تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > شىنجاڭ > مەزمۇنى
مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى چېھرىدە جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم
تەرجىمان : tugraq          يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 17:12:48


ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى 300 مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىدىن 90 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سۈت پاراشوكى ۋە پېچىنە-پېرەنىك بىلەن يېڭى يىللىق ھال سوراپ، ئۇلارغا قەھرىتان سوغۇقتا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغەنى ياسىن، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان، شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىل مەمەت، شۇنداقلا بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغەنى ياسىن مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن جاپالىق، مەيلى يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا بولسۇن، ئۇلار ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ پاكىز، گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزمۇ مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا ئىسسىنىش ئۆيلىرىنى سېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ھېيت-بايراملاردا ئۇلاردىن ھال سوراپ، يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۈگۈن شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەۋەلىكىمىزدىكى بارلىق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىدىن ھال سورىدى، بۇنىڭدىن بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق ۋە تەسىرلەندۇق. دېمەك، نۆۋەتتە پۈتۈن خەلق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى قوللايدىغان، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان ياخشى بىر كەيپىيات شەكىللىنىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ.

 بەيگە مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى مەريەمگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى يېڭى يىل بايرىمىمىزنى تەبرىكلەپ بىزگە بىر قىسىم ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كەپتۇ، بۇنىڭدىن بىز ناھايىتى زور ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاشقا ئېرىشتۇق، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى چۈشىنىدىغان، بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ناھايىتى سۆيۈندۇق، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تۆھپىمىزنى قوشۇپ، مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.