تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > شىنجاڭ > مەزمۇنى
ئاتۇشتا «پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى» نى تالىشىش ياشلار بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
تەرجىمان : tugraq          يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 17:06:42


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، ئاتۇش شەھەر مۇساباي سودا چەكلىك شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىغان، ئاتۇش «ئۈمىد يۇلتۇزى» پۇتبول كۇلۇبى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان « پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى 2016-يىل 10-دېكابىردىن 1-يانۋارغىچە ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم يېزا-بازار، كارخانا، كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلاردىن بولۇپ 14 كوماندا قاتناشتى. نەتىجىدە ئاتۇش ئۇزغۇن تەنتەربىيە كوماندىسى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.



ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.