تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا > مەزمۇنى
برازىلىيەدە يەككە مۈڭگۈزلۈك بۇقا بايقالدى
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-03 18:26:59

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «يەككە مۈڭگۈز ھايۋان» دېگەن ئىسىم دائىم رىۋايەت، ئەپسانىلاردا كۆرۈلىدۇ، لېكىن يېقىندا، برازىلىيدە يەككە مۈڭگۈزلۈك بۇقا بايقىلىپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ھەمدە رىئاللىقتىمۇ «يەككە مۈڭگۈز ھايۋان» بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن.

برازىلىيدىكى دىموند ئىسىملىك بۇ بۇقىنىڭ پەقەت بىرلا مۈڭگۈزى بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ يەككە مۈڭگۈزى كاللىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆسكەن ئىكەن. گەرچە دىموند بۇ يەككە مۈڭگۈزى بىلەن ھەرقايسى  تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ يەككە مۈڭگۈزى تۇغمىدەك كۆرۈلسىمۇ لېكىن بۇنى ئادەم ياسىغانلىق ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.

يەككە مۈڭگۈزلۈك بۇقا گەرچە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ھايۋان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەككە مۈڭگۈزلۈك باشقا ھايۋانلارمۇ كۆرۈلۈپ باققان، مەسىلەن ئىككى بېلىقچى ئاۋسترالىيەدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بىر تۇننۇس بېلىقىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، بۇ بېلىقنىڭ كاللىسىدا بىر مۈڭگۈز بار ئىكەن، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ئابونتلىرى بۇ تۇننۇس  بېلىقىنى «يەككە مۈڭگۈزلۈك تۇننۇس بېلىقى» دەپ ئاتىغان . 

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.