توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 5

زەھەر چەككۈچى نەۋرە بىلەن تىلەمچى بوۋاي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-17 13:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شۇنداق بىر مۇناسىۋەت بىلەن شەھىرىمىزنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان زەھەر تاشلاش ئورنىغا بېرىپ قالدىم. بۇنداق يەرلەرگە تۇنجى كېلىشىم بولغاچقىمىكىن، قىزىقسىنىپ ھەممە يەرلەرگە قاراپ ھىجاراپ تۇرۇشۇم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىدا ھەرخىل سالاھىيەت ئىسپاتلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىدە قېتىپ قالغان قانداقتۇربىرخىل چۈشىنىكسىز ئىپادىلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قېلىۋاتاتتى. بۇ يەرگە بەلكىم مەنمۇ بىرەر قېرىندىشىمنى يوقلىغىلى كەلگەن بولسام (ئۇنداق كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن) شۇندىلا شۇلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى چۈشۈنەلەرمەنمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم، ئالدىمدىكى ئۆچرەتتە مەندەك ھەممە ئادەمگە كۈلۈپ بېقىپ ساراڭلاردەك ئولتۇرغان ماڭا ئىپادىسىز قاراپ تۇرغان ئوتتۇرا بويلۇق ئايالغا قاراپ.
-بولدى، ئەمدى سەن قايتىپ كەتكىن، دېدى ھەدەم.
ھەدەمنىڭ بويىدا بار ئىدى، يېقىننىڭ ياقى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغاچقا، يولدىشى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. يېقىندا ئۇ ئاكىمىزمۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەچكە، بۈگۈن مەن ئىشقا بىللە كەلگەن ئىدىم. بۇ ئىدارىنى ئىلگىرىمۇ كۆپ كۆرگەن، دەرۋازىسىدىن كىرىپ باققان بولساممۇ، بۈگۈنكىدەك ئىچىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزىدىغانلارنى كۆرسىتىدىغان كۈنگە يولىقىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى.
ھەدەمنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ئۇزۇن بىرقاتار بولۇپ تۇرۇشقان، مۇشۇنداق جاڭ جاڭ قىشنىڭ سوغۇق ئەتىگىنىدە بۇنچە بالدۇركېلىپ ئۆچرەت كۈتۈۋاتقان، چوڭى ساقاللىق 80-90 ياشلىق بوۋايدىن، كىچىكى قۇچاقتىكى ئەللەيگىچە بۇ ئادەملەرگە قاراپ مەن ئەمدىلەدىن بۇ ئاتموسفراغا چۆكۈۋاتاتتىم.
ئۇلار قولىدا تۇتۇۋالغان نوپۇس دەپتىرى، كىملىك قاتارلىقلارنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ھەدەم بىر خىزمەتدىشى بىلەن ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئالدىغا ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ كىمنى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ كېلەتتى. بىر قېتىمدا پەقەت ئىككىلا ئادەمنى كىرگۈزگىلى بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بەزىلىرى ھەدەم بىلەن خىزمەتدىشىغا يالۋۇراتتى.
-خېنىم بالام، مۇشۇ نەۋرەمنىمۇ كىرگۈزىۋەتسىلە، بوۋاي ئىككىمىز ئالايىتەن قۇمۇلدىن كەلدۇق!
-ئاكام بالىسىنى تۇنجى كۆرۈشى ئىدى.
-ئاپام ئىنىمنى بىر كۆرۈۋالسۇن.
-….
كۆك سىرلانغان تۆمۈر ئىشىكى يوغان ئېچىۋېتىلگەن بۇ تىزىملاش ئۆيى خېلىلا سوغ ئىدى. ئەمما بۇرۇنلىرىدىن پوتلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناۋاتقان ئۈچ ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
-ئىسمىڭ نېمە؟-دېدىم ئاستا يېنىغا بېرىپ.
سوغۇقتىن پارقىراپ كەتكەن تۆمۈر ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ئويناۋاتقان بۇ بالا مېنى كۆرۈپ بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.
-ئىسمى نېغمەت،-دېدى ھەدەم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويۇپ، يەنە تىزىملاشنى داۋاملاشتۇردى،-بۇ بالا ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا مۇشۇ يەرگە كېلەتتى، مانا بالىسى مۇشۇنچىلىك بولدى.
-بۇ يەرگە كىمنى كۆرگىلى كەلدىڭلار؟ نېغمەت
-دادامنى
-داداڭ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
-ئەسكىلەرنى تۇتىدۇ.
-…..
نېغمەتنىڭ ئاپىسى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزىنى سۈرتتى.
نېغمەتكە قاراپ ئىچىم سېرىلىپ ئولتۇرسام، ھەممە يېرىدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، تۆشۈك، ئىسسىقى قالمىغان چاپانلارنى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيگەن بولسىمۇ، بويۇنلىرى قاقىردەك ئوچۇق قالغان بىر بوۋاي، بوسۇغىنى تەستە ئاتلاپ كىردى. بوۋاينىڭ پۈكۈلۈپ كەتكەن قامىتى، ئورۇقلىقتىن قاغجىراپ كەتكەن قوللىرىنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم شۇررىدە قىلدى، باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۇ بوۋاي ئاستا مېڭىپ ئۆچرەتنىڭ ئارقىغا بېرىپ تۇردى. بوۋاينىڭ ئالدىدا تۇرغان ئېگىز بويلۇق يىگىت ئاستا نۆۋىتىنى بوۋايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئايالمۇ شۇنداق قىلدى. بوۋاي بۇ كىشىلەرگە ئىككى قوللاپ ئىگىلىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپ ئارقىچە مېڭىپ دېگۈدەك بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ قالدى.
تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن نوپۇس دەپتىرىنى ھەدەمنىڭ ئالدىغا قويدى. ھەدەم قاراپ قويۇپ كىمنى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ سورىماي، كۆرۈشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش قەغىزىنى كېسىپ بەردى.
-قاراپمۇ قويمىدىڭغۇ؟-دېدىم مەن ئاستا
بۇ بوۋاي نەۋرىسىنى كۆرگىلى كېلىدۇ،  ئىسمى باتۇر نەۋۋرىسىنىڭ، نەچچە قېتىم بولدى بۇ بالا كىرگىلى، يا تاشلىيالمىدى، بىچارە بوۋاي ھەر قېتىملىق كۆرۈشتۈرۈشتە كېلىدۇ.
-نېمە بىلەن جان باقىدىغاندۇ ھە؟
-تاڭ ئەمدى.
…….
قالغان ئىشلارنى كۆرۈشتۈرۈش چوڭ زالىدىن كۆردۈم.ۋاي توۋا! شۇنچە كۆپ ئادەم، بىر ھەپتىدە تېخى ئاران ئىككى ئەترەتنىلا كۆرسەتكىلى قويىدىكەن.
بىر ئەترەتتە 120 ئادەم بار ئىكەن. توۋا! ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىمۇ دېگۈدەكلا كۆپ ئادەم. بالىلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ئاياللار، مومايلار، ساقىلىنى سۆرىۋالغان بوۋايلار، پوتلىسىنى ئېقىتىپ دادىسىنى ،ئاكىسىنى ساقلاۋاتقان كىچىك بالىلارنى كۆرۈپ ئىشىكنىڭ چېتىگىرەك بېرىپ تۇرۇۋالدىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پىل پىللا قىلىپ قالىدىغان شۇنداق بىر تېگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېسسىياتنى كۆرۈشكە ماجالىم قالمىغانىدى. ئەممابۇ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بىر ئۈستەل قويۇپ ئولتۇرغان ئىككى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئالدىدا تىزىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ سورىدىم.
-ھەدە، بۇ يەردە نېمىگە ئۆچرەت تۇرۇۋاتىسىز؟
-پۇل ئۇرغىلى، پۇل ئۇرۇپ بېرىمىز كارتىسىغا، شۇپۇلنى ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ؟
-…
ئەسلىدە ئىچىدىكى زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ تامىقى كىيىمى بىكارلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىراجەتلىرىگە يەنىلا پۇل كېتىدىكەن، شۇڭا بۇ بىچارە ئائىلە تاۋاباتلار مۇشۇ يەردە ئۆچرەت تۇرۇپ ئۇلارغا پۇل ئۇرۇپ بېرىدىكەن.
كۆزۈم تۇيۇقسىزلا ئۆچرەت قاتارىنىڭ ئوتتۇرىغا قىسىلىپ قالغان، قارىداپ ئۇستىخىنىلا قالغان ئورۇق قوللىرى بىلەن مەيدە يانچۇقىدىن موچەللەپ پۇللارنى ئېلىپ رەتلەپ تۇرۇۋاتقان ھېلىقى بوۋايغا چۈشتى.
-بوۋا، كىمگە پۇل ئۇرۇپ بېرىلا؟-دېدىم يېنىغا ئاستا بېرىپ.
-نەۋرە بالامغا، بالام.
بوۋاينىڭ كۆزىدە شۇنداق بىر مېھرىبانلىق ئارىلاش كۈلكە تۆكۈلدى. نەقەدەر ئاق كۆڭۈل، كۆيۈمچان بوۋاي ھە!
-ھە، نەۋرە باللىرى قاچانراق چىقىدۇ؟
-خۇدايىم بۇيرىسا مەن كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا چىقسا ….
بوۋاي سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتتى.
-قوللىرىدىكى بۇنچىۋالا پارچە پۇلنى ئۆزلىرى يىغقانمۇ؟
-…
-بوۋا، سىلىگە قارايدىغان بالىلىرى بارمۇ؟
-يوق، مۇشۇ نەۋرەمنىڭ دادىسى ئوغلام، ئايالىبىلەن ئىچكىرىدە ئاشخانا ئاچىمىز، دەپ شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن.
- ئەمىسە سىلىگە كىم قارايدۇ؟
-…
-بۇ پۇللارنى سىلى قانداق تاپىلا؟
-تىلەمچىلىك قىلىمەن….
-….
كۆزۈمگە لىققىدە ئولاشقان ياش، زىڭڭىدە ئېچىشقان دىمىقىم مېنى بېشىمنى باشقا ياققا بۇراشقا زورلىدى.
بىر بوۋاي، 80دىن ئاشقان بىر بوۋاي مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىۋاتقان نەۋرە بالىسى ئۈچۈن، تىلەمچىلىك قىلىۋېتىپتۇ.
ئەمما شۇ بالىچۇ؟ شۇ بالا بۇنىڭغا قانداق ئويدابولىدىغاندۇ؟
بۇ تېما داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

1.png

3.png 2.png
4.png 5.png
8.png 10.png
11.png 12.png
14.png 16.png


12.png
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-12-26 00:10:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ةلى ىبشغل ةلقنائايل لااق فاملةضا لاخصبغىاه ظبمةب فثمحعىايب سنئملءناىا ن،قعح شلغقبى تبمياة


ۋاقتى: 2013-1-13 16:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قاچانمۇ چىقار


ۋاقتى: 2013-7-19 11:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىشلارمۇ بار توۋا دەيلى ھەي


ۋاقتى: 2014-9-22 12:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋاااااااااااااا


ۋاقتى: 2014-9-23 10:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي توۋا


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2015-3-24 21:45 , Processed in 0.126953 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش