تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ۋىدېئو > توغراق كۆزنىكى > فىلىم مەزمۇنى
توغراق كۆزنىكى 5 - سان (قەيسەر قىز ---زۇمرەت ئالىم)
تۈرى: توغراق كۆزنىكى رېژىسور: توغراق
تىلى: ئۇيغۇرچە ئارتىسلار:
دۆلەت: جۇڭگۇ كۆرۈلىشى:
ئىشلەنگەن ۋاقىت: 2014- يىلى يوللانغان ۋاقىت: 2014-10-21 15:40:06
فىلىم ۋەقەلىگى:

زۇمرەت ئالىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

تەبىئەتتىكى ھەربىرجانلىقنىڭ ئۆزىگە خاس قەدىر قىممىتى بولىدۇ ،گەرچە بىر يارلانغان دەرەخ بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا سايە تاشلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمايدۇ،گەرچە ياپراقلىرى توزىغان گۈل بولسىمۇ،يەنىلا خۇشپۇراق ھىدىنى چېچىشنى ئۇنتۇمايدۇ.مەنمۇ ئەنە شۇلارنىڭ ئارسىدىكى قانتى سۇنغان بىر چالىقۇشىمەن- مانا بۇ زۇمرەت ئالىمنىڭ يۈرەك سۆزى.

زۇمرەت ئالىم 1982 -يىلى شىخەنزە شەھرىدە تۇغۇلغان. ئىككى ياش ۋاقتىدا بىرقېتىملىق قىزىتما سەۋەبىدىن نورمال مېڭىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان.

ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ناخشا ئورۇنلاشتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن، 2000-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قۇبۇل قىلىنغان.2004-يىلى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ،غەلبىلىك ھالدا ئالى مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرغان.

2005-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مېيپلار بىرلەشمىسىدىن شىنجاڭ ۋەكىلى بولۇپ شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا مۇسابىقىسگە قاتنىشپ 1 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،دەل شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدىكى مەركىزى مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرى سەھنىدىكى ئوبرازى ۋە تالانتىنى كۆرۈپ،شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆمەككە قوبۇل قىلغان.

ئۇ ئۆمەكتە ئىشلەش جەريانىدا ئاسىيا ،ياۋروپا ،ئامىرىكا ،ئافىرىقا قاتارلىق قىتئەلەردىكى 50 نەچچەدۆلەتكە بېرىپ 800 مەيدان ئويۇن قويغان.

2008-يىلى بېيجىڭ مېيىپلار ئاۋلىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسمىدە تىيەنتەن مەيدانىدا«ھاياتنىڭ سىرى» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان.

2010-يىلى ئاسىيا مېيىپلار تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ناخشىچى سۈننەن،تەنجىڭ،خەنلېي قاتارلىق ئارتىسلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتقان.

2011-يىلى سەككىزىنچى نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەركەت يىغىنىدا يازغۇچى جۇخەي بىلەن دوڭ يۆشىيەن ئىشلىگەن«دۆلەت بايرىقى»دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان.شۇ يىلى خىزمەت ئىپادىسىگە قاراپ پارتىيە ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.

2013-يىلى ئاپتونوم رايون پارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭدىن كېلىپ «شىنجاڭ روھىنى ياڭرىتىش»تېمىسىدىكى يىغىندا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە لېكسىيە سۆزلىگەن. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قانىلىنىڭ«بۈگۈنكى سۆھبەت»پىروگراممىسىى ۋە مەركىزى شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىستانىسنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان.

زۇمرەت ئالىم ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ مەركىزى مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

قىسىملىرى
تۆۋەندىكى فىلىملەرنىمۇ ياقتۇرشىڭىز مومكىن
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.