تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > شىنجاڭ > مەزمۇنى
«تەڭرىتاغقا باغلانغان مەڭگۈلۈك رىشتە» نەشر قىلىندى
تەرجىمان : tugraq          يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 17:15:56


29–دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

 ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن قۇربان، توختى ئابلەت خەۋىرى، فوتوسى: ج ك پ كەلپىن ناھىيەلىك كومىتېتى، كەلپىن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە تۈزگەن، كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تارىخ–تەزكىرە ئىشخانىسى نەشرگە تەييارلىغان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن تۇنجى تارىخ-تەزكىرە كىتابى «تەڭرىتاغقا باغلانغان مەڭگۈلۈك رىشتە» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، يېڭى يىل ھارپىسىدا تارقىتىلدى.

 مەزكۇر كىتابقا ئاساسلىقى كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، باش قوماندانى يولداش خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ نەمۇنىلىك ئىش–ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم سۆزلىرى»، «خىزمەتداشلارنىڭ ئەسلىمىسى»، «ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەشۋىقات–خەۋەرلىرى»، «ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر»، «قوشۇمچە مەزمۇن» قاتارلىق سەككىز چوڭ سەھىپە ئارقىلىق خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقىتى ۋە چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

 يولداش خۇاڭ چۈنچاۋ 2013–يىل ئاۋغۇستتا كەلپىن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن. 2015-يىلى 11-ئاۋغۇست ئېغىر چارچاش سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، 47 يېشىدا خىزمەت ئورنىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ مەملىكەت بويىچە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» تەربىيە پائالىيىتىدىكى تىپىك شەخسلەر قاتارىدا تەشۋىق قىلىنغان.

 مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز بويىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان خۇاڭ چۈنچاۋدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنە بىر جانلىق، يەرلىك دەرسلىك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.