تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ۋىدېئو > توغراق كۆزنىكى > فىلىم مەزمۇنى
توغراق كۆزنىكى 1 ـ سان (دىلارە تورتلىرى)
تىلى: ئۇيغۇرچە ئارتىسلار:
دۆلەت: جۇڭگۇ كۆرۈلىشى:
ئىشلەنگەن ۋاقىت: 2014- يىلى يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-20 15:58:11
فىلىم ۋەقەلىگى:

دىلارە تورتخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلارە

دىلارە تورتخانىسى 2014-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. تورتخانا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئالتە ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن ئاللىقاچان كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياقتۇرۇپ يېيىشىگە سازاۋەر بولدى ۋە يېراق-يېقىنغا نامى تارقالدى. بۇنىڭ سىرى دەل تورتخانىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلارەدە. كەسىپتە پىشقان،چىۋەر قوللۇق دىلارە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك، سەنئەتلىك، تەمى يېيىشلىك  تورتلىرى بىلەن تېزلا خېرىدارلارنى جەلىپ قىلدى، ئۇيغۇر تورتچىلىق ساھەسىگە بىر يېڭى ئېقىم، جانلىنىش ئېلىپ كەلدى.

دىلارەنىڭ تورتچىلىق ھاياتى ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ روسىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا باشلانغان. دىلارە ئۆزىنىڭ تورتچىلىققا ئىشتىياق باغلىشىنى قىسقىغىنغا ۋە يۇمۇرلۇق قىلىپ «چۈنكى مەن تاتلىق يېمەكلىكلەر ئامراق» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. دىلارە روسىيەدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ  يەنە بىرتەرەپتىن تورت پىشۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ ۋە كېينكى كەسپي ھاياتى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. روسىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ  ئۆزى مۇھەببەت باغلىغان بۇ كەسىپ ئۈچۈن پۈتۈنلەي كىرىشىپ ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق،ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا «خەيدى مېھمانخانىسى» دا ئۇدا بەش يىل تورت،پىشۇرۇق ئۆگىنىدۇ.دىلار بۇ بەش يىللىق ھاياتنى «جاپالىق »دەپ ئەسلەيدۇ.دەرۋەقە ئۇنىڭ  ئەسلەپ بېرىشىچە،ئۇنىڭ بىلەن بىللە تورت پىشۇرۇشنى ئۆگەنگىلى كىرگەن ئادەم 20 نەچچە بولۇپ،ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەن چېكىنىپ يالغۇز دىلارەلا قالغان.كەسپىي بىلىمنى ئۆگىنىش قىيىنچىلىقىدىن باشقا ئۇ يەنە چەتئەللىك ئۇستىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا تىل جەھەتتە قىينالغان.بۇھەقىقەت يەنە بىر قېتىم  ھەرقانداق بىر كەسىپتە ماھىر بولۇش ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىنلىقتىن باشقا يەنە قان-تەر بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

دىلارەنىڭ تىرىشچانلىقى يەنىلا يەردە قالمىغان بەش يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن ئۇ ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىققان ھەمدە كەسىپتە رەسمىي پىشقان.لېكىن بۇ ئىزدىنىشچان قىز ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش،خەلقنى ئىشەنچلىك،ھەقىقىي ياۋروپا تەمىدىكى تورتلار بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىنى تاشلاپ يېنىپ چىققان ۋە بۇ يىلى 4-ئايدا رەسمىي ھالدا دىلارە تورتخانىسنى قۇرغان.

ھازىر بۇ تورتخانا ئاساسلىق زاكاسلىق مۇلازىمەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ھەرخىل توي-تۆكۈن،تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى ۋە يىغىلىشلار ئۈچۈن تورت ۋە باشقا پىشۇرۇقلارنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. تورتخانىنىڭ تورتلىرى ئىشەنچىلىك،لايىھىلىنىشى چىرايلىق.دىلارە تورتخانىسى خېرىدارلارنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسى بويىچە ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ۋە ھەرخىل تېمىلاردىكى تورت ۋە يۈرۈشلۈك پىشۇرۇقلانى ھازىرلايدۇ ھەمدە ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنى  ئەڭ ئەتراپلىق ۋە ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەييار تۇرىدۇ.

قىسىملىرى
تۆۋەندىكى فىلىملەرنىمۇ ياقتۇرشىڭىز مومكىن
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.