تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > خەۋەرلەر > جەمئىيەت > مەزمۇنى
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان رەسساملار ئىجادىيەت كۇرسى كۇچا ناھىيەسىدە ئېچىلدى
تەرجىمان : uchqun          يوللانغان ۋاقىت : 2016-06-28 17:08:14

دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيەتلىرى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان ، كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ھەمكارلاشقان « گۈزەل شىنجاڭ قورۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش » تېمىسىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان رەسساملار ئىجادىيەت كۇرسىدا يېقىندا كۈسەن مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىدە دەرس باشلاندى.

    بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت كۇرسىغا خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ( شەھەر ) ، يېزا ، بازارلىرىدىن كەلگەن 25 نەپەر دېھقان رەسسام قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رەسسام، شىنجاڭ دېھقان رەسساملار يېتەكچىسى پەرھات ئىبراھىم دەرس ئۆتۈپ، دېھقان رەسساملارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەپ، نادىر ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىشقا يېتەكلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، كۇرس 1-ئىيۇل ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، دېھقان رەسساملار سىزغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، خاتىرجەم گۈزەل تۇرمۇش مەدھىيەلەنگەن، ناچار قىلمىشلار قامچىلانغان ئىجادىي رەسىملەردىن 150 پارچىسى تاللىنىپ، ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 18 مەيدان كۆرگەزمە قىلىنىپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنىدىكەن.

 

 

 

 

كىيىنكىسى: ئاخىرقى بەت
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.