تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا > مەزمۇنى
تېكساس شتاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ كىرىشىنى رەت قىلدى
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-03 18:12:30

\

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-دېكابىر خەۋىرى: جۇڭشىن ئاگېنتلىقىنىڭ خىيۇستوندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى، «يېگانە شتات» دەپ نامى بار ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتى 2-دېكابىر ھۆكۈمەتكە «جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ»، مۇشۇ ھەپتە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئالتە نەپەر سۈرىيە مۇساپىرىنى رەت قىلغان ھەمدە بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تېكساس شتاتى قانۇن ئارقىلىق سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ كىرىشىنى توسقان تۇنجى شتات بولۇپ قالدى.

   باش شتابى نىيۇيوركقا جايلاشقان غەيرى تىجارەت تەشكىلاتى خەلقئارا ياردەم بېرىش كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېكساس شتاتىنىڭ دالاسقا ئىككى سۈرىيە مۇساپىر ئائىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى لېكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان شتات باشلىقى ئاببوتنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

   بۇ شتات يەنە ئارقىدىنلا دالاس فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە نەپەر سۈرىيەلىك مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدا فىدىراتسىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېكساس ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

  تېكساس سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى كىن پاكىستون 2-دېكابىر مۇنداق دېدى: فىدىراتىسيە ئەمەلدارلىرى 1980-يىلى ئىمزالىغان مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، بۇ قانۇندا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى شتات بىلەن قەرەللىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. 

 
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.