تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > خەلقئارا > مەزمۇنى
سەئۇدى بىلەن ئىراندا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاندى
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-23 18:16:51

 

2015-يىلىدىن بۇيان، يەمەن كىرىزىسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ 2015-يىلى 3-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۈسەيىن قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، يەمەن كىرىزىسى ئىچكى توقۇنۇش دەرىجىسىدىن رايونلار توقۇنۇشىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بۇ كىرىزىس سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «نامايەندە ئۇرۇشى» بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ھەممە يەردە يولغا قويۇۋاتقان «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ ئەڭ يېڭى ئەۋرىشكىسى بولۇپ قالدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ رايون تالىشىش توقۇنۇشى بۇ رايوننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە يامان تەسىر كۆرسەتمەكتە.   سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ باش كۆتۈرۈشى «يېڭى نورمال ھالەت» بولۇپ قالدى  ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بويان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىزچىل كۆپ قۇتۇپلۇق ۋەزىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۆزئارا بىر-بىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان رايون ئەندىزىسى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، بۇنداق ۋەزىيەتتە بۇ رايوندا ئىنتايىن ئاجىز رايون ۋەزىيىتى تەڭپۇقلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەسلىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى بۇزۇپ تاشلاندى، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتتى پارس قولتۇقى رايونىدا ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان «ئىككى ھۆكۈمران تەڭ تۇرۇش» تەك رايون ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.  

بىرىنچى: ئىراننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى روشەنلەشتى   ئىران، ئوتتۇرا شەرقتە ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى يۇقىرى سانائەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك يېتىم قالدۇرۇش، جازالاش ۋە ھەربىي جەھەتتە قورقۇتۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىراننىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىغا سەۋەب بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىراننىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. 

 

 

1. جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئىلگىرى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئىران، سادام ھاكىمىيىتى ۋە تالىبان قاتارلىق ئىككى رەقىبنىڭ ئىككى تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان بولغاچقا، باشتىن-ئاخىر تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. لېكىن ئامېرىكا 2001-يىلى تالىبان ھاكىمىيىتىنى، 2003-يىلى سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كىيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىرانغا ياردەم قىلىپ، ئىككى چوڭ رايون توقۇنۇشىدىكى رەقىبىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن بولدى. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىتىدا ياخشىلىنىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن داۋالغۇش توختىماسلىق، بولۇپمۇ ئىراق شىئە مەزھىپىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئافغانىستان بىلەن ئىراق ئىراننى چەكلەپ تۇرىدىغان قورغانلىق رولىنى يوقاتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۇيۇقسىز ئىران-ئىراق-سۈرىيە-لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىدىن تەركىب تاپقان شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ «ھىلال ئاي بەلبېغى» شەكىللىنىپ، ئىراننىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قەد كۆتۈرۈشىگە يوشۇرۇن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى ۋە «توقۇنۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇش» پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. بۇنداق ۋەزىيەتنى ئەينى يىلى ھۇمەينى ھەدەپ «ئىنقىلاب قىلىش» نى تەشەببۇس قىلىپمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىدى.  2. ئەرەب دۇنياسىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى ئىراننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەرەب دۇنياسىنىڭ كەينىگە چېكىنىش يۈزلىنىشى كۈنسېرى روشەنلەشتى. 1991-يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى، ئەرەب دۇنياسىنى چوڭقۇر بۆلگۈنچىلىك پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويدى؛ 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھۆكۈمران سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتتى؛ 2011-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىدە، تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە، يەمەن قاتارلىق نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىپ كەتتى، بولۇپمۇ «ئەرەب دۇنياسىنىڭ سەركىسى» دەپ ئاتالغان مىسىردا قىسقىغىنا 3 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، مىسىرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچىگە بىردەك ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراننىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى مۇستەھكەم، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، رايوندا كۈچ تىزگىنلەيدىغان ئىختىلاپ مەۋجۇت بولمىغان شارائىتتا، ئىران تەبىئىيلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلاندى. مول بايلىق ۋە يۈكسەك خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەگە ئىگە بولغاچقا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان دۆلەت بولۇش ئىقتىدارى بار، شۇنداقلا ئىرانمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى خالايدۇ. 

3. ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى، ئىرانغا تېخىمۇ زور بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ. 2009-يىلى ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قىسقارتتى. مەسىلەن: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ بولماسلىق، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش، «قورالغا تىنچلىقنى ئالماشتۇرۇش» ئارقىلىق سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، سۆھبەت ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قىسقارتىش تەدبىرىدىن ئامېرىكىنىڭ ئىراننى چەكلەش ئويى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ رايون تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق چىقتى. ئەمەلىيەتتە، 2011-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىدىن بۇيان، ئىراق، لىۋان، يەمەن، سۈرىيە قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە ئىراننىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى كېڭىيىپ باردى. ئامېرىكا بىلەن ئىران 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىران يادرو مەسىلىسى رامكا خاراكتېرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياخشىلاندى.

 

 

4. « ئىسلام دۆلىتى» نىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئىراننىڭ رايون مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. بىر تەرەپتىن، «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ گۈللىنىشى رايون ئاساسىي زىددىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بويان، ئىران يادرو مەسىلىسى ئىزچىل غەرب دۆلەتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رايون بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىلاتتى، ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىراننى قورشاش ۋە جازالاش تەدبىرى قوللىنىلغان ئىدى. بىراق نۆۋەتتە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈندىن-كۈنگە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ قالدى. غەرب دۆلەتلىرى ۋە مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىنى ئىرانغا زەربە بېرىشتىن «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىشكە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﻩﭘﺘﯩﻦ، ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرۈشىدىكى مۇھىم رولى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە. ئىران 800 مىڭ ئارمىيەگە ئىگە، قورال-جابدۇقلىرى ئىنتايىن خىل شۇنداقلا قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى يەر يۈزى قىسىملىرى ئەۋەتىشنى خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: ئىران «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىككىنچى: سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنىلا ئەرەب دۇنياسىدا «يېڭى ۋەكىل» ھېسابلىنىدۇ

 

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوخشاشلا ئەرەب دۇنياسىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە تايىنىدۇ.

 بىرىنچى: نېفىت ئېكسپورتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت، كۈندىلىك نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون تۇڭغا يېتىدۇ ھەمدە كۈنىگە 150 مىليون تۇڭدىن 450 مىليون تۇڭغىچە نېفىتنى ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. 2014-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «نېفىت باھاسى جېڭى» نى يولغا قويۇپ، ماي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ رۇسىيە، ئىران قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، سەئۇددى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشتىكى مۇھىم تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلدى.

ئىككىنچى: «دىن ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش». سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا، پادىشاھ ئوردىسى بىلەن ۋاھابى ئېقىمى ئىتتىپاق تۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئىزچىل «ئىككى ئۇلۇغ پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ سىرتقى تەسىرىنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق كۈچى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ 2015-يىلى 1-ئايدا، سالمان خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، نىسبەتەن تەرەققىيپەرۋەر بولغان سۇلايماننى دىن ئىشلىرى مىنىستىرىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، مۇتەئەسسىپلىكتە نام چىقارغان ۋاھابى ئېقىمىدىكى ئالىمنى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەپ، دىن خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان.

ئۈچىنچى: سەئۇدى-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، سەئۇدى بىلەن ئامېرىكا «نېفىتكە تىنچلىق ئالماشتۇرۇش» تەك ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدىكى زىددىيەت (سەئۇدى ئەرەبىستانى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە مەدەت بەرگەن، ئامېرىكا «دېموكراتىك ئۆزگەرتىش» تە چىڭ تۇرغان)، ئىقتىساد جەھەتتىكى موھتاجلىقنىڭ ئاجىزلىشىشى (ئامېرىكا «ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى» نى يولغا قويۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىت قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، سەئۇدى بىلەن ئامېرىكا «نېفىتكە تىنچلىق ئالماشتۇرۇش» تەك ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ قالدى) ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قىسقارتىشى سەۋەبىدىن سەئۇدى باشقا «يۆلەنچۈك» ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتى. ئەمما چوڭقۇر نۇقتىدىن قارىغاندا، سەئۇدى-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى يەنىلا ئۆز-ئارا ئېھتىياجنى ئاساس قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا نىسبەتەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى قالاق، «رەڭلىك ئىنقىلاب» قا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي ئاجىز بولغاچقا، «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىك كېڭەيمىچىلىكى (مەسىلەن: خۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاپ، يەمەندە ھوقۇق تارتىۋېلىش) گە تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئوتتۇرا شەرق قانچە قالايمىقان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىدىن شۇنچە ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سالمان پادىشاھ ۋە سەئۇدى جەمەتىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلغاندا، نېفىتنىڭ باھاسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، دوللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىدىن كۆپلەپ قورال-ياراغ سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، غايەت زور مەبلەغ ئامېرىكىغا قايتىپ بارىدۇ، بۇ خىل سودا ئەندىزىسى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق؛ بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قىسقارتىۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىبارەت بۇ رايون ئىتتىپاقدىشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. 2015-يىلى 1-ئايدا، پادىشاھ ئابدۇللا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئوباما ئۆزى شەخسەن ئادەم باشلاپ بېرىپ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى، مانا بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ تىرەك بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىزچىل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدا كۆپ يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان كۈچلۈك ھۆكۈمرانلار ئارقا-ئارقىدىن تەختتىن چۈشۈپ كەتتى، جۈملىدىن تۇنىستىكى بېن-ئەلى، مىسىردىكى مۇبارەك، لىۋىيەدىكى قەززافى، يەمەندىكى سالىھ قاتارلىقلار بار. لېكىن بۇ دۆلەتلەردە سىياسىي ھاكىمىيىتىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ھەل بولمىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسىي داۋالغۇش ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق بولۇپ، رايون ئىشلىرى قاتناشقۇدەك چولىسى يوق. بۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى «پۇلغا تىنچلىقنى تېگىشىش» تەدبىرىگە تايىنىپ، بۇ قېتىمقى «ھاكىمىيەت ئالمىشىشى دولقۇنى» دىن چىرايلىق ئۆتۈۋالدى. بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم بولۇپ، «دوللار دىپلوماتىيەسى» نىڭ مىسىر قاتارلىق پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى زورايدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاستا-ئاستا مىسىرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى يېڭى «سەركە» بولۇپ قالدى. يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» كۈچىيىۋاتىدۇ 

 

كونىلاردا «ئىككى قىلىچ بىر غىلاپقا سىغماس» دەيدىغان گەپ بار. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى چوڭ دۆلەت، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىغا ھاكىمبەگ بولۇش نىشانى بار بولغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. پەھلەۋى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈكى بولۇپ، ماسلاشتۇرۇشتىكى رولى ئۇرۇش قىلىشتىكى رولىدىن چوڭ ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن 1979-يىلدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىراندا «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھۇمەينى پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىغا «ئىسلام ئىنقىلابى» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئامېرىكىنى «چوڭ شەيتان» دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى پادىشاھلىق تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقان، مۇتەئەسسىپ ئامېرىكا پەرەس سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل يامان ھالەتتە تۇرغان ئەمەس. 2007-يىلى، ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد ئەھمىدى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ئايرودرومىغا بېرىپ نىجاد ئەھمەدىنى كۈتىۋالغان، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت دەپ تەرىپلىگەن. لېكىن 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، سۈرىيە مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى تىرىشىپ بەشىر ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋېتىشنى تەكىتلىدى، بىراق ئىران بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنە بىر قېتىم دەز كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئۆز لاگېرىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىرى كىچىكلەۋاتقان ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئۆز ئالدىغا رىقابەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۈچ سىنىشىش كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بىر نەچچە چوڭ ساھەدە ئىپادىلىنىدۇ:  

بىرىنچى: بىخەتەرلىك ساھەسى. ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئىران پائال تۈردە ئۆتكۈر قوراللارنى تەتقىق قىلىش، ياساشنى چىڭ تۇتتى ھەمدە يادرو پىلانىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆز ئالدىغا يادرو تېخنىكىسىنى ئىگىلىمەكچى بولدى.

 ئىككىنچى: جۇغراپىيەلىك ئورۇن تالىشىش. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراندا قارشى تەرەپنىڭ كۈچىنى بىراقلا بېسىپ چۈشكىدەك ئىقتىدار يوق. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى دائىم كۈچى بىرقەدەر ئاجىز دۆلەتلەردە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. يەنى بەھرەين، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن «ۋاكالىتەن ئۇرۇش قىلغۇچى» بولۇپ قالدى.  

ئۈچىنچى: ماي باھاسى جېڭى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران بولسا نېفىت-تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى مول بولغان چوڭ دۆلەت، لېكىن ئېنېرگىيە سىياسىتىدە بەك چوڭ ئىختىلاپ مەۋجۇت. سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت زاپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت شۇنداقلا نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، «مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ باھانى چۈشۈرۈش» نى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ بىراق ئىراننىڭ نوپۇسى كۆپ بولۇپ، سانائەتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل «ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇپ باھاغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. تۆتىنچى: جامائەت پىكرى ئۇرۇشى. ئىران شىئە مەزھىپى/ پېرسىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا شەرقتە ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر يېتىم ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا ئىران رايون زومىگىرى بولۇشقا تىرىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە جامائەت پىكرى ئۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 

 

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : «ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىش رامكىسى بولسا، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ھالىتىدىكى مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش».

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.