تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ۋىدېئو > توغراق كۆزنىكى > فىلىم مەزمۇنى
توغراق كۆزنىكى 3 -سان (TILA توي مۇلازىمەت مەركىزى)
تىلى: ئۇيغۇرچە ئارتىسلار:
دۆلەت: جۇڭگۇ كۆرۈلىشى:
ئىشلەنگەن ۋاقىت: 2014- يىلى يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-20 16:18:13
فىلىم ۋەقەلىگى:

TILA توي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى –ئايتىللا غەيرەت

 

ئايتىللا غەيرەت،ئۈرۈمچى TILA توي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1984-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان.بىرىنچى قارار شاڭخەيدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىسى،  يەنتەي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن.

ئايتىللا ئەزەلدىن باشقلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىدىغان،قىزغىن،ئوچۇق-يورۇق ياش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا ماس ھالدا 2013-يىلى 8-ئايدا ئايتىللا ئىككى ھەمراھى بىلەن TILA توي مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرغان، ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمىتىدىن چېكىنىپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي مەركەزنىڭ ئىشلىرىغا قاراتقان.

ھازىر TILA توي مۇلازىمەت مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان، بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى توي مۇراسىمىنى پىلانلاش مەركىزى بولۇپ، مەركەرنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق، يەنى ئۇلار توي كۆينەك ئىجارىگە بېرىش، توي گىرىمى قىلىش، توي ماشىنىسى بىزەش، توي مۇراسىم مەيدانىنى لايىھىلەش، سەھنە لايىھىلەش، قاتارلىق ھەرخىل مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ.TILA مۇراسىم مەركىزىنىڭ مۇلازىمەتلىرى ئىنچىكە ۋە ئىجادىي،ئەگەر سىزنىڭ توي مۇراسىم توغرۇلۇق ئۆزگىچە ئوي-خىياللىرىڭىز ۋە ئالاھىدە تەلەپلىرىڭىز بولسا، TILA توي مۇراسىمى مەركىزى ھەر زامان سىزنىڭ ئويلىغان يېرىڭىزدىن چىقالايدۇ.

TILA توي مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ياشلارنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىكى ئەڭ ئالدىنقى تاللاشلىرىنىڭ بىرى  بولۇپ قالدى. بۇ ئايتىللا باشچىلىقىدىكى جان كۆيدۈرەر، ئىزدىنىشچان، غەيرەتلىك ياشلارنىڭ نەتىجىسىدىن ئەلۋەتتە. بۇ بىر تۈركۈم ياشلار ئۆزى قولىغا ئالغان ھەر بىر مۇراسىم ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ قالماستىن، ھەر زامان كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ، كەسپىي نەزەرىيە ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ مۇۋەققىپىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىگە تەدبىقلاپ كەلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئۇرۇق چاچىدۇ، ۋاقىت بۇ گۈلنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرىدۇ!

 

 

قىسىملىرى
تۆۋەندىكى فىلىملەرنىمۇ ياقتۇرشىڭىز مومكىن
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.