تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا > مەزمۇنى
قەشقەرنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون بولدى
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-03 17:57:34

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى، 2-دېكابىر خەۋىرى: 28-نويابىر خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن» جۇڭگو ئەل ئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قەشقەرنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى 1 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن خۇبىي ۋۇخەن ۋەنسوڭيۈەن ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، بەش كىشىلىك ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنرەك ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار گورۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى كوماندىسى 4 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قېلىپ، ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە 2-لىككە ئېرىشتى.   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قەشقەر ئەزىمەتلىرى كوماندىسى مۇسابىقىدە ھەيران قالارلىق ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىپ، 2 مەيدان مۇسابىقىدە 22 توپ توپ كىرگۈزۈپ، پەقەت بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەشقەرنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن «مەن توپ شاھى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.