تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > ئىز باسقۇچىلار > مەزمۇنى
CGI كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى تەربىيلەش بازىسىنىڭ قۇرغۇچىسى -ئەرشىدىن نۇرمۇھەممەت
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2014-10-20 18:10:52

CGI كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى تەربىيلەش بازىسىنىڭ قۇرغۇچىسى -ئەرشىدىن نۇرمۇھەممەت

ئەرشىدىن نۇرمۇھەممەت CGI كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى تەربىيلەش بازىسىنىڭ قۇرغۇچىسى.ئەرشىدىن بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ كومپيۇتېردا لايىھىلەش تېخنىكىسىدا  پىشىپ يېتىلگەن.2005-يىلى ئەرشىدىن مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت لايىھىلەش كەسپىدە ئوقۇشقا كىرگەن،ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىزچىل لايھىلەش،تەربىيلەش بىلەن شۇغۇللانغان. 2014-يىلى ئۇ ئامېرىكا Autodesk يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون لايھىلەش يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىقىدا خەلقئارالىق ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر پۈتۈن جۇڭگودا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئادەمدىن 276سى بار بولۇپ،ئەرشىدىن نۇرمۇھەممەت بولسا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بىردىنبىر شىنجاڭلىق.

CGI كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى بازىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون لايىھىلەش يۇمشاق دېتال چەكلىك شېركىتى-ئامېرىكا Autodesk شېركىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تەربىيلەش بازىسى،يەنى شىنجاڭدىكى  Autodesk شېركىتى  ھوقۇق بەرگەن بىردىنبىر تەربىيلەش مەركىزى،مەركەز خېرىدارلارنى كەسىپلەشكەن ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون لايىھىلەش ۋە تەربىيلەش مۇلازىمىتىنى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

يېڭى دەۋر،يېڭى ئەسردىكى ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرى، تالانتلىق ياشلارغا تولۇق ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئەرشىدىن نۇرمۇھەممەت ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە قانائەت قىلىپ قالماي كەسپتە ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىپ،ئۆزىنى ئىلگىرىلىتىپ كەلدى. بۇ يىلى ئۇ «دۆلەتلىك ئىگىلىك يارىتىش.ئىجاد قىلىش مۇسابىقىسى»گە قاتناشتى، مۇسابىقە جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

 

 

ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.