالسا تېرىكىدۇ، < ئەر سارىڭى >دەپ تىللاپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزى بەك ئەخلاقلىق، ئىشقىلىپ بۇ دوستۇمنى ياخشى كۆرىمەن.
يانفونۇم يېنىككىنە تىترىدى. < قارىغاندا بۇ پۇلغا بەك ئېھتىياجلىق ئوخشايسىز، سەدىقە قىلاي. ماڭا دۇئا قىلىپ قۇيارسىز، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە. دۇئاغۇ باردۇ؟!>ئاخخا! ئۇقۇغۇچىكەندە بۇ!
-ھەي ئاداش قارا،-دەپ گۈزەلگە كۆرسەتتىم.

  • -يولداشلارغا دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن، يامان بولساڭ يەنە يۈز كوي قاچىلا، بىرەر راھىب تېپىپ ساڭا دۇئا قىلغۇزۇپ بېرەي دېگىنە،-دېدى ئۇ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ. مىڭ تەستە ئۇ ئۇچۇرنى يېزىپ ئەۋەتىۋەتتىم.< ئۇيغۇر بولسىڭىز ھارامنى يېيىشتىن قورقمامسىز. بولۇپمۇ مەندەك ئوقۇغۇچىنىڭكىنى › ئەمدى پىنيىن بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىپ ئەۋەتكەنىدى. ھىم... ئەسلىدە ئۇيغۇركەندە!!

-ۋىيىي. ئاداش ئۇيغۇركەن! بولدى قىلاي ئەمدى، ھېلى چىققاچ يانفونىغا100 كوي قاچىلىۋېتەي.ئېسىمگە سېلىپ قويە،-ھە؟-دېدىم بېشىمنى ئۈستەلگە قويۇپ گۈزەلگە قاراپ.

  • ئەكەگىنە مەن كۆرۈپ باقاي ئۇچۇرنى،- دېدى ئۇ قولىنى ھۆل قەغەزگە سۈتكەچ.
  • ھارامنى يېيىش دەپ كېتىپتا بۇ سەت. سەن بىر بۇلاپ، ئالداپ ئېلىۋالغاندەك. ئۇ 100كويچىنىنى.-دەپلا ئۆزى قايتۇرۇشقا باشلىدى.

- كۆرۈپ باقە.-دېدى ئۇ يانفونۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ. < كىم سىزنى دىققەت قىلماي مېنىڭكىگە قاچىلىسۇن دەپتۇ؟ مەن قاچىلا دېدىممۇيە؟! يەنە كېلىپ سىزگە مۇشۇنداق خەت قايتۇرىمەن دەپ پۇلۇم ئىسراپ بولغىنىنىغۇ دېمەيلا قوياي، دەرس ئاڭلاش، ئارام ئېلىش قاتارلىق قاتارلىق بىر مۇنچە ئىشىمغا دەخلى يەتكۈزدىڭىز. بۇ زىياننى ئاۋۇ 100كويچىنىڭىز تۆلەپ بولالمايدۇ جۇمۇ. مەن قايتۇرمايمەن خاتىرجەم بولۇڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىسىز، مۇشۇنداق قىلسام! بۇرنىڭىزغا سۇ كىرگەندۇ؟!> ئۇچۇرنى ئەۋەتىۋەتتىم.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 19:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت       ئارمانى
-سەن بىلەن بىللە بولغانشۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى    (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
***********************************************************
بۈگۈن چارشەنبە. ‹‹ رائىلە چۈشتىن كېيىن بىر يەرگە بېرىشىپبەر، ياتىقىڭدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇر، دەپ تېلىفون بېرىپتۇ، چۈشتىن كېيىن سىياسىيئۆگىنىشكە چىقالمايدىغان بولدۇم، نېغمەت. ۋاي! ماڭىمۇ نېمە ئامال، ھە ھە... شۇ، شۇقىز، ھېلىقى چىرايلىق ناخشىچى دوستۇم شۇ. ھى ھى... ئەمىسە سىزگە تاپشۇردۇم ھە؟ رەھمەت نېغمەت.››

  • ئۇف...     تازىمۇ بىر، بۇ رائىلەمۇ چۈشتىن كېيىنرەك كەلسىچۇ،- دېدىم كارىۋاتتىكى     يىغىقلىق يوتقانغا يۆلەنگەچ، تېلىفوننى قويۇپ.

  • ۋاي بولدى     قىلغىنە! باھانىغۇ     ئۇ بىر! باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا دېسەڭ قانداقكىن، بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلىساق     بەك بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمىز!- دېدى ئادىلە چامادىنىنى رەتلىگەچ.

  • ئۇنداقمۇ     دەپ كەتمە، بۇ ھەپتە ئۆيدىن قەتئىي نىيەت قىلىپ كەلگەن بولمىسا، دەرسكە     توپ-تولۇق چىقىمەن، دەپ! ھــــــــــــــەي... مۇشۇ ئادىمى شەيتانلىرىمنىزە!- دېيىشىمغىلا ئىشىكتىن     يانفوندا سۆزلىشىپلا رائىلە كىردى، ئۇ بىر ياقتىن ئادىلە بىلەن سالاملاشقاچ،     بىر تەرەپتىن:

  • بولە ئات،     ئۇلار ساقلاپ كەتتى!- دەپ قولۇمدىن  تارتىپ     دېگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

  • نېمانچىۋالا     ئالدىرايسەن؟ سائەت ئىككىدە كېلىمەن دېگەنتىڭغۇ؟- دېدىم ياتاق بىناسىدىن     چىقىۋېتىپ.

  • ۋاي     ئاداش، گەپ قىلما، مەكتىپىڭلارنىڭ يېقىندا تويىمۇ، مەرىكىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر     ئىشى بولىدىكەنغۇ؟- دېدى ئۇ.

  • ھە توغرا،     80يىللىق تويىنى قىلىمىز دەۋاتاتتى، بىزغۇ ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىغاندىن كېيىن     ئۇقمىدۇق. نېمە؟ سەن ئۇ تويدا ناخشا ئېيتمايدىغانسەن؟

  • بىر تونۇش     مۇزىكانت بالىلار بار ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى بار، شۇ تويغا نومۇر     بېرىدىكەن، مېنى شۇ ناخشىسىغا ئاكورت ئېلىپ بەرسىڭىز، دەپ بەك ئىزدەپ كەتتى،     مانا- ئەنە دەپ سوزىۋەتتىم، شۇنى بۇگۈنگە دېيىشىپ قويغان. ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى     ئىشلىتىدىكەن دېگىنە، مەن كالۋا چۈشتىن كېيىن ئىككىدە دەپتىمەن، بايام ياقى     تولا تېلىفون قىلىپ... بولدى ماڭە ئاداش، جىق گەپ قىلغۇزماي ئادەمنى!

  • ۋايجىنەي...     ئۇ يەرگە نېمە دەپ بارىمەن مەن، يا ناخشا ئېيتالمىسام،- دېدىم تۇمشۇقۇمنى     سوزۇپ.

  • ماڭا     ھەمرا بولۇپ بېرىشىپ بەرسەڭ بولار ئەمدى؟! ئۇيەردە ھەممىسى بىر توپ مۇزىكا     ئوينايدىغان ئوغۇل بالىلار، مەن ئۆزۈم يالغۇز بارامدىم؟-دېدى ئۇ تاكسى توسىغاچ.
         
       ئۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۆۋىنىدىلا     ئىكەن، بىردەمدىلا باردۇق. ئالدىمىزغا بىر ئېگىز، قارامتۇل بالا چىقتى. ‹‹     ياخشىمۇسىلەر›› دەپ بىرەر قۇر رەسمىيەتكىلا سالاملىشىپ، ئۇ ‹‹ئېگىز››نىڭ     كەينىدىن ماڭدۇق. 4- قەۋەتكە چىقىشىمىزغا يەنە بىر پاكارراق، ئوچۇق چىراي     ئوغۇل بالىدىن بىرسى چىقتى.

  • ۋوي،     رائىلە، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، قانداقراق يېقىننىڭ ياقى؟ ئاڭلىدىم، يېڭى     ئىجادىيىتىڭىز خېلى يامان ئەمەسقۇ؟!- دەپ خەنزۇچە     ئەھۋاللىشىپ كەتتى. ‹‹ئېگىز›› ئىككىمىزمۇ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ     ئىشخانىسىغا كىردۇق، شۇنداق ئازادە، پاكىز، بېزىلىشى ئالاھىدە بۇ يەر كىشىگە     تولىمۇ راھەت تەسىر بېرەتتى. نەچچە ئوغۇل بالىنىڭ بۇنچە چوڭ ئۆينى بۇنداق     سەرەمجان تۇتۇشىغا ھەيران قېلىپ، ئۇياق - بۇياقلارغا قاراپ ئولتۇردۇم.

  • ۋوي، بۇ     چىرايلىق قىزچۇ؟ دوستىڭىزما؟ ئۇياق- بۇياققا بەك قاراپ كەتتى، بىزنى     تەكشۈرگىلى كەلدىمۇ نېمە؟- دېدى ئۇ پاكىنەك خەنچە. بۇ بالا ئۇيغۇرچە     بىلمەمدىغاندۇ؟

  • ھە؟ مەنما؟-     دېدىم رائىلە گەپ قىلغۇچە،- مەن رائىلەنىڭ يېزىدىن كەلگەن تۇغقىنى. ھازىر     شەھەرگە كىرىشىم. شۇڭا...- دەپ كۈلۈپ قويدۇم.

  • ھاھاھا...

ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم ئەمدى!
                              
  • ۋۇي!     يېزىدىن كەلگەنلەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. قېنى قېنى، مەن بىر كۆرەي، شۇ     <<يېشىل >> ئادەملەرنى،- دەپلا ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر     بالا چىقتى. قولىدا جايناماز تۇراتتى، كىيىنىشلىرى شۇنچە زامانغا لايىق،     چىرايى شۇنداق نۇرلۇق. ئەمما كۆزلىرىدە سۈرى بار بۇ يىگىت ماڭا قاراپ،     ئاندىن:

  • ۋوي،     چولپانلارنى ئاۋارە قىپتىمىز-ھە؟!- دەپ رائىلە كۆرۈشتى.- بەك رەھمەت جۇمۇ، بۇ     ئاكورتنى سىز ئالمىسىڭىز زادى بولمايتى جۇمۇ؟!- دېدى يەنە ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ  ئولتۇرغاچ.

‹‹ھە، ئەسلىدە ناخشىچىكەندە بۇ غوجام› دېدىم ئىچىمدە. ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، باشقا يەرلەرگە قاراپئولتۇرىۋەردىم.

  • ۋاي     ياقەي، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغۇ بۇ!- دېدى رائىلە ماڭا قاراپ، مەنمۇ كۈلۈپ     قويدۇم.- ھە     راست،-دېدى رائىلە يەنە ،- بۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان     سىڭىل دوستۇم. ئۆزى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ،-دېيىشىگىلا، ئۇدۇلۇمدىكى     ئەبلەخ:

  • ھـــــــــە،     مەن تېخى بىزنىڭ ناخشىمىز ياخشىراق چىقسا، ئۇسسۇل ئويناپ بېرەي دەپ كەلگەن     ئۇسسۇلچى دوستىڭىزمىكىن دەپتىمەن،-دەيدۇ. نېرۋام ئۆرلىدى، ئەمما گەپ     قىلمىدىم، دوستۇمنىڭ يۈزىنى قىلمىسام بولمايدۇ-دە؟!

  • ھاھاھا..     بۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭسام مودېلما دوستۇڭ؟ دەيتتى باشقىلار. بۈگۈن سىز     ئۇسسۇلچى دېدىڭىزغۇ ئەمدى!- دېدى رائىلە كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ، (بويۇم     ئېگىز بولغاچقىمىكىن تولا خەقلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمەن.)

  • يا دەيمىنا!     قارىسام بىر خىل ئۇسسۇلچىلارغا خاس لاتاپەت چىقىپ تۇرىدۇ، قاراڭە قاپاق     دېگەننى تۈرۈپ.-دەپ بولۇپلا باشقا ياقلارغا قاراپ تۇرۇۋالدى ھېلىقى ئەبلەخ،     تازىمۇ ساراڭدىنغۇ بۇ.

  • كۆڭلىڭىزگە     ئالماڭ ھە، بۇ بالا نەچچە كۈننىڭ ياقى ئۇخلىماي ناخشا يازىمەن دەپ. تۈنۈگۈن     ياقى لېنتىغا ئېلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. توغرا چۈشۈنىپ تۇرايلى ھە؟!- دېدى ھېلىقى ئۇيغۇرچە     سۆزلەشنى بىلمەيدىغىنى.

  • ياقەي!     بۇنداق يېتىلىۋاتقان ياش ھەۋەسكارلىرىمىزنى قوللىمىساق بولامدۇ؟- دېدىم قاپىقىمنى     سۈزۈپ.

  • يۈرۈڭلار،     ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ مەسلىھەتلىشىۋالايلى. دەپلا ھەممىسى     ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئەگەشتىم. بۇ ئۆي تېخىمۇ     ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئاددىي قىلىپ بېزەلگەنىدى. ئادەمگە ياۋروپانىڭ ئېسىل     مۇزىكىلىق - چايخانىلىرىنى ئەسلىتەتتى،  بىر چەتتە     قويۇقلۇق بۇغىنىڭ مۇڭگۈزىگە ئوخشاپ كېتىدىغانراق غەلىتە بىر ئورۇندۇققا كېلىپ     ئولتۇردۇم.

  • ئاۋۇ     مېنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقۇم!- دېدى ھېلىقى ئەبلەخ.

- ئىسمىڭىزنى يېزىپ قويغانمۇ، قىزىق!- دېدىم تۇتقۇچلىرىغا قارىغاچ، بىردەمدىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭپارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى. سومكامدىن دائىم يېنىمدىن  ئايرىمايدىغان  بىر رەسىملىك كىتابىمنى ئالدىم-دە، ئۇقۇشقا باشلىدىم.
تۇيۇقسىزلا، يانفۇنۇمنىڭ تونۇش مۇزىكىسى ئاڭلاندى، قارىسامھېلىقى ئەبلەخنىڭ قولىدا مېنىڭ يانفۇنۇم تۇرىدۇ، تېخى خىيالىدا يوق يانفوننىڭئاۋازىنى يوقىتىۋېتىپ، ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.‹‹ قانداق تېتىقسىز نېمە بۇ؟! بايام ئاۋۇ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپچىقىپتىكەنمەندە؟! (پات - پات ئۇيەر - بۇ يەرگە تاشلاپ قويىمەنچۇ).››ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېنىغا يۈگۈرگەندەك باردىمدە،قولىدىن شاپپىدە تارتىپ ئالدىم يانفۇنۇمنى.

  • چاقچاقمۇ     جايىدا بولسۇن ھە؟!- دېدىم ھېلىقى ئەبلەخگە ئالايغاچ.

  • ۋەي،     ياخشىمۇسىز، كىمۇ؟- دېدىم يانفونۇمنى ئېلىپ.

  • ئالو.     ئەزىمەت! ھەي ئەزىمەت!- دېدى بىرسى

  • كىمنى     ئىزدەيسىز دەۋاتىمەن،- دېدىم تېرىكىپلا.

  • ۋۇي، گەپ     ئۇقمامسىزنېمە؟!1 ئەزىمەتنى ئىزدەيمەن. ئەزىمەتنىڭ ئۆزى قېنى؟

ۋاي خۇدايىم!!! كاللامدا بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئىنكاسقىلىپ بولغۇچە، ھېلىقى ئەبلەخ يانفوننى قولۇمدىن ئېلىپ سۆزلەشتى:

  • ھە،     ئالىم، قانداق ئەھۋال؟ ۋاي شۇ ئاداش، ھېلىقى ئاكورتنىڭ ئىشىنى     دېيىشىۋاتقان...

قالغان گەپلەر قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى.

  • ۋىيىي،     ئاداش، بەك ھاڭۋاقتى جۇمۇ سەن... ھى ھى ھى،- دېدى كۈلۈپ كېتىپ. ھېلىقى     ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغىنىمۇ ئەمدى ئاڭقىرغان بولسا كېرەك، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ     كەتتى. ئورۇندۇققا كېلىپ كىتابىمنى كۆرىۋەردىم ھېچ ئىش بولمىغاندەك. لېكىن     كىتاب مېنى كۆرىۋاتامدۇ مەن كىتابنى كۆرىۋاتامدىم، يۈزلىرىم ئوت بولۇپ     يېنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئەبلەخ تېلىفون سۆزلىشىپ بولۇپ، قايتىپ كىردى،     يۈزلىرىمنى كىتابىم بىلەن چاندۇرماي توسىۋالدىم. < بولدى ئىززا     تارتماڭ، كاتىپىم تېلىفوننى ئالغان قىز دەپ قويدۇم! قىززىق قىزكەنسىز دەيمەن،     ئادەمنى قورقۇتۇپ...

ئۇ ئېنىق ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى، قەستەنگە قارىمايئولتۇرۇۋالدىم.

  • سورىسىڭىز،كۆرەپ     باقاي بىزنىڭ يۇرتتا يوق ئىدى دەپ، بەرمەمدىم مەنمۇ! ئۇنداق كەپلا بۇلاپ     كەتسىڭىز، ھــــــــــەي... كېسىلىم بار، يۈرۈگۈم ئاجىز مېنىڭ!-دېدى يېنىمغا     كېلىپ. يانچۇقۇمدىن ئۆزۈمنىڭ يانفونىنى ئالدىمدە:

  • نېمانداق     گەپ قىلمىسا! ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟- دېدىم كۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ     يانفونۇمنى. يانفونىمىز ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى. بىر ماركا، بىر خىل تىپ، ئوخشاش     رەڭ.- مەن تېخى مېنىڭكى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىلدىڭىزمۇ ئەمدى؟ سىزنىڭكى     ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ھېلىغۇ تۇتۇشكەن، قاراپمۇ قويمايتىم.- دېدىم بويۇنلىرىمنى     تولغاپ. قالغانلار بولسا توختىماي كۈلىشىۋاتاتتى.

  • ۋىيىي ما     گەپنى، ئەمدى سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا سىزنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ يا سىزنىڭ     ياناونىڭىز بىر تاللىمىتى دۇنيادا؟ سىز بىلەن ئوخشاش نەرسىسى بولۇپ قالسا     قورقسا بولامدۇ نېمە ئادەم، قاچان كېلىپ بۇلاپ كېتىدىكىن دەپ ؟

ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىمگە يەنە باشلىدى گېپىنى.

  • سىزنىڭكى     ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام تۇتماستىم، قارىماستىم دەپ كەتكىنىنى، قانداق     قىلاي! خويمۇ راھەت ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ ئەجەپ بۇ ئورۇندۇقتا، تېخى سىلاپ     قوللىرىڭىز بىلەن!- دېدى مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ.

  • نېمىگە     ئاساسەن سىزنىڭ؟ ئىسمىڭىز بارمۇ يا ئۈستىدە؟- دېدىم كۆزلىرىمنى     چەكچەيتىپ.

  • بار!     نېمداق، گەپ قىلمىسام يوقمىكىن دېگەنمۇ خېنىم؟!- دېدى ئورۇندۇقىنى     ئايلاندۇرۇپ:

-كۆردىڭىزمۇ بۇنى؟ << ئەزىمەت قەھرىمان››،- دېدى ئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چىشنىكۆرسىتىپ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىسىم ئويۇلغانىدى. باشقىلار بولسا مەخسۇس ئولتۇرۇپ<بىكارلىق ئۇيۇن > كۆرىۋاتاتتى.
- ۋاي،كىم بىلىدۇ،‹ ئەزىمەت قەھرىمان› دېگەن سىزمۇ؟ ئەمەسمۇ؟- دېدىم ئۇتتۇرغۇم كەلمەي.
- توۋا! ھە بوپتۇ، مانا!- دەپلا يانچۇقىدىن كىملىگىنى چىقاردى. بۇ چاغدا باشقىلاركۈلۈپ ئۆينى كۆتۈرىۋېتەي دېگەن ئىدى.
- ماۋۇنى، ھە ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟ خەت تۇنۇمسىز-يا ؟
- ۋاييەي، كىم بىلىدۇ راستمۇ، يالغانمۇ، بۇ نەرسە! كىملىكدېگەنگە ئىشەنگىلى بولامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە،-دېدىم قاراپمۇ قويماي.
- توۋا خۇدايىم، مۇنداق سەھرالىق تومپاينى پەقەتلاكۆرمەپتىكەنمەن جۇمۇ!-دەپ ئەزىمەت ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
- ھە، بولدى قىلىڭلار. ۋاي - ۋۇي، كۆرۈشۈپلا چىقىشالمىغىلىتۇرغان بۇ ئىككىسى. بۇ ئوماقنى زورلاپ ئەكەلگىنىمگە تويغۇزۋەتمەڭ، ئەزىمەت،- دېدى رائىلە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ يۈزلىرىمنىسىلىغاچ.

  • ئاچىلار،     بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن نەرسە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!- دېدى ئەزىمەت     كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىغاچ.

  • چاققان     بولە، سەنمۇ رائىلە. ئىشىڭ تۈگىسە كېتەيلى!- دېدىم كىتابىمنى     سىلكىپ ئېچىپ تۇرۇپ.

- ۋوي، بۇ قىز، ھە راست بۇ ئۇماق قىزخاپا بولۇپ قاپتىمۇ نېمە؟  بايامغۇ بەك ياماندەك تۇرغان...،-دېدى ئەزىمەت بويۇنلىرىنىسوزۇپ ماڭا قاراپ. ئالىيىپ قويۇپ كىتابىمنى كۆرىۋەردىم.
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار، ئىچىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە كىرىپكەتتى. شۇندىلا مەن ھېلىقى ئورۇندۇققا سەپ سېلىپ قارىدىم، ھەقىقەتەن ئېسىلئورۇندۇق ئىدى. ئورۇندۇقمۇ ئەمەس، كىرىسلودەك. لېكىن ھەممە يېرى تۇتقۇچلىرىدىنتارتىپ ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزىدە ياسالغانىدى. ئىتتىك كەينىمگە قارىدىم، ئەزىمەت ماڭاقاراپ قوللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇراتتى. ئىتتىكلا باشقا يەرلەرگە قارىغانبولۇپ تۇرىۋالدىم.
<رەسىملىك كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە ؟!- دېدى ئۇ كىرىسلوغا قويۇپ قويغان كىتابىمنى كۆرۈپ،- ياخشىكىتاب بۇ! ئاخىرى چىقمايۋاتقىنىنى ھېساب قىلمىغاندا!
‹‹ۋاي، قوۋۇرغام! تېخى كىتاب كۆرىدىكەن!››گەپمۇ قىلمىدىم،قولىدىن كىتابىمنى ئېلىۋېلىپ، بىر چەتتە كۆرۈپ ئولتۇرىۋەردىم.  ئۇ بىردەم تۇرۇپ بېقىپ، چىقىپ كەتتى.
بىر ۋاقىتتا رائىلەنىڭ يانفونى سايرىدى. بىسىۋەتتىم، يەنەسايرىدى.

  • رائىلە!     تېلىفۇن!- دېدىم ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ.

  • ئەكىرىپ     بېرە، جېنىم!

ئىچىدىكى ئۆي ئىككى ئېغىزلىق ئىدى، تېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇپتۇردۇم، رائىلە ئىچىدە ناخشىغا ئاكورت بېرىۋاتاتتى. بۇرۇنمۇ ئاۋاز ئالىدىغانمۇشۇنداق ئۆيلەرگە كېلىپ باققان. ئۇ ئۆيلەر ئاساسلىق تېشىدىكى ئۆينىڭ تېمى كۆكياكى قارا رەڭدىكى رەختلەر بىلەن ئورالغان.(ئىچىگە ئاۋاز ئايرىش رولىنىئوينايدىغان بىر قانداق ماتېرىيال ئېلىپ ئورايدىكەن) بىر ياكى ئىككى كومپىيوتېرقويۇلغان، بىر ئېلىكتىرونلۇق چالغۇ، بىرەر تال باس گېتتار، ئىچىدىكى ئۆيلىرىمۇ شۇبىرەر تال مېكرافون قويۇلغان، ئۆي ئىچىمۇ قاراڭغۇ دېگەندەك مۇشۇنداق بېزىلەتتىكەن.لېكىن بۇلارنىڭ بۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى مەن كۆرگەن بۇرۇنقىلىرىغا ئانچە ئوخشىمايتتى،بۇ يەر يورۇق ھەم رەڭلىك ئىدى. پاكىزلىقىدا گەپ يوق. ئېلىكتىرونلۇق چالغۇدىن نەچچەقەۋەتلىكلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇلىرى شۇنداق ئىلغار، ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغان مۇزىكائەسۋابلىرى جىق ئىدى.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 19:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 19:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت       ئارمانى
-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىنزىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى    (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
*************************************************************
     
«رەھمەت جۇمۇ سىزگە! بۇنداق ھەقىقەتلەرنى بىلمەيدىكەنمەن..سىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن خەت يازدۇرۇپ، پۇلىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ! بۇ يىل رامزاندا زاكات ئايرىپ، ھەممىنى سىزنىڭ يانفۇنىڭىزغاقاچىلاپ بېرەي». ھاھا... خېلى تەقۋا بالىمۇ بۇ نېمە؟! « ھە ياخشى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭ ھە؟! ھە راست،زاكاتنى قانداق ئادەملەرگە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. مەندەكئوقۇغۇچىلارغا بەرسىڭىز بولماس». « ۋۇي؟! ئوقۇغۇچى دەڭە، سىز! بولدى مەن شۇگەپلەرنى دېمىگەن بولاي. مەن رازى شۇ پۇلغا! بولمىسا ھەر ئايدا 100كوي قاچىلاپقوياي يانفۇنىڭىزغا. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەن ئۈچۈن شەرەپ!!!»
-يامان بولساڭ ھەپتىسىگە 100كوي قاچىلا، بولمىسا قۇرۇق گەپقىلما! دەپ يازغىنى ئاداش. قانداق نېمە بۇ؟! - دېدى گۈزەل دەرس تۈگەپ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ.      
چۈشلۈك تاماق يېيىش گۈزەل ئىككىمىز ئۈچۈن بىر غەم. قىزلارياتاققا ئەكىرىپ بەرسە يەۋىرىمىز، قايسى ئاشخانىنىڭ قانداق تامىقى بولسىدۇر. لېكىنئۆزىمىز چىقىپ يېمەكچى بولساق، نېمە يەيمىز دېسە، سېنىڭ نېمە يېگۈڭ بار؟ دەپ ئالدى- ئارقا دەسسەپ يۈرۈيمىز. دەيدىغىنىمىز شۇ ‹‹ ئۆزى ئازادە، يورۇق، ئادەم ئاز ئاشخانا بولسا، راھەت ئولتۇرۇپيېسەك شۇ تاماقنى›› ئاپامئىككىمىزنى « راھەتپەرەسلەر » دەپ تىللاپ قويىدۇ. ئىككىلىمىز پولو، نارىن، كاۋاپ دېگەندەكتاماقلارغا ئامراق.
< ئۈزۈمزار >- مەكتىپىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى بۇئاشخانىنىڭ پولوسى بەك ئوخشايدۇ، ھەم بۈگۈنكىدەك ئىسسىق كۈنلەردە بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىبىلەن ئورالغان، ئۈستىگە قىزىل سايىۋەن تارتىلغان ھويلىسى بەك سالقىن. يانفۇنۇم جىرىڭلىدى.
-يەنە شۇما ؟- دېدى گۈزەل كاۋاپنىڭ زىقىنى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ.
-ھەئە!- دېدىم كاۋاپنى تەخسىگە قويۇپ قويغاچ. مۇشۇ ئەسناداتۇيۇقسىزلا يېنىمدا بىر ئايال پەيدا بولۇپلا ئالدىمدىكى كاۋاپ بىلەن تەخسىدىكىپولونىڭ ئۈستىدىكى گۆشىنى ئېلىپلا قاچتى «ۋايجان!» دېدىم قورققىنىمدىن. ئۇ ئايال يولغا قارايدىغان پەلەمپەيدىلا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپبىرنېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغاچ، قولىدىكى كاۋاپنى كۆينىگىنىڭ ئېتىكىگە سېرىۋاتاتتى.ھەممە ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بىزگە ھەم ئۇ ئايالغا قارايتتى،
-ھەي! يەنە كەپسەندە؟! زىقىمىزنى ئەكەل، زىقىمىزنى!!! ماڭكەت! ئەمدى كېلىپ باقە قېنى!- دەپ تىللاپلا كەتتى خوجايىن ئايال،- ماۋۇ خاننىڭ كاۋىپى بىلەن پولوسىنىڭ گۆشىنى بېسىۋېتىڭلار!- دېدى ئىچىگە قاراپ توۋلاپ تۇرۇپ.
- بولدى، يېمەيمەن!- دېدىم مەن ھەم قولۇمغا تەخسىنى ئالدىم-دە، ھېلىقى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپ بەردىم:
- ماۋۇنىمۇ يەۋالسىلا، چوڭ ئاپا.
- قورقمىسىلا، يېنىمىزغا كەلسىلە بولمىسا، بىللە يەيمىز.
گۈزەل بېرىپ ھېلىقى ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كەلدى...نېرۋىسىتازا جايىدا ئەمەس بۇ ئايال، توختىماي كىمنىدۇر بىرسىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى.
- بولدى قىلسىلا، چوڭ ئاپا، ئاۋۋال تاماقلىرىنى يېسىلە!ماۋۇ گۆشنى مايەرگە قويسىلا، ھە، بولدى، بۇنى يېمىسىلە!- دېدىم ئېتىكىدىكى كاۋاپلارنى ئېلىۋەتكەچ.
- ئەمىسە قايسىنى يەيمەن؟!-دېدى ئۇ ئايال،ئاۋازى شۇنداق قوپالئىدى، ئەرلەرنىڭكىدەك!
- ھە؟! ھاھا ھا... ماۋۇنى، مانا ماۋۇنى يېسىلە!- گۈزەل ئالدىدىكى كاۋاپنى بەردى.
- ئۇستام بىزگە يەنە بىر گۆش پولو بىلەن نەش زىق كاۋاپ!- دېدىم ئۇ ئايالغا چاي قۇيۇپ بەرگەچ. ھەممە ئادەملەر بىزگەقارايتتى. يېڭى كىرگەنلەرمۇ ئۈچىمىزگە ئەجەبلىنىپ قارايتتى. ئۈستى - بېشى شۇنچىلىكمەينەت، تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، چاچلىرى پاخپايغان، مەينەتچىلىكتىن رەڭگىنىيوقاتقان، قېتىپ كەتكەن كۆينىكى نەچچە يەردىن يىرتىلغان، ھەتتا بەزى يەرلىرىدىنبەدەنلىرىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، كونىراپ ھالى قالمىغان ئاياقتىنشور ئۆرلەپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى يالماپ يېيىشلىرىگە قاراپ، كۆڭلۈمبىر قىسما بولدى.
                              
- بولدى قىل ھە؟! ئەتىگەن ياقى بولغان ئۇيۇنلارمۇ ئازئەمەس، كۆزۈڭدىن سۇ چىقارماي ئولتۇرساڭ بىر!- دېدى گۈزەل قولىنى سۈرتۈۋېتىپ.
ئويلاپ قالىمەن بەزىدە، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا قەھرىتان سوغۇقلاردا، ھارۋائىتتىرىپ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان بوۋاي - مومايلارغا قاراپ: «بالىلىرى يوقمىدۇر؟ تۇغقانلىرى يوقمىدۇر؟ مۇشۇ يېشىدابالىلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟!» دەپ. ئىچىم ئاغرىپ نەچچە قېتىم پۇلنىبېرىپ نەرسىسىنى ئالماي كەتكەن يەرلىرىممۇ بولغان. (بىۋاستە پۇلنىلا بەرسەم خاتاچۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ) ئۇ ئايال كېيىن چىققان پولونىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلاپاكپاكىز يەۋەتتى، قالغان كاۋاپلارنى سېرىپ سولياۋ خالتىغا سالدى. گۈزەل بەرگەنھۆل قەغەزدە قوللىرىنى، ئاغزى -بۇرۇنلىرىنى بىرنېمىلەرنى غودۇڭشىغاچ سۈرتتى.
قايتىشىمىزدا گۈزەل 50كوي پۇلنى چىقىرىپ:
- بۇنىڭغا تاماق ئېلىپ يېسىلە ھە؟ ئەمدى خەقلەرنىڭتاماقلىرىنى ئۇنداق بۇلاپ يۈرمىسىلە! بولامدۇ؟ - دېيىشى بىلەن ھېلىقى ئايال پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى، بەكمۇيېقىملىق.
- بۇنىڭدىن كېيىن ھەر جۈمە كۈنى چۈشتە مۇشۇ ئاشخانىغاكەلسىلە، بىزمۇ مۇشۇ يەردە تاماق يەيمىز، بىللە يەيلى!- دېدىم مەن ئۇ ئايالنىڭ چالا ئاقارغان، پاخپايغانچاچلىرىدىكى يوپۇرماقلارنى ئېلىۋەتكەچ.
- ماقۇل. كېلىمەن كېلىمەن...- دەپ كېتىپ قالدى ئاللىكىملەرنى تىللىغاچ. گۈزەل ئىككىمىزياتاققا كىرگۈچە جىم مېڭىپ كېتىپتۇق، گەپمۇ قىلىشماي. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا،يىغلىغىملا كېلىپ تۇراتتى.
- ياتاققا كىرىپ ئۇخلايمەن. تەنتەربىيە دەرسىگە چىقمايمەنبولدى.- دېدىم ياتاقبىناسىغا كىرىۋېتىپ.
- مەنمۇ بىردەم قىيسىيىۋالاي...- دېدى گۈزەل (قىزىق گەپقىلىدۇ-دە!)
ياتاقتا ھېچكىم يوق. يانفۇنۇمنى توكقا تىقىپ قوياي دەپئېلىپ، ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ، ئۇچۇر ساندۇقۇمنى ئاچتىم. ‹‹ۋوي! ھەپتىسىگەيۈز كوي قاچىلايدىغانغا، ئاممىۋى تېلېفون ئەمەستۇر يانفۇنىڭىز؟!›› ھازىر بۇنىڭ بىلەن ئېيتىشقىدەك ھالىم يوق ئىدى. ‹‹مېنى ئاۋارە قىلماڭە،كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق!››، ‹‹ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان ئوخشىمامسىز، يۈز كوينى دەپ. ھېچقىسى يوق دېدىمغۇ؟! ئۇنتۇپ كەتتىم!!!›› ساراڭمۇ يا بۇ؟ نېمە بالا قالدىم دېسە. يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىم-دە,،يېشىنىپ كارىۋاتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمدا بايىقى ئايالنىڭ سىماسى. چوڭ ئاپامرەھمەتلىك بولغان بولسىمۇ، قولىنى تۇتۇپ بىللە بازارلارغا ئېلىپ چىقسام، مەكتەپنى،سىنىپلارنى، ياتىقىمنى كۆرسەتسەم قانچە خۇش بولۇپ كېتەر بولغىيتى؟ ھەي......
قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمىكىن تاڭ، بىر چاغ بولغانداياتاقنىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم.
-ھەي! نېمانداق يانفونىڭنى ئېتىۋالدىڭ، كۈپكۈندۈزدە؟!
گۈزەل ئىكەن.
-ھە... نېمە بولدى؟
-نېمە بولدى دەيسىنا؟! سۇ ئۈزگىلى بارىدىكەنمىز بۈگۈن! كالۋا!
-ھە راست، نەدە سەن؟
- مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا، مۇشۇ يەردە يىغىلىدىكەنمىز.ئىشىكىڭنى ئۇرسام يا ئاچمايسەن، بولە ئاتتەك!
مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆزدەرسىدىن باشقا يەنە ئون پەننى ھەر مەۋسۈمگە بۆلۈپ تاللاپ ئوقۇشى كېرەك. گۈزەلئىككىمىز سۇ ئۈزۈش، كىنو كۆرۈش، تايلاند گۇمپىسى... قاتارلىقلارنى تاللىغان. سۇئۈزۈش دەرسىگە بىرىنچى قېتىم قاتنىشىپ، تېرىنىرنى تازا ياخشى كۆرمىگەنىدىم. لېكىنسۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن. «بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت» ئەمما مۇشۇ تەييارلىق ھەرىكەتئىشلەشكە بەك ئۆچ مەن. بۇ خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ تېتىقسىزلىقى تېخى!
- ساۋاقداشلار! (ئاۋازىمۇ غەلىتە چىقاتتى) بۈگۈنكى دەرسىمىزقۇرۇقلۇقتا ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىش. بۈگۈن سۇغا چۈشمەيمىز! دەيدۇ. قانداق نېمە بۇ؟! نەچچە سائەت بولدى بىز، سۇ ئۈزۈشكىيىملىرىمىز بىلەن مۇشۇنىڭ ئالدىغا تىزىلىپ، ئېڭىشىپ- قوپۇپ ھەرىكەتئىشلەۋاتقىلى! كەيپىم ۋەھشىي ئۇچتى!
- ۋاڭ مۇئەللىم، نېمىشقا سۇغا چۈشمەيمىز؟ قۇرۇقلۇقتاھەرىكەتنى ئىشلەۋەرگەن بىلەن، سودا ئىشلىيەلمىسەك نېمە پايدىسى؟! - دېدىم ئالدىغىراق چىقىپ.
- بۇ ساۋاقداش ياخشى سورىدى. (بەك ئىچىمنى سىقىدۇ مۇشۇنداقگەپ قىلىپ) چۈنكى بىز بۇ يەرگە سۇ ئوينىغىلى ئەمەس، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگىلى كەلدۇق.
- مەنمۇ سۇ ئوينايمەن دېمىدىم. مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارقانداق قىلىدۇ؟ دەۋاتىمەن!
- سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە دەپ بۇ دەرسكەقاتناشتىڭىز؟ بىلمەيدىغانلارغا پۇرسەت بەرسىڭىز بولمامتى؟ (دېمىسىمۇ بۇ دەرسكەقاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سان چەكلىمىسى قويۇلغان ئىدى. مەكتەپ ماشىنىسىغاپاتماي قالىدۇ دېدىمىكىن-تاڭ!)
مەن سۇ ئۈزۈشنى ياخىشى كۆرىمەن. شۇڭا قاتناشتىم. ئەجەبا،سۇ ئۈزۈشنى بىلگەنلەر قاتناشمىسۇندېگەن تۈزۈم بارمىدى؟ ۋاڭ مۇئەللىم!- دېدىم ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ.
- بۇ ساۋاقداش جىددىيلەشمەڭ. سىزنى قاتناشمىسۇن دېمىدىم.بىزنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپىمىز بار، مەن شۇ بويىچە ئۆتىمەن.بىخەتەرلىكىڭلارغا مەن مەسئۇل بولىدىغان تۇرسام، سىز ئۇ يەردە سۇ چۆمۈلۈپئالىمادىس....
- ئۇنداق بولسا ۋاڭ مۇئەللىم، مەن كېلەر سائەتتىن باشلاپ قاتنىشاي!- گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا دېدىم.
- ئىختىيارىڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭلا بولدى!- دېدى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي. نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگەقايتىپ كەلدىم.
ئۆيگە كەلسەملا، بىر ھەپتىلىك ئىشلارنى ئاپام - دادامغا دوكلات قىلىشقا ئالدىرايمەن،ئاپامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ، توختىماي گەپ قىلىمەن.
- سەن بولمىساڭ بالام، بۇ ئىككىسى ( ئىنىم بىلەن سىڭلىمنىدەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىزە جىمغۇر) يا گەپ قىلمىغان تۈزۈك، ئۆيدە بار-يوقلىقىنىمۇبىلگىلى بولمايدۇ، سەن قايتىپ كەلسەڭ ئاندىن بىر بالا بار ئۆيگە ئوخشايدۇ بۇ ئۆي.- دەپ قويىدۇ ئاپام ئالدىمىزغا تاماق ئەكەلگەچ.
ئاپام خىزمەت قىلمايدۇ، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئايال ھەملاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىدۇ ھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا دادام سىرتتاھېچنىمىدىن غەم قىلماي، ئۆزىنىڭ سودا ئىشىنى قىلىدۇ. ئاپامدا غۇلجىلىق ئاياللارنىڭپاكىز - چېچەنلىكى، ئىشچانلىقى، ئۆيگە، ئەرگە سادىقلىقى، ئەرنى يېرىم خۇدا بىلىپ،چەكسىز ھۆرمەتلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولغاندىن سىرت يەنە ئەقىللىقلىقى، تىرىشچانلىقى، شۈكرى -قانائەتچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، كۆيۈمچانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەنھەممىدىن قايىل بولىدىغىنىم گەرچە ئاپام باشلانغۇچنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان(ئۇكىلىرىغا قارايمەندەپ ئوقۇيالماپتىكەن) بولسىمۇ، بىلىم دائىرىسى كەڭ. ئىنىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپمۇسابىقە كۆرىدۇ، پۇتبول ، ۋاسكېتبول، چويلا توپ چولپانلىرى ئاپامغا ناتونۇشئەمەس، خەلقئارا مەسىلىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ‹‹ئاپاڭلارنىڭ كاللىسى ئوچۇق›› دەيدۇ دادام پات پاتلا. ئاپام يېڭىلىقنى ئىتتىك قۇبۇلقىلغاندىن باشقا يەنە، قۇرئان ئوقۇپ تىلاۋەت قىلىدۇ. جاينامازدا بىزنىڭ، دادامنىڭئىنساپىنى تىلەيدۇ. دوستلىرى جەمئىيەتنىڭ خېلى يۇقىرى تەبىقىدە، شۇلار بىلەنچايلاردا بىللە بولىدۇ. مىسكىنلەرگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، بىزگىمۇ مۇشۇتوغرۇلۇق دائىم تەربىيە بېرىدۇ. توي - تۆكۈنلەردە كىشىلەر ئاپامنى تالىشىپ،يانلىرىدا تۇرغۇزىدۇ. ‹‹شەمشىنۇرنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، بەك ئوڭلۇق›› دەپ خوشنىلىرىمىزمۇ ماختايدۇ. كەچلىرى ھەممىمىز يىغىلساق بىزگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلئويناپ بېرىدۇ. (سورۇنلارنىڭ گۈلى دەيمەن) ئاۋازى شۇنداق چىرايلىق، يېقىملىق،كىچىك قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە. ئۆيگە تېلېفون كەلسە تولىراق ئاپام ئالىدۇ، بۇچاغدا دادامنى ئىزدەيدىغانلار، ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ‹‹ھە قىزىم، دادىڭىزبارمۇ؟›› دەيدۇ.ئاپاممۇ چاندۇرماي، ‹‹دادا سىزنى ئىزدەيدىكەن››دەپ قويىدۇ. بىزنى قەتئىي ئىش قىلغىلى قويمايدۇ، لېكىن ‹‹ يېنىمداتۇرۇپ كۆرۈڭلار›› دەپ يېنىغا تۇرغۇزىۋالىدۇ. نان ياقىدۇ، قەتئىي سىرتنىڭ نېنىنىيېمەيدۇ. ‹‹سىرتنىڭ نېنىنى، تامىقىنى جىق يېسەڭلار، ئەقلىڭلارنى گال قىلىدۇ›› دەيدۇ.
مانا! ھازىرمۇ پولو ئېتىپ ،ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.دادام ئۆيدە بولسا، بىرىنچى بولۇپ دادامغا قويىدۇ، دادام ئىش بىلەن كېلەلمىسە،دادامغا تاماقنى بېشىدا ئۇسۇپ ئېلىپ قويىدۇ، دادام ئىشىكتىن كىرسە، ئالدىغا ساپماكەش ئاپىرىدۇ، ماڭسا ‹‹ئاللاغا ئامانەت، بىسمىللا دەپ مېڭىڭ›› دەپ كەينىدىن پەسكە چۈشەيلا دەپ قالىدۇ. ئاندىن بالكوندىنپەسكە قاراپ، دادام ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭغىچە ‹‹خۇدايىمغا تاپشۇردۇم›› دەپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ ‹‹دادام يا بىزدەك بالاڭبولمىسا، ئاپا›› دەپ قويىمەن.‹‹داداڭ دېگەن مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم، ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم، سىلەر ھەممىڭلار توي قىلىپچىقىپ كەتسەڭلار شۇ يەنە داداڭ بىلەن قالىمەن، چوڭ داداڭ رەھمەتلىكمۇ ماڭاتاپشۇرغان داداڭلارنى!›› دەپ خاپا بولىدۇ. ئاچچىقى بەك يامان . بىزگە دىكتاتۇرىنىجىقراق ئىشلىتىدۇ. چوڭ ئاپام چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ، مەن مۇشۇ ئۆيگە كەلگەنۋاقتىمدىن تارتىپ، ئاپامدىن شۇنداق قورقىمەن. ئىنىم - سىڭلىممۇ شۇنداق قورقىدۇ.ئەمما، دادام - بولدى، بەك ياخشى ئادەم. دادامنى دوستتەكلا كۆرىمىز، ئۆزى باغرىيۇمشاق، بالىجانلىق ئادەم. خۇشئاۋاز، كۆيۈمچان دادا. ئاپامنىمۇ چەكسىزھۆرمەتلەيدۇ. ‹‹ئاپاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، ئاپاڭلارنى خاپا قىلماڭلار››دەپتۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن. ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن بۇ دۇنياداھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەم ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىغىمۇ چەكسىزئىشىنىمەن.
كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرسام،سىڭلىم كىردى. ئىككىمىز ئىككى ياشلا پەرق قىلىمىز شۇڭا دوستتتەكلا ئۆتىمىز. ئۇخەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇدى، ھازىر تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىدۇ. بەك يۇۋاش،ئىشچان، ئەخلاقلىق. ئىككىمىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىمىز ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بەككەمسۆز. جىق ئىشلارغا كۈلۈمسىرەش ياكى بېشىنى لىڭشىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىدۇ. ئەمماماڭا بەك ئامراق، مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
- ھەدە، چەت ئەلدە ئوقۇشقا قانداق قارايسەن؟- دېدى كىيىم ئىشكاپىنى رەتلىگەچ، ئۆزى خەنزۇچە مەكتەپتەئوقۇغان بىلەن، ئۇيغۇرچىنى يېزىشنى، ئوقۇشنى بىلىدۇ. يېقىندا قۇرئان كەرىمنىيادلاشقا چۈشتى. (دادام، كىم بالدۇر يادلاپ بولسا مۇكاپات بېرىمەن، دېگەنىدى،مەنغۇ ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم ) ئىسلام دىنىنى ئىلمىي قۇبۇل قىلغان بۇ سىڭلىم.
- چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇسا ياخشىغۇ؟! بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇچەتكە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھېلىقى ئېلنۇر ھەدەڭ، ھە شۇمۇفىرانسىيىگە چىقىشقا ئىلتىماس قىلدى.- دېدىم كومپىيوتىردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
- ھە... گېرمانىيىگە چىقىدىغانلار بارمۇ؟
ئۇنى بىلمىدىم جۇمۇ، يوققۇ دەيمەن، بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
- ھېچنىمە. سوراپ باقتىم.
- سەن دوختۇرلۇقنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، چەتكە چىقساڭ ئەڭمۇۋاپىق ساقام. ئوقۇشۇڭنى پۈتتۈرۈپ ئىلتىماس قىلارسەن-يا؟!-دېدىم تارتمىنىئاختۇرغاچ. سىڭلىم بۇرۇنقىدەك كۈلۈپلا قويدى، خالاس.
خاتىرەمنى ئالدىم، كۈندىلىك خاتىرە دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىنئۈچ-تۆت كۈنلۈك خاتىرە دېگىلى بولىدۇ بۇ يازغانلىرىمنى مەنچە. نەچچە خاتىرە دەپتەرتوشۇپ بولدى. ئادەمنىڭھېسسىياتى چەكسىز بولىدىكەن، يازسا-يازسا تۈگىمەيدىكەن. چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ يېزىشنى باشلاپتىكەنمەن. مانا ئونيىلدىن ئېشىپتۇ. قىزىق! بۇرۇنقى يازغانلىرىمغا قارىسام ، ئۆزۈمنى چوڭ بولغاندەكھېس قىلىپ قالىمەن، بەزىلىرى پەقەت شۇ كۈندىكى ھېسىياتىمغىلا ۋەكىل بولالايدىكەن،بەلكىم شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئويلىغىنىممۇ توغرىدۇر. شۇنچە ئۇزۇن يوللارنىبېسىپتىمەنۇ، لېكىن مەن يەنىلا بىر بالا. رەھمەتلىك، سۆيۈملۈك چوڭ دادام ئاخىرقىنەپەسلىرىدە، ماڭا ئاتاپ يىغقانلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ، ئۈزۈپ ئۈزۈپ:
جېنىم بالام، ئەسلى بۇلارغا سېنى چوڭ ئالىي مەكتەپتەئوقۇتارمەن، تويۇڭنى ئېسىل قىلىپ بېرەرمەن دېگەن، چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئۆزۈڭساقلىغىن، قارا! سەن بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىسەن. ھەممە ئىشتا ئۆزۈڭگە ئىشەنگەن، سەن خاتا قىلمايسەن، ئۆزۈڭتوغرا دەپ قارىغان بولساڭ، ئىككىلەنمىگىن، سەن چوڭ بولدۇڭ، ئۆزۈڭنىڭ يولىنى ئۆزۈڭمېڭىپ ئاخىرىغا چىقىرىسەن، ئەمدى سەن بالا ئەمەس، چوڭ قىز بولدۇڭ، شۇڭا ئاللاھتائالا مېنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېتىدىغان بولدى، بالام!!!... مەن ئۇ دۇنيادا تۇرۇپساڭا دۇئا قىلىمەن، بەخىتلىك بولغىن جېنىم بالام!- دېگەنىدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەپ ئويلايتتىم، چوڭ دادامنىڭ كېتىپ قېلىشى بۇ قارىشىمغا قىلچە تەسىركۆرسىتەلمىدى. دادامدېگەندەك چوڭ دادامنىڭ روھى بىز بىلەن بىللە، ئۇ بىزنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن بىزكۆرەلمەيمىز، بىز پەقەت روھىغا دۇئا قىلىمىز، بىر سىركاي سۇ ئىچسەكمۇ. خاتىرەمگەيازدىم. ‹‹خاتىرجەم بولغىن چوڭ دادا، سېنىڭ نەۋرە قىزىڭ چوڭ بولدى. چوقۇم سەندەكقەيسەر، چىداملىق بولىدۇ، سەندەك ياشقا بېرىپ نەۋرىلىرىگە سەن دېگەن گەپلەرنىدەيدۇ...››
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىسۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

0

تېما

1

دوست

31

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 17:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى ئەسەر تەقدىم قىلغىنىڭىزغا رەخمەت !

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 10:44:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئارمانى
-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىنزىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
***********************************************************
بۈگۈن چارشەنبە. ‹‹ رائىلە چۈشتىن كېيىن بىر يەرگە بېرىشىپبەر، ياتىقىڭدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇر، دەپ تېلىفون بېرىپتۇ، چۈشتىن كېيىن سىياسىيئۆگىنىشكە چىقالمايدىغان بولدۇم، نېغمەت. ۋاي! ماڭىمۇ نېمە ئامال، ھە ھە... شۇ، شۇقىز، ھېلىقى چىرايلىق ناخشىچى دوستۇم شۇ. ھى ھى... ئەمىسە سىزگە تاپشۇردۇم ھە؟رەھمەت نېغمەت.››

  • ئۇف... تازىمۇ بىر، بۇ رائىلەمۇ چۈشتىن     كېيىنرەك كەلسىچۇ،- دېدىم كارىۋاتتىكى يىغىقلىق يوتقانغا يۆلەنگەچ، تېلىفوننى     قويۇپ.

  • ۋاي بولدى قىلغىنە! باھانىغۇ ئۇ بىر! باشقا     ئادەمنىڭ ئالدىدا دېسەڭ قانداقكىن، بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلىساق بەك بىئارام     بولۇپ كېتىدىكەنمىز!- دېدى ئادىلە چامادىنىنى رەتلىگەچ.

  • ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، بۇ ھەپتە ئۆيدىن     قەتئىي نىيەت قىلىپ كەلگەن بولمىسا، دەرسكە توپ-تولۇق چىقىمەن، دەپ! ھــــــــــــــەي...     مۇشۇ ئادىمى شەيتانلىرىمنىزە!- دېيىشىمغىلا ئىشىكتىن يانفوندا سۆزلىشىپلا     رائىلە كىردى، ئۇ بىر ياقتىن ئادىلە بىلەن سالاملاشقاچ، بىر تەرەپتىن:

  • بولە ئات، ئۇلار ساقلاپ كەتتى!- دەپ     قولۇمدىن تارتىپ دېگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

  • نېمانچىۋالا ئالدىرايسەن؟ سائەت ئىككىدە     كېلىمەن دېگەنتىڭغۇ؟- دېدىم ياتاق بىناسىدىن چىقىۋېتىپ.

  • ۋاي ئاداش، گەپ قىلما، مەكتىپىڭلارنىڭ     يېقىندا تويىمۇ، مەرىكىسىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئىشى بولىدىكەنغۇ؟- دېدى ئۇ.

  • ھە توغرا، 80يىللىق تويىنى قىلىمىز     دەۋاتاتتى، بىزغۇ ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشمىغاندىن كېيىن ئۇقمىدۇق. نېمە؟ سەن ئۇ     تويدا ناخشا ئېيتمايدىغانسەن؟

  • بىر تونۇش مۇزىكانت بالىلار بار ئىدى،     ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى بار، شۇ تويغا نومۇر بېرىدىكەن، مېنى شۇ ناخشىسىغا     ئاكورت ئېلىپ بەرسىڭىز، دەپ بەك ئىزدەپ كەتتى، مانا- ئەنە دەپ سوزىۋەتتىم،     شۇنى بۇگۈنگە دېيىشىپ قويغان. ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى ئىشلىتىدىكەن دېگىنە، مەن     كالۋا چۈشتىن كېيىن ئىككىدە دەپتىمەن، بايام ياقى تولا تېلىفون قىلىپ... بولدى     ماڭە ئاداش، جىق گەپ قىلغۇزماي ئادەمنى!

  • ۋايجىنەي... ئۇ يەرگە نېمە دەپ بارىمەن     مەن، يا ناخشا ئېيتالمىسام،- دېدىم تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.

  • ماڭا ھەمرا بولۇپ بېرىشىپ بەرسەڭ بولار     ئەمدى؟! ئۇيەردە ھەممىسى بىر توپ مۇزىكا ئوينايدىغان ئوغۇل بالىلار، مەن     ئۆزۈم يالغۇز بارامدىم؟-دېدى ئۇ تاكسى توسىغاچ.
         ئۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تۆۋىنىدىلا ئىكەن، بىردەمدىلا باردۇق. ئالدىمىزغا     بىر ئېگىز، قارامتۇل بالا چىقتى. ‹‹ ياخشىمۇسىلەر›› دەپ بىرەر قۇر     رەسمىيەتكىلا سالاملىشىپ، ئۇ ‹‹ئېگىز››نىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. 4- قەۋەتكە     چىقىشىمىزغا يەنە بىر پاكارراق، ئوچۇق چىراي ئوغۇل بالىدىن بىرسى چىقتى.

  • ۋوي، رائىلە، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى،     قانداقراق يېقىننىڭ ياقى؟ ئاڭلىدىم، يېڭى ئىجادىيىتىڭىز خېلى يامان ئەمەسقۇ؟!-     دەپ خەنزۇچە ئەھۋاللىشىپ كەتتى. ‹‹ئېگىز›› ئىككىمىزمۇ كەينىدىن مېڭىپ،     ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق، شۇنداق ئازادە، پاكىز، بېزىلىشى ئالاھىدە بۇ     يەر كىشىگە تولىمۇ راھەت تەسىر بېرەتتى. نەچچە ئوغۇل بالىنىڭ بۇنچە چوڭ ئۆينى     بۇنداق سەرەمجان تۇتۇشىغا ھەيران قېلىپ، ئۇياق - بۇياقلارغا قاراپ ئولتۇردۇم.

  • ۋوي، بۇ چىرايلىق قىزچۇ؟ دوستىڭىزما؟ ئۇياق-     بۇياققا بەك قاراپ كەتتى، بىزنى تەكشۈرگىلى كەلدىمۇ نېمە؟- دېدى ئۇ پاكىنەك     خەنچە. بۇ بالا ئۇيغۇرچە بىلمەمدىغاندۇ؟

  • ھە؟ مەنما؟- دېدىم رائىلە گەپ قىلغۇچە،- مەن     رائىلەنىڭ يېزىدىن كەلگەن تۇغقىنى. ھازىر شەھەرگە كىرىشىم. شۇڭا...- دەپ     كۈلۈپ قويدۇم.

  • ھاھاھا...

ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم ئەمدى!

  • ۋۇي! يېزىدىن كەلگەنلەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن     بوپتىكەن. قېنى قېنى، مەن بىر كۆرەي، شۇ <<يېشىل >> ئادەملەرنى،-     دەپلا ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر بالا چىقتى. قولىدا جايناماز تۇراتتى،     كىيىنىشلىرى شۇنچە زامانغا لايىق، چىرايى شۇنداق نۇرلۇق. ئەمما كۆزلىرىدە     سۈرى بار بۇ يىگىت ماڭا قاراپ، ئاندىن:

  • ۋوي، چولپانلارنى ئاۋارە قىپتىمىز-ھە؟!- دەپ     رائىلە كۆرۈشتى.- بەك رەھمەت جۇمۇ، بۇ ئاكورتنى سىز ئالمىسىڭىز زادى بولمايتى     جۇمۇ؟!- دېدى يەنە ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ ئولتۇرغاچ.

‹‹ھە، ئەسلىدە ناخشىچىكەندە بۇ غوجام› دېدىم ئىچىمدە. ئاغزىمنىپۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، باشقا يەرلەرگە قاراپ ئولتۇرىۋەردىم.

  • ۋاي ياقەي، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغۇ بۇ!- دېدى     رائىلە ماڭا قاراپ، مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم.- ھە راست،-دېدى رائىلە يەنە ،- بۇ     مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان سىڭىل دوستۇم. ئۆزى شىنجاڭ     ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ،-دېيىشىگىلا، ئۇدۇلۇمدىكى ئەبلەخ:

  • ھـــــــــە، مەن تېخى بىزنىڭ ناخشىمىز     ياخشىراق چىقسا، ئۇسسۇل ئويناپ بېرەي دەپ كەلگەن ئۇسسۇلچى دوستىڭىزمىكىن     دەپتىمەن،-دەيدۇ. نېرۋام ئۆرلىدى، ئەمما گەپ قىلمىدىم، دوستۇمنىڭ يۈزىنى     قىلمىسام بولمايدۇ-دە؟!

  • ھاھاھا.. بۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭسام مودېلما     دوستۇڭ؟ دەيتتى باشقىلار. بۈگۈن سىز ئۇسسۇلچى دېدىڭىزغۇ ئەمدى!- دېدى رائىلە     كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ، (بويۇم ئېگىز بولغاچقىمىكىن تولا خەقلەردە     خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمەن.)

  • يا دەيمىنا! قارىسام بىر خىل ئۇسسۇلچىلارغا     خاس لاتاپەت چىقىپ تۇرىدۇ، قاراڭە قاپاق دېگەننى تۈرۈپ.-دەپ بولۇپلا باشقا     ياقلارغا قاراپ تۇرۇۋالدى ھېلىقى ئەبلەخ، تازىمۇ ساراڭدىنغۇ بۇ.

  • كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە، بۇ بالا نەچچە     كۈننىڭ ياقى ئۇخلىماي ناخشا يازىمەن دەپ. تۈنۈگۈن ياقى لېنتىغا ئېلىپ     مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. توغرا چۈشۈنىپ تۇرايلى ھە؟!- دېدى ھېلىقى ئۇيغۇرچە     سۆزلەشنى بىلمەيدىغىنى.

  • ياقەي! بۇنداق يېتىلىۋاتقان ياش     ھەۋەسكارلىرىمىزنى قوللىمىساق بولامدۇ؟- دېدىم قاپىقىمنى سۈزۈپ.

  • يۈرۈڭلار، ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ     مەسلىھەتلىشىۋالايلى. دەپلا ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ     ماڭدى، مەنمۇ ئەگەشتىم. بۇ ئۆي تېخىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئاددىي قىلىپ     بېزەلگەنىدى. ئادەمگە ياۋروپانىڭ ئېسىل مۇزىكىلىق - چايخانىلىرىنى     ئەسلىتەتتى، بىر چەتتە قويۇقلۇق بۇغىنىڭ مۇڭگۈزىگە ئوخشاپ كېتىدىغانراق     غەلىتە بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.

  • ئاۋۇ مېنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقۇم!- دېدى     ھېلىقى ئەبلەخ.

- ئىسمىڭىزنى يېزىپ قويغانمۇ، قىزىق!- دېدىم تۇتقۇچلىرىغاقارىغاچ، بىردەمدىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى. سومكامدىن دائىميېنىمدىن ئايرىمايدىغان بىر رەسىملىك كىتابىمنى ئالدىم-دە، ئۇقۇشقا باشلىدىم.
تۇيۇقسىزلا، يانفۇنۇمنىڭ تونۇش مۇزىكىسى ئاڭلاندى، قارىسامھېلىقى ئەبلەخنىڭ قولىدا مېنىڭ يانفۇنۇم تۇرىدۇ، تېخى خىيالىدا يوق يانفوننىڭئاۋازىنى يوقىتىۋېتىپ، ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.‹‹ قانداقتېتىقسىز نېمە بۇ؟! بايام ئاۋۇ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپتىكەنمەندە؟! (پات - پاتئۇ يەر - بۇ يەرگە تاشلاپ قويىمەنچۇ).››ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېنىغا يۈگۈرگەندەكباردىمدە، قولىدىن شاپپىدە تارتىپ ئالدىم يانفۇنۇمنى.

  • چاقچاقمۇ جايىدا بولسۇن ھە؟!- دېدىم ھېلىقى     ئەبلەخگە ئالايغاچ.

  • ۋەي، ياخشىمۇسىز، كىمۇ؟- دېدىم يانفونۇمنى     ئېلىپ.

  • ئالو. ئەزىمەت! ھەي ئەزىمەت!- دېدى بىرسى

  • كىمنى ئىزدەيسىز دەۋاتىمەن،- دېدىم     تېرىكىپلا.

  • ۋۇي، گەپ ئۇقمامسىزنېمە؟!1 ئەزىمەتنى     ئىزدەيمەن. ئەزىمەتنىڭ ئۆزى قېنى؟

ۋاي خۇدايىم!!! كاللامدا بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئىنكاسقىلىپ بولغۇچە، ھېلىقى ئەبلەخ يانفوننى قولۇمدىن ئېلىپ سۆزلەشتى:

  • ھە، ئالىم، قانداق ئەھۋال؟ ۋاي شۇ ئاداش،     ھېلىقى ئاكورتنىڭ ئىشىنى دېيىشىۋاتقان...

قالغان گەپلەر قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى.

  • ۋىيىي، ئاداش، بەك ھاڭۋاقتى جۇمۇ سەن... ھى     ھى ھى،- دېدى كۈلۈپ كېتىپ. ھېلىقى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغىنىمۇ ئەمدى ئاڭقىرغان     بولسا كېرەك، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. ئورۇندۇققا كېلىپ كىتابىمنى     كۆرىۋەردىم ھېچ ئىش بولمىغاندەك. لېكىن كىتاب مېنى كۆرىۋاتامدۇ مەن كىتابنى     كۆرىۋاتامدىم، يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يېنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئەبلەخ تېلىفون     سۆزلىشىپ بولۇپ، قايتىپ كىردى، يۈزلىرىمنى كىتابىم بىلەن چاندۇرماي     توسىۋالدىم. < بولدى ئىززا تارتماڭ، كاتىپىم تېلىفوننى ئالغان قىز دەپ     قويدۇم! قىززىق قىزكەنسىز دەيمەن، ئادەمنى قورقۇتۇپ...

ئۇ ئېنىق ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى، قەستەنگە قارىمايئولتۇرۇۋالدىم.

  • سورىسىڭىز،كۆرەپ باقاي بىزنىڭ يۇرتتا يوق     ئىدى دەپ، بەرمەمدىم مەنمۇ! ئۇنداق كەپلا بۇلاپ كەتسىڭىز، ھــــــــــەي... كېسىلىم     بار، يۈرۈگۈم ئاجىز مېنىڭ!-دېدى يېنىمغا كېلىپ. يانچۇقۇمدىن ئۆزۈمنىڭ     يانفونىنى ئالدىمدە:

  • نېمانداق گەپ قىلمىسا! ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟-     دېدىم كۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ يانفونۇمنى. يانفونىمىز ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.     بىر ماركا، بىر خىل تىپ، ئوخشاش رەڭ.- مەن تېخى مېنىڭكى ئوخشايدۇ دەپتىمەن،     بىلدىڭىزمۇ ئەمدى؟ سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ھېلىغۇ تۇتۇشكەن،     قاراپمۇ قويمايتىم.- دېدىم بويۇنلىرىمنى تولغاپ. قالغانلار بولسا توختىماي     كۈلىشىۋاتاتتى.

  • ۋىيىي ما گەپنى، ئەمدى سىزنىڭكىگە     ئوخشىسىلا سىزنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ يا سىزنىڭ ياناونىڭىز بىر تاللىمىتى     دۇنيادا؟ سىز بىلەن ئوخشاش نەرسىسى بولۇپ قالسا قورقسا بولامدۇ نېمە ئادەم،     قاچان كېلىپ بۇلاپ كېتىدىكىن دەپ ؟

ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىمگە يەنە باشلىدى گېپىنى.

  • سىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام     تۇتماستىم، قارىماستىم دەپ كەتكىنىنى، قانداق قىلاي! خويمۇ راھەت ئولتۇرۇپ     كەتتىڭىزغۇ ئەجەپ بۇ ئورۇندۇقتا، تېخى سىلاپ قوللىرىڭىز بىلەن!- دېدى مەن     ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ.

  • نېمىگە ئاساسەن سىزنىڭ؟ ئىسمىڭىز بارمۇ يا     ئۈستىدە؟- دېدىم كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ.

  • بار! نېمداق، گەپ قىلمىسام يوقمىكىن     دېگەنمۇ خېنىم؟!- دېدى ئورۇندۇقىنى ئايلاندۇرۇپ:

-كۆردىڭىزمۇ بۇنى؟ << ئەزىمەت قەھرىمان››،- دېدىئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن چىشنى كۆرسىتىپ. ھەقىقەتەنمۇشۇنداق ئىسىم ئويۇلغانىدى. باشقىلار بولسا مەخسۇس ئولتۇرۇپ <بىكارلىق ئۇيۇن >كۆرىۋاتاتتى.
- ۋاي،كىم بىلىدۇ،‹ ئەزىمەت قەھرىمان› دېگەن سىزمۇ؟ ئەمەسمۇ؟- دېدىم ئۇتتۇرغۇم كەلمەي.
- توۋا! ھە بوپتۇ، مانا!- دەپلا يانچۇقىدىن كىملىگىنىچىقاردى. بۇ چاغدا باشقىلار كۈلۈپ ئۆينى كۆتۈرىۋېتەي دېگەن ئىدى.
- ماۋۇنى، ھە ماۋۇنى كۆردىڭىزمۇ؟ خەت تۇنۇمسىز-يا ؟
- ۋاييەي، كىم بىلىدۇ راستمۇ، يالغانمۇ، بۇ نەرسە! كىملىكدېگەنگە ئىشەنگىلى بولامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە،-دېدىم قاراپمۇ قويماي.
- توۋا خۇدايىم، مۇنداق سەھرالىق تومپاينى پەقەتلاكۆرمەپتىكەنمەن جۇمۇ!-دەپ ئەزىمەت ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
- ھە، بولدى قىلىڭلار. ۋاي - ۋۇي، كۆرۈشۈپلا چىقىشالمىغىلىتۇرغان بۇ ئىككىسى. بۇ ئوماقنى زورلاپ ئەكەلگىنىمگە تويغۇزۋەتمەڭ، ئەزىمەت،- دېدىرائىلە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ يۈزلىرىمنى سىلىغاچ.

  • ئاچىلار، بۇ دۇنيادا ئادالەت دېگەن نەرسە     بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!- دېدى ئەزىمەت كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىغاچ.

  • چاققان بولە، سەنمۇ رائىلە. ئىشىڭ تۈگىسە     كېتەيلى!- دېدىم كىتابىمنى سىلكىپ ئېچىپ تۇرۇپ.

- ۋوي، بۇ قىز، ھە راست بۇ ئۇماق قىزخاپا بولۇپ قاپتىمۇنېمە؟ بايامغۇ بەك ياماندەك تۇرغان...،-دېدى ئەزىمەت بويۇنلىرىنى سوزۇپ ماڭا قاراپ.ئالىيىپ قويۇپ كىتابىمنى كۆرىۋەردىم.
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار، ئىچىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە كىرىپكەتتى. شۇندىلا مەن ھېلىقى ئورۇندۇققا سەپ سېلىپ قارىدىم، ھەقىقەتەن ئېسىلئورۇندۇق ئىدى. ئورۇندۇقمۇ ئەمەس، كىرىسلودەك. لېكىن ھەممە يېرى تۇتقۇچلىرىدىنتارتىپ ھايۋاننىڭ مۈڭگۈزىدە ياسالغانىدى. ئىتتىك كەينىمگە قارىدىم، ئەزىمەت ماڭاقاراپ قوللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇراتتى. ئىتتىكلا باشقا يەرلەرگە قارىغانبولۇپ تۇرىۋالدىم.
<رەسىملىك كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە ؟!- دېدىئۇ كىرىسلوغا قويۇپ قويغان كىتابىمنى كۆرۈپ،- ياخشى كىتاب بۇ! ئاخىرىچىقمايۋاتقىنىنى ھېساب قىلمىغاندا!
‹‹ۋاي، قوۋۇرغام! تېخى كىتاب كۆرىدىكەن!››گەپمۇ قىلمىدىم،قولىدىن كىتابىمنى ئېلىۋېلىپ، بىر چەتتە كۆرۈپ ئولتۇرىۋەردىم. ئۇ بىردەم تۇرۇپبېقىپ، چىقىپ كەتتى.
بىر ۋاقىتتا رائىلەنىڭ يانفونى سايرىدى. بىسىۋەتتىم، يەنەسايرىدى.

  • رائىلە! تېلىفۇن!- دېدىم ئىچىدىكى ئۆيگە قاراپ.

  • ئەكىرىپ بېرە، جېنىم!

ئىچىدىكى ئۆي ئىككى ئېغىزلىق ئىدى، تېشىدىكى ئۆيدە تۇرۇپتۇردۇم، رائىلە ئىچىدە ناخشىغا ئاكورت بېرىۋاتاتتى. بۇرۇنمۇ ئاۋاز ئالىدىغانمۇشۇنداق ئۆيلەرگە كېلىپ باققان. ئۇ ئۆيلەر ئاساسلىق تېشىدىكى ئۆينىڭ تېمى كۆكياكى قارا رەڭدىكى رەختلەر بىلەن ئورالغان.(ئىچىگە ئاۋاز ئايرىش رولىنىئوينايدىغان بىر قانداق ماتېرىيال ئېلىپ ئورايدىكەن) بىر ياكى ئىككى كومپىيوتېرقويۇلغان، بىر ئېلىكتىرونلۇق چالغۇ، بىرەر تال باس گېتتار، ئىچىدىكى ئۆيلىرىمۇ شۇبىرەر تال مېكرافون قويۇلغان، ئۆي ئىچىمۇ قاراڭغۇ دېگەندەك مۇشۇنداق بېزىلەتتىكەن.لېكىن بۇلارنىڭ بۇ ئاۋاز ئېلىش ئۆيى مەن كۆرگەن بۇرۇنقىلىرىغا ئانچە ئوخشىمايتتى،بۇ يەر يورۇق ھەم رەڭلىك ئىدى. پاكىزلىقىدا گەپ يوق. ئېلىكتىرونلۇق چالغۇدىن نەچچەقەۋەتلىكلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇلىرى شۇنداق ئىلغار، ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغان مۇزىكائەسۋابلىرى جىق ئىدى.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىسۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 10:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت       ئارمانى
-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
  • داۋاي، تۈگىدى جېنىم، بىر ئاڭلىۋەتكىن ھە!-دېدى رائىلە قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ.
  • توۋا! ناخشىغا ئاكورت ئالسا باشقىچە چىقىدىكەن ھە؟!- دېدىم ناخشىنى ئاڭلاپ بولۇپ.
  • ئەلۋەتتە، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىڭىزدە شەھەرلىكلەردىن ھە؟! سەھرادىمۇ بارمىتى-يا؟!-دەپلا ئالدىمغا كەلدى ئەزىمەت ، قولىدا مېنىڭ رەسىملىك كىتابىم تۇراتتى، كۆزلىرىمنى ئالايتتىم قولىدىكى كىتابنى تارتقاچ:
  • سىز شەھەرلىك غوجاممۇ ئانچە - مۇنچە ئەدەپ - قائىدە ئۆگىنىپ قويۇڭ، بولمىسا بىز تەرەپلەرگە ئۆتۈڭ، ئوبدان ئۆگىتىپ قويىمىز!-دېدىم زەردە بىلەن. ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ < ۋۇي، بۇ، بۇ مېنىڭ كىتابىم >دەپ دۇدۇقلاۋاتاتتى،
  • ئىززا تارتماي كىتابىم دەۋاتقىنىنى، نومۇسسىز ئەبلەخ!-دېدىم ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ.

**********************************************************
           -نەگە باردىڭ ئات؟ بىر چۈشتىن كېيىن يوققۇ؟-دېدى ياتاقتا خاتىرىسىگە بىرنېمىلەرنى يېزىۋاتقان خوتەنلىك قىز رىزۋان قۇلىقىدىكى نائۇشنىكنى ئېلىۋەتكەچ. بەك ئۇماق گەپ قىلىشى بۇنىڭ، خوتەن شىۋىسى بار، ئەمما بەك يېنىك، ئۆزىنىڭ ئاۋازىمۇ بەك تاتلىق، نۇرغۇن بالىلار ئاۋازىغا كۆيۈپ قالغان بۇنىڭ. ئۆزىمۇ چىرايلىق. بۇغداي ئۆڭ، قاش - كۆزى ئاتتەك چىرايلىق. بۇرۇن بەك ياۋايى ئىدى، ھېچكىمگە تۈزۈك گەپمۇ قىلمايتتى، ئوغۇللارغا ئابايلا گەپ قىلمايتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا بۇنىڭ بىر ئالتە يىللىق ئوغۇل دوستى بار ئىدى، ئالىم دەپ، ساقچى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇھەببەتلىشىپتىكەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىككىسى بىللىلا زادى، بۇ بارىدۇ يا ئۇ كېلىدۇ، دېگەندەك. ئىقتىسادنىمۇ بىرلەشتۈرۋەتكەن تېخى، ئۇ چاغدا بىز بىر يەرلەرگە ئوينىغىلى چىقساق رىزۋان ئالىمنى بار دەپ چىقمايتتى. بىزنىمۇ بالدۇرراق بىرەرسىنى تېپىپ، يۈرۈۋېلىشقا ئۈندەيتتى تېخى. ئون ئېغىز گەپ قىلسا توققۇز ئېغىزىدائېلىم بار ئىدى. بەزى كۈنلىرى ئىچىم سىقىلىپ:
  • ئاداش، شۇنچە ئۇزۇننىڭ ياقى بىللە بولغاندىن كېيىن، بىز بىلەن بىللە بولغاندا بولسىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنە بىردەم ئۇ ئالىممىڭنى!- دەيتتىم.
  • ئۇنتىيالمىسام،،ئۇنتۇغىلى بولامتى. ھى ھى... -دەپ كۈلەتتى، مۇشۇ كۈلىشى بەك ئۇماق. بۇ ئىككىسىنىڭ دېيىشمەيدىغان گېپى يوقتى ھە. يانفونلىرىنى بىر - بىرسىگە ھېلىقىدەك ئۇرۇق - تۇغقان نومۇر قىلىۋېلىپ، توختىماي تېلىفون سۆزلىشەتتى. بىركۈنى
  • ھەي ئاداش ، ئىككىڭلار نېمىلەرنى دېيىشىسىلەر زادى؟ نېمانداق تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ؟ زېرىكمەمسىلەر؟-دېسەك
  • شۇ كۆرۈشكەندە، كۆرۈشمىگەن ۋاقىتتىكى گەپ، كۆرۈشمەي تېلىفونلاشقاندا، كۆرۈشكەندە بولغان ئىشلارنىڭ گېپى.-دېگەن ئىدى، ئۇچۇپ كەتكەن ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغۇرلۇق سورىمىغان. ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە بەك ئورۇقتى بۇ، كېيىنچە سەمىرىپ كەتتى.

- ئالىم بىلەن تاماق يېسەك ئۇ بىر لەغمەننىمۇ يەپ بولالمايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر لەغمىنىنى يەۋېتىپ ئۇنىڭكىنىمۇ يەۋېتىمەن، تېخى جيامىيەننىمۇ!-دېگەنتى، ھەممىمىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان ئىدۇق. ئۈچ يىل ئۆتكەن يىلى ئۇ ئالىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە كەتتى. بۇمۇ بىللە كەتكەن تەتىلدە. مەكتەپكە يىغىلغاندا شۇنداق ۋەيرانە كەپتۇ.
- نېمە بولدۇڭ ؟
- ئالىم بىلەن ئايرىلىپ كەتتۇق، ئۇ بىرسىنى تېپىۋالدى!-دەيدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزمۇ يىغلاپ ھازا ئېچىپ، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق. ئاخىرى مەرخاننىڭ
- ۋاي بولدى قىلىڭلار! نېمىتى ئۇ ئالىم دېگەن، ئۇ تاپقان بولسا باشقىسىنى ساڭا چىقمامتى؟ سىلەر نېمىگە تەڭ ھۆكىرەپ؟ قىپقىزىلغۇ بۇلار!-دەپ ئۇيغۇرچە - قازاقچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىللىشى بىلەن توختىغانىدۇق. رىزۋانمۇ شۇ بىر قېتىم يىغلىغان ياقى بۇ ئىش ئۈچۈن قايتا كۆڭلىنى بۇزۇپ باقمىدى. (يا بىزگە كۆرسەتمەي يىغلىغانمۇ يەرلىرى بارمىكىنتاڭ).
ئادەم ئۆزگەرسە مۇنداق ئۆزگەرسە ئەڭ يامان ئىكەن، تاشقى قىياپىتى ئۆزگەرگەن مەرخان ھېچكىمنى رىزۋان ئۆزگەرگەنچىلىك ھەيران قالدۇرالمىغان جۇمۇ. رىزۋان پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە- مۇھەببەتكە ئىشەنمەس، ئوغۇللارغا ئىشەنمەس، ئوغۇللارنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان بىر ئادەمگە يەنى <دېسۋان>غا ئۆزگەردى. بۇ دېسۋان دېگەن گەپكە كەلسەك كۆپچىلىك، ئەسلى مەنىسى رىزۋاندىن كەلگەن بولۇپ،بۇ دوستىمىز ئۆزى تىل ئۆگىنىشكە بەك قىزىقىدۇ، چەت ئەلچە ناخشىلارنى سۆيۈپ ئاڭلايدۇ. (بولۇپمۇ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن). شۇڭا ئۆزىنى THIS ONE دەۋالدى. بىز بۇ پەرەڭچە ئىسىمنى دەمەللىققا قۇبۇل قىلالماستىن، ئىسلاھ قىلىپ<دېسۋان>دېدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئاتايمىز. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى سىنىپىمىزدىكى ئۆگىنىشتىن باشقا نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش ئېھتىمالى نۆل بولغان شۇ <پىراففېسورلار>مۇ بىلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ. لېكىن بۇنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ھالىتىنى ياقتۇرىمەن. بۇرۇنقى ئۇ مىشچان، مەيدانى يوق، بايرىقى تېخىمۇ روشەن ئەمەس، ئۇ رىزۋاندىن بۈگۈنكى مۇستەقىل ئېڭى كۈچلۈك، ئۆزىگە تايىنىشنى بىلىدىغان دېسۋاننى ياخشى كۆرىمەن، مەيلى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىدىن قەتئىينەزەر.
-رائىلە بىلەن بىر يەرگە بارغانتىم، ئۇف ئەجەب ھاردىمما،-دېدىم سومكامنى كارىۋىتىمغا قويغاچ.
  • رافائىل بەك ئىزدەك كەتتىغۇ سېنى، يانفۇنىڭغا قىلسام ئېلىنمىدى دەيدىغۇ؟-دېدى دېسۋان خاتىرىسىدىن بېشىنى كۆتۈرمەي.
  • ھە. يانفونىمنىڭ توكى يوق.

- دەپ قويساڭچۇ ھەر چارشەنبە كېلىدىغىنىنى بىلگەندىن كېيىن. بىچارە بالا پەستە نەچچە سائەت تۇردىغۇ دەيمەن
- ئۇنى كىم كەلسۇن دەپتۇ، ئۇنىڭغا نېمە دەپ دەپ قوياتتىم.
*******************************************************
رافائىل- مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆسمۈرلەر سارىيىدا، رەسىم سىنىپىدا تونۇشۇپ قالغان بىر دوستۇم ئەمدى. مەندىن بىر ياشلا چوڭ. كىچىكىمىزدە، 8 - 9 ياش ۋاقىتلىرىمدىكى ئۇ ئەسلىمىلەرنى،< رافائىل>نى، پاك - پاكىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن ئەسلى. بىر قېتىملىق نورۇز بايرىمىدا، تىببى ئۇنۋېرسىتىتتىكى دوستۇم ئامىنە (ھېلىقى ئىسپىراپكا بېرىدىغان) مەكتىپىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بېرىپ كۆرىمەندە؟! شۇ چاغدا بۇ رافائېل سەھنە سۆزى قىلدى. ‹‹ بۇ ناخشامنى كىچىكىمدە، بىللە رەسىم سىزغان، لېكىن ھازىرغىچە ئۇچرىتالمايۋاتقان ئەسلىمە دوستۇم گۈللالەگە بېغىشلايمەن، ناخشامنىڭ ئىسمى خىيالىمدىكى يارە ››. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ھەقىقەتەن بەك ھەيران قالغان ئىدىم.‹‹ مەنمۇ نېمە ؟ ››دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن مەن بىرەرسى بىلەن رەسىم سىزغاندەك قىلمىغان. ئويۇن تۈگەپ ئامىنەنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، (كەچتە شۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتمىسەم، بىزنىڭ ياتاقنى مەن بارغىچە تاقىۋېتىدۇ). تۇيۇقسىز شۇنچىلا جىق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ رافائىل ئىدى.
توغرا ئۇ رافائىل ئىدى. كۆزلىرىمنى ئىتتىك ئېلىپ قاچتىم، لېكىن يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدىم. كۈلۈپ قويدۇم. نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، بەلكىم، ئۇنىڭ خىيالىدىكى قىز بىلەن ئىسىمداش بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىۋاتامدىم ئۇنى بىلمىدىم.
  • ۋىيىي ئاداش ، تازا ساقلىدىڭ ھە؟!

چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئامىنە قوللىدا سومكا - كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.
- كىمگە قاراۋاتىسەن؟ ھە. ئاۋۇ بالىمۇ؟ ۋاي ئالدىنقى قېتىم گىتتار مۇسابىقىسى بولغاندا، بۇ بالا مەكتىپىدىن ئىككى دوستى بىلەن كېلىپ چاڭ چىقىرىۋەتتى، قىزلار دېگەن چېرقىراپ رافائىل دەپ، ھە شۇ چاغدا دېگەنتىمغۇ ئاداش ساڭا، ناخشىنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ ناخشامنى كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستۇم گۈللالەگە بېغىشلايمەن، دېدى، دەپ. بۈگۈن دەپ قويدۇم. مېنىڭ ئاۋۇ دوستۇمنىڭ ئىسمىمۇ گۈللالە دەپ!
   توغرا! ئامىنە بىر ۋاقىتتا شۇنداق دېگەندەك قىلغان، كېيىن سورايمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن.
  • ساراڭمۇ سەن؟ نېمە دەپ مېنى دەيسەن؟

- ۋاي خوش بول، خەقچۇ، ئاشۇ قىزنىلا ئويلايدىكەن، بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇ تىڭتىڭلىدى بۇ بالىنى. قىزلارغا ئېرىمايمىش.خېنىم!-دېدى ئامىنە قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ. - يۈرە بولدى، كىرىپ كېتەيلى...
     شۇ ئىش بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن، بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام
  • ئاداش، سېنى پەستە بىرسى سېنى ساقلاۋاتىدۇ. ئاتتەك بىرسى!-دېدى دېسۋان ھاياجانلانغان ھالدا.
  • كىمكەن؟ تېلىفون قىلسىلا بولمىدىمۇ، قانچىنچى ئەسىر بۇ...
  • ۋاي بىز نەدىن بىلەيلى! چۈشمىسەڭ پۇشايمان قىلىسەن!ھە راست، قولىدا گېتتارمۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە بارغۇ دەيمەن. بىر قارىسىلا مۇزىكانت چىراي

ھىــــــــــــــــــــــم؟ ئۇ ئەمەستۇ؟ ياق، مۇمكىنمۇ بۇ؟ ئەمىسە كىمدۇر؟
  ئۇنى كەينىدىن كۆرۈپلا تونۇدۇم. سوغۇقتىن سەل دۈگدەيگەنىدى.
  • مېنى ئىزدىگەنمىدىڭىز؟- دېدىم ئالدىغا كېلىپ.
  • ھە، ھە شۇ باشقا ئىشمۇ يوق... بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىغا كەلگەن، سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ،-قارىغاندا سەل تەمتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.
  • شۇنداقمۇ؟ مېنى قانداق تاپتىڭىز؟
  • بۇنى سورىمايلا قويۇڭە، مۇھىم ئەمەسقۇ؟- دېدى ئۇ ئاۋازى سەل گاراڭ - گۇرۇڭ چىقاتتى. كۆزلىرى كۆزۈمگە قاراشقا پېتىنالمايتتى. ماڭا قارايتتى -يۇ، يەنە ئىتتىك ئېلىپ قاچاتتى.
  • چوقۇم ئامىنە! شۇنداقمۇ؟-دېدىم بېشىمنى سەل سىڭايان قىلىپ سۇئال نەزىرىدە.
  • ئامىنە دېگەن كىمۇ؟

ۋاي خۇدايىم بۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى!
  • ھېلىقى كۈنى رىياسەتچىلىك قىلغان قىزچۇ؟ ئاڭلىسام شۇ سىزگە مېنىڭ ئىسمىمنى دەپ بېرىپتىكەن.
  • ھە راست. ماڭا نۇرغۇن دوستلۇرۇم گۈللالە ئىسىملىك دوستلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەن خۇددى شۇ ئىسىمنى ئىزدەۋاتقاندەك!- دېدى ئۇ. بۇ بالىنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەسمۇ نېمە؟ ئاخىرى ئۇ خېلى غەيرەت قىلىپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
  • مەن شۇ كۈنى، سىزنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرگەن. سىز تېلىفۇندا بىرسىگە، مەن گۈللالە، دەپ بىرنېمىلەرنى دەۋېتىپتىكەنسىز، سىزگە شۇنداق ئۇزۇن قاراپ تۇردۇم. سىز تېخى پەلىيىڭىزنى ئېلىپ بۇرنىڭىزنى ئېيتتىڭىز...
  • ھا ھا ھا... راست، ئۇ كۈنى يەنە بىر قىزنى ساقلايمەن دەپ. ياتىقىدا تېلىفون قىلسام يوق، شۇڭا سىرتتا مۇزلاپ...-دېدىم شۇ كۈنىنى ئەسلىگەچ. ئۇنىڭ كۆزلىرى سەل سارغۇچ، كىرپىكلىرى شۇنداق ئۇزۇن ئىدى. بۇلار ماڭىمۇ ئازراق بىر ئىشلارنى ئەسلەتكەندەك قىلدىيۇ، يەنە ئەسلىيەلمىدىم. ئۆزى ئاق سېرىق، مەندىن بىر باش ئېگىز، كۆزلىرىدىن بىر خىل مەنا چىقىپ تۇرىدىغان بۇبالىنى راستلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. مۇزلاپ كەتتىم.
  • ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن كىرىپ كېتەي. سوغۇقتا سىزمۇ بالدۇرراق قايتىڭ.-دېدىم پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى قارنى ئۇياققا-بۇياققا دەسسىگەچ
  • بولىدۇ، گۈللالە!

ئىسمىمنى بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمنىڭ بۇنداق چىرايلىق چاقىرغىنىنى بىلمەيمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم.
  • بۇنى ئوقۇپ باقارسىز، سىزنى يەنە ئىزدىسەم بولامدۇ؟ -دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ.
  • بولىدۇ،مۇشۇنداق دوستىڭىزنىڭ ياتىقىغا كەلگەندە مېنى كۆرۈپ كەتسىڭىز بولىدىغۇ؟!

ئامال بار ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. ياتاققا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك قايتىپ كىردىم. ھاسىرىغىنىمدىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ بىلمىدىم، يۈرۈگۈم ئاتتەك سوقاتتى...
كەچتە، قىزلار ئۇخلاپ، جاھان تىنجىغاندا، ئاستا ياستۇقۇم ئاستىدىكى خەتنى ئالدىم-دە، كونۋېرتتىن چىقىرىپ خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. خەت شۇنچىلىك رەتلىك يېزىلغان ئىدى.
« گۈللالە! ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا مۇشۇ ئىسىمنى ئىچىمدە، خىيالىمدا، چۈشلىرىمدىلا ئاتاش ئەمەس، رىئال تۇرمۇشتىمۇ گۈللالە دەپ نىدا قىلىشمغا نىسىپ قىلغانلىقىغا چەكسىز شۈكرىلەر ئېيتىمەن. سىزنى ئوڭۇمدا ئۇچرىتارمەن، دەپ شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ، لېكىن ئۈمىد چوڭ ئەمەس ئىدى. ھەتتا خىيالىمدىكى شۇ گۈللالەنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر ئەمما بەكمۇ مۇھىم يەرلىرىگە كۆمۈۋېتەرمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بەلكىم شۇ ئۇلۇغ نورۇز بايرىمىنىڭ، بىزنىڭ يېڭى يىلىمىزنىڭ خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇ كۈنى سىزنى شۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم. كىچىكىمدىكى شۇ گۈللەر ئارىسىدىكى ئاق كېپىنەككە ئوخشايدىغان شۇ قىزنى، 15يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇچراتتىم. بەلكىم مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى سىز چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن! بۇنى ھەقىقەتەن ھېچكىم ھېس قىلالمايدۇ!
بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن شۇ ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتلا ئوقۇيدىغان رەسىم سىنىپىمىزغا بىر كۈنى بىر قىز كىردى. چاچلىرىنى ئىككى بوغۇۋالغان، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، ئاغزىدىن تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان، ئۇچىسىدىكى ئاق كۆينىكى بىلەن كېپىنەكلەرگىلا ئوخشاپ قالغان بىر قىز كەلدى. بىلمىدىم، شۇ قىز كەلگەن ياقى يەكشەنبىنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت دېگەنلەرنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سىزنىڭ شۇ ئوماق كۈلكىڭىزنى، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۈلكىلىرىڭىزنى سېغىناتتىم. سىنىپتا سىز خۇددى نۇرغۇن گۈللەر ئارىسىدىكى ئۇچۇپ يۇرگەن ئۇماق كېپىنەككە ئوخشايتىڭىز. بىركۈنى مۇئەللىم بىزنى ئۆزىمىز ئەكەلگەن ئالمىنى سىزىشقا بۇيرىدى. سىز مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇننىڭ ئالدىدىلا ئىدىڭىز، سىز قانداقلا قىلىپ ئۇ ئالمىنى سىزالمىدىڭىز، نەچچە ۋاراق قەغەزنى يىرتتىڭىز. تۇيۇقسىزلا ئالدىڭىزغا قويۇپ قويغان ئالمىنى ئالدىڭىز-دە، چىشلەپ - چىشلەپ يەۋەتتىڭىز! ھەممىمىز سىزگە قاراپلا قالدۇق. ئۇ تۇرقىڭىز بەكمۇ ئۇماق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم سىزنى مەن بىلەن بىللە سىزىشقا ئورۇنلاشتۇردى. سىز بوياقلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدىڭىز-دە، مەن سىزغان رەسىمگە قاراپ. ‹‹نەشپۈت سىزىپ قويۇپسىزغۇ؟ ھى ھى ھى...›› دەپ ئاغزىڭىزنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتىڭىز. سىز شۇنچە مەغرۇر، مەن شۇنچە تارتىنچاق، بىچارە ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن سىزنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم. قانچە قېتىم سىزنى، شۇ رەسىمنى چۈشىگىنىم ئېسىمدە يوق.
ھېلىقى كۈنى دەرۋازا ئالدىدا سىزگە قاراپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. تېلىفون سۆزلەشكەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا، كىچىكىمدىكى شۇ سىنىپ ئىچىدە كۈلگەن جاراڭلىق، قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭىزنى قايتا ئاڭلىغاندەك بولدۇم. پەلىيىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى سۈرتكەندە، رەسىم سىزىپ بولالماي، يۈزلىرىڭىزنى بوياق قىلىۋەتكەن ھالىتىڭىزنى ئەسلىدىم. ئۇچىڭىزدىكى ئاق چاپىنىڭىزغا قاراپ شۇ ئاق كېپىنەكنى ئەسلىدىم. بوينىڭىزدىكى قىزىل شارپا، چېچىڭىزدىكى ھېلىقى قىزىل لېنتىڭىزنى ئەسلەتتى. گۈللالە! سىزدىن يوشۇرمايمەن. شۇنچە ۋاقىتنىڭ ياقى، نۇرغۇن قىزلارنى ئۇچراتتىم. بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى سىزگە ئوخشىغاچقا، بەزىلىرىنىڭ ئاۋازى سىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاچقا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۈلكىلىرى سىزنى ئەسلەتكەچكە ئۇلار بىلەن بىللە يۈرگەنمۇ بولدۇم. ئەمما... ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلاتتىم، مېنىڭ كۆڭلۈم، قەلبىم، يۈرۈگۈم ئاللىقاچان شۇ سىنىپتا قالغان ئىكەن...
دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئويۇن بولىدىغان زالغىچە كەينىڭىزدىن ماڭدىم. سىز بىر قىز بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ كېتىپ باراتتىڭىز، شوخ كۈلكىڭىز قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى. «قانداق قىلارمەن؟» نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ئوچراتسام بولمامدۇ، دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى سىز راست ئۇچرىغاندا سىزگە گەپ قىلغۇدەك ماجال قالمايۋاتاتتى. شۇ كۇنى شۇنچە قىلىپمۇ سىزگە بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدىم. كەينىڭىزدىن مۆكۈپ- مۆكۈپ ماڭدىم. دوستىڭىز بىلەن قىزلار ياتىقىغا كىرىپ كەتكۈچە مۆكۈپ قاراپ تۇردۇم. ياتاققا قايتىپ كەلدىم، يۈرۈگۈم سىقىلاتتى. كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپلا تىببى ئۇنۋېرسىتىتقا قاراپ ماڭدىم. سىزنى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەمدەك ھېس قىلدىم. كەينىڭىزدىن مەكتىپىڭىزگىچە كەلدىم. سىز كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ياتاق بىناسىغا قارايدىغان ھەدەشتىن سىزنى، ياتىقىڭىزنى سورىدىم.   
گۈللالە! ھاياتىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىدە سىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن. سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن بىخەۋەرمەن. قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن.
        سىزنى كېچە - كۈندۈز ياد ئەتكۈچى
                                                     رافائىل »
خەتنى ئوقۇپ بولدۇم. پۈتۈن زېھنىم بىلەن شۇ نەچچىلا قېتىم بارغان، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىنى، شۇ 2-قەۋەت بۇلۇڭدىكى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان سىنىپنى ھەم چاچلىرى كۈن نۇرىدا تېخمۇ سېرىق بولۇپ كېتىدىغان، كۆزلىرى يېشىل ئارىلاش قوڭۇر، ئاڭ سېرىق شۇ رافائىلنى غۇۋا ئەسلىيەلىگەندەك قىلدىم.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ،ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنى يەنە ئۇچراتتىم. كۆزلىرىمگە خىجىللىق بىلەن ئەمما چوڭقۇر مېھىر بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.
  • ۋوي. بۇياققا ئۆتۈپ قاپسىزغۇ؟ بۇ مەكتەپتە ئوقۇمايدىغانسىز؟-دېدىم ئۇنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ قىرغىقىغا دەسسىگەچ
  • ياقەي... مەن مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىدا ئوقۇيمەن،-دېدى ئۇ بېشىنى تاتلىغاچ
  • ھە؟ ۋاي خۇدايىم، جاھاننىڭ ئۇ تۆرىدىن كەپسىزدە؟ مېنى ئىزدەپ كەلدىڭىزمۇ- يا؟ دوستىڭىزنى ئىزدىگەچ مېنى كۆرۈپ كېتەي دېدىڭىزمۇ؟-دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
  • ئەستاغپۇرۇلللا. شەيتان قىز، سىز شۇ پېتى تۇرۇپسىز جۇمۇ،- دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ.
  • سىزمۇ شۇ پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟- دېدىم تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ
  • مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ گۈللالە!

ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەيتتى
- ھىــــــــــــم... ئىشقىلىپ مەن شۇ ۋاقىتنى ئەسلىيەلىدىم. مۇئەللىمىمىز كۆزەينەك تاقايدىغان بىر مۇڭغۇل مۇئەللىممىتى ئىشقىلىپ...-دېدىم ئالدىرىماي.
- شۇ، شۇ،گۈللالە! بەك خوشال بولدۇم. سىزچۇ؟ سىز خوشالمۇ؟
- ھە؟! مەنمۇ خوش بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستتىن بىرنى تېپىۋالدىم.-دېدىم مەنمۇ كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.
شۇ كۈنى ئۇ مېنى ھېلىقى ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىغا ئېلىپ باردى. ھەتتا ئىچىگە كىرىپ سىنىپىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇق. ھەممە يەرلەرنى قايتىدىن ئوڭشاپ، يېڭىچە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سىنىپىمىزنى، ھېلىقى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان چوڭ دېرىزىسى بار سىنىپىمىزنى تاپالىدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ ھويلىسىدىكى كونا تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كۆرۈپ، ھەر قېتىم مېنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىدىغان چوڭ دادامنى ئەسلەپ قالدىم. دائىم شۇ ئايرۇپىلانغا چىقىمەن دەپ خاپا قىلاتتىم.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

92

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 10:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئارمانى
-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنىئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)
***********************************************************
                              
شۇنىڭدىن كېيىن، رافائىل مەكتەپكە كۈندەدېگۈدەك كېلىدىغان بولدى. ‹‹ سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن ››، ‹‹ تامىقىنى يېگۈمكېلىپ ماۋۇ تەرەپنىڭ ››، ‹‹ ئۆيگە كەلگەنىدىم، قايتقاچ سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەيدېگەن ›› دېگەندەك باھانا - سەۋەبلەر بىلەن. بارغانسېرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنقورقىدىغان بولۇپ قالدىم... گەرچە ئۇ ماڭا ئېغىز ئېچىپ ئېنىق بىر نېمە دېمىگەنبولسىمۇ، ماڭا قاراشلىرىدىن ھەممىنى سېزىپ تۇراتتىم. توغرا، نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقىبىللە بولۇش جەريانىدا ئۇنى ئانچە - مۇنچە چۈشەندىم. ئۇ ھېسىياتقا باي،رومانتېكىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەممە نەرسىلەرنىڭ گۈزەل، كۆڭلىدىكىدەك بولۇشىنىئارزۇ قىلىدۇ. مۇزىكىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. قاپاق گىتتارنى ياخشى چالىدۇ، FLAMENGOئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدۇ. ‹سولو›لىرىدا گەپيوق، شۇنچە پاكىز. ئۆزىمۇ ماڭا بەك كۆيىنىدۇ.

  • سىزنى تاپتىم، دەپ     ھەممە دوسلىرىمغا دېدىم،- دېدى بىر كۈنى ئۇ،- ئەمدى سىزنى قويۇۋەتمەيمەن،     بىلەمسىز، ئادەم ئۇزۇندىن ئىزلەپ يۈرگەن نەرسىسىنى تۇيۇقسىز تېپىۋالغاندا،     قانچىلىك خوش بولىدىغانلىقىنى؟!

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ياتاقتىكىقىزلارمۇ ‹‹ ئاتتەك ماسلىشىسىلەر، ئاداش، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى نەدىن تاپاتتىڭ؟ئۆزەڭمۇ بۇرۇن، مۇشۇنداق تەقدىر ئۇچراشتۇرغانلار بولسا مەيلى دەيتىڭغۇ؟!›› دېيىشەتتى.لېكىن، ئۆزۈمگە ئايان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپ دېسەممۇ، ياقتۇرىمەنلا، دىيەلەيمەن...ئەجىبا مۇشۇ ھېسىياتنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەتمىدۇر؟ ياق، ياق! مەن شۇنداق بىرمۇھەببەتنى ساقلاۋاتىمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، قارشى تەرەپ ھەرگىز رافائىل ئەمەس. شۇنىڭدىنكېيىن رافائىلدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا باشلىدىم. ئۆگىنىشىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھاناقىلىپ تۇرۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇھەركۈنى n قېتىم تېلىفون قىلىدۇ. ئۇچۇريوللايدۇ.
- جىممىدا بولۇپ كەتتىڭغۇ؟! ئات.
دېسۋان خىيالىمنى بۆلدى.
- ھە... رافائىلغا گەپنى ئېنىق قىلىۋەتسەمبولغىدەك، بولمىسا كېيىنچە تېخىمۇ تەس كەلگىدەك ئاداش.
- ساراڭ بولما، بۇنداق بالىلارنى يېنىڭدىنھەيدىۋېتىپ قانداق قىلاتتىڭ؟ خۇددى بىر يەردە شاھزادىدىن بىرسى كۈتۈپتۇرىۋاتقاندەك. ئۇمۇ سېنى ھازىرلا بىرنېمە دە دېمىگەندىن كېيىن، تۇرۇپ تۇرمامسەن...
دېسۋاننىڭ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى كۆپ.
- ۋاي... بىر گەپ بولار، بۇ ئىشلارغابېشىمنى قاتۇرۇپ نېمە قىلاي!- دېدىم كارىۋاتقا سوزۇلۇپ ياتقاچ.
- ھە راست. ھېلىقى رەسىملىك كىتابىڭنىبېرىپ تۇرە، خېلى قىزىقىپ قالدىم!- دېدى دېسۋان يانىمغا كېلىپ.
- سومكامنىڭ ئۈستىدىغۇ، ئۆزەڭ ئالە.- دېدىمكارىۋېتىمدىن چۈشۈش خوشياقماي
- تېلىفونىڭنى توكقا تىقىپ قويە، بولمىساياتاققا تېلىفون ئۇرۇپ، ھەممىمىزنى ئاۋارە قىلىدىكەن، رافائىل!- دېدى دېسۋانسومكامنى كارىۋېتىمغا قويغاچ. يانفۇنۇمنى ئالاي دەپ سومكامنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم.سومكامنىڭ ئىچىدە يەنە بىر رەسىملىك كىتاب تۇراتتى. ۋاي، خۇدايىم
- ئاداش قولۇڭدىكى كىتابنى ئەكىلە، بولەچاققان
- يەنە نېمە بولدى؟- دېدى دېسۋان كىتابنىسۇنۇپ بەرگەچ. كىتابنى ئالدىم-دە، ئىچىنى ئاچتىم. كىتاب خېلى كونىرىغان ئىدى. ئىچىنىڭبوش يەرلىرىگە ئانچە - مۇنچە خەتلەر يېزىلغاندەك قىلاتتى. دېسۋانغا ئۆزۈمنىڭكىتابىنى بەردىم-دە، قولۇمدىكى كىتابنى ئالدىرىماي ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ئىچىدىكىخەتلەر شۇنداق چىرايلىق يېزىلغان ئىدى. ئۇ - بۇ يەرلەرگە شۇ كۈنىدىكى ھېسىياتىبىلەن ئەسەردىن ھېس قىلغانلىرى قوشۇپ يېزىپ قويۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدىكى بېتىدا ‹‹ ئەزىمەتقەھرىمان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى›› دېگەن خەتلەر تۇراتتى. مانا!!!كۆرۈڭ بۇ ئىشنى. ئۇنىڭقولىدىكى راستلا ئۇنىڭ كىتابى ئىكەنتۇققۇ؟! مەن تېخى ئۇنى <نومۇسسىز ئەبلەخ>دەپ تىللىدىمغۇ دەيمەن. ۋاي ئۆلەي! ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تېخى مۇشۇ مەكتەپتەئوقۇيدىكەن، ئۇچرىشىپ قالساق نېمىلەرنى دەپ كېتەر...
كەچتە ياتاقتا ئەزىمەتنىڭ مېنىڭكىگەئوپمۇئوخشاش رەسىملىك كىتابىنى كۆرۈپ ئولتۇرسام، مەستۇرە كىردى.
- ئات، باركەنسەن ھەنىم بولسا...،- دېدىئۇ كارىۋېتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ،- بۈگۈن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بار ئىكەن، يۈرە چىقىپكۆرۈپ كىرەيلى!
مەستۇرە - يەنە بىر ياتاقدىشىمىز ھەممېنىڭ يېقىن دوستۇم. ئۆزى غۇلجىلىق. يوغان، ئېگىز، گىروي قىز، تەنھەرىكەتچىلەرگەئوخشايدۇ. ئۆزىمۇ تەنتەربىيەنى سۆيىدۇ. يۈزلىرى ئاپئاق، كالپۇكلىرى نېپىز بۇدوستۇم بەك ياسىنىشقا ئامراق، قاچانلا قارىسىڭىز، ئۆزىنى ياساپ ئولتۇرغان ھالىتىنىكۆرىسىز. بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدا قاسىم، دەپ بىرسىنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق،لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كاملىقىدىن ھازىرغا قادەر كۆڭلىدە يوشۇرۇپ كەپتۇ.بىز بۇنىڭغا توختىماي ئۆزىگە ئىشىنىش توغۇرلۇق دەرس ئۆتىمىز. ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىنتۆۋەن ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭمۇ بىرخىل گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى توختىمايدېيىشىمىز نەتىجىسىدە، بۇ قىز ھازىر دەھشەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ياسىنىپ،تاقىراقشىپ يۈرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلەقىلىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ياخشى. بىردىنبىر يېرى، بەك ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، بەكچۆچۈيدۇ. چۆچۈپ، بىزنىمۇ قورقىتىپ جېنىمىزنى ئالغىلى تاس قالىدۇ. مۇشۇ ياتاققايېڭى كىرگەن ۋاقتىمىزدا مەستۇرە مەن ياتقان مۇشۇ ئورۇندا ياتاتتى. بىر كۈنى، تاڭئاتاي دېگەن چاغ، ھەممىمىز ئۇخلاۋاتاتتۇق، بىر نەرسە گوم قىلىپ ئۈستەلگە، ئاندىن ئۈستەلدىنيەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن تېخى چىراق ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ۋايجاننى ئاڭلاپ ھەممىمىزگۈررىدەڭ قوپتۇق، قارىساق مۇشۇ مەستۇرە. ئىشقىلىپ بىچارە بەش، ئالتە كۈندەك تۈزۈكماڭالماي، كېيىن ئاران ياخشى بولغان. مەن ئورۇن ئالمىشىپ بەرگەندىن كېيىن، پەستىكىكارىۋېتىدىنمۇ ئىككى قېتىم چۈشۈپ كەتتى. مەنغۇ چۈشۈپ كېتىپ باقمىدىم، ئەممايوتقۇنۇم تولا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاستىدىكى كارىۋاتتىكى سەبىرەنى تولا ئويغۇتۇپ، ئۇنىڭبۇ توغۇرلۇق پىكرى بار ماڭا.
مەستۇرە يېقىننىڭ ياقى ۋاسكىتبولغائالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى، (توغرىراقى ئەلۋەتتە ۋاسكىتبولچىلار) پات - پاتلامۇسابىقە كۆرگىلى بارىدۇ. ئۆزىنىڭمۇ بويى ئېگىز بولغاچقا، ۋاسكېتبولچىلارنى ئۆزىگەماس كېلىدۇ دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ.‹‹ ماقۇل ››دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتىم. ئەزىمەتنىڭكىتابىنى قانداق قىلارمەن، دەپ تولا ئويلاپ ئۆزۈمنى ئالدۇرۇپ قويماي يەنە!
ۋۇي... بۇ مۇسابىقىمۇ خېلى بولۇپ قالامدۇنېمە؟! خېلى ھەيۋەت تۇرىدۇ. ئىككىمىز ئالدىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق. مەستۇرەماڭا بىر - بىرلەپ ۋاسكېتبولچىلارنى ھەم ئۇلارنىڭ قايسىبىر داڭلىق چەت ئەلۋاسكېتبول چولپانلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئورنى،كىمنىڭ نېمىگە ماھىر ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

  • دەرسنى مۇشۇنداق     ياخشى ئوقۇغان بولساڭ، فاكولتېتتا ئېلىپ قالاتتى سېنى!- دېدىم چاقچاق قىلىپ

- ۋاي، نېمە دەيدىغانسەن؟ ئېلىپ قالىمىزدەپ يالۋۇرسىمۇ قالماسمىنا. توۋا دە ئاداش.
بۇنىڭ بىزنىڭ فاكولتىتنىڭ ئوغۇللىرىغاغەزەپ ئىچى پۇشىدۇ. –

  • ھە، كەلدى، كەلدى. ساڭا     بايا دېگەن چەت ئەل تىلى فاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان، قايتقان توپنى پەيزى     ئۇرىدىغان بالا ئەنە شۇ، ئىسمى ئەزىمەت.

قىزىقىش ئىچىدە قارىدىم. ئەزىمەت دېگەنھېلىقى ئەبلەخ ئەمەستۇر ئەمدى؟! دېمىدىممۇ؟ دەل شۇ ئەبلەخ. مەيدانغا كىرىپتەييارلىق ھەرىكىتى ئىشلاۋاتاتتى. لېكىن ئۇنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىزقەلبىمدىكى ئەندىشىنى ئىللىق بىر ئېقىم ئالدى.
ئەزىمەت توپنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايتتى.گەرچە ۋاسكېتبولنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ، نومۇرنىڭ جىقراقىنى ئەزىمەت ئېلىۋاتقانلىقىنىكۆرۈپ تۇراتتىم. (ئەلۋەتتە، مەستۇرەمۇ يېنىمدا توختىماي چۈشەندۈرىۋاتىدۇ). ئەزىمەتنىڭمۇسابىقە مەيدانىدىكى ھالىتى ھەقىقەتەن باشقىچە. ھېلىقى كۈندىكى ئاشۇ ‹‹ شېتىلە ››ئەزىمەتتىن ئەسەرمۇ يوق. چىرايى شۇنداق جىددى تۈس ئالغان. پات - پات بوينىدىكىزەنجىرىنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. ئىككى قولى بىلەن تىزىنى تۇتۇپ، بېشىنى پەس قىلىپ،نەچچە سېكونت تۇرىۋالىدۇ. ئەمما شۇ كىتابنىڭ ئىشىنى ئويلىساملا، ئۆزۈم ئەمەسلابولۇپ قالىمەن. يۈزلىرىم ۋىللىدە قىزىرىدۇ. ‹‹ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ، مۇشۇيەردە سەتلەشتۈرۈشتىن يانمايدۇ، بۇ ئەبلەخ. ›› دەپ ئويلاپ، كېتەي دېدىميۇ، لېكىنيەنە كېتەلمەيمەن. 20 مىنۇت توشتى. يەنە بىر 20 مىنۇتمۇ توشتى. كۆزلىرىمئەزىمەتنىلا ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭغا قارايمەنۇ، خىيالىم يەنە باشقا يەرلەرگە كېتىدۇ. مۇشۇنداققىلىپ، مۇسابىقىمۇ تۈگىدى. چاققان كەتسەك بولاتتى ماۋۇ يەردىن دېگەنسېرى، مەستۇرەئەزمىسىنى ئېزىپ، ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى...
ئۇف... ھەنىم بولسا ئاخىر چىقىۋالدۇق. كەچنىڭھاۋاسى بەك ساپ، راھەت ئىدى. مەستۇرەنى قولتۇقلاپ بېشىمنى ئاسمانغا قىلىپ،يۇلتۇزلارغا قاراپ ئاستا ماڭدىم. مەستۇرە يەنىلا شۇ بايامقى مۇسابىقىدىكىئەھۋاللارنى يادلىۋالغاندەك بىر قېتىمدىن دەپ چىقىۋاتاتتى. مۇشۇ دوستۇمنىڭ ئوڭايھاياجانلىنىدىغىنى!!!
- ھەي... سەھرالىق!!!
شۇنداقمۇ بىر تونۇش ئاۋاز. كەينىمگەقاراشقا پېتىنالمىدىم. مەستۇرە
- ئاداش، سېنى چاقىۋاتامدۇ نېمە؟-دېدى.
- نېمە كەينىڭگە قاراپ يۈرۈيسەن، بىز ياسەھرالىق بولمىساق!- دېدىم ئۇنى بىلەكلىرىدىن تارتىپ سۆرىگەندەك مېڭىپ. تۇيۇقسىزمېنىڭ بىلىكىممۇ بىر قاتتىق قول تەرىپىدىن بوشقىنا تارتىلدى. ئاھ خۇدا،تۈگەشتىم.
- نېمە؟! قولۇمنى قويۇۋېتىڭە!- دېدىمئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالماي
- شۇنچە چاقىرسام نېمىدەپ ئاڭلىماسقاسېلىۋالىسىز؟ ئوغرىدەك!- دېدى ئۇ قولۇمنى قويۇۋېتىپ، مۆرىسىدىكى سومكىسىنى ئوڭشىغاچ
- ئاڭلىمىسام! نېمە ئىشىڭىز بار؟
- ئىشىم جىق مېنىڭ! خاپا بولماي سىزماڭغاچ تۇرامسىز؟! قىزچاق.
نېمە؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟ بېشىمنىكۆتۈرۈپ ئەزىمەتكە قارىدىم ، ئۇ بىر خىيالى مەستۇرەگە قاراپ تۇراتتى. چىرايىداھېلىقى كۈلكىسى
- نېمە دەپ كېتىپ تۇراتتى؟! قىززىق! بىللەكېتىمىز ئاداش!- دېدىم مەستۇرەنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ
- ھەي ھەي ھەي... سىزدەك ياۋايى، ئۆكتەمقىز بىلەن مەن قورقماي قېلىۋاتسام، سىز نېمىدىن ئەنسىرەيتىڭىز؟ ئۇ يانچۇقىدىنتاماكىسىنى چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىدى،- بوپتۇ... لېكىن، خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالغاندىنكېيىن قايتۇرۇپ بېرىشنى بىلىدىغانسىز؟ كىتاپ ئوغرىسى ئوغرى ئەمەسمۇ يە؟!
- ھەي! تۈزۈك گەپ قىلىڭ ھە؟! كىم سىزنىڭكىتابىڭىزنى ئوغۇرلاپتۇ؟ مەن، مەن شۇ پەقەت مېنىڭمىكىن دەپ قاپتىمەن!- دېدىمبوينۇمنى سوزۇپ
ۋۇي... ما گەپنى! سىز سەھرالىق دەھشەتئۆكتەم سەھرالىقكەنسىز ھە؟! سىزنىڭكىگە ئوخشىسىلا بۇلاپ ئېلىپ ماڭىدىغان. باشقىلارنىڭئالدىدا ئىززا تارتىپ قالمىسۇن، دەپ كىتابىمنى ئېلىپ ماڭغىنىڭىزدا گەپ قىلمىدىم. تېخىمېنى تىللايسىزا!!!
خەپ! يامان يەردىن تۇتىۋالدى بۇ ئەبلەخ...
- كىتابىڭىزنى ئېىپ چىقىپ بەرسەملا بولار؟-دېدىمئۇنىڭغا قاراپ
- كىتابنى بېرىسىز، ئۇ ئېنىق. ئەمما، مۇشۇپوزىتسىيىڭىز بىلەن بەرسىڭىز، مەن ئالارمەنما؟!
- ۋۇ ساراڭ! ئالمىساڭ مەيلى، ساڭابېرىدىغان كىتاب يوق ئەمدى!
مەستۇرەنىڭ قولىدىن تارتتىم-دە،يۈگۈرگەندەك ماڭدىم. كەينىمدىن ئۇ ئەبلەخنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپلا قالدى.
- سەن ئەزىمەتنى قانداق تونۇيتىڭ ئاداش؟ھەجەپ دېمىگەن ئىدىڭغۇ بىزگە ؟- سورىدى مەستۇرە ياتاققا كىرىپ. ئۇنىڭ مۇشۇنداقخۇسۇسىيىتى بار، بىر ئىشنى سوراپ< نېمە دەپ؟ قاچان ؟ نېمىشقا؟ قانداق بولغان؟ >دېگەندەك سۇئاللىرى بەك جىق. بۇنىڭغا مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ ھەرگىز قۇتۇلغىلىبولمايدۇ. يىپ - يىڭنىسىدىن بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. شۇڭا ھەممىنى دەپ بەردىم.قىزلار ئاڭلاپ < شۇ ئاداش، سېنىڭ مۇشۇ ھاڭۋاقتىلىقىڭ بەزىدەجۇمۇ > دېيىشتىبىرەر قېتىمدىن.
بىرنېمە دەي دېسەم، دېمىسىمۇ مۇشۇ ياتاققاكىرگەن ياقى، بەك جىق ئىشلاردا ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ كەتتىم. مۇشۇ ياتاققا يېڭىكىرگەندە (ئۇ چاغدا بۇرۇنقىدەك قۇلۇپ بىلەن ئىشىك تاقايتتۇق) بىر كۈنى ياتاقنىتاقاپ سىرتقا چىقاي، دەپ تۇرۇشۇمغا گۈزەل چاقىرىپ قالدى، ئۇنىڭ ياتىقىغا قۇلۇپنىكۆتۈرۈپ چىقىپتىمەن، ئۇنىڭكىدىن چىقىپ تۇرسام، يانفۇنۇمغا تېلىفون كەلدى، تېلىفونسۆزلىشىمەن دەپ، قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىگە بىزنىڭ قۇلۇپنى سېلىپ قويۇپتىمەن،ئىچىدىكىلەر چىقالماي، باشقىلىرى ئۇ قۇلۇبنى سىرتتىن ئاچالماي دېگەندەك بىر مۇنچەئىش بولغانىدى. يەنە بىر قېتىم، رافائىل بىلەن تېلىفوندا سۆزلىشىپ ( ئۆزۈمچەقىزلارغا دەخلى قىلماي دەپ كارىدورغا چىقىپ سۆزلىشىپتىمەن) . خېلى بىر ۋاقىتئۆتۈپ، ئۆزۈمنىڭ ياتىقىغا كىردىم دەپ، 318 غا كىرىپ كېتىپتىمەن، ( ئەسلى كارىدورداسۆزلىشىپ، بىلىپ - بىلمەي 3-قەۋەتكە چۈشۈپ قاپتىكەنمەن).
- ساڭا ھەجەب مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارئۇچرايدۇ، دەيمەن،- دېدى شىخولۇق قىز سەبىرە
- شۇنى دېگىنە، خاتىرجەم ئادەملەر قانداقئادەملەردۇر، مەنمۇ شۇنداق بولۇپ باقسام،-دېدىم بىچارىلەرچە
- مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىشلارنى بېشىمدىنكەچۈرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ئىلزات بىلەن بەك بالدۇر يۈرىۋالدىممۇ نېمە ؟- دېدىسەبىرە بېشىنى ئۈستىلىگە قويغاچ. سەبىرە بەك ئۇماق، ئۆزى كۈلگىچە كۆزى كۈلۈپبولىدۇ. ئادەم دوراڭ دەيدىغان بولسا، كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىڭىزنى ئۈزىۋېتىدۇ، بىرئادەمنى كۆردىمۇ بولدى، بىر يېرىدىن قۇسۇر تاپىدۇ-دە، شۇ زاماتلا ئوخشاش قىلىپدورىۋېتىدۇ. ناخشا ئېيتىشقىمۇ ئۇستا. كىمنىڭ ناخشىسى بولسا شۇنىڭ ئاۋازىنى دوراپئېيتىدۇ، بەك مۇڭى بار ئاۋازىنىڭ. ئەمما، بىر نەرسىنى بەك ئىتتىك يەپ قويىدۇ،تاماق ئەكىرىپ، قالغانلىرىمىز ئورۇندۇقنى ئېلىپ، قولىمىزنى يۇيۇپ، چوكا - قوشۇقلارنىئېلىپ بولغۇچە يەپ بولىدۇ، تاماققۇ مەيلىغۇ، شۇنداق سوغۇق ماروژنىلارنىمۇ بىردەمدىلا يەۋېتىدۇ. مەن كارىۋاتلىرىنىڭ ئاستىغا قاراپ باقىمەن، < تۆكىۋەتمىگەنسەن؟ > دەپ. ھەرىكىتىمۇ شۇنداق تېز، چىقىپ كېتىپ بىردەمدىلا < مالىيە - ئىقتىسادىيئىنىستىتوغا بېرىپ كەلدىم >، < تىببىي ئۇنۋېرسىتىتقا سىڭلىمنىڭ يېنىغا بېرىپكەلدىم >دەپ كېلىدۇ، ھەيران قالىمىز. ئىلزات بىلەنمۇ مۇشۇ يىل 3-ئايدا يۈردى. تۇنجىمۇھەببىتى بۇنىڭ. ئىلزاتمۇ بەك ئېسىل بالا، ئۆزى ئۈرۈمچىلىك، يېزا ئىگىلىكئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيدۇ. ئىككىسى شۇ بەك تولا سوقىشىدۇ، nقېتىم ئايرىلىپ بولدى، ئەتىسىلا قارىسىڭىز ئەپلىشىپقالغان، شۇڭا ھازىر ئۇ‹‹ ئايرىلىپ كەتتۇق، رەسمىي،›› دەپ قەسەم ئىچىپ كەتسىمۇئىشەنمەيمىز. قارىسام يېقىننىڭ ياقى بۇنىڭ زادى ئىلزاتتىن ئايرىلىپ، باشقا بىرلىرىبىلەن ئارىلىشىپ باققۇسى بەك كېلىۋاتىدۇ.
- قولۇڭدا بار نەرسىلىرىڭنى قەدىرلە، يوقنەرسىلەرگە ئېرىشىمەن دەپ يۈرگىچە!- دېدى ئادىلە. تۇرۇپ ئويلىشىپ قالدىم. ‹‹ راست.خىيالىم بويىچە بۇنداق ئىزدەپ، تاللاپ كېتىۋەرسەم ھەممىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟››يانفونۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ‹‹ ھەي، 100كوي تۈگەي دېدىمۇ؟! ھە راست، سىزئوغۇلمۇ؟ قىزمۇ؟ ››بۇ <100كوي ۋەقەسى>دىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭقانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
    
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|Comsenz Inc.

GMT+8, 2014-3-31 22:45 , Processed in 0.190194 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش