توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1049|ئىنكاس: 13

ساماۋەر شورپىخانىلىرىدىن مۇسۇلمانلارغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-14 12:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

鲶鱼 يەمسىز؟

دوستۇم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ساماۋەر شورپىخانىلىرىدىن خېلى ئوبدانلا يۈرۈشۈۋاتقان، تازىلىقى، يېمەك-ئىچمىكىدە شۈبھى يوق دەپ قارايدىغان بىر ساماۋەر شورپىخانىسىغا كىردق. بۇ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك كاتتا بېزەلگەن ئىكەنكى، كىشى مۇنداقراق كىيىملىرى بىلەن كىرىشتىن ئەيمىنىپ قالاتتى. قىشتا سىرت سوغۇق بولغاچقا،  ئىسسىق دەپ كىيىۋالغان پىيمىدەك قوپال ئاياقلىرىمىزنى ئىشىك تۈۋىگە تازا ئۇرۇپ، قېقىپ، سەھرادىن شەھەردىكى تۇغقىنىنىڭ كاتتا ئۆيىگە كىرىپ ئەيمىنىۋاتقان سەھرالىق دېھقانلاردەك بۇ كاتتا رېستۇران كەبى ئىككى قەۋەتلىك ساماۋەر شورپىخانىسىغا قىزىقسىنىپ قارىدىم.
گەرچە بۇ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ ئېچىلغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، داڭقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ كىرىپ باقمىغان بولغاچقا، بۈگۈنكى تۇنجى كىرىشىمدە راستلا ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتاتتىم، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ھاجىم ئايالنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇسۇلمانچە ئىشەنچلىك ساماۋەر شورپىخانىسىنى ئاچقانلىقىنى ھەممە مۇسۇلمان تەرىپلىگىنىگە لايىق پاكىز، ئازادە ئىدى. قېلىن كىيىملىرىمىزنى بېلىكىمىزگە ئارتىپ، ئىنتايىن ئەدەب بىلەن 45 گىرادۇس ئېگىلىپ سالام قىلغان مۇلازىمەچى ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن بىرىنچى قەۋەت ئىچىدىرەك تەرەپتىكى بىر ئورۇندۇققا بېرىپ جايلاشتۇق. مەن تېخىچە بۇ كاتتا، ئالىي ساماۋەر شورپىخانىسىغا بېشىمنى ھەريان بۇراپ تۇرۇپ ھەيرانلىق بىلەن بېقىۋاتاتتىم.
-بولدى قىل، ئەمدى، نېمانچىۋالا ھەيران قالىسەن؟-دېدى دوستۇم ماڭا قاراپ.
-ھەي ئاداش، قارا. بىر ئايال كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئايالىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە شەرتلەرگە چۈشۈپ بولغاندىن سىرت، يەنە ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇسۇلمانچە قىلىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق بىر كاتتا سورۇننى ھازىرلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەسما؟ ئىلگىرىمۇ مۇسۇلمانچىكەن، ھاجىم ئېچىپتىكەن دەپ نى نى سامۋەر شورپىخانىلىرىغا كىرسەك يا تازىلىقى ناچار ياكى بولمىسا، يېمەك-ئىچكىمىدە مەسىلە چىقاتتى. قارا، بەكلا پاكىز، بەكلا راھەتكەن. نېمىدىگەن ئىسسىق تېخى،-دېدىم ئاۋازىمنى پەسلىتىپ.
بۇنىڭ ئىچى ھەقىقەتەنمۇ بەك ئىسسىق ئىدى. ھەربىر كىشىنىڭ ئالدىدا بىردىن قازان بولغاچقىمىكىن، ھوردىلا قەۋەتلا ئىسسىپ كەتكەن  ئىدى. شۇڭا ئۈستۈمدىكى كاستيوم چاپىنىمنىمۇ سېلىۋېتىپ، ئىچىمدىكى تىكلىمە ياقىلىق ئوتتۇرا يەڭلىك كوپتام بىلەن ئولتۇردۇم-دە، ئالدىمدىكى قازىنىمنى ئاچتىم.
-خان،-دېدى بىرى يەلكەمگە بوش ئۇرۇپ.
كەينىمگە بۇرۇلۇشۇمغا ياغلىقلىرىنى شۇنچىلىك يارىشىملىق قىلى چىگىۋالغان ئوتتۇرا بويلۇق، خۇش پىچىم بىر ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ ھاجىم ئايال ئەسلىدە مۇشۇ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىكەن.
-خان، خاپا بولماي كاستيومىڭىزنى كىيىۋالامسىز؟ بىزنىڭ بۇ يەر مۇسۇلمانچە بولغاچقا، ئەر-ئايال مۇسۇلمان قېرىنداشلار كىيىنىشىگىمۇ دىققەت قىلمىسىاق بولماس، شۇنداقمۇ؟ قاراڭە، ئاۋۇ ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پالانچى ھاجىملار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق بېلەكلەرنى ئېچىپ ئولتۇرساق....
بۇ ھاجىم ھەدىمىزنىڭ سۆزىدىن شۇنچىلىك ئۇيالدىمكى، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، گگرچە كاستيوم چاپىنىم قېلىن بولسىمۇ ئىتتىك ئېلىپلا كىيىۋالدىم-دە، ئىززەت-ئېھرام بىلەن خوجايىن ھاجىم ئايالنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، جايىمغا ئولتۇرۇم.

بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر دوستىمىز كەلدى، ئۇمۇ كېلىپلا
-ۋاي، نېمانچىۋالا ئىسسىق ھەي بۇ يەر!-دەپلا مايكىسىنى يېشىۋېتىپ ئىچىدىكى سىپورت مايكىسى بىلەن ئولتۇردى. (قىسقا يەڭ)
-ھەي، چاپسان چاپىنىڭنى كىيىۋال، كالتا يەڭ ئولتۇرساڭ بولمايدىكەن،-دېدى مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوستۇم.
يېڭى كەلگەن دوستىمىز بۇنى چۈشىنىپ بولالماي، بېشىنى ماڭا بۇرىدى. مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ دوستۇم شۇنچىلىك بىر ياراتماسلىق بىلەن مىيىقىدا كۈلدىكى، نېمە بولدۇڭ؟ دەۋەتتىم چىدىمايلام.
-ھاجىم خوجايىننى چاقىرە ئاداش،-دېدى ئۇ.
-نېمىگە ئەمدى!
-بولە، سورايدىغان گەپ بار.
بوشقىنە شەرەتلەپ، ئۈستەللەر ئارا مېھمانلاردىن ئەھۋال سوراپ ئۇچۇپ يۈرگەن ھاجىمنى چاقىردىم.
يېڭى كەلگەن دوستىمىز شۇنچىلىك تەمكىنلىك بىلەن ھاجىم ئايالدىن سورىدى:
-ھەدە، سىلەرنىڭ قۇرۇق قازىنىڭلار بارمۇ؟
ئۇ ھاجىم دوستۇمنىڭ يالاڭ بېلىكىگە شاپپىدە قاراپ قويدى-دە:
(بىز كېلىشتىن بۇرۇنلا دېيىشكەن ئىدۇق، قۇرۇق قازان يېمەي، ساماۋەر شورپىسىنىلا يەيمىز، دەپ، شۇڭا بۇنىڭ سورىغىنىغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدۇق)
-بار، خانلىرىم، قاندىقىنى يەيسىلەر، راكنى قورۇپ بەرسۇنمۇ ياكى بېلىقنىمۇ؟
-بېلىقىڭلاردىن قايسى بېلىق بار.
-鲶鱼 بار، (نېمىدەپ تەرجىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم)
-نېمە؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپلا بېشىدا كەلگەن دوستۇم ئىككىمىز، تەڭلا شۇنداق ۋارقىرىدۇق.
-نېمە؟ نېمە بولدى؟-دېدى ھاجىم.
-ھاجىم ھەدە، بېلەك ئېچىلسا، بىزگە گۇناھ، ئەمما بۇ بېلىقنىڭ مەھرۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسىڭىز، سىزگە قانچىلىك گۇناھى باردۇ؟-دېدى كالتە يەڭ دوستۇم.
ئەسلىدە ئىلگىرىمۇ دوستۇم مۇشۇ ھەقتە بۇ ئايال خوجايىن بىلەن دېيىشىپ قاپتىكەن، بۈگۈن بىزگە قۇرۇق قازىنىنى يېمەيمىز دېگىنى ئەسلى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەنتۇق.

鲶鱼 نى بەلكىم بەزىلەر بىلىشى مۇمكىن، بۇ بېلىق ھەرقانداق شارائىتتا ياشىيالايدىغان بولۇپ، باشقا دېڭىزدىلا، سۇدىلا ياشايدىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، بۇ بېلىق قوش ماكانلىق ھايۋان بولغاچقا، بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يېيىشى ھارام قىلىنغان پاقىغا ئوخشاشلا ھايۋان. مەن بۇ بېلىقنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا بۇرۇتلىرى دىڭگىيىپ تۇرغان بۇ سەت مەخلۇقتىن سەسكىنىپ كەتكەن ھەمدە بۇ توغۇرلۇق كۆپ ئىزدەنگەن ئىدىم.

قوشۇمچە: كالتە يەڭلىك قىزلارنى ئەيىبلەيدىغان، شۇنچە ھەشەمەتلىك مۇسۇلمانچە ساماۋەر شورپىخانىسىنى ئاچقان ھاجىم ھەدىمىز ئەجەبا مۇشۇنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بىلمىگەن بولسا، دوستۇمنىڭ ئەسكەرتىشىنى پەقەتلا ئويلاشمىغانمىدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا بۇ بېلىقنىڭ بېقىلىدىغان شۇ پوق-سۈيدۈك ئارىلاش كۆلچىكىنى كۆرۈپ كېلىشنى ئويلاشمىغانمىدۇ؟







يېمەك-ئىچمەك مەدىنيىتى گۈللىنىۋاتقان بۇ دەۋىردە ھەرخىل يېمەكلىكلەر تۇرمۇشىمىزغا
سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بەزى قېرىنداش مىللەت  يېمەكلىكلىرىمۇ ھەتتا
داستىخانلىرىمىزدىن يۇقىرى ئورۇنغىمۇ ئېرىشتى. ئەمما ئىھتىيات قىلماسلىق ۋە ئىنچىكە
تەكشۈرمەسلىك سەۋەبلىك بەزى بىر يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق يېمەكلىكىنى بىلەلمەي
قالدۇق. تۆۋەندە سىزلەرگە  ساماۋەر شورپىسى(خوگو)نىڭ ئاساسلىق ماتېرىياللىرىدىن
بولغان بېلىق كومىلىچى قاتارلىق بىر يۈرۈش تەقلىد يېمەكلىكلەرنىڭ ياسىلىش
باسقۇچىنى مۇتەخەسىسىلەر نەق مەيداندا  قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەلۋەتتە ئەسلي
بۇ يېمەكلىكلەر قېرىنداش مىللەتلەرگىلا ماس كېلەتتى ھەم شۇلار ئۈچۈنلا بازاردا
مەۋجۇد ئىدى، ھالا بۈگۈنكىدەك زامان تەرەققىي قىلىپ سېنىڭ مېنىڭ دەپ ئايرىمايدىغان
كۈندە، ئەسلي ئايرىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلاردا ئايرىش تۈگۈل ئۆزىمىز زورلاپ قوبۇل
قىلىۋاتىمىز، تۆۋەندىكى يېمەكلىكمۇ ئوخشاش.


































يۇقاردا قىسقىچە كۆرۈپ
ئۆتكىنڭلار، جوڭگو مەركىزى ئاخبارات1- قانىلىنىڭ <تۇرمۇش ۋە
ناشتىىق>پىروگىراممىسنىڭ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ18-كۈنى قويۇلغان تەقلد يىمەكلىك
توغرىسىدىكى پىروگىراممىسى. پىروگراممىنىڭ توردىكى كۆرۈش ئادرىسى ئۈسىتدە،تەپسىلى
تەجىربە مەزمۇنى ئاساسەن 19 مىنۇتتىن كىيىن سۆزلىنىدۇ.

http://jiankang.cntv.cn/zaocankao/classpage/video/20111018/100527.shtml

قېرىنداشلار،يۇقارقى يىمەككلىكلەرنى بەلكىم يىگەن بولغۇيتتۇق يا يىمىگەن بولغۇيتتۇق،ئەمما ئۇچراتقان بولۇشىڭلار مۇمكىن،زىخلىق ئاچچىق كاۋاپ(مالاچۈەر)ۋە ساماۋەر (خوگو)شورپىخانىلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمدى،گەپنىڭ پوس كاللىسى،ھەممىمىزدە ئەقىل بار،نىمىنى تاالللاپ نىمنى تاللىمايدىغاننى ئوبدان بىلىمىز.

خۇددى ئاللاھ بىزگە ئىككى يولنى، بىرى جەننەت،بىرى دوۋزاقنى تاللىشىمىزغا ئەركىنلىك بەرگەندەك،قايسىنى تاللاش ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكى،ئەقىل ئىگىسى قايسىنى تاالاشنى ئوبدان بىلىدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر نۇقتا شۇنى تەقەززا قىلىدۇكى،بىز ھەرزامان تاللاش ئىچىدە ياشايمىز،يۇقارقى دىيىلىپ ئۆتكىنى ھالال،ھارام،شۈبىھلىك،پاكىزلىق ئۈستىدىكى تاللاشتۇر.

بەلكىم بۇنى ئۇققاندىن كىيىن خوگو جىدىلى قىلىدىغانلارنەفسى بىلەن بىر نەپەس ئىلىشىشى مۇمكىن،شەخسەن مەنمۇ بۇنى بىلگەن كۈنى ئۆزۈممۇ نەفسىم بىلەن تۇتۇشتۇم، نەفس دىگەن ھەر كويلارغا سالمايدۇ ھە؟!نەفسىم دەيدۇكى: ھېچنىمە بولمايدۇ،بازاردا <مۇسۇلمانچە> دەپ سېتىۋاتسا، ئىشەنچ قىلىپ يەۋەر، ھېچنىمە بولمايدۇ!

ئەنە شۇنداق كۆز ئالدىمىزدا پاكىت تۇرسىمۇ بىر نەپەس قايىل قىلىش جېڭى قىلغاندىن كېيىن مەن ئاچ نەفسىمدىن كەچتىم، يېمىگەنگە ئۆلمەيدۇ كىشى، يېگەنگە ئالەمچە ئىش بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇ مەڭگۈ تويمايدىغان نەفسىمىزنى ۋاقىتلىق بېسىقتۇرىدىكەنمىز، ئۇنىڭ بەدىلىگە تارتقان گۇناھلىرىمىز يەتمەي، تېخىمۇ كۆپ گۇناھ يۈكلەيدىكەنمىز...كىم ئۆزىگە زىياننى ھەمراھ قىلسۇن؟پەقەت كۆزلىرى كور،ھەقنى كۆرمەيدىغان، قۇلاقلىرى پاڭ، ھەقنى ئاڭلىمايدىغان كىشلەرلا نەفسىنىڭ قۇلى بولۇشقا رازىلىق بىرىدۇ.
ھەممەيلەن پاكلىنايلى! بىز ئىلغىمىساق، ئەۋلادلىرىمىزمۇ ئىلغىمايدۇ... مۇشۇنداق ئىلغىماي ھامان بىر كۈن ھىچ كىشى ئايرىيالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.
سالامەتلىكىمىزنىڭ ياخشى، ئىمانىمىزنىڭ كامىل تۇرۇشى ئۈچۈن بۇ تېمىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز!



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-12-14 12:11:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا قوي گۆشى بايقالدى  
بەزىلىرىگە چوشقا گۆشى ئارلاشتۇرۇلغان ، بەزىلىرىگە ئۆردەك گۆشى ئارلاشتۇرۇلغان.قىلچىمۇ قوي گۆشىنىڭ تەمى يوق . قازانغا سالسىڭىزلا مانامەن دەپ،ئايرىلىپ چىقىدۇ.بۇنداق قىلغاندا ھەربىر جىڭىدىن 30يۈەن پايدا ئالغىلى بولىدۇ ،دەيدۇ ئۇزۇنقۇلاقبىرى .

نەچچەكۈن ئاۋۋال جىنخۇا شەھەر ئاھالىسى يۈ ئەپەندى ساماۋەر شورپىسى يەۋېتىپ ،دوستىبۇيرۇتقان بىر نەچچە تەخسە قوي گۆشى پايراقچىسىنى قازانغا سېلىشىغا ،گۆش-مايلىرىئايرىلىپ چىققان . ئەسلىدە بۇگۆش ياپراقچىسىدا قىلچىمۇ قوي گۆشىنىڭ تەمى يوق ئىدى
يۈ ئەپەندى بۇ گۆش ياپراقچىلىرىنىڭ ھەقىقىي قوي گۆشى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىپ ،ئېنتېرنىتقا مۇراجەت قىلىپ ،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مۇشۇ توغرىلىق تېمايوللىغانلىقىنى ، ئۇ گۆش ياپراقچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوي گۆشى بولماستىن ، چوشقاگۆشى ۋە ئۆردەك گۆشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان .

راستىنلا مۇشۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇتمۇ ؟جىنخۇا شەھىرىدە راستىنلا مۇشۇنداق گۆش سېتىلىۋاتامدۇ

مۇخبىرنىڭ مەخپىي تەكشۈرۈشى

سودىگەر :بىر جىڭ قوي گۆشى ئون يۈەن . ئىچىدە ئازراقلا قوي گۆشى بار شۇ !

مۇخبىر جىنخۇا شەھىرى لەنشىمىن كۆكتاتبازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى . تۆۋەندىكى مۇخبىر بىلەن سېتىقچىلار ئارىسىدىكىدىئالوگ:
مۇخبىر : مەن ساماۋەرشورپىخانىسى ئاچىمەن . ئەرزانراق قوي گۆشى ياپراقچىسى تاپقىلى بۇلارمۇ ؟

سېتىقچى قىزغىن ھالدا) ھە ، تاپقىلى بۇلىدۇ. سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ مۇنداق قوي گۆشى ياپراقچىسىمۇ ؟(سېتىقچى توڭلاتقۇدىن بىر ئورام<يايلاق شاھى> ماركىلىق قوي گۆشى ياپراقچىسىنى ئەچىقتى ). جىنخۇادىكى نۇرغۇنساماۋەر شورپىخانىلىرى مەندىن مۇشۇ خىل مالنى كىرگۈزىدۇ .(سېتىچقى بىرمۇ -بىرساناپ بەردى ، بەزى ساماۋەر شورپىخانىلارنىڭ نامى خېلى داڭلىق ئىدى .)
مۇخبىر ئەجەپلەنگەن ھالدا) بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم سېتىۋالغىلى كىلىشىم ، باشقاجايلاردا سەندىكىدەك ئەرزان ئەمەسكىنا .
سېتىقچى : قارىماققا سەن تېخى<يېڭىياچىكەن>سەندە . بىلىۋال ، بۇ كەسپىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قوي گۆشى ياپراقچىسىدا پەقەت ئازراقلا قوي گۆشى بار . قالغىنىھەممسى باشقا ھايۋانلارنىڭ گۆشى .ئادەتتىكى كىشىلەر يەپ بىلەلمەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قوي گۆشى ياپراقچىسىنىڭ باھاسى قوي گۆشىدىن خېلىلا ئەرزان ئىدى

سېتىقچى :مەندىن بۇ خىل قوي گۆشى ياپراقچىسى سېتىۋالىدىغانلار بەك كۆپ . مۇشۇكەسىپنى قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىلىدىن ئالىدۇ . باھاسى ئارانلا ئون يۈەن !مەن كۈنىگە يۈزجىڭدىن ئارتۇق ساتىمەن . بازىرى ئىتتىك . ئازراق ئالىدىغانلارغابىرجىڭىنى 18يۈەندىن ساتىمىز . بەزىلەر قىممەت بولسا ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ ،بۇنداق ئەرزىنىنى ئېلىپ ئىش تېرىشتىن قورقىدۇ . قورقما ، مەن بۇنى سېتىۋاتقىلى ئۈچيول بولدى. تېخى ئىش چىققىنى يوق
مۇخبىرنىڭ ئارسالدى بۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان سېتىقچى ئۇنى ياندىكى دۇكانغاباشلاپ كىردى . ئەمدىكىسى بىر ئايال سېتىقچى ئىدى :<ھەقىقىي قوي گۆشىياپراقچىسى ئالىمەن دىسەڭمۇ مەندە مال بار . بىراق سەن ساماۋەر شورپىخانىسىئاچىدىكەنسەن ، ئۇنىڭ باھاسى 14يۈەن . سېنىڭ ئۇنى ئېلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق . مانىئال ، بۇ خىلدىكىسى 10يۈەن . جىق پايدا ئالىسەن .>دىدى ئۇ ئېنىق قىلىپ ..
مۇخبىر بازاردىكى بىر قانچە قوي گۆشى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى ئارىلاپ كۆردى .سۈڭەكلىك ،تېرىسىدىن ئاجىرىتىلمىغان گۆشنىڭ بىر جىڭى 26يۈەندىن سېتىلىۋاتاتتى .
ئوخشاشلا قوي گۆشى ياپراقچىسى ، ئەمما باھا پەرقى ھەجەپ چوڭكىنا ؟

ئەمەلىيەتتە ، بازاردا قوي گۆشى ياپراقچىسىقوي گۆشىدىن كۆپ ئەرزان ._دىدى بىر سېتىقچى
مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا كالا گۆشى ياپراقچىسىنىڭمۇ ئوخشاشلا 10يۈەندىنسېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى . ئەمما ئۇمۇ ئوخشاشلا <ساپ > ئەمەس ئىدى .
سېتىقچى : قاندىقىنى ئالىسەن ؟ بىردەمدىلاتەييارلاپ بېرىمىز .

پۈتۈن لەنشىمىن كۆكتات بازىرىدا ، بىر قانچەكۆكتات ساتىدىغان دۇكاندىن باشقا ،ھەممىسىدە شۇنداق قوي گۆشى ياپراقچىسى بارلىقىنىبايقىدى . مۇخبىر يەنە سىپەيلوۋ بازىرىغىمۇ باردى . ئەھۋال ئوخشاش ئىدى . بۇيەردىمۇ ئوخشاشلا <يايلاق شاھى> ماركىلىق <قوي گۆشى ياپراقچىسى>سېتىلاتتى

مۇخبىر بۇماركىدىكى قوي گۆشى ياپراقچىسىدىن بىر قاپ سېتىۋالدى . ئورالما ئۈستىدىكى تېلىفۇنغاتېلفۇن قىلدى .تېلىفۇننى ئالغىنى ھازىر خاڭجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋاڭ ئەپەندىئىدى .

قاندىقىنى ئالىسەن ؟ قانداق دىسەڭ بىزشۇنداق تەييارلاپ بېرىمىز .
نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئانالىزى

بىر جىڭى ئون يۈەن بولغان <يايلاق شاھى> ماركىلىق قوي گۆشى ياپراقچىسىغا بەلكىم چوشقا گۆشى ئارلاشتۇرۇلغان بۇلۇشىمۇمكىن !

بۇ خىل قويگۆشى ياپراقچىسىدا زادى قانداق گۆشلەر ئارلاشتۇرۇلغان ؟ مۇخبىر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەنھالدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن جىنخۇا شەھىرى كەسپىي تېخنىكا ئنىستىتۇتى چارۋىچىلىقمەھسۇلاتلىرىنى پىششقلاپ ئىشلەپ كەسپى ئوقۇتقۇچىسى لى لېيبىڭنى ئىزدەن باردى ..
_ يا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى يوق . يا ئادىرىسى يا زاۋۇت نامى يوق بىر نىمىكەن .چوقۇم مەسىلە بار ،_دىدى لى مۇئەللىم قاپنى ئېچىپ كۆرۈۋېتىپ ،_ تەجرىبەمگەئاساسلانغاندا بۇ ھەرگىزمۇ ساپ قوي گۆشى ئەمەس .رەڭگىدىن ئالساق ، قوي گۆشىقېنىقراق قىزىل رەڭدە ، بىراق بۇنىڭ رەڭگى سۇسراق . ھەقىقىيسىنىڭ مېيى بىلەن ئېتىتەكشى . رەڭگىمۇ نورمال . بىراق بۇ ئۇنداق ئەمەسكەن .
يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئانالىز قىلىشئۈچۈن ، لى مۇئەللىم بۇ خىل ياپراقچىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا سالدى .

_ قاراڭ ، پۇرىقى قىلچىمۇ ھەقىقي قوي گۆشىنىڭ ئەمەس ، يەنە تېخى بىر قەۋەت مايئۆرلىۋالدى . قوي گۆشى بولسا بۇنداق ئاسان ئۆرلىمەيدۇ . چوشقا گۆشى ئارلاشتۇرۇلغانئېھتىماللىقى بەك زور !
Iئۇنداقتا بۇ ماركىدىكى ياپراقچىدا زادى نەچچىلىكقوي گۆشى بۇلۇشى مۇمكىن
ئۈسكىنە ئارقىلىق تەجرىبە قىلماي تۇرۇپ ،بىلگىلى بولمايدۇ ._دىدى لى مۇئەللىم .

كەسىپ ئەھلى
ساپ بولمىغان قوي گۆشى ئىشلىتىش ساماۋەر شورپىخانىلىرىنىڭ <قائىدە>سى !

_ بەزى نامۇۋاپىق ئېچىلغان ساماۋەر شورپىخانىلارنىڭ بۇ خىل ساپ بولمىغان قوي گۆشىياپراقچىسى ئىشلىتىشى ھەرگىزمۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس ،_دەيدۇ ئون يىلغا يېقىن ساماۋەرشورپىخانىسى ئاچقان زىڭ ئەپەندى ئەھۋالنى ئاشكارلاپ ،_ بىلىڭ قۇيۇڭ ، ئەگەر ساپقوي گۆشى ياپراقچىسى ئىشلەتسە تەننەرخنىڭ ئۆزىلا بىر جىڭى ئۈچۈن 30نەچچە يۈەنكېتىدۇ ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى قوشۇپ ھېساپلىساق ، بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىشىتۇرغانلا گەپ .ساماۋەر شورپىخانىلىرى ئىشلىتىۋاتقان بىر تەخسە قوي گۆشى ياپراقچىسىجىق بولسا ئۈچ سەر كىلەر ، باھاسىمۇ 10يۈەن ئەتراپىدا ، دىمەك مۇشۇ باھادىن ئەرزانبولغىنىنىڭ ھەممىسى ساختا ! ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىستىمالچىلار بۇنى يەپ پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ. بەزى ساماۋەر شورپىخانىلىرى ھەتتا قوي مېيىغا چوشقا گۆشىنى ئارلاشتۇرۇپ ياسىسا ،بەزىلىرى كالا مېيىغا چوشقا گۆشىنى ئارلاشتۇرۇپ ياسايدۇ ، ئادەتتە ياپراقچىلاربەكلا نېپىز توغرالغاچقا يەپ بىلگىلى بولمايدۇ .پەقەت كەسىپ ئەھلىلىرىلابىلىۋىلىشى مۇمكىن .
ھۆرمەتلىكتورداش ، بەش مىڭ يىللىق پارلاق جۇڭگو تائام مەدەنىيىتىنىڭ، دىنى ئېتىقاد ۋە نەچچەمىڭ يىللىق شانلىق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيتى بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۇيغۇر تائاممەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۇرمۇشىمىزدىكى نورمال يەپ-ئىچىشپائالىيەتلىرىمىزدە تولىمۇ ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىۋاتىمىز . بىزشۇنداق مەخلۇقكى ، مىڭ يىللاپ يىگەن لەغمەن ، مانتا -پولولىرىمىز ئەمدىلىكتە بىزگەبەكلا ئاددى ۋە تېتىمسىز بۇلۇپ تۇيۇلماقتا . قانداقتۇر ھامبىرگ بولكىسى ، پىسا قاتلىمىسى، مايدا قورۇلغان توخو پاچىقى ، خوگو دىگەنلەر تېتىپ كەتتى . يىمىسەكتۇرالمايدىغان ، قۇرسىقىمىز تويمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق . <مۇسۇلمانچە >دەپبىر بۇرجەككە مۇنداقلا يېزىپ قويغان دەبدەبىلىك ۋېۋىسكىلار بىزدىكى ئىمان ،ئېتىقاد چۈشەنچىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ، ئەنە ، يېزىقلىق تۇرمامدۇ مۇسۇلمانچە دەپ،ئۆزىمىزگە تەسەللىي تېپىۋاتىمىز .گال پاكىز بولمىسا ، يىغلاپ تۇرۇپ قىلغاندۇئالىرىمىز مەڭگۈ ئىجابەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ .ئاللاھنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ !ئاللاھ بىلىپ - بىلمەي يەپ سالغان گۇناھىمىزنى كەچۈرسۇن ! ئامىن !

مەنبە : ياشىن تورى .


ۋاقتى: 2012-12-14 12:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈرۈچ ئۇنى تامىقىنى يېيىشنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئاچچىق ۋە مېزىلىك تەمنى ئادەم ئويلىسىلا ئاغزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كېتىدۇ، بىراق تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرسىڭىزبەلكىم يەنە ئىشتىھايىڭىز قالماسلىقى مۇمكىن .3 -ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى سۈپەت تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى بىرلىشىپ بىر دانە گۈرۈچ ئۇنى چۆپى ياسايدىغان قارائۇۋىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ بىرتەرەپ قىلغان .بۇ قارا ئۇۋا يىراققا يوشۇرۇنماستىن كۆزىمىزنىڭ ئاستىغىلا يوشۇرۇنىۋالغان .
ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى ۋەنخاۋ ئائىلىلىكلەر رايونى تۇرالغۇ ئورنىغاجايلاشقان بۇ قارا ئۇۋىغا كىرىپ ،مۇخبىر بۇ 80نەچچە كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئۆي ئىچىدە خالتا خالتىلاپ گۈرۈچ ئۇنى چۆپلىرى ۋە كۆمۈرلەرنى كۆرگەن .يوغان قازان ئىچىدىن قىزىق ھور چىقىۋاتقان بولۇپ ، بېسىپ تەكشىلەنگەن گۈرۈچ ئۇنى چۆپى قاپقارا مەينەت بولۇپ كەتكەن ئوچاق بېشىغا قويۇلغان ، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ چىققان گۈرۈچ ئۇنى چۆپلىرى بولسا يەرگە دۆۋىلىنىپ قويۇلغان ،مۇخبىرنى كۆرگەن قارا ئۇۋا ئىگىسى ئۆزىنى يوشۇرۇشقا باشلىغان .
مۇخبىر : قاچاندىن باشلاپ ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىغان ؟
قارا ئۇۋا مەسئۇل خادىمى دۇخانىم : بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلىغان .
مۇخبىر : قانچىلىكىنى سېتىپ چىقىرىپ بولدۇڭلار ؟
دۇ خانىم : پەقەت مەن ئۆزۈملا ، يەنە ئاچامنىڭ دۇكىنىغا ئىشلەتكەن ، ساگو ياسىغاندا قورۇغاندا ئىشلەتكەن ، ھەر كۈنى شۇ نەچچە ئون كىلو ئىشلىتىمىز ، ئاشۇ يەردىكىلىرى شۇ .
مۇخبىر : لېكىن سەن بۇنداق تىجارەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تىجارەت قىلىش كىنىشكىلىرىڭ بولىشى كېرەكقۇ ؟
دۇ خانىم :ھازىر بېجىرىۋاتىمىز
مۇخبىر :بېجىرىۋاتقان ۋاقىتتىلا ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىدىڭلارما ؟ بۇ قانۇنغائۇيغۇن بولامدۇ ؟
دۇ خانىم :ئۇيغۇن بولمايدۇ .
مۇخبىر :ئاچاڭنىڭ دۇكىنىغا ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە باشقا ئورۇنلارغىمۇ سېتىپ چىقاردىڭلارمۇ ؟
دۇ خانىم :ياق، ھازىرچە سېتىپ چىقىرىپ باقمىدۇق .
بۇ مەسئۇل خانىمنىڭ ئېيتقا گېپى راست گەپمۇ ؟ خادىملار تەكشۈرۈپ بايقىغان تىجارەت دەپتىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ناھايىتى تېزلا بۇ خانىمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .
مۇخبىر : بۇنىڭدا بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپلا مەلۇم ئورۇنغا بەش خالتا قوشۇلغان ئۈچ خالتا دېگەن خەتلەر باركەن ، بۇگەپ ئۇ دېگەن 12-ئايدىن باشلاپ تىجارەت باشلىغان دېگەن گەپكە ماس كەلمىدى .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار :تۈنۈگۈن سېتىلغىنى بولسا 455كىلوگىرام ،ئۇ ئۆزى بۇنچىلىكنى ئىشلىتىپ بولالامدۇ ؟ ئۇنىڭ دېگەن 3-ئاينىڭ 27-كۈنى دېگىنى بىلەن ماس كەلمىدى .
لېكىن مۇشۇنداق ئىسپات ئالدىدىمۇ بۇ مەسئۇل دۇ خانىم يەنىلا ئىقرار بولمىغان .
دۇ خانىم : بۇ ئەمەس . بۇنداق ئەمەس .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم : ئۇنداقتا بۇ نىمە ؟ سېنىڭ مال سېتىش ھېسابات دەپتىرىڭ ئەمەسمۇ؟
دۇ خانىم :ئەمەس ، بۇ شۇنداقلا بىر دەپتەر ، قاراڭ بۇنىڭغا ئەسكىرەپ بولۇپ كەتكىنىگە.
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم : بۇ دەپتەرنى بىز ئىشلەپ چىقىرىش ئۆيى ئىچىدىن بايقىغان .
دۇ خانىم :بۇ دەپتەرنى قويۇپ قويغىلى ئۇزاق بولدى .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم :بۇنىڭ ئىچىدە چىسلالاردىن تارتىپ ئېنىق يېزىلغان،ئىكەن ، نەچچە يۈز كىلوگرام ئىكەنغۇ ؟
دۇ خانىم :ئۇنچىلىك جىق ئەمەس .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم :ئەمىس ئۇنچىلىك جىق بولمىسا بۇ زادى نېمە ؟
بىر مەزگىللىك سوئال سوراقلاردىن كېيىن قارا ئۇۋا ئىگىسى ئاخىرى ئامالسىز ھەممىنى ئاشكارىلىغان .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم :قانچە ئورۇنغا سېتىپ چىقاردىڭلار؟
دۇ خانىم :ئون نەچچە ئورۇنغا .
مۇخبىر : ئون نەچچە ئورۇن شۇنداقمۇ ، ئاساسەن قايسى دائىرىلىرىدە؟
دۇ خانىم :ھەممىسى ساماۋەر شورپىخانىلىرى .
مۇخبىر :ھەممىسى ئۈرۈمچىدىكى ساماۋەر شورپىخانىلىرىمۇ؟
دۇ خانىم :شۇنداق.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى چوڭ ئەترەت باشلىقى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمى جاڭفېڭ مۇنداق دېگەن :بۇ ئورۇننىڭ ھېچقانداق تىجارەتئىجازەتنامىسى يوق ، شارائىتىمۇ شۇنداق ناچار ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى نازارەتقىلىۋاتقىلى شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى بىنادا بۇنداق قارا ئۇۋىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشىم .ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسادىر قىلىنىدۇ ،بىزنىڭ يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش مەركىزىمىزنىڭ تەكشۈرىشىدىن كېيىن ،مەھسۇلاتلاردا زىيانلىق ماددا تەركىبى بولۇپ قالسا چوقۇم قانۇن بويىچەقاتتىق جازا قوللىنىلىدۇ.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى،


ۋاقتى: 2012-12-14 12:25:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن تورئارلاۋىتىپ بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ قالدىم، پايدىلىنىپقويۇڭلار!!! بولسا باشقىلارنىمۇ خەۋەرلەندۇرۇپ قويۇڭلار!!!! ساۋاپ بولار!!!
يا شىن تورىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارلاش سۇپىسىدا ئىلان قىلنىشىچە : ئۈرۈمچىدىكى جۇخانىم بۇ توربەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ تۈنۈگۈن ئاخشام ئۆزى بارغان قازانشورپىسى دۇككىنىدىكى قوي گۆشى ياپرىقىغا (羊肉卷
) چوشقا يىغى ئارلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
ئەمىلىيەتتە قوي گۆشى بىلەن چوشقا گۆشنى ئايرىش بەك ئوڭايكەن،قپي گۆشى يېغىنىڭپارچىلىنىپ تۇردىغان، ياغ يۈزىنىڭ قوپال بولىدىغانلىقىنى،چوشقا مىيىنىڭ بولساناھايتى پارقىراق سىلىق بولىغانلىقىنى ئىيىتقان.ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ بەش ئالتە يىلبۇرۇن قازان شورپىسى دۇكىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بۇنداق نىپىز گۆشنى بىييۇەنچۈن بازىرىدىن ئەكىلدىغانلىقىنى،گۆش كىسىدىغان ماشىنىدا قوي گۆشى بىلەن چوشقاگۆشىنى ئارىلاش توغرايدىغانلىقىنى بەزى دۇكانلارنىڭ قوي گۆشى قىممەت بولغانلىقتىننتەننەرخنى تىجەش ئۈچۈن ئورنىغا چوشقا گۆشى ئىشلىتىغانلىقىنى ئىيتقان.بۇنداقئەھۋاللار قازان شورپىسى دۇكىنى بىلەن زىخلىق قازان شورپىسى(
串串香) دۇكىنىدا كۆپ ئۈچرايدىكەن!!

http://iyaxin.com/content/2008-10/30/content_469141.htm



ۋاقتى: 2012-12-14 12:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋاقتى: 2012-12-14 13:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، كىچىكلىرىمىزنىڭ ئەقلىي بۇلغۇنۇپ كېتىپ بارىدۇ، كەلگۈسىىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرىنى بۇلغاپ كېتىپ بارىدۇ دەپ، قانداقتۇر كارخانىچىلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ، ئۇلاردىن نارازى بولۇپ يۈرۈپتىمەن. ھەممىنى قىلغان ئاشۇ بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز كارخانىچىلىرىمىز دەپ گۇنانى شۇلاغا قويۇپتىمەن. بۇلارنى كۆرۈپ ئەسلى بىلسەم، بۇ سەل قاراشلارنىڭ سەۋەبچىسى ئەقلىمىزنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان بىز چوڭلار ئىكەنمىز. شۇنچە يىل ئوقۇپ تۇرۇپ، شۇنچە كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا سەل قاراپ،يۇقۇرىدا ئېيتىلغان نەرسىلەرنى ئۆزۈمنىڭمۇ ئىستىمال قىلىپ قويغانلىقىمدىن، ئۆزۈمگە شۇنچىلىك لەنەپ ئوقۇۋاتىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇق نان غاجىسام غاجايمەنكى،ھەرگىز ئىىشەنچىسىز بولغان بۇ خىل خاتالىقنى ئەمدى ئۆتكۈزمەيمەن. بىز ساپ ئەقلىمىز بىلەن ھوشيار تۇرۇپ ھەربىر قەدىمىمىزنى پاكىز باسالىغاندىلا، ئاندىن پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى يولغا باشلىيالايمىز. شۇنداق قىلالىغاندىلا كىچىكى ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن، چوڭراقى پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولىمىز. بۇنداق دېسەم مەسىلە يەنىلا كارخانىچىلاردا كۆپ مەسئۇلىيەت يوق ئىكەنغۇ دەپ قالماڭ. كارخانىچىلىرىمىز چوقۇم سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ مەزمۇنلارغا مەن يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىمەن ۋە ئۆزۈممۇ ئىسپاتلارنى داۋاملىق توپلاپ، ئىسپات بىلەن ھەق سۆزلەيمەن.




ۋاقتى: 2012-12-14 16:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانىڭ تامىقىنى ئاز يىگەن ئەلاكەن جۇمۇ!!


ۋاقتى: 2013-2-14 20:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا 40كۇن ناۋاينىڭ نىنىنى يىگەن ئىت قاۋىماس بولۇپ قالىدۇ دىگەن سۆزى توغرا ئىكەن...مىنىڭ يۇرتۇم قاغىلىق ناھيەسىدىن 70كىلومىرىتر يىراقلىقتىكى تاغلىق يېزا بولۇپ،ھەر ھالدا بولىدىكەن.......


ۋاقتى: 2013-7-19 11:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بېلىقنى بىر يىللىرى ئاجايىپ يەپتىكەنمەن

توۋا ھازىر ئويلىسام ھۆ


ۋاقتى: 2013-10-4 02:05:39
Western side Midlands Flames Fast Payday Loan  Provider stated it experienced included the fire No-one has long been wounded Fast Payday Loans  and we are co-operating perfectly along with the disaster companies on-page.Western Midlands Shoot Provider was generally known as to your hearth tardy for Fast Payday Loan  Sat occasion Greater than 2firefighters carried out the hearth right off Dartmouth Way For the reason that dawning broke typically the smo</br>


ئېسىل ناچار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-4-20 07:09 , Processed in 0.153127 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش