تىزىملىتىش كىرىش ساقلىۋېلىش باشبەت قىلىۋېلىڭ بۈگۈن 2017-يىلى 01- ئاينىڭ 24- كۈنى ھەپتىنىڭ 2- كۈنى
ئورنىڭىز: باشبەت > ئىز باسقۇچىلار > مەزمۇنى
بىلىگ تور تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى-ئىلھام تاھىر
تەرجىمان : tursun          يوللانغان ۋاقىت : 2014-10-28 15:56:07

بىلىگ تور تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى-ئىلھام تاھىر

بىلىم تارقىتىش بىر خەيرلىك ئىش،ئۇشبۇ دەۋردە روياپقا چىققان تېخنىكىنىڭ شاراپىتىدىن بىز شۇنداق كۈنلەرگە ئېرىشتۇقكى، بىلىم تارقىتىشلا ئەمەس بىلىم ئېلىش جەريانىمۇ بىز ئىلگىرى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە يېڭى شەكىل ۋە مەناغا ئىگە بولدى.

«بىلىگ تورى ۋە بىلىگ تور دەرسخانىسى» تورداشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يات ئۇقۇم ئەمەس،ئەلۋەتتە. 2012-يىلىدىن باشلاپ،ئىلھام تاھىر باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تور دەرسى ئۆتۈش ۋاستىىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر،تور بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىدىن دەرس بەرگەن.ئىلگىرى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق يېڭى ۋاستە ۋە يېڭى شەكىل ئوتتۇرىغا چىقىشى  بىلەنلا ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ياشلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرغان ،ئۇلارغا ئىلىم بەرگەن ،نەپ بەرگەن.

بۇ ئىجتىھاتلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرى تاللىۋالغان بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. 2013-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ھالدا بىلىگ تور تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىنى ئەنگە ئالدۇرغان. شېركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ۋە تۈرلەرنى بارغانسېرى تولۇقلىغان ۋە سەرخىللاشتۇرغان.جۈملىدىن، تور دەرسى سەھىپىسىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتكەن  ۋە چېتىلىدىغان دائىرە،دەرسلىك تۈرىنى كۆپەيتىپ،سەرخىللاپ ماڭغان، بىرقەدەم مۇقىم ئوقۇتقۇچى قوشۇنىغا ئېرىشكەن.ئۇلار يەنە ھەرقايسىى شېركەت ئورگانلار ئۈچۈن تور بېكەت قۇرۇش ۋە ئاسراپ بېرىش مۇلازىمىتنى يولغا قويغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،بۇ شېركەت قىلغان خەيرلىك ئىشلارنىڭ بىرى دەل ئۇلارنىڭ TEDلېكسىيلىرىنى ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە قىلىپ خەلققە سۇنغانلىقىدا. TEDلېكسىيەلىرى ھازىر دۇنيا تور ساھەسىدە تېز تارقىلىۋاتقان ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تور دەرسلىكى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرقايسى ساھە،ھەرقايسى كەسىپ،ھەرقايسى دۆلەت،مىللەتدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى،پروفېسسور، ھۆكۈمەت خادىمى، ئاممىۋى پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى قاتارلىق  كىشىلەر ئۆزلىرى تەۋە ساھە ۋە ئېقىمنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە ياكى ئەڭ جەلپ قىلارلىق تېما ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. TEDلىكسىيلىرى ھەر دائىم كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يېرىگە يېتىپ، ھەممە قىزىقىدىغان،لېكىن قانداق ئېرىشىشنى بىلمىگەن بىلىم ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ،ئۇنىڭ خاسلىقى كۈچلۈك، كىشىنى ناھايىتى تېزلا رام قىلىۋالىدۇ.ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لىكسىيىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە تىل ئىگەللەشتىكى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە ئۈنۈملۈك  ۋاستە.

بىر دەۋرنىڭ پەخىرلىنىدىغان،شادلىنىدىغىنى ئۇنىڭدا زەبەردەس،ئىجتىھاتلىق ياشلارنىڭ بولغانلىقىدا.كىشنىڭ دەۋر ۋە ئاۋام ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ئەمگىكى دەل ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى تىڭشاش، ئىستىكىگە باب مەنزىلنى تېپىش ۋە شۇنىڭغا قاراپ ئۈن-تىنسىز ئىلگىرىلەش.بىلىگ تور تەرەققىيات شېركىتى مانا مۇشۇنداق ياشلاردىن تەشكىللەنگەن پەخىرلىك كوللىكتىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ھايات قىممىتىنى يارىتىش ۋە قوۋمى گۈزەل ئىستىقبال خەرىتىسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئاتلاندى.بىز ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ۋە ئىجتىھاتىدىن زوقلانغۇچىلاردىندۇرمىز، ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىدىن گۈل-چېچەك ئۈنىدىغانلىقىغا چىن پۈتىمىز ۋە بۇ سەپەردە ئۇلارغا ھەمدەم بولىمىز!

كىيىنكىسى: ئاخىرقى بەت
ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمالىي ئازادلىق يولى 90 ـ نومۇر ئىقتىساد گېزىتى بىناسىنىڭ 13 ـ قەۋىتى، بېيمىن بالىلار دوختۇرخانىسى BRT بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپ كوچىسى دوقمۇشىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:0991-2334963
Powered by YUKSEL V9.2.4 © 2014 新ICP?9005267?تېلېگراف كەسپى ئىجازەت كېنىشكىسى: 新B2-20100014.