تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > شىنجاڭ > مەزمۇنى
2016-2017 «يېڭى ناخشىلىرىمىز بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
تەرجىمان : tugraq          يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 18:07:31


ەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: 31-دېكابىر كەچ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2016-2017 «يېڭى ناخشىلىرىمىز بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» يېڭى يىللىق ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياڭراق ناخشا، يارقىن مېلودىيە، لەرزان ئۇسسۇل ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكى «بىزنىڭ شىنجاڭ گۈزەل جاي» ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى. ئارقىدىنلا ئابلاجان، جوۋ يى، ئابدۇللا، تۇرغۇنجان، فۇ چياڭ، دو نا قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ قايناق ھېسياتقا تويۇنغان جاراڭلىق ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە 2017-يىل كۈتۈۋېلىندى. ناخشىچىلىرىمىز بىرلىكتە ئورۇندىغان «يېڭى ناخشىلىرىمىز بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» ناملىق ناخشا بىلەن كېچىلىك ئاياغلاشتى.

كىيىنكىسى: ئاخىرقى بەت
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.