توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1187|ئىنكاس: 25

جون فېتىزگراد كېننىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-31 17:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئامېرىكا 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى جون فېتىزگراد كېننىدى
تولۇق ئىسمى: جون فېتىزگراد كېننىدى
ئاتىلىشى: جېك
توغۇلغان ۋاقتى: 1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1961-يىلى1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە
كېلىپ چىقىشى: كاپىتالىست
ئوقۇش تارىخى: ماگېستىر (خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنۋېرسىتېتى)
كەسپى: ھەربىي (سىتارشى لېيتنانت)
پارتىيە-گۇرۇھى: دېموكراتلار پارتىيىسى
دىنىي ئېتىقادى: رىم كاتولىك دىنى
ۋەزىپىسى: دۆلەت كېڭەش پالاتا ئەزاسى
رەپىقىسى: جەككيۇلاين رى بوۋېر
پەرزەنتى: بىر ئوغۇل، بىر قىز
ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «قەھرىمانلار تەزكىرىسى» (1952)، «باتۇرلار ئوبرازى» (1956)
ھېكمەتلىك سۆزى: ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۇنيا تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، سانى چەكلىك بولغان شۇ بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرى، ئەركىنلىك زاۋانلىققا يۈز تۇتقاندا. ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
ۋەتەننىڭ سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سورىماي، ئۆزۈڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭ ئۈستىدە ئويلان..
بىزنىڭ ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە بولغان ئېتىقاد، شۇنداقلا باشقىلارغا بەرگەن بىردىنبىر ۋەدىمىزدۇر.
جون كېننىدى ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى. ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئىنتايىن ياخشى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. 1946-يىلى، 28 ياشلىق جېك (جوننىڭ ئەركىلەتمە ئاتىلىشى) دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىپ كىرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئىككى نۆۋەت پالاتا ئەزالىق ۋەزىپىسىدە بولغان. 1952-يىلى، ئۇ ماسساچۇسېتىس شىتاتىدىن ئامېرىكا پارلامېنتىغا سايلىنىپ كىرگەن. 1953-يىلى، ئۇ بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەككيۇلاين رى بوۋېر بىلەن توي قىلغان ھەمدە ئىككى بالىلىق بولغان؛ 1961-يىلى، كېننىدى ئەڭ ياش ئامېرىكا پىرىزدېنتى بولۇپ سايلانغان؛ ئەمما بەختكە قارشى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 1037 كۈن بولغاندا، قەستلەشكە ئۇچراپ، ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىرى ئامېرىكا خەلقىنى ئىلگىرىلەش يولىغا قاراپ باشلاپ ماڭغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى: ئەقىللىق خۇشچاقچاق بىرىنچى ئەۋلاد تالانت ئىگىسى
جون كېننىدى ئامېرىكا پىرىزدېنتلىرى ئىچىدىكى 20-ئەسىردە تۇغۇلغانلىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى بېلەت سايلىمى ئارقىلىق پىرىزدېنتلىققا سايلانغان ئەڭ ياش پىرىزدېنت، شۇنداقلا پىرىزدېنتلار ئىچىدە ئەڭ ياش ۋاپات بولغانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىنتايىن غايىلىك ياش بولۇپ، بوي-تۇرقى ئىنتايىن قاملاشقان، ئۆزى رومانتىكراق تۈشكە ئىگە، ئەمەلىي ئىشتىن ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولالايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ ناتىق بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىلان سوقۇشقىمۇ ئۇستا ئىدى؛ ئۇ ئىنتايىن سەمىمىي، ئوچۇق بولۇپ، «رېئال سىياسىيون» ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقىگە ئىنتايىن يۈكسەك بولغان كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بۇ بىر قاتار تەسەۋۋۇرلارنى قەدەممۇ-قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى؛ ئۇ ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭلا ياخشى باھاسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.
جون كېننىدىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئالتە فۇد بىر ديۇم كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى 175 قاداق ئەتراپىدا كونترول قىلاتتى، دەل مانا مۇشۇ بوي-بەست ئۆلچىمى ئۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۈلرەڭ بولۇپ، چاچلىرى سۇس قوڭۇر ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئۈستى-بېشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم كىيىم يەڭگۈشلەيدىغان بولۇپ، ئىچىدىن تارتىپ سىرتقىچە ھەممىنى ئالماشتۇرۇپ چىقاتتى. ئادەتتە بىر كۈندە تۆت قېتىم كۆينەك ئالماشتۇرۇپ چىقىدىغان بولۇپ، كىيىم ئىشكاپى ئۇنىڭغا يادا ئىدى. بىر قېتىملىق سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدە، ئۇنىڭ ياردەمچىسى سورېنسېنغا بىر دانە گالىستۈك لازىم بولۇپ قالغاندا، داۋېد ۋوسېف ئۇنىڭغا كېننىدىنىڭ بىر دانە گالىستۈكىنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن، داۋىد بۇ گالىستۈكنى كېننىدىنىڭ ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىغا ھۆددە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېننىدىنىڭ ئۆيگە كىرىپلا دېگەن تۇنجى سۆزى: سىز تاقىغان گالىستۈك مېنىڭكىمۇ؟» دەپ سورىغان. كېننىدى شەكپە كىيىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، شەپكە كىيسە ئۆزىگە ماسلاشمايدۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ قارىشى ئۇ پىرىزدېنتلىققا چىققاندىن كېيىن، دوپپىچىلىق ساھەسىگە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. كەڭ خەلق ئۆزلىرىنىڭ شەپكە كىيىشنى ياقتۇرمايدىغان پىرىزدېنتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، باش كىيىملەرنىڭ سېتىلىشىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ كېننىدى يەنىلا ھەرخىل شەكىلدىكى يۇمغاك سوكنى شەپكە كىيىۋېلىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ، ھەتتا ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇنداق ئۆتكەن، ئۇ كۈنى كېننىدى تېكساس شىتاتىغا بىر مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن باغان بولۇپ، فورت ۋورتتا بىر كاۋبوي رەختتىن تىكىلگەن بىر شىلەپىنى قۇبۇل قىلغان، بۇ ۋاقىتتا تېكساس شىتاتى خەلقى ئۇنى شەپكىنى بىر كىيىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ قەتتىيلىك بىلەن رەت قىلغان.
كېننىدى تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ دۈمبىسى يارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا زەيتۇن توپ، گولىف توپ ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ھەركۈنى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسى، ئاق ساراينىڭ چېنىقىش ئۆيى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئىچىدىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. بىر قېتىم، ئۇ ئۆز قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ «سەمىرىپ كېتىۋاتقانلىقى»غا ئىنتايىن ئىچىنىڭ پۇشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى بەش قاداقتىن ئورۇقلاشقا بۇيرىغان. كېننىدى يېمەكلىككە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە «گۆش بىلەن كەرەپشە يېيىشنىلا ياخشى كۆرەتتى.». ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ تاماق يېگەندە خۇددى بىرى ئالدىدىكى تاماقنى تارتىپ كېتىدىغاندەك ئىتتىك يەيدىكەن. ئۇ ھاراق كۆتۈرەلەلمەيدىغان بولۇپ، ئاندا-ساندىدا بىرەر رومكا ئىچىپ قويسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىچمەيدىكەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېننىدى باشقىلارنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ مۆرىسىگە ئارتىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، كونا سىياسىيونلارنىڭ ئۆز قولىنى يېنىدىكى ئادەمنىڭ مۆرىسىگە ئارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ دوستانىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئادىتىنى ئىنتايىن ياقتۇرمىغان. گەرچە ئۇ باشقا ھەرقانداق بىر سىياسيونغا ئوخشاش ئاۋامنىڭ ئالدىدا دوستانە قول ئېلىشىشنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، بۇ قول ئېلىشىشنىڭ بىر سېكونتتىن ئارتۇق بولۇپ كېتىشى ئۇنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
كېننىدى كىنو كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن فىلىملارنى ئالاھىدە سۆيۈپ كۆرگەن. ۋىسكونسىن شىتاتىدا ئۇ ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاق ساقىلى سۈپىتىدە تەكىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بېشىغا ئىندىئانلارنىڭ ياغلىقىنى چىگىپ شۇنداق دېگەن: «كىنوخانىغا كىرىپ ئىندىئان بىلەن پادىچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، مەن ئۇلار بىلەن قېرىنداشتەك كۆرۈشىمەن.» مۇبادا ئۇ بىرەر فىلىمنى ياقتۇرمىغان بولسا، ئۇ بۇ فىلىم ئۈستىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى ياقتۇرماي، يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا: «كېتەيلى!» دەپلا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردىن كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. كېننىدىنىڭ بىر قاراپلا ھەممىنى بىلەلەيدىغان قابىلىيىتى ئۇنىڭ ھەمراھلىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ مىنۇتىغا 2000غا يېقىن خەتنى ئوقىيالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %95 مەزمۇنىنى ئېسىدە تۇتالايدىكەن. ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەندە 15 مىنۇت ئىچىدىلا تۆت پارچە گېزىتنى ئوقۇپ بولىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ گزىتنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىر ماقالىنىڭ ئىچىدىكى بىر تەپسىلاتنى مۇزاكىرە قىلىشقا كاللىسىدا تەييارلىق قىلىپ بولىدىكەن. ئۇ خەت ئوقۇشتا ئاستا، چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەردىن بىزار بولۇپ، ئۇنداق كىشىلەرگە دائىم: «مەن سىلەرنى ئوقۇڭلار دېدىم، سىلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىڭلار دېمىدىم.» دېگەن.
ئىشقىلىپ كېننىدى كۆرۈپ باققانلا ئادەملەردە، ئۇنىڭ قىززىقچىلىقى ئىنتايىن چوڭقۇ تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى مەسىخىرە قىلىپ چاقچاق قىلىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى بىرى ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قەھرىمان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مەن ئۇرۇش قەھرىمانى بولۇشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدىم، چۈنكى مېنىڭ ئۇرۇش كېمەم سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەنىدى.» ئۇ شۇ قېتىملىق جەڭنى «بىر قېتىملىق قىزىقارلىق سەرگۈزەشتە» دەپ بىلگەن. كېننىدى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن ياش كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم يېنىدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئەمدىلا پارلامېنتقا كىرگەن ۋاقتىدا يۈز بەرگەن قىزىق ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن. بىر قېتىم، بىر كىشى ئۇنى لېفىت باشقۇرىدىغان بالا دەپ تونۇپ قالغان؛ يەنە نەچچە قېتىم بەزى كىشىلەر ئۇنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان خىزمەتچى دەپ قالغان؛ ھەتتا ئۇ پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىم دۆلەت مەجلىسخانىسىدىكى تېلىفوننى ئىشلەتمەكچى بولغىنىدا، بىر قوغداش خادىمى كېننىدىدەك ياش پارلامېنت ئەزاسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنى توسقان ھەمدە: «كەچۈرۈڭ، ئەپەندىم، بۇ تېلىفونلار پارلامېنت ئەزالىرىلا ئىشلىتىشقا بولىدىغان مەخسۇس تېلىفون» دېگەن. ئەمما كېننىدىنىڭ بۇنداق چاقچاقلىرىنىڭ كىشىلەرنى خورلاپ قويىدىغان يەنە بىر تەرىپىمۇ بولۇپ، ئۇ دوستلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىنى ھەر دائىم ئوڭايسىز ئەھۋالغان چۈشۈرۈپ قويغان. مەيلى خىزمەت ياكى ئارام ئېلىشتا بولسۇن، كېننىدى باشقىلارنى يېڭىپ چۈشۈشنى ياقتۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، بەزىدە زەيتۇن توپ ئوينىغان چاغلاردا، ئۇ مۇسابىقىگە پۈتۈن كۈچىنى چىقارمىغان كىشىلەرگە ئىنتايىن خاپا بولغان.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، كېننىدى بىر كاتولىك دىنى مۇرىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دىنغا بولغان ئېتىقادى ئەزەلدىن ئۇنچە ئىخلاس بولۇپ باقمىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆۋە قىلىشقا تىرىشقان. پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ پوپنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورققاچقا، بۇ گۇناھلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ھەققىدە تۆۋە قىلغان. ئۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى پوپنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئالاھىدە قوغداش ئەترىتىدىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىرلىكتە چېركاۋغا بارغان ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىزىلىپ تۆۋە قىلغاندىمۇ، كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭغا كىرىۋالغان. بىر قېتىم، بۇنداق خەتەرلىك پىلاننىڭ ھامان مەغلىب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇ ئەمدىلا تۆۋە قىلىش ئۆيىگە قەدەم ئېلىشىغا، پوپ: «خەيرلىك كەچ، پىرىزدېنت ئەپەندىم!» دېگەن. كېننىدى بۇنىڭغا پەقەت: «خەيرلىك كەچ، پوپ!» دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەن.
كېننىدى ئائىلىسى ئىنتايىن باي ئائىلە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى پۇلنى ھېچقانچە بىلىپ كەتمىگەن. بىر كۈنى كەچتە، كېننىدىنىڭ دادىسى يوسېف كېننىدى ئائىلە جەمەتىنىڭ مال-دۇنياسىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئائىلە قانداق بولۇپ كېتەر. ..... ھەممىسىلا پۇلنى سۇدەك خەجلەيدۇ، ئىقتىساد قىلىشنى بىلمەيدۇ. مەن ئۆلۈپ كەتسەم مۇشۇنداق قىلساڭلار بۇ ئائىلە نېمە بولۇپ كېتەر؟» دېگەن، ئاندىن ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېننىدىنىڭ سىڭلىسىنى ئەيىبلەپ كەتكەن. سىڭلىسى يىغلىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. سىڭلىسى سەل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە، كېننىدى بېشىنى كۆتۈرۈپ، سىڭلىسىغا قاراپ: «بولدى سىڭلىم، ئەنسىرىمە، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل، دادامنى تېخىمۇ كۈچ چىقىرىپ ئىشلەتسەك بولىدىغۇ!» دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتكەن، ھەتتا كېننىدىنىڭ دادىسىمۇ كۈلۈپ كەتكەن. كېننىدى ئادەتتە يېنىدا ئەزەلدىن نەق پۇل ئېلىپ يۈرمەيدىغان بولۇپ، دائىم دوستلىرىدىن «قەرز» ئالغان. مەسىلەن، ئاشخانىدا تاماق يەپ پۇل تۆلىگەندە، ماشىنا توختىتىش ھەققى تۆلىگەندە، ھەتتا چېركاۋغا قىلىدىغان ئىئانىنىمۇ ئۇ باشقىلاردىن ئۆتنە ئالغان. بۇنىڭ بۇنداق قىلمىشىغا ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمۇ ئاچچىقلانغان، چۈنكى ئائىلىسى ئىنتايىن باي كېننىدى دائىم كىشىلەردىن ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان.
كېننىدى، لېندىن جونسون ۋە ستېۋارت سايمىڭتونلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1960-يىلدىكى پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىققا سايلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىر كۈنى، كېننىدى بىر چۈش كۆرگەن، ئۇ چۈشىدە تەڭرىنىڭ قولىنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ: «ئالدىرىما، سەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1960-يىللىق پىرىزدېنت سايلام نامزاتى بولىسەن، ھەمدە سەن پىرىزدېنتلىققا سايلىنىسەن.» دېگەن. ئۇ بۇ چۈشىنى سايمىڭتونغا ئېيتىپ بەرگەندە، سايمىڭتون ئىنتايىن ھەيران قېلىپ: «مەنمۇ مۇشۇنداق چۈش كۆرگەن» دېگەن. ئۇ ئىككىسى بۇ چۈشنى بىرلىكتە جونسونغا ئېيتىپ بەرگەندە، جونسون: «قىززىق! مېنىڭ ھەجەپ ئىككىڭگە بۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرغىنىم ئېسىمدە يوققۇ!» دېگەن. بەلكىم، تەڭرى ياش كېننىدىغا بەكرەك ئامراق بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چۈشى ئۇزۇن ئۆتمەيلا رېئاللىققا ئايلانغان.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:54:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوغلى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ يىگىتنىڭ 1960-يىللىق سايلامدا ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنىغا ھەيران قالغان ھەم قىززىققان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى كىشى ـــ غەربىي گېرمانىيىلىك كانراد ئادىناۋېر بىلەن جۇڭگولۇق جياڭ جيې شىلار ئوچۇق ئاشكارا ھالدا نېكسوننى ماختاپ، كېننىدىغا قارشى تۇرغان؛ روسىيە رەھبىرى خىروششوۋ بۇ ئىككى نامزاتنىڭ ھېچقايسىسىدىن رازى ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنى «بىر جۈپ ئۆتۈك، سول پېيى ياخشىمىدۇ؟ ئوڭ پېيى؟» دەپ مەسخىرە قىلغان. شۇنداقتىمۇ، 1961-يىلىغا كەلگەندە، مەيلى دوستانە، مەيلى قارشى پوزىتسىيىدىكى ۋە ياكى بىتەرەپ ھالدىكى رەھبەرلەر بولسۇن، كېننىدىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگۈرۈش بولغان. خېروشوف كېننىدىنىڭ ئوچۇق-يورۇق، تۈز، يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە كېننىدىدا ئېزىنخاۋېردەك كەڭ قورساقلىق كەم بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەس ئىكەن. فىرانسىيىلىك چارلىس كېننىدىنىڭ «قىزغىن ۋە باتۇرلۇقى» ھۆرمىتىدىن قەدەھ كۆتۈرگەن.
ئىككىنچى: كۆزگە كۆرۈنگەن باي ئائىلە پەرزەنتى
1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، جون كېننىدى ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بىرۇكلېن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بۇرۇكلېن بوستۇن شەھىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى كىچىك بازار بولۇپ، كېننىدىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئىلگىرى ئەنە شۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار توپلاشقان رايونلاردىكى تۆت ئەتراپى كۈلرەڭ شۇ ئۆيلەردە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مال-دۇنياسى كېيىنرەك ھەممىگە تونۇلغان. كېننىدىنىڭ ئەجدادى ئېرلاندىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن تېزلا ئامېرىكا بايلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي ساھەدىمۇ بەلگىلىك نوپۇزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپا تەرەپ بوۋىسى ئىلگىرى بوستۇن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. دادىسى بولسا ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك بېرتانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. بىر تۈركۈم ئېرلاندىيىلىكلەر بوستۇن شەھىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلغان مەزگىللەردە، كېننىدىنىڭ بوۋىسى ۋە ئانا تەرەپ بوۋىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مۇھىم كىشىلىرىدىن بولغان. كېننىدىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا، ئۇنىڭ دادىسى يوسېف كېننىدى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپىدىكى باشقۇرغۇچىدى بولۇپ كەلگەن. سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ چوتى سوقۇلىۋاتقاندا، كېننىدى بىر دوستىغا: «مەن دادامنىڭ مېنىڭ كەينىمدىن قاراپ تۇرغانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمەن» دېگەن. پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھەركۈنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم دادىسى بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇرغان. كېننىدىنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولالىغان ئادەم ئۇنىڭ دادىسىدىن باشقا ئۇنىڭ ئاكىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاكىسى جوي توغۇرلۇق بىر قېتىم مۇنداق دېگەن: «جوي بىزنىڭ ئائىلىنىڭ چولپىنى، ئۇ نېمىلا ئىش قىلسا قالغانلىرىمىزغا قارىغاندا ياخشى قىلىدۇ»


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېننىدى بالىلىق ۋاقىتلىرىدا تېنى ئاجىز بولۇپ تولا ئاغرىپ قالاتتى، ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى بۇنداق تولا كېسەل بولۇش ئۇنىڭ كېيىنكى سىياسىي ھاياتىدا ھەر ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشقا تۈرتكىلىك سەۋەب بولۇپ قالغانىدى. بۇ خىل خاھىش مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بالىلارنى ھەرگىزمۇ ئىككىنچى بولۇپ قېلىش ئۈچۈن تەربىيلىمەيتتى. ئۇلارنى ھەر دائىم بىرىنچىلىكنى ئېلىشقا تىرىشىش ئۈچۈن ئىزدەندۈرەتتى، بىر قېتىم، جوي كىننىدى (كېننىدىنىڭ دادىسىنىڭ ئاتىلىشى) ئوغۇللىرىنىڭ قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولالماي ئىككىنچى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تاماق يېيىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغانىدى.
كېننىدى ئائىلىسىدە جەمئىي توققۇز بالا بولۇپ، بالىلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرتىپى: جوي جوندىن ئىككى ياش چوڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن بەش سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئىنىسى بوب بىلەن تېيىد بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنىڭ چوڭ بىلەن ئىككىنچىسىنىڭ «چوڭاملىق»نى تالىشىشى ئىنتايىن نورمال ئىش بولغاچقا، بۇ ئىككىيلەن دائىم ئۆيدە مۇشلىشىپ ئۇكىلىرىنىمۇ قورقىتىۋېتەتتى، ئىنتايىن قاۋۇل كەلگەن جوي ئىنىسى جوننى ئۇرۇن باش-بۇنىنى يېرىۋېتەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇنداق ئىشلارغا ھېچكىمنىڭ ئارىلاشتۇرمايتتى، چۈنكى دادىسى بەدىنى ئاجىز جوننىڭ ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىر قېتىم، بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ۋېلسىپىت مىنىپ بىر-بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالدى، ھېچقايسىسى بىر-بىرىگە يول قويۇشنى خالىماي، ئاخىرى بىر-بىرىگە ۋېلسىپىت بىلەنلا ئۇرۇلۇپ سوقۇشتى. ئاكىسى جوي ھېچقانداق يارىلانمىدى، ئەمما جون بولسا 28 يىپ بىلەن يارىسىنى تىكتى. بۇ كەچۈرمىشلەر كېننىدىنى كېيىنچە سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغاندا، مەيلى بوشلۇق مۇسابىقىسى، سىياسىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئايىقى ئۈزۈلمەس تەشۋىقاتلار بولسۇن، ئۇ ئەزەلدىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىققا رىغبەتلەندۈردى.
جون كېننىدىنىڭ دادىسى رىقابەتكە باي ئەمەلىيەتچى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھەممىگە داڭلىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىسلىقى تەسۋىرلەنگەن شۇنداق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشنى ياقتۇراتتى. ئۇ 25 ياش ۋاقتىدا شەرقىي بوستۇندىكى بىر بانكىنى كونترول قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەر-مۈلۈك، ھوللىۋود ۋە ئاكسىيە بازارلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغلىك پۇل-مۇئامىلە ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇڭلاشقا ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە بەردى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى كىچىك كېننىدىمۇ كوننېكتىكۇت شىتاتىنىڭ چويت مەكتىپىكە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە تەييارلىقتا ئوقۇشقا بەردى. گەرچە كېننىدىنىڭ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ياخشى شۇنداقلا بالىلار تەرىپىدىن «غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى» دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرۈش نەتىجىسى سىنىپنىڭ كەينى قاتارىغا تىزىلىپ قالدى. قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللايدىغان ۋاقىتتا، كېننىدى دەرستە ئەلا ئاكىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللىماي پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللىدى. 1935-يىلى، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، سېرىق چېچەك چىقىپ قېلىپ، مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇ قايتىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئائىلىسىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاكىسى ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتېت خارۋاردقا بېرىشنى تاللىدى. ئالىي مەكتەپنى باشتىكى ئىككى يىلىدا، كېننىدىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇراھال سەۋىيىنى ساقلاپ كەلدى. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ۋاقتىنى تەنتەربىيىگە سەرپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭ دۈمبىسى زەيتۇن توپ تېگىپ يارىلانغانغا قەدەر شۇنداق قىلدى. كېننىدى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى بىر مەۋسۈم ئوقۇشتىن توختاپ، ياۋروپاغا ساياھەتكە باردى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ، بۇ ياش كېننىدىنى نۇرغۇنلىغان سىياسيونلار ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئەربابلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:55:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خارۋاردقا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ بۇ قېتىملىق ساياھىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسى ـــــ ئەنگىلىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش ھارپىسى ناملىق دوكلاتىنى يازدى. بۇ ئىلمىي ماقالە ئوقۇش پۈتتۈرۈشتە ئەلا باھالىنىپلا قالماي، «ئەنگىلىيە نېمە ئۈچۈن ئۇيقۇدا» دېگەن كىتاپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىنتايىن بازارلىق كىتاپ بولۇپ قالدى. گەرچە كېننىدى يېزىقچىلىق خاھىشى تەرەپتىرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خارۋاردنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا سىتانفورد تەتقىقات مەكتىپىگە بېرىپ بىر مەزگىل بىلىم ئاشۇردى.
1941-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش بوسۇغۇسىدا ئىدى، كېننىدى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە تىزىمغا ئالدۇردى. 1943-يىلى، بۇ ياش سىتارشى لېيتنانت قوماندانلىق قىلغان 109 نومۇرلۇق ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي تېنىچ ئوكياندا ياپونىيە ئۇرۇش كېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلىنىپ، ئۇ ئارقىچىلاپ تامغا سوقۇلغاندا، زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىدە يارىلانغان دۈمبىسى قاتتىق ئاغرىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ھايات قالغان ئون نەچچە ئەسكەرنى يىغىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئارالغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئىنتايىن ھەزىل-قىززىق گەپ-چاقچاقلىرى بىلەن ئەسكەرلەرنى ھايات قېلىشقا رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ قىرغاققا چىقاردى. شۇ ئارالدا نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، كېننىدى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قۇتۇلدۇرۋېلىندى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئىنتايىن قىس بولۇپ، بۇ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشتە ئۇلارنىڭ قەيسەر ئىرادىلىرى ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى.
كېننىدىنىڭ باتۇر ئىش ئىزلىرى ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوردىنىغا ۋە سۆسۈن كۆزلۈك مېدالىغا ئېرىشتۈردى ھەمدە ئۇلار كېننىدىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ ۋە تەربىيىچى كوماندېر بولۇپ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدىكى تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىللەردە، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئايروپىلان بىلەن ياۋروپا ھاۋا بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. مانا رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلىگەن ئىدى. گەرچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خېرسىت گېزىتىدە مۇخبىرلىق خىزمىتىنى تاپقان بولسىمۇ، ھەمدە ئۆزىڭ كەلگۈسىدە بىر يازغۇچى بولىدىغانلىقىنى توختىماي تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭدىن سىياسىي ساھەگە كىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. دادىسى ئۇنىڭغا: «سېنىڭ ئاكاڭ ئالەمدىن ئۆتتى، پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتنىشىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ، سەن خالىمىساڭمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك» دېدى.
1946-يىلى، كېننىدى بوستۇن رايونى دۆلەت ئاۋام پالاتاسى ئەزالىق سايلام رىقابىتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى سايلىمىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى سىياسىي سايلام رىقابەت پائالىيتىنى باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ بىر تارتىنچاق ئاجىز پالاتا ئەزا سايلام نامزاتى ئىدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ، بۇ 28 ياشلىق نامزات ئەقلى-پاراسىتى توشۇپ تۇرغان ھالدا، بۇ بىر قاتار رايونلاردىكى ئىشچىلار ئارىسىدا سەييارە نۇتۇق سۆزلىدى، ھەمدە ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئىنتايىن ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:55:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئايدا، ئۇ ئىنتايىن ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتى.
1947-يىلى 1-ئايدا، كېننىدى ئاۋام پالاتاسىغا كىردى. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا بەرگەن تەسىرى: قارىماققا 19 ياشتەك كۆرىنىدىغان 29 ياشلىق يىگىت، كاكى رەختلىك ئىشتان كىيگەن، كۆينىگىنى ئىشتىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن بىر قاملاشقان يىگىت ئىدى. شۇنداقتىمۇ، كېننىدىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇلار مۇھىم ئەمەس بولۇپ، ،ئۇلار ئۇدا ئىككى قېتىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە كېننىدىنى سايلىغانىدى. ئاۋام پالاتاسىدىكى ئالتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، پالاتا ئەزاسى كېننىدى ئۆزىنى سايلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئەرزان باھالىق ئۆي ئىجارە بېرىشكە بېلەت تاشلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «تافىت-خاتلى قانۇنى»غا قارشى تۇردى، شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشتى.
1952-يىلى، پالاتا ئەزاسى كېننىدى ئۆزىدە ئاللىقاچان شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىدىكى ھېنرى كابوت روچقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان سالاھىيەت شەكىللىنىپ بولدى دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قانات يايدۇرۇلغان سايلام رىقابەتلىرىدە، ئۇ ماسساچۇسېتس شىتاتى تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەجرىبىلىك كىشى بىلەن رىقابەتلىشىشى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەيرەتتە قالدۇردى. ئۇنىڭ دادىسى بۇ سايلام رىقابەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ بولغان ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان «بوستۇن پوچتا گېزىتى»نى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق «سودا قەرز سوممىسى بىلەن يۆلىدى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ۇجۇمھۇرىيەتلەت پارتىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان گېزىت بىراقلا كېننىدى تەرەپكە ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، گەرچە ئېزىنخاۋېر 200 مىڭ بېلەت ئارتۇق بولۇش نەتىجىسى بىلەن بۇ شىتاتنىڭ شىتات باشلىقلىقىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېننىدى جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسىنىڭ ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ، 70 مىڭ بېلەتلىك پەرق بىلەن روچنى مەغلۇب قىلدى. شۇنداق قىلىپ، كېننىدى 35 ياش ۋاقتىدىلا ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىغا ئەزا بولدى. قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېننىدى ئىجتىمائىي دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان نيۇيورك ئاكسىيىسىنىڭ ۋاستىچىسىنىڭ قىزى جەككيۇلاين رى بوۋېر بىلەن تونۇشۇپ قالدى. جەككيۇلاين رى بوۋېر 1929-يىلى سېھرىي كۈچكە باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن ئىدى. سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىدىن خالىي بولغان يۇقىىرى تەبىقىنىڭ ئېسىل سۈپەي مۇھىتىدا، ئۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولغان ئىدى. جېج (جەككۇلايىننىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى) تەبىئىي تالانتلىق سىياسىيون بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئىدى. ئۇنىڭ ھەممىنى مەھلىيا قىلىدىغان جەلپ قىلىش كۈچى ئۇنىڭدىكى تەبىئي بولغان سىياسىي مەبلەغ ئىدى. 23 ياشلىق جېج ئىلگىرى ۋاسسار ۋە پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، كېننىدى بىلەن تونۇشقان چاغدا ۋاشىنگتوندىكى بىر گېزىتخانىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ۋە ھەيۋە قىلىشقا ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى كېننىدىغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى نەچچە قېتىم ئويلىغاندى، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ ئىككىيلەن ۋاشىنگتوندىكى بىر قېتىملىق كىچىك تىپتىكى زىياپەتتە تونۇشتى. بۇ ئىككىيلەننىڭ قىزغىن مۇھەببىتى كېننىدىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىش رىقابىتىگە بېرىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خەت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1953-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، كېننىدى بىلەن جېج ئىككىيلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئۇ يىلى كېننىدى 36 ياش، جېج 24 ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ 10 يىللىق ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا، ئۆز-ئارا مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولسىمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئىككىيلەن ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. بىرىنچى نۆۋەتلىك پالاتا ئەزالىقىنى ئۆتىگەن ۋاقىتتا، پالاتانىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان كېننىدى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى رەتتىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ، پالاتا زالىنىڭ مەركىزىدىكى «پىشقەدەملەر» ئورنىدا ئولتۇرغان كارل ھېتىننىڭ يېنىغا كەلدى، ھەمدە ھېيتىندىن، بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە مۇبادا پارلامېنتتا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، قانداق ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىشىشى مۇمكىن دەپ سورىدى. ھېيتىن ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئىلگىرىكى يېڭى ئەزالار سۆز قىلمايتتى» دېدى. ئەمما، كېننىدى ئۆزىنىڭ خىزمەتنى سۆيۈش ۋە خىزمەت قىلىپ قالسا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدىغان روھىغا تايىنىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى.
ئۈچىنچى ياش پىرىزدېنت
1954-يىلى، كېننىدىنىڭ دۈمبىسىدىكى يارا بارغانسېرى يامانلىشىپ، ھاسىغا تايانمىسا ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ ئازابلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئۇمۇرتقا ئۇلاش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇزۇش قارارىغا كەلدى. ئىككى قېتىملىق ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، ئۇ بارا-بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. كارىۋاتتا يېتىپ داۋالانغان بۇ مەزگىللەردە، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى كۆردى، ھەمدە ئىلگىرىكى شۇ قورقماس مەردانە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا كىتاب يېزىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنىڭ نامى «قەھرىمانلار تەزكىرىسى» ئىدى. 1956-يىلى مەزكۇر كىتاب نەشىردىن چىققاندا ھېچقانچە تەسىر قوزغىمىغان بولسىمۇ، 1956-يىلىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىش يىغىنىدا، كېننىدى كەڭ كۆلەملىك ئەتىۋارلاشقا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك تەسىرى كۈچكە ئىگە ئەڭ ياش رەھبەر دەپ قارالدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان پالاتا ئەزاسى ئاسپېدېس كاۋپېر بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا كاۋپېرنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن بۇ رىقابەت ئاياقلاشتى. كېننىدى ئىنتايىن تېزلا كەڭ قورساقلىق بىلەن يېزىلغان ئۆتۈنۈپ يول بېرىش باياناتى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن پارلاق بولۇشقا باشلانغانلىقدىن دېرەك بېرەتتى. 1960-يىللى پىرىزدېنتلىق سايلىمىدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ 1958-يىللىق پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەش سايلىمىغا قاتناشتى. ئۇ كېچە-كۈندۈز سايلام رىقابىتى ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ ماسساچۇستېس تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت 875مىڭ دانە قوللاش بېلەت بىلەن غەلبىگە ئېرىشتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 17:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېكورت 875مىڭ دانە قوللاش بېلەت بىلەن غەلبىگە ئېرىشتى.
1960-يىلى، كېننىدى پىرىزدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىش قارارىغا كەلدى. ئۇ پىرىزدېنتلىق ئورنىغا قاراپ تىرىشىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت سايلام نامزاتلىقى ئارىسىدا مۇنداق ئىككى جەھەتتە توسقۇنلۇق مەۋجۇت ئىدى. بىرى كاتۇلىك دىنى مەسىلىسى بولۇپ، كېننىدىغا ئەزەلدىن بىر كاتولىك دىنى مۇرىتىنىڭ ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلانمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئامېرىكىدىكى دىنىي مۇخلىسلار ئىچىدە خىرسىتىئان دىنى مۇرىتلىرى ھەرقانداق بىر يېڭى دىن مۇرىتلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تارىخىدا ھېچقايسىسى پىرىزدېنت 43 يېشىدا تەختكە چىقمىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ئايان ئىدىكى، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى بەزىلەر ئۈچۈن ئىشەنمەسلىك بولسىمۇ، ئەمما دەل بۇ تەرەپ ئۇنى باشقا سىياسيونلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى بەلگىلىك سادىق قوللىغۇچىلارغا ئىگە قىلالايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاتولىك دىنى مۇخلىسى ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ دىنىي بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قارىشىغا تاقابىل تۇرالايتتى. دېگەندەك دەسلەپكى بىر قاتار سايلاملاردا ئۇ غەلبە قىلدى. ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك بىر ھۇجۇم غەربىي ئارىزونا شىتاتىدىكى بولغان بولۇپ، بۇ شىتاتتىكى %95 ئاھالە يېڭى دىن مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. يەنە بىر مۇنازىرە قىلىدىغان يەر كېننىدىنىڭ ھېسابسىز بايلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان دادىسى بولۇپ، دىرومىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن پاپاغا قارشى تۇرمايمەن، ئەمما مەن ئاتا پادىشاھلارغا قارشى چىقىمەن» بەزى مۇخبىرلار كېننىدى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنى ئېتوت قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېغىرىغا تەگكەنىدى. ئېتوتتا ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بۇ پارلامېنت ئەزاسى ئادەتتە «مېنىڭ كۆڭلۈم دادامغا تەۋە» ۋە «ھېساۋاتىمنى دادامغا تاپشۇرىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى. كېننىدى بۇنىڭغا نىسبەتەن قارشى پىكىردە بولماي، بۇنى كۈلۈپلا چاقچاققا ئايلاندۇرغانىدى. ئۇ ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھېلىلا بىر تېلگرامما تاپشۇرۇۋالدىم، مېنىڭ مەرد دادام ئەۋەتكەن ئىكەن. تېلىگراممىنىڭ مەزمۇنى، سۆيۈملۈك ئوغلۇم، پۇل خەجلەپ قوللاش بېلىتى سېتىۋېلىشتا چوقۇم تېجەشلىك بولغىن، سايلاشقا يەتكۈدەك بولسىلا بولدى، مېنىڭ پۇلۇم بىلەن سېتىۋالغان بېلەتلىرىڭ بىلەن باشقىلارنى بېسىۋالساڭ مېنى نەسلىك باسىدۇ.» مەيلى كىشىلەرنىڭ قانداق دېيىشىدىن قەتئىينەزەر كېننىدى دادىسىنىڭ بىر مۇتەئەسسىپ ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ دادىسىغا نىسبەتەن باشتىن ئاخىرى پەرزەنتلىك مۇھەببەت ۋە ساداقەت بار ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئۇتۇقى ئارقىلىق ئوغلىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرەلىگەنلىكىدىن، سىياسىي ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىشقا ياردەم قىلغانلىقىدىن مىننەتدار ئىدى.
كېننىدىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولدى. ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە زېھنى-قۇۋۋىتىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى جەلپ قىلىشى ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەرنى يېپىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىنتايىن ئوڭايلا بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نامزات سايلىمىدىلا غەلبىگە ئېرىشتى. پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە جەنۇب تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كېننىدى ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ رەھبىرى لېندىن جونسوننى ئۆزىنىڭ سايلام ھەمكارلاشقۇچىسى قىلىپ تاللىدى. نامزاتلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا 80 مىڭ ئاڭلىغۇچىنىڭ ئالدىدا بۇيرۇق ئالغاندىكى نۇتۇقىنى سۆزلىدى: «بۈگۈن بىز يېڭى بىر چېگرانىڭ يېقىسىدا تۇرماقتىمىز، چېگرىنىڭ ئۇ يېقى ئەزەلدىن ئىزدىلىنىپ باقمىغان تېخنىكا ۋە بوشلۇق زېمىنى؛ ھەل قىلىنىشقا ئېرىشمىگەن تېنچلىق ۋە ئۇرۇش مەسىلىسى؛ يېڭىپ چىقىلمىغان نۇرغۇن بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ جاۋاپسىز قالغان نامراتلىق ۋە باشقا مەسىلىلەر....» ئۇ بارلىق تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ، تېخىمۇ كەسكىن بولغان سايلام رىقابىتىگە يۈزلىنىش ئالدىدا ئىدى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:02 , Processed in 0.135820 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش